قىيىن تېپىشماق

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 19:16:30

قىيىن تېپىشماقبۇ ئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان سۇئال بولۇپ، ئۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى %98 ئادەم جاۋاب بېرەلمەيدۇ دېگەن، قېنى سىز ئاشۇ جاۋاب بېرەلەيدىغان ئىككى پىرسەنت ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرەلەمسىز ...

                                قىيىن تېپىشماق

     

    بۇ ئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان سۇئال بولۇپ، ئۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى %98 ئادەم جاۋاب بېرەلمەيدۇ دېگەن، قېنى سىز ئاشۇ جاۋاب بېرەلەيدىغان ئىككى پىرسەنت ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرەلەمسىز يوق؟ سىناپ باقامسىز؟

    شەرت

    1 .بەش ئۆي بار ، بەش خىل رەڭلىك.
    2. ھەربىر ئۆيدە تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمايدۇ.
    3. ھەربىر ئۆيدىكى ئادەم پەقەت بىرلاخىل تاماكا چىكىدۇ ، بىرلا خىل ئىچىملىك ئىچىملىك ئىچىدۇ ، بىرلا خىل خىل ئەرمەك ھايۋان باقىدۇ.
    4. ھەممىسىنىڭ تاماكىسى، ئىچىملىكى، ئەرمەك ھايۋىنى ئوخشىمايدۇ.

     

    كۆرسەتمە

    1. ئەنگىلىيىلىك قىزىل رەڭلىك ئۆيدە تۇرىدۇ.
    2. گىرىتسىيىلىك بىر ئىت باقىدۇ.
    3. جوڭگۇلۇق چاي ئىچىدۇ.
    4. يېشىل رەڭلىك ئۆي ئاق رەڭلىك ئۆينىڭ سول تەرىپىدە.
    5. يېشىل رەڭلىك ئۆيدىكى كىشى قەھۋە ئىچىدۇ.
    6.تاماكا چىكىدىغان ئادەم بىر قۇش باقىدۇ.
    7. سېرىق رەڭلىك ئۆيدىكى ئادەم
    DUNHILL تاماكىسى چىكىدۇ.
    8. ئوتتۇرىدىكى ئۆيدىكى ئادەم سۈت ئىچىدۇ.
    9. تۈركىيەلىك بىرىنچى ئۆيدە
      تۇرىدۇ.
    10.
      ئارىلاش تاماكا چىكىدىغان ئادەم مۈشۈك باقىدىغان ئادەم تۇرغان ئۆينىڭ يېنىدىكى   ئۆيدە تۇرىدۇ.
    11. ئات باقىدىغان ئادەم
    DUNHILL تاماكىسى چىكىدىغان ئادەم تۇرغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ.
    12.
      BLUE MASTER  تاماكىسى چىكىدىغان ئادەم پىۋا ئىچىدۇ.
    13. گىرمانىيىلىك
    PRINCE تاماكىسى چىكىدۇ.
    14. تۈركىيەلىك يېشىل ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ.
    15. ئارىلاش تاماكا چىكىدىغان ئادەمنىڭ خوشنىسى ساپ سۇ ئىچىدۇ.

    سۇئال :كىم بېلىق باقىدۇ ؟  نىمە ئۈچۈن ؟ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ  بېرەلەمسىز؟

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىيىن تېپىشماق