ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى !

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-06 11:08:00

ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! ئىلاۋە : ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىبكاتتا...

             ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى !

      ئىلاۋە : ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل)  سۆزى بولمىش پەندى-نەسىھەتلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەركانلىرىغا ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن  ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇدلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە مۇھتاجمىز.

         ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەب-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىننىتىدۇر. زامان تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىنسانلار ئىدېئولوگىيىسىدە مەيلى قانداق تەۋرىنىش ، ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلسۇن، زامان مەككارلىرى مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالدىسۇن ، جەمئىيەت يەنىلا ئۆركى ئەخلاققا مۇھتاجدۇر !

                                                                 1. سالاملىشىش قائىدىسى

             تونۇش ياكى ناتونۇش   ئىككى كىشى ئۆزئارا  ئۇچرىشىپ قالسا بىر-بىرلىرى بىلەن سالاملاشمىقى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا سالاملىشىپلا قالماي يەنە بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراشلىرى لازىم. بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە ئىككىنچى كىشى دەرھال ئىلىك ئېلىپ سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالام بەرگۈچى سالامنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تولۇق ئېيتقاي، «ئەسسالام ئەلەيكە» دېيىشى دۇرۇست ئەمەس، «سالام ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» ۋەياكى «ئەلەيكەس سالام» ۋەھەم «سالام بەردۇق» دېيىشكە زىنھار بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولۇپ، بۇنى «ئەلەيكۇل سالام» ، «ئەلەيكەس سالام» ياكى پەقەت «ئەلەيكۇم» دەپلا قويۇش توغرا ئەمەس. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر. «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولسا «سىزگە ھەم تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر.

          سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ئىككى قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە. ياشتا كىچىك كىشى چوڭ ياشتىكى كىشىگە ، مېڭىپ كېتىۋايتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بەرمىكى بەرھەقتۇر. كەمسىتىپ ، كۆزگە ئىلمىغاندەك ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەبسىزلىكتۇر. سالام سەمىمىي بولسۇن. سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىقلىرى لازىم. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۈرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ناۋادا بىر كىشى تونۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىنى قىلالمىسا، شۇ جايدا تۇرۇپ ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام ئىشارىسىنى قىلسا بولىدۇ.

          قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ كۆرۈشۈش بەكمۇ ئەدەبسىزلىكتۇر. بۇنداق قىلىش سالام بەرگەن كىشىنى كەمسىندۈرگەنلىك ۋە كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى لازىم.

                         2.كوچا-كويلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالماق لازىم
       كوچا-كويلاردا ئەدەب بىلەن يۈرۈش، كىيىملىرىگە مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلماقلىق بار. ئاغزىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەنلا نەرسىگە ھاڭۋېقىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. بازاردا ۋە ئادەملەر كۆپ جايلاردا ئېھتىيات بىلەن يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن چامداپ باشقىلارنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىۋېلىش ياكى باشقىلارنى سوقۇۋېتىش، ئىتتىرىۋېتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نالايىق ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىش ياخشى ئەمەس.
       مەگەركىم ئىككى ئەر كىشى ياكى ئىككى ئايال كىشى ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇرغان بولسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش تەربىيىسىزلىكتۇر. ناۋادا يولدا بوۋاي-مومايلار كېتىۋاتقان بولسا ھۈرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىش، ئالدىراش ئىش بىلەن كېتىۋاتقان بولسا ئۇلاردىن چەتنەپ يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا سۆزلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە دەخلى قىلىش ئوخشاشلا ئەدەبسىزلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسىدۇر ، شۇڭا چەترەك جايدا تۇرۇپ سۆزلىشىش لازىم.
        يولدا پۇتلىشىپ تۇرغان تىكەن، تاش ۋە نىجاسەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە بۇ نەرسىلەرنى چەترەك بىرەر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسە ساۋابلىق ئىش قىلغان بىلەن باراۋەردۇر. كوچا-كويلاردا كېتىۋېتىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، ئەخلەت تاشلاش بەك تەربىيىسىلىكنىڭ ئالامىتى. كوچا-كويلاردا ياشانغانلار، بالىلار ياكى ئاجىزلار ئۇچراپ قالسا ئۇلارغا ياردەملەشمەكلىك كېرەك. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا يۈكلىرى بولسا دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىدىن ئېلىپ ياردەم بەرگەن كىشى ئالىيجانابلىقىنى ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلغان بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ساۋابىنى كۆرۈدۇ. يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى جامائەت ئەخلاقىغا قەتئىي رېئايە قىلمىقى زۆرۈر، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىش، سۆز تاشلاش، چېقىلىش ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئەدەبسىزلىك بولۇپلا قالماي يەنە ئەخلاقسىزلىقتۇر. بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىغۋا ، پىتنە-پاسات ، غەيۋەت-شىكايەت، تۆھمەت-بۆھتانلاردىن تىلىنى تارتماقلىق لازىم. بىرەر كىشىنىڭ تېيىلىپ ياكى پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ كەتكىنىنى كۆرسە دەرھال يۆلەپ ياردەم قىلىشمۇ تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ناماياندىسى.

       3.ئىجازەت سوراش ئەدەبلىرى

    بىراۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرگىچە ئىشىكنى چېكىپ ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىقى لازىمدۇر. ئۈن-تىنسىز ، شەپە چىقارماي ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىش ئۇچىغا چىققان ئەدەبسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىكتۇر. ئاۋۋال ئىشىك ئاستاراق چېكىلمىكى كېرەك، ئىچكىرىدىن تاۋۇش چىقمىسا بىرئازدىن كېيىن يەنە چېكىڭ، ئەنە شۇنداق ئۈچ قېتىم چېكىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆي ئىچىدىن شەپە بولمىسا ئۆيدە ئادەم يوقلىقى ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ جىددىي ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ مېھمان قوبۇل قىلغۇسى يوقلىقى مەلۇمدۇر. شۇڭا ئىشىكنى يەنە تاراقلىتىۋەرمەي ئارقىغا يېنىش لازىمدۇر.
       ئەگەر ئۆي ئىگىسى «سىز كىم ؟» دەپ سورىسا «مەن »دەپلا جاۋاب بەرمەي نامۇ-شەرىپىنى مەلۇم قىلىش لازىمدۇر. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەدەب-قائىدە بويىچە سالاملىشىپ ، نېمە ئىش توغرىلىق كەلگەنلىكنى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دېيىش كېرەك. بۇ چاغدا سۆز مۇلايىم ئېيتىلغان بولسۇن. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشىشكە تەكلىب قىلسا رەھمەت ئېيتىپ ماقۇل بولۇش كېرەك، ، ئىش بەك ئالدىراش بولسا ئۆزرە ئېيتىپ تەكلىبىگە رەھمەت بىلدۈرمەك كېرەك، ئۆي ئىگىسى ماقۇل كۆرسە كېلىش مەقسىتى بىلدۈرۈلسە بولىدۇ. كېرەكلىك جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن خوشلىشىش لازىمدۇر.

     

     4.مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرى

    ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىرەر ئادەمنى تەكلىب قىلغان بولسىڭىز ياكى چاقىرمىغان بولسىڭىزمۇ كۆڭلى تارتىپ سىز بىلەن بىردەم - يېرىمدەم ھال-مۇڭ قىلىشقىلى ئۆيىڭىزگە كەلگەن بولسا ( كېلىشىدىن خەۋىرىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ ) ، سىز مېھماننى خۇشخۇي ، خۇشپېئىل قارىشى ئېلىپ ھۈرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىڭ ، سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ ، يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ، ئىچكىرىگە تەكلىب قىلىپ تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭ . ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن دەرھال دەستۇرخان سېلىپ تائام كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىڭ . ناننى يېتەرلىك قىلىپ ئۇشتۇڭ ، كۆپ ئۇشتۇپ قويسىڭىز نان ئىسراپ بولىدۇ ، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭ . مېھماننى « قېنى ، مەزەلەرگە بېقىڭ » دەپ تەكلىب قىلىڭ ۋە ئەۋۋەل ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ. مېھماندىن ئەۋۋەل قولىڭىزنى تائامدىن تارتىۋالماڭ ، ئاز - ئازدىن بولسىمۇ بىرلىكتە يېگەچ تۇرۇڭ ، بولمىسا مېھمان خىجىل بولۇپ قېلىپ تائامدىن قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ . مېھماننى « قېنى ئېلىڭ ، بېقىڭ » دەپ ھەددىدىن زىيادە قىستاۋەرمەڭ ، ئۈچ قېتىم تەكلىب قىلىپ قويسىڭىز كۇپايە . دەستۇرخانغا قويۇلغان تائام ئاز بولسا ئۆزىڭىز ئاز - ئاز ئېلىپ كۆپىنى مېھمانغا يېگۈزۈڭ . مېھمان تويۇپ تائامدىن قول تارتقاندىن كېيىن دەرھال قولىغا سۇ قۇيۇپ پاكىز لۈڭگە بېرىڭ . مېھمان بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ سۆزلەڭ ، ئۇ كۆتۈرەلمىگىدەك سۆزلەر ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن، بولمىسا بەزى سۆزلىرىڭىز ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن . مېھمان ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىڭىزدىن بىرەرىنى دۈشكەللەپ ياكى ئەيىبلەپ ۋە ياكى قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ سالماڭ ، بۇنداق بولۇپ قالسا مېھماننىڭ كۆڭلىگە تۈرلۈك ئويلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . مېھمان كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرسا ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ خوشلىشىڭ ۋە يەنە كېلىپ مېھمان بولۇپ تۇرۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈڭ . ناۋادا سىز كۆپ كىشىنى مېھمانغا چاقىرغان ياكى بىرنەچچە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىڭ.

     5. مېھماننىڭ ئىززىتى
    ئەگەر بىراۋلار سىزنى ھۈرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ توي ، زىياپەت ، مەرىكىلەرگە چاقىرسا چوقۇم بېرىڭ . بىرەر زۆرۈر ئىشقا تۇتۇلۇپ قېلىپ بېرىشقا ئىمكان بولماي قالسا ئۆزرە ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراڭ ۋە ئۆزىڭىزگە ئىززەت - ئېكرام كۆرسىتىپ ، ھۈرمەت - ئىززەت قىلىپ چاقىرغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرۈڭ . تەكلىب قىلىنمىغان بىرەر كىشىنى توي ، زىياپەت ۋە باشقا مەرىكىلەرگە ھەرگىز بىللە ئېلىپ بارماڭ . توي ، زىياپەت ۋە مەرىكىلەرگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتالار سۆزلىرى بويىچە ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ .ئۇ يەردە ئاچكۆزلۈك قىلىپ تاماقنى ھەدەپ يەۋېرىش ئەيىب سانىلىدۇ. ساھىبخان دەستۇرخانغا نېمە كەلتۈرسە ئۇنى ئېترازسىز يەڭ . دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن نازۇ - نېئىمەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ، بۇ بەك ئۇيات ئىش . مېھمانلاردىن ئاشقان تائاملارنى تەۋەررۈك ، دەپ زورلاپ بىر - بىرىگە يېگۈزۈش بولمىغۇر قىلىق ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلانماق كېرەك. زىياپەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇۋەرمەي ساھىبخانغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىشقا ئىجازەت سوراش كېرەك .

    6.سۆھبەتلىشىش ئەدەبلىرى

             توي، زىياپەت، مەرىكە قاتارلىق سورۇنلارغا بېرىپ سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئادەملەر قاتارىغا كىرسىڭىز مۇنۇ سۆھبەت ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ : 
     ئولتۇرغانلارنىڭ نەپرىتىگە، ھېچ بولمىغاندا سالقىن مۇئامىلىسىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەن ۋە كىيىمىڭىزنى پاكىز-رەتلىك تۇتۇڭ، ئاغزىڭىزدىن سامساق، خامپىياز ۋە ياكى باشقا غەيرىي پۇراق پۇراپ تۇرمىسۇن. سۆھبەتداشلار ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ، بىرلا قېتىم بېرىلگەن سالام شۇ جايدىكىلەرگە ئورتاق تەۋە بولىدۇ . ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ يۇقىرىسىغا چىقىپ ئولتۇرماڭ، ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا رۇخسەتسىز كىرىپ ئولتۇرۇۋالماڭ، سىزدىن يۇقىرىراق ئولتۇرغان ئادەم سىرتقا چىقماقچى بولۇپ قالسا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يول بېرىڭ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قېتىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ، يانپاشلاپ ياكى پۇت-قولنى خاھلىغانچە سوزۇپ ۋە ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇش ئەدەبسىزلىكتۇر. 
      ئولتۇرغانلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارىلىشىشنى خاھلىسىڭىز ئەپلەشمەيدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىڭ. چوڭلارغا ھۈرمەت ۋە كىچىكلەرگە ئىززەت بىلدۈرۈڭ، ئۇلارنىڭ ياش ۋە دەرىجىسىگە قاراپ ئىللىق ۋە ھغرمەت تۇيغۇسى ئىپادە قىلىنغان چىرايىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ خىڭىلداپ سۆزلىمەڭ. مۇئامىلىڭىز خۇشخۇي، چىرايىڭىز ئىللىق، سۆزىڭىز شېرىن ۋە مۇلايىم بولسۇن. مۇبادا چۈشكۈرمەكچى ياكى يۆتەلمەكچى ۋە ياكى ئەسنىمەكچى بولۇپ قالغىدەك بولسىڭىز ئېغىز - بۇرنىڭىزنى قولياغلىق بىلەن، قولياغلىق سالمىغان بولسىڭىز قوش ئالىقىنىڭىز بىلەن تۇتۇپ ئاستاراق چۈشكۈرۈڭ ياكى يۆتىلىڭ ۋە ياكى ئەسنەڭ، سورۇندىكىلەرنى ئىشقا بۇيرۇماڭ. باشقىلاردىن يېشىڭىز كىچىكرەك ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز غىزا كەلتۈرۈلگەندە دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ  خىزمەت قىلىشقا تۇتۇنۇڭ، ساھىبخانغا ياردەملىشىڭ، ئەمما قىلغانلىرىڭىزنى زىنھار مىننەت قىلماڭ.
      سۆھبەت داۋامىدا مۈگدەپ ئولتۇرۇشقا زادىلا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش بەك قەبىھ ئەدەبسىزلىكتۇر. سۆزگە قوشۇق سېلىش مۆرىتى كەلگەندە گەپنى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىڭ، ھەرگىز باشقىلارغا سۆز بەرمەي ئۆزىڭىزنى بىلەرمەن كۆرسىتىپ ھەدەپ سۆزلەۋەرمەڭ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە سۆزلەش پۇرسىتى كەلمىسە پۈتكۈل سۆھبەت داۋامىدا قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرۇڭ، بۇ سىزگە پايدىلىقكى قىلچە زىيىنى يوق. بىرەيلەن سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۆلۈپ گەپكە قوشۇق سالماڭ ( ئارىسىغا سۆز قىستۇرماڭ). ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سۆزلەيدىغانلىرىڭىز ياكى قىستۇرىدىغان سۆزىڭىز ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا سۆھبەتداشلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ئىخچام ، مۇلايىم قىلىپ سۆزلەڭ. زىيادە كۆپ سۆزلەپ ئەزمىلىك قىلىپ تۇرماڭ، سۆزىڭىز مەنالىق بولسۇن ، بولمىسا مېھمانلار زېرىكىپ قالىدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، غەيۋەت سۆزلەر چىقىپ قالغىدەك بولسا قۇلاق سالماڭ ھەم  چاندۇرماي شۇ تېمىدىكى سۆزلەرنىڭ غەيۋەتلىكىنى كۆپچىلىككە ئەپچىل ئۇسۇلدا بىلىندۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىڭ، پەقەت بولمىغاندا سورۇندا ۋاقتلىق ئايرىلىشقا ھەرىكەت قىلىڭ. سۆزلەۋاتقان چېغىڭىزدا باشقىلارنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىلىپ سالماڭ يەنە ھەم سۆزلەۋاتقىنىڭىزدا بىگىز بارمىقىڭىز(كۆرسەتكۈچ بارماق) بىلەن شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ. سۆھبەتداشلارنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىگە تەگمەڭ، ئۇلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتماڭ، بىرەرسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى ياكى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلماقچى بولسىڭىز ھەرگىز ئەدەب - ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭ. 
     ھەممىلا سۆزگە قاقاھلاپ كۈلۈۋەرمەڭ. سۆھبەتداشلارنى زاڭلىق قىلماڭ. ئۇلارنى لەقەملىرى بىلەن چاقىرماڭ، بولمىسا بەزى تېرىككەكرەكلىرى بولسا كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. سۆھبەت سورۇنىدا ئورتاق پاراڭ بولۇۋاتقاندىكىن يېنىڭىزدىكىلەر بىلەن پىچىرلىشىپ ياكى گۇدۇڭلىشىپ خۇسۇسىي پاراڭ سالماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بەزىلەردە گۇمان تۇغدۇرۇپ قويىسىز.
    شۇنداق بىر نەرسە باشتىن ئاخىر ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆھبەت سورۇنىدا بىراۋلار سۆزلەۋاتقان بولسا ئۇياققا - بۇياققا قاراپ پەرۋاسىز ئولتۇرماڭ، سىزگە ياقمايدىغان سۆز بولغان تەقدىردىمۇ سورۇندىكىلەر ياقتۇرۇشى مۇمكىن. بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا سۆزلەۋاتقان كىشىگە قاراپ ئولتۇرۇڭ.

     

    7.يېمەك-ئىچمەك ئەدەبلىرى

       تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا، ئۆلچەملىك يەڭ، بەك تويۇپ يېمەڭ، قارنىڭىز %70 تويسا بەك مۇۋاپىق. زورلاپ بەك كۆپ يەۋالسىڭىز ھەزم قىلالماي ئاۋارە بولۇپ قالىسىز، ھەتتا ساقسىز بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
        كۆپچىلىك بار بىرەر سورۇندا ئولتۇرغىنىڭىزدا تاماق يېيىشكە توغرا كېلىپ قالسا پېشقەدەم كىشىلەر تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە سىز ھەرگىز قول ئۇزاتماڭ. ئورتاق تەخسىدىكى تاماقنى ئۆز ئالدىڭىزدىن ئېلىپ يەڭ. ناننى ئىككى قولىڭىز بىلەن سۇندۇرۇڭ. قولىڭىزغا تاماقتىن يۇققان ماينى ھەرگىز نانغا سۈركىمەڭ. تاماقنى ئالدىراپ-سالدىراپ يېمەي ئوبدان چايناپ ئاستا يۇتۇڭ. ئاغزىڭىزنى بەك يوغان ئېچىپ يېمەڭ. چاي ئوتلىغاندا ياكى سۇيۇق-سەلەڭ غىزا يېگەندە ئاۋاز چىقارماڭ. ئاغزىڭىزدا چايناۋاتقان تاماقنى يۇتۇپ بولماي تۇرۇپ تاماققا قول ئۇزاتماڭ. قولىڭىزنى تاۋاق ياكى چىنىگە سىلكىمەڭ. دەستۇرخاندا تۇز، ئاچچىقسۇ دېگەندەك نەرسىلەر بولسا قولىڭىزدىكى يەۋاتقان تاماقنى  ئۇلارغا چىلاپ ياكى تەگكۈزۈپ يېمەستىن قوشۇق بىلەن ئۇلاردىن ئېلىپ تامىقىڭىزغا قوشۇپ يەڭ. قوشۇق بىلەن تاماق يېگەندە قوشۇققا تاماقنى بەكمۇ تولدۇرۇپ ئېلىۋەتمەي يېرىمراق ئېلىڭ. ئېلىۋاتقان قويۇق ياكى سۇيۇق تاماقنىڭ دەستۇرخانغا تېمىپ ياكى چېچىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئېھتيات قىلىڭ. قوشۇقتىكى تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ يېرىمىنى تاۋاققا قايتۇرۇپ تۆكمەڭ. ئاغزىڭىزغا سىغقىدەك ئېلىڭ. ئاغزىڭىزنى تاماق بار قاچىغا ( ئورتاق لىگەن - تاۋاق ) زادى يېقىن ئەكلەلمەڭ. قوشۇقنى تاماق بىلەن قوشۇپ ئاغزىڭىزنىڭ ئىچىگە تىقماڭ.  دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن مېۋىلەرنى يېمەكچى بولسىڭىز يېگەن مېۋىلىرىڭىزنىڭ شاكال-ئۈچكە-شۆپەكلىرىنى يېيىلمىگەن مېۋىلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلىماي بوش قاچا ئىچىگە تاشلاڭ.
       شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،  سۆھبەت ياكى غىزا سورۇنلىرىدا ، قىسقىسى ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەم بار سورۇندا بۇرۇن كوچىلىماڭ. تۈكۈرمەڭ. بۇرۇن تاشلىماڭ ۋە سۈرتمەڭ ھەم تارتماڭ. تىرناق كىرى ئالماڭ ۋە ھەم تىرناقمۇ ئالماڭ.

    8.ئەر-خوتۇنلۇق ئەدەبلىرى

       ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببەت تېمىپ تۇرغان قىلىقلىرى ۋە ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشى ئائىلە ۋە پەرزەنت ئۈچۈن چەكسىز بەخت-سائادەت كەلتۈرۈدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن راھەت-پاراغەت ئىشىكىنى ئېچىپ شادلىق تۈگمىنىگە ئۇلۇغ سۇ باشلايدۇ. ناۋادا ئاتا بىلەن ئانا تەرتىپلىك، ئەدەبلىك، بىر-بىرىگە خۇش مۇئامىلىلىك بولسا بالىلارمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ شۇنداق تەربىيەدە ئۆسۈدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە تەرتىپسىز، ئۇرۇشقاق ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئەر-خوتۇن بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. بەزىدە ئائىلىدە ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈستىدە كېلىشەلمەسلىك بولۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭدىن ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەچۈ-ئوغۇشلارىمىز (بابايى-ئەجدادلىرىمىز  يەنى  ئاتا-بوۋىلىرىمىز ) : « ئۇرۇش- جىدەللىك ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ، مۇھەببەتلىك ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ ، ئەر-خوتۇننىڭ جىدىلى داكا ياغلىق قۇرىغىچىلىك بولسۇن» دېگەن ھېكمىتىنى ناھايىتى دۇرۇست ئېيتقان. «تاما-تاما كۆل؛ بولۇر» ، دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك جىدەللەر بارا-بارا چوڭىيىپ كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇسى مۇمكىن. ئىستىقبالىنى ياخشى چۈشىنەلىگەن ئەر-خوتۇن ئەنە شۇنداق كىچىك، ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە چىققان جىدەللەرگە يول قويماسلىقى كېرەك. بولمىسا كونا خامان سورۇلۇپ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلىنىپ ئائىلىنىڭ ھۇلىغا چاك كېتىدۇ.

    ئەر مۇنۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك: ئايال ئىززەت ۋە ھۈرمەتكە ئىگە بىر زاتتۇر، ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆرمەسلىك، قەدىرلىمەسلىك ۋە تەقدىرلىمەسلىك ئىنساب ۋە مۇرۇۋەتتىن كۆز يۇمغانلىقتۇر. ئايالنى تۇغۇتتىكى قىيامەت كۆرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى:  بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلىش ئانا ئۈچۈن بىر مەيدان قانلىق ئۇرۇشتىن يەنى يا ئۆلۈم يا كۆرۈم ، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس( يېڭى بىر مىسالنى ئالسام تېخى مۇشۇ يېقىندىلا يۇرتىمىزدىكى ئەڭ كونا ۋە ئەڭ چوڭ بىر گېزىتتە گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەيدىغان بىر بۇرادىرىمنىڭ خوتۇنى ئىككىنچى بالىسىنىڭ تۇغۇتىدا ياپ-ياش ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدىغۇ ؟ ھاۋاگۈلنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) ، چۈنكى باھادىر ئەر-يىگىتلىرىمىز قان كېچىپ جەڭگە كىرگەنلىرىدە « اللاھۇ ئەكبەر، قېرىنداشلار ، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، قېنى ئالغا» دېيىشىپ جەڭگە كىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ دېمەك ئانىنىڭ تۇغۇتى بىر مەيدان ھايات-مامات جېڭىدۇر. ئامان-ئېسەن كۆزى يورۇپ بوۋاقنى قۇچىقىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇنى بېقىپ تاكى قاتارغا قوشقۇچە ئايال كىشى ئاز ئازاب چېكەمدۇ ؟ ئەر ھۈرمەتلىك خوتۇنىغا قانچىلىك شەپقەت بەرسە، قانچىلىك سۆيگۈ-مۇھەببەت بەرسە، قانچىلىك ھۈرمەت-ئىززەت بەرسە ئازلىق قىلىدۇ.

      داۋامى :

       تەربىيە كۆرگەن، ئەدەبلىك،ئەخلاقلىق ئەركەك ئۆز خوتۇنىنى بىر ئۆمۈر ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدۇ، خوتۇنى بىلەن با مەسلىھەت ئىش قىلىدۇ. خوتۇنى ۋە بالىلىرىغا ئىللىق چىراي ۋە شېرىن سۆزلىرى ئارقىلىق مېھر يەتكۈزۈدۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتە قولىدىن كېلىشىچە تەڭلىكتە قالدۇرمايدۇ، ھالال مېھنەتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدا قان-تەر تۆكۈدۇ. تاپقان-تەرگىنىنى بىھۇدە ئىشلارغا بۇزۇپ-چاچماي پەقەت ئائىلىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. يەنە شۇ تەربىيە كۆرگەن، ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق  ئەر كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتقاندا سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرمەستىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىدۇ. خوتۇنىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ھۈرمەتلەپ، ئۇلار بىلەن يېقىن باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى قىلىپ تۇرىدۇ. خوتۇنىنىڭ بىرەر ئىشىدىن نارازى بولسا نارازىلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن بىلدۈرۈپ نەسىھەت قىلىدۇ.

    ئەمدى ئائىلىدە خوتۇننىڭ ۋەزىپە-ئەدەبلىرىگە كەلسەك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇن ئائىلىدە مۇنۇ ئىشلارغا رىئايە قىلسا ئۆزى، پەرزەنتلىرى ۋە ئېرىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈشۈگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ:

    ئەر دائىم خوتۇنى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، ئائىلىسىنىڭ مەئىشەت جەھەتتە قىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئالدىراش ئىشلەيدۇ، بۇ يولدا تۈرلۈك مۇشەققەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي كۆرۈپ ھۈرمىتىنى قىلغان خوتۇن ئېرىنىڭ ھۈرمىتىگە، پەرزەنتلىرىنىڭ چوقۇنىشىغا ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا نائىل بولالايدۇ.

    ئەقىللىق، نومۇسچان خوتۇن ئېرىنىڭ خۇشلىقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بولىدۇ. ئېرى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئۇنى شېرىن-شەكەر سۆزلىرى، خۇش قىلىقلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق تاتلىق سۆز، خۇش قىلىقلىرى بىلەن قارىشى ئالىدۇ. ئېرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ-دەزماللىنىپ پاكىز تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاماقنى دەل ۋاقتىدا تەييارلاپ، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ خۇشال-خۇرام غىزالىنىدۇ.تاماق ۋاقتىدا قاپىقىنى تۈرۈپ، بالىلىرىغا دوق قىلىپ ئېرىنى رەنجىتمەيدۇ.

       «ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك، ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق خوتۇن تېجەشلىك بولىدۇ، بەدخەجلىك قىلمايدۇ، قانائەتچان كېلىدۇ، ماددىي مەئىشەتكە زىيادە بېرىلمەيدۇ، بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈدۇ، ئېرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشماي تۇرۇپ بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ، ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ ھە دېسە ئېرى بىلەن جىدەللەشمەيدۇ، ئېرىدىن بىرەر سەھۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئېرىنى شۇ ئىشىدىن ياندۇرىدۇ.  ئېرىگە بىر ئۆمۈر مۇھەببەت بېرىدۇ ۋە سادىق بولىدۇ. ئېرىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە  تۇغقانلىرى ياكى دوست=يارانلىرىنى ھۈرمەت قىلىدۇ، ئۇلار كەلسە ئوچۇق چىراي قارىشى ئېلىپ ئەڭ ئېسىل نازۇ-نېئىمەتلىرىنى تىزىپ مېھمان قىلىدۇ. مانا شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆي خوجايىنى ئايال ئېھترام  ۋە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

    تەربىيە كۆرگەن، ئەدەبلىك،ئەخلاقلىق ئەركەك ئۆز خوتۇنىنى بىر ئۆمۈر ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدۇ، خوتۇنى بىلەن با مەسلىھەت ئىش قىلىدۇ. خوتۇنى ۋە بالىلىرىغا ئىللىق چىراي ۋە شېرىن سۆزلىرى ئارقىلىق مېھر يەتكۈزۈدۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتە قولىدىن كېلىشىچە تەڭلىكتە قالدۇرمايدۇ، ھالال مېھنەتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدا قان-تەر تۆكۈدۇ. تاپقان-تەرگىنىنى بىھۇدە ئىشلارغا بۇزۇپ-چاچماي پەقەت ئائىلىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. يەنە شۇ تەربىيە كۆرگەن، ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق  ئەر كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتقاندا سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرمەستىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىدۇ. خوتۇنىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ھۈرمەتلەپ، ئۇلار بىلەن يېقىن باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى قىلىپ تۇرىدۇ. خوتۇنىنىڭ بىرەر ئىشىدىن نارازى بولسا نارازىلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن بىلدۈرۈپ نەسىھەت قىلىدۇ.

    ئەمدى ئائىلىدە خوتۇننىڭ ۋەزىپە-ئەدەبلىرىگە كەلسەك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇن ئائىلىدە مۇنۇ ئىشلارغا رىئايە قىلسا ئۆزى، پەرزەنتلىرى ۋە ئېرىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈشۈگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ:

    ئەر دائىم خوتۇنى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، ئائىلىسىنىڭ مەئىشەت جەھەتتە قىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئالدىراش ئىشلەيدۇ، بۇ يولدا تۈرلۈك مۇشەققەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي كۆرۈپ ھۈرمىتىنى قىلغان خوتۇن ئېرىنىڭ ھۈرمىتىگە، پەرزەنتلىرىنىڭ چوقۇنىشىغا ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا نائىل بولالايدۇ.

    ئەقىللىق، نومۇسچان خوتۇن ئېرىنىڭ خۇشلىقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بولىدۇ. ئېرى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئۇنى شېرىن-شەكەر سۆزلىرى، خۇش قىلىقلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق تاتلىق سۆز، خۇش قىلىقلىرى بىلەن قارىشى ئالىدۇ. ئېرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ-دەزماللىنىپ پاكىز تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاماقنى دەل ۋاقتىدا تەييارلاپ، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ خۇشال-خۇرام غىزالىنىدۇ.تاماق ۋاقتىدا قاپىقىنى تۈرۈپ، بالىلىرىغا دوق قىلىپ ئېرىنى رەنجىتمەيدۇ.

    «ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك، ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق خوتۇن تېجەشلىك بولىدۇ، بەدخەجلىك قىلمايدۇ، قانائەتچان كېلىدۇ، ماددىي مەئىشەتكە زىيادە بېرىلمەيدۇ، بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈدۇ، ئېرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشماي تۇرۇپ بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ، ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ ھە دېسە ئېرى بىلەن جىدەللەشمەيدۇ، ئېرىدىن بىرەر سەھۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئېرىنى شۇ ئىشىدىن ياندۇرىدۇ.  ئېرىگە بىر ئۆمۈر مۇھەببەت بېرىدۇ ۋە سادىق بولىدۇ. ئېرىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە  تۇغقانلىرى ياكى دوست=يارانلىرىنى ھۈرمەت قىلىدۇ، ئۇلار كەلسە ئوچۇق چىراي قارىشى ئېلىپ ئەڭ ئېسىل نازۇ-نېئىمەتلىرىنى تىزىپ مېھمان قىلىدۇ. مانا شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆي خوجايىنى ئايال ئېھترام  ۋە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

    10.ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت بۇرچى

    ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇھەببىتى چەكسىزدۇر ، چۈنكى ئۇ بالىلىرىنى ئۆز سۈرىتىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا ، دەپ بىلىدۇ.ئاتا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىسىگە بەك دىققەت قىلىدۇ. ئۆزى ياقتۇرىدىغان پەزىلەتلەرنى بالىلىرىغا سىڭدۈرۈشكە، بالىلىرىنى ئۆزىدىنمۇ مۇكەممەل قىلىپ يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مۇشۇ كويلاردا ھەرقانداق مۇشەققەتكە، قىيامەتلىك كۈنلەرگە چىدىيالايدۇ. باشقىلاردىن بالىسى توغرىلىق « تەربىيىلىگەن ئاتاڭغا رەھمەت » دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا بالىلىرىنى بېقىش يولىدا قىلغان ئەجىرلىرىدىن رازى بولۇپ، تارتقان بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇپ، بېشى كۆككە تاقاشقاندەك بولىدۇ. پەرزەنتى ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىشنى خاھلايدۇ. نەۋرە-چەۋرىلەر كۆرۈپ، نەسلى-نەسەبىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

    بالىنىڭ ھاياتىغا سەۋەب بولىدىغان بىرىنچى قۇۋۋەت ئانا جىسمىدىكى قاندۇر. بوۋاق قان بىلەن ئوزۇقلىنىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. بالا تۇنجى سۆزنى ئانىدىن ئۆگىنىدۇ. تىلنى «ئاتا تىل»دېمەستىن «ئانا تىل» دېيىشتىكى ھېكمەتمۇ ئەنە شۇنىڭدىدۇر. دېمەك، بالىنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈشتە ئاتىغا قارىغاندا ئانا كۆپرەك ھەسسە قوشىدۇ. ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى ئاتىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك بالىلار ئاتىدىن ئانىغا بەكرەك ئامراق بولىدۇ. ئانا بالىسى ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنى پىدا قىلىشقىمۇ تەيياردۇر. شۇڭا دانىشمەنلەر «ئاتىنىڭ ھەققىگە قارىغاندا ئانىنىڭ ھەققى ئىككى باراۋەر ئارتۇق» دېگەن.

    11. تەلىم - تەربىيە

    ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجدۇر . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مۇئەللىم مەنىۋىي ئاتا-ئانىدۇر. بۇ مۆھتەرەم ئاتا-ئانا ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنىۋىي پەرزەنت بولمىش ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ ئۇلارنىڭ ئەقىل ، پىكىر-ئىدراكلىرىنى ئۆستۈرۈشكە،
    ئۇلارنى ئىلىم ، ئەدەب-ئەخلاق جەھەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ، مەنىۋىي پەرزەنتلىرىنى مۇكەممەل ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىق زېھنىنى سەرپ ئېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ھۈرمەتكە سازاۋەر ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى مۇكاپات ۋە ئالقىشقا ئىگىدۇر.
    بىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن :
    __ كىمنى بەكرەك ياخشى كۆرۈسىز ؟ئانىڭىزنىمۇ ياكى ئۇستازىڭىزنىمۇ ؟ __ دەپ سورىغان ئىكەن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇنىڭغا :
    __ ئانامنىمۇ ، ئۇستازىمنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن. ئانام مەنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان بولسا ئۇستازىم ماڭا ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئاتا قىلدى، شۇڭا ھەر ئىككىسى ئوخشاش قارايمەن، بۇ ئىككى مۆھتەرەم زادقا تەڭ مۇھەببەت بىلەن ئالىي ئېھترام بىلدۈرىمەن ، __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    ئوقۇتقۇچىلار مەكتەبتە ياكى ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى ، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىشلىرى لازىم. ھەممىدىن ئەۋۋەلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىلىم-ھېكمەت، ئەدەب-ئەخلاقتا ئوقۇغۇچىلارغا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇشلىرى ئەڭ ئەقەللىي ھەقىقەتتۇر. تەلىم - تەربىيىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئوچۇق چىراي، شېرىن سۆزلۈك، چىقىشقاق، مۇلايىم، كەمتەر بولۇشلىرى شەرت ، ئوقۇغۇچىلارغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەلىم-تەربىيە قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە مۇخالىپتۇر. بىزنىڭ ئەنئەنە مائارىپىزدىكى تەلىم-تەربىيە قانۇنىيىتىدە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەلىم-تەربىيىنىڭ يېنىكىدىن ئېغىرىغا، تېيىزىدىن تېرەنىگە، ئوچۇقىدىن مەژۇلىغا يەنى ئوچۇق كۆرۈنمەس تەرىپىگە ئاساسلىنىپ دەرس بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ ئۇلارنى چۈشىنىشى لازىم. مۇشۇ تەلەپكە يەتكەن ئوقۇتقۇچىدىن ھەقىقىي دانالار، كاتتا ئالىم-ئۆلىمالار، قابىل ھۆكۈمالار ۋە ئادەلەت ھامىيلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ.

    12. سەۋر-تاقەت ھەققىدە 

       سەۋر-تاقەت تىرىكچىلىكتە ئۇچرايدىغان تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش، ئاڭلىغان بولمىغۇر سۆزلەرگە، بېشىغا كەلگەن قايغۇ-ھەسرەت ، قىيامەتلەرگە تاقەتسىزلىك قىلماي چىداملىق بولۇشتىن ئىبارەت. سەۋر-تاقەت يولىنى تۇتقان ئادەم مۇراد-مەقسەدلىرىگە يەتمەي قالمايدۇ. قىيامەتلىك قايغۇ-ھەسرەت قىلتىقىغا ئىلىنىپ قالغان كۆڭۈل سەۋر-تاقەت قولىدا ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. سەۋر-تاقەت بەخت-سائادەت ئىشىكىنى ئاچىدۇ. بېيت :
    كىشىنىڭ غەم ئارا گەر بولسا سەبرى ،
    ئۇنىڭ بولغاي ئاخىر مەقسەد نەسىبى . 
       سەۋر-تاقەت ھەققىدىكى بۇنداق پەند-نەسىھەتلەر قارىماققا زېرىكىشلىكتەك تۇيۇلسىمۇ ئاقىۋەتتە مۇراد-مەقسەدنى ھاسىل قىلىپ شادلىق بەخش ئەتكۈچى يولداشتۇر. سەۋر-تاقەت جۇدالىق تۈنىدەك ئۇزۇن ۋە قاراڭغۇ بولسىمۇ ئاخىر ۋىسال تاڭلىرىنى ئاتقۇزغۇسىدۇر. بېيت :
    ئەگەر ھىجراندا چەكسە زەخمە تۇرەنچ ،
    نەسىب بولغاي نىھايەت بىھېساب گەنچ .
    ھېكايەت : 
       بىر بىچارە يىگىتنىڭ كۆڭۈل قۇشى بىر گۈزەلنىڭ ئىشقى سەبداسىغا مۇپتىلا بولۇپ قالدى ، ئەمما يىگىت تۆمەت قۇربانىغا ئايلىنىپ زىندان تامان ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ زىنداننىڭ تۈمەن تۈرلۈك ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ قەلب تۆرىدىكى يوشۇرۇن سىرىنى زىنھار ئاشكارە قىلمىدى. بىر كۈنى مىرشابلار ئۇنى ئېلىپ چىقتى ۋە يەرگە دۈم ياتقۇزۇپ كالتەكلىدى. تەنلىرى قان بىلەن تونۇغۇسىز ھالەتكە كەلدى . ئەمما بۇ بىچارە يىگىت بىر قېتىممۇ << wayjan >> دەپ قويمىدى ، ئىقرارمۇ قىلمىدى ، مىرشابلار ئۇنى شۇنچە ئۇرۇپمۇ ئىقرار قىلدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىر ئۈمىدسىزلىنىپ يىگىتنى قويۇۋەتتى.
    زالىم، رەھىمسىز مىرشابلار كەتكەندىن كېيىن جاپاكەش يىگىت ئاغزىدىن پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەن بىر تال كۈمۈش تەڭگىنى چىقاردى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدى ، ئۇ :
    __ مىرشابلار مېنى كالتەكلەۋاتقان چاغدا مېنىڭ مەشۇغۇم مەيداننىڭ بىر چېتىدە شۇ تاپتىكى ئەھۋالىمغا قاراپ ئاھ ئۇرۇپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئاھ-ۋاھ دەپ زارلانمىدىم. سەۋر-تاقەت قىلىپ ئازابلارغا چىدىدىم. قاتتىق ئازابلانغىنىمدا مۇشۇ تەڭگىنى چىشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن تەڭگە چىشلىرىم ئارىسىدا پار-پارە بولۇپ كەتتى، مەن بولسام ئازابلارغا چىداپ سىرلىرىمنى ساقلىدىم... __ دەپ جاۋاب بەردى.
    شۇ چاغدا قىز ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئاشىقىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى يۆلەپ تىزىغا ئالدى. شېرىن-شەكەر سۆزلىرى بىلەن ئاشىقىنىڭ يارىلىرىغا مېھر-مۇھەببەت مەلھىمىنى قويدى. يىگىتنىڭ زەئىبلەشكەن تەنلىرىگە جان كىردى. ئاشىق سەۋر-تاقەت قىلىپ مەشۇغىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىپ ئويلاپمۇ باقمىغان پاراغەتكە يېتىشتى.

    ئەنئەنىمىزدە پەرزەنت تەربىيىسى ( مۇشۇ تېمىنىڭ 11-تەركىبى «تەلىم - تەربىيە»گە تولۇقلىما )
          تالاي يۈز يىللاردىن ،  قايسى بىر دانالىرىمىز ئېيتقانكى، << مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ھەرىكەت قىل ، ھازىر ئۆلۈدىغاندەك ئىبادەت قىل >> دەپ ، بۇ ھېكمەتنىڭ مەناسى ئۆزىدىنلا مەلۇم : ھەرىكەت بەرىكەتنىڭ ئانىسى ، بۇ ھەرىكەت دەل ئىلىم-ھۈنەر ئىگىلەش ئۈچۈن بولىدىغان تىرىشىشتۇر ! 
          پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى بۇ مەسئۇلىيەتلىك ئىشنىڭ ئىجراسچىلىرى دەل ئاتا-ئانا. ناۋادا ئاتا-ئانا يامان ئىللەتلىك ، ناچار خۇلقلىق ، ھەق-ئادالەتسىز ، جاھالەتخور ئادەملەردىن بولسا نۇرغۇن ھاللاردا پەرزەبتلىرى شۇ خۇينى ئېلىپ چوڭ بولىدۇ . مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان ، ئۆزگىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا قوپال سۆزلەيدىغان ھەم ئاشۇ يۇقىرى ئاۋازدا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى بىر خىل غالبلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارار ئىكەن ، بۇنى ئۇ ماڭا دەل مۇشۇنداق شەرھلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ شۇنداق ئۆتكەنمىش ، مەھەلىدىكى جامائەت بۇ جەمەتتىن تەپ تارتارمىش . بۇ تەربىيە ئۇنىنغا تەبىئىيلا شۇنداق سىڭىپ كەتكەنمىش . بىز ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا (ھازىرمۇ ھەم شۇنداق ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەنلەر ئۈستىدىن قاقشايتتۇق ( ھازىر ھەم شۇنداق)، بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ بەزى ئاممىۋىي سورۇندا شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغانلارغا ھومىيىپ قاراپ ئۇلارنى ئەيىبلىگىنىنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ماڭا ئۆزىنىڭ دەپ بەرگەنلىرىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم ، ئەمما ئۇ ھازىر بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپتۇ . دېمەك ، ئاتا-ئانا تەربىيىسىدە ھەممە تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىنمىسا تەربىيە پەرزەنتكە ئۆز پېتى سىڭىدۇ، كەلگۈسىدە ئۆزگەرتىشى ياكى قىيىن بولىدۇ ياكى كۆپ كېچىكىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇغۇ بىر ئاددىي مىسال، گۇناھلىق ئىش دەپ كەتكىدەكمۇ يېرى يوق، پەقەت شۇ ئەدەب-ئەخلاقىمىز جۈملىسىگە يات قىلىق .
        پەرزەنتتە 7 ياشقىچە گۆدەكلىك دەۋرى ھۆكۈمراندۇر . بۇ دەۋردە ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مەسئۇلدۇر . بۇ چاغدا ئاتا-ئانا پەرزەنتكە كىيىم-كېچەك، ئوزۇقلۇق ۋە باشقا زۆرۈر نەرسىلەرنى تەقلەپ بېرىدۇ . دەل مۇشۇ چاغ يەنى 7 ياشتىن باشلانغان چاغدىكى تەربىيە پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ ، ئاتا سۆزلىرىدىن ، « بالا ياشتىن ، خاتۇن باشتىن»دېگەن ھېكمەت دەل مۇشۇ تەربىيەگە قارىتىلغاندۇر . مۇشۇ چاغدىن 14 ياشقىچە بولغان تەربىيە پەرزەنت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى يولىنى تاللاپ ئالالايدىغان ئىدىيەنى سىڭدۈرەلەيدۇ ، مەن كۆپ ھۈرمەت قىلىدىغان ھەم ئۈگۈتلىرىنى كۆپ مۇلاھىزە قىلىپ قوبۇل قىلىدىغان مەرھۇم «ئىزچى» ئەپەندىنىڭ ماڭا ئېيتقان بۇ ھەقتىكى ھېكمەتلىرىنى مەن ئۆز ئوغلۇمدا تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم ( ھەرگىز چوڭ سۆزلىگىنىم ھەم يالغان سۆزلىگىنىم ئەمەس ) ، ئەمما بۇنى كىچىك ئوغلۇمغا سەل بوش تۇتۇپ تەدبىقلىسام ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى ، مانا 9 ياشتىن ئاشتى ، بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سىنىقىم ئىدى ، شۇڭا ھازىر ھەسسىلەپ تۇتۇۋاتىمەن ، بىچەرىگە بەزى تەلەپلىرىم ئېغىرراق كېلىۋاتىدۇ . ئىلىم ئۆگىتىش جەھەتتە مۇشۇ كۈنلەردىكى ئەل قاتارى ھالىمدا قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە مەبلەغ سېلىپ بېرىۋاتىمەن ، ئەمما قالغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى كېلەچەكتىكى تىرىشچانلىقىغا باغلىق . ئەنئەنىمىز ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايانلىرىم ( ئالدىنقى قىسىملاردىكى ) بالىلىرىمدا ئۆز تەسىرىنى ( ئاساسىي جەھەتتىن )تېپىپ بولدى . بەرگەن ئىسلامىي تەربىيىلىرىم زامان قىيامەتلىرى سەۋەبلىك تېخى يېتەرلىك بولمىدى ، شۇنداقتىمۇ تىرىشىۋاتىمەن .
    ئومۇمەن ئەنئەنىمىز تەربىيىسىنىڭ ھەربىر دېتاللىرى پەرزەنتلىرىمىز قېنىغا سىڭسە ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ ، خىلابلىق قىلىپ قويغان بولسىمۇ ھامان تۆۋە قىلىپ ئورنىنى تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ ھەم تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ بارىدۇ ، دەپ ئىشىنىمەن .


     

    سۆزلەرگە ئىزاھ

    ئويغار__ مەدەنىيەت
    تانۇق __ گۇۋاھ
    ئۈچ كۆۋرە__ قۇرۇق جەسەت
    كىشان __ دەقىقە
    چوغيالىن __ ئاجايىب كاتتا
    كۆمەنلى __ سىرلىق
    كۈسۈنلىك __ قۇدرەتلىك
    ئۆركى __ ئېسىل
    ئەربۇزى__جەسۇر
    ئالىپ __ ئۇلۇغ، بۈيۈك، غالىپ
    ئەچۈ-ئۇغۇشلىرىمىز__ بوۋا-ئەجدادلىرىمىز
    تۈپكەرلەپ __ تەتقىق قىلىپ
    كۈفەر __ غۇرۇر
    قىلماغۇلىرىمىز __ خاتالىق-سەۋەنلىكلىرىمىز
    تەگرىنچى __ مۇھىتى
    موڭادىنىچ __ ھەيران قالارلىق، ئاجايىپ
    تىنالىق __ ھاياتلىق
    قاتىرقاتىغ __ دەھشەتلىك
    قاتىرياۋلاغ __ ۋەھىمىلىك
    كۆرۈنچ __ مەنزىرە
    كەرەم __ سېخىي
    قوغ __ توزان
    كەرىك __ چەكسىز، بىپايان
    قادار-قاشلاغ __ سۈر-ھەيۋەتلىك
    ئەسرۈك __ مەست
    بۆرتۈن __ مەجھۇل
    قوغ-قىچماق __ زەررىچە
    كۆزڭۈم __ئەينىكىم
    كۆۋتۈڭى __ ۋۇجۇدى
    كۈفەر- كۈۋەنچ __ غۇرۇر ۋە كېبىر
    ئۆگۈرچى __ ماختانچاق
    يەرداشچى __ يۇرتۋاز
    تۆزلىك __ خاراكتېر
    كۆزكۆرۈ __ رېئال
    ئۆزقونۇق __ روھى
    كەرتى __ سۈنئىي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.