ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇستاز، رېئاللىقتىكى ئەزىمەت-ھېمىڭۋاي

يوللىغۇچى : MEHRIGUL يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-31 19:07:35

ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇستاز، رېئاللىقتىكى ئەزىمەت-ھېمىڭۋايئەكبەر ئەمەتئېرنېست ھېمىڭۋاي دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلغان ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز ۋاقتىدىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ ھ...



     

    ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇستاز، رېئاللىقتىكى ئەزىمەت-ھېمىڭۋاي

    ئەكبەر ئەمەت

    ئېرنېست ھېمىڭۋاي دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلغان ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز ۋاقتىدىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان شەخس سۈپتىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى جوڭگودا تونۇشتۇرۇش ھېمىڭۋاي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن چاغلار، يەنى 20-يىللاردىلا باشلانغان. ئۇنىڭ داڭلىق رومانلىرىدىن "ئەلۋىدا، قورال" ، "ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟" قاتارلىقلار 40-يىللارنىڭ بېشىدىلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جوڭگو ئەدەبىياتىغا چڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

    1954-يىلى شېۋېتسىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيىسى ھېمىڭۋاينى "بايان قىلىش سەنئىتىدە كامالەتكە يېتىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان ھەم قىلچە ئىككىلەنمەي سەممىيىلىك بىلەن ئۇرۇش يىللىرىنىڭ ھەققىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن دەۋرىمىزنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلىرىدىن بىرى" دەپ قاراپ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دۇنيادا ئېتراپ قىلىنغان تالانتىلىق يازغۇچى بولۇپ تونۇلغىنىغا 20 يىل بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتتۈرۈلگەن تېمىلار : ئۇرۇش ۋە ئىرادە، مۇھەببەت ۋە زوراۋانلىق، گۈزەللىك ۋە ئۆلۈم ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن زىچ بىرىكىپ كەتكەنىدى. كىشلەرنىڭ نەزىرىدە "ھېمىڭۋاي" دېگەن بۇ سۆز ھەم رومانتىك ھەم غايىۋى مەنىگە ئىگە بولۇپ، تورېئادۇر، ئەسكەر، ئوۋچى، ئاشىق، غايىسى بەربات بولغان رېئالىزىمچى ،مەشھەر كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان رومانتىزىمچى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ شەخسلەرگە ۋەكىللىك قىلاتتى. مالكولىم كوۋلىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا : "ھېمىڭۋاي خۇددى ماركس ۋە فىرىئۇدتەك رىۋايەتلىك شەخسىكە ئايلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغان كىشلەرمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بالايىئاپەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا بۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭدىن قانداق ياشاشنى ، ھەتتا قانداق ئۆلۈشنى ئۆگىنىۋالغانىدى" . شۈبىھسىزكى، ھېمىڭۋاي بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىيات ۋە كىتابنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزگىچە ياشاش ۋە ئۆزگىچە ئۆلۈش ئۇسۇلىنىڭمۇ سىمۋولى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن داڭ چىقارغان بولسا، ئەسەر يازمىغان ۋاقىتتا ئۆز پائالىيەتلىرى بىلەن ئوخشاشلا كىشلەرنىڭ قەلبىدە چڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

    ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1918-يىلى ئۇ پىدائىي سۈپتىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۇ ئۇرۇشنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىش پۇرسىتى دەپ قاراپ، خەتەرلىك پەيىتلەردە قەھرىمانلىق كۆرىستىپ نام قازىنىشنى ئارزۇ قىلغانىدى. لېكىن ئۇرۇشتا يارىلىنىپ بىر پۇتى ساقسىز بولۇپ قالىدۇ ھەم ئۇنى ئۆمۈر بويى ئازابلايدۇ. ئۇرۇش ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۇرۇش جەريانىدا بىر دەۋر ياشلارنىڭ غايىسىنىڭ ئۇرۇش تەرىپىدىن قانداق بەربات قىلىنغانلىقىنى ئۆ كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.

    1921-يىلى ئۇ ئېزا پوند، گېدرۇد ستېيىن، سكوت فىزچىرالد، ئىدمۇند ۋىلسون قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر يىغىلغان پارىژغا كېلىدۇ. پارىژ ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىدىكى ياخشى سورۇن بولۇپ قالىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىسپانىيە ئىچىكى ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ھاياتىدا كۆپ قېتىم يارىلانغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يارىلىنىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان نېرۋا كېسىلى 60-يىللارغا كەلگەندە تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاغرىق ئازابىنى بېسىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. جىگەر قېتىش كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، دېئابىت كېسىلى قاتارلىق ھەرخىل كېسەللەر ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەدەبىي تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىللىرىغا خاتىمە بېرىدۇ. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ھېمىڭۋاي ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ھاياتىغا مەڭئۈلۈك خاتىمە بېرىدۇ.

    ھېمىڭۋاي ھاياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ بىۇ جەرياندا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن "دەۋرىمىزدە" (1924)، "بويتاق ئەرلار" (1927)، "قۇرۇق قول غالىبىيەتچى" (1933) قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى، "باھار ئېقىنى" (1926) ، "قۇياش يەنە چىقىدۇ" (1926)، "ئەلۋىدا، قورال" (1929) ، "بايلار ۋە يوقسۇللار" (1937)  "ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟" (1940) قاتارلىق رومانلار بار. ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئەسەرلىرىدىن "دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش" (1950) ، "بوۋاي ۋە دېڭىز" (1952) ، ۋە ھېمىڭۋاي ھايات ۋاقتىدا يېزىپ بولالمىغان ، كېيىن باشقىلارنىڭ رەتلەپ تەھرىرلىشى ئارقىسىدا نەشىردىن چىققان "ئېقىندىكى ئارال" (1970_ ،"بېھىشباغ" (1986) قاتارلىقلار بار. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    1926-يىلى "قۇياش يەنە چىقىدۇ" ناملىق روماننىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تېخى ئوتتۇز ياشقا توشمىغا ھېمىڭۋاي ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ بۇ رومانى بىلەن ئامېرىكا يېزىقچىلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىچە ياشاش شەكلىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ دوراش ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ. قىزلار روماندىكى بېرت ئاشلىنى دوراپ تار پوپايكا كىيىپ ، قىسقا چاچ قويۇشىدۇ.

    ئەسەر باش پېرسوناژ جېك بائېنسنىڭ ئەسلىمىسى شەكىلدە بايان قىلىنغان بولۇپ، "گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد" نىڭ تۇرمۇشى يېزىلغان. " گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد" ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، رېئاللىق ئالدىدا گاڭگىراپ قالغان ئاشۇ ئۇرۇش دەۋرى ياشلىرى بولۇپ، ھېمىڭۋاي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر توپ ياشلار پارىژدىكى "گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد" نى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇلار ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىدىن يىرگىنەتتى، ھەممىدىن گۇمانلىناتتى، بارلىق ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارىشاتتى. دەرۋەقە جېك بائېنس ئاشۇ "گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد" نىڭ بىرىدۇر. جېك بائېنس دوختۇرخانىدا ئۆزىنىڭ يارىلىنىش تۈپۈيلى جىنسىي ئىقتىدارىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇققاندىن  باشلاپ ئەسلىدىكى تۇرمۇشىدىن خوشلىشىدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز بېرىت ئاشلىدىنىمۇ ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدىۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى پارىژ ۋە لوندوندا ئۆتكەن توققۇز يىلدا، ئۇ ئۆزىنى خىزمىتىگە، دوستلۇققا ۋە تەنتەربىيەگە بېغشلايدۇ، تېننس توپ ئوينايدۇ، سۇ ئۈزىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەم دائىم ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن بۇقا بىلەن ئېلىشىشنى كۆرىدۇ. قىسقىسى ئۇ بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ دۇنياسىدا ياشاشنى ئۆەىنىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئۇنىڭدا پەيدا قىلغان جاراھىتى ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ نۇرغۇن كىشلەر بىلەن دوست بولىدۇ. پارىژنى ، كەسپىنى سۆيىدۇ. تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ ھۇزۇر ئېلىشنىمۇ بىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ ئەرلەرنىڭ دۇنياسىدا ياشايدۇ. ئەمما ئۇرۇش ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بىلەن، ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرەر ئايال، بولۇپمۇ بېرىت ئاشلى بىلەن بەختلىك ئەر-خوتۇن بولۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولۇشى ئۇنى ئازابقا مەھكۇم قىلىدۇ. بېرىت ئاشلىنىڭ پەيدا بولۇشى جېكقا ئۇرۇشتا نېمىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى چوڭقۇر ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ كونا ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى قوزغىۋېتىدۇ. شۇڭا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى كۆرگەندە پەيدا بولىدىغان خۇشاللىقنىڭ ئورنىغا قەلبىنى ئازاب چىرمىۋالىدۇ. بېرىتنىڭ شاللاقلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جېك بائېنسىنىڭ روھىي ئازابى تېخمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئەمما بېرىت ئاشلىمۇ جېك بائېنسنى ياخشى كۆردۇ، ئەگەر ئۇرۇش جېك بائېنسىنى جىنىسي ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلمىغان بولسا ئۇلار ئاللىبۇرۇن بەختلىك ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇلار بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدۇ ھەم بىر-بىرىنىڭ ھېسىياتىنى قوزغىيالايدۇ. ئەگەر بېرىت ئاشلىنىڭ ئورنىدا ئەنئەنىۋى ئائىلە ئايالى بولغان بولسا جېك بىلەن توي قىلغان بولاتتى. ئەمما بېرىت ئاشلى جېكنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ نىكاھىغا توسالغۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ بىرەر ئەرنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىغا تولىمۇ موھتاج. پەقەت جېكلا ئۇنىڭغا ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ. لېكىن جېك بۇ زامانىۋى ئاياللارنىڭ ۋەكىلى بولغان بېرىت ئاشلىغا جىنسىي خئۇشاللىق بېغىشلىيالمايدۇ. بېرىتنىڭ شاللاقلىقى بۇ تەرەپنى چوڭقۇر دەلىلەپ بېرىدۇ . ئۇ ئەرلەر بىلەن پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا ئارلىشىدۇ. ئۇنىڭ پىدرو رومىروغا قىزىقىشىمۇ ھەرگىز ئۇنىڭ  بۇقا بىلەن ئېلىشىش ماھارىتىگە بولغان قايىللىقىدىن پەيدا بولمىغان. شۇڭا ئۇ پىدرو سوۋغا قىلغان، ئۇ ئەمدىلا ئۆلتۈرگەن بۇقىنىڭ قۇلقىنى مېھمانخانىدا ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇ ھەققىي ياخشى كۆرگەن جېك بىلەن ئكزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىنى چىقىش قىلىپلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇڭا ناھايىتى شاللاق ۋە چۈشكۈن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ روھىي ئازابلىرىنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئۇرۇشقا بېرىلىپ تاقىلىدۇ. جېكنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن ئايرىلىشى ئەمەلىيەتتە ئەرلىك جاسارەتنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن "شەرەپ مېدالى " ئىدى. دەل ئاشۇ شان-شەرەپ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى، ھەتتا كۆلگۈسىمۇ بەربات بولىدۇ. ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى خۇشال تۇتالمايدۇ. ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇشقا كۆرسەتكەن تىرشچانلىقلىرى نەتىجىسىز ئۇرۇنۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئازاب-ئوقۇبەت ھېمىڭۋاي ۋەكىللىدىكى ياشلارنى ھەم ئەسەردىكى جېك بائېنسنى چىرمىۋالغان بولۇپ، ئەسەردىكى ياشلارنىڭ شاللاق تۇرمۇشى بىر خىل بەخت، غەمسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولماستىن ، بەلكى رېئاللىق ئالدىدا گاڭگىراش، چۈشكۈنلىشىش ھەم شۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئەخلاقىي جەھەتتىكى خارابىلىشىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىسى بولغان ئۇرۇشنىڭ جىنايىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن.

    "ئەلۋىدا، قورال" تۆت ئايدىلا 80مىڭ نۇسخا سېتىلغان. ئەسەردە باش پېرسوناف فىرىدىرىك ھېنرىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، قويۇق تەرجىمال تۈسىگە ئىگە (فىرىدىرىك ھېنرى ھېمىڭۋايغا ئوخشاش ئىتالىيىدە يارلىنىپ مىلان دوختۇرخانىسىدا ياتىدۇ ھەم سېستىراغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ). مەيلى ھېمىڭۋاي بولسۇن، مەيلى فىدىرىك ھېنرى بولسۇن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ناھايىتى بىزار بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ تېخىنىكىلىق ئۇرۇش غايەت زور قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۆلۈك زاۋۇتى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئۆلۈك ئىشلەپ چىقارغانىدى. ھېمىڭۋاي ۋە فىدىرىك ھېنرىغا ئوخشاش مىڭلىغان ئامېرىكا ياشلىرى گۈزەل فرانسىيەنى، قەدىمىي ئىتالىيەنى ھەم خرىستىئان مەدەنىيىتىنى ياۋۇز دۈشمەندىن قۇتقۇزۇشقا پىدائىي بولۇپ ئۇرۇشقا ئاتلانغانىدى. ئۇلار بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق تەۋەككۈلچىلىك پۇرسىتى ئىزدەش ھەم ئۇرۇشتا ئەرلىك جاسارەتنى نامايەن قىلىپ، ھەربىي شان-شەرەپ ۋە شەرەپلىك قۇربان بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققۇسى بار ئىدى. ئەمما بۇ "ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى" پاتقاق ۋە قانغا پېتىپ قالدى. ھەربىي شان-شەرەپ ھەققىدىكى خام-خىياللارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاللىقاياقلارغا يوقالدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇش بىرىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان تېخىنىكىلىق ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇشبۇ ئۇرۇش تا كىشلەر بەختسىز ھەم ياردەمسىز ھالدا ئۇرۇن نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ماشىنىلار قەھرىمانلاردىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالغان.بۇ ئۇرۇشتا ھېسابسىز كىشلەر ئەسلىدە ھەربىي كەچۈرمىشنىڭ بىر قىسىمۇ بولۇشى كېرەك بولغان، يوق دېيەرلىك، ھەتتا پۈتۈنلەي مەۋجۇت بولمىغان ئاتالمىش "شان-شەرەپ" ۋە ئەرلىك جاسارەتنى تاۋلاش" ئۈچۈن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى. بۇ ئۇرۇش كۈر مىڭلىغان بىگۇناھ كىشلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقتىن، ھېمىڭۋاي بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايتتى. ئەسەردىكى فىدىرىك ھېنرى بۇ ئۇرۇشتىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان چاغدا يارىلانغان پۇتىنى كېسىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكى ئۇستا بىر دوختۇر ئۇنىڭ پۇتىنى ساقايتىپ، كېسىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. بىمەنە يېرى شۇكى، پۇتىنى ساقلەپ قالغان ھېنرى ئۇرۇش مەيدانىغا ئالتە ئاي بۇرۇن قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئۇرۇشقا بارغانسېرى چىداپ تۇرالمايدۇ ھەم "باشقىلار شان-شەرەپكە چوقۇنسە مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس، مەن بۇ ئۇرۇشنى قىلمايمەن... ھەرگىز قىلمايمەن دەيدۇ. ئۇ جەڭ قىلماسلىق ئارقلىق بۇ ئۇرۇشقا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئۇرۇشتىن قاچىدۇ. ئۇ بۇ چاندا ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدىنى كاتېرىنغا يۈكلەيدۇ. قارىماققا ئۇ كاتېرىن بىلەن بەختىنى تاپقاندەك قىلاتتى. چۈنكى كاتېرىنغا بولغان مۇھەببەت تۈپەيلى ھېنرىغا نىسبەتەن قالايمىقانچىلىققا تولغان رېئاللىق ئەمدى شەكىل ھەم مەنىگە ئىگە بولغانىدى. ئۇلار شېۋىتسارىيەگە قېچىپ بېرىپ ئۇرۇشتىن خالىي ھالدا بەختلىك ياشىماقچى بولىدۇ. ئەمما كاتېرىن لوساندىكى دوختۇرخانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا فىدىرىك ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلەنگەن ئۇرۇشمۇ ئاياغلىشىدۇ. ئۇ پۈتكۈل ئارزۇ-ئۈمىدىنى كاتېرىنغا يۈكلىگەنلىكتىن، كاتېرىننىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمۇ بىتچىت بولىدۇ. .ۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمايدۇ. روھىي دۇنياسى بەربات بولغان فىدىرىك قايتىدىن مەنىسىز رېئاللىققا يۈزلىنىدۇ. فىدىرىك ئۇرۇش دەۋرى ياشلىرىغا ئوخشاشلا ئۇرۇشنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكىنى مۇقەررەر ھالدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

    "ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟" 1940-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1937-يىلدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن . ھېمىڭۋاي ھاياتىدا نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىر قېتىملىق سۆزىدە پەقەت ئىسپانىيىدىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. خۇددى بايروننىڭ گرېتسىيىگە مېھرى چۈشۈپ قالغاندەك، ئىسپانىيە ھېمىڭۋاينىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغانىدى. ئۇ نۇرغۇنيىللارنى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزگەن ھەم ئۆزىنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىدە ئىسپانىيەگە ھەم ئىسپانلارنىڭ بۇقا بىلەن ئېلىشىش مۇسابىقىلىرىگە خېلى كۆپ سەھىپە ئاجراتقانىدى. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇش قوزغالغاندا ، ھېمىڭۋاي شىمالىي ئامېرىكا گېزىتچىلىكى بىرلەشمىسىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا ئىئانە يىغىدۇ. ئۇ ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى توغرۇلۇق ھەرقانداق تېمىدىنمۇ كۆپ توختالغانىدى. ئۇنىڭ " ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟ " ناملىق بۇ ئەسىرىدە يېزىلغىنىمۇ ھەرگىز پامپىلونا بايرىمى، بۇقا بىلەن ئېلىشىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەر قانداق ئىسپانىيىگە خاس ئىشلار بولماستىن، بەلكى ھېمىڭۋاينىڭ نەزىرىدىكى بۇ "مۇقەددەس زېمىن" نىڭ يوقىلىش ياكى مەۋجئۇت بولۇپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئىدى. ھېمىڭۋاي فشزىمغا قارشى يازغۇچى سۈپتىدە ئىسپانىيەگە بارغان بولسا، ئەسەردىكى روبېرىت جوردان فاشزىمغا قارشى جەڭچى سۈپتىدە ئىسپانىيەگە بارىدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرنى يازغاندا ئىككى مەقسەتكە يەتمەكچى بولغان. بىرى، ئىسپانىيىدىكى ئۇرۇشنىڭ جەريانىنى يېزىش ئارقىلىق كىشلەرگە ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا ئائىت ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلغان. يەنە بىرى، ھەققىي ئۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئامېرىكىلىق پىدائىي جوردان بىلەن ئىسپانىيىلىك قىز مارىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسىنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ "ئۇرۇش ۋە تىنچلىق" نى بارلىققا كۆلتۈرمەكچى بولغان. ئەسەردە جوردان مارىيانى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مارىيا فاشىستلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا ئۇچىرىغان بولۇپ، شۈبىھسىزكى كەڭ تۈردە ماشىنلاشقان تېخىنىكىلىق ئۇرۇش تەرىپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنغان ئىسپانىيەنىڭ سىمۋولىدۇر. ئەمما روبېرىت جورداننىڭ قەلبىدە يەنىلا شۇنداق ساپ ۋە پاك، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئاشۇنداق ئۇرۇش ئارقىلىق ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلىش ئويىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى " مۇقەددەس ئىسپانىيە" نى قوغداش ئۇرۇشى ئىدى. ئىسپانىيىدە مارىيانى ياخشى كۆرۈپ قېلىش شۈبىھسىزكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى مەيلى ئىسپانىيە بولسۇن، مەيلى مارىيا بولسۇن، ئوخشاشلا فشىستلار تەرىپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنغانىدى. ئەسەردە ئاشىق سۈپتىدىكى روبېرىت جورداننىڭ يۈرىكى مارىيا ئۈچۈن سوقسا، قەھرىمان ئوبرازىدىكى روبېرىت جورداننىڭ يۈرىكى ئىسپانىيە ئۈچۈن سوقىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ ئۇ "ئەلۋىدا ، قورال" دىكى فىدىرىك ھېنرىدىن پەرقلىنىدۇ. ھېنرى قۇرۇق شان-شەرەپ ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ھەم ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكى ، رەھىمسىزلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن نەپرەتلىنىپ، ئۇرۇشتىن قاچىدۇ. مەيلى ھېمىڭۋاي بولسۇن ياكى فىدىرىك ھېنرى بولسۇن، ئۇرۇشنى مەنىسىز ھېسابلىغانىدى. ئەمما ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشق=ىدىن ھېمىڭۋاي ھەم روبېرىت جوردانمۇ ھەققىي مەنىنى ھېس قىلغان. ئۇلار "مۇقەددەس ئىسپانىيە"  ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى شەرەپ بىلگەن. فىدىرىك ھېنرى ئۇرۇشتىن  ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ بەىتىنى تاپماقچى بولغان بولسا، جوردان ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن ئىسپانىيەگە ۋە مارىيەگە بولغان مۇھەببىتى تۈپەيلى چوڭقۇر ئەھمىيەتنى، مەنىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ فىدىرىك ھېنرىغا ئوخشىمىغان ھالدا فاشىسىزمغا قارشى بۇ ئۇرۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ ھەم بۇ ئۇرۇشنى تۈگەتكەندىلا فاشىسىزىم ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىلا ھەققىي بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاينىڭ كاللىسىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلار يالغۇز، يەككە-يېگانە ھەرىكەت قىلاتتى، شەخسىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلاتتى.روبېرىت جوردا بولسا ئۇرۇش پەيدا قىلغان كوللېكتىپ مەنپەئەتنى تونۇپ يېتىدۇ ھەم ئىسپانىيە خەلقى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ فاشىزىم بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.

    ھېمىڭۋاي 1950-يىلى "دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش" ناملىق ئەسەرىنى ئېلان قىلغاندا، ئەسەرنىڭ تۆۋەن بەدىئىي ئۈنۈمى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى ھېمىڭۋاينىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ئاخىرلىشىپ قاپتۇ، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. ئەمما 1952-يىلى ئۇنىڭ "بوۋاي ۋە دېڭىز " دېگەن پوۋسىتى ئېلان قىلىنىپ ، ئۇنىڭ ئابرويى قايتىدىن تىكلىنىدۇ. دەل مۇشۇ ئەسەر سەۋەبلىك 1953-يىلى ئۇ پۇلىتېزىر مۇكاپاتىغا، 1954-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەنقىدچىلەر ئەسەرنى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان دەپ قارىشىدۇ. بۈەۈنكى كۈندىمۇ ھېمىڭۋاينىڭ شۇ قەدەر نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىدا " بوۋاي ۋە دېڭىز" نىڭ تۆھپىسى زور. ئەسەردە كۇبالىق بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ دېڭىزدا ئۇدا 84 كۈنگىچە بېلىق تۇتالماي 85-كۈنى بىر مارلىن بېلىقى تۇتقانلىقى، لېكىن ئاكۇلالار مارلىن بېلىقىنى يەۋېلىپ، بوۋاينىڭ بېلىقنىڭ قۇرۇق ئۇستىخىنىنى سۆرەپ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئاددىيغىنا ۋەقەلىك يېزىلغان.ئەمما ھېمىڭۋاينى شۇنچىۋېلا يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە قىلغان بۇ پوۋستنىڭ سېھرى كۈچى نەدە؟ ئەسەردىكى ئاددىيغىنا ۋەقەلىك نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن يىللاردىن بېرى تەنقىدچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى ھەم كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى شۇنچىۋېلا جەلىپ قىلىپ كېلىدۇ؟ ھېمىڭۋاينىڭ : "ياخشى ئەسەر مۇز تاغقا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. چۈنكى مۇز تاغنىڭ سەككىزدىن بىرىلا سۇ يۈزىگە چىقىپ تۇرىدۇ. قالغان غايەت زور قىسىمى سۇ ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ " دېگەن سۆزى بىزنىڭ بۇ ئەسەرنى چۈشنىشىمىزنىڭ ئاساسىي بولالايدۇ. بىز ئاددىيغىنا ۋەقەلكىنىڭ ئاستىغا نەزەر تاشلىساق تېخىمۇ چوڭقۇر مەنەلەرنى ھېس قىلالايمىز.

    ئەسەردىكى سانتىياگو بىلەن بېلىقنىڭ كۈرىشى ھەرگىزمۇ ئىجابىي قەھرىمان (سانتىياگو) بىلەن سىلبىي قەھرىمان (بېلىق )ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ياكى دۇنيادىكى مەۋجۇت زىددىيەت-ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس. سانتىياگو بىلەن بېلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ھېچقانداق ئۆچمەنلىك يوق. خۇددى سانتىياگو ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتقاندەك ، بېلىق ئۇنىڭ "قېرىندىشى" ھەم  "ئىنتايىن  ئالىيجاناب مەخلۇق" . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بېلىقنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن دەيدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تۇغۇلىشىدىنلا بېلىقچى. شۇڭا ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئابرويى ئۇنىڭ بېلىق تۇتۇش ياكى تۇتالماسلىقىغا باغلىق. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ بېلقىچى بولغانلىقتىن بېلىق تۇتۇش ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ياكى ۋەزىپىسى. مارىلىن بېلىقى بولسا بىر بېلىق. ئۇنىڭمۇ قارماقتىن قۇتۇلۇشقا ھەققى بار. لېكىن سانتىياگو ئېيتقاندەك، ئۇ بېلىقنى ھالاك قىلمىسا، بېلىق ئۇنى ھالاك قىلىدۇ. ھەر قانداق بىر پەيىتتە ئوۋچى ئوۋغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ كۈرەشتە بېلىقمۇ سانتىياگوغا ئوخشاشلا غەلىبە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شۇڭا سانتىياگو بىلەن بېلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ماھىيەتتە ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنى باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىردۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ھاياتقا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئۇلار مۇشۇ كۈرەش ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز تەقدىرلىرىنى بەلگەىلىشىدۇ. ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى، ئېتقادىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. سانتىياگونىڭ بېلىقنى قوغلاپ تۇتۇشىمۇ چڭقۇر سىمۋولغا ئىگە. ئەسەردىكى دېڭىز ناھايىتى سىرلىق ئوبراز بولۇپ، ئالەمنىڭ سىرلىرى ۋە ھەقىقەتلىرى مۇشۇ يەردە ئېچىپ بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ، جۈملىدىن سانتىياگونىڭ سالاھىيىتى ۋە تەقدىرى دېڭىزدا يورۇتۇلىدۇ. بىز سانتىياگونىڭ بېلىقنى قوغلاپ تۇتۇشىنى بىر خىل مۇراسىم دېسەك، بۇ مۇراسىم بېلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ بىر خىل يېڭى ھاياتلىققا ئېرشىش ياكى مەڭگۈلۈك دائىرىسى بىلەن بىرىكىپ كېتىش مۇراسىمى بولۇپ، بېلىقتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ نەزىر قىلىنسا مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ ۋە سانتىياگومۇ يېڭى ھاياتلىققا ئېرشەلەيدۇ.سانتىياگو ئەسەرنىڭ بېشىدا : "ناھايىتى يىراققا بېرىپ بېلىق تۇتىمەن" دەيدۇ. ئۇ بارماقچى بولغان بۇ "ناھايىتى يىراق يەر " مۇقەددەس جاينىڭ سىمۋولى بولۇپ، سانتىياگونىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى مەنە جەھەتتىن ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملىك چېگىرىسدىن ھالقىشىدۇر. ئۇ ئۆزى كىرىشكە بولمايدىغان مۇقەددەس جايغا بېرىپ سىرلىق مەخلۇق بېلىقنى ئىزدەيدۇ. ئۇ بېلىقنى تۇتىدۇ، بېلىق ئۇنى سۆرەپ ناھايىتى ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ مۇراسىمنى تاماملاش ئۈچۈن بېلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆلۈك بېلىقنى ئېلىپ قايتماقچى بولىدۇ. بۇ چابدا ئۇ مۇشۇ "سىرلىق مەخلۇق" نى نەزىر قىلىپ ئۇنىڭ قېنىنى دېڭىزغا تۆككەنلىكى تۈپەيلى، مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەن ھەم ئەبەدىيلىك بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى. لېكىن ئۇ ئاللىقاچانلا "ناھايىتى يىراق" قا بېرىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. بېلىقتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مەخلۇقنىڭ "مۇقەددەس جاي" دىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى مۇقەددەس قانۇنىيەتنىڭ ئادەتتىكى مەۋجۇدات دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىنسانلارغا ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ھېسابلىناتتى. سانتىياگونىڭ بۇ قانۇنىيەتنى ئاشكارىلاپ قويۇشى قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولاتتى. نەتىجىدە ئاكۇلالار ئۇنى جازالاپ، بېلىقنى پاك-پاكىز يەۋېتىدۇ. ياكى ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنى مەڭگۈلۈك دائىرىسىگە تەۋە قىلىپ تۇرغان سىرلىق مەخلۇقنى تارتىۋېلىپ ، ئۇنى مەڭگۈلۈك دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. سانتىياگو بىر ئادەتتىكى ئادەملىك چېگىرىسىدىن ھالقىپ "ناھايىتى يىراق" قا بارغان بولسىمۇ، بېلىق ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس، ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەڭگۈلۈك بىلەن بىرىكىپ كېتىش، يېڭى ھاياتلىققا ئىگە بولۇش ئادەتتىكى ئادەملەرگە خاس ئەمەس. سانتىياگونىڭ بېلىقتىن مەھرۇم بولۇشى مۇقەررەردۇر. چۈنكى ئۇ ئەسلىدىلا باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش بىرلا قېتىم ياشاش ۋە بىرلا قېتىم يئۆلۈشتىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنىڭ قۇلى ئىدى. شۇڭا بېلىق ئەسلىدىلا ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس. ئۇنىڭ بېلىققا ئېرىشەلمەسلىكى ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنى ئالالماسلىق ياكى ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر.

    سانتىياگو 84 كۈنگىچە بېلىق تۇتالمايدۇ. بۇ ھەممىنى يالماپ يۇتىدىغان ۋاقىت ۋە ئۆلۈمنىڭ توسۇپ بولغالى بولمايدىغان قەدىمنىڭ سانتىياگوغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇ 84 كۈندىن كېيىنمۇ ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئۇنىڭ ھەر قانداق تىرىشچانلىق ئارقىلىقمۇ ئۆلۈمدىن ئىبارەت كەم-كۇتىسىز رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئۇ ناھايىتى مەغرۇرلۇق، جاسارەت ۋە چىدامچانلىق بىلەن بۇ سىرلىق قانۇنىيەتكە قارشى چىقىپ، "ناھايىتى يىراق" قا بېرىپ "يوغان بېلىق" نى تۇتۇشقا بەل باغلايدۇ. بۇ ئىسيانكارلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئۇ مەغلۇب بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنىڭ بەكلا يىراققا كەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ ماھىيەتتە مۇقەررەر مەغلۇبىيەتنى ، شۇنداقلا ئۇنى ھەر قانداق قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتۇر. سانتىياگونىڭ بېلىق تۇتۇش سەپىرى ماھىيەتتە ھاياتلىق سەپىرىنىڭ سىمۋولىدۇر. ھەر قانداق ئادەم بۇ سەپەرنى خۇددى سانتىياگوغا ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت مۇقەررەر مەغلۇبىيەت ھامان ھاياتلىققا خاتىمە بېرىدۇ. لېكىن سانتىياگو ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى ھەققىدە ھېچقانداق خام-خىياللاردا بولمايدۇ ھەم نەتىجىسى نۆلگە تەڭ بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ئاھ ئۇرۇپ ھەسىرەت چەكمەيدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئۇنىڭ ھاياتلىقتىن نېمىگە ئېرىشىش ياكى ھاياتىدا نېمىلەرنى يارىتىشنى مۇھىم ھېسابلىمايدىغان خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. مەغلۇبىيەت شۇنداق مۇقەررەر بولغانلىقتىن ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى كۈرەشنىڭ غەلبىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى بۇ كۈرەشتە مەغلۇب بولىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئايان. مەغلۇبىيەتمۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. پەقەتلا كۈرەش سانتىياگوغا نىسبەتەن ئۇ قىلالايدىغان ئەڭ نەق ئىشتۇر. ئەمەلىيەتتە كۈرەشمۇ مەغلۇبىيەتگە يۈزلىنىش بولۇپ، سانتىياگو دەل كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئىزدەيدۇ. سانتىياگو شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ مۇقەررەر مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ دادىلىق بىلەن تەقدىرگە يۈزلىنىدۇ. كۈرەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باش ئەگمەيدىغان خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ. نەتىجىدە مەغلۇبىيەت دەل ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش تۈپەيلى روھىي غەلبىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئەسەردە مانولىن بوۋاينى "يېڭىمىدىڭىز " دەيدۇ. بوۋايمۇ كارىۋىتىدا يېتىپ بەخىرامان چۈشەيدۇ.

    ئەسەردىكى سانتىياگونىڭمۇ سىمۋوللۇق مەنىسى چوڭقۇر. ئۇ ناھايىتى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنغان سەنئەتكار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بەلكىم ئازاب تارتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمدۇر. ئۇ بەلكىم قېرىلىق ۋە ئەرلىك جاسارەت ھەققىدە ھېكايە ئېيتىۋاتقاندۇر. ئۇ يەنە ھاياتنىڭ تېراگىدىيىسى، تەنھالىق ۋە مۇقەررەر ھالاكەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تەنقىدچى سىتانلى كۇپىرمەن بوۋاينى ئىسانىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ، سانتىياگونىڭ مانولىنغا بېلىق تۇتۇش ۋە باشقا ئىشلارنى ئۆگىتىشى ئىسانىڭ شاگىرتلىرىغا دىنىي ئەقىدە توغرۇلۇق تەلىم بېرىشى دەيدۇ. ئۇ يەنە قارماق تانىسىنىڭ بوۋاينىڭ دۈمبىسىنى يارىلاندۇرۇشى، ئۇنىڭ قان تۈكۈرۈشى ۋە بېلىقنىڭ ئاغرىشىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. بوۋاي ئاكۇلالار كەلگەندە : "ئەي!" دەپ ۋارقىرايدۇ. ھېمىڭۋاي ، بۇ سۆزنى " ھەرەىز تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ مىخ ئادەمنىڭ قولىغا كىرىپ تېشىپ ئۆتۈپ ياغاچقا سانجىلىغان ۋاقىتتىكى ئادەمنىڭ ئۆزىنى تۇتالماي چىقىرىدىغان ئاۋازى" دەپ چۈشەندۈرىدۇ. سىتانلى كۇپىرىمەن بۇ سۆزلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا : "بوۋاينىڭ قايتىپ كېلىپ كارىۋاتتا ئالىقانلىرىنى ئۈستىگە قاراتقان ھالدا سوزۇلۇپ يېتىشى ئىسانىڭ كرېستقا مىخلانغان ھالىتىدۇر" دەيدۇ. ئەمما ئەسەرنىڭ ھەم ئەسەردىكى ھەرخىل ئوبرازلارنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چڭقۇر ، تېىخىمۇ كەڭ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە ئەسەرگە ئېنىق مەنە بېكىتىپ بېرىش ھاجەتسىز. ھەم مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا بۇنداق قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

    ھېمىڭۋاي ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاخىرلاشمىغان ئەسەرلىرىدىن " ئېقىندىكى ئارال" _1970)، "بېھشباغ" (1986) ناملىق ئىككى رومانى نەشر قىلىندى.بۇ ئەسەرلەردە ھېمىڭۋاي ئۆزى ئەزەلدىن يېزىپ باقمىغان تېمىلارنى يازغان بولۇپ، "ئېقىندىكى ئارال" دا ئۇ ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان سەنئەتكارلىق ۋە ئاتىلىق بۇرچى ھەققىدە توختالغان. "بېھشباغ" دىكى يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، ئوقۇرمەنلەر ئەسەرنى ئوقۇغاندا خۇددى ھېمىڭۋاينىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ سەنئەتنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھاياتى بۇ ئىككى ئەسەرنى يېزىپ تۈگىتىشكە يار بەرگەن بولسا، ئۇ ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ تېمىلاردا خېلى كۆپ پىكىر يۈرگۈزەلىگەن بولاتتى. شۈبىھسىركى، بۇ ئەسەرلەر ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىدىكى ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىدىكى يېڭى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېمىڭۋاي :" بىر ھەققىي يازغۇچىغا نىسبەتەن ھەر بىر كىتاب يېڭى بىر باشلىنىش بولۇشى، يازغۇچى ئاشۇ باشلىنىش بىلەن ئۆزى يېتەلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم دائىم بۇرۇن ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ياكى باشقىلار قىلىپ بېقىپ مەغلۇب بولغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بەزىدە ئۇنىڭ تەلىپى ئوڭدىن كېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ " دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى گەرچە ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ توختىماي يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۆچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە بىر قاتار پېرسونادلارنى ياراتكان بولۇپ، بۇ پېرسوناژلار بەزىبىر ئورتاقلىقلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن " ھېمىڭۋايچە پېرسوناژلار" دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلىرىدىن مەيلى جېك بائېنس ، فىدىرىك ھېنرى، روبېرت جوردان ۋە ياكى ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىساغا يېقىنلاپ قالغان سانتىياگولار بولسۇن، خاراكتېر جەھەتتىن كۈچلۈك ئىرادە، مەغرۇرلۇق، چىدامچانلىق ۋە جاسارەتنى نامايەن قىلىپ ، ئەزىمەت سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار بۇ خىل خاراكتېرى بىلەن تەقدىرگە يۈزلىنىدۇ ھەم مۇشۇ خىل خاراكتېرى بىلەن قالايمىقانچىلىققا تولغان رېئاللىققا شەكىل ئاتا قىلىپ، ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى يارىتىدۇ. ئۇلار ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ ، ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بىر خىل تۇرمۇش رېتىمىدە ، پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشايدىغان كىشلەردىن پەرقلەندۈرىدۇ. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي قىممىتى نىتچىت بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ھېمىڭۋاينىڭ ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلار ەەرچە ئاددىي ئادەملەردىن بولسىمۇ، ياشاش ئۈچۈن يەنىلا مەلۇم قىممەت قارىشى ياكى سەممىيىلىك ، ئەخلاق، قەيسەرلىك، ئىرادە، چىدامچانلىق ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنى ئۆلىرىدە ھازىرلىغان. روبېرىت جورداننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ پېرسوناژلار ناھايىتى ئاز ھاللاردا ئۇلۇغۋار ئىشلار ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ.جېك بائېنس ئۇرۇشتا ئەقلى ئىقتىدارىدىن ئايرىلغانلىقى، سانتىياگو قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قارىماققا كىشىگە مۇكەممەل ئەردەك تەسىر بەرمەيدۇ. ئەرلىك جاسارەت توغرۇلۇق توختالغىنىمىزدا ، قارىماققا ئۇلارنىڭ ئەرلىك جاسارىتى ئادەمنىڭ گۇمانىمنى قوزغايدۇ. ئەمما ھېمىڭۋاي پېرسوناژلىرىدىكى ئەرلىك جاسارەت جىسمانىي جەھەتتىن كۆرە، ككپرەك روھىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بولۇپ، قارىماققا باتۇر ئەزىمەتكە ئوخشايدىغان، ئەمما ئىرادىسىز، چۈشكۈن كىشلەردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ھېمىڭۋاي پېرسوناژلىرىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە فىلپ ياك 1966-يىلى ئۆزىنىڭ "ھېمىڭۋاي : قايتا ئويلىنىش : ناملىقن ئەسىرىدە " يارا نەزەرىيەسى" نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيىدە " ھېمىڭۋايچە پېرسوناژلار" نىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھېمىڭۋاينىڭ ئۇرۇشتا يارىلىنىشى بىلەن باغلاپ، بۇ "ھېمىڭۋاينىڭ تۇنجى قېتىملىق قورقۇنچلۇق يارىلىنىش مەنزىرىسىنى ئەسەرلىرىدە قايتا-قايتا يارىتىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇلى" دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 80-يىللاردا تەتقىقاتچىلاردىن مارك سپىلكا، گېررى بىرېننىرلار ھېمىڭۋاي ئۈستىدە روھىي ئانالىز ئېلىپ بارغان. مارك سپلىكا : "ھېمىڭۋاينىڭ خاراكتېرىدە قوش جىنىسلىق ئامىللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرلىك جاسارەتنى كۈچەپ ھىمايە قىلىشى ئۇنىڭ قوش جىنىسلىق تەبئىتى بىلەن قىلغان كۈرىشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن" دېسە، گېررى برىننېر : "ھېمىڭۋاينىڭ ئەزىمەتلەرچە قىياپىتىنىڭ ئىچىگە گۆدەكلەرچە تەشۋش يوشۇرۇنغان. بۇ ئەرلىك جاسارەتنىڭ ھىمايىچىسى قورقۇپ كەتكەن" دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ماكس ئىستىمان بولسا ھېمىڭۋاينى ئەسەرلىرىدە " ئەرلىك جاسارەتنى كۆز –كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەنسىزلىكىنى يوشۇرغانى قىپقىزىل ئالدامچى" دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ كۆز قاراشلاردا تىلغا ئېلىينغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ پېرسوناژلاردىكى ئەرلىك جاسارەت ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ پېرسوناژلاردىكى بۇ خىل جاسارەت بەزى چەكلىملىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئەسەردە پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان تەسۋىر ھەددىن زىيادە ككپ، ئۇلاردىكى ئەرلىك جاسارەتنىڭ بەكلا روشەن بولۇپ كېتىشى بۇ پېرسونادلارنى بەزى ھاللاردا ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان، ھەتتا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ، بۇ خىل پېرسونادلار بەزىدە ئادەمگە ساختا تەسىر بېرىپ قويىدۇ.

    ھېمىڭۋاي ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئەمما ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسىمنى جاي-جايلاردا سەييارە مۇخبىرلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە بايقالغان تالانتى ئۇنىڭ بىر مۇخبىر بولۇپ چىقىشىدىن دېرەك بەرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ داڭلىق يازغۇچى سۈپتىدە ئەسلەنمەكتە. ئۇ تاكى 40-يىللارغىچە خەۋەر ، ماقالە يېزىشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بولسا 20-يىللاردىلا باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاخبارات يېزىقچىلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پروزا يېزىقچىلىقىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئىلگىرىلا " يۇلتۇز" گېزىتىدە ئىشلەۋاتقاندا گېزىتخانىنىڭ " قىسقا جۈملە ئىشلىتىش، جانلىق ئىشلىتىش، بىرىنجى ئابزاسنى قىسقا ئېلىش، ھەققىي بولۇش، ساختا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، سۈپەت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش" دېگەندەك ئۇسلۇب ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە چڭقۇر ئۇچىرىغانىدى. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ مەيلى قايسى ژانىردا ئىجادىيەت ئېلىپ بارسۇن، ئاشۇ ئۆلچەملەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر رىئايە قىلىپ كەلگەن. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئالغاندىمۇ، .ۇ دەسلەپتە خەۋەر قىلىپ يازغان بېلىق تۇتۇش، جاھان كېزىش، بۇقا بىلەن ئېلىشىش، سىياسىي قاتارلىقلار كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ قالغان.

    ئاخبارات يېزىقچىلىقىقنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئاساسىدا ھېمىڭۋاي ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزەىلدە، پارىژ ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەم ئۇسلۇبىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مارك تېۋېىندىن باشلانغا ئامېرىكىنىڭ رېئالستىك ئەنئەنىسى ئۇنى ئۇرۇقلاندۇرغان بولسا، پارىژدىكى ئۆزگىچە مۇھىت ئۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى پارىژ ئاۋانگارت ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەرنىڭ يىغىلىش مەركىزى ئىدى. بۇ سەنئەتكارلارنىڭ كۆپ قىسىمى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغانىدى. ئۇلار ئىستىلىستىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارىشاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قارىشى ھەققىي كەچۈرمىشنىڭ ئورنىغا شوئارنى دەسسىتىدىغان ئابستىراكىت سۆزلەرگە بولغان گۇماندىن شەكىللەنگەنىدى.ئۇلار سىياسىي، دىنىي، ئەدەبىي ھەم ھەربىي دائىلارنىڭ مۇقەددەس ھەم ئابستىراكىت ۋى قۇلاققا خوش ياقىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ جەسەت ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت زاۋۇتنىڭ پاسكىنا نەرسىلەر دۆۋىسىدە چىرىپ تۈگىگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق، قۇربان بېرىش، ئالىيجانابلىق دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ساختا ۋە قۇرۇقلۇقى كەڭ كۆلەملىك ماشىنىلاشقان .ۇرۇش تەرىپىدىن ئاللىقاچانلا ئېچىپ تاشلانغانىدى. بۇ يازغۇچىلار بىردەك ھالدا، سۆزمەنلىك قىلىش سىياسىئوننىڭ ياكى كەسپى ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ئىشى، يازغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۇنى قورال قىلماسلىققى كېرەك، دەپ قارايتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ناھايىتى ئاز، مەنىسى ناھايىتى ئېنىق بولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، دەلمۇدەل ھەم ئۇدۇل ھالدا ھەقىقەت ۋە كەچۈرمىشنى تەسۋىرلەشنى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ باش تارتماسلىقنى تەلەپ قىلاتتى.شۈبىھسىزكى، ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان ياشلارنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە پارىژدىكى سەنئەتكارلار بىلەن ئۇيۇشقان ھېمىڭۋاي ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى.

    ھېمىڭۋاي ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى، رېئاللىقتىكى ئادەم ۋە نەرسىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە بولغان تەسۋىردىكى دەللىك، ئادىيلىقتا چىڭ تۇرۇش، سۆزلەرنى تەكرار ئىشلىتىپ، ماددىي نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنى ئېنىق خاتىرلەشتۇر. ئەنئەنىۋى يازغۇچىلار ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلاردا : " غەزەپلەنگەن ھالدا، قورققان ھالدا، ئىككىلەنگەن ھالدا..." دېگەندەك تەرلىب ياكى رەۋشلەرنى ئىشلىتەتتى. نەتىجىدە يازغۇچى پېرسوناژ بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئارىسىغا قىستۇرۋېلىپ ،ئوقۇرمەن بىلەن پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يىراقلىتىۋېتەتتى. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدىكى جۈملىلەر بولسا بۇ تەركىبلەردىن خالىي، قىسقا، جانلىق ھەم كونكىرىت ئىدى. ئۇ يەنە ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرى خەلقلىرىنىڭ تىلى ۋە رېتىمىنى ئىلىتەتتى. شۇڭا ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار ناھايىتى چىڭ بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەر خۇددى پېرسوناژلارنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بولىدۇ. ھېمىڭۋاي يەنە ئەسەرلىرىدە ئاددىي جۈملە ۋە چەكلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ، پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ پىسخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپلا قالماي، بۇ ئاددىي سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان تېخىمۇ مۇھىم مەنەلەردىن بېشارەت بېرىدۇ ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ مەنىلەرنى ھېس قىلىشىغا، تەسەۋۋۇرنى قاناتلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. ئۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ  كۆز قاراشلىرى ۋە ھېسياتلىرىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويماي، بەلكى ئوقۇرمەنلەرنى شۇ كۆز قاراش ۋە ھېسىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان پاكىت، ئوبيىكتىپ ئىشلار، ھەرىكەتلەرنىڭ دەل، توغرا بولغان نەتىجىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى تەبئىي ھالدا ئەسەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئەسەر ئاخىرلىشىش بىلەنلا ئاخىرلاشماي، بەلكى ئەسەر .ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدىغان ئۆزگىچىلىك شەكىللەندى. ئوقۇرمەنلەرگىمۇ زور تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرۇلدى. جامېس ناجلىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، مۇشۇ خىل ئۆزگىچە ئۇسلۇب سەۋەبلىك " ئۇنىڭ راۋان ھەم ساپ پروزىسى ئامېرىكا يېزىقچىلىقىنى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن يۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى" .

    ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىگە قارىتا بۈگۈنگە قەدەر ئەدەبىيات ۋە تەنقىد ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلىك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ۋىلادىمىر نابوكوا ھېمىڭۋاينىڭ " بوۋاي ۋە دېڭىز" ، " قاتىل" قاتارلىق ئەسەرلىرىگە قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنى "قۇتۇلدۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە گۆدەك يازغۇچى "دەپ ئىنكار قىلىدۇ. 1982-يىلى كولۇمبىيىلىك مۇخبىر خۇئان بوردا گارسىيە ماركوزنى زىيارەت قىلغاندا، گارسىيە : "مېنىڭ ئىجادىيىتىمدىكى كۆپلىگەن ماھارەتلەر ھېمىڭۋايدىن كەلگەن...ھېمىڭۋاينىڭ (فرانسىىس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى) ناملىق ھېكايىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ھېكايىلەرنىڭ بىرىدۇر" دەيدۇ. ئامېرىكا كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارت ئوبزورچىسى ئىخاب ھاسان ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىدە يۇقىرى شۆھرەت قازانغان " پۇت-قولى كېسىۋېتىلگەن ئورفىيۇس" ناملىق ئەسىرىدە ئامېرىكا بىمەنىچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ ماھىيىتى، كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە تەرەققىيەت ئىستىقبالى توغرىسىدا ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ ئىنتايىن ئىنچىلىك بىلەن ھېمىڭۋاي، بىككىت، كافكا قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈتنى باش تېما قىلغان، دەپ قارىغان. ئۇ ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ تىلىغا ساپ ۋە ئاددىي دەپ باھا بەرگەن ھەم " بۇ سەنئەتكار تىلغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان. بۇ ھال كىشىگە ھېمىڭۋاينىڭ تىلى باشقا ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ تىلىدەك مول تەسىر بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاي تىل ئىشلىتىشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغانلىقى ئۈچۈن تىلنى ئىنتايىن ئاز ئىشلەتكەن. يەنە بىر مەنىدىن ئالغاندا، بۇ ياغۇچى سۈكۈت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈكۈت بولسا ئاۋانگارت ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. بۇ ئەنئەنە بارون سادېدن سامۇئىل بىككىتقىچە داۋاملىشىپ كەلەەن ھەم سۈكۈت ھېمىڭۋاينىڭ ئاۋېرىكا كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلى بولۇپ قېلىشقا ئاساس بولغان" دەپ ھېمىڭۋايغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بەزى يازغۇچى تەتقىقاتچىلار ، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ ئاددىيلىقىنى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ كەملىكى، مۇرەككەپلىكىنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق ھەم مۇرەككەپلىكتىن قېچىشنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىسا، ئۇنىڭ پېرسوناژلىرىنى پەقەت ھاراق ئىچىش، بېلىق تۇتۇش، ھايۋانلارنى ئوۋلاش، ئاياللار بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، دېگەن. ھەتتا ئاتاقلىق يازغۇچى ۋىليام فولكنېرمۇ : "ھېمىڭۋاي يېزىقچىلىقىنىڭ ئاددىيلىقى سەۋەبلىك ھەر قانداق مودېرنىزىم يازغۇچىسىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ " دېگەنىدى. تەتقىقاتچىلاردىن كارلوس بېيكىر، فىلپ ياك قاتارلىقلار، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى قارىماققا ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ناھەيىتى چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پېرسوناژلىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئەمەس، بەلكى ئۇلار كىشلىك تۇرمۇشتىكى سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئازاب –ئوقۇبەتلەرگە نىسبەتەن سېزىمچان ، دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پېرسوناژلار توغرۇلۇق ھېمىڭۋاي : "يازغۇچى تەسۋىرلىمەكچى بولغان پېرسوناژلار رېئاللىقتا قانداق تېمىلاردا پاراڭلاشسا، ئەسەردىمۇ شۇ تېمىلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىدىغان قىلىپ يېزىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار رېئاللىقتا قىلمايدىغان ئىشلارنى يازغۇچى ئەسەردە قىلىدىغان قىلىپ يېزىپ قويسا، ئۇنداق يازغۇچى ساختىپەزدۇر" دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى پېرسوناژلىرىنىڭ قايسى خىل ئادەملاردىن يارىتىلغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ پېرسوناژلىرى ناھايىتى ئاددىي ئادەملەردىن بولۇپ ، سىياسىئون ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەرقانداق ئەربابلاردىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئويلايدىغانلىرى ، قىلىدىغانلىرى ھەم سۆزلەيدىغانلىرىنىڭ مۇرەككەپ بولمايدىغانلىقى تەبئىي.

    ھېمىڭۋاي ھايات ۋاقتىدىلا مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيىتى، مەيلى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بولسۇن ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان. 1961-يىلى 2-ئىيۇلدا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىلەن تەڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرۇلۇق ئېيتىلغان مەدىھيىلەر ۋە يۇقىرى باھالار ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىكى بارلىق چېگرالارنى سۈپۈرۈپ تاشلىۋېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندا "20-ئەسىر خۇددى ناھايىتى دەھشەتلىك ، تۇيۇقسىز ھەم ۋاقىتسىزلا ئۆز ئىزدا توختاپ قالغاندەك بولدى" دەپ يازغانىدى بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرى. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ھازىر يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى شۆھرىتى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن يۇقىرى بولماقتا. ئۇ ئايىروپىلان، تېلۋېزور بولمىغان بىر دۇنيادا كۆز ئېچىپ، دەھشەتلىك ئىككى دۇنيا ئۇرۇشنى بېشىدىن .ۆتكۈزدى. كومپىيۇتېر كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم كېمىسىدىن ئايرىلىپ تېلىسكوپلارنى رېمونت قىلىدىغان ، گېنتىكىلىق تەتقىقات تەرەققىي قىلىۋاتقان... بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا.  

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.