ئوقۇش ھەققىدە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 18:25:35

ئوقۇش ھەققىدە ئوقۇ، ئەمما شۇنى ئۇنۇتما، ئوقۇش يەنىلا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئېسىڭدە بولسۇن، ئوقۇيدىغان نەرسە كىتابلا ئەمەس، ئۇ پەقەت ئوقۇيدىغان نەرسىنىڭ بىرىدۇر. كىتابنىڭ سىرتى...

     

                                                          ئوقۇش ھەققىدە

    ئوقۇ، ئەمما شۇنى ئۇنۇتما، ئوقۇش يەنىلا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئېسىڭدە بولسۇن، ئوقۇيدىغان نەرسە  كىتابلا ئەمەس، ئۇ پەقەت ئوقۇيدىغان نەرسىنىڭ بىرىدۇر. كىتابنىڭ سىرتىدا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت بولغان ھادىسىلەر، شەيئىلەر، كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ ئوقۇشقا تېگىشلىك نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدۇر.

     مەنىۋىيىتىڭنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمە. سەن يا رەببىڭدىن ۋەھيى (ئىلاھىي ئۇچۇر، بىلىم) ئالالمايسەن شۇڭا روھىي قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا ئوقۇش كېرەك، بۇ بىردىنبىر چىقىش يولۇڭدۇر.  ئوقۇمايدىغان ئىنسان سۇسىراپ، قاغجىراپ كەتكەن ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇ، ئاخىر قۇرۇپ قالىدۇ. بىلىمگە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئوقۇشلا ئەمەس، ئەمما ئۇ بىلىمگە ئېرىشىشىڭگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

     دۇرۇس نىيەتتە ئوقۇ. ئوقۇشتىن مەقسىتىڭ مال-دۇنياغا ئېرىشىش بولسا، ئوقۇماي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا تېز ئېرىشىدىغان ئۇسۇللار بار، شۇلار بىلەن ھەپىلەش.  بىلىمگە خالىس نىيەتتە تەلەپكار بول. ئېسىڭدە بولسۇنكى،  "ھەقىقەت توغرىسىدىكى ئىلىم (يەنى ھەقىقەت) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا". ئۇ ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىش-ئالالماسلىقىڭ  ئىخلاسىڭغا باغلىق. ئىخلاسى يوق بىلىمدانلار ئېشەككە يۈك.

     توغرا ئوقۇ. توغرا كۆز قاراش توغرا ئوقۇشنىڭ كاپالىتىدۇر. قۇرئاننى، ھەدىسنى، شەيئىلەرنى، كائىناتنى ۋە ئىنساننى خاتا ئوقۇيدىغانلار  ئىلىم-ھېكمەتنىڭ سىرىنى بىلەلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. توغرا ئوقۇش ئەقلى ساغلام بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەقلى مەجرۇھلار  توغرا نەرسىنىمۇ تەتۈر چۈشىنىدۇ،  ھەقىقەتنى سەپسەتىگە ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ.

     كۆزۈڭ بىلەن ئوقۇۋاتقان نەرسە كىتابلا ئەمەس ئەلۋەتتە،  كۆرگەن نەرسە ئۈستىدە  پىكىر  يۈرگۈزۈشمۇ بىر ئوقۇشتۇر. توغرا ئوقۇش ئۈچۈن توغرا نەزەر سېلىش كېرەك،  ئالغايلار ھېچقاچان تۈز كۆرەلمەيدۇ.

     ئالغايلىقنى كۆرۈش جەريانىدا ئەمەس، كۆرۈشنى باشلىغان پەيتتە بايقا. ئىنسانغا تۈز، توغرا  قارىيالمايدىغانلار  تۇنجى قاراشتىلا  بىر ئادەمنىڭ ئىمانى، ئەقلى، قەلبى، جاسارىتى، پەزىلىتى، گۈزەللىكلىرىنى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ قارنىنى كۆرسە ” ئىنسان قانداق مەخلۇق؟“ دېگەن سوئالغا ” قورساق يۈكى ئۈچەي“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تۇنجى قارىغاندا ئىستاكاننىڭ سۇ تولغان قىسمىنى ئەمەس، بوش تۇرغان قىسمىنى كۆرىدىغان ئادەم ئىچىدە مېھمانخانا، ياتاق بار ئۆينى ” ئىچىدە ھاجەتخانىسى بار ماكان“ دەپ تەرىپلەيدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.

      قۇلاق بىلەن ئوقۇش ئاڭلاش ئارقىلىق بولىدۇ، ئۇنى مۈرەڭ بىلەن ئاڭلىمايسەن. نېمىلەر دېيىلىۋاتىدۇ، ھەممىسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلا، ئۇنى چۈشەنگەن-چۈشەنمىگىنىڭنى بىلمەي، ھەقىقەتلەپ باقماي تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈرمە.

     مەيلى كۆز، قۇلاق، زېھىن ياكى قايسى ئورگان-ئەزا بىلەن ئوقۇغان بول، ئالغان بىلىمىڭنى قەلب دېڭىزىغا سال. ئېرىشكەن بىلىمىڭنى ئىمانىڭنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلەتمە.

    توغرا نەرسىنى ئوقۇ، خاتا نەرسىنى ئۆگىنىپ يۈرمە، تاللىشىڭ توغرا بولسۇن. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قورالى بولغان كىتاب ئېسىمىزگە كېلىدۇ.  كىتابنى توغرا تاللاپ ئوقۇيالمىساڭ  پۇلۇڭ ، ۋاقتىڭ ، زېھنىڭ  ئىسراپ بولىدۇ،  بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىتابنى بىلىپ، بايقاپ، تاللاپ ئوقۇش كېرەك. يۈز گرام شېكەر ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن يۈز كىلو شېكەر قومۇشى چايناش ھاجەتسىز.

     شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرئاندىن باشقا بارلىق كىتابلار ”نېمە ئۈچۈن؟“ بىلەن باشلىنىپ، يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ دە ئاخىرلىشىدۇ، بەلكى يەنە ”نېمە ئۈچۈن؟“ ھەققىدە يېزىلىدۇ.

     كىتابنى خارلىما، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ قەلبى بار.

     ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقا ھېچبىر كىتاب ”لا رەيبە فىھ “(بۇ كىتابتا ھېچ شۈبھە يوق) ئەمەس.  شۇڭا ئىنسانلار يازغان كىتابلار تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شاپىقىنى تاشلىۋېتىپ ئىچىدىكىنى يە. ئىچىدىكى ياخشىكەن دەپ شاپىقىنى يېيىش، شاپىقى بار ئىكەن دەپ ئىچىدىكىنى تاشلىۋېتىش ئەخمەقلىق.  ئىمام شافىئى «ئەل ئۇم»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى تالىپىغا ئېيتىپ يازدۇرۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا ” ئوقۇپ باققىن ئوغلۇم“ دەيدىكەن،  تالىپ ئۇنى ئوقۇيدىكەن. ئىمام شافىئى ” شۇ يەرنىڭ ئاستىغا مۇنداق ياز، بۇ يەرنى ئۆچۈرۈپ مۇنداق ياز“ دەپ كىتابىنى باشتىن ئاخىر چورنىۋاي قەغىزىدەك قىلىۋېتىدىكەن. ئىككىنچى نۆۋەت ”ئەمدى بولدى“ دەپ يەنە ئوقۇتىدىكەن. ئەمما بۇ قېتىممۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۆزگەرتىپ، ئۆچۈرگۈزۈپ، كۆچۈرگۈزۈپ بىر نېمە قىلىۋېتىدىكەن. ئۈچىنچى نۆۋەت ” ھە، مانا ئەمدى بولدى“  دېگەن چېغىدا يەنە ئۆزگەرتىشكە، توغرىلاشقا تېگىشلىك يەر چىقىپ قالىدىكەن-دە، ئىمام شافىئى ئۆزىگە ئۆزى ۋەدە بېرىپ: ”بۇندىن كېيىن ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقا ھېچقانداق كىتابنى مۇكەممەل دېمەيمەن“ دېگەنىكەن.  شۇنى بىلكى، قۇرئاندىن باشقا ھېچقانداق كىتابنى باشتىن ئاخىر توغرا ياكى باشتىن ئاخىر خاتا دېگىلى بولمايدۇ.

       كىتابنى توغرا تاللاپ ئوقۇماقچى بولىدىكەنسەن ئاۋۋال ئاپتورىنى توغرا تاللا.  چۈنكى پىكىر-مەسلەككە دائىر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. شۇ دەۋرگە مەنسۇپ ئاپتورنىڭ كەمچىلىكلىرى، خاتالىقلىرى ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئەكس ئېتىدۇ.  شۇڭا  سەن بىر ئىنساننى ھەر قانچە ياخشى كۆرسەڭمۇ ئۇنىڭ كىتابىنى قۇرئاندەك چوڭ بىلىپ ئوقۇما.  ئۆزى مۇكەممەل بولمىغان ئىنسان قانداقمۇ مۇكەممەل بىر ئەسەر تەقدىم قىلالايدۇ؟  مۇكەممەللىك پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ كىتابىغىلا خاستۇر.

      ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە سەنئىتىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىجابىي ئەسەرلەر ئىخلاس بىلەن ئوقۇشقا  ئەڭ لايىق ئەسەرلەردۇر.

     كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولىدۇ، بۇلاردىن كۆپ قولللىنىلىدىغانلىرى: 1. ئاستىغا سىزىش ۋە بەلگە قويۇش؛ 2.  كۆچۈرۈۋېلىش؛ 3. كارتىغا جەملىۋېلىش. ئوقۇشتىن مەقسەت بىلىمگە ئىگە بولۇش. ئىنسان بىر نەرسىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ، خاتالىشىدۇ. ئەگەر ئۆگەنگەنلىرىڭنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولساڭ ئۇنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇت، خاتىرەڭنى قوغدا.  يۇقىرىقى ئۇسۇللار بۇ جەھەتتە ئەسقاتىدۇ.

     ئەگەر باشقىلارغا بىلىم بېرىدىغان ئادەم بولساڭ ئۆزەڭ ئىشلەتمەكچى بولغان بارلىق بىلىملرىڭنى جەملەپ بىر ئىلىم خەزىنىسى بەرپا قىل.  ئىنسان ئۇنتۇغاقتۇر، شۇڭا  زېھنىڭنى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭنى مەلۇم ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوغدىشىڭ كېرەك.

     ئاڭلاپ ئۆگىنىدىغان بىلىملەرنى چوقۇم يېزىۋال، قولۇڭدىن خاتىرە چۈشمىسۇن. بىر شائىر مۇنداق يازغان: قەلەم زەر، گۆھەردۇر دەرىجە نەرقى بىلەن ھەيۋەت، تارازىغا قويۇپ ساتما، ۋاقتى كەلسە ئېلىپ ئىشلەت. 

     

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:20:18]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.