گېلىمىزنى پاكىز تۇتايلى

يوللىغۇچى : Lady-Uyghur يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 19:36:23

ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ سانى چەكلىك ھەم پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا سۆڭەك يىلىمى كۆپ ئەھۋاللاردا چوشقىنىڭ سۆڭىكىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن دېڭىز يۇسۇنى،

      ھالال دېگەن نېمە؟


    جاۋاب: ھالال — ئۆزى پاك، تەن ساقلىققا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: پاك ۋە تەن ساقلىققا زىيىنى يوق يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، ھالال كەسىپ بىلەن يوللۇق ھالدا تىرىكچىلىك قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، يوللۇق ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىش، ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش چەكلەنمەيدۇ، شۇنداق قىلغان ئادەم ساۋاب تاپىدۇ.

    ھارام دېگەن نېمە؟

    جاۋاب: ھارام — پاك ئەمەسلىكى ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىقلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى چەكلىگەن نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشاش پاسكىنا ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانغا، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، ھارامنى ئىستېمال قىلىش، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا تۇتقانلىق ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

    ھالال بىلەن ھارامنى بىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

    جاۋاب: ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىش، نېمىلەرنىڭ ھالال ۋە نېمىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقى تولۇقلانمايدۇ. چۈنكى ھالال – ھارام بەندىنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەت ۋە دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ھالال - ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىماسلىقنىڭ جازاسى نېمە؟

    جاۋاب: ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھارامنى ھالال ئورنىدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەدىنىنى ھارام بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان ھەر قانداق ئادەم دوزاخقا ئەڭ ھەقلىقتۇر». ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (بەقەرە سۈرىسى 172 - ئايەت).

    قانداق قىلغاندا ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    جاۋاب: يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىدە ھارام دېيىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بىلىنمىگەن - شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھالالمۇ، ھاراممۇ ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان) نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا، ھارامدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

    ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟

    جاۋاب: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىرى بار.

    (1) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساق، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋە ھوشيار بولىدۇ.

    (2) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ.

    (3) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھارام يېيىشتۇر.

    (4) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ.

     

    كۈندىلىك ئېستىمالىمىزدىكى بىر قىسىم تەركىپلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق،ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقاچان بىلىپ-بىلمەي ھارامغا ئارلىشىپ قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز. يېمەك-ئىچمىكىمىزدىكى ھالال-ھارامنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ئېھتىياجى بىلەن مەن بىر قانچە ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردىن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۆزەم چىقىرۋالغان پەتىۋا ئەمەس.

     

      

      1.  سۆڭەك يىلىمى-ھايۋانلارنىڭ پارچە-پۇرات سۆڭەكلىرىنى ۋە تاشلاندۇق تېرىلىرىنى قاينىتىپ چاپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغان يىلىم ياسىلىدۇ.بۇرۇن بۇ خىل يىلىم ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىلەتتى.ھازىر بۇ يىلىمدىن يېمەكلىك يىلىمى،يار يىلىم ۋە ساپ يىلىم پىششىقلاپ ئىشلىنىلىدۇ.

    دۆلىتىمىز

    نوپۇسىنىڭ% 95 تى بولسا مۇسۇلمان ئەمەس.شۇڭا يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلار پەقەتلا تازلىق ئۆلچىمىگە يەتسىلا لاياقەتلىق دەپ قارىلىدۇ. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئاساسى جەھەتتىن سۆڭەك يىلىمىنى ئىشلىتىدۇ.

     

     ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ سانى چەكلىك ھەم پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا سۆڭەك يىلىمى كۆپ ئەھۋاللاردا چوشقىنىڭ سۆڭىكىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن دېڭىز يۇسۇنى،كۆكتات ،ئەرەپ دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلارندىمۇ يىلىم ئايرىۋىلىشقا بولىدۇ.لېكىن بۇ خام ئەشيالاردىن تەييارلانغان يىلىمنىڭ تەننەرخى سۆڭەك يىلىمدىن ئون ھەسسە يۇقۇرى بولۇپ ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تىببى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى بۇنڭىغا چىقىش قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى يار يىلىم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارمۇ ھەرگىز مەخسۇس ئىسلام قائىدىسى بويىچە بوغۇزلانغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭىكىنى تېپىپ يىلىم قايناتمايدۇ.بەلكى يىغىپ كەلگەن ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ يىلىم ياسايدۇ.

                       

    ئىشلىتىلىشى:سۆڭەك يىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىم سېغىز،شاكىلات،سۈت كەمپۈتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.بۇ يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ.بۇنڭىدىن باشقا سوغۇق يېمەكلىكلەر-قېتىق،ماروژنى، مېۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقنى ئىشلەچىقىرىشتا ئۇيۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.

    ئەينەك قۇتىلىق مېۋە كونسېرۋالىرى.

     شاپتۇل،نەشپۈت،ئاپلىسىن.ئۆرۈك،ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ كونسېرۋالىرى گەرچە ھازىر چوڭ شەھەرلەردە ئېستىمالدىن قالغان بولسىمۇ،لېكىن بىر قىسىم يېزا بازارلىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت.85-يىلدىن بۇرۇنقى بۇ تېخنولوگىيىلىك ئۇسۇل بولسا يېرىم كىلو دىستىللەنگەن سۇغا ئالتە سەر شېكەر سېلىنىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئىچىدىكى ھاۋا تارتىۋىلىپ قۇتىنىڭ ئېغىزى يېپىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا مەھسۇلات ئۇزاق ۋاقىتقىچە يېڭى تۇرىدۇ.كېيىن دۆلىتىمىزدە دىئابىت ۋە يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللكلىرىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ئەگىشىپ،شېكەرنىڭ مىقدارىغا چەك قۇيۇلغاندىن كېيىن،بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار دىستىلىگەن سۇغا سۆ ڭەك يىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىمنى سېلىپ،شېكەرنى ئازراق سالىدىغان يېڭى ھۈنەرنى ئىجات قىلدى.بۇ خىل ئۇسۇلدا كونسېرۋا ئىچىدىكى مىۋىنى تېخىمۇ يېڭى پىتىچە ساقلىغىلى بولاتتى.ئەگەر يېنىڭىزدا كونسېرۋا بولسا تۆكۈپ باقسىڭىز مەلھەمسىمان قويۇق سۇيۇقلۇقنى كۆرىسىز.ئۇ دەل سۆڭەك يىلىمىدۇر.

    ناۋات                             

    ھازىرقى ناۋاتلار يەنى كىرىستال ناۋاتلار يېسە كىشىگە چۈرۈك بىر خىل تېتىيدۇ.بۇرۇنقى ناۋاتلاردەك قاتتىق ئەمەس يەنە كېلىپ سۈزۈكلىكى يۇقىرى،خېلى يۇقىرى تېمپىراتۇرادىمۇ ئوڭايلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ،ساقلاشقا قولايلىق.بۇمۇ سۆ ڭەك يىلىمىنىڭ كارامىتىدىندۇر.

    مىۋە ئۇيۇتمىسى -مىۋە ئۇيۇتمىسى سۆڭەك يىلىمى ئەڭ جىق سېلىنىغان يېمەكلىك بولسا كېرەك.بالىلار يېمەكلىكلىرى ئاساسلىق تاتلىق تېتىتقۇ سېلىنىپ ئىشلىنىدۇ. تاتلىق تېتىقۇ بولسا خىمىيىۋى ئۇسۇلدا ئايرىۋىلىنغان ماددا بولۇپ،تاتلىقلىق تەمى شېكەرنىڭ 15 ھەسسگە توغرا كېلىدۇ.بەزى زاۋۇتلار پۇل تېپىشنى كۆزلەپ ھەتتا شېكەرنىمۇ ئىشلەتمەستىن مېۋە ئۇيۇتمىسىنى بىۋاستە تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچتىنلا ياسايدۇ.

    كەسكەن چۆپ .

    ئەگەر كەسكەن چۆپكە سۆڭەك يىلىمى سېلىنمىسا قاينىتىلغاندا ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ.كەسكەن چۆپنى پىشۇرغان مەنتاڭنى بىر پۇرىسىڭىزلا سۆڭەك يىلىمنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز.

    پىنتوزا،ئىنچىكە پىنتوزا،كىراخمال قايمىقى.

    بۇلارنىڭ خام ماتىريالى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر،ئاق قوناق،ياڭيۇ قاتارلىقلاردىن ياسالغان كىراخمال بولۇپ،ئارىسغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆ ڭەك يىلمى سېلىنىدۇ.

    ئاچچىق-چۈچۈك شورپا –بۇنىڭغا سېلىنىدىغان سۆڭەك يىلىمنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. شۇندىلا شورپىدىكى خۇرۇچلار يۇقىرى تېمپىراتۇرادا قىزىتىلغاندا ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ.

    2. چوشقا مېيى              

    ھازىر شاڭخەي بىلەن گۇاڭجۇمەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدۇر.بۇ زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ياغ كىسلاتاسى،سۈنئى قايماق،تورت قايمىقى،كاتالىزاتۇر،قاتۇرغۇچ قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭ ھەممسىنىڭ تەركىبىدە چوشقا مېيى بار بولۇپ،يۇمشاق پىرەنىكلەرنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا چوشقا مېيى سېلىنمىسا ۋە ئۈستىگە بىر قات سۈركەلمىسە مەھسۇلاتنى يېڭى پېتىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. ماشىنا –ماشىنا چوشقا مايلىرى بۇ زاۋۇتلارغا توشۇپ كېلىنىپ،زامانىۋى تېخنىكا بىلەن پۇراقسىز،رەڭسىز،سۈزۈك،پارقىراق سۇيۇقلۇق ئىشلىنىپ.ئاخىرىدا يېمەلىك ئىشلەپچىقىرشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەسىلەن دولانا ئورىمى،دولانا كەمپۈتى بۇلارنى كۆپىنچىمىز ياختۇرۇپ يەيمىز.بىز تەرەپتە بۇنى يايما قاق دەيمىز. ئەگەر ھەر بىر قەۋەت ئورالمىسىغا ماي سۈركىلىپ چاپلاشتۇرۇلمىسا ،ئۇ قانداقمۇ شۇ ئورام ھالىتىدە جىپسىلىشىپ تۇرىدۇ. پۇرىسىڭىز ھېچقانداق پۇراق يوق. لېكىن

    بارمىقىڭىزنى سۈركىسىڭىزلا بىر قەۋەت ماينى سېزىسىز. ئۇ ماي دەل چوشقا مېيىدۇر.

    سۈنئى قايماقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىمۇ شۇنداق. خام ئەشياسى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقۇرى قىززىقلىقتا قاتۇرغۇچنىڭ ئىچىگە پۈركۈپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق قايماق ياسىلىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى قاتۇرغۇچ دەل چوشقا مېيىدىن ياسىلىدۇ.تورت ياساشتا ئىشلىتىدىغان قايماققىمۇ چوشقا مېيى سېلىنىدۇ.

    3.گۆش مەھسۇلاتلىرى         

    ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قوي-كالىلارنىڭ ئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمايدىغانلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلار كالا ئۆلتۈرگەندە گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،ئېلىكتىرلىق سۇ پومپىسىنىڭ شىلانكىسىنى كالىنىڭ بۇرنىغا سېلىپ،كالىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ.يەنى بەزى زاۋۇتلار قوي،كالىلارنى ئۆلتۈرگەندە ئالاھىدە ئىشلەنگەن يىڭنىسىمان پىچاقنى قوي،كالىلارنىڭ نېرۋا مەركىزىگە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا قان ئاقمايدۇ.گۆشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللار ئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسىگە خىلاپتۇر. بۇ خىل گۆشلەر بىلەن ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنى يەنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمىغان قوي،كالا،توخۇ قاتارلىق گۆش مەھسۇلاتلىرىنى

    يېيىشكە بولمايدۇ.

                ***********                                           

    تۆۋەندىكىلىرى بىر قىسىم كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىغان تەركىپلەر.يېنىڭىزدا قانداق بىر مەھسۇلات بولسا ئېلىپ قاراپ بېقىڭ.

    甘油 Glycerin

    ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنغانمۇ ياكى ئۆسۈملۈكمۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك. ئادەتتە يېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغىنىدا ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

    香料 Flavors

    تىېتىتقۇنىڭ خام ماتىريالى ئۆسۈملۈك بولۇپ،لېكىن ئىسپىرىتنى ئېرىتكۈچى قىلىدۇ.لېكىن ھازىر بىر قىسىم كارخانىلار ئىسپىرىتىنى ئىشلەتمەي تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرۋاتىدۇ.

     

    乳化剂 Emulsifiers ھارام 

    板油 Lard ھارام      

    卵磷脂 Lecithin

    سېرىق پۇرچاقىنڭ خام ئەشيا قىلغىنى ھالال،ھايۋانات مېيىنى ئىشلەتكىنى بولسا ھارام

    酶类 Enzymes ھارام  

     

    乙酸 Acetic Acid ھالال

     
    酒精 Alcohol ھارام

    动物脂肪 Animal Fat ھارام

     
    抗坏血酸 (Vc) Ascorbic Acid ھالال



    安息香酸盐 Benzoate/Benzoic Acid ھالال

     
    碳酸钙 Calcium Carbonate ھالال

     
    卡拉胶(角叉菜) Carrageenan ھالال


    胆固醇 Cholesterol شۈبھىلىك

     
    柠檬酸 Citric Acid ھالال

     
    可可油 Cocoa Butter ھالال

     
    胶原质 Collagen ھارام

     
    麦片 Corn Meal / Corn Starch ھالال

     
    玉米糖浆 Corn Syrup ھالال

     
    糊精 Dextrin / Dextrose ھالال


    甘油二酯 Diglyceride شۈبھىلىك


    甘油二酯 Diglyceride 植物 ھالال


    乙二胺四乙酸 EDTA ھالال

     
    Enzyme شۈبھىلىك


    麦角固醇 Ergosterol ھالال

     
    脂肪酸 Fatty Acid شۈبھىلىك

     

    硫酸铁 Ferrous Sulfate ھالال

     
    果糖 Fructose ھالال

     
    真菌蛋白酶 Fungal Protease Enzyme ھالال

     
    骨胶 Gelatin ھارام

     
    葡萄糖 Glucose ھالال

     
    甘油酯 Glyceride شۈبھىلىك

     
    肝糖(糖原质) Glycogen شۈبھىلىك

     
    阿拉伯树胶 Gum Acacia ھالال

     
    激素 Hormones شۈبھىلىك

     
    氢化植物油 Hydrogenated Oil ھالال

     
    水解动物脂肪 Hydrolyzed Animal Protein شۈبھىلىك


    麦芽 Malt ھالال


    单糖 Mono Saccharides ھالال

     
    味精(谷氨酸钠) Monosodium Glutamate ھالال

     
    硝酸盐 Nitrates / Nitrites ھالال

     
    草酸 Oxalic Acid ھالال

     
    苯甲酸 PABA ھالال


    胶质 Pectin ھالال


    胃蛋白酶 Pepsin شۈبھىلىك


    磷脂 Phospholipid شۈبھىلىك


    柠檬酸钾 Potassium Citrate ھالال


    肾素 Renin شۈبھىلىك

     
    糖精 Saccharine ھالال

     
    酵母 Yeast ھالال

     

    قوشۇمچە:                                     

    ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللىرى-بەزى يېمەكلىك ئوراش ماتىرياللرى بولۇپمۇ پىششىق يېمەكلىك سېتىش دۇكانلىرىدا ئوراش ماتىريالنىڭ ئىچىگە نىپىز بىر قەۋەت ھايۋانات مېيى  سۈركىلىدۇ.ئادەتتە ھامبۇرۇگ،تورت قاتارلىقلارنى ساتىدىغان(ھالال بەلگىىسى يوق) دۇكانلاردا لېسقىمۇ ھايۋانات مېيى سۈركىلىپ ئالدىڭىزغا تىزىلىدۇ.قاراماي جۇڭغارىيە بازىرىغا جايلاشقان كېنتاكىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە پەقەت كېنتاكى دەپ ئۇيغۇرچە خەت بار.بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنى مۇسۇلمانچە ياكى ھالال دەپ چۈشۈنەمدۇ بىلمىدىم ئۆچرەت ساقلىشىپ غىزالىنىدۇ.

     

    يېشىل ئوقيا ماركىلىق سېغىز –بۇ سېغىزنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت ئېستىمالچىلار گېزىتىدە پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھالال ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلغان.لېكىن ھېلىھەم بۇ سېغىزنى چايناپ يۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس.

    جىياڭيۇنىڭ خام ماتىريالى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ تۈكىدىن ئىبارەت. جياڭيۇ مۇشۇنداق ئىشلىنىپ

    ئاندىن  تەم تەڭشىگۈچ قۇشۇلۇپ بوتۇلكىلارغا قاچىلنىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىر بازارلاردىكى خۇنەندە ئىشلەنگەن جياڭيۇ دەل مۇشۇنداق تەييارلانغان ھارام مەھسۇلاتتۇر.

    百事可乐





    Pepsi= Pay Every Pence to Save Israel

    بولۇپ تەرجىمىسى ھەربىر پېننى (ئەنگلىيىنىڭ پارچە پۇلى) ئىسرالىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن.كولانىڭ تەركىبىنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.لېكىن تەركىۋىدىكى روھلاندۇرغۇچى كوفىيىننىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

     

    بۇلاردىن سىرىت گىرىم بۇيۇملىرى بولۇپمۇ لەۋ سۇرۇخ تاللىغاندا گەرچە رەڭدارلىق ۋە سۈپەت جەھەتتە ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ خانىم-قىزلار يەنىلا ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن ھايۋانات مېيى ئىشلىتىلمىگەنلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
     

    مەنبە--

     

    دىنى ئەھكاملاردىن سۇئال ۋە جاۋاپلار ناملىق كىتاپ

    http://www.soundvision.com/Info/halalhealthy/ingridient.asp

     http://www.yslzc.com/zhexieren/bht/shbbx/201004/33217.html

    ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى.                        

    Lady-Uyghur

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.