بىز قەيەرگە بارماقچى(نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 01:15:39

بىز قەيەرگە بارماقچىنۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇنيېقىندىن بىرى شۇنداق سوئاللار ھەققىدە تولا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن ؟ قانداق كەلدىم ؟ قانداق بارىمەن ؟ بۇ سوئاللارن...

    بىز قەيەرگە بارماقچى
    نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن


    يېقىندىن بىرى شۇنداق سوئاللار ھەققىدە تولا ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.  نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن ؟ قانداق كەلدىم ؟ قانداق بارىمەن ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ئاخىرى ئۇدۇللا بېرىپ مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىم،  غايەم - ئېتىقادىمغا تاقىلاتتى ۋە مېنى تەگسىز ئويلارغا سالاتتى ھەمدە يېڭىدىن - يېڭى سوئال گىردابلىرىغا سۆرەيتتى : مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىم نېمە ؟ مەن كىم ؟ قانداق ئادەم،  نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم بولماقچى ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىم،  نېمىلەرنى بىلىشىم،  نېمىلەرنى قىلماسلىقىم قايسى خىل ئۇسۇل - چارىلەر بىلەن ئۆز مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىم كېرەك ؟

    ئويلىغانسىز كاللام خام قاپاقتەك كۇرۇڭشىپ كېتەتتى.  ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرگۈدەك بىر جاۋاب،  يېشىم،  خۇلاسىگە كېلەلمەي قىينىلاتتىم ھەم ئاچچىقىم كېلەتتى.  ئۆمۈر ھاياتىنىڭ خىلى زور بىر قىسمىنى بېسىپ بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن،  قانداق نىشان،  مەقسەتنى بويلاپ ياشاش مەسىلىسىنى ئېنىق ئايرىپ ۋە شۇ بويىچە كەسكىن يول تۇتۇپ ماڭالماسلىقى ئەجەبا ئېچىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ ؟ مەن ياشاپ بولغان 25 يىل نېمىگە ھېساب ؟ شۇنچە يىل مەنزىلسىز،  نىشانسىز،  غايىسىز يول مېڭىش - ھە ؟! توغرا،  يامان - ھارام يوللاردىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزۈمنى تارتىشقا تېرىشىپ كەلدىم.  مۇقىم خىزمەت ئورنۇم،  مېنى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدىغان ئائىلەم بار.  ئەمما يامان يولدا ماڭماسلىقىنىڭ ئۆزىلا ھاياتتىكى بىردىنبىر مەنمۇ ؟ مۇقىم،  خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشسىلا بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى ۋە كۈرەش نىشانى بولۇشى كېرەكمۇ ؟ يا كىشىگە تۈزۈك ياخشىلىق يەتكۈزۈلمەي،  يا بىراۋنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەي لاي سۇدەك ئېزىلىپ خامۇشلارچە كۈن ئۆتكۈزۈشنى دۇرۇس،  مەنىلىك ھايات دېگىلى بولمايتتى.

    كۈلگۈم،  يىغلىغۇم تەڭلە كەلدى.  ئەمما بۇ كۈلىدىغانمۇ،  يىغلايدىغانمۇ ئىش ئەمەس،  كەسكىن ئايرىيدىغان،  قەتئىيلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ئېنىق يول تۇتۇپ ماڭىدىغان ھەممىدىن مۇھىم ئىش ئىدى.  مەنزىلسىز كارۋان،  ماياكسىز پاراخوت پايانسىز يوقلۇق ئىچىدە تېنەپ - تەمتىرەپ،  خالىغان،  ئۆزى توغرا دەپ پەرەز قىلغان،  نائېنىق بىر يۆلىنىشكە يول سالىدۇ.  بۇنداق نائېنىق تەۋەككۈلچىلىك ئىچىدە ئۇ ھەرىكىتىنى،  يۈرۈشىنى تەرتىپكە،  ئىزىغا سالىدىغان بارلىق نىشان،  ئۆلچەم قېلىپلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ - دە، ھالاك بولىدۇ.  ياكى يەنە شۇ نىشانسىز ھالدا ئۇخلىسا خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمايدىغان نامەلۇم دوقاللارغا ئۇچراپ قالىدۇ.  دېمەككى،  ئۇنىڭدا بارى يوق << يا ئۆلۈم،  يا كۆرۈم >> دىن ئىبارەت قارام تەۋەككۈلچىلىك.  ئويلاپ باقسام،  مەنمۇ ئۆمرۈمنىڭ ياشاپ بولغان قىسمىنى قارام تەۋەككۈلچىلىك بىلەن بېسىپ كەپتىمەن.  باشقىلار توغرا،  ياخشى دەپ قارىغان ۋە ئۆزۈم قىزىقانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېقىپتىمەن.  دېمەككى،  باسقان ھاياتىم ئۆ نىشانىم،  غايە - ئېتىقادىم بىلەن ئەمەس تولىمۇ غۇۋا ساددا قىزىقىش - ئىستەكلەر بىلەن تولۇپتۇ.  بۇنداق نىشانسىز غايىسىز ھالدا ئۆتىۋېرشكە بولمايتتى.  ھاياتنى ئەمدى بولسىمۇ قېلىپقا سېلىش كېرەك ئىدى.  ئوغۇل بالىنىڭ نېمە دەپ سۈننىتىنى،  خەتنىسىنى قىلىدۇ ؟ ساغلام،  قاۋۇل ئەر بولسۇن،  باھادىر ئەزىمەت بولسۇن دەپ !يىگىتلىك باھادىرلىق ئاش،  يەپ بالا تېپىپ،  ئوتۇن يېرىپ،  سۇ توشۇپ يۈرۈشتىلا بولامدۇ ؟ << يىگىت >> سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى مەنىسى جەڭچى بولاتتىكەن.  ئاتار نىشانى،  يېتەر مەنزىلى بولمىغان جەڭچىنى قانداقمۇ جەڭچى دېگىلى بولسۇن ؟

    مەن ئۆزىنى خىلى - خىلى ئادەملەرگە تەڭ قىلماي يۈرىدىغان زامانىمىزنىڭ تەنتەك ياشلىرىنىڭ بىرى ئىدىم.  ئەمدىكى بۇ ئوي بۇ كويلىرىم مېنى توساتتىنلا قارا يەرگە تاشلىدى.  ئەتراپىمغا باقتىم،  ئادەملەر كۈرمىڭ.  ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەلەك.  خىياللار تالاي،  ئەمما تازا ئىنچىكىلەپ قارىسام،  مەنزىلى،  بارار نىشانى ئېنىق،  ئىش - ئەمەللىرى ئۆز نىشانىغا ماسلاشقان،  ئۇيغۇنلاشقانلىرى ئىنتايىن - ئىنتايىن ئاز.  تەن ئالدىم : ھەممىمىز شامالنىڭ چىقىشى،  سۇنىڭ ئېقىشى،  كۈننىڭ يېتىشى،  چۆپنىڭ يېتىشى دېگەن پەدىدە جاھانغا بېقىپ بۈگۈنگە ياشاپ كەپتىمىز.  خىزمەت ۋاقتى توشسا ئۆيگە بارساق،  ئىش ئورنىدىن قالمىساق،  باللىرىمىز خىزمەتكە ئورۇنلىشالىسا،  بۇزۇلۇپ كەتمىسە،  مائاشىمىزنى تۇتۇۋالماي تولۇق بەرسە ؟ مانا بۇلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقلىرىمىز،  ھەل قىلىدىغان ئىشلىرىمىز.  مۇشۇلار ھەل بولسىلا،  بىزدىن خۇشال،  بىزدىن يوغان ئادەم يوق.  دېمەككى،  بىزنىڭ جان تېكىپ كۈرەش قىلىدىغىنىمىز تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئېھتىياجلىرىغا ئايلىنىپ قالدى.  ئەتراپىمغا قارا قورساقتىن ،  مائاشتىن،  خىزمەتتىن ئۆزگە غېمى،  ئىنتىلىشى يوق ئادەملەر تولۇپ ياتقىنىنى كۆردۈم - دە، تېخىمۇ ئېغىر جىمىپ كەتتىم.  ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق تەۋەككۈل دەپلا ياشاپ كەپتۇ.  كۈن چىقسا،  دېمەك يوتقاندىن چىقىپ ئىشلەش كېرەك،  دەپ بىلىپتۇ.  قورسىقى ئاچقانلىق سەۋەبلىك ئىشلەپتۇ،  قورسىقى تويسا شۈكۈر - ھەمدۇسانانى چوڭقۇر ئوقۇپ قويۇپ. ئېغىزنى تامشىپ يۈرۈۋېرىپتۇ.  بۈگۈن ئەتىراپىمىزمۇ غايىسىز ئادەملەرگە لىق تولۇپتۇ.  مەندىن كىچىكلاردىنلا ئەمەس،  مەندىن چوڭ،  ئاقىل،  پېشقەدەم،  ئاقساقاللىرىمىزدىنمۇ ھازىرغا قەدەر نېمە ئۈچۈن،  قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيلا ھاسىغا چۈشۈپ،  ساقىلى يەرگە تېگەي دەپ قالغانلىرى كۈرمىڭ ئىدى.  مەن بۇ ئېچىنىشلىق ھالنى ئۆزۈمچە دەۋىرلەشكەن غايىسىزلىك دەۋالدىم ۋە يەنە غايە - نىشان ھەققىدىكى تەگسىز ئوي - خىياللىرىمغا پاتتىم.

    تولىسىتوي : << غايە قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر،  ئۇنىڭسىز ئېنىق بىر يولنى تېپىش قېيىن،  ئېنىق يول بولمىسا ھاياتمۇ بولمايدۇ >> دېگەنىكەن.  ئايانماي كېسىپ ئېيتالايمىزكى،  ياشاۋاتقان تىرىكلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە قانداق ياشاش،  قانداق ئادەم بولۇش توغرۇلۇق ئېنىق نىشان،  مەقسەت يوق.  بۇنداق غايىسىزلىك بىزنىڭ ھاياتلىق ئىقتىدارىمىز ۋە ئېنېرگىيىمىزنى بىھۇدە خورىتىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقتۇر.  ئادەم مەقسەت نىشانى،  غايىسى ئارقىلىقلا قانداق ئادەم بولۇش،  نېمىلەرنى قىلىش،  نېمىلەرنى قىلماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ۋە ئۆز مەقسەت - نىشانىغا ئۇيغۇن چارە - تەدبىرلەر بىلەن شۇنى بويلاپ ئالغا باسىدۇ.  غايە - نىشان ھاياتلىق مەنزىلىنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى چىراغ.  چىراغنىڭ بولماسلىقىنى يولۇچىنى تۇيۇق يوللارغا باشلايدۇ،  ھاڭ - گۆرلەرگە تاشلايدۇ.  << بەلگىسىز يوللاردا ئېغىز - بۇرنى قان >> ( يالقۇن رۇزى ) ھالدا كېلىۋاتقىنىنى دەل غايە - ئېتىقادسىز غەپلەت باسقان ئىنساندۇر.  ئادەمدىكى غايە كىشىنىڭ ھەربىر ھەرىكەت،  ئىش - ئەمىلىنى سوتلاپ تەڭشەپ تۇرىدۇ.  كىشىگە يولدىن ئاداشماسلىق ھەققىدە تىنماي سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ.  غايىسىزلىك ھاياتنى بىردەمدىلا ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ،  ئەمما كىشىنىڭ ۋاقتى،  زېھنى،  كۈچى،  مېلىنى بىھۇدە خورىتىپ ئاستا - ئاستا كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ.  ھاياتلىق نىشانى غۇۋا كىشىنىڭ ياشاش پائالىيىتى مەقسەتسىزلىشىپ،  ئۆلچەمسىزلىشىپ كېتىدۇ.  سەن نېمە ئۈچۈن تېرىشىپ،  نېمە ئۈچۈن جان بېرىۋاتقىنىڭنى،  قىلىۋاتقان ئىشىڭنىڭ نېمىگە پايدىلىق،  نېمىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلاپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە بىخۇد،  بىغەملىشىپ،  كېتىسەن،  نىشانسىز ئادەمدە قورساق،  كۈن ئۆتكۈزۈشتىن بۆلەك ئارتۇق ئىنتىلىش بولمايدۇ.  ئۇلار نامەلۇم كۈچ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ،  ئېشەكتەك  ھېرىپ - چارچاپ كېتىدۇ.  ئەمما تۇتامغا چىققۇدەك ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.  ئۇنىمۇ،  بۇنىمۇ قىلىپ باقىدۇ،  ئەمما ئىشىدا بەرىكەت بولمايدۇ،  مەنە قالمايدۇ،  بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز مۇشۇنداق نىشانسىز يورغىلاۋاتقان،  چېپىۋاتقان،  ئىشلىرى قالايمىقان،  مەقسەتسىز،  ئاستا - ئاستا كاردىن چىقىۋاتقان بەندىلىرىگە راستتىنلا لىق تولماقتا.  ئوكسىفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتى بىر قېتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.  نەتىجىدە %27 ئوقۇغۇچىنىڭ ھېچقانداق ياشاش نىشانى يوق،  %60 ئوقۇغۇچىنىڭ نىشانى غۇۋا،  %10 ئوقۇغۇچىنىڭ نىشانى ئېنىق،  ئەمما قىسقا مۇددەتلىك نىشانى بار،  %3 ئوقۇغۇچىنىڭ ئېنىق ۋە مەڭگۈلۈك نىشانى بار چىققان.  دېمەككى،  %87 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نىشانسىز،  غايىسىز،  مەقسەتسىز ئۆگىنىۋاتىدۇ،  كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ،  دېگەن گەپ.  ئەگەر بۇ تەكشۈرۈش جەمئىيەتتە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلسا،  بۇ نىسبەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى چىقىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.  دېمەككى،  %90 كە يېقىن ئادەم مەقسەتسىزلا لاغايلاپ،  باشقىلار بۇيرۇغان ئىشلارنى ئالۋان ھېسابىدا قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ،  دېگەن گەپ.  ئەگەر بۇ تەكشۈرۈش بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە،  بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئارىدا ئېلىپ بېرىلىپ،  سەمىمىي راستچىل جاۋابقا ئېرىشكىلى بولسا،  ( مەن ئاشۇ مەقسەت - نىشانسىز ئادەملەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىدىن ھەقىقەتەن گۇمانلىنىمەن.  چۈنكى غايە - ئېتىقادسىز ئادەملەر ئەڭ كاززاپ كېلىدۇ )،  بۇ نىسبەت بىزدە قانچىلىك چىقىشى مۇمكىن.  كۆز بويامچىلىق بىلەن ئەپلەپ - سەپلەپ جان باقىدىغانلار شەكىلۋاز جان باقتىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيىسىنى غىق - غىق قۇستۇرۇپ تۇرۇۋاتمامدۇ ؟

    ئوكسىفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرىقى تەكشۈرۈش ئوبېيىكىتلىرىغا قارىتا 25 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەيران قالارلىق مۇنداق پاكىتنى بايقىغان :

    ئېنىق،  مەڭگۈلۈك نىشانغا ئىگە %3 ئادەم ئۆز نىشانى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە ھەممىسىلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى غالىب كۈچلەرگە،  كەسپىي رەھبەرلەرگە ئىجتىمائىي نوپۇزلارغا ئايلانغان.

    ئېنىق،  قىسقا مۇددەتلىك نىشانىغا ئىگە %10 ئادەم داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەسپىي ئەربابلارغا،  جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرىگە ئايلانغان.

    نىشانى غۇۋا %60 ئادەم مۇقىم خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشكەن ئەمما ھېچقانداق ئالاھىدە نەتىجە قازىنالمىغان.

    ھېچقانداق تۇرمۇش نىشانى يوق %27 ئادەم ناھايىتى مەنىسىز تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ،  ھە دېسىلا باشقىلاردىن،  جەمئىيەتتىن ئۆزىگە پۇرسەت،  شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن دۇنيادىن ئاغرىنىپ،  قاقشاپ،  زارلاپلا ئۆتكەن.

    ئويلاپ باقايلى : سىز بىز قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ؟ قانداقراق ياشاۋاتىمىز ؟ بۇ پەرقلەردىن شۇنى ھېس ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى،  غايە - نىشان بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قۇياش،  يۇلتۇز بىلەن باراۋەردۇر.  قۇياشسىز كۈن،  يۇلتۇزسىز تۈنلەردە تىمسىقلاپ،  ئۇيان - بۇيان ئۈسۈپ - دوقۇرۇپ،  ئىنجىقلاپ،  زارلاپ ئۆتمەي باشقا ئامال يوق.  غالىبلار نىشان - نىشان مەقسىتى ئېنىق ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن باشتىن ئاخىر تەۋرەنمەي كۈرەش قىلالايدىغانلاردىن چىقىدۇ.  مەقسەت- نىشانى نائېنىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە جېنى ئاغرىيدىغان لاتا بەللەردىن مەدىكار،  تىلەمچى چىقسا چىقىدۇكى،  غالىب - غوجىلار ھەرگىز چىقمايدۇ.  ئەمما ئۇنتۇماڭ،  غايە - ئېتىقاد باشقىلار ھەدىيە قىلىدىغان سەدىقە ئەمەس،  ئۆز قىزىقىشىڭىز،  ئىقتىدارىڭىز،  دۇنيا قارىشىڭىزغا ئاساسەن ئۆزىڭىز تىكلەپ - تۇرغۇزىدىغان،  ساقلايدىغان،  قوغداپ كۈرەش قىلىدىغان مۇقەددەس مەشئەل.  بۇ مەشئەلگە ئور ياقالىغان ۋە ئۆچۈرۈۋەتمەي ساقلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ھاياتبەخش يارقىن يورۇقىدا دىلنى يۇيۇپ،  يولىنى يورۇتالايدۇ.  بىر نىشاننىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىر ھاياتنىڭ ئىمانغا كىرىشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.  سەن نىشان ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن سوئاللارغا دۇچ كېلىسەن.  سەن كىم ؟ قانداق ئادەم بولماقچى ؟ نېمە ئىش قولۇڭدىن كېلىدۇ ؟ دەۋر ۋە مۇھىت ساڭا قانچىلىك ئىمكان بېرىدۇ ؟ ئائىلەڭ،  سەن ياشاۋاتقان كونكرېت مۇھىتچۇ ؟ ئۆز نىشانىڭ ئۈچۈن تۈزگەن كونكرېت نىشانىڭ قانداق ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يىلدا،  ئايدا،  كۈندە قانچىلىك ئىش قىلىشىڭ كېرەك ؟ بۇ سوئاللار سېنىڭ روھىڭنى سەگىتىدۇ ۋە ئۆز نىشانىڭ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش،  نېمە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى،  نېمىنى قىلماسلىق،  تاشلىۋېتىش كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئۆلچەم،  نىشان بېرىدۇ.  سەن ئىشلىرىڭنى شۇ بويىچە تەرتىپكە سېلىپ مېڭىشقا باشلايسەن.  ئەمەلىيەتتىمۇ دانىشمەنلىك،  ئاقىلانىلىك نېمىنى قىلىش ئەمەس،  دەل نېمىنى بالدۇر،  نېمىنى كېيىن قىلىشنى بىلىشتىن ئىبارەت.  مۇھىم ۋە ئەھمىيەتسىز ئىشلارنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى سېنىڭ زېھنىڭ ۋاقتىڭ،  مېلىڭ،  كۈچۈڭنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىنىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.  پۈتۈن زېھنىڭنى ئۆز نىشانىڭغا مەركەزلەشتۈرەلەيسەن - دە، بىراۋ ھەيدىمىسىمۇ ئۆز ئىشىك ئۈچۈن ئاكتىپ ئىنتىلىش ھالىتىدە تۇرىسەن.  ئەگەر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ خىل نىشان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز،  جان تېكىپ كۈرەش قىلىش روھى شەكىللىنىدىكەن.  بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ھاۋاسىدىن جۇشقۇنلۇق،  بەرىكەت،  شادلىق،  ئىناقلىق سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرىدۇ.  نۇرغۇنلىرىمىزدا تالانت،  ئىقتىدار بار.  ئەمما توغرا نىشان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايانماي جان بېرەلەيدىغان،  ۋاقتى كەلگەندە ۋاز كېچەلەيدىغان جۈرئەت،  چىداشچانلىق يوق.  شۇ سەۋەبلىك بەزى كەم تېپىلىدىغان تالانت ئىگىلىرى مەڭگۈ مۇنەۋۋەر ياللانما خادىم،  مەدىكار بولىدۇكى،  خوجايىن،  دىرېكتور بولالمايدۇ.  بەزىلەر ئۆز خوجايىنىنىڭ دۆت - كالۋالىقىدىن توختىماي قاقشاپ،  زارلايدىيۇ،  يەنە شۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قۇل بولۇپ خارلىقتا ئۆتۈپ كېتىدۇ.  ئۆز نىشانى ئۈچۈن نېمە قىلىش ،  نېمىنى قىلماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن يول تۇتالماسلىق زامانىمىز تالانتلىقلىرىدىكى ئېغىز مەنىۋى تراگېدىيە.

    سىز بىز قانداق قىلارمىز ؟ قايسى مەقسەت،  قايسى غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن قان بېرەرمىز ؟ ياكى يە شۇ مەقسەت - نىشانسىز لەيلىۋەشتەك لەيلەپ يۈرۈپ كۈننى كەچ قىلارمىزمۇ ؟ ئىدارىدە ھۆكۈمەتنى،  ئۆيدە ئۆزىمىزنى،  بالا - چاقىلىرىمىزنى،  باھانە - سەۋەبتە خۇدانى ئالداپ ئۆتۈۋېرەرمىزمۇ ؟

    ئاڭلىسام،  ئىلىم - ئىمان ئىزدەشتە كېچىكىش يوقمىش.  نىشان تۇرغۇزۇش ھەقىقىي ھاياتقا قەدەم بېسىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.  پۈتكۈل يەرشارى زەنجىرسىمان سېتىش لىنىيىسى شەكىللەندۈرگەن كىنتاكى يەرلىك توخۇ دۇكانلىرىنىڭ بەرپاچىسى خوللاند.  سەندىس 88 يېشىدا نىشان تۇرغۇزۇپ،  تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ياردەم پۇل بولغان 105 دوللار بىلەن ئىش باشلاپ مۇۋەپپەقىيەتكە قازانغانىكەن.  سىز،  بىز تېخى ئۇ ياشتا ئەمەسمىز.  تەۋەككۈلگە تولغان ھاياتلىق مەنتىقىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ،  قەيەرگە قانداق بېرىش ھەققىدە دادىل ئىزدىنىپ باقايلى شۇ يولدا قەتئىي ئاداشماي كۈرەش قىلىپ باقايلى ئىزدەنگۈچىلەرگە بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن بەرىكەت،  ھېكمەت،  سائادەت نۇرلىرىنى نىمجانلاشقان،  لايغەزەللەشكەن،  غايىسىز،  خۇنۈك گەۋدىمىزدە كۆرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس.

    2006 - يىلى 10 - فېۋرال،  قاراقاش - ياۋا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.