ئاكا قولىڭىزنى تارتىڭ!!

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-20 17:25:00

ھايات يولى ئەگرى –توقاي ۋە مۈشكۈلدۇر .ھايات يوللىرىنىڭ ھەربىر دوقمۇشلىرىدا ئويلاپ باقمىغان ھەم ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن ياخشى –يامان قىسمەتلەر سىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ .بەزىل...

     

           ھايات يولى ئەگرى –توقاي ۋە مۈشكۈلدۇر .ھايات يوللىرىنىڭ ھەربىر دوقمۇشلىرىدا ئويلاپ باقمىغان ھەم ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن ياخشى –يامان قىسمەتلەر سىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ .

    بەزىلەر قىسمەتنىڭ ئالدىغا داستىخان كۆتۈرۈپ بېرىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن دەپ ياشايدۇ .يەنە بەزىلەر قىسمەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياشلىقىنى،ھاياتىنى ۋاقىتسىز چۈشكەن ئۈششۈك ياپرىقىدەك خازان قىلىشنى خالىمايدۇ،ئەلۋەتتە.

    بىر كۈنى بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن سەيلە قىلغاچ دەريا بويىغا بارغان ئىدىم .دەريانىڭ قىرغىقىدا بىر دوستۇم دەرياغا تىكىلگىنىچە تۇراتتى.يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن يالغۇز تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم .

    ئۇ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ :‹ئاتا-ئانامغا،كەلگۈسۈمگە،ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن ،بۇنداق ياشىغاندىن كۆرە ،ئۆلگىنىم ياخشى ›دەپ ،بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى .

    ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدا ئىدارىمىزدىكى مەلۇم بىرەيلەن :

    -بۈگۈن ھەدىڭىز سىزنى تاماق يەپ كەتسۇن دەپ ئالايىتەن سىزگە ئاتاپ تاماق ئېتىۋاتىدۇ ،مەنمۇ سىزگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ  قويغان ئىدىم،مېھمان بولغاچ ئالغاچ كېتىڭ،-دېدى.

    ئۆزۈم ھاجەتمەن بولغاچقا ،ئۇنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولدۇم .مەن ئۆيگە كىرىپلا :«ھەدەم قېنى ؟» دەپ سورىدىم .ئۇ جاۋابەن «بار ،ئالدى بىلەن تاماق يەيلى » دەپ تاماقلارنى ئۆزى داستىخانغا ئېلىپ چىقتى،مەن تاقەتسىزلەنگەن ھالدا يەنە بىر قېتىم «ھەدەم كۆرۈنمەيدىغۇ»دەپ سورىدىم .

    -«مانا ھەدىڭىز»دەپلا ئۆزىنى ماڭا ئاتتى،مەن ئاچچىقىمدا «ئاكا نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟!» دەپ ۋارقىردىم.ئۇ ئەسەبىيلەرچە ماڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ :«سىڭلىم مىنىڭ بىر تەلىپىم بار ماقۇل دېسىڭىز..... »

    «ياق ....مېنى قۇيۇۋىتىڭ » بار كۈچۈم بىلەن ئىتتىردىم.

    مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ،بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم ،يەر جاھاندىن سادا كەلسە كەلدىكى ،ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى .ئېغىزىمغا لۆڭگە تىقىپ ،پۇت-قولۇمنى باغلىدى، «ئەمدى قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بولساڭ خىزمەت ئورنۇڭدا تۇرغۇسىز قىلىۋېتىمەن،ھەممىسى مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ »دەپ تەھدىت سالدى .شۇنچە تىركەشكەن بولساممۇ ،ئاجىز تېنىم بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنالمىدىم .شۇ كۈندىن باشلاپ  روھىم ئۆلدى ،قىزلىق غورۇرۇم دەپسەندە قىلىندى ،پاك تېنىم بۇلغاندى ،ئىپپەت پەرىشتەم تاشلاندى ،بۇ ناپاك تېنىم ۋە ئىپپەتسىز تىنىقىم بىلەن ساپ ھاۋانى بىلغاپ پاك قەلىبلەرنى زەھەرلەشنى خالىمايمەن .باشقىلارغا ئاپەت بۇلۇپ ياشىغىچە ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ ؟-دەپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .ئۇ يىغلىدى،ئۇنىڭ يۈرىكى يىغلىدى .پاكلىقنى ئىزدەۋاتقان نۇرلۇق كۆزلىرى ياش تۆكتى كۆزى ئەمەس،يۈرىكى ياش تۆكتى.

        ئادەمنىڭ روھىنى تۇمان باسقاندا ،پۈتۈن كائىنات كىرلەشكەندەك بىلنىدۇ .ئەخلاق كرىزىسىگە دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە پۇلى بار ،ھوقۇقى بار بەزى ئەرلەر ماددىي بايلىقنى ۋاستە قىلىپ قىز-ئاياللار ئارقىلىق ئېچىرقاپ كەتكەن شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرماقتا.ئۇلارنىڭ نۇمۇس پەردىسىنى يىرتىپ ،ئەخلاق تاۋىقىنى چېقىپ ،ئېشىغا توپا چاچماقتا ،ئۇلارنىڭ ئازابى ئارقىلىق خوشاللىققا ئېرىشمەكتە .قىز –ئاياللارنىڭ ئازابى پەرزەنتلەرنىڭ ،كېلەچەكنىڭ ئازابى ئەمەسمۇ ؟

        ھازىر بەزى ئەرلەر قىز-ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى،قايسىبىر «كارۋان» يولىغا سەپەر قىلدى. ئۆزىنىڭ قىزلىق-ئاياللىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالدى دېيىشىدۇ،قىزلارنى يامان يولغا يېتىلەپ ماڭغان كىم؟ناشايان ئىشلارغا زورلاۋاتقان كىم؟قىزلار كىمنىڭ قولىدا نابۇت بۇلۇۋاتىدۇ ؟ئەرلەر «ھايالىق قىزلىرىمىز نەگەكەتتى» خىتاپ دەپ قىلسا ، قىز –ئاياللار «غورورلۇق ئەرلەر نەدە» دەپ كىمدىن سورايدۇ ؟ غورۇر، ۋىجدانىنى يوقاتقان ئەرلەر ئۆزىنىڭ سىڭلسىدەك، قىزىدەك، ھەتتا نەۋرىسىدەك قىزلارغا ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىپ ،قارىداپ كەتكەن ئىپلاس قولىنى  ھايالىق قىزلارغا سۇنۇپ ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىغا سۆرەپ بارماقتا.

    بارلىق ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىك سۈپىتىنى، غورۇرىنى، ۋىجدانىنى ساقلىسا، قايسىبىر قىز –ئايال ئۇلارغا  چىش يېرىپ بىر نىمە دېيەلەيدۇ؟

    پاكلىق ئىنسان تەبىئتىدىكى ئەڭ ئالىيجاناپ پەزىلەت ئىنساننىڭ پۈتكۈل ياخشى خۇلق ،مىجەزى، ياخشى تەبىىئتى مانا مۇشۇ پاكلىق تۇپرىقىدىن ئوزۇقلىنىدۇ.

    ئەرلەر ئەرلىك غورورى ۋە ۋىجدانىنى يوقاتمىسىلا ،قىزلار ھەرگىز ئۆزىنىڭ پاكلىق تەبىئتىنى يوقاتمايدۇ .

    قىزلار ئەزەلدىن پاك، ئۇلارنىڭ پۈتۈن روھىي دۇنياسىغا،پۈتۈن جىسمىغا،ھەتتا ھەربىر نەپەسلىرىگىچە  پاكلىقنىنڭ ئۇرۇقى چېچىلغان،پاكلىقنىڭ شەربىتى سېپىلگەن ،پاكلىق ئۇلارنىڭ ھەمراھى ، ئىپپەت ئۇلارنىڭ بەختى ،نۇمۇس ئۇلارنىڭ تەختى ،ئۇلار پاكلىقنىڭ ،گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بولغاچقىلا ئەڭ گۈزەل ،نازۇك،پاكىز نەرسىلە قىزلارغا ئوخشىتىلىدۇ.

        ھايا قىزلارنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقى،غورۇر ئەرلەرنىڭ تۈگىمەس ئوزۇقى .بىر قىزنىڭ ھاياسى بىر ئەرگە ۋىجدان قالقىنى بولالايدۇ.بىر ئەرنىڭ ۋىجدانى نەچچە ئايالغا ھايا پەردىسى ياپالايدۇ.شۇڭا دەيمەن ،

    -ئاكا،قولىڭزنى تارتىڭ!

       قىز-ئاياللارنىڭ پاكلىقى سىزنىڭ قولىڭىزدا،سىز ۋىجدانىڭىزنى يوقاتمىسىڭىزلا قىز –ئاياللار پاكلىقىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ.

             -ئاپتۇرى:گۈلنۇر ئوسمان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق