ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئارلىقىدا

يوللىغۇچى : AORA يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-12 16:27:17

ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئارلىقىدا(ئەسئەت سولايماننىڭ شىنجاڭ ئونۋېرىستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزى ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا ق...

    ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئارلىقىدا

    (ئەسئەت سولايماننىڭ شىنجاڭ ئونۋېرىستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزى ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا قاراپ»ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)

    تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

       ئۆزلۈك- مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىرخەلقتىن ئىبارەت غايەت زور گەۋدىگە تەۋە يۈكسەك مەنىدىكى ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش جەريانىدىكى تاكاممۇللىقى بولسا، كىملىك- ئاشۇ تاكاممۇللۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىپادىلىنىشى،نامايەن بۇلىشىدۇر. يەنە كېلىپ،ئۆزلۈك- ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكىئىچكى ماھىيەت بولسا،كىملىك-ئۆزىنى بىلىشتە ئىپادىلەنگەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى سالاھىيەتتۇر.

    مىللىتىمىز ئېڭىنىڭ چوققىسىنى ئىگەللەپتۇرغان ساناقلىق ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى، يىنىك،چۈشىنىشلىك،ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىكى ئەدەبىيات، تارىخ،ئىستېتىكا،ئېتىكا،پەلسەپە يۇغۇرلۇپ كەتكەن مەدەنىيەت، ئەدەبىيات تارىخى ۋە روھىيەت تارىخى توغرىسىدىكى ماقالە،ئەسەرلىرى بىلەن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، شىنجاڭ ئونۋېرېستېتى فىلولوگىيە ئېنىستىتوتىنىڭ فىلولوگىيە(ئادىمىيەت) پەنلىرى دوكتورى،پىروفىسسور،ياش ئالىم ئەسەت سولايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىر ىدىن مەركىزى ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا قاراپ»ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ،بەزى بىر ساياھەت خاتىرلىرى ۋە ئاجايىپ يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان رومانلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىكىدەك كۈچلۈك ھاياجانغا چۆمدۈم. بەلكى بىرنەچچە كۈنگىچە بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ چوڭقۇر ئويلاندىم.بۇ جەرياندا مەن ياش ئالىمىمىز ئەسئەت سولايماننىڭ يات ئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ ئىلىم، بىلىم ئىگەللەش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ۋە بىزنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،كىملىكنى تونۇتۇش، يىتەكلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىغى، شىجائىتى،ئەستايدىللىغى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ  قاتتىق تەسىرلەندىم ۋە«مەن نېمىشقا شۇنچىلىك بولاممايمەن؟ (نېمىشقا چەتئەلگە چىقالمايمەن دىگەنلىك ئەمەس).نېمىشقا ئۇنىڭچىلىك نەرسىلەرنى بىلمەيمەن؟ مەن ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەنلەرنى قانچىلىك بىلىمەن ۋە بۇ توغرىسدا قانچىلىك ئويلىنالىدىم؟»دىگەنلەرنى ئۆزەمدىن سوراپ باقماقچى بولدۇميۇ،لېكىن كۆپرەك دۇنياغا،تارىخقا، ئۆتمۈشكە(مىنىڭ نەزىرىمىدە ئۆتمۈش بىلەن تارىخ بىر مەنىدىكى گەپ ئەمەس)،بۈگۈنگە،جەمئىيەتكە،ئۆزىمىزگە،تەقدىرگە سۇئال قويۇپ ئويلاندىم. ئەلۋەتتە بۇ سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىغا بۇ ئۆمرۈمدە ئېرىشىپ بولامماسمەن. دىمەك شۇنداق چوڭقۇر ئويلارغا چۆكتۈم، مېنى مانا مۇشۇنداق ئويلاندۇرغىنى، دەل ئەسئەت سولايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەرگىزى ئاسىياچوڭقۇرلۇقلىرىغا قاراپ»(تۆۋەندە«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دىيلىدۇ) دىگەن كىتابى ئىدى.دېمەك، مەنمۇ ئاشۇ مەرگىزى ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىنىڭ مەرگىزىدىكى بىر جايداتۇرغۇچى ھاياتلىق ئىگىسى ئىدىم.

    شەھەرگە(ناھىيە بازىرىغا) كىرىپلاقالسام،ئالدى بىلەن بۇ شەھەردىكى بار-يۇقى تۆت كىتاپخانىنى(بىرسى شىخۇا كىتاپخانىسى،ئۈچى شەخسى كىتاپخانا)ئارلاپ بۇلۇپ ئاندىن، باشقا ئىشلارنى قىلىدىغان ئادىتىم بويچە،ئەڭ چەتتىكى ئۈچىنجى كىتاپخانىغا كىرىپلا، كىتاپ ئىشكابىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى ئۆزگىچە بىركىتاپقا كۆزۈم چۈشۈپ، دەرھال قولۇمغا ئېلىپ (كىتاپتىن بىرسىلا قالغان ئىكەن)مۇقاۋىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى«ئەسئەت سولايمان»دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ«چوقۇم سېتىۋالىدىغان كىتاپكەن»دەپ ئويلۇدۇم-دە، ئىككىلەنمەيلا خوجايىن قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، پۇل چىقاردىم.كىتاپنىڭ باھاسى ئۇنچە ئەرزانمۇ ئەمەس ئىدى. راست گەپنى دېسەم پۇلنى تۆلەۋېتىپ «نېمانچە قىممەتتۇ؟» دەپ،سەل ئىچىم ئېچىشقاندەكمۇ بولدى. راسىت مەندەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت ناھىيىسىدىكى مەندەك ئادەتتىكى بىر سوكال خىزمەتچى ئۈچۈن بۇئانچە ئاز پۇلمۇ ئەمەس ئىدى.دىمىسىمۇ 47 كوي دىگەن،بىزنىڭ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بىرمو يېرىنىڭ بىر پەسىللىك سۇ ھەققى. بىر ئائىلىنىڭ يېرىم يىللىق توك پۇلى،23 يېرىم كىلوگىرام قوناقنىڭ پۇلى،ئازكەم بىركىلوگىرام گۆشنىڭ پۇلىغۇ؟!...بۇ مېنىڭ پۇلغا چىدىماي زارلىنىپ كەتكىنىم ئەمەس،بەلكى مۇشۇ كىتابنى، مۇشۇ ناھىيىدە قانچىلىك ئادەم ئېلىپ ئوقۇيالار؟دىگىنىم ئىدى.مېنىڭ بۇ خىيالىمنى بىلىۋالغاندەك خوجايىن قىز مەندىن«بۇقانداق ئادەمنىڭ كىتابى؟مانا تېخى ئەتتىگەندىلا كېلىۋىدى، ھەممىسى تۈگەپ كەتتى»دىدى.مەن بۇ سۇئالنىڭ مەندىن سورالغىنىدىن ھەم بۇ كىتاپنى مەندىن باشقاكىشىلەرنىڭمۇ سېتىۋالغانلىغىدىن خوشال بۇلۇپ،يىنىك بىرھاياجاندىن كىيىن،ئەتراپىمغاقاراپ قويۇپ،ئۈنلۈك ئاۋازدا:«ئەسئەت سولايمان،شىنجاڭ ئونېۋېرېستېتىنىڭ...»دەپ باشلاپ،ئەسئەت سولايماننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى ۋە ئۇنىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقتىم. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر كىتاپقا بويۇنداپ قاراشتى...16فورماتلىق، 443 بەتلىك بۇ كىتاپنى ئۈچ كۈندە ئوقۇپ بولدۇم. ئارىدىكى بىرقانچە كۈنلۈك ئويلىنىشتىن كىيىن،بۇكىتاپ ھەققىدىكى تەسىراتىمنى باشقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كەلدىم. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىم.

    ئەسئەت سولايماننى ئاز تولا كىتاب،ژورنال كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ياكى بىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق بۇ كىتاب ساياھەت خاتىرىسى ئەمەس،سىياسىي،ئىقتىساد،پەلسەپە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان كىتابىمۇ ئەمەس. رومان ياكى ھېكايىلار توپلىمى تېخىمۇ ئەمەس، چەتئەل، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرى تونۇشتۇرۇلغان ساياھەت قوللانمىسىمۇ ئەمەس. بۇ بىر ئەل، بىر مىللەت پەرزە نتىنىڭ ئۆزۋەتىنىگە، ئۆز خەلقىگە ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە سانسىز جاپا-مۇشۆكۈللۈكلەر بەدىلىگەئېرىشكەن ئەمگەك مىۋىلىرىدىن بىرىلگەن سوغات، بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كاپالەتنامىسى.

     كىتاب ئۇيغۇر تىلىدا،تىلىمىزنىڭ مەنا ئىپادىلەشكۈچىدىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلانغان ھالدا ئاددى،راۋان،چۈشىنىشلىك يېزىلغان. كىتاب ئورۇنسىز ھېس-ھاياجان بايانلىرى،قورۇق، مەنىسىز تەسۋىرلەر، ئەھمىيەتسىز تونۇشتۇرۇشلاردىن خالى. تەرتىپ بويچە مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باپ، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يېزىلغان. ئۆزگىچە ئوسلۇپتىكى بىر كىتاب (كىتابنىڭ بېسىلىش،كېسىلىش،تۈپلىنىشىمۇ ئۆزگىچە).ئالىمىمىز ئەسئەت سولايما ن شىۋېتسىيەگە ساياھەت قىلىش، تۇققان يوقلاش ياكى سودا قىلىش ئۈچۈن چىقمىغان، بەلكى ئىلىم ئىزدەش،ماھىيەتتە،خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش(بۇ گەپ كونا ئىنقىلاۋىي گەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن مەنىسى راستىنلا چوڭقۇرگەپ)،ئۆزلۈكنى تونۇش-تونۇتۇش، كىملىكنى تونۇتۇش-تونۇتۇش ئۈچۈن چىققان. شۇڭ ائۇنىڭ شۋېتسىيەدىكى بىر يىللىق ھاياتىدا باسقان ھەربىر قەدىمى،ئۆتكۈزگەن ھەر بىركۈنى ئىزدىنىش،ئوقۇش ۋە بىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغان.توغرا، ئۇ ياۋروپادىكى بىر قانچەدۆلەتلەرگە باردى،ئەمما ئۇ شۇ دۆلەتلەردىمۇ ئىلىم ئىزدىدى. ئۇيغۇر بىلەن،ئۇيغۇرنىبىلىدىغان،بىلمەكچى بولغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇيغۇرنىڭ تارىخى،مەدەنىيتى،ئاسارە-ئەتىقىلىرىگە مۇناسىۋە تلىك جايلارنى (مۇزىي،كۈتۈپخانىلارنى)ئىزدىدى. ئەمىلىيەتتىمۇ، ئۇنىڭ شۋېتسىيەدە ئۆتكۈز گەن بىر يىلىنى سائەت،مىنۇت بويچەھىساپلاپ باقىدىغان بولساق ئوقۇغان كىتاپلىرى، يازغان خاتىرلىرى، ماقالىلىرى، قىلغان خىزمەتلىرى، باشقىلار بىلەن قىلىشقان ۋەتەن، ئۇيغۇر،ئۆزلۈك ۋە كىملىك توغرىسىدىكى پاراڭلىرىغىچە تەخسىملەپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى ئۈچۈن بىرىلگەن ۋاقىتتىن مىنىت-سىكونىتلىرىغىچە تولۇق پايد ىلانغانلىغىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداق يەھۇدىلارغا ئوخشاش ۋاقىتنى سائەت،مىنۇتلاپ ئەمەس سىكونىتلاپ ھىساپلايدىغان روھھەقىيقى ئالىملىق روھتۇر...

    ئالىمىمىز ئەسئەت سولايمان ئانا تىلدىن باشقاخەنزۇچە،ياپۇنچە، ئېنگىلىزچە، تۈركچە...قاتارلىق بىر قانچە تىلنى بىلىدۇ. دوكتورلۇق،فىروفىسسورلۇق ئۇنۋانلىرىنىمۇ ئېلىپ بولغان. ئۇ ۋەتىنىنى، خەلقىنى،ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-بۇرادەرلىرىنى، ئىللىق ئائىلىسىنى،خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ،يەر-ھاۋاسىدىن تارتىپ ئادەملىرىنىڭ خارەكتىرىغىچە سوغۇق ۋە نەم بولغان شۋېتسىيەگەبېرىپ، شىۋېت تىلىنى ئۈگەنگەچ ئىزدىنىمەن،تەتقىق قىلىمەن،ئوقۇيمەن دەپ يۈرمەي، بىزئالامەت چوڭ بىلىدىغان شىنجاڭ ئونۋېرېستېتىدا دەرىسنى راسا ئۆتۈپ، ئاسپىرانىتلارنى يىتەكلەيمەن دەپ ئايدا ئۈچ-تۆت مىڭ سوم پۇلنى ئېلىپ يۈرىيۋەرسىمۇ بۇلاتتىغۇ؟ ئۇنى بىرەرسى، چەتئەلگە چىق، بىلىم ئاشۇرۇپ كەل بولمىسا پالانى پۇلۇڭنى تۇتىۋالىمىزدىمىگەنغۇ؟ تېخى بىر يىللىق ئوقۇشقا چىقىشنىڭ رەسمىيەتلىرىنى يېرىم يىلدا ئۆتەپبولغىلى بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ ئەل ئۈچۈن شۇنچە جاپالارنى تارتىشنىڭ ھاجىتى بارمىدى؟يوق،ئەلۋەتتە يوق.بىراق ئۇنىڭدىكى بۇرۇچ، زىلمىدىكى مەسئۇلىيەت،ئۇنىڭ يۈرىگىدىكىئىزدىنىش،بىلىش ئىستىگى،ئۆزلۈكنى بىلىش،كىملىكنى تونۇتۇش روھى ئۇنى شۇنداق قىلىشقايىتەكلىگەن.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش جاپاسى ئىچىدە ئۆتكەن ھايات راھەت.ھەئە،«ئۆزلۈك ۋەكىملىك» دىگەن كىتاب بىزگە مانا مۇشۇنداق روھنىڭ جۇلاسىنى نامايەن قىلىپبىرىدۇ.

    مانا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھەقىقى ئۆزلۈك نوقتىسىدىن ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىزگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈدىغان بولساق، ئەسئەت سولايمانغا ئوخشاتۆت-بەش چەتئەل تىلىنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئانا تىلىمىزنىمۇ تۈزۈك سۆزلىيەلمەيدىغان،تىلى ساق«گاچا»لار بىزدە ئازمۇ؟ بۇنداق سېلىشتۇرمىدىن نۇرغۇنلىرىنى كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ.

    ئالىمىمىز ئەسئەت سولايمان 2003-يىلى-11ئايدىن، 2004-يىلى 9- ئايغىچە بىر يىللىق مۇددەت ئىچىدە، ئاتاقلىق ئالىم،دۇنيابويچە ئەڭ كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئىگىسى نوبىلنىڭ ۋەتىنى-شېۋىېتسىيەگە،شېۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ئونېۋېرېستېتى شەرق تىللىرى ئېنىستىتوتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەرگىزىدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ، شېۋېتىيەدە ساقلىنىۋاتقان 1892-يىلىدىن1938-يىلغىچە قەشقەرگە دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن شېۋېت مىسئونېرلىرى تەرىپىدىن بېسىلغان باسما بۇيۇملارنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بارغان.ھەممەيلەنگە مەلۇمكى،تارىخ-بىر ئەينەك ئۇنىڭدا رىئاللىقتىكى ھەممە نەرسە ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپرىئاللىقتا يۈزبەرگەن ھەممە ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە، تارىختىكى ئاشۇ دەۋىر ھادىسىلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئاشۇ تىلدىمۇ بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسە ملەنگەنبۇلىدۇ.شۇنداق، تىل بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ يۈرىگى،يەنە شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، فىلولوگيە (ئادىمىيەت) ئىلمىنىڭمۇھىم تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى تىل،ئاشۇ فىلولوگىيە(ئادىمىيەت) پەنلىرىنى ئۆزىنىڭئۆمۈرلۈك تەتقىقات يولى قىلىپ تاللىۋالغان ئالىم،مىللىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭقاباھەتلىك دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بولغان «قەشقەر باسما بۇيۇنملىرى» (1892-1938) نىڭتىلىنى تەتقىق قىلىشنى بىريىللىق تەتقىقاتىدىكى تۈپ نىشان قىلىپ بەلگىلىگەن ھەممۇشۇ نىشان بويچە قېتىرقىنىپ، جاپالىق ئىزدەنگەن. شۇنداق، بەلكىم ئىزدىنىشنىڭ مۈشكۈللىۈكلىگىنىھەممىلا ئادەم تولۇق ھېس قىلىپ يىتەلىشى ناتايىن.شۇنداقتىمۇ،ئۇنىڭ بۇ ئىزدىنىش نىشانىغا چوقۇميىتەلەيدىغانلىغى شۈ بھىسىز،ئەمىليەتتىمۇ ئۇ،بۇ نىشانىغا يەتتى.مانا«‹شۋىېتسىيەدەساقلىنىۋاتقان قەشقەر باسما بۇيۇملىرىنىڭ تىلى(1892-1938)› ناملىق بىر يىللىقتەتقىقات دوكلاتىمنىڭ ئاخىر قى تۈز تىلگەن نۇسخىسىنى بىرگىت شلتېر خانىمغاتاپشۇردۇم.بۇ ئېنگىلىز تىلىدا يېزىلغان 70مىڭ خەتتىن ئارتۇق چوڭ ھەجىملىك تەتقىقاتدوكلادى ئىدى» دەيدۇ. ئالىم «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 430-بېتىدە.ئەممائۇبۇنىڭ ئۈچۈن قىلچىمۇ ۋايسىمايدۇ، قاخشىمايدۇ. چەككەن جاپالىرى،دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن داتلاپ، كىملەر گىدۇر تاپا-مالامەت قىلمايدۇ.پەقەت،«بۇنىڭ ئۈچۈنسىتوكھولىمنىڭ ئۇزۇن قىشى بىلەن سالقىن ياز كۈنلىرىدە خانلىق كۈتۈپخانانىڭ قىرائەتخانىسىدا بىكىنىپ ئولتۇرۇپ ئازبولمىغان يۈرەك قېنىمنى سەرىپ قىلدىم» دەپقويىدۇ.مانا بۇ ھەقىقى ئۆزلۈك روھ! مانا بۇ كىملىكنى نامايان قىلىدىغان روھ!

    توغرا،شۋىېتلەر دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگەقارىغاندا،بۇلۇپمۇ ياۋروپا مىللەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىبىرقەدەر بالدۇر ھەم بىرقەدەر ئەتراپلىق چۈشەنگەن مىللەت،ھەتتا شۋىېتلەر ئۆزلىرىنىڭئابا-ئەجداتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا، تۈركلەرگە ئۇلاشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆرگەن،شۇڭاشۋىېتلەر ياۋروپا مىللەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ بۇرۇنقىززىققان،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مەدەنىيتى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان،ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئەڭ كۆپ خاتىرە،كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان مىللەت،ھەتتا پۈتۈنئۆمرىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ دۇنياۋىشۆھرەت قازانغان گوستاف رەكېت (1871_1945)،گۇننار ياررىڭ(1907_2002)،سىۋېن ھېدىن(1865-1952)(گەرچە بۇ كىشىنىڭ بىزدىكى تەسىرى تازا ياخشى بولمىسىمۇ) دەكئالىملارمۇ شىۋىېت مىللىتىدىن. راسىت، ئۇلار بىزگە نىمە ئۈچۈنشۇنچە قىززىقىدۇ؟ ئۇلار بىزنى تەتقىق قىلپ دۇنياۋىي شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن شۇنداققىلامدۇ؟(ھەجەپ ئىش بىرمىللەتنى ياكى ئۇنىڭ مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىپ دۇنياۋىشۆھرەتكە ئىگە بولغىلى بۇلىدىكەن،لېكىن ئۆزى ۋە مەدەنىيتى تەتقىق قىلىنغان مىللەتتونۇشسىز،شۆھرەتسىز قالىد ىكەن،توغرا،شۆھرەت بېسىمدىن دىرەك بىرىدۇ)،بەلكىم،بىزدە،بىزنىڭ زىمىنىمىزدە ئۇلارنى قىززىقتۇرغىدەك ئىسىل نەرسىلەر باردۇ،ياكى ئۇلارنىڭباشقىلارغا قىززىقىشى ئۆزىنى تونۇ تۇش ئۈچۈندۇ؟ يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلىشىمىز كېرەككى،بەزىدە بىر مىللەتنىڭ يەنە بىرمىللەتنى تەتقىق قىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە كەمسىتىش خارەكتىرى ۋە باشقا غەيرى مەقسەتلىرى سىڭگەن بۇلىدۇ.شۇڭابەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقان بولسا كېرەك.بولمىسا شىۋىېتلارنىڭ -1890يىللاردىن تارتىپ شنجاڭغا كىلىپ،دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇ نلىنىشى نېمىنىچۈشەندۈرىدۇ؟ئەلۋەتتە،غەربى ياۋروپاغا جايلاشقان شىۋېتلارنىڭ بۇ دۆلىتى 19- ئەسىرنىڭئوتتۇرلىرىدىمۇ جاھانگىر دۆلەتلەر قاتارىدا سانالمايتتى. ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكىئەنگىلىيە،روسىيە،ئامرىكا،ياپونىيەلەدەك،بۇ يەردە يېڭى زېمىن ئېچىپ، قورچا قلارنىيىتىشتۈرىدىغان،ئاخىرىدا،ھەممىنى تالان-تاراچ قىلىپ، ماددى بايلىققائېرىشىد ىغان سىياسىي مەقسىدىمۇ يوق ئىدى.ئەمماشۋىېتسىيە مەدەنىيەت،بۇلۇپمۇ دىنىيمەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى جاھانگىر دۆلەت ھىساپلىناتتى.شۇڭا،ئالىمىمىز ئۆز كىتابىدا بۇھەقتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ:« تۈپ ماھىيتىدىن ئېيىتقاندا شۋىېتمىسىئونېرلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ رايۇنداخىرستىئان دىينىنى تارقىتىشقا كىرىشىشى ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتئەقىيدىسى بىلەن زىچ يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋىي مەدەنىيتى ۋە قىممەت قارىشىنىئۆزگەرتىشكە ئۇرنىشى بىرخىل‹مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى›دىن باشقا نەرسە ئەمەس»،دەيدۇ.«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دىگەن كىتابىنىڭ 148-بېتىدە.ئەمىلىيەتتە، بۇ تارىختىن بۇيانداۋاملىشىپ كېلىۋاتقان غەرپ بىلەن شەرقنىڭ، ئىسلام دىنى مەدەنىيتى بىلەنخىرىستىئان دىنىي مەدەنىيتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئەمىلىي ئىپادىسىئىدى. دىمىسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمدىن تارتىپ دىنلار، مەدەنىيەتلەر ئۆزئاراتوقۇنۇشۇپ تۇرىدىغان،ئۆزئارا سىڭىشىپ، يۇغۇرلۇپ، تاۋلىنىپ،شاللىنىپ تۇرىدىغان ئەڭئاۋات مەدەنىيەت داشقاينىقى بۇلۇپ كەلگەن بىر جاي،تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانىمەركەزقىلىپ ياشاپ كەلگەن مىللىتىمىز بولسا، مۇشۇ خىل توقۇنۇش، تەسىركۆرسىتىش، تاللاش، تاللىنىش، شاللاش، شاللىنىشلارنى تولۇق باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزىگە خاسمىللىي مەدەنىيەت خۇرۇچىنى تاللىۋېلىپ ئۆز مەۋجۇ تلىقىنى ساقلاپ كەلگەن مىللەت، شۇڭا مەيلى تارىختا بولسۇن، ۋە مەيلى بۈگۈنكى كۈندە بولسۇن، مانامۇشۇنداق مۇرەككەپ داشقايناقلار ئىچىدىن ساق قۇتۇلۇپ چىقىشنى بىر مىللەتنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى«ئۆزلۈك»كىنى تونۇغانلىق دىيىشكە بۇلىدۇ. بۈگۈنكى زاماندىكى «ئۆزلۈك»بولسا، پۈتۈنلەيزامانىۋىي تۈسكە ئىگە«ئۆزلۈك»تۇر.«ئۆزلۈك»نى ئىزدەش،خاسلىقنى نامايەن قىلىش بۈگۈنكىزامانىۋىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بۆھرانى!ئەمىلىيەتتە،تەرەققىتاپمىغان،ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئاجىز مىللەتلەرگە قارىغا ندا،تەرەققىي تاپقان، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتجەھەتتە كۈچلۈك مىللەتلەر«ئۆزلۈك»كە تېخىمۇ بەك مۇھتاج بۇلىدۇ.«كىملىك»بولسا،«ئۆزلۈك»نى ئىزدەش جەريانىدىكى ئۇرۇنۇش خالاس...

    ئالىمىمىز ئەسئەت سولايمان كىتابىدا،شىۋىېتلارنىڭ ئوتتۇرائاسىيادا،جۈملىدىن شىنجاڭدا دىن تارقىتىش پائالىيتىنىڭ ئارقا كۆرنىشىنى مۇنداقكونكىرت سەۋەپكە باغلاپ چۈشەندۈر ىدۇ:«شىۋىېتسىيە باش دىنىي جەمئىيىتىنىڭ نىمە ئۈچۈنيىراق مەرگىزى ئاسىيادىكى قاتمۇ قات تاغ تىزمىلىرىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان، ئىسلاممەدەنىيتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، بىكىك ھالەتتىكى قەشقەردە 19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىچارىگىدە ئۆزلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پونكىتىنى تەسىى قىلماقچى بولغانلىغىنامەلۇم. ئەمما شىۋىېتسىيىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كاۋكازدا ۋە ئىراننىڭ غەربى شىمالقىسمىدىكى ئەزەربە يجانلار توپلىشىپ ئولتۇرا قلاشقان رايۇندا پائالىيەت ئېلىپبېرىۋاتقان مىسىئونىرلىرىنىڭ سىتوكھولىمغا يوللىغان دوكلا تىدىن بۇ ھەقتىكى بەزىسەۋەپلەرنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. گۇننارياررىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلرىگەقارىغاندا،شىۋىېتسىيە دىنىي جەمئىيىتى شۇ يىللىرى چارروسىيە ئىمپىريىسى تەۋەسىدىكىكاۋكاز بىلەن جۇڭگۇنىڭ خۇبى ئۆلكىسىدە دىن تارقىتىش نو قتىلىرىنى تەسسس قىلغانبۇلۇپ، بۇ ئىككى نوقتىنىڭ ئارلىقى يىراق ۋە ئۆزئارا ئالاقىلىشش ناھىيىتى قىيىنبولغان.مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا كاۋكازدىكى تېبلىس شەھرىدە تۇرىۋاتقان پوپن.گ.ھۆجىېر(N.F.Hoijer ) بۇ ئىككى نوقتا ئارلىقىدا بىر يېڭى دىن تارقىتىش ئورنىتەسس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارلىقىدىكى ئۇزاق مۇساپىنى قىسقارتىش ۋە ئۆز ئارا ئالاقىلەرنىكۈچەيتىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ مەزگىللەردە ئەنگىلىيەبىلەن ئامرىكىنىڭ دىن تارقىتىش ئۆمەكلىرى ئىراندا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپبېرىپ،شىۋىېت مىسسىئونىرلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كاۋكازدىكى شىۋىېتمىسسىئونىرلىرى ئىراندىن ۋاز كىچىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە يېڭىپائالىيەت ماكانى ئاچماقچى بۇلىدۇ. ھۆجىېر شىجاڭنى، بۇلۇپمۇ بىرتانىيە بىلەن چارروسىيەئىمپىريىسىنىڭ پامىرنى تالىشىشتىكى سىياسىي مەرگىزى بولغان قەشقەرنى ئۆزلىرىنىڭتەسەۋۋۇرىدىكى ئەڭ مۇئاپىق ماكان دەپ قارايدۇ.»(«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» 150-بەت)دىمەك،-19ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىدىن باشلانغان قوش ياقىلىمىلىق جاھانگىرلىكنىڭ مەقسىدىشىنجاڭدىن ئىبارەت تارىخى تۈگۈنلۈك جاينى، ئۇلارنىڭ ئىستىخىيىلىك تاللاش نىشانىغائايلاندۇرۇپ قويغان. ئەمما كۈچلۈكلەرنىڭ مۇنداقلا قىلىپ قويغان ھەركىتى ئاجىزلارئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولغىنىدەك. ئۇلارنىڭ بۇخىل تار مەنپەئەت پەرەسلىكتىنكىلىپ چىققان ھەركىتى بىر ئەل،بىر مىللەت ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلىرنى كەلتۈرۈپچىقارغان. بۇ ئاقىۋەت نېمە ئىدى؟ ئالىمىمىز كىتابىدا شىۋىېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى دىنتارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« شىۋىېتمىسسىئونېرلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى تۈپ ماھىيتىدىنبىرخىل مەدەنىيەت تاجاۋۇز چىلىغى بۇلۇپ، يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزدا خەلقنىئېتىقات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پارچىلا شتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى»(«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» 158- بەت) .ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« شىۋىېت مىسسىئونېرلىرىنىڭدىيارىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلىگىدە ئازكەم يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتۇرغان دىنتارقىتىش پائالىيەتلىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئوتتۇرا ئەسىر مۇھىيتىدا دۇنيا ئېقىمىدىنئايرىلىپ قالغان بۇ خەلقنىڭ يېڭى تارىخى دەۋىردىكى تەرققىيات مۇساپىسىدە كىشىلەرتەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بۇ بىر پەردە كۆڭۈلسىز تىيا تىر بۇلۇپ قالدى. بۇ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيەت بوشلۇقىغا مەلۇم دەرىجىدە ئۆز كۆلەڭگۈسىنىچۈشۈرمەي قالمىدى. ھەتتا نۇرغۇن ئائىيلە ۋە شەخىسلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكىپاجىئەلەرگەسەۋەپ بولدى. مىللەتنىڭ ئېتىاد بىرلىگى روھى بىرلىگىنىڭمۇستەھكەملىنىشىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بۇ تەرەپنى ئەلۋەتتە ئەستىنچىقار ماسلىق كېرەك»(«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» 168- بەت). ۋاھالەنكى، ئېتىقاد ۋە مەنىۋىييەتجەھەتتىكى پارچىلىنىش دەل«ئۆزلۈك» ئاجىزلىشىشىنى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئۆزلۈك»روھىيوقالغان مىللەتتە«كىملىك» قارىشى ئەسلا بولمايدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، يىراق،كىچىك بىر دۆلەتتە نەچچەمىڭ پارچە ئۇيغۇرچە كىتاپ ۋە باسما بۇيۇملار يىغىپساقلانغان «گۇننارياررىڭ نامىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرق خەلقلىرى قول يازمىلىرىمەركىزى»نىڭ قۇرلىشى ۋە ئاشۇ ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق فوتوسۈرەتنىڭ«شىۋ ىېتسىيەدۆلەتلىك ئارخىپ سارىيى»دا ۋە سىتوكھولىمدىكى«شىۋىېتسىيە باش دىنىي جە مئىيىتى»نىڭئارخىپىدا ساقلىنىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

    ئەمما، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر دەۋىردىكىتارىخ،مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ سەلبىي ۋاستىلەر بىلەن ساقلىنىپ قېلىشىمۇ، ئۆزنۆۋىتىدە شۇ دەۋىر تارىخ، مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدىكى «ئۆزلۈك»نىتېپىۋېلىشتا ئەھمىيەتلىك ماتېرىيال بۇلۇپ قالىدۇ.شۇڭا ئالىمىمز:« شىۋىېتلارنىڭقەشقەردىكى زامانىۋىي باسمىخانىسىدا بېسىلغان زور كۆلەمدىكى ئۆتكۈنچى دەۋىرگە مەنسۇپدىن دىن خالىي ئۇيغۇرچە كىتاپ- ماتېرىياللار ۋە باسما بۇيۇملار 20-ئەسىر ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگىدۇر» («ئۆزلۈك ۋە كىملىك »168- بەت)دەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەسئەت سولايمان دەل مۇشۇ ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى باسما بۇيۇملارنىڭ تىلىنىتەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى بىر يىللىق تەتقىقاتىنىڭ تۈپ نىشانىقىلغان.

    ئالىم بۇ نىشانغا يىتىش جەريانىدا يەنە يىراقشىمالىي ياۋروپادىكى شىۋىېتلارنىڭ خارەكتىرىگىمۇ دىققەت قىلغان.چۈنكى، مەيلى قانداقسەۋەپتىن بولمىسۇن،يات بىر ئەلدە ،يات بىر مىللەت ئارىسىدا ياشىغان كىشى گەرچەقىسقا بولسىمۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ ئەل، شۇ خەلقنى چۈشىنىشى كېرەك. بۇلۇپمۇ، ئەسئەتسولايماندەك ئادىمىيەت پەنلىرى ئالىمى بۇ نوقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىدۇ.شۇڭا ئۇئامال بار ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ھەم ئەتراپىد ىكى ئادەملەرنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ۋەشۇ چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا كىتابىدا؛« شىۋىېتلارنىڭ خارەكتىرى» دىگەن بىر باپنىيېزىپ. بىزنىڭ يىراق شىمالىي ياۋروپادىكى بىر خەلقنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ياردەمبەرگەن.

     ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىم كىتابىدىكى «قىزىم ۋەشىۋىېتسىيە مائارىپى» دىگەن باپتا شىۋىېتسىيە باشلانغۇچ مائاپىرىنىڭئالاھىدىلىگى، ئادەم تەربىيلەش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇر باشلا نغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىبىلەن سېلىشتۇرۇپ، شىۋىېتسىيەدىكى مائارىپ تەر بىيسىنىڭ ئۆزگىچىلىگىنى تونۇشتۇرغان.

    يەنە«گىرمانىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم»، «يەتتەسۇلۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى» دىگەن باپلاردا چەتئەللەردە،جۈملىدىن ياۋروپائەللىرىدە بىلىم ئېلىش، ئىشلەش ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن ياشاۋاتقان بىر قىسىمكىشىلىرىىمىزنىڭ ھايات، تۇرمۇش سەرگۈزە شتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭمەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولمىسۇن، ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئانىنى ئىسىدىنچىقارماي، دوستلۇق، مېھرىبانلىقتەك ئىسىل مىللىي خاسلىقنى ساقلاپ، ۋەتەن سېغىنىشى،ئانا يۇرت تەشنالىقى ئىچىدە تىرىشىپ، تىر مىشىپ ھايات كەچۈرۋاتقانلىغىنى، ئۆزىدىكىئۇرغۇپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن يۇغۇرۇپ،ئۆزلۈك ۋە كىملىك نوقتىسىدىنتولىمۇ تەسىرلىك بايان قىلىپ بەرگەن.

    قىسقىسى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق بۇ كىتاب،بىزنىڭ يىراق شىمالىي ياۋروپادىكى بىر ئەلنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىپلا قالماي،بەلكى يەنەبىزنى مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئىددىيە،مەدەنىيەت ئەھۋالى جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد، تۇرمۇش،ئۆرپئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىدىكى پىنھان سىرلارنى، ئۆتكەن دەۋىردىن يېڭى ئۇچۇرلارنى بىرىد ىغان تىلى گۈزەل، سەۋيىسى يۇقرى، بىلىم ۋەئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك بىركىتاب. مەن بۇلارنى دىيىش ئارقىلىق يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ كىتاپنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     

     

    قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن­                                   تۇرسۇن ئابدۇللابەگيار       

               2006-يىل ئۆكتەبىر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.