بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-12 19:13:00

بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا . يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال مەن تۈنۈگۈن مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ ...

        بالىسىغا ھاراق ئىچۈرگەن دادا .

       يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال

     مەن تۈنۈگۈن مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى؛ بۇ ئاغىنەم ئالدىنقى شەنبە كۈنى ،يېزا بازىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا بىر ھەپتىلىك ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولۇپ، بىر مەكتەپتىكى كۆڭلى يېقىن 5-6 خىزمەتدېشى بىلەن كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ، بىر سورۇندا بىللە ئولتۇرۇپتۇ، رۇمكىلار ئايلىنىپ ،سورۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا،سورۇندىكى ياشقا چوڭراق،ئادەتتە تولا ھاراق ئىچىپ يۈرۈيدىغان، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ 6-7 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىسى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كىرىپتۇ، -دادا،ئاپام سېنى چاقىرىدۇ! -چاقىرىدۇ؟! ، نېمە دەپ؟… -تاماق يەۋالسۇن دەيدۇ! - تاماق؟!!!... ، تاماق دىگەننى قورساق ئاچقاندا يەيدىغان گەپ!!!...كۆرمىدىڭمۇ ،خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمنى؟!!!...تۇرۇپ تۇر، مانا ھازىرلا سورۇنغا دۇئا قىلىمىز، ئاندىن بىللە قايتايلى!!!... … -دەپتۇ ۋە ئارقىدىن ھاراق قۇيۇۋاتقان ساقىيغا قاراپ ؛ -بالامغا بىرنى قۇيە، ئىككىمىز سوقۇشتۇرۇپ ئىچىمىز؟!... ھېلىقى بالا ھېچ ئىككىلەنمەيلا ھاراقنى قولىغا ئاپتۇ ۋە دادىسى بىلەن ‹جاراڭڭىدە › سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋىتىپتۇ، ھاراقنىڭ ئاچچىقلىقىدىن چىرايلىرى پۈرۈشۈپ ،كۆزلىرى نەملىشىپ كىتىپتۇ. دوستۇم قارىسا ھېلىقى خىزمەتدېشى خىجىل بولماقتا يوق، ئەكسىچە ئوغلىنىڭ ‹ باتۇرلىقىدىن› پەخىرلىنىپ، مەمنۇن بولۇپ ، ئوغلىنى ماختاپ ،گىدىيىپ ئولتۇرۇمىش . ئارقىدىن ھەتتا بالىسىغا بىر تال تاماكا تۇتقانىكەن، سورۇندىكىلەر دەرھال ئۇنى تۇشمۇ- تۇشتىن ئەيىپلەپ، كىچىك بالىغا بۇنداق يامان ئادەتنى ئۈگەتمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلغانىكەن، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئامالسىز بالىسىنىڭ قولىدىن تاماكىنى قايتۇرۋاپتۇ ۋە سورۇندا تولىمۇ خىجالەت بوپتۇ . سورۇنمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈڭۈلسىز بىر ھالەتتە تارقاپتۇ… بۇنى ئاڭلاپ ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ، كۆڭلۈم تولىمۇ ئاچچىق بولدى.ھەي،… … ساۋاتسىز دېھقان ۋە ياكى باشقا بىرەر تەربىيە كۆرمىگەن ئادەم بولسىغۇ ،بولدى، مەيلىلا دەر ئىدىم، ھەي، ئىسىت، مىللەتنىڭ كىلەچىكى بولغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەيدىغان، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى ھىساپلىنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بالىسىغا مۇنداق دىسە ، مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى ئۈگەتسە بۇنىڭغا ئەمدى نېمە دىگۈلۈك!!!... ،بىز كىيىنكى ئەۋلادلاردىن نىمىلەرنى كۈتەلەيمىز؟!!! !!! !!!… … … … … … … … … … … [يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال ].

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق