ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى(ئىمىن تاجى تۈرگۈن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:14:10

ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى(زىيالىيلارغا ئوچۇق خەت)ئىمىن تاجى تۈرگۈن ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن «يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس» ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى...



    ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى(زىيالىيلارغا ئوچۇق خەت)
    ئىمىن تاجى تۈرگۈن




    ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن «يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس» ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ, ئۇ ھەم بۈگۈن ھەم كەلگۈسىمىزدە ئەستىن چىقارماي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھايات ھەقىقەتلىرىدىن بىرىدۇر.


        ئىلىم-مەرىپەت بىر مىللەتنىڭ موھىم مەنىۋىي بايلىقى بولۇپ، ئۇ بىر مىللەتكە مەدەنىيىلىك تۈسى ئاتا قىلىدىغان گۈللەرنىڭ بىرى، ئۇزاق قەدىمكى دەۋرلەردە ياكى بۈگۈن ۋە ياكى كەلگۈسىمىزدە بولسۇن بۇ گۈلنى ئۆزىگە دائىملىق ھەمرا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ موھىم بايلىقى قاتارىدا كۆرۈپ ۋارىسلىق قىلغان مىللەتلەر گۈللىنىشتە ئالتۇن دەۋر ياراتقان. ئەكسچە بولغاندا ھالاكەت گىردابىغا بىرىپ يوقىلىشتەك ئەجەللىك ئاقىۋەت ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان، بۇ بىر تارىخى ھەقىقەت.


         يىقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا بىر قېسىم سۆز-جۈملىلەر بولۇپمۇ، «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسى ئەتراپىدا كۆمۈكلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى بىزگە مەلۇم بولغۇسى» دېگەندەك ئىلىم ئۆسەك سۆزلىرى ئاۋۇپ، بەزىلەرنىڭ مىللىي ھىسياتىنى نەچچە يىل ھەتتا بىر ئۆمۈر بىسىلمىغۇدەك دەرىجىدە قوزغىتىۋەتتى. بۇنىڭ تېگى-تەكتىنى ھەقىقىي بىلمەيدىغان بىر قېسىم ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭ مەستخۇشلىقىدا يالتىراق شۆھرەتلەرنىڭ يىپىنچىلىرىدا تەرلەپ يۈرمەكتە. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئىلىم-پەن روھى بولمايدىكەن، ئۇنداق مىللەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ رىقابەت دۇنياسىدا ئۇتۇپ چىقىشى ئەسلا مومكىن ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئىلىم ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. كىمكى بۇ يولدا ماڭىدىكەن ئۇ تارىخنىڭ سىنىقىغا ھەرگىز بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.

        ئەمدى سۆزىمىزگە كەلسەك،  بۇنى سېتات سۈپىتىدە ماقالىلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلاردىن ھاجى نۇر ھاجى ۋە ئەسەد سۇلايمان قاتارلىق قاتارلىق زىيالىيلىرىمىزنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. سېتاتنىڭ ئاخىرىغا مورگان: «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 1-بېتى دەپ ئىزاھات بىرىلگەن.

         ھەممىمىزگە مەلۇمكى، سېتاتتا تىلغا ئېلىنغان تارىم قەدىمكى دەۋرلەردە تۆت چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش ۋە يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيىسىگە جايلاشقان، جۇغراپىيلىك ۋە ئېستىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن موھىم بولغان مەدەنىيەت بەلبىغىدىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى فېڭ جىياشېڭ : «شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ تارىختا مەدەنىيەت رايونى دەپ ئاتالغان» ① دەپ يازغان. روس ئالىمى گىروگىرويىفمۇ بۇ ھەقتە : «شىنجاڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا مەدەنىيەت، مەرىپەت جەھەتتە ئۆز قوشنىسى باكتىرىيىدىن قىلىشمايدۇ»② دەپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.  مانا مۇشۇنداق ئەۋزەك جۇغراپىيلىك موھىتتا بۇ يەردە ياشىغان يەرلىك مىللەتلەر مەدەنىيەتتە ناھايىتى گۈللىنىپ ئالتۇن دەۋر يارىتىش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولغان. بۇ ئارقىلىق شەرق-غەرب ئالاقىسىدىكى مەدەنىيەت ئەلچىلىرى بۇ يەرلەردىن كۆپلەپ چىققان ۋە باشقا ئەل-خەلقلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىمغا ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن كەلگەن چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيچىلىرى، سەيياھلىرى، دىن تارقاتقۇچىلىرى، ئېتنوگرافلارنى ۋە باشقىلارنىڭ بۇ يەرگە كۆپ قېتىم كېلىپ «تارىم ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقى» نى قوزغىشى بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. دېمىسىمۇ دۇنيادىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلار، ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى كۆپ ھەم يۇقىرى ئىلمىي باھالارنى بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە مەدەنىي مىللەت سۈپىتىدە تونۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان . مەسىلەن، ئا. بىرونكوف:« ئۇيغۇرلار ئۆتكەن تارىخى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى مەدەنىي تۇرمۇشى ھاياتىدا چوڭ ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن خەلق، ئۇلار قەدىمكى زامانلاردا يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ» ③ دەپ ، بارتولد : «ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمدىن بىرى يىراق غەربكە تارقالغان تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان ناھايىتى كەڭ تارقالغان تۈركىي خەلقتۇر»④ دەپ، چېڭ سولۇ : «شەرقى ئاسىيانىڭ تاغلىق ئۆلكىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ھىچقايسىسى غەربى ياۋرۇپا ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلاردەك بۇنداق كۈچلۈك تارتالمىغان» ⑤ دەپ يازغان.مېڭ چىبىي «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش» ناملىق ماقالىسىدە بولسا ئۇيغۇرلارغا باھا بىرىپ :

       «بىر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت دەپ ئاتىماق تەس، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلشىر ناۋايىدەك كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى چىققان. بۇنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇيغۇرلار ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، شامان دىنىغا، مانى دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا، بۇددا دىنىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دۇنيادا دىنى-ئەقىدىنى بۇنچە كۆپ تاللىغان مىللەت دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ سىرى نېمە؟ئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قۇملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ تولىمۇ چىچىلىپ كەتتى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا تارىمدىكى بىر قانچە قەبىلە، ئەللەرنى ئاسمىلىياتسىيە قىلالىدى، كېيىن ئۇزاق تارىخى جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇلارنى، مۇڭغۇللا رنى،قىتانلارنى ئاسمىلىياتسىيە قىلالىدى، شۇنداق زور ئاسمىلىياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نەدە؟ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلىرى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى. بۇنىڭ سىرى نەدە؟ »⑥ دەپ يازغان.

         دېمىسىمۇ جوڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئۇيغۇرلار، تارىم ۋە شىنجاڭ ھەققىدە كۆپ ئىجابىي باھالارنى بىرىپ ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىغان.

        شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى مەركەز تەلىماتىنى ياقىلىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى سۆزلىگەندە بۇ ئۇتۇق ياكى كەشپىياتىنىڭ قارشى تەرەپتىكىلەردىن مانچە يىل بۇرۇن بايقىلىپ، ئىشلىتىلىپ ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا تارقىلىپ كىرىپ قارشى تەرەپتىكىلەرنى بىر خىل مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرىدۇ، بۇ يەردە سەھىپە ۋە مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى دۇنيا مەدەنىيىتى مەلۇم بىر مەركەزدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە تارقالغان ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى بارلىققا كىلىپ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچقان. بۇ يەردە قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىرىپ ، ئۆزىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈش ئوچۇقتىن-ئوچۇق مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

        بۇ يەردە بىز ئالدى بىلەن بۇ خىل سېتاتتا تىلغا ئېلىنغان مورگان ھەققىدە توختىلايلى.

    لىۋىس ھېنرى مورگان - (1818-1881- يىللاردا ياشىغان) ئامرىكا مىللەتشۇناسى ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخى ئالىمى ۋە مەشھۇر ساياھەتچى. ئۇ ئامرىكا نىيۇ-يۇرك شىتاتىنىڭ ئائۇرادا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1840-يىلى قوشما شىتاتلار ئىنىستىتوتىنى تاماملىغان، 1844-يىلىدىن 1864-يىلىغىچە روچىستېرىدا ئادۋۇكات بولغان. ئامرىكا قۇرۇقلوقىنىڭ ئەسلى ۋە بىردىنبىر خوجايىنلىرى بولغان يىرلىك ھېندىئانلارنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىنى ئاقلاش بىلەن كاتتا شۆھرەت قازانغان ۋە مۇبارەك نامى يىراق-يىقىنغا تارقالغان.

               1861-يىلىدىن 1869-يىلىغىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ نىيۇ-يۇرك شىتاتى  ئاۋام پالاتاسى ۋە ئىچكى كابىنتتا خىزمەت قىلغان. 1871-يىلى قوشما شىتاتلار ئىنىستىتوتىدا قانۇن پەنلىرى بويىچە پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. 1875-يىلى ئامرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ باھالانغان. 1879-يىلى ئامرىكا ئىلىم-پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

         مورگان 1840-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەدىمكى جەمئىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە بۇ ھەقتە ئۆمۈر بويى ماتېريال توپلاشقا ھاياتىنى ئاتىغان.

    مورگان كەلگۈسى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئۈچۈن بىۋاستە ۋە بىرىنجى قول ماتېرياللارغا ئىگە بولۇش ھەم ھېندىئانلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مەقسىتىدە 1847-يىلى نىيۇ-يۇرك شىتاتىدا تېخى ئىپىتىدائىي جەمئىيەتنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھېندىئانلارنىڭ ئىسكىموسلار قەبىلىسىگە ئەزا بولۇپ كېرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى باشلىغان. كېيىن بۇ ھەقتىكى ماتېرياللار ئاساسىدا «ئېسكىموسلار ئىتىپاقى» ، « ئىنسانىيەت ئائىلىسىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى» ناملىق ئىككى كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. 1877-يىلى بۇ ئىككى پارچە كىتابى ئاساسىدا يۈرەك قېنى ۋە كۆز نۇرى گۆھىرىنى سەرپ ئېتىپ يىپيېڭى تارىخى ھۆججەت ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مەشھۇر ئەسەر «قەدىمكى جەمئىيەت» نى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.

    مورگاننىڭ ھەر قانداق بىر ئەسىرىدە تارىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى دۇنيانىڭ باشقا بىر يەرلىرىدىكى ناملار تىلغا ئېلىنمايدۇ،  بۇنى سېتات سۈپىتىدە تىلغا ئالساق ھەم مورگانغا ھەم ئۆزىمىزگە ھەم ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ياراتقان نەچچە مېڭ يىللىق چىن ئىلىم روھىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىمىز. مۇشۇلارنى سېتات سۈپىتىدە تىلغا ئالغانلارغا ياكى ئالماقچى بولغانلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ، سىلەر بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئىشلىتىش بەدىلىگە ئۆزۈڭلارچە بەلكىم ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغانسىلەر، ئىلمىي مەسىلىلەرگە بىسىقىغا چۈشمىگەن مىللىي  ھىسياتلارنى قوشۇپ قويغانسىلەر، لېكىن، مۇشۇنداق يالغان-ياۋداق سۆزلەرنى قىلىپ يۈرسەك باشقا ئەل خەلقلىرى، زىيالىيلىرى مەسخىرە كۈلكىسى بىلەنلا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنچىلىك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرالايدىغان زىيالىيلىرى، ئۆلىمالىرى يوق ئوخشايدۇ دەپ ئىچىدە نەچچە كۈن كۈلۈپ يۈرۈشى تۇرغانلا گەپ. بۇ ھەم ئۆزىمىزگە ھەم ئىلىمسۆيەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ يۈزىگە سەت، ئۇلار بۇ خەلق خەقنىڭ يالغاندىن باشقىلار ئارقىلىق دېيىلىپ قالغان بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئۆزىنى خوش ئىتىپ يۈرۈيدىغان ئوخشايدۇ دېگەن تەسىراتقا كېلىشى تەبىئىي. شۇڭا ئىلىم مەسىلىسىدە بىر ۋاقىتلاردا بايقالمىغان رەسۋاچىلىق ھامان بىر كۈنلەردە بايقىلىپ ساختىلىق مانا مەن دەپ ئۆزىنى ئايان قىلىپ ھەقىقەت ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ ئەقىل پىرامىداسىنىڭ چوققىسىدىكى ئادەملەر بولغان ئىكەن بىر مەسىلىنىڭ باش-ئاخىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىغىمۇ ئىلمىي تەنقىد روھى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دالىلىرىنى 15 يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلمەس ئەسىرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» نى يېزىپ چىققان. بۇ ھەقىقىي ئىلمىي روھتۇر، ماۋزېدوڭ "تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. دېمىسىمۇ ئىلىم ساھەسىدە ئۆزىگە خاس مۇستەقىل قاراشتا بولمىغانلارنىڭ، باشقىلارنىڭ كۆ-قاراشلىرىغا ئىلمىي تەنقىدى پوزىتسىيە توتمايدىغانلارنىڭ ۋە ھەقىقىي قول سىلىپ ئىشلەپ، تەكشۈرۈش ، تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلمىغان ئىلىم ھامان پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ، ھەقىقىي ئىلىمسۆيەر زىيالىيلىرى بولمىغان مىللەت پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىدىن پەخىرلىنىپلا ئۆتۈپ يالتىراق شۆھرەتلەرگە ھەۋەسلىنىپ ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى يېڭىشكە قادىر بولالماي ئۆتۈپ كېتىۋىرىدۇ.بىر دەۋردە كىشىلەرنى ئالداپ يۈرگەن بىلەن يەنە بىر دەۋرلەرگە كەلگەندە مېزى چىقىپ ئەڭ كېرەكسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قىلىشى مۇقەررەر. ناۋادا بىز ئىلىم ساھەسىدە مانا مۇشۇنداق سەپسەتىلەرگە يەنە ئورۇن بىرىپ، سەپسەتىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ يۈرسەك ، بۇ بىزنىڭ ئىلمىي روھىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپلا كۆرسىتىپ بىرىدۇ،  شۇڭا دەيمەنكى، بىز خەقلەرنىڭ بىزگە بەرگەن باھالىرىغا ھەرقانچە خۇشتار بولۇپ كەتسەكمۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك چىن ياكى چىن ئەمەسلىكىنى ئويلاشقان ئاساستا قولىمىزغا قەلەم ئالساق بولامدىكىن دەپ قارايمەن. شۇ چاغدىلا قەلىمىمىزدىن نەچچىلىگەن  ئەۋلاد بەھىر ئالغۇدەك ھەقىقەتلەر جىلۋىلىنىپ چىقىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىغان زىيالىيلاردىن زور ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ. بىزدە مانا مۇشۇنداق سەپسەتىلەرنىڭ تەسىرىنى ئۆز ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈشتىن توسالايدىغان زىيالىيلار قانچىكى كۆپىيىدىكەن سەپسسەتە ساتىدىغانلارنىڭ بازىرى مۇقەررەركى كاساتلىشىدۇ دە بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان ئىلىمنى ھەقىقەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش روھىمىز قايتىدىن ئەسلىگە كىلىدۇ، مەن بۇ مەسىلىگە بولغان ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مىللىتىمىز زىيالىيلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ۋىجدانەن ئويلىنىپ بىقىشىنى ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.



    ئىزاھاتلار:

    ① فېڭ جىياشېڭ : «ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە»، شىنجاڭ گېزىتى، 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى.

    ②گىروگىرويىف:« ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ماتېرياللىرى»، 1988-يىلى، 1-سان، 6-بەت.

    ③ئا. بىرونكوف: «تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات مەسىلىلىرى»، 210-بەت.

    ④بارتولد : «ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر»، سانكىت پىتېربورگ، 1893-يىلى، 19،20،46-بەتلەر.

    ⑤ چېڭ سولۇ : « ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1989-يىلى 2-سان، 102-بەت.

    ⑥ مېڭچېبى، لولۇ: «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش»، «تارىم»، 1988-يىللىق 2-سان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى› ناملىق كىتابىغىمۇ(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشىر قىلغان) كىرگۈزۈلگەن.

    ئاپتۇر: ئىمىن تاجى تۈرگۈن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.