ئىككى مەدەنىيلىك مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائى بەخت

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 04:25:10

ئىككى مەدەنىيلىك مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائى بەخت ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى گۈللىنىش باشلىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان ....

    ئىككى مەدەنىيلىك مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائى بەخت

                                                                       ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

     

         تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى گۈللىنىش باشلىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان . مەسىلەن گۈللەنگەن چۇنچىيۇ دەۋرىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق چۈشكۈنلۈكى كۇڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىنى ، چۈيۈەننىڭ نەزمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . قەدىمقى گىرىتسىيدىكى ئەخلاقىي كۆڭۈلسىزلىكلەر سوقرات ۋە ئەپلاتۇننىڭ ئېتىكا ۋە مائارىپ قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇش  ‹‹مىڭ بىر كىچە ›› ھېكايىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان داستان ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تە زاماننىڭ بۇزۇقلىقى ھەسرەتلىك مىسرالار بىلەن بايان قىلىنغان . ياۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان مونتىسكىيۇ ئۆزى غايىۋى جەمئىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان بۇرژۇئازىيە جەمىيىتىدە يۈز بەرگەن مەنىۋى چۈشكۈنلۈكتىن پەرياد چەككەن . بۇ نۇقتىنى ماۋزىدۇڭ ‹‹ مانا بۇ شۇنداق جاھان ›› دېگەن مىسراغا يىغىنچاقلىغان. 

    بۇ ماددىي مەدەنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغاندا مەنىۋىي مەدەنىيەت ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ، ئېتىبارسىز مۇئامىلىگە ، ھەتتا دەپسەندىگە ئۇچراش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ مەسىلىنىڭ يېرىمى. قالغان يېرىمى شۇكى ماددى مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن تەڭپۇڭسىز ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ. يېڭى پىكىر ، يېڭى ئىدىيە ، يېڭى تەلىمات ، يېڭى تۈزۈملەر مەيدانغا چىقىدۇ . بۇ زىلزىلە يالغۇز جامائەت پىكىرىدىلا ئەمەس ، يەنە ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئىككىنجى قەدەمدىكى داۋاملىق ئىلگىرلىشى تەقەززالىرىدىمۇ ، ماددىي تەقسىمات ، بازار ۋە پۈتۈن جەمئىيەت دائىمىي ھاياتى ئېھتىياجلىرىدىنمۇ مەيدانغا كېلىدۇ . ئىنسانىيەت تارىخىدىكى سەرخىل مۇتەپەككۇرلار مۇشۇنداق ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە تەقەززالىق ئىچىدە ئۆز تەلىماتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . زاماننىڭ مەنىۋى ئاتموسفىراسى ھامان ساپلىشىدىغانلىقى بىزنى ئىشەندۈرسىمۇ ، ئەمما ئۇنتۇلغۇسىز ئېغىر بەدەل دېغى تارىخ بەتلىرىدە يالداما بولۇپ قالىدۇ . ياشلار تولا ھاللاردا ئىجتىمائى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ . ھازىر ئامىرىكا ، ياۋروپا ئەللىرىدە يېڭىدىن باش كۈتۈرۈۋاتقان ئەخلاق تەشەببۇسلىرى ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تىزگىنلەش تەۋسىيىلىرى ، كۇڭ فۇزىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئەخلاق تەلىماتىغا قارىتا قىزىقىش ، ئىسلاھ قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى بۇنىڭ مىسالى.

    بىلىش كېرەككى ، ئىنسانىيەت ماددىي بايلىق ئىشلەپچىقارغان بىرىنجى كۈندىن باشلاپلا ، ئۇنى ئاڭ شەكلىگە ، مەنىۋىي شەكىلگە ئايلاندۇرغان . ئىنسانىيەت باي بولۇشنى ئەمەس ، بەختلىك بولۇشنى ماھىيەتلىك ئىستەك قىلغان ، بايلىقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەقىل - ئىدراك ، بىلىم ۋە ئەخلاقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان . ئامىرىكىلىق ئالىم ھېنرى مورگان توغرا ئېيتقان : ‹‹  ئىنسانىيەت ئالدى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئېرىشكەندىلا ، ئاندىن مەدىنىيەتلىك ھالەتكە يېتەلەيدۇ ››. قەدىمقى جەمئىيەت . ئۇيغۇرچە 55 - بەت .  ئىبىن سىنا توغرا ئېيتىدۇ : ‹‹ بايلىقنى تېپىشىپتۇ ، ئەقىل ئىدراكنى يوقىتىشىپتۇ ! ئەجىبا ، يوقاتقان نەرسىسى بىلەن تاپقان نەرسىسىنىڭ قىممىتى باراۋەرمىدۇ ؟ ››  ھېكمەت . ئۆزبېكچە ، 20 - بەت  

    بەخت ــ كامالەتلىك ئىجتىمائى تۇرمۇش تىپىدىن ئىبارەت . ئۇ  ھەرگىزمۇ بىر پۇتلۇق ئالتۇن قۇزۇق ئەمەس.

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-25 11:21:31]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.