مىنىڭ سىسسق كوچام ۋە مۇقەددەس شەھەر مەدىينىتى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 02:06:38

مىنىڭ سىسسق كوچام ۋە مۇقەددەس شەھەر مەدىنيىتى كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. بىر چوڭ شەھەرنىڭ شۇنداق سېسىق ،مۇھىتى بۇلغانغان بىر كوچىسىدا تۇغۇلۇپتىمەن .ئەقلىمنى تېپىپ تازىلىقچى ئاتا- ئ...

    مىنىڭ سىسسق كوچام ۋە مۇقەددەس شەھەر مەدىنيىتى

     

          كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم.  بىر چوڭ شەھەرنىڭ شۇنداق سېسىق ،مۇھىتى بۇلغانغان بىر كوچىسىدا تۇغۇلۇپتىمەن .ئەقلىمنى تېپىپ تازىلىقچى ئاتا- ئانامدىن سورىدىم:" سىلەرگە نىمە ھال، نىمە كۈن بۇ ؟!" ئۇلار دىدىكى "بۇ بۈيۈك بىر شەھەرنىڭ كوچىسىدۇر. پەقەت ئورنى  سېسىپ كەتكەن بىر دېڭىزنىڭ بويىدا،بۇ سېسىقچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق ،ھەتتا نۇرغۇن جاسارەت كۆرسەتتۇق ،بۇ جەرياندا  كارامەت  داستانلار يېزىلدى. ئەمما يەنىلا مەينەتتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز ،ئىمتاھانىمىز بۇ ئىكەن زارلانمايمىز ،قاقشىمايمىز . داستانلاردىن تەسىرلەندىم ۋە قولۇمغا سۈپۈرگە ئېلىپ مەنمۇ تازىلاش- پاكىزلەش سېپىگە قوشۇلدۇم. لېكىن كوچىدىكى مەينەتكە چىدىيالمىدىم .ئۆزەم ئۆسكەن بۇ يەردىن ئاستا- ئاستا بىزار بولۇشقا ،باشقا كوچىلارغا ھەۋەس قىلىشقا باشلىدىم  ۋە سۈپۈرگىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ  ھېچكىمدىن ئەمەس ئۆز- ئۆزەمدىن سورايدىغان بولىۋالدىم." مەندە نىمە گۇناھ بار؟ بۇ مەينەت يەرگە مەھكۇم بولۇپ تۇرىدىغانغا لايىق قانداق يامان ئىش قىلدىم  ؟" ھەتتا ئويلاپ شۇ يەرگە باردىمكى بۇ مەينەتلەر ماڭا ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى مەينەتلەر سەۋەبىدىن جەننەت ماڭا ھارام بولار !! 

        بۇ خىياللارنىڭ نەتىجسىدە پاكىزلەشنى، تازىلاشنى ئۇنتۇپ پەقەت پۇل يىغىشنىڭ غېمىگە چۈشۈپ دوللار نەدە بولسا شۇ يەرگە چېپىپ ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ قىران زامانلىرىنى ئۆتكۈزدۈم.شۇ مەقسەت بىلەن يۈرۈپ بەللىرىم ئىگىلىپ چاچلىرىم ئاقاردى. ئاخىرىدا ئەڭ پاكىز يەرگە ، ئەڭ ئېسىل ئادەملەر تۇرغان جاي مەدىنىگە كەلدىم ۋە ئۇ يەردىن تاپقان- تەرگىنىمگە ئىككى جاھاننىڭ گۈلى- جانابى رەسۇلۇللانىڭ ياتقان يېرىگە خوشنا جايدىن  ئۆي سېتىۋالدىم . شۇ كېچىسى شۇنداق چۈش كۆردۈمكى يۈرەكلىرىم پارە ، ھاياتىم گويا بەربات بولدى :پەيغەمبىرىمىز شەھەرنى ئايلىنىپ ئۇ يەردىكى پاكىز كوچىلاردىن ئۆتكەندە مەمنۇن بولۇپ مۇبارەك يۈزلىرىدىن تەبەسسۇم يېغىپتۇ ۋە بۇ كوچىلاردىكى تازىلىقچىلارغا گۈزەل دۇئالار قىلىپ يولىنى داۋام قىلىپتۇ. بىراق مەن قېچىپ چىققان شۇ كوچىغا كەلگەندە مەينەتلەردىن  كۆڭلى غەش بوپتۇ ۋە بۇ  يەرنى كىم تازىلايتتى دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر مىنى كۆرسەتكەنلىرىدە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ  يۈزىگە قاراشقا پېتىنالماي قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئويغىنىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسچىتىدە تاڭ ئاتقىچە يىغلاپ چىقتىم ...

        شۇ ئولتۇرۇشۇمدا بىرى كېلىپ مۈرەمنى قاقتى .ھالىمنى سورىدى چۈشىمنى دەپ بەردىم ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادىمى ماڭا نەپىرەت بىلەن قارىدى دىدىم ئۇ زات ماڭا سەن ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگىنى سۆيمەپسەن دىدى مەن ياق ئاللاھ ماڭا مال دۇنيا بەردى ،ئىش بەردە ،كۇچ بەردى ھەمىسىنى سۆيىنىش بىلەن ئالدىم دىدىم ،ئۇ كىشى بىشىشنى چايقىدى ۋە دىدى ئاللاھ ساڭا يەنە شۇ مەينەت كوچىنى بىرىپتۇ لىكىن سەن ئۇنى سۆيمەپسەن. مەن ھەيران قالدىم سورىدىم ئاللاھ مەينەتنىمۇ ماڭا بەردى ؟ ئەمما نىمىشقا ؟ ئۇ كىشى كۈلۈپ كەتتى زەھەرنىڭ بەزىلىرى تاتلىق يىمە دورىنىڭ بەزىلىرى ئاچچىق لىكىن يىگىن . ئاللاھ ساڭا ئۇ كوچىنى بەردى لىكىن سەن سۆيمىدىڭ  قاچتىڭ ۋە بۇ يولدا دۇنيا ئىزلەپ ۋاقتىڭىنى بوش يەرلەردە تۇگەتتىىڭ ،ئەلاچى بولماقنى غايە قىلغان ئوقۇغۇچى ئىمتاھان قەغىزىنى يىرتىپ بىر بۇلۇڭغا ئاتارمۇ ؟ ياكى بۇ ياخشى سۇئال بولماپتۇ دەپ نارازى بولارمۇ؟  .....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كوچام مۇقەددەس