ناۋا پروگراممىسىغاچۈشكەن پىكىرلەرگە ئوچۇق خەت

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 12:59:00

ناۋا پىروگراممىسى ھەققىدە نارازىلىقلارنى كۆرگىنىمدىن ۋە «ئۇيغۇرلار نىمىشقا ئەنئەنىنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، ناۋا سەھنىسىدە نىمىشقا ھىپ-ھوپ ناخشىلارغا ئورۇن بېرىلىدۇ؟» دىگەندەك مۇتەئەسسى...

      ناۋا پىروگراممىسى ھەققىدە نارازىلىقلارنى كۆرگىنىمدىن ۋە «ئۇيغۇرلار نىمىشقا ئەنئەنىنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالدۇق، ناۋا سەھنىسىدە نىمىشقا ھىپ-ھوپ ناخشىلارغا ئورۇن بېرىلىدۇ؟» دىگەندەك مۇتەئەسسىپ پىكىرلەر چۈشكەندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم.
        بىزئەزەلدىنلا چىرايلىق كىيىنىپ، ياخشى گەپ-سۆزلەر بىلەن ئىززەت-ھۆرمەت قوغلىشىپ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاشخانا، دۇكان ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئىچى-تېشىنى بېزەپ، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ خوشنا خۇلۇم ۋە ئەل ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىلىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر ئەل. بىزيەنە داۋاملىق يۇسۇندا يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ يامان ئىللەتلىرىمىزنى تاشلاپ ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ ئوزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ كەلگەن ئەل .ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەتتە «ئۇمۇملاشقان ئەمەس بەلكى ئۇلۇغلانغان نەرسە ھەقىقى سىمىۋول ھىساپلىنىدۇ». مەسىلەن:  دۇنيادىكى مىللەتلەر ھەر قانچە ئۇمۇملاشقان بولسىمۇ نامراتلىقنى ئۆزىنىڭ سىمىۋولى ياكى مىللى كىملىكنىڭ بەلگىسى قىلىۋالمايدۇ. ئەكسىچە  ئەجدادلىرىنىڭ شەرەپ قۇچقان چاغلىرىنى مىللىتىنىڭ روھى ئوزۇقى ھىساپلاپ دەبدەبە قىلىدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ ھاياتىدا زۆرۈر بولغان رىقابەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ كىيىم كېچىكى ياكى كونا مەدەنىيەتتە مەھكەم تۇرغانلىقىدا ئەمەس ئۆزلۈك ئېڭى، تىلى ۋە پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى، ئىقتىسادى تۇرمۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.30-يىللاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە سانايى نەپىسىلەردە لۇتپۇللادەك يىگىتلەر تاھىر-زوھرانى ئوينىدى.80-يىللاردا پاشا ئىشان بىلەن ئاخىرلاشتى. يەر ئىسلاھاتى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تەكلىماكان بويىدىكى چەت ناھىيىلەردىمۇ ئۆزىنى40-يىللاردىكى رەسىمىنى ساقلىغانلىقىدىن چەتئەللىكنىڭ رەسىمىنى ساقلاپسەن، چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلەر بارلىققا كەلدى. پۇت كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن تەييار بولغان مۇسابىقە مەيدانىغا ئوخشاش، يەر ئىسلاھاتى، سوتسىيالىستىك تەربىيە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى قاتارلىق پۈتكۈل جۇڭگۇغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىنقىلابى ھەركەتلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار قورقۇنچ، بىلىمسىزلىك، نامراتلىق دەستىدىن مەدەنىيەتنى ئۇنتۇپ، سودا ئىقتىدارىنى يوقىتاي دىگەن 80-يىللاردا بازار ئېچىۋېتىلدى.60-يىللاردىن كېيىن تازىلىۋېتىلگەن ۋالىسلار، گىتار ئاكاردىيونلار ئارىمىزغا قايتىپ كەلدى.

         ئۇيغۇرلار بىر نەچچەيلەن دىگەندەك زامانىۋىلىشىپ ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويغىنى يوق، ئەكسىچە دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىشىكىمىز نەچچە ئون يىل تاقىۋېتىلگەنلىكتىن بىز يەنىلا دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان ئەڭ يېڭى پەن-تەتقىقات، سەنئەت يۈزلىنىشىدىن تاشلىنىپ قالغان مىللەتمىز. خەۋپ بىزنىڭ زامانىۋىلىشىپ ئامېرىكىنى دورىۋەتكەنلىكىمىزدىن ئەمەس، قاتماللىشىپ پەن -بىلىم ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتتە دۇنيانىڭ غايەت زور ئارقىدا قالغانلىقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا ناۋا پىروگراممىسىنىڭ سەھنىسىدە دۇنيادا 60-يىللاردىلا ئۇمۇملاشقان جاز، ھىپ-ھوپ دىگەندەك مۇزىكا ئۇسلۇبلىرى كۆرۈنۈش بىلەنلا بۇنىڭ بىر يېڭى شەيئى ئىكەنلىكىگە قارىماستىن ئەينى يىللىرى ئاكاردىيون -گىتارنى تىللىغان، ئۇزۇن چاچ بىلەن يەڭنى تۈرۈپ ئېلىشقان كونسىرۋاتىپلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىدىن بۇلارنى كىم سەھنىگە چىقاردى دەپ ۋىجدانى قايناپ تېشىپتۇ. زامانىۋى مۇزىكىلار راستلا ئۇيغۇر ھاياتىغا تەھدىت سالغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتىمۇ؟ قنى ئۇيغۇردا ئاللىبۇرۇن دۇنياۋى مۇزىكا ئۇسلۇبى بولۇپ شەكىللەنگەن جاز، بىلۇز، روك، فاڭك، مېتال قاتارلىق ئۇسلۇبلاردا ناخشا مۇزىكا ئورۇنلايدىغان قانچىلىك ناخشىچى بار؟ كىشىلەرنى جەڭگىۋارلىققا، تىرىشچانلىققا تەبىئىلىككە ئۈندەيدىغان، دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان شۇ مۇزىكىلارغا قارشى تۇرۇپ، يىغلاڭغۇ ناخشىلارغا، ئۇسۇللۇق ناخشىلارغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىش سىزچە مىللەت مەنپەئەتىگە يېڭىلىق، تەرەققىيات ئېلىپ كېلەمدۇ؟

         پەقەت كەلگۈسى بولمىغان مىللەتلەرنىڭلا ئۆتمۈش ۋە ئەنئەنىدىن باشقا ھىچنىمىسى بولمايدۇ. يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مانا بۇنىڭ مىسالى -ئۇلار ئەنە شۇ ئالا چىپار كىيىملىرىدىن، غەلىتا سەللە-كەمزۇللىرىدىن، قۇمۇش چالغۇلىرىدا ئورۇنلاپ چۆگىلەپ سەكرەيدىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئايرىلسا گېلاۋزۇ ياكى مىاۋزۇ بولالمايدۇ. بىراق ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت كانىۋايلىرىنى كىيمەي تۇرۇپلا ئىتاليانچە، فىرانسۇزچە ناخشىلارنى ئورۇنلىيالايدۇ. زامانىۋى مۇزىكا ئېقىملىرىنى پەقەت كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان يول ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىن قورقمايدىغان بۈگۈنكى زامان مىللەتلىرىلا قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇيغۇر مۇستەقىل تىل-يېزىق، ئۇزاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بارلىق ئېتنىك شەرتلىرى ھازىرلانغان بىر مىللەت. ئۇ دۇنيادىكى ئەنگىلىز، فىرانسۇز، نېمىس، شىۋىت ۋە باشقا بارلىق دۇنيا مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا يەر شارىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى. ئۇ مۇشۇ دۇنيادا ئۇزاققىچە ئۆز مەۋجۇتلىقىمنى ساقلايمەن دەيدىكەن چوقۇم دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئېقىملىرىنى چۈشىنىشى، ئىمكان بار يېتىشىپ مېڭىشقا تىرىشىشى كېرەك. 
        ئەگەر قاينىغۇچى دىنى نۇقتىدىن كۈزەتكەن بولسا جاۋابىمىز شۇكى سىز ئاۋال پەرز ئەمەللەرنى ئورۇنلاڭ، ھارامدىن ساقلىنىڭ. ئەگەر ئېشىنغان بولسىڭىز ئەمدى مەقسەتكە كېلەيلى. دىنىمىزنىڭ نەزەرىدە دۇتار ۋە گىتارنىڭ ھالال ھاراملىق دەرىجىسىدە پەرق ئەسلا يوق.   دىنىمىزنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبى بىلەنمۇ ئەسلا ئىشى يوق، ىسز دەڭچۇ دىنى نۇقتىدىن ئۇزۇن كىيىملىك ھىپ-ھوپ بەكرەك ھاراممۇ ياكى قوساقنى ئېچىۋېلىپ ئوينايدىغان ئاتالمىش مىللى ئۇسۇلمۇ؟
        ئەگەر سىز بارلىق سەنئەت ھارام دەپ قارىغۇچىلاردىن بولسىڭىز، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنىڭ، مەنپەئەتىنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقىنىڭ دىن بىلەنلا ئەمەس، تىل-يېزىق، سەنئەت، ئىقتىساد بىلەنمۇ چەمبەرچەس باغلىنىدىغانلىقى تۈپەيلى مەن سىزگە ئىسلام ئالىمى قەرزاۋىنىڭ«ئىسلام دۇنياسى ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتتە دۇنياغا يېتىشىپ مېڭىشى ھەتتا يېتەكچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك» دىگەن سۆزىنى ھەدىيە قىلىمەن.جەمىيىتىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەممە نەرسە دۇنياغغا يۈزلىنۋاتقان ئىلىم- پەن ،ئىقتىساد، مەدىنيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىردە بىز ئۇيغۇر مىللىتىمۇ دەۋىرگە ماسلىشىشىمىز يېڭىلىقلارنى ئۈزلىكسىز قۇبۇل قىلىشىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ تەرەققي قىلدۇرىشىمىز لازىم، بۇ دەۋىرنىڭ مۇقەرەر تەلىپى ئەمدى بىز ئۇخلاپ ياتساق بولمايدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق