قىزلار تەربىيىسنى كۈچەيتەيلى ، مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن!

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 08:43:04

قىزلار تەربىيىسنى كۈچەيتەيلى ، مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن ! پەيزىۋاتناھيە قىزىلبۇيى ئوتتۇرا مەكتەپتىن: مىھرىنسا مامۇت « ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيلىسەڭ ، سىنىڭ تەربىيلىگىنىڭ بىرلا ئادەم ...

    قىزلار تەربىيىسنى كۈچەيتەيلى ، مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن !

     

    پەيزىۋات ناھيە قىزىلبۇيى ئوتتۇرا مەكتەپتىن: مىھرىنسا مامۇت

     

    « ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيلىسەڭ ، سىنىڭ تەربىيلىگىنىڭ بىرلا ئادەم بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر قىز بالىنى تەربىيلىسەڭ سىنىڭ تەربىيلىگىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ.»

                               -روبي مانكان

    مائارىپتاباشلانغان ئىسلاھات بورىنىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىمۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان تارىخي پۇرسەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىز تەتقىق قىلماقچى بولغان تىمىلارمۇكۆپەيدى. بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ ئەسىر ھالقىيدىغان ئىز - باسارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇپ چىقىشىمىزدا زور ئەھمىيەتكە ئېگە.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلى بولغان ئائىلە تەربىيسىنى رۇياپقا چىقىرىش ھەققىدە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بېرىلىپ ،كىشىلەرنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئېگە قىلدى. بولۇپمۇ ساپا سېلىشتۇرمىسىدا مىللىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش، تەربىيلەنگۈچىلەرنى يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ،ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىر نىيەتتە تىرىشىپ ھەمكارلىشىىشنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ زورۇرلىكى ھەققىدە بىزنى نەزىريىۋى ئاساسقا ئېگە قىلىدى. بۇ جەمىيەت تەقەززا بولىۋاتقان، مائارىپ تارماقلىرى ئىزدىنۋاتقان، مەكتەپلەر ئۈمىت قىلۋاتقان مۇھىم بىر تىما بولۇپ ،بۇ تىمىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى زور ئەھمىيەتكە ئېگە.

    ھازىرقى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى بىنۇرمال قىلقلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ،ئىچىمىزدە ئۆكۈنمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.نىمىلا دېمەيلى ، كىلەچىكى ئادەمىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپىچە ھاللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ئائىلە سالىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە خاراكتىر پىسخىكىسى ئائىلىدە شەكىللىندۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ پۇتكۈل ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ،مەكتەپ تەربىيسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى.

    ئۇنداق بولسا ئائىلە تەربيسىنى قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرىت ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش، ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىر پەرزەنتنى مۇكەممەل ئادىمىيلىك سۈپەتكە ئېگە قىلىپ چىقالىشى ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان ئۇلۈغ توھپىسى ھىسابلىندۇ. بىراق بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش بۇنچە ئوڭاي ئەمەس. چۇنكى پەرزەنىت تەربىيسىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، چوڭقۇر ۋە چەكسىز. بالىلارنى ئەقىللىق ،ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ، ئەتراپلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان جىددىي ۋە ئالاھىدە مەسئۇليەتلىك خىزمەت.بۇ خىزمەت كۆپىنچە ھاللاردا ئانىنىڭ ئۇستىگە يۈكلەنگەن. <<ئەر كىشى تالانىڭ ئادىمى>> دىگەندەك دادا كۆپىنچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن سىرتتا يۈرىيدۇ. بالىلىرى بىلەن ئارلىشىدىغان ۋە تەربىيلەيدىغان ۋاقتى ئانىنىڭكىدەك ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا بالىنى تەربىيلەشتە ئانىنىڭ بىلىم قۇرۇلىمىسى ، ساپاسى بەك مۇھىم. مىسىرلىق شائىر ھافىز ئىبراھىم (1871 – 1932) بالا تەربىيسىدىن ئاۋال ئايالنى ئەتراپلىق تەربىيلەش ۋە ئانىلارنىڭ رولى ھەققىدەمۇنداق دېگەن:« ئان بىر ئۇلۇغ مەكتەپ، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن ، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۇرگنىڭ».

    ئۇنداقتا ئۆز مەسئۇليىتىنى يۇقىرقى نوقتىلاردىن تونۇپ ئاڭقىرالايدىغان ئانىلار زادى قانچىلىك؟ ھازىرقى رىئال ئەھۋالدىن قارىغاندا جەمئيىتىمىزدە خىېلى كۆپ قىسىم ئانىلار ئويغانغان بولىسىمۇ ، لىكىن تۇغۇپ قويۇشنىلا بىلىپ ،تەربىيلەش بىلەن كارى بولمايدىغان ،مەدەنىيەت سەۋىيېسى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئىلىمي پەرزەنىت تەربىيېلەش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز ، نادان ئانىلار يەنىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى بىلەن بەنىت،يەنە بىر قىسىمى ساۋاتسىزلىق تۇپەيلى ياكى ساۋاتلىق بولسىمۇ كىتاپ ماتىريال كۆرمىگىنى ئۈچۈن پەرزەنىتلىرىگە بىرەر ياخشى چۆچەك ئېيتىپ بىرەلمەي بالىلىرنى ،بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىمەن قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارغا بولغان تەربيېنى ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى قىزلار ئەتىكى ئانا . شۇنداقلا بىر مىللەتنى تۇغۇپ ئۆستۇرۇپ تەربىيېلەيدىغان ئانا . قىزلارنى تەربىيېلەش مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر ئەۋلادنى ، بىر مىللەتنى تەربيلەشتىن دېرەك بىرىدۇ. قىزلارنى تەربىيېلەش ئائىلە تەربيسىنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىشنىڭ خۇرۇچى.

    ئەمما بىزنىڭ مائارىپىمىز جۈملىدىن مەكتەپلىرىمىزدە ، قىزلار تەربىيېسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى. مەكتەپلىرىمىزدە قىز ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇرلۇپ ،ھەقىقى بىر ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۇلمىدى. ھەتتا بەزىلەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قىزلار تەربىيېسىگە كۆپ كۈچەشنىڭ زۆرۇريىتى يوق، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربيېسى ئانچىكى ئىش دەپ قاراپ قىز ئاياللار تەربيسى خىزمتىنى تاختىبىشىغا ئېلىپ قويغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مېنىڭچە مۇنداق قاراش تۇپتىن خاتا. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز ئاياللارنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قېلىشنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوقسىز، نامراتلىق دېسەك  ، ئوقۇش ۋە تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى قىزلىرىمىزنىڭ مەنىۋى بوشلۇقىنى نىمە دەپ چۇشەندۇرمىز؟ ئەسلىدە قىزلار تەربىيېسى بىزنىڭ تەلىم – تەربىيە پائالىيىتىمىزنىڭ ئەمىلى مەزمۇنى قىلنىشى، قىز ئاياللار تەشكىلاتى قىزلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇنجى بولۇپ ، ئۆز مىللى مەدەنىيتىنىڭ ئۇلۇغلىقى، گۈزەللىكى ۋەقۇدرىتىدىن ئۇرۇق چېچىشى كېرەك ئىدى . ئەپسۇس مەكتەپلىرىمىز ئۇلارغا كىتابى بىلىملەرنى، مۇقلەقلەشتۇرۋىتىلگەن دەبدەبىلىك نەزىرىيېلەرنى زورقۇپ تېڭىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەردىيۇ ئۇلارغا يېتەرلىك جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، مەنىۋى دۇنياسىنى ئويغۇتىدىغان زۆرۇر تەربىيېلەرنى بىرەلمىدى.يەنى ئۇلاردا ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ،مۇناسىۋىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە ماھىيتىنى تونىيالىغۇدەك ئاڭ شەكىللەندۇرەلمىدى. شۇنىڭ بىلە قىز – ئاياللار تەبىئىتى بارا- بارا قورغاقلىشىپ ئەخلاقى چېكىنىش، ئەخلاقى كىرىزىس كېلىپ چىقتى. قىز – ئاياللار تەبىئىتىنىڭ قۇرغاقلىشىشى بىر مىللەت روھىنىڭ قۇرغاقلىشىشى .قىزلار بىزنىڭ ئانىمىز.ئانا دىگەندە نۇرغۇن - نۇرغۇن مەنبە بار. قىزلار ئانا بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس . ئۇندىن باشقا نۇپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيشى ، ھازىرقى دۇنيا دۇچ كەلگەن  ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى . ھەمدە 3 –دۇنيا ئەللىرى ئالدىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىياتنى يۈكسەلدۇرۇشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچمۇ دەل قىز – ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش.(ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 94 – يىلى تەرەققى قىلغان ئەللەردە تەربىيلەنمىگەن ئاياللار %6. بالا تۇققان،تەربىيلەنگەن ئاياللار %3.9 بالا تۇققان ) شۇڭا قىزلار تەربىيېسىنى كۈچەيتىش پەرزەنىتلەرنىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ ، ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار تەربيېسىنى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ سېسىتمېلىق يولغا قۇيۇپ ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۆستۇرىشىمىز. ساپانى ئوستۇرۇشتە ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۇرۇشنى تۇپ ئاساس، پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئوستۇرۇشنى ئاساس قىلىپ ، ئىلمي سۇپەتكە ، گۈزەل ئەخلاقى ساپاغا ئېگە بىر تۇكۈم قىزلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن:

    1. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربىيېسى خىزمىتى رەھبەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    2. چارە – ئۇسۇل مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا قىزلار تەربىيېسى پائالىيتىگە تەشكىللەپ ، قىز – ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيە سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشى كېرەك.

    تۈزۈم شەكىللەندۇرۇش كېرەك. قىزلار تەربىيېسى مۇرەككەپ ھەم ئۇززاق مۇددەتلىك خىزمەت .بۇ خىزمەتكە بىردەم قىزىق، بىردەم سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە چۇقۇم ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش بولۇپمۇ تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتكە ئېگە قىلىش ناھايىتى زورۇر. بولۇپمۇ ئاياللار بىرلەشمىلىرى ،پېلانلىق تۇغۇت ، قىز – ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكىتسيەلىك تارماقلار ۋە مەكتەپ مەسئۇلى قاتناشقان بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ ۋە ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئايرىم تەربىيېلەپ يېتەكلەش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇپ ، ئورتاق باشقۇرۇشتەك خىزمەت مىخاينىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:19:19][admin تەستىقلىدى . 2010-9-24 19:09:39]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.