بالىلارنى كىم ئويلايدۇ

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-31 14:14:30

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} بالىلارنى كىم ئويلايدۇ؟قۇربانجان توختى ئازىق(ئاتۇش شەھرى ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخا

    بالىلارنى كىم ئويلايدۇ؟
    قۇربانجان توختى ئازىق
    (ئاتۇش شەھرى ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن)

    ۋاقتىمىزدا بالىلارنىڭمۇ «نېسىۋە»سى بار

       باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇيدىغان بىر بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ باغچىغا بىللە بېرىشى، پاراڭلىشىشى ئۈچۈن، ئۆزى تىجىگەن 30يۈەنگە دادىسىنىڭ بىر كۈنىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ھېلىھەم بىزگە بولغان تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق.
    بۇ ھېكايىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بىزگە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھازىر قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆزىنى ئالدىراش ئىشلار بىلەن بەند قىلمايدۇ، دەيسىز. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن توي-تۆكۈن، قاتار چاي ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ «ئالدىراش خىزمەت» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار بالىنىڭ ماددىي ئىھتىياجىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى «بالا تەربىيلەش» دەپ قارايدۇ. بالىغا تەلەپ قويۇشنى بىلىپ، بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەر ۋاقىت بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىگەن، دەرس تەكرارلىغىنىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ-يۇ، ئۇنىڭ خۇشاللىقى، تۇرمۇشتىن بەھر ئېلىۋاتقان-ئالمايۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
    ئويناشمۇ بىر خىل ئېھتىياج. بالا تۇغۇلۇش بىلەنلا، ئويناش ئارقىلىق، ئادەملەر، نەرسىلەر ۋە شەيئىلەرنى تونۇيدۇ ۋە ئۇلارغا مېھىر باغلايدۇ. ئويناش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىشنى، ئىجاد قىلىشنى ئۈگىنىدۇ، قابىليەت يېتىلدۈرىدۇ.
    بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن پات-پات پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرمايدۇ، بالىنىڭ غايىسى نېمە، قانچىلىك ئىرادىسى بار، نېمىگە قىزىقىدۇ دېگەنلەرگە ئىتىبارسىز قارايدۇ. ھە دېسىلا ئۆزىنى ئالدىراش كۆرسىتىپ، ۋاقتىنى ئورۇنسىز ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلىدۇ. ئەجابا، بالىلار بىلەن پىكىرلىشىش، بىللە ئويناش، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن تونۇشۇش، باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىش دېگەنلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى»مىدۇ؟
    بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. ئۇلارنىڭ بىز قىلغانغا، ئۆگەنگەنگە، ئېرىشكەنگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار. بىز ئالدىراش ۋاقتىمىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بالىلارغا ھەمرا بولايلى! ۋاقتىمىزدا بالىلارنىڭمۇ «نېسىۋە»سى بار.


    بالىلارغا مۇستەقىللىق بېرەيلى


    كىشىلىك تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدىن قىلغان ۋايساشلىرى، دەرت ئەھۋاللىرىنى ئاندا-ساندا ئاڭلاپ تۇرىمىز. قانداقتۇر ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ بالىلاردا ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە قارشىلىشىش ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى، ئويلىمىغان روھىي كەيپىياتلارنى يېتىلدۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئاغزاكى بايانلىرىدىن ھېس قىلىپ قالىمىز. دەرۋەقە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، مەن بىر ئاتا-ئانىنىڭ تەتىل ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالدىم. 
     _ بالام، خەنزۇتىلى سەۋىيەڭ بەكلا تۆۋەن، مەۋسۈملۈك نەتىجەڭمۇ ئارانلا دېگەندەك، شۇڭا، تەتىل مەزگىلىدە خەنزۇتىلى كۇرسىغا قاتنىشىپ، دەرىسلىرىڭنە تولۇقلىمىساڭ، كېلەر يىلى مەۋسۇمدا باشقا ساۋاقداشلىرىڭنىڭ كەينىدە قالىسەن. 
     _ ئاپا يەنىلا شۇ گەپمۇ؟ ئاران بىر تەتىل قىلغاندا تۈزۈكرەك ئاراممۇ ئالدۇرمايدىكەنسەن، تەتىل ۋاقتى ئارانلا سىلەر (ئوقۇتقۇچىلار) نىڭلىمۇ؟ بىزمۇ دەم ئېلىشقا موھتاج. تەتىل ۋاقىتلىرىدا كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ، دەرستىن سىرتقى ماتىرىياللارنى كۆرسەم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پارڭلاشسام، يېزىدىكى چوڭ ئۆيگە بېرىپ يېزا بالىلىرى بىلەن قانغۇدەك ئوينىۋالسام، يېزا مەنزىرىسىنى سىزىپ مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئورۇنداپ كەلسەم نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! ئاپا شۇنداق قىلايچۇ؟ ۋەدە بېرەي، دەرىسلەرنى چوقۇم ياخشى تەكرارلايمەن. 
     _ نېمە، سەن تېخى ئاپاڭنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزگۈدەك بولدۇڭمۇ؟ ماڭە، شۇمنىڭ بالىسى......
    شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئانا بالىنىڭ يالۋۇرىشىغا قارىماي، بالىسىنى تىللاپ، دېشكەللىگىنىچە ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى.
    يۇقارقى ئانا ۋە بالنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئارزۇلىرى، ئويلىغانلىرى دەل ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ مەنبەسى. راستىنى دېگەندە، كۆپلىگەن ئاتا-ئانا گەپ ئاڭلايدىغان، «مۇقەددەس بۇيرۇق»قا شەرتسىز بوي سۇنىدىغان بالىلارنى ياقتۇرىدۇ. ئەمما، بەزى بالىلار ئۆزى «ۋاقىتلىق مۇستەقىل» بولۇپ ياشاشنى، بىردەم بولسىمۇ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىپ كۆرۈشنى، ئازراق بولسىمۇ نەتىجە كۆرۈشنى ئويلايدۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئارىسىدا كۆرۈلىدىغان ئىككى پىسخىك ئامىل بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
    شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بەزىدە بالىلىرىنى ۋاقىتلىق مۇستەقىل قىلىشقا ھەمدە كۆيۈنۈش ئاساسىدىكى ئىلھام، مەدەت بېرىشكە، ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقىشلىرىنى چۈشىنىشكە، ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قۇلاق سېلىپ تۇرۇشقا، جەمئىيەتنى چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلارمۇ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ۋە ھۆكۈم چىقىرىدىغان مۇھىت ئىچىدە تەربىيلەنسۇن، ھەر ئىشتا بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلايلى، ئۇلارنى كىچىك چاغلىماي، مۇستەقىل ئىجادىي تەپەككۈر قىلىشقا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيلى. شۇندىلا، بىز تەربىيلىگەن بالىلار دەۋرىمىز رولىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تارىخ چاقىنى ئەگرى-توقاي، كاتاڭلارغا چۈشۈرىۋىتىشتىن ساقلايدۇ.

               بالىلىرىمىزدىكى چوقۇنۇش ۋە ئېتقاد

      يېقىندا، مۇخبىرلىق ئىشى بىلەن شەھەردىكى بىر مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالدىم. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سىرىتتىن نۇرغۇن تاماشىبىن يولداشلار قاتنىشىپ كۆرۈۋاتاتتى. كىچىك رىياسەتچى چۈچۈك تىللىرى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا بىر توپ قىزلار كوللىكتىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. مىللىيچە كىيىنگەن ئوماق قىزلارنىڭ لەرزان ئۇسۇلىغا ھەممىمىز ئورتاق چاۋاك چېلىپ مەدەت بەردۇق. بىرىنچى نۇمۇر ئاخىرلىشىپ، رىياسەتچى قىز ئىككىنچى نۇمۇرنىڭ ھېندىستانچە ناخشا «ئاچەللى-ئاچەللى» ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىپ سەھنىدىن چېكىندى. 
     _ ئاچەللى-ئاچەللى......
    ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماق قىزچاق ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرمۇ تىلىنى بىلمەيدىغان، ئاڭلاپمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر قاتار گەپ-سۆزلەرنى ناخشا قىلىپ ئېيتماقتا ئىدى. ناخشا بىر خىل رېتىمدا ئېيتىلىپ، باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا تاماشىبىنلارنىمۇ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى. مەيدان چاۋاك سادالىرى ئىچىدە بىر ھازا جانلاندى.
    ئۇدا بىر نەچچە مەيدا سەنئەت كۆرسىتىلدى. كۆرسىتىلگەن نۇمۇرلارنىڭ ھەممىسى چەتئەل ناخشىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن دوراپ ياكى ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، شۇنچە جانلىق ۋە يېڭىلىققا ئىگە بولغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئادىل مېجىت، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ھوشۇر قارىلارنىمۇ دوراپ يېڭىچە ئېتۇت ئىشلىگەنلەرمۇ بولدى، ئەمما تىل راۋانلىقى، قىزىقارلىقى بولمىغانلىقتىن سەھنىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. پائالىيەت ئاخىرلىشىپ مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىندى: 
        _ 5-يىللىق سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ «كۆرۈۋالسام» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇلى 1-لىككە، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى XXنىڭ «ئاچەللى-ئاچەللى» ناملىق ناخشىسى 2-لىككە ئېرىشتى.
    پائالىيەت گۈلدۇراس ئاۋازلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمما قەلبىمدە بىزدىكى باشقىلارنى دوراش، مودا قوغلىشىش، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى بىلمەسلىك، ئۆز-ئۆزىنى چاكىنىلاشتۇرۇش ئادىتىنىڭ ئەسلىدە بۇغۇنلار قەلبىدە يۈكسەك ئورۇننى ئىگەللىگنلىكى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلانديردى. بالىلاردىكى ئاڭسىزلارچە چوقۇنۇش، ئۆزى بىلمەيدىغان، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى دوراش، مودا قوغلىشىش ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىك دەرىجىدە تۇرغانلىقى مېنى بالىلاردىكى چوقۇنۇش ۋە ئېتقاد مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. 
    بۈگۈنكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىنىڭ شۇنچە جانلىق، شۇنچە قىزغىن بولۇشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ پائالىيەتتە يېڭىلىق بار. يېڭىلىق دەپ قارالغىنى «مودا ناخشا-ئۇسۇللار»نىڭ رەڭدارلىقىدۇر. بۇ رەڭدارلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى، جاپالىق ئىزدىنىشى، بالىلارنىڭ مەشىق قىلىشى بەدىلىگە مەيدانغا كەلگەن ھەم باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرى نۇمۇر قويۇپ، «يېشىل چىراق»يېقىپ بېرىشى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى بىلەن مەدەت بېرىش نەتىجىسىدە راۋاجلانغان. ئەجابا بالىلىرىمىز ئېتقۇدەك مىللىيچە ناخشىلار، ئۆز تۇرمۇشى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇسۇللار قالمىغانمىدۇ؟! جاپالىق مەشىق قىلىنىپ تەييارلانغان «ئوماق قىزلار»غا ئوخشاش ئېسىل نۇمۇرلار قاچانمۇ باھالىغۇچى يولداشلارنىڭ «تۆر» بېرىشىگە ئېرىشەر؟ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ قاچان بالىلىرىمىزغا خاس ساغلام ناخشا-مۇزىكىلارنى، ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ بالىلارنى ئۆز يولىغا سالار؟
    قىسقىسى، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنىڭ ساغلام، ياراملىق ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇلاردىكى قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، دورامچىلىق قىلىشتەك ناچار پىسخىك ھالەتنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى ئۆز مۇھىتى ئىچىدە ياشاشقا يېتەكلىشىمىز ھەمدە ئۆز ۋەتىنىنى، خەلقىنى، يۇرتىنى، ئۆز تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشنى، سۆيۈشنى ئۈگىتىشىمىز لازىم.

    پۇل بالىلارنىڭ كۆزىنى توسۇپ قويمىسۇن

       تەتىل مەزگىلى ئىدى. 4-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بىر نەۋرە ئېنىمنىڭ قانداق ئارزۇلىرى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ: 
    _ ئۇكام، چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسەن؟:-دەپ سورىدىم.
    ئۇكام خۇددى ئالدىن تەييرلىۋالغاندەك ھېچ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا:
    _ كۆپ پۇل تېپىپ چوڭ باي بولىمەن، ئاندىن «باي» دادامغا ئوخشاش نېمە ئىش قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىمەن، دېدى. 
    _  نېمىشقا كادىر بولىمەن، دېمەيسەن؟ 
    _  دادامنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوقمىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلسەكمۇ بەرىبىر خىزمەت تېپىش تەسكەن، شۇڭا بېكاردىن پۇل ئىسراپ قىلمىغان تۈزۈك.
     مەرىپەت گۈلشىنىدە ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان بۇ «نوتا» ساغلام يېتىلىشى كېرەك ئېدىغۇ؟ نېمىشقا ئاغزىدىن ئانا سۈتىنى ھېدى كەتمەي تۇرۇپلا بۇنداق خىياللارنى قىلىدۇ؟ يۈكسەك غايىلىرى بىلەن خەلق ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ قايسى ئىشلار بۇ «نوتا» نىڭ يۈكسەك غايىلىرىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ، سۇسلاشتۇرۇپ قويغاندۇ-ھە؟ گۇناھ بىز چوڭلاردا، بىز بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىنلا ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، بىلىمنىڭ ھەرقانداق بايلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ كاللىسىغا سىڭدۈرىۋىتىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما، بەزىلىرىمىز بۇنداق قىلمىدۇ. مەنپەئەت ئالدىدا بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ كەلدۇق. كېلەچەك ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن باش قاتۇرۇپ باقمىدۇق، بەزىلىرىمىز: «سودا مارشى»نى سەبىي، گۆدەك بالىلىرىمىزغا ئۈگىتىپ، ئۇلارغا پۇل ھەممىگە قادىر دېگەن ئىدىيىنى سىڭدۈردۇق.
       شۇنىڭ بىلەن «پۇلپەرەسلىك» ئىدىيىسى كىچىكلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. بالىغا كىچىكىدىنلا ئانچە-مۇنچە سودا قىلىشنى ئۈگىتىپ چوڭ قىلىمىز دەيدىغان بولساق، بىلىم ئېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ئۆگىتىشىمىز لازىم. پۇل بالىلارنىڭ ككزىنى توسۇپ قويمىسۇ، ئەقلىنى بوغۇپ، ۋىجدانىنى يۈتۈپ كەتمىسۇن، ئۇلار ئوقۇسۇن، كۆڭلى ئاقارسۇن قانداق ياشاشنى ئۆگەنسۇن، سەبىي گۆدەك قەلبى پۇل بىلەن ئەمەس، بىلىم بىلەن بېيىسۇن!
    قاچانغىچە «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار»دېگەندەك «قارىمىز» نى بالىلارغا يۇقتۇرىۋىرىمىز.

    بالىلارنىڭ تەبىئىتىنى قوغدايلى

       بىر قېتىم بىر ھېندىستانلىق كىشى بىر دانە چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، تۈگۈلۈپ، قېينىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قۇتقازماقچى بولپتۇ. ئۇ ئەمدىلا قول ئۇزىتىشىغا چايان ئۇنى چېقىۋاپتۇ. لېكىن ئۇ كىشى چاياننى قۇتقۇزماقچى بولپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر قېتىم قول ئۇزارتىشىغا چايان ئۇنى يەنە چېقىپتۇ. ياندا تۇرغان بىر ئادەم:
    − ئۇ سېنى مۇنداق چېقىۋاتسا، ئۇنى قۇتقۇزۇپ نېمە قىلىسەن؟-دەپ سوراپتۇ. ھېندىستانلىق:
    − ئادەم چېقىش چاياننىڭ تەبئىتى، ئۇنى ئاسراش، قۇتقۇزۇش مېنىڭ تەبىئىتىم. نېمە دەپ چاياننىڭ ئادەم چاقىدىغان تەبئىتىنى دەپ، ئادەمنىڭ ئادەملىك تەبئىتىدىن ۋاز كېچىمەن؟!-دەپتۇ.
    دەرۋەقە، تۇرمۇشىمىزدا ھېندىستانلىق كىشىگە ئوخشاش ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشتەك ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن پاك، ھالال ياشاپ كېلىۋاتقان، ئادىمىيلىك تەبئىيتىگە ئىگە كىشىلەر ئاز ئەمەس. شۇنداقلا، ئازغىنى پايدا-مەنپەئەت، كىچىككىنە ئەمەل-مەنسەپ، ۋاقىتلىق بەخت-سائادەت يولىدا تەمە ئىزدەپ، ئۆز ئىنسانىي پەزىلىتى، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان، ھەتتا ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان «تاۋار» ئادەملەرمۇ كۆزدىن نېرى ئەمەس.
    مەن بىر ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى بولغىنىم ئۈچۈن، دائىم مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئاڭلاپ مۇھاكىمە قىلىپ تۇرىمەن. بولۇپمۇ، ئەدەبىيات دەرىسى ئاڭلاش جەريانىدا خىلمۇخىل مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە، ھەرخىل ئېقىم يۆنىلىشىدىكى مەسىلىلەرگە تولغان دەرىسخانا كەيپىياتىغا ئۇچرايمەن. «بۆرە بىلەن قوزىچاق» دېگەن مەسەل ئۆتۈلۈپ، دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن «بۆرە رەھىمسىزمىكەن؟»، بىزنىڭ سىنىپتا بۆرىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار بارمۇ؟ بار بولسا، كىم؟» »سىز قايسى خىل ھايۋا تەبئىتىگە ئىگە بولۇشنى خالايسىز؟» دېگەنگە ئوخشاش تۇتۇرۇقسىز، بىمەنە سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىلارنى ئاتالمىش «تەپەككۈر قىلىش» قا غەيرىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلغان. مۇشۇمۇ بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئۆگەنگىنىنى ئۆز ئىدىيىسىدە ئىپادىلەشكە ياردەم بەرگەنلىكمۇ؟ ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنىڭ «بۆرە يىرتقۇچ ھايۋان، ئۇنى دوراشقا بولمايدۇ. قوزىچاق ياۋاش، گۇناھسىز، ئۇ بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ»دېگەن جاۋابنى بېرىشى شۇنچە زۆرۈرمۇ؟ ئەجەبا بكرە قوزىچاقنى يەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنى رەھىمسىز دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ بۆرىمۇ ئۆز تەبئىتى بىلەن ياشىشى كېرەكقۇ؟ ئەگەر يولۋاش، شىر، ئېيىق قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار بۆرىنى يەۋەتسە، ئۇ چاغدا «رەھىمسىزلىك» كە كىم ئارتىلىدۇ؟
       رىئال تۇرمۇشىمىزدا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يېڭىپ(يەۋىتىپ) غالىپ ياشىشى، ئاجىزلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشى ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن كۈچلۈكلەرنى بىر چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر تۈردىكى مەۋجۈدىيەت ئۆز تەبىئىتى بىلەن ياشىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى مەۋجۈت قىلىپ تۇرالايدۇ ۋە شۇنچە گۈزەل، يېقىملىق كۆرۈنەلەيدۇ. ئادەننۇ شۇنداق، ئادەم قانچىكى ئۆز تەبئىتىدە ياشىيالىسا ئۆزىنى شۇنچە نامايان قىلالايدۇ. ئاقكۆڭۈللۈك، سەمىمىي، كەمتەرلىك، زوق-ھەۋەسلىك، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق، ئالىي پەزىلەتلىك بولۇش ئىنسان تەبىئىتىگە ياتىدۇ. بىر كىشىنىڭ مال دۇنياغا ئېرىشىش يولىدا تۈلكىدەك ئادامچىلىق، ھېلىگەرلىك قىلىشى، ئالا قاغىدەك قارا كۆڭۈللۈك قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋىتىشى، يولۋاستەك ھۆكىرەپ، يولسىزلىق قىلىپ ئىش تېرىشى ھايۋان تەبىئىتىگە ياتىدۇ. بۇ تەبىئەت ھايۋانغا ھەرقانچە ياراشقىنى بىلەن ئىنسان ئۈچۈ سەت، كۆرۈمسىز كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، بىز بالىلارغا ئەسلى ئادەم تەبئىتىنى ئەسلىتىپ تۇرىشمىز، غەيرىي تەبىئەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشنىڭ ئادىنى ئېلىشىمىز لازىم. شۇندىلا بالىلار ئادەملىك تەبىئىتىدە ياشاپ، ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.