كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نېمىنى

يوللىغۇچى : hanjar701 يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-03 10:57:04

كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نېمىنىتەلئەت قادىرى، ئەلى غوجاخۇن(ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)(ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)بىز ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتق...



     

    كۆرگەن كۆرگەننى دەيدۇ، كۆرمىگەن نېمىنى

     

    تەلئەت قادىرى، ئەلى غوجاخۇن

     

     (ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)

    (ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

     

    بىز ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 30 غا يېقىن ئادەم شەندوڭ ئۆلكىسىدە چىپىڭ ناھىيىسى دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن چىڭداۋ شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپتە، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تەيشىن شەھىرى ياڭسى ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن سۇجۇ شەھىرى خەلقئارا مائارىپ باغچىسى چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 2011 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئىلمىي زىيارەت ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىدە بولدۇق. گەرچە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ئاشۇ قىسقا پۇرسەت ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەھەتتە چوڭقۇر ئىجابىي تەسىراتقا، بىر قىسىم ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە، كەڭ دائىرىلىك پايدىلىق ئۇچۇرلارغا، قىسقىسى، بەلگىلىك ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە بولغان يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىگە يەنە بىر قېتىم ئىگە بولغاندەك ھاياجانغا چۆمدۇق. ئۆزىمىز بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ۋە پەرقنى، بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ماھىيەتلىك تىپىك مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشنىڭ قىممەتلىك ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەندەك بولغانىدۇق. مانا مۇشۇ تەسىراتلىرىمىز ئىچىدە بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش زىيارىتىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىزدە قالدۇرغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭقۇ بولغانلىقى ئۈچۈن دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىزنى زىيارەت خاتىرىسى سۈپىتىدە رەتلەپ قەلەمگە ئېلىشنى ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سەمىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

    1. قىزىقارلىق بىر ئىش

    −مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن 100 يۈەنگە ئىشىك بېلىتى سېتىۋالدۇق

    بىز 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئەتىگەندە جىنەن شەھىرىدىن قوزغىلىپ چىپىڭ ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ماشىنا ئىككى سائەت ئەتراپىدا يول يۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:30 لاردا دۇلاڭكۇ يېزىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئەتراپى سالا ئېتىزلار بىلەن قورشالغان دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېتىپ كەلدۇق. كېيىن بىلدۇقكى، دۇلاڭكۇ دېگەن بۇ نامنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدا قىزىقارلىق بىر ھېكايە بار ئىكەن. ئەسلىدە بۇ يېزىنىڭ نامى شېلاڭكۇ (社郎口) بولۇپ، مەركەزدىكى مەلۇم بىر رەھبەر 50 – يىللاردا بۇ يېزا توغرىلىق بىر ئالاقە يازغاندا، «» خېتىنى خاتا ھالدا «» قىلىپ يېزىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك يېزىنىڭ نامى ھازىرقىدەك «郎口» بولۇپ قالغان ئىكەن.

    بىز مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋال مەسئۇل خادىملار مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەكتەپ كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىدىن ھەربىرىمىز ئۈچۈن يۈز يۈەن ھەق تۆلەپ زىيارەت كىنىشكىسى ۋە دەرس ئاڭلاش كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بەردى. بۇ قانداق گەپ بولدى، ئەمدى، مەكتەپنى زىيارەت قىلىش ۋە دەرس ئاڭلاشقىمۇ پۇل تۆلىگەن بارمۇ؟! بۇ ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىش بولدىغۇ. بۇ ئىش ھەممىمىزگە بىراز غەلىتە ۋە تاسادىپىي تۇيۇلدى. لېكىن بىز ‹‹بۇلار بىكاردىن بىكار يۈز يۈەن ئالمايدۇ، چوقۇم شۇنىڭغا لايىق بىرەر ‹مۆجىزە› بولۇشى مۇمكىن، باشتا بىر كۆرۈپ باقمايمىزمۇ، دېيىشكىنىمىزچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمەس، ياندىكى كۈتۈۋېلىش زالىدىن ئۆتۈپ مەكتەپ قورۇسىغا كىردۇق. ھەممەيلەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى يول بويلىرىدىكى تۈرلۈك چوڭ خەتلىك دوسكىلارغا، تاملارنىڭ ئەپچىل جايلىرىغا يېزىلغان ۋە بىر قىسىم ئەينەك رامكىلارغا ئېلىنغان مائارىپ توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلەرنى قىزىقىپ ئوقۇشقا، سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدۇق. بۇ ئۈزۈندىلەرنىڭ مەزمۇنى خېلى رەڭدار بولۇپ، تۆۋەندىكىلىرى شۇلاردىن بىر قىسىملىرى:

    △ «ھەممەيلەن قاتنىشىش، ھەممىنى كۆرسىتىش، ئۇتۇقنىڭ تەمىنى تېتىش، ھۇزۇر ھېس قىلىش، تەپەككۇرنى قوزغىتىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قويۇۋېتىش، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئۆگىنىش، خاسلىقنى يۈكسەلدۈرۈش»

    *      *       *

    △ «ئۆگىنىشتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ زور دۈشمىنى ـــــ يۆلىنىۋېلىش. ئوقۇتۇشتىكى   ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ زور پاجىئەسى ـــــ ھەممىنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىش»

    *      *       *

    △ «ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئاللىقاچان بار بولغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئادەمنى ئىجادچانلىققا يېتەكلەش، ھاياتلىق تۇيغۇسىنى ۋە قىممەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش.»

    *      *       *

    △ «دەرسخانا ئادەمنىڭ كۆكسى قارنىنى تېخىمۇ بىپايان قىلىدىغان، تەپەككۇرىنى تېخىمۇ جۇشقۇن قىلىدىغان جاي. دەرسخانا ئوقۇغۇچىنىڭ پاراسىتىنى چاقنىتىدىغان، ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرىدىغان، تالانتىنى كۆرسىتىدىغان جاي»

    دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى قورۇسىدىكى ئازراقلا مەرىپەتكە ئىشتىياقى بار ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، روھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ خىلدىكى سۆز – جۈملىلەر بىز باشقا مەكتەپلەرگە كىرىپلا كۆرىدىغان مائارىپ ھەققىدىكى شوئار – چاقىرىقلار ۋە ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن ئىلھام بەخش تۇيغۇسىغا ئىگە ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغاچ: «ئەسلىدەئۇنداق شوئار – چاقىرىقلارنى ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ ئالدىغا ياكى مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالدىغا يېزىپ قويسا توغرا بولاتتى. مانا بۇ مەكتەپ ئۇنداق قىلماپتۇ، مانا بۇ دۇرۇس بوپتۇ» دەپ ئۆز مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈردى.

    مەيداندا بىرقانچە سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ فورمىلىرىنى كىيگەن ھالدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىكەن. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول ياقىسىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپا دوسكىلارغا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىگە ئالاقىدار «بىر خىل مەسىلىنىڭ كۆپ خىل يېشىلىشى»، «مەسىلىنى ئىجادىي يېشىش» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا بىرمۇنچە مەسىلىلەرنىڭ يېزىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىزدىن باشقا يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىرەر-ئىككى يۈزدەك زىيارەتچىلەرمۇ بەس – بەستە مەكتەپ قورۇسىنى، مەكتەپ قورۇسىدىكى دوسكا خەتلىرىنى، تەنتەربىيە دەرسى نەق مەيدان پائالىيەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. ئالدىمىزدىكى بىنانىڭ ئالدىدا بىرمۇنچە زىيارەتچىلەر يىغىلىۋالغان بولۇپ، بارساق مەزكۇر مەكتەپكە ئالاقىدار ھەرقايسى نەشرىياتلار نەشر قىلغان كىتابلار، پىلاستىنكىلار، «ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدۇ» دېگەن ئەسكەرتمە ئاستىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەلىرى سېتىلىۋېتىپتۇ. بىزمۇ تاللاپ يۈرۈپ «مەخپىيەتلىكنى ئېچىش ـــــ دۇلاڭكۇ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس مۇنبىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، مۇنداق سۆزلەيدۇ» دېگەن كىتابنى، «دەرسخانىدىكى بوران – چاپقۇن» دېگەن پىلاستىنكىنى سېتىۋالدۇق.

    2. دەرسخانا نېمە قىلىدىغان جاي؟

     −«تەرتىپسىزلىك» ئىچىدىكى «تەرتىپ» ۋە «مۇنبەت ئېتىز»غا ئايلانغان دوسكا

    3 – سائەتكە كىرىشنىڭ مۇزىكىلىق قوڭغۇرىقى يېنىك چېلىندى. ئۆمەك باشلىقىمىز ئىككى بىنانى كۆرسىتىپ مۇشۇ ئىككى بىنادىكى خالىغان سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلىساق بولىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. ھەرقايسى كەسىپتىكى مۇئەللىملەر ئۆز كەسپىمىزگە ماس دەرسنى ئىزدەپ زالدا ئۇ-بۇ سىنىپلارنى مارىلىغىلى تۇردۇق. مەكتىپىگە كەلسە، مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقىپ ماۋۇ يەرگە كەل، دەيدىغان ئادىمى يوق؛ دەرس ئاڭلاي دېسە، يا ماۋۇ سىنىپقا كىر دەيدىغان باشلىغۇچىسى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تەمتىرەپ قېلىۋاتاتتۇق. دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىنىپ 5 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار مېڭىشىپ يۈرەتتى. زالدىمۇ ئوخشاشلا ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ سىنىپلارغا كىرىپ بالىلارغا، سىنىپقا، سىنىپتىكى مەنزىرىلەرگە سەپ سېلىپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىختىيارى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ بىرەرسىنىڭ سىنىپقا باشلىشىنى، ئورۇندۇق قويۇپ بېرىشىنى كۈتمەستىن، سەل دادىلراق بولۇپ، ئۆزىمىز خالىغان بىر سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلاشقا باشلىدۇق. توغرىراقى، بىز «دەرس ئاڭلاش» ئەمەس، بەلكى ئورنىمىزدا تۇرۇپ، سىنىپتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ تۈرلۈك مەنزىرىلەرگە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا زېھنىمىزنى يىغىپ دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلىرى، قىيا – چىيالىرى ھېچ دەرس باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيۋاتاتتى. سىنىپنىڭ ئارقىدىكى ئورۇندۇقنى، جىمجىت دەرسخانا مۇھىتىنى تاما قىلىۋاتقان بىزدەك دەرس ئاڭلارمەنلەر ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر بىز ئادەتلەنگەن دەرسخانا ھالىتىنى  بېغىشلىيالمايۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل مەملىكەتكە داڭقى پۇر كەتكەنلىكى سەۋەبلىك بىزدە ئەسلىدىنلا بار بولغان بىر خىل قىزىقىش نۇقتىسىدىن يەنىلا دەرسخانىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق.

    سىنىپنىڭ ئالدى، ئارقىسىدىكى ۋە ياندىكى تاملارغا دوسكا ئورنىتىلغان ھالەتتە ئىدى. سىنىپتىن بور ئېلىپ زالغا چىقىپ كېتىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ قارىساق، سىنىپنىڭ سىنىپ تەرەپتىكى تېمىغىمۇ دوسكا ئورنىتىلغان ئىكەن. دوسكىلار تەخمىنەن 50 سانتىمېتىردىن تەڭ بۆلۈنۈپ، سىزىق سىزىلغان بولۇپ ئۈستىدە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى يېزىقلىق تۇراتتى. ئاستىدىكىلا بىر قۇرغا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قۇردىن ھېكمەتلىك سۆزلىرى يېزىقلىق ئىدى. «خاسلىق مېنىڭ جېنىم»، «تىرىشماسلىق مەن ئۈچۈن مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلغانلىق»، «مېنىڭ كەلگۈسۈم مېنىڭ ھازىرىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان»، «ۋاقىتنىڭ سۈپىتى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ» ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان بۇ دائىرە ئىچىگە ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆز – جۈملىلەرنى يازغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئىشتىياق بىلەن ئۆز دوسكا دائىرىسىگە رەتلىك ھەم چىرايلىق قىلىپ دەرس مەزمۇنىنى يېزىۋاتاتتى. بى قىز ئوقۇغۇچى يېنىدىكى ئوغۇل ساۋاقدىشىغا: «خېتىڭ چوڭ بولۇپ كەتتى، ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەستايىدىل بول» دېگەنگە ئوخشاش ئەسكەرتمىلەرنى بېرىۋاتاتتى. سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتا – ئورۇندۇقلىرىغا سەپ سالدۇق. ئالتە دانە پارتا ئورۇندۇق بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، چوڭ ئۈستەل شەكلىدە سىنىپتىكى ئالتە ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى. دېمەك، سىنىپتا 36 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىكەنلىكى ئايان بولدى. ھەربىر گۇرۇپپا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بور قۇتىسى تۇراتتى. ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك رەڭدىكى بورلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنبىرىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇپپىسى تەۋە بولغان ئۈستەلدىن ئېلىپ، ئادەتتىكى مەزمۇنلارنى بىر خىل رەڭدە، مۇھىم نۇقتىلارنى يەنە بىر خىل رەڭدىكى بورلاردا يېزىشاتتى. خاتا بولۇپ قالغان جايلارنى دېرىزە تەكچىسىگە رەتلىك تىزىلغان دوسكا ئۆچۈرگۈچلىرىنى ئېلىپ ئۆچۈرەتتى ۋە يەنە قايتۇرۇپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى.

    ئالدى دوسكىنىڭ بىر تەرىپىگە «2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىغان ۋاقتى، كۆلىمىنىڭ زورىيىشىغا باشلىغان ۋاقتى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسى، كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقتى ۋە بەلگىسى» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا سائەتكە قارىساق، دەرس باشلىنىپ ئاللىقاچان 20 مىنۇت ئۆتكەن ئىكەن. ھە دېمەك، بىز تارىخ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەنمىز. گەرچە بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولساقمۇ، ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلىۋاتقان سىنىپنى تاپقىچە ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى بولسىمۇ تەپسىلى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بۇ دەرسنى ئەركىن مېڭىپ يۈرۈپ ئاڭلاۋەردۇق.

    دوسكىنىڭ ئۈستىدىكى بوش جايلار، تورۇستىكى توغرا تۈۋرۈكلەر ھەممىسى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تۈرلۈك مەنىلىك سۆز – جۈملىلەر بىلەن تولغانىدى. «تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولمىسا، ھەرقانداق يوشۇرۇن ئىقتىدارمۇ بولمايدۇ»، «ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ھەمكارلىشىش»، «رىقابەت جەريانىدا ھەمكارلىشىش، ھەمكارلىشىش جەريانىدا رىقابەتلىشىش». بۇ خىلدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويلىنىش، پىكىر قىلىش، مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى خىيال قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتەتتى. ئالدى دوسكىنىڭ بىر بۆلىكىگە يېزىلغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى قىسقا بېشارەتلىك مەزمۇنلار دەرس مەزمۇنىنىڭ قاتلاملارغا ئېنىق بۆلۈنۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەل قىلىشى ئۈچۈن تاشلاپ بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. سىنىپتا بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىپ دوسكىغا چىرايلىق قىلىپ يېزىۋاتقان 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قاراپ تۇراتتى. بىز دەرسخانىغا كىرىپ 20 نەچچە مىنۇت ئۆتكىچە بولغان بۇ جەرياندا تېخى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانىدۇق. لېكىن دوسكىدىكى تېزىس ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابىدىن، تەييارلىق دەپتىرىدىن پايدىلىنىپ جىددى ھالدا ئۆز دوسكىلىرىغا دەرس مەزمۇنىنىڭ ھالقىلىق جايلىرىنى سىستېمىلىق يېزىۋاتقانلىقىغا، ئوقۇتقۇچىنىڭ جىددىيلەشمەي، سالماق ھالەتتە ئاندا – ساندا ئىشارەت قىلىپ قويۇپ تۇرغىنىغا قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايقىماق تەس ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۆز دوسكىلىرىنى يېرىمىغىچە كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار بويىچە تولدۇرۇپ بولدى. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلەش، يول كۆرسىتىش، ئۆزى بايان قىلىۋالماسلىق، ئۆزى سۆزلەپ دەرسخانىنى ئىگىلىۋالماسلىق تاكتىكىسىنىڭ كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئاستا – ئاستا تەرتىپسىزلىك ئىچىدىن تەرتىپنى، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئىچىدىن تەكشى بىر سادانى بايقىغاندەك بولدۇق. ئوقۇغۇچى ئۆزى مۇھىم نۇقتىلارنى تاپاتتى، يازاتتى، ئۆزلىرى ئىزدىنەتتى. ھەربىر ئوقۇغۇچى چوقۇم جاۋاب بەرگۈچى ئورنىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇپ مۇھىم پېرسوناژ سۈپىتىدە ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشاتتى. ھەربىر ئوقۇغۇچى خەتنى چىرايلىق يېزىشتا بەسلىشەتتى. مەزمۇنىنى سىستېمىلىق، توغرا، تولۇق ئىپادىلەشكە كۈچەيتتى. ئۆزلىرىگە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ، دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ نەزىرىنىڭ تىكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى، ئۆزلىرىنى مۇكەممەل كۆرسىتىشكە ئىنتىلىش، ئۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش، ھالقىلىق شەخس ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىلىمىنى تېز بىلىۋالغانلىقىنى، ئۇنى ئىپادىلىيەلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىش−ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش سانىلىۋاتاتتى. بۇنداق ئالاھىدە شەكىلدىكى سىنىپ ئىنتىزامىنى تۇتماسلىق، رەت تەرتىپ بويىچە ئولتۇرۇش تەلەپ قىلىنماسلىق شارائىتى ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى، بىلىمىنى، بىلىۋالغانلىرىنى ئۆز دوسكىلىرىغا رەتلىك چۈشۈرۈشى بىزنى قايىل قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى بىجاندىل ئورۇنداۋاتقانلىقىغا قارىغاندا بىر ئىچكى تەرتىپ، بىر ئالاھىدە مەنىدىكى ئىنتىزامنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپلا بىلگىلى بولاتتى. بىردەمدىن كېيىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۆلۈپ بېرىلگەن دوسكىلىرىدىكى ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇن پەيدا بولدى:

    گېرمانىيە جەڭ ماشىنىسى

    2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىغان ۋاقتى:   1939 – يىلى 9 – ئاي

    بەلگىسى:     گېرمانىيەنىڭ پولشاغا تاجاۋۇز قىلىشى

    تەسىرى:    2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

    ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان ۋاقتى: 1941 – يىلى 6 – ئاي

    بەلگىسى: گېرمانىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىشى

    تەسىرى: 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى

    تېخىمۇ كېڭەيگەن ۋاقتى: 1941 – يىلى 12 – ئاي

    بەلگىسى: ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پېرول پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىدىكى خەتلىرىنىڭ بەزىلىرى قىڭغىر – مايماق، بەزىلىرى رەتلىك، بەزىلىرى كۆپرەك، بەزىلىرى ئازراق قىلىپ يېزىپ پۈتتۈرۈلگەنىدى. پەقەت 2 – 3 ئوقۇغۇچىلا يېزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەچكە دوسكىلىرىنىڭ يېرىمى بىكار قالغانىدى. لېكىن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆز قولى بىلەن مۇستەقىل ھالدا تولۇق دېگۈدەك يېزىپ چىقىشقانىدى.

    ئەمدى ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا بىلىۋالغانلىرىنى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا نامايان قىلىپ كۆرسىتىۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلار 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان ۋاقتى، تەسىرى، بەلگىسى دېگەن نۇقتىلار ئاساسىدا ھەربىرى بىر نۇقتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تالىشىپ جاۋاب بېرىشىۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىمايۋاتاتتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ قول كۆتۈرۈپ يۈرمەيۋاتاتتى. ئەمما ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار دوسكىدىكى بەلگىلەنگەن نۇقتىلار بويىچە ئۆزلىرى بايان قىلىشقا مەسئۇل بولغان قىسمىنى تالىشىپ جاۋاب بېرەتتى. بىرى جاۋاب بەرگەندە باشقىلار تەبىئىيلا تەرتىپكە كىرىپ تىنچلىقنى ساقلايتتى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشى داۋامىدا ئۇلار باشقىلارنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشتىن ئىبارەت تولىمۇ مۇھىم بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى. چۈنكى دەسلەپتە سىنىپقا كىرىشىمىزگىلا بالىلارنىڭ بىزگە بەرگەن قالايمىقان، قىقاس–چۇقانلىق تەسىرىدىن قارىغاندا ھازىرقىدەك بىردىنلا جىملىقنى ساقلىيالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن جاۋاب بېرىش ھالىتىدىن قارىغاندا ئالدىنقى سائەتلىك تەييارلىق دەرس سائىتىدە دەرس مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، قايسى گۇرۇپپا نۇقتىلىق قايسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىشىنىڭ تەقسىملىنىشى، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ئۆگىنىشكە چوڭقۇرلاپ شۇڭغۇشىنىڭ قائىدىلىرى خېلى ئېنىق ئايرىلىپ كەسكىن بىر مەسئۇلىيەت ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇلغاندەك تۇراتتى. ئوقۇتقۇچى گۇرۇپپىلارغا ئىشارە قىلىپ قوياتتى. گۇرۇپپىدىكىلەر بىرسى توختىسا، بىرى؛ بىرى توختىسا، بىرى چۇرۇقلاپ جاۋاب بېرەتتى. كەم بوپ قالسا، باشقا گۇرۇپپىدىكىلەر تولۇقلاپ جاۋاب بېرەتتى. ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ – تۇرۇپ: «بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى بەك قالتىس بولدى، بۇ ساۋاقداشقا ياكى ئۇنىڭ كۆز – قارىشىغا كىم باھا بېرىپ باقىدۇ؟» دەپ سورايتتى. بالىلار ساۋاقداشلىرىغا باھا بېرەتتى. ئىلھاملاندۇراتتى، يول كۆرسىتەتتى ياكى تۈزىتەتتى. ئوقۇتقۇچى ئاستىرتىن بەزلىرىگە چاۋاك چېلىپ رىغبەتلەندۈرۈش بەرسە، بەزىلىرىنىڭ خاتا كۆز – قاراشلىرىغا ياندىكى ساۋاقداشلىرىدىن پىكىر ئېلىپ ئۆزلىرىگە تولۇقلاتقۇزاتتى. ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز كۆپ گەپ قىلمايتتى، خۇلاسىلىمەيتتى، تۈزەتمەيتتى. پەقەتلا يېتەكلەيتتى.

    1. ئۆرە تۇرۇپ، مېڭىپ يۈرۈپ دەرس ئاڭلاش

    −خاسلىق نامايان قىلىنغان، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچە يول تۇتقان

    بىز ئەركىن كىرىپ–چىققىلى بولىدىغان بۇنداق ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ياندىكى سىنىپلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنىمۇ بىرلىكتە كۈزەتتۇق.

    بىر سىنىپتا ئىككىدىن تۆت ئوقۇغۇچى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە خۇسۇسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا قىسقا بىر ئىتۇت ئورۇنداۋاتاتتى. گەرچە بۇ «ئارتىس»لارنىڭ گەپ – سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى ئانچە قولاشمايۋاتقاندەك قىلسىمۇ، بالىلارغا قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا، ھەممەيلەن خۇشال – خۇرام ھالدا زەن سېلىپ ئاڭلايتتى. ئىتوت تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىتوت جەريانىدىكى پىكىر يولىغا ئوقۇغۇچىلار باھا بېرىشكە، تولۇقلاشقا، يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەشكە تۇتۇش قىلدى.

    ئارقىدىنلا يەنە بىر سىنىپقا كىردۇق. بۇ سىنىپتىمۇ ئوقۇغۇچىلار تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ئۆز دوسكىلىرىغا دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، بۇرۇلۇش مەزمۇنلىرىنى، ھالقىلىق سۆز – جۈملىلەرنى، تەسىرات، كۆز – قاراشلىرىنى ۋە خۇلاسە – يەكۈنلىرىنى يېزىشىۋاتاتتى. بىز دەرسخانىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ پارتىدا تاشلاقلىق تۇرغان «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» دېگەن قېلىن دەپتەرنى كۆردۇق. ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرسەك، ئىلگىرى ئۆتۈلگەن بارلىق دەرسلەرنىڭ دەرس مەزمۇنى «مۇھىم نۇقتىلار، ھالقىلىق سۆز – جۈملىلەر، تەسىرات، دەرستىن قىسقىچە يەكۈن» دېگەندەك كىچىك ئەسكەرتمىلەر ئاساسىدا يېزىقلىق ئىكەن. بۇ كىچىك ئەسكەرتمىلەر قىزىل سىياھتا، تېگىدىكى مەزمۇنلار قارا ياكى كۆك رەڭلىك سىياھتا يېزىلغان ھالەتتە ئىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھەربىر دەرس ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم تېكىست مەزمۇنلىرى ئۆتۈلۈپ بىلىم نۇقتىلىرى بەلگە ئۇرۇلۇپ «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى»گە يازدۇرىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. تارىخ دەرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى قېلىن دەپتەرلەرنىڭ ئەسلىدە مۇشۇ خىلدىكى «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» ئىكەنلىكى ئەمدى ئايان بولغانىدى.

    سىنىپنىڭ ئارقا دوسكىسىنىڭ مەخسۇس سىزىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان قىسمىغا «خاتالىقىنى تۈزىتىش دوسكىسى» دېگەن سەرلەۋھىنىڭ يېزىقلىق تۇرغانلىقىغا كۆزىمىز چۈشۈپ قالدى. بۇ دوسكىغا قايسى بىر ئوقۇغۇچى ئىشلىگەن مەسىلىنىڭ خاتا ئىشلەنگەن ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىلىرى سېلىشتۇرما شەكىلدە يېزىپ قويۇلغان، بەزى نۇقتىلارنىڭ ئاستىغا سىزىلغان ياكى چېكىت قويۇلغان ھالەتتە ئىدى.

    گەرچە، قارىماققا بۇ سىنىپتىكى  ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىۋاتقان، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سەللا دىققەت قىلساق، باشقا سىنىپلاردا ئۇچرىمىغان يېڭىلىق ۋە ئۆزگىچىلىكلەر دەرھاللا كۆزگە چېلىقاتتى. بۇ ئوقۇتقۇچى بولسا تۇرۇپ–تۇرۇپ «نېمە ئۈچۈن؟»، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايسەن؟»، «سەۋەبى نېمە؟»، «كىم تولۇقلاپ باقىدۇ؟»، «بۇ خىل كۆزقاراش توغرىمۇ؟»، «كىم بۇ ساۋاقدىشىنى باھالاپ باقىدۇ؟»، «كىم بۇ قاراشنى باھالاپ باقىدۇ؟»، «سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟»، «سىز ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى كۆپرەك سورايتتى. ھەرگىز مەسىلىلەرنى ئۆزى يەڭ شىمايلاپ ھەل قىلىشقا، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە، باھا بېرىشكە ئۇرۇنمايتتى. پەقەتلا يېتەكلەيتتى، مۇھىم نۇقتىنى، بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تۇتىۋېلىشقىلا تەييار تۇراتتى.

    دەرستىن چۈشۈش مۇزىكىلىق قوڭغىرىقى يېنىك چېلىندى. ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا مۇئەللىم دەرھال دەرستىن چۈشۈش بۇيرۇقىنى بەرمىدى. ئاخىرقى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىنى بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ئاڭلىۋەتكەندىن كېيىن: «ساۋاقداشلار ئىپادەڭلار ناھايىتى ياخشى بولدى، دەرستىن چۈشۈڭلار» دېدى. دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە قىلمىدى، ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ يۈرمىدى. پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكىلا كۆڭۈل بۆلدى. 3 – سائەتلىك دەرس تاماملاندى.

    4-سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا بىز يەنە بىر سىنىپقا دەرس ئاڭلىغىلى كىردۇق. مۇئەللىم، ئېھتىمال، بىز كىرىشتىن ئىلگىرى ۋاقىتتا بولسا كېرەك، «تۇنجى قېتىملىقى تولىمۇ قالتىس» دېگەن ماۋزۇنى دوسكىغا چىرايلىق يېزىپ، ماۋزۇنىڭ ئاستى، ئۈستىگە يانتۇ قىلىپ قىزىل بوردا چىرايلىق گۈلىنى ۋە سەنئەتلىك شەكىللەرنى سىزىپ قويغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمىكىن دوسكا بىزگە تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ئوقۇپ تۈگەتتى. تېكىست قىسقا ئىدى. مۇئەللىم دەرس مەزمۇنىدىكى بىرقانچە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ دوسكىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۆگىنىش قەدەم باسقۇچلىرىنى (ئۆگىنىش جەريانى) يېزىپ قويدى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ بويىچە ئۆز دوسكىلىرىغا يېزىشنى بۇيرىدى. ئوقۇغۇچىلار رەڭلىك بورلىرىنى ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، چەمبەرسىمان شەكىلدە تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىسقا يېتەكلىشىدىن كېيىن «مەن تۇنجى قېتىم...» دېگەن تېمىدا ئەركىن پىكىر قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

    «مەن تۇنجى قېتىم تاغقا چىقتىم. تەتىلدە تاغامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا بىللە تاغقا چىقىپ بەك خۇش بولدۇم»، «تۇنجى قېتىم ئۆزۈم مۇستەقىل كىيىم سېتىۋالدىم. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاپام مېنىڭ پوپايكا سېتىۋېلىشىم ئۈچۈن 60 سوم پۇل بەرگەندە بىر يېشىل پوپايكا سېتىۋالدىم»، «تۇنجى قېتىم پۇل تىقىۋالدىم. شەنبە كۈنى ئىشكاپتىن كىتاب ئىزدەۋاتسام بەش يۈەن پۇل ئۇچراپ قالدى. ئۇنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي تىقىۋالدىم» ئوقۇغۇچىلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرەتتى. بىر – بىرىگە يول قوياتتىيۇ، ئالدىدىكىسى سۆزىنى تۈگەتكەن ھامان يەنە بىرى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆز جاۋابىنى ئوتتۇرىغا تاشلايتتى. ئاۋازلىرى ئۈنلۈك ۋە جاراڭلىق ئىدى. مۇئەللىم «تۇنجى قېتىم پۇل تىقىۋالدىم» دېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى تۈگىشى ھامان «نېمە ئۈچۈن پۇل تىقىۋېلىشنى ئويلىدىڭىز؟» دەپ سوئال تاشلىدى. قىزچاق تارتىنىپراق «مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تەۋە كىچىككىنە شەخسى بايلىقىمنىڭ بولۇشىنى ئويلىغانىدىم، شۇڭا پۇل تىقىۋالدىم» دەپ جاۋاب بەردى. «نېمىگە ئىشلىتىسىز؟» «ئالدىنقى قېتىم سىنىپتا ئازراق پۇل يىغىلغاندا بىر ساۋاقدىشىم پۇل بېرەلمەي، سەل خىجىلچىلىق تارتىپ قالغانىدى. شۇ چاغدا يېنىمدا پۇلۇم بولغان بولسا بەك بېرىپ تۇرغۇم كېلىپ كەتكەنىدى. يەنە كىتابخانىغا كىرسەم كىتاب ئالارمەنمىكى، دېگەن خىيالىممۇ بار». «قېنى بۇ ساۋاقداشنىڭ ئىشىغا قانداق قارايسىلەر؟» مۇئەللىم ساۋاقداشلارغا قاراپ سورىدى. ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە «ئەسلىدە، پۇلنى ئېلىۋېلىشتىن ئاۋۋال ئاتا – ئانىسىدىن سورىشى كېرەك ئىدى»، «مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئېغىرىنى چۈشۈرمەي، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى، ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋېلىشىنى قوللايمەن»، «قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش شەرەپلىك ئىش» دېگەنگە ئوخشاش پىكىر – تەكلىپلەرنى ياغدۇرىۋەتتى. بۇ چاغدا بىز ئوقۇتقۇچىنىڭ يوشۇرۇن تەرىزدە ھاياتلىق ھەققىدىكى توغرا بىر قىممەت قارىشىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قېيىپ كېتىۋاتقان پىكىر، كۆز – قاراشلىرىنى توغرا يۆلىنىشكە بۇراپ سوئال سوراپ، جاۋابقا باھا بەرگۈزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيەتلىك مىنۇتلار ھەققدىكى جۇغلانمىسى، مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى، ئەركىن، مۇستەقىل، دادىل پىكىر قاتناشتۇرۇش قابىلىيىتى تەدرىجى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.

    مۇئەللىم يەنە «مەن تۇنجى قېتىم...» دېگەن تېمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان – ئەتكەن تۇنجى قېتىملىق ئىشلىرىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلەيتتى. بىر قىزچاق : «مەن تۇنجى قېتىم دادامنىڭ ئائىلىدە تولىمۇ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئالدىنقى ئايدا دادام يۈرەك ئوپېراتسىيەسىگە چۈشكەندە دوختۇرلار ئاپامغا تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ۋاراق مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغۇزدى. ئاپام تولىمۇ تەستە ئىمزاسىنى قويدى. مەن دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپامغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپاممۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى» دەپ كۆكسىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئازابلىق نالىسىنى باسالماي، بۇقۇلداپ كۆز يېشى قىلىپ كەتتى. سىنىپتىكى كۆپ قىسىم بالىلار دەرھال بۇ خىل ھالەتتىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىللىق ياش ئالدى. مۇئەللىم دەرھال: «ساۋاقداشلار بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئوقۇغۇچىلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى:«مەن ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسىنىڭ تېزدىن ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «بىز ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياخشى ئوقۇشىمىز كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش تەسىرات، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىنى ھېسسىيات ۋە پوزىتسىيە جەھەتتە چوڭقۇر بىر ھېسسى تاۋلىنىش ئىچىگە باشلاۋاتاتتى. رېئاللىقتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا، ئەھمىيەتلىك تۇيغۇلارغا يوشۇرۇنغان جىددى تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى بىلىۋېلىشقا يېتەكلەۋاتاتتى. دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى. ئوقۇتقۇچى: «كىم دەرس مەزمۇنىنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاپ باقىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. بىر ئوقۇغۇچى:«تۇنجى قېتىملىق تەسىرات تولىمۇ ئۇنتۇلماس ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن» دېدى. مۇئەللىم:«بۇ ساۋاقداش تولىمۇ ياخشى خۇلاسىلىدى» دېدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن چۈشۈشكە بۇيرۇپ سىنىپتىن ئايرىلدى. ئومۇمىي ئەھۋال شۇ بولدىكى، ئوقۇتقۇچى دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەنلا سىنىپتىن چىقىپ كەتمىدى. بەلكى بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان پىكىرنىڭ تۈگىشىنى كۈتتى ياكى ئوقۇغۇچىلارغا خۇلاسىلەتكۈزدى، ئىلھام بەردى، ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاندىن دەرسنى تاماملىدى.

    بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلەتتۇقكى، بىز ئاڭلىغان دەرسلەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر سائەتلىك دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ئوقۇتۇش تەپەككۇرى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش شەكلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق تەرپلەردە ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە دېگەندەك ئوخشاشلىق ئىچىدە بىر خىل ئوخشىماسلىق ۋە پەرق مەۋجۇت ئىدى. مانا بۇ ماھىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ خاسلىقىنىڭ نامايان نامايان قىلىنىشى بولۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجادچانلىقىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيتى ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش روھىنى ئۇرغۇتاتتى.

     4. كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراش

    −دەل ۋاقتىدا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سەۋەنلىكنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

    مېڭىپ يۈرۈپ ئىختىيارى دەرس ئاڭلاش، كۆرۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئوقۇتۇش ھەققىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن 2–قەۋەتنىڭ زالىدىن 1–قەۋەتكە،1–قەۋەتتىن بىنانىڭ چىقىش ئىشىكىگە ئاستا سۈرۈلدۇق. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ چىقىش ئىشىكى يېنىدىكى زالنىڭ بىر تەرىپىگە 4–5 كىچىك ئاق دوسكا تىزىپ قويۇلغان ئىدى. زەن سېلىپ قارىساق، «دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش»، «خىزمەتتىن كېيىنكى ئويلىنىش» دېگەن دوسكىلار ئىكەن. «دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش» دېگەن بىر دوسكىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار تۇراتتى:

    «2011–يىلى 9– ئاينىڭ 30 كۈنى، 7 – ھەپتە. ئالدىنقى ھەپتە 8 – يىللىقلارنىڭ رەسىم دەرسىدە ‹مېنىڭ ھېكايەم› دېگەن دەرس ئۆتۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆز رەسىملىرىنى سىزدى. قىزىقىشى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. بىراق دەرسخانىدا يەنىلا بەزى يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلار يۈز بەردى. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتتە ئىپادىلەندى:

    ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق. يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىدا كۆپ ۋاقىت بېرىپ قويۇپ، ئارقىدا ئالدىرىتىپ قويدۇم. ئالدىنقى ھەپتە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەچكە ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ھاياجانلاندى. دەرسخانىدا بۇ تەرەپنى تۇتۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەسەر ئىجاد قىلىشنى تاپشۇردۇم. بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتى چەكلىك بولغاچقا كۆپ قىسىم بالىلار رەسىملىرىنى تولۇق، مۇكەممەل سىزىپ تۈگىتەلمىدى. چۈنكى مەن دەرسخانىدا دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلاردىن سەل كۆپ مەزمۇننى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغاچقا، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار تولۇق سىزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. سىزىپ بولغان رەسىملەرمۇ ئۈلگىلىك، ياخشى ئەسەرلەر قاتارىغا كىرەلمىدى.

    تۈزىتىش تەدبىرلىرى:

    1) «ئالدىن تەييارلىق لايىھەسى»نى ئوبدان ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم سىزىش مەشىقىنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.

    2) «ۋاقىتنى ئالدىن لايىھىلەش»نى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن جانلىق، ئۈنۈملۈك دەرسخانا مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك ئىكەن.

    كىچىك دوسكىدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىشلىرىنى يېزىپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن زالغا قويۇپ قويغاندەك تۇراتتى.

    شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك زىيارىتىمىزنىڭ يېرىم كۈنى تاماملاندى. بىز چۈشتە ئاددىي غىزالانغاندىن كېيىن (چۈنكى ئەتراپتا مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇللار بولمىغانلىقتىن ئۆزىمىز ئېلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى يېدۇق) چۈشتىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشېن ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلايدىغانلىقىمىز ۋە ھەر قايسى ئوقۇتقۇچىلار  ئۆزىمىزنىڭ كەسپىگە ئالاقىدار دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىمىز ئۇقتۇرۇلدى.

    1. ‹‹ئۆزگىرىش›› نىڭ كەينىدىكى ئادەم

    −رەھبەرلىك + مۇتەخەسسىسلىك = مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش

    بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:30 دا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى كىچىك بىر يىغىن زالىغا تۇرقىدىن مۇلايىملىق، كىچىك پېئىللىق، كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشېن كىرىپ كەلدى. قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بىزگە مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ۋە دەرسخانا ئىسلاھاتىنى قانداق ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

    بىز ئۇنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلاش جەريانىدا، دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئاشۇ «يېڭىلىقلار»نىڭ كەينىدە ئۇنىڭدىن ئىبارەت بىر قابىل يېتەكچىنىڭ، لايىھىلىگۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرگەندەك بولدۇق. چۈنكى، چۈشتىن بۇرۇنقى دەرسخانىدىكى بىزنى ھاياجانلاندۇرغان بىرمۇنچە ئىزدىنىشلەرنىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، مەخپىيەتلىكى ئۇنىڭ سۆزلىرىدە بىر – بىرلەپ ئېچىلىۋاتاتتى.

    − مەن دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشنى ئالدى بىلەن مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدىكى يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قول تىقىشتىن باشلىدىم. بىر مەزگىللىك كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى «ئەجەللىك ئاجىزلىق» نىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن، ئوقۇشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى ۋە پوزىتسىيىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم–دە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» ئىدى.

    ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن دوسكىغا يېزىپ چۈشەندۈرەتتى:

    −ئوقۇغۇچى نېمىشقا ئۆگىنىشتىن زېرىكىدۇ؟ مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ماكانى بولغان دەرسخانىدىن جاۋاب تاپتىم. ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا مەشغۇل بولىدىغان ئىش–پائالىيەت يوق دېيەرلىك ئىدى،  ھەم ئۆزلىرى مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەشنىڭ پۇرسىتىمۇ يوق بولۇپ، ئاساسەن ھەممىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىغا قاراشقا مەجبۇر بولاتتى. مەن ئۇ يان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئىشنى دەل مانا مۇشۇ يەردىن باشلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. چۈنكى، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى سىنىپتا بىللە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دەرسكە «قاتناشقانلىقى» ھېسابلانمايتى. «قاتنىشىش» ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇغۇچىلاردا ئېنىق بولغان تەييارلىق، ۋەزىپە، نىشان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرىنچى بولۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا مۇنبىرىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭ دەرسخانىدىكى سۆزلەش ۋاقتىغا چەك قويدۇم. يەنى دەسلەپ 45=35+10 ۋاقىت تەقسىملەش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا سۆزلەيدىغان سۆزىنى 10 مىنۇتتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇم. كەينىدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ 45=45+0 ۋاقىت تەقسىملەش تۈزۈمى بېكىتىلدى. سىنىپنىڭ، كارىدورنىڭ تاملىرىغا پۈتۈنلەي دېگۈدەك دوسكا ئورنىتىلىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلەيدىغان، ‹‹تېرىقچىلىق›› قىلىدىغان تەۋە «ئېتىزى» بار بولدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇغۇچىلار بارا-بارا ھەرىكەتلىنىشكە، جانلىنىشقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاڭلايدىغان ئادەمدىن گەپ قىلىدىغان ھەتتا تالىشىپ گەپ قىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىشقا، ئۆزلىرىمۇ سەزمەي دەرسخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە، ئاساسىي پېرسوناژىغا، ئاساسىي سۇبېيكتىغا، ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلاندى. ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇشقان ئوقۇغۇچىلار ئەمدىلىكتە ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان بولدى، ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئەمگەكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردى. نەتىجىنىڭ تەمىنى تېتىدى. دېمەك، مەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىن تەييارلىق قىلىدىغان، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ ئاخىرىدا ئۇتۇق قازاندىم.

    ــــ ھە، بۇ ئىشلارنى ئەسلىي مۇشۇ ئادەم بىر قوللۇق پىلانلىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن–دە،− دېيىشتۇق بىز بۇ مۇدىرنىڭ ئىزدىنىش، ئىسلاھات روھىغا قايىل بولغان ھالدا.

    − مەن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتىم دەل دەرس ئىسلاھاتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىغا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھاتنى نەدىن باشلاش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. ئاخىرى يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىش، تىرىشىپ ئۆگىنىش، دادىل ئىسلاھات قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. توختىماي ئۆگەندىم، ئىزدەندىم. بولۇپمۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىمەن، بىر ئىش قىلىمەن دەيدىكەنمەن، چوقۇم  ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ئوبدان بىر تەرپ قىلىش كېرەك؟ بۇ باش قاتۇرۇشقا ۋە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما ئىدى. مەن دەرسخانىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىم.

    ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىدىيىسىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تۆۋەندىكىچە داۋاملاشتۇردى.

    − دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىگە باھا بېرىشتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق ئۆگەنگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق قايتۇرۇپ بېرەلىدىمۇ-يوق، مۇۋاپىق تۈردە ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىپ ئىلھاملاندۇرالىدىمۇ-يوق، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ قاتاردا ئوخشاش ئۆگەنگۈچىگە ئايلىنىپ، ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ پائالىيەتكە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە قاتنىشىپ، ئۆگىنىش مۇساپىسىنى بىللە تاماملىيالىدىمۇ-يوق، دېگەن تەرەپلەر دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئامىللاردۇر.

    − يۇقىرىقى تەرەپلەرنى ئەمەلىلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى پائالىيىتىنى كۆپەيتىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، قول سېلىپ ئىشلەش، دەرسخانىنى ئېلاستىكىلىققا، ئۆزگىرىشچانلىققا، ئېچىۋېتىشچانلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بوشلۇق جەھەتتە سىنىپنىڭ ئۈچ تەرىپىدىكى تام ۋە كارىدورلارغا پۈتۈنلەي دوسكا ئورنىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى نامايان قىلىشنىڭ سورۇنى ۋە پۇرسىتى يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا خالىغانچە مېڭىپ يۈرۈپ، ئەركىن ئۆگىنىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ئۆلۈك، قاتمال كەيپىيات تۈگىتىلىپ، ئەمدىلىكتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان باشقىچە كەيپىيات شەكىللەندى. ھازىرقى دەرسخانىدا بىر ئادەم نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزىگە، يازغان خېتىگە، مەزمۇنىغا دىققەت قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرمەيدۇ، مېڭىپ يۈرۈپ، ئەركىن جاۋاب بېرىدۇ. ئوقۇغۇچى ئۆزىدە قايسى خىل ئىقتىدار بولسا (مەسىلەن، ناخشا-مۇزىكا، رەسىم ۋە باشقا جەھەتتىكى تۈرلۈك قابىلىيەت) شۇ خىل ئىقتىدارنى مۇناسىپ ۋاقىتتا ئىشلەتسە تامامەن بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كىشىلىك ئىززەت-ئابرويىنى، ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

    −دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلىمگە، بىلىمنى كېڭەيتىش، بىلىمنى ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش، ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، ئۆگىنىشتىكى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، ئۆز-ئارا يېتەكلەش يولغا قويىلىدۇ. دەرسخانىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانى تەييارلىق مەشىقى بۆلىكى، كۆرسىتىش بۆلىكى ۋە دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا سىغىمى چوڭ بولۇش، رېتىمى تېز بولۇش، ئىسترولۇق بولۇشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىك مەيدانغا كەلگەن. شۇڭا بىز تاپشۇرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىگە يولۇقساڭلار ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار، ئوقۇتقۇچى يېتەكلەيدۇ، ئامال بار سىنىپتا ھەل قىلىڭلار دەپ تەكىتلەيمىز.

    بىز دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە كۆرگەن ئاشۇ ‹‹ئۆزگىرىش›› لەرنىڭ كەينىدە تۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر مېۋىسىگە ئايلاندۇرغان بۇ مۇدىر ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن لېكسىيەسىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

    − بۇ ئادەم بىر قولىدا مۇدىرلىقتىن ئىبارەت رەھبەرلىكنى تۇتسا، يەنە بىر قولىدا مۇتەخەسسىسلىشىشتىن ئىبارەت كەسىپنى تۇتقاچقا، ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا قانداقتۇر بەزىبىر سىياسەت خاراكتېرلىك گەپ–سۆزلەردىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەقىقىي يېتىلگەن بىر تەتقىقاتچىدەك، مۇتەخەسسىستەك بىلىنىۋاتاتتى. بىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن شۇنداق بىر نۇقتىنى بايقىدۇقكى، بىر مەكتەپنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدىكى قەدىمىنىڭ تېز–ئاستا بولۇشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى توختاپ قېلىشى، قانداقتۇر پەقەت ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت كوللېكتىپنىڭ ئەقىل–پاراسىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا باش بولۇپ يېتەكلەۋاتقان مەكتەپ مۇدىرلىرىغا بەكرەك باغلىق ئىكەن.

    1. يۈز تۇرانە كەسپى سۆھبەت

    −ئۈچ قاتلاملىق دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەققىدىكى چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى

    مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدىكى مەخسۇس لېكەسىيەسى تاماملانغاندىن كېيىن بىز ھەرقايسى كەسىپتىكىلەر ئۆز كەسىپىمىزگە ئالاقىدار دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىرلەشتۇق.

    بىز بىلەن پىكىرلەشكەن ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئاۋۋال دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاندىن بىزمۇ بىزگە ئايدىڭ بولمىغان بەزى نۇقتىلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنى سورىدۇق. بۇ سۆھبىتىمىزدىن تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئايان بولدى:

    دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى 1997 – يىلى سۈي چىشېن مۇدىر كەلگەندىن كېيىن ئۈچ يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەپ ئوقۇتۇشنىڭ نورمال يولىغا كىردى. ئەسىر ئالمىشىدىغان پەيتتە تۇرىۋاتقان دۇلاڭكۇ ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇنداق بىر مەسىلىگە باش قاتۇردۇق: «نېمە ئۈچۈن دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى تىللىرى قۇرۇپ كەتكۈچە سۆزلەپ، شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن پاسسىپ ئورۇندا قېلىپ پارتىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۇخلاپ قالىدۇ؟» شۇنىڭ بىلەن بىز چوڭقۇر كۈزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈردۇق:

    1) دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا ئەھۋمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىگە سەل قارىغان.

    2) دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بىلىم يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغان.

    3) دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي پېرسوناژلىق رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا سەل قارىغان.

    4) دەرسخانىدا ئەقلىي جەھەتتىكى تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا سەل قارىغان.

    شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىغا دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىنى ھۆرمەتلش ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، دەرسخانىغا بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشكە باشلىدۇق. بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەرنى ئىلغار بولغان ئوقۇتۇش نەزەرىيەلىرىگە باغلاپ، ئەمەلىيەتتە سىناق قىلىش ئەمدىكى بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز بولۇپ قالغانىدى. ئالدى بىلەن بىز تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

    1) كىچىك گۇرۇپپىدا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش. يەنى ھەربىر سىنىپنى 6 كىچىك گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئۇستاز بىلەن شاگىرت ھەمكارلىشىدىغان، شاگىرتلار بىلەن شاگىرتلار ھەمكارلىشىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلدۇق. بۇ دەرسخانىنىڭ تەشكىللىنىش شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.

    2) «10+35». يەنى ھەربىر 45 مىنۇتلۇق دەرس سائىتىدە ئوقۇتقۇچى 10 مىنۇتلا سۆز قىلىشقا بولىدۇ. قالغان 35 مىنۇت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدۇ، پائالىيەت قىلىدۇ، مۇھاكىمە قىلىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىز بۇ خىل ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «0+45» ھالىتىدىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىمىز. ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، قايسى خىل لايىھە ماس كەلسە، شۇ خىل لايىھەنى جانلىق قوللىنىش بىزنىڭ يەنە بىر خىل پىكىر يولىمىز ھېسابلىنىدۇ.

    3) ئوقۇتۇش جەريانى «تەييارلىق مەشىقى قىلىش، كۆرسىتىش، قايتا ئويلىنىش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك بويىچە بولۇش. تەييارلىق مەشىقى بۆلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئايرىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالىدۇ. يەنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش نىشانىنى ئالدىن لايىھىلەيدۇ. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياكى ئۇستازى بىلەن ئورتاقلىشىپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى چوڭقۇرلاپ مۇزاكىرە قىلىدۇ ياكى ئىزدىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۆگىنىش نىشانى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوقۇغۇچى مېڭىسىدە شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش دەرسى ئۈچۈن تەييارلىق بولۇپ قالىدۇ. تەييارلىق مەشىقى بۆلىكى تولۇق، مۇكەممەل بولغاندىلا، كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. تەييارلىق مەشىقى دەرسخانىدا ئۆزىنى ئىپادىلەپ كۆرسىتىشتىكى پىسخىك تەييارلىق باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچى بىلىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا تەييارلىق قىلىشى، يەنە پىسخىك جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن سىنىپقا كىرىشى زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەييارلىق مەشىقى قىلدۇرغاندا، ئەلۋەتتە، دەرس مەزمۇنىنى يۈزدە يۈز بىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. كۆپ قىسمىنى بىلىپ ئاز قىسمىنى بىلەلمەسلىكى ياكى ئاز قىسمىنى بىلىپ كۆپ قىسمىنى بىلەلمەسلىكى، ھەتتا ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەييارلىق مەشىقى قىلىشقا ۋاقىت بەرگەندە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ھېچ بولمىغاندا بىر يۆلىنىش، نىشان ئەكس ئېتىدۇ. كۆرسىتىش بۆلىكىدە بولسا نېمىنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. «تەييارلىق مەشىقى دەپتىرى» دەل ئۆگەنگەنلىرىنى يېزىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، ئويلىنىپ خاتىرە قالدۇرىدىغان بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېيىن دەرسخانىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.

    كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار بىلىۋالغانلىرىنى نىشانلىق، قاراتمىلىق ھالدا ئىپادىلەيدۇ. تەييارلىق مەشىقى بۆلىكىدە ئۆگىنىۋالغانلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدۇ. بىلىمنىڭ يۆتكىلىشىنى، ھېسسىيات جەھەتتىكى تاۋلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھەرقايسى يەككە شەخسلەر بويىچە ياكى گۇرۇپپىلار بويىچە تەييارلىق مەشىقىدە ئۆگەنگەنلىرىنى قايتىدىن ئەسلەيدۇ. گۇرۇپپا ئىچىدە ۋە پۈتكۈل سىنىپتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەڭ يېتىلىشكە ئاساس سېلىنىدۇ. يېڭىدىن ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىدۇ. تەييارلىق مەشىقى ھالقىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق پىكىر قىلىش، مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت، بوشلۇق بېرىلگەچكە، كۆرسىتىش – ئىپادىلەش ھالقىسىدا ئۈنۈملۈك ھالدا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنەلەيدۇ، كەڭ دائىرىلىك ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ. ئۆزى قاتنىشالايدۇ. مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنى، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار كۆرسىتىش بۆلىكىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىگە ئىشەنچ يېتىلدۈرىدۇ، ئۆگىنىش ۋە پىسخىك جەھەتتە ساغلام تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.

    قايتا ئويلىنىش بۆلىكىدە ئاۋۋالقى دەرس بۆلەكلىرىدە ئۆگەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدە قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزىدۇ، يەكۈن چىقىرىدۇ. ئالدىن لايىھەلىۋالغان ئۆگىنىش نىشانىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ ھالقىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق تۈردە سۆزلەيدۇ، يازىدۇ، پىكىر قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاپ ماڭىدۇ. ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاندا بېكىتكەن نۇقتىلار بويىچە ئۆز بىلىمىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ ھالقىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل سىنىپ كوللېكتىپى بىرلىكتە ئالغا باسىدۇ.

    تەييارلىق مەشىقى، كۆرسىتىش، قايتا ئويلىنىش بۆلەكلىرى ئايرىم – ئايرىم ئۈچ دەرس سائىتىدە ئېلىپ بېرىلىشىمۇ، ئۆزئارا بىر ياكى ئىككى دەرس سائىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولغان تېكىست ياكى بىلىم نۇقتىسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ياكى قىيىن – ئاسانلىقى بەلگىلەيدۇ.

    4. دەرسخانىدا كۆرسىتىش ئالتە ھالقىدىن تەركىپ تاپىدۇ: يەنى تەييارلىق مەشىقىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەمكارلىشىش، يۈكسىلىشنى نامايان قىلىش، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش، نىشانغا يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى باھالاش.

    تەييارلىق مەشىقىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھالقىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەمكارلىشىش ھالقىسىدا ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوقۇتقۇچى ھەربىر گۇرۇپپىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ھەربىر گۇرۇپپا ئۆگىنىش ۋەزىپىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلىنىلا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ تاماملايدۇ.

    يۈكسىلىشنى نامايان قىلىش ھالقىسىدا كىچىك گۇرۇپپا گۇرۇپپا ئىچىدىكى مۇھاكىمىگە ئاساسەن، ئۆز گۇرۇپپىلىرى ئۈستىگە ئالغان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرىدۇ، تەھلىل قىلىدۇ، خۇلاسىلەيدۇ.

    تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش ھالقىسىدا ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئۆزلىرى ئىپادىلەپ كۆرسەتمىگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ پۇختىلاش ئېلىپ بارىدۇ.

    نىشانغا يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكىنى باھالاش ھالقىسىدا ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان سوئاللىرى، سوئال باغاقچىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغان نۇقتىلارنى قانچىلىك ئىگىلىۋالغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ.

    قىسقىسى، مەكتىپىمىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار خۇشال – خورام ئۆگىنىدىغان، قاتنىشىش داۋامىدا ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى نەپكە ئېرىشىدىغان گۈزەل بىر سىستېمىنى بەرپا قىلدى. ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىش، ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنى قويۇۋېتىپ ھەرىكەتلەندۈرۈش بىزنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىمىزدىكى مۇھىم چىقىش ئېغىزى بولۇپ قالدى. دەرسخانىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئۈچ ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: سترولۇق بولۇش، سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇش، رېتىمى تېز بولۇش. دەرسخانىنىڭ لايىھەلىنىشىدىكى ئەتراپىمىزنى دوسكىلارنىڭ بىزنى قورشاپ تۇرغانلىقى، ئەركىن يۆتكىلىپ يۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ، گۇرۇپپىلار ئارا بىلىمنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىقلار  سترولۇق تەرتىپنى ئەكس ئەتتۈرسە، ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا تەقسىملىنىپ تەكشى ھەل قىلىنىشى، بىلىم، ئىقتىدار نىشانىنىڭ زىچ ھەل قىلىنىشى قاتارلىقلار سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇشتەك تەرتىپنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دەرسىانىدا كۆرسىتىش، ئىپادىلەش ھالقىسىنىڭ ئىنچىكە 6 ھالقىسى رېتىمنىڭ تېز بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

    بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ بەزى ئارقىدا قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشانغا يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر كارتا ياكى قەغەزچە لايىھىلەپ چىقتۇق: (كىچىك 32 فورماتلىق سامان قەغەز)

     

    دەرسخانىدا نىشانغا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش قەغىزى

    سىنىپى

     

    ئىسىم - فامىلىسى

     

    ئالغان نومۇرى

     

    مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى:

     

     

    قايتا ئويلىنىش بۆلىكىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن مەلۇم مەسىلىنى مەركەز قىلىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا تېزلىك بىلەن «مەسىلە ھەل قىلىش»قا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ۋاراقچىغا ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقىدۇ، ئاساسلىقى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يېتەكچى ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق تېزلىك بىلەن باھالاپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ئۆز بىلىمىنى پۇختىلىۋېلىش، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى دەرس لايىھەسىنى تۈزۈشتە «دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس تەييارلىقى ھەرىكەتچان بېتى» دېگەن ۋاراقچىنى (چوڭ 16 فورماتلىق سامان قەغەز) ئىشلەتتۇق.

     

    دۇلاڭكۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس تەييارلىقى ھەرىكەتچان بېتى

     

     

    دەرس ماۋزۇسى

     

    دەرس تەييارلىغۇچى

     

    ۋاقتى

     

    تەكشۈرگۈچى

     

     

     

     

    ئۆگىنىش نىشانى:

     

     

     

     

                             
     

     

    «دەرس تەييارلىق بېتى»نىڭ ئۈستىگە ئۆگىنىش نىشانى يېزىلىدۇ. ئاستىغا دەرس مەزمۇنى، مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرى يېزىلىدۇ، ئىككى يانغا ئەھۋالغا قاراپ قانداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىدىغانلىقى، ئۆگىنىش جەريانى، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپ – نەرسىلەر، يېتەكچىلىك قىلىشتا سورىلىدىغان مۇھىم مەسىلە ۋە سوئاللار، يەتمەكچى بولغان مەقسەت – نىشان ۋە دەرستىن كېيىنكى يەكۈن، دەرس بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. دەرس لايىھەسى ئىككى كۈن بۇرۇن مىتوت گۇرۇپپا باشلىقىغا كۆرسىتىپ باھالىتىلىدۇ، تۈزىتىدىغان نۇقتىلار تۈزىتىلىدۇ. ئاندىن ئىمزاسى قويدۇرۇلىدۇ. دەرس لايىھەسى ئادەتتە يىللىقلارنى بىرلىك قىلىپ ھەر ھەپتىلىك كەسپى ئۆگىنىش ۋاقتىدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلىقلاش ئارقىلىق ئاساسى پىكىر يولى، قەدەم – باسقۇچلىرى، ئوقۇتۇشتىكى ئاكتىپ چارىلەر ئايدىڭلاشتۇرىلىدۇ.

    يەنە تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىسىگە ئىككى سائەت «ئوقۇش دەرسى» ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ ئىككى سائەتتە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەزىدە دەرسلىك ئىچىدىكى، بەزىدە دەرسلىك سىرتىدىكى نۇقتىلىق، ئۈلگىلىك ماقالە – ئەسەرلەر ئوقۇتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق دەرس ئۆلچىمىدە تەكىتلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مىقدارىغا قويۇلغان تەلەپ ئورۇندالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىلەپ، تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى تاۋلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    يىغىپ ئېيتقاندا، مەكتىپىمىز يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق تېگىشلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2004 – يىلىدىن بۇيان چىپىڭ ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە مەكتىپىمىزدىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئىزچىل 1 – ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ھەر خىل مۇسابىقىلەردە، نەق مەيدان زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلىرىمىز ناھىيەسىدىكى ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ ناھايىتى ئېنىقكى، بىزنىڭ سۈي چىشېن مۇدىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرسخانىدا دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىمىزنىڭ، ئوقۇتۇش ئىدىيىسىدە جۈرئەتلىك ھالدا ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىمىزنىڭ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى مۇستەقىل قول سېلىپ ھەل قىلىشىغا يول قويغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى، ئەلۋەتتە.

    پىكىرلىشىش ئاياغلاشتى، بىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر سائەتلىك دەرسى بار بولغاچقا ئالدىراپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. بىز ئەھمىيەتلىك سۆز – جۈملىلەر يېزىلغان دوسكا خەتلىرىنى ئوقۇغاچ مەكتەپ قورۇسىدىن ئاستا يېنىپ چىقتۇق. «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆكسى – قارنى غايىگە، قىزغىنلىققا، شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، توختاۋسىز ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ھەمكارلىشىشقا ماھىر، سېھرىي كۈچكە باي بولغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مېھرى – مۇھەببەتلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ھەر ۋاقىت ئېرىشكەن بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ئىجادىي ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئۆزىنى داۋاملىق تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان خىسلەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى چىدامچان، قەيسەر، ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولغان بولىدۇ». مەكتەپ ھويلىسىدىكى بۇ دوسكا خەتلىرى خىرەلىشىپ، بارا – بارا ئارقىمىزدا قالدى. لېكىن ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە تېخىمۇ قېنىقلىشىپ، بىزنى ھاياجانغا سالماقتا ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ، بىز ھېچقانداق بىر مەكتەپ رەھبەرلىكى ياكى مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇتۇپ قويۇشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خۇددى ناھايىتى ياخشى كۈتۈلۈپ، ئاندىن قەدىرلىك ئۇزىتىلغان مېھمانلاردەك رازىمەنلىك ھېسسىياتىدا دۇلاڭكۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئايرىلدۇق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.