ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا فەمىنىزم

يوللىغۇچى : hunwolf يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 23:03:32

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا فەمىنىزميۈسۈپجان ياسىنمەنبەسى:<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>، 2006-يىلى23-مارت.مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا ...

     


     

    ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا فەمىنىزم

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

    مەنبەسى:<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>، 2006-يىلى23-مارت.

     

    مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا ۋە جەمئىيىتىدە ئىنسانغا قايسى دەرىجىدە ئېتىبار بەرگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىغا، قەدىر – قىممىتىگە ياكى ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېتىبار بىلەن قاراش ماھىيەتتە ئىنساننىڭ خائىشىغا، ئىقتىدارىغا ۋە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر جەمئىيەتنىڭ سىياسىي كۈچى، ئىجتىمائىي تەرتىپى، مەدەنىي قىياپىتى ۋە يەتمەكچى بولغان ئىدىئال غايىسىنىڭ  قانداق بولۇشى پەقەت ئىنسانغا بولغان مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

    تارىختا ئۇيغۇرلار رىئاللىققا ۋە ئەمەلىي ھاياتقا يۈزلىنىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسىدە ۋە مىللىي پەلسەپىسىدە  <<ئىنسان مەركەز>>(ئىنساننى قەدىرلەش) ئىدىيىسىنى ھاياتنىڭ تۈپ پرىنسىپى قىلغان. بۇ ئىدىيىنىڭ ئىپادىلىرى  بولسا ئىنساننىڭ ھۆر – ئەركىنلىكى، بەخىت – سائادىتى، جىسمانىي دەخلىسىزلىكى، روھىي ئازادىلىكى،  پسخىك خاسلىقى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشتا كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر مەدەنىيەت بەلگىسىدە، يەنى سۆز، ھەرىكەت، كىيىنىش، ئوزۇقلىنىش، ئولتۇراقلىشىش، ئالاقە، تەربىيە، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي پائالىيەت، قائىدە - يوسۇن ۋە جەمئىيەت تەرتىپىدە ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان. دېمەك، <<ھۆكۈمرانلىق قىلىش تۇيغۇسى، ئىنسان مۇھاببىتى ۋە ئەمەلىيەتچىلىك >>  ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ  ئاساسىغا ئايلانغان.

    مانا شۇنداق تەپەككۇر سىستېمىسىغا تايانغان ئۇيغۇرلار  ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىگە ئېتىبار بىرىشنى ياكى ئىنساننىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئىرق ۋە جىنىس پەرقىنى نەزەرگە ئالماستىن، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر تەشەببۇس،  ئۆزگىرىش ياكى ئىسلاھاتقا مۇھتاج بولماستىن،  بەلكى ئۆزگەرمەس بىر  مىللىي خاراكتىر سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تارىخىدا ئىزچىل تەدبىقلاپ كەلگەن. بۇ ھالەت ئۇلارنىڭ بىر جەمئىيەت بولۇپ ئويۇشۇشقا باشلىغان دەۋرىدىن تارتىپلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مەشھۇر مۇتەپەككۇر زىيا گۆكئالپ(تەۋفىق سەدات) : <<قەدىمكى تۈركلەر - ئۇيغۇرلار ھەم دېموكرات ھەم فەمىنىست ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ دېموكرات بولغان جەمئىيەتلەر ئومۇمەن فەمىنىست بولاتتى>> دەيدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان <<فەمىنىست>> سۆزى فرانسۇزچە سۆز بولۇپ، جەمئىيەتتە ئەر - ئاياللارنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەشەببۇس ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا تەدبىقلىنىشى <<فەمىنىزم>> دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، تۈركىي قەۋملەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى ئاساسىغا  قۇرۇلغان ئىلغار بىر جەمئىيەت شەكلىنى ياراتقان. بۇ ئەلبەتتە يۈكسەك دەرىجىدىكى ھوقۇق ئېڭىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ  بەلگىسى ھېساپلىنىدۇ.

    شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇيغۇر تارىخىدا كۆرۈلگەن فەمىنىزم ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىئولوگىيە، ھوقۇقشۇناسلىق ۋە جەمئىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان <<ئىلغار بىر مەدەنىيەت تىپى>> ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، دۇنيا تارىخىدىن بىزگە مەلۇمكى باشقا تىل سىستېمىسىدىكى مىللەت  توپلىرىدا تاكى 19- ۋە 20 – ئەسىرلەرگىچە، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئاياللار ئېتىبارسىز ، ھۆرمەتسىز ۋە ھوقۇقسىز  ھالەتتە ياشاپ كەمسىتىلىپ كەلدى. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز پەقەت ئىنگلىزلار بىلەن رىملىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئەنگلىيىدە  مىلادى 11- ئەسىرگە قەدەر ئەرلەر ئۆز ئايالىنى خالىغانچە سېتىۋىتەتتى. ئىنگلىزلار ئاياللارنى چۆمۈلە توپىدىكى بىر جانلىق دەپ قارايتتى، شۇڭا ئاياللارنىڭ <<ئىنجىل>>نى ئوقۇشىغا يول قويمايتتى. ئاياللار  ھېنرى دەۋرىگە (مىلادى 1509- 1547- يىللار) كەلگەندىلا ئاندىن <<ئىنجىل>>نى ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلىگەن. ئىنگلىزلاردىكى ئاياللار قەدىرسىزلىكى ھەققىدە ئىپىسكوپ دۇرنىڭ 1878- يىلى ۋېستمىنىستىر  چېركاۋىدا سۆزلىگەن بىر نۇتقى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ نۇتۇقتا مۇنداق دېيىلگەن:<<بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قەدەر ئايال ئەر بىلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغىنىدەك، ئايالنىڭ ئەرنىڭ  رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئەر ھەر ۋاقىت يېنىغا بىر كالتەك ئېسىپ يۈرەتتى، قاچان ئايالى سۆزگە كىرمەي قالسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇراتتى. ئايالنىڭ سۆزى قىزلارغا ئۆتمەيتتى. ئوغۇللار ئانىسىنى ئۆي ئىچىدە پەقەت بىر مالاي ئورنىدا كۆرەتتى.>>  دۇنياغا مەشھۇر رىم قانۇنى بولسا ئاياللارنىڭ ھوقۇقسىزلىقىنى قانۇن شەكلى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشتەك ئادالەتسىز ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ قانۇندا ئاياللارنىڭ ئۆز مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ۋەسىيەت قالدۇرىشى مەنئىي قىلىنغاندىن سىرت، ئاياللارنىڭ ئەقلىدە مەسىلە بار دەپ قاراپ، ئۇلارغا پۇخرالىق سالاھىيىتى بىرىلمىگەن. تۇل ئاياللارنىڭ توي قىلىشى جىنايەت دەپ قارالغان. ئومۇمەن رىمدا ئاياللار ئەسىر ھالىتىدە ياشايتتى. پۈتكۈل خرىستىئانلار ئاياللارنى شەيتان دەپ بىلەتتى. ئۇلارنى خاتالىق ۋە جىنايەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى. ھەتتا چېچى خىنە رەڭگىدىكى ئاياللارنى جادۇگەر دەپ قاراپ ، ئۇلارنى دەرەخكە باغلاپ ياكى پوپنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەھۋاللار 19- ئەسىردىمۇ داۋاملاشقانىدى. ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدىمۇ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ۋە ئۇلارغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان موتىفلار، ئوبرازلار ۋە ماقال – تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. ئاياللارنى خورلاش ئەرەبلەر، پارسلار، ھىندىلار ۋە خەنزۇلاردا تېخىمۇ پاجىئەلىك تۈستە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ مىللەتلەردە ئاياللار <<ئاپەت>> دەپ قارىلىپ، بالىنىڭ قىز بولۇشى شەرەپسىزلىكنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. 

    بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇن تەدبىرلىرى ئارقىلىق ۋە باشقا ۋاسىتىلارغا تايىنىپ ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يەنىلا ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە قەدىر – قىممىتىنىڭ تولۇق يۈكسەلگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي بەلگىسى دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەللەردە ئاياللارنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتى، كىشىلىك خائىشى، ئەقلىي ئىقتىدارى، تەبىئىي ماھارىتى، روھىي دۇنياسى، جىسمانىي قۇدرىتى ۋە ئائىلىدىكى رولىغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىلەن قارالماي، ئۇلارغا خىزمەتتە ۋە جەمئىيەتتە ئەرلەرگە ئوخشاش ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈكلەنمەكتە. بۇ ھالەت ئاياللارغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئوخشاشلا زەئىپلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغاچقا، بۇنى ماھىيەتتە يەنىلا ئاياللارنى خورلاش ۋە ئۇلارغا  ھاقارەت كەلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھالەت تەرەققىي قىلىپ يەنە كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدە ۋە  قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش ياساپ، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مىللەت ئەخلاقىدا ئېغىر كىرېزىس پەيدا قىلماقتا.

    مۇشۇ تەرەپلەردىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تارىخىدىكى فەمىنىزمنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىكلەنگەن بىر ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلگەن فەمىنىزمنىڭ بەلگىلىرى ئاياللارغا ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇق، ئورۇن ۋە ئىمتىياز بىرىش؛ ئاياللارغا يۇقىرى ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئاسراپ، ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن خالاس قىلىش؛ ئاياللارغا ئۈستۈن ھۆرمەت كۆرسىتىپ ئۇلۇغلاش؛ ئاياللارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ۋە شان – شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش؛ ئاياللارنى خاتىرىجەملىك، بەرىكەت، ئامەت ۋە گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىش؛ شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ <<پاكلىق ۋە نۇمۇسنىڭ سىمۋولى>>غا ئايلىنىشىنى ئىدىئال ھاياتنىڭ بىرى قىلىپ تاللاپ، ئەخلاق جەھەتتە مۇكەممەل جەمىئيەت  يارىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلەنگەن. ھوقۇق پەلسەپىسىگە مەنسۇپ بۇ مەدەنىيەت  تىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانچىلىق (ئىنسانپەرۋەرلىك)  ئىدىيىسى ساھەسىدە تارىخنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدىكى دەۋرداشلىرىدىن ھالقىغان ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 

    ئۇيغۇرلاردىكى فەمىنىزمنىڭ تۇنجى بەلگىسى بولسا، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىزچىللىق قازىنىپ، ئەر – ئايالنىڭ ھوقۇق باراۋەرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلە تىپىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۆرە(قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ بىرلەشمىسى) گە ئايلىشى ئىدى .

    بۇ ئائىلە تىپى ئەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا مۈلۈك قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان قەدىمكى يۇناندىكى <<گىنۇس>>قا، رىمدىكى <<گىنىس>>كە ۋە سلاۋيانلاردىكى ئەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا  قۇللارغا ھۆكۈمرانلىق  قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان <<زادۇرگا>>غا قارشى ماھىيەتتە بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى كەڭ  ۋە چەكسىز ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلاردا  ئائىلىنىڭ تۈرلۈك قارارلىرى ئەر- ئايال نامىدىن تەڭ چىقىرىلغان، ئوغۇل – قىز تەربىيىسى تەڭ ئورۇنغا قويۇلغان. بولۇپمۇ قىز بالىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتى دىققەت قىلىنغان. نەسەپ سۈرۈشتۈرۈشتە ھەم دادا ھەم ئانا تەرەپ تەڭ ئورۇندا تۇرغان. ئائىلىنىڭ تۈرلۈك مۈلۈك ۋە ئىقتىسادىغا ئەر- ئايال تەڭ ئىگىدارچىلىق قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللارغا خاس بولغان ۋە ئۇلار خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالايدىغان  ئوتلاق، چارۋا - مال، يەر- زىمىن، باغ ۋە باشقا تەئەللۇقاتلار بولاتتى. ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتمۇ ئېنىق بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئەرلەر ۋە ئوغۇللار ئۈستىگە ئالاتتى. مىلادى 9- ئەسىردىن تارتىپ تاكى 20- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار يېرىگە كەلگەن ئەلچىلەر، سەيياھلار، سودىگەرلەر، تەكشۈرگۈچىلەر ۋە  ئىكىسپىدىتسىيىچىلەر(گەردىزى، ۋاڭ يەندى، ئبىن باتتۇتا، ئىززەتۇللا، كروپاتكىن ۋە پېرژىۋالىسكىي قاتارلىقلار)نىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنىمۇ دەل ئۇيغۇرلاردىكى ئاياللارنىڭ ئورنى، ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنىڭ ئۈستۈنلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بېقىندا ئەمەسلىكى، نۇرغۇن تەرەپتىن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىكەنلىكى، جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئەرلەر بىلەن بىرگە قاتنىشىدىغانلىقى، ئائىلىدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ مەسلىھەتى ۋە رازىلىقىسىز ھېچقانداق بىر مۇھىم ئىشنى قىلالمايدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرما قېلىنغان.

    بۇنداق باراۋەرلىككە تايانغان ئائىلە تىپى يەنىلا ئايال بولغۇچىنىڭ رازىلىقى ۋە شەرتىنى ئورۇنداش ئاساسىدا قۇرىلاتتى. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدا يىگىتكە  ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۈشكۈللەردىن غالىپ كىلىشىنىڭ شەرت قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر ھېكايىلەر كۆپ سۆزلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا ئاتقا ياخشى مىنەلمەيدىغان ۋە چېلىشالمايدىغان يىگىتلەرگە قىزلار تەگمەيتتى. ھەتتا بەزى غەيرەتلىك ۋە كۈچلۈك  قىزلارنىڭ تويلىشىدىغان يىگىتكە ئاۋۋال ئات بەيگىسىدە، ئوق ئېتىشىشتا ۋە چېلىشىشتا ئۆزىنى يېڭىۋېلىشنى شەرت قىلىدىغانلىقىغا دائىر پاكىتلار بار.

     دېمەك، نىكاھ ئىشى ئايال كىشىنىڭ شەرتى ۋە رازىلىقى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگىنىدەك، نىكاھتىن ئاجرىشىشمۇ يەنە ئايالنىڭ شەرتىنى تولۇق ئورۇنداپ رازى قىلىشنى ئاساس قىلاتتى.

    ئۇيغۇرلاردا ئايال كىشىنىڭ ئەرنىڭ  ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، بالىلارنىڭ ئانىسى ۋە ئائىلىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرىكىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرنىڭ ھاياتى، ئائىلىنىڭ كېلىچىكى ۋە بالىلارنىڭ تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ زورلۇقى تولۇق چۈشىنىلگەچكە، ئاياللار ئائىلىدە خاتىرىجەملىك، بەرىكەت ۋە شان- شەرەپنىڭ مەنبەسى دەپ قارالغان. داستانلاردىمۇ تەسۋىرلەنگىنىدەك، ئاياللار ھەر ۋاقىت ئەرلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئىلھام مەنبەسىگە ئايلىناتتى. ھەتتا ئەر ئەخلاققا زىت بىر ئىش قىلىشقا تەمشەلگەندە ئايالىنىڭ سىماسى ئۇنى بۇ يولدىن ياندۇراتتى. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلاردا ئاياللارغا ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە يۇقىرى ئورۇن بېرىش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش  بىر خىل ئەقىدىگە ئايلانغان ئىدى.

    ئۇيغۇرلاردىكى ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت ئەقىدىسى  يۈكسىلىپ ئاياللارنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. ئۇيغۇرلار بۇنى سىمۋوللۇق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق بۆشۈكى ھېساپلانغان ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوقىسىنى <<ئايال بېشى>>دەپ ئاتىغان. داستانلاردا ئاياللارغا ئىلاھىي بىر مەۋجۇتلۇق سۈپىتى بىرىلگەن. يارالمىش داستانلىرىدا تەڭرىگە ئىنسانلارنى ۋە پۈتكۈل ئالەمنى يارىتىشنى تەۋسيە قىلغىنى ۋە ئىلھام بەرگىنى <<ئاق ئانا>> دېگەن بىر ئايال كىشى ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.  ئەڭ قەدىمكى تۈرك ئېتىقاتىدا ئايال كىشىنىڭ ئەسلىدە يەتتىنجى قەۋەت ئاسماندا تۇرىدىغانلىقى سۆزلىنىش ئارقىلىق ئايال كىشىگە قارىتا مۇقەددەسلىك چۈشەنچىسى ئاتا قىلىنغان. <<ئوغۇزنامە>>دىمۇ ئوغۇزخاننىڭ خانىشلىرىنىڭ ئىلاھىي مەنبەلىك ئىكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. <<ئورخۇن ئابىدىلىرى>>دە كۆل تېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ ئانىسى ئۇلۇغلىنىپ ئومايغا ئوخشىتىلىدۇ.

    بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس  بىلىش ئەقىدىسىنىڭ تۈركىي تىلدىمۇ ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلىمىز. ھازىرقى بىلىشىمىزچە، تۈركىي  قەۋملەردە ھۇنلار دەۋرىدىن بىرى قىز-  ئاياللارنىڭ ئىسمىغا مىللەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ كىشى ھېساپلانغان ھۆكۈمدارنىڭ <<قاغان>>(<<ئۇلۇغ كىشى>>دېگەن مەنىدە)  ياكى ئۇنىڭ جانلىق تىلدىكى شەكلى بولغان <<قان>(خان) دېگەن ئۈنۋان نامىنى قوشۇپ ئاتاش  ئارقىلىق ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىرغا قەدەر قىز- ئاياللارنىڭ ئىسمىغا  بىرىكىپ كىلىۋاتقان <<خان>> ۋە <<خانىم>> دېگەن ھۆرمەت ناملىرىنىڭ مەنبەسى مانا شۇ ئۈنۋانغا تاقىلىدۇ. <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>تىكى ئاياللار دۇنياسىغا ئائىت 115 سۆزلۈك ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىدىغان بىرمۇ سۆز ئۇچرىمايدۇ. ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاشۇ مەزگىللەردە ئاياللارنىڭ لەقەم ناملىرى ئۈچۈنمۇ پەقەت<<ئۈزۈك>> ۋە <<مەرۋايىت>> دېگەنگە ئوخشاش قىممەت باھالىق بويۇملارنىڭ ئىسىملىرى ئىشلىتىلگەن. ۋامبىرىي <<قەدىمكى تۈركچىدە <جالاپ> ۋە  <ھارامزادە> دېگەن سۆزلەر يوق ئىدى. بۇ سۆزلەر پارسچىدىن كىرگەن>> دەيدۇ.  دېمەك، تۈركىي تىلنىڭ ئەسلىي لېكسىكىسىدا ئاياللانىڭ ئوبرازىغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلەر كۆرۈلمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ماقال – تەمسىللىرىدىمۇ ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا ئائىت مەزمۇنلار كۆپ. مىسال قىلىدىغان بولساق، <<ئايال كىشى ئۆينىڭ زىننىتى>>، <<قىز بولسىمۇ دۆلەت قۇشى>>، <<قىزى بارنىڭ يۈزى بار>>، <<قىزلىق ئۆيگە قىرق ئات باغلىنار>>، <<قىزلىق ئۆي- خان كۆۋرۈكى>>، <<ئايال كىشىنىڭ جېنى قىرق بىر>>، <<ئۆينىڭ بەرىكىتى خوتۇندىن، قازاننىڭ قاينىشى ئوتۇندىن>>، << ئوغلى بارنىڭ ئورنى بار، قىزى بارنىڭ قەدرى بار>>، <<ئوغۇل بالا قامەت، قىز بالا ئامەت>>، <<ھارۋا يولى تار بولماس، قىزى بار ئادەم خار بولماس>>، <<بىرى قىزى بار بەگزادە، ئىككى قىزى بار خانزادە>>، <<خوتۇنۇم ئۆلدى قامچام سۇندى>>، <<خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق>>، <<ئانا ئايىقىدا جەننەت بار>>، <<بەگ داداڭغا قالغىچە، چاقىچى ئاناڭغا قال>>، <<ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى>>، <<ئاتا مېھرى چىراق، ئانا مېھرى بۇلاق>>، <<ئاتام بار – ئالەم بار، ئانام بار- ئايەم بار>> دېگەن ماقال - تەمسىللەردە ئايال كىشىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، ۋە مىللەت ئىچىدىكى ئورنى، رولى، تەسىرى، قەدىر – قىممىتى، شان - شەرىپى ۋە ئۇلۇغلىقى گەۋدىلەنگەن.

    بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئۇيغۇرلار ئەخلاقتا ناھايىتى مۇكەممەل ئىنسانلاردىن بولۇپ، سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلغانىدى. بۇ مىللەتتە ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قىممىتى ۋە شۆھرىتى ئۇنىڭ ئەخلاقىي قىياپىتىگە قاراپ بەلگىلىنەتتى. ئاياللار ئۈچۈن ئەخلاقنىڭ قىمممىتى تېخىمۇ زور بولغان. شۇنداقلا ئەخلاق ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى دەپ قارالغان. بولۇپمۇ قىز – ئاياللار  ئەخلاقتىكى يۈكسەكلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۇ ھالەت يات مىللەت ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىنمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. گەردىزى <<مەلۇمكى، توققۇز ئوغۇزلار ئاياللىرى ناھايىتى ئەخلاقلىق كېلىدۇ>> دەپ تەرىپلىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، شەھۋانىيلىق ۋە ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي قىياپىتىنى چۆكتۈرىدىغان بىرمۇ تېمىنى ئۇچرىتالمايمىز. ئەكسىچە ئۇيغۇر مىفلىرى، چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىدىكى ئايال قەھرىمانلارنىڭ <<نۇمۇس ۋە پاكلىق سىمۋولى>> بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايقايمىز. بۇنداق نۇمۇس ۋە پاكلىق چۈشەنچىسىنىڭ يەنە بەلگىلىك ئېتىقاد شەكىللىرى بىلەنمۇ  باغلانغانلىقى مەلۇم. قەدىمكى تۈرك ئېتىقاتىدىكى ئايال تەڭرىچىلەردىن بولغان ئوماي ۋە ئايزىت روھلىرى ئاياللارنىڭ ھېمايىچىسى ۋە نۇمۇسنىڭ - پاكلىقىنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلاتتى. بۇ خىل يۈكسەك ئەخلاق مەدەنىيىتىنىڭ مۇقابىلىدىن بىرى بولغان قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتىدىكى مىفلەردە تەڭرى ئافرودىت فاھىشىلەر-جالاپلارنىڭ مۇئەككلى، شەھۋانىيلىق ۋە ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى دېيىلەتتى.

    ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن، ئاياللارنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قېلىشى ئەڭ ئېغىر خورلۇق ھېساپلانغان. شۇڭا ، ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ۋە شەرىپىنى قوغداش دۆلەت، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى بۇنىڭغا دائىر قانۇنلار تۈزۈلۇپ كەسكىن ئىجرا قىلىنغان. تارىخىمىزدا زور بۇرۇلۇشلارنى ياسىغان بەزى قوزغىلاڭلار دەل ئاياللارنىڭ نۇمۇسى ۋە شەرىپىنى قوغداش يولىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاقى، پاكلىقى، ئەقىدىسى، مۇھاببىتى، قەدرى ۋە شەرىپىنى قوغداش  يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ھەتتا خورلۇقتا ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىپ، ئۆز ھاياتىنى ئۆز قولى ئاخىرلاشتۇرۇش(ئۆلىۋېلىش)تەك بۈيۈك روھنى قارشىلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەلگىسى قىلغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللارغا يۇقىرى ھۆرمەت، ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش شەكلى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئۆزىنى تولۇق ئىپادە قىلىشىغا ئاساس ياراتقان. نەتىجىدە ئاياللار ھەم ئەخلاقلىق، نازاكەتلىك ھەم غەيرەتلىك، قەيسەر خاراكتىرنى يىتىلدۈرگەن. ئائىلە باشقۇرۇشتىن تارتىپ  دۆلەت ئىدارە قىلىشقىچە  بولغان تۈرلۈك ساھەلەرگە ئارىلىشىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. ئەرلەر بىلەن بىللە ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، توپ ئويناش، چېلىشىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئۈستىگە ئالغان. جىددىي مەزگىللەردە قولىغا قورال ئېلىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى – تاشقى چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي  قارارلىرىنى بىكىتىشتە خانىشلار ئىمپېراتور ياكى قاغانلار بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ھوقۇق ۋە سالاھىيەتكە  ئىگە بولۇپ، دۆلەت قارارلىرى <<قاغان(خاقان)  بىلەن خاتۇن(خانىش) بۇيرۇق بېرىدۇكى....>> دېگەن سۆز بىلەن باشلىناتتى. چەتئەل ئەلچىلىرىنى قاغان ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلالمايتتى. ئەلچىلەرنى ئوڭ تەرەپتە قاغان، سول تەرەپتە خاتۇن ئولتۇرۇپ ئىككىسى بىرلىكتە قوبۇل قىلاتتى. زىياپەتتە، كېڭەشتە، قۇرۇلتايدا، ئىبادەتتە، مۇراسىمدا، ئۇرۇش ۋە تېنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە خاتۇن مۇتلەق ھالدا قاغاننىڭ يېنىدا بولاتتى.  ئىمپېراتور ياكى قاغاننىڭ ئانىسى ۋە خانىشلار دإلەت ئىشلىرى جەھەتتە يەنە  مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىرى قاغاننى تىكلەش ۋە ئېلىپ تاشلاش، ئۇرۇش ئىلان قىلىش ۋە قوشۇن چېكىندۈرۈش، ئۆزىگە خاس سارايدا چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش- تارتىشلارنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىش، قاغان تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلەنگەن. تارىخىي مەنبەلەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردىن باشلاپ ساك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە  ئاياللاردىن نۇرغۇن سىياسەتچى، قاغان، قاغان ياردەمچىسى، ۋەزىر، قوماندان، قەلئە مۇھاپىزەتچىسى، ئەلچى ۋە ۋالىيلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن تومارېس، ئارىغقان، جىۋا،  ئورخۇن خاتۇن، باز قاغان، بىلگە خاتۇن، شۈلۈگ خانىش، كىيىك خاتۇن ۋە تەركەن خاتۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە قىلىدۇ.

    ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق بىر بېسىمغا ياكى چەكلەشكە ئۇچرىماستىن، ھۆرمەت ئىچىدە ھۆر، ئەركىن ياشاپ، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز رولىنى ئىپادە قىلىشى، يەنى فەمىنىزم مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇقۇقچىلىق پىكرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ ھەقتە مەشھۇر  تۈركولوگ ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان مۇنداق دەيدۇ: <<ئاياللارنىڭ ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ  ئادەت ۋە نىزاملىرىغا قارشى ھالدا ئىجتىمائىي ھاياتقا ئىشتىراق قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەت - ھاكىمىيەت ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئىدى.>>

     شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەككى، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئەرەب ۋە پارسلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ئۇلاردىن كىرگەن مەدەنىيەت تەسىرلىرى قاتارىدا ئاياللارنى كەمسىتىدىغان  بەزى خائىشلارمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان. <<ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا>> دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر، ئايال كىشىنى شەيتانغا ۋە جادۇگەرگە ئوخشىتىدىغان ئەھۋاللار، پەرزەنتىنىڭ قىز بالا بولۇشىنى خالىمايدىغان خائىشلار ۋە ئائىلىدە ئايال كىشىنىڭ ھەقلىرىنى قاتتىق كونتورول قىلىدىغان بەزى شەخسىي  ھەرىكەتلەر دەل ئەرەب ۋە پارس مەدەنىيەتىدىن  ۋە باشقا  مەدەنىيەت مۇھىتىدىن كىرگەن غەيرى ئامىللاردۇر. بۇنى ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ فەمىنىزم مەدەنىيىتىدىن ئايرىم ھالەتتە چۈشىنىش كىرەك.

    بىز ئۇيغۇر فەمىنىزمى ھەققىدىكى بۇ ماقالىمىزنى مۇتەپەككۇر زىيا گۆكئالپنىڭ تۈۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچى. <<دۇنيادىكى ئەڭ دېموكرات مىللەت قەدىمكى تۈركلەر - ئۇيغۇرلار بولغىنىدىەك، ئەڭ فەمىنىست توپمۇ يەنىلا قەدىمكى تۈركلەر - ئۇيغۇرلاردۇر. چۈنكى، فەمىنىزم دېموكراتىينىڭ، يەنى باراۋەرلىكنىڭ ئاياللارغا ئائىت ئىنكاسىدىن ئىبارەت... باشقا مىللەتلەر زامانىۋىي مەدەنىيەتكە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن ئۆتمۈشىدىن يىراقلىشىشقا مەجبۇردۇر. ھالبۇكى، تۈركلەر– ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەتكە كىرىشى ئۈچۈن پەقەت قەدىمكى ئۆتمۈشىگە قايتىپ بېقىشى يىتەرلىكتۇر. قەدىمكى تۈركلەر- ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەسەبىي دىنىي مۇراسىملاردىن، زەرەرلىك ئىبادەتلەردىن، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى تۈركلەر - ئۇيغۇرلارنى مەيلى ئاياللار ھەققىدە بولسۇن، ياكى باشقا مىللەتلەر ھەققىدە بولسۇن، ناھايىتى ئەركىن مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرغان. قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئۇستازلىرى ئىسكىتلەر - ساكلار، قەدىمكى كىلدىئانلارنىڭ ئۇستازلىرى سۇمېرلار بولغىنىدەك، قەدىمكى گېرمانلارنىڭ ئۇستاز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ھۇنلار ئىدى. كەلگۈسىدە تەرەپسىز بىر تارىخ دېموكراتىيە بىلەن فەمىنىزمنىڭ تۈركلەر- ئۇيغۇرلاردا  بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.>>

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.