گۈلەن مۇستاپا كامال مۇنازىرىسىدە

يوللىغۇچى : gulen يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-08 08:21:30

مەن نېمىشقا بۇ تېمىغا شۇنچە كىرىشىپ قالىمەن؟1. تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغىلى تۇرغىلى ئۇزاق بولدى. تۈركىيەدە مېنىڭ بىلىشىمچە 12 مىليوندىن ئارتۇق كۈرت مىللىت...

     مەن نېمىشقا بۇ تېمىغا شۇنچە كىرىشىپ قالىمەن؟

    1. تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغىلى تۇرغىلى ئۇزاق بولدى. تۈركىيەدە مېنىڭ بىلىشىمچە 12 مىليوندىن ئارتۇق كۈرت مىللىتى ياشايدۇ. بۇندىن باشقا لازلار، رومالار ئەرمەنلەرمۇ خىېلى بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان يىللاردىن باشلاپ كامالىزىمنى ئاساس قىلغان. كامالىزىمنىڭ ئاساسى مىللەتچىلىك. بۇ تۈركلەرنىڭ مىللىي دۆلەت قۇرۇپ بۇرۇنقى ئىمپىرىيە چۈشىدىن خوشلىشىشىدا ئىجابىي رول ئوينىغاندەك قىلغان بىلەن ئاقىۋەتتە تۈركىيەدىكى باشقا ئاز مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. تۈرك مىللەتچىلىكى كۈرت مىللەتچىكىنى ئويغۇتۇپ تۈركىيەنىڭ بېشىغا بالا بولدى. تۈركلەر بىلەن 500يىلدىن بېرى ئىناق ئۆتكەن كۈرتلەر تۈركلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تىلىنى مائارىپتا قوللىنىشقا يول قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا چەك قويۇشى، كۈرت نوپۇسىنى تۈركلەر مەركەزلەشكەن شەھەرلەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈپ مەخسەتلىك ئاسمىلاتسىيە قىلىشى نەتىجىسە ئىككى دىنداش مىللەت ئارىسىغا تۈگىمەس جىدەلنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى. مەن ئەقىللىق ئوقۇرمەننىڭ بۇ يەردە ھەققانى مەيداندا تۇرۇشىغا ئىشىنىمەن. ئىنساننىڭ قايسى تىلدا مائارىپ ئېلىش، قايسى دىنغا ئىشىنىش، قانداق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشى ئاللاھ بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇق.
    2. دەۋرىمىز مىللەتچىلىك قايتا تىرىلگەن دەۋردۇر. سوۋىتلەرنىڭ يىمىرىلىشى، سوتسىيالىزىم لاگىرنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقى كومۇنىزىمنى يېتەكچى ئىددىيە قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر مىللەتچىلىك يولىغا ماڭدى. دۆلەتلەر تەرغىپ قىلىۋاتقان مىللەتچىلىك شۇنداق دۆلەتلەردىكى ئازسانلىقلاردىمۇ مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە زوراۋانلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. ئاسمىلاتىسيە سىياسىتى مىللەتچىلكىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ كىشىلەرنى نورمال ئىنسانىي تەپەككۇردىن مەھرۇم قىلدى. مېنىڭ بۇ تېمىغا كىرىشىم ئاشقۇن مىللەتچىلىك، يەنى فاشىستلىقنىڭ زىددىيەتنىڭ، قان تۆكۈلۈشنىڭ مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن.
    3. دۇنيايىمىز زوراۋانلىق دۇنياسى ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر توپ كىشىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى باشقا بىر توپقا تېڭىشى، ئۇلارنى ھىچ نېمە بىلمەيدۇ، ئارزۇسىنى ئىپادە قىلالمايدۇ-دەپ كەمسىتىپ ئۆزى توغرا دېگەن يولنى خەلقنىڭ تاللىشى دەپ ئىددىيە زوراۋانلىقى يۈرگۈزىشى قايتا قايتا زوراۋانلىقنىڭ بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئاۋازىنى تىنچ يول بىلەن ئاڭلىتاالمىغان كىشىلەر ئامالسىز زوراۋانلىققا مۇراجەت قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ خاتالىقى دەل مۇشۇنداق تىپقا كىرىدىغان خاتالىق.
    مەن تۈركىيەنىڭ بىزگە دىن ۋە تىل جەھەتتىن قېرىنداش بولغانلىقى سەۋەپلىك بىزنى ئاسانلا مايىل قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مايىللىق بولغىنى تەبىئى ھادىسە، لېكىن مايىللىق پەقەت مەدەنىيەتتىكى ئورتاقلىقتىن سۆيۈنۈشتە ئىپادىلەنسە ياخشى، قارا قويۇق ھەممە نەرسىسىنى قوبۇل قىلىش ياكى توغرا كۆرۈشتە ئىپادىلەنسە ئاقىللىق بولمايدۇ. مەن ئىددىيەمنى مۇشۇنداق ئېنىق يازىمەن. تەپسىلى يازمىلىرىم ئارقىلىق مېنى بىلمەكچى بولغانلار ئوكيان تورىدكى يازمىلىرىمنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.  

     

    گۈلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ دېگۈدەك گەپمۇ قالماپتۇ-دەپمۇ ئويلۇدۇم يەنە ئويلاپ باقسام چالا قالغان گەپلەر باردەك، ئەگەر بۇ ئىنكاسىم بىر ئىككى دەقىقىدە ئۆچۈرۈلمەي قالسا مېنىڭ قارىشىم مۇنداق
    1. مۇستاپا كامال ھەقىقى دېموكراتىيە بەرپا قىلامىدى. چۈنكى ئۇ ئۆلگىچە پېرىزدېنت بولدى. ئارمىيەنى مەمۇرىيەتكە ئارىلىشىدىغان قىلىپ قىلىپ دۆلەت ئىچىدە ئارمىيەنىڭ دۆلىتىنى پەيدا قىلدى.
    2. مۇستاپا كامال دېموكراتىيەگە خىلاپلىق قىلدى. خەلقنىڭ دىنىغا چەك قويدى. يېزىقىنى ئۆزگەرتتى، كىيىنىشىگە ھەتتا مۇزىكىسىغا چەك قويدى. مېنىڭ بىر پروگرامدىن كۆرۈشۈمچە نەينى دىنى چالغۇ دەپ قاراپ چالدۇرمىغاچ بىر نەيچى فرانىسىيەگە كەتكەنىكەن. بىر خەلقنىڭ ھەممە نەرسىسىگە قارشى تۇردىدىغان ئۆزگەرتىدىغان ھوقۇقنى ئۇنىڭغا قايسى دېموكراتىك پىرىنسىپ بەردى؟
    3. مۇستاپا كامال تۈركىيەدە ئىرقچىلىققا يول ئاچتى. ئۇنىڭ مىللەتچىلىك نەزەرىيەسى تۈركىيەدەكى باشقا مىللەتلەردە مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرىشىگە سەۋەپ بولدى. بۇ تۈركىيەنى تەرەققىيات ھەققىدە ئويلىنالماس پاتقاققا غەرق قىلدى. بىر دۆلەتنىڭ ئىدولوگىيە ئاساسى شۇ دۆلەتتىكى مەلۇم خەلقنىڭ مىللەتچىلىكى ئاساسىغا قۇرۇلسا ئۇ دۆلەت مۇتلەق پارچىلىنىدۇ، ھىچ بولمىغاندا مۇقۇم بولمايدۇ. ئەگەر بىر مىللەتتە مىللەتچىلىكتىن باشقا ئىدولوگىيە بولمايدىكەن ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ. مەن بۇ ھەقتە ئوكيان تورىدا داۋام قىلىۋاتقان ئەدەبىي خاتىرەمدە يېزىۋاتىمەن. ياندىن يورۇتىۋاتىمەن.
    مۇستاپا كامالنىڭ توھپىسىنى تورداشلار ياخشى يېزىپتۇ.
    مەن مۇستاپا كامالنى تەنقىد قىلغانلارنىڭ "ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنى مۇستاپا كامال ئاغدۇردى""غەرپنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئەۋەتكەن ئىشپىيونى" دېگەنلىرىگە قوشۇلالمايمەن. چۈنكى مۇستەملىكىچىكنىڭ يوقۇلىشى تارىخى مۇقەررەرلىك. دۇنيادىكى ئىمپىرىيەلەر بىر بىرلەپ يوقالماقتا. ئوسمانلىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن داۋام قىلىشىنى شۇ دەۋردىكى تارىخ بەلگىلىگەن ۋە ئوسمالىنىڭ خەلقلەرگە بەرگەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەركى بەلگىلىگەن. ئوسمانلىنىڭ بەرباتلىق تارىخى يالغۇز بىر ئىمپىرىيەنە ئەمەس بىرقانچە ئىمپىرىيەنى تەڭلا ئاجىزلاشتۇرغان، ئوسمانلىنى بەربات قىلغان ئىمپىرىيەلەرنىڭ ھازىر بىرسىمۇ قالمىدى. رۇس ئىمپىرىيىسى پارچىلاندى، روسىيە فېدراتسىيسنى (گەرچە مىللەتلەرگە ئالى ئاپتونۇمىيە بەرگەن بولسىمۇ)يەنە پارچىلانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى غەرپنىڭ دۈشمەنلىكى دېسىڭىز سوۋىتلەرنىڭ پارچىلىنىشىنىمۇ شۇنداق دەيسىز، ئۇنداقتا يەرلىك خەلقنى غەرپ مەجبۇرى مۇستەقىل قىلىپ قويدىمۇ، شۇ خەلقتە ھۆرلۈك غايىسى بولمىسا كىم نېمىنى پارىچىلىيالايدۇ؟ غەرپنى ئەخلاقسىز، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى دەۋاتقانلارنىڭ ئەكسىچە ھەمزە يۈسۈپ، فەتھۇللاھ گۈلەن قاتارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى شۇ ئۇلۇغ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەمەس دۈشمەن غەرپتە ياشاشنى تاللىدى. مەن بۇنى "ئامېرىكا شەيتانمۇ" دېگەن يازمادا چالاراق يازدىم. مەنچە ئىسلامنىڭ دۈشمىنى ئىسلام دىنىنى ئىنسانى ئەركىنلىكنى بوغۇشنىڭ قالقىنى قىلىۋالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى. مۇنۇ ھەدىسلەرگە قاراڭ؛
    تورداشلارغا بىر ھەدىس يەتكۈزۈپ قۇياي
    پەيغەمبەر سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم" مەندىن كىيىن نىمە دىسەبۇيرۇقلىرى قايتۇرۇلماي ئىجراقىلىندىغان ھاكىملار پەيدا بۇلۇدۇ. بۇ ھاكىملارغا ئەگەشكەنلەر مايمۇنلارغا ئۇخشاش دۇزاخ ئۇتىغا ئۈزىنى ئىتىشىدۇ"دىگەن، (تەبرانى رىۋايەت قىلغان)
    يەنى" ھەقىقەت بىلەن ھۈكۈم قىلىنمايدىغان، ئاجىز، ھىچ قىينالماستىن كۈچلۈكلەردىن ھەققى ھۇقۇقىغا ئىرشەلمەيدىغان مىللەت خارلىققا يۈزلىنىپ زاۋاللىققا يۇل ئالىدۇ" (ئىبنى ماجە رىۋايتى)
    يەنە سەن ئۈممۈتۈمنىڭ زالىمغا :ئەي زالىم! دىيەلمىگەنلىگىنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا ئۇلاربىلەن خۇشلاشساڭ بۇلۇدۇ(يەنى تۈگەشكىنى شۇ) دىگەن. ئىمام ئەھمەد رىۋايتى
    سىزچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىملىرى خەلققە ئەركىنلىك بېرەمدۇ؟ ئەركىنلىك بولمىغان ئەلدە ئىنسان دىلىغا ئاللاھ سۆيگۈسى ئەمەس ھۆكۈمران سۆيگۈسى ئورۇنلىشىدۇ، ئاللاھ قورقۇنچى ئەمەس ھۆكۈمران قورقۇنچى ئورۇن ئالىدۇ. مۇستاپا كامالنى سۆيگەن تۈركىيە خەلقى خالاپ سۆيدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس، كۆپى مائارىپ، مەتبۇئات تەشۋىقات ئارقىلىق سۆيۈشكە مەجبۇرلاندى ياكى كۆندى. شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى سۆيۈلگەنلىكى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، قورقۇلغانلىقى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئەمەس. مۇستااپا كامالنىڭ پامىلىسىنى ھىچكىم قوللىنالمايدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسىمى ۋە ئاتا بوۋلىرىنىڭ ئىسىمنى بىز خالىغانچە قويالايمىز، سىزچە كىم كىمدىن ئۇلۇغ؟
    مۇستاپا كامال ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ ئەمەس تۈركىيدە شۇ كىشىنى ئۇلۇغلاپ مۇئاش ئالىدىغان نەچچە يۈز ئاممىۋىىي تەشكىلات، نەچچە مىڭ يازغۇچى، نەچچە مىڭ پروفېسسور ۋە باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالى مەكتەپكىچە مەجبۇرى ئوقۇلىۋاتقان تۈركىيە ئىنقىلابى تارىخى ئۇلۇغ دەۋەرگەچكە ئۇلۇغ. بىز ھەممىمىز مەتبۇئاتنىڭ قۇربانىمىز. 
    ئەركى: تۈركىيە شۇ ۋاقتتىكىدەك تەھدىت ئاستىدا، توغۇرسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ يۈتۈۋىتىش خەتىرى ئاستىدا قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۈرك خەلقىنى قۇتقۇزۇش، تۈركىيە دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن بەزىبىر دېمكوراتىيەگەخىلاپ قارارلانى چىقىرىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
    ئۆركەش:
    بۇ تورداش مۇنازىرە تۈگەشكە يېقىن بارلىق يازغانلىرىنى ئۆچۈرىۋالغان. 
    ب   ببۇب 
    گۈلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئۆركەش بىلەن ئەركىنىڭ گېپىدە كېسىشكەن بىر نوقتا باركەن مەن شۇ يەردىن باشلاي.
    مۇستەبىتلىكنى،زالىملىقنى ، قاتىللىقنى ھەرقدانداق باھانە بىلەن ئاقلاشقا مەن قارشى. بۇنى ھەرقانداق ئۇيغۇر توغرا چۈشەنسە مەن شۇ ئۇيغۇرنى توغرا چۈشەنمەيمەن. ئەگەر قاتىللىق تەرەققىياتقا يول ئاچىدۇ دېسە سىز ئشەنسىڭىز مەن ئىشەنمەيمەن، چۈنكى مەن ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن،. قاتىلنى، مۇستەبىتىنى، زالىمنى ئاقلىيالمايمەن.
    خۇددى مەكتەپ، دوختۇرخانا، ھۆكۈمەت دېگەنلەرنىڭ تەشكىلى پىرىنسىپى مىللىي بولمىغاندەك دېموكراتىيەنىڭمۇ بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قىتئەگە تەۋە خاسلىقى بولمايدۇ. ئىساننىڭ سۆزلەش، تەشكىللىنىش، سايلاش-سايلىنىش، باراۋەر ياشاش ھوقۇقىنى ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇنىمۇ سىلەر غەرپنىڭ دېسەڭلار بىز ئىنسان ئەمەس دەڭلار.
    پەيغەمبىرىمىز پادىشاھلىق تۈزۈمدە ياشاڭلار، زالىملارغا، قاتىللارغا، پادىشاھلارغا شەرتسىز باش ئېگىڭلار دېگەن بولسا ئېدى، دېموكراتىيەنى غەرپنىڭ دەپ غەرپ خىرىستىيان دەپ دۈشمەنگە چىقارساڭلار.
    كامالىزىمنىڭ بىر پىرىنسىپى مىللىيەتچىلىك ئەمەسمۇ؟ ئاشقۇن مىللەتچىلىك فاشىستلىق بولماي نېمە؟ مۇشۇ ئېرقچىلىق بولمىسا تۈركىيەدىكى كۈرتلەرنىڭ مىللەتچىلىكى باش كۆتۈرۈپ تۈركىيەنى بىر ئەسىرگە يېقىن بالاغا تىقارمىدى. مۇستاپا كامال دەۋرىدىن تارتىپ 1960-يىللاردىكى تۇنجى دېموراتىك پىرىزدېنت مەندەرەس دەۋرىگىچە ئەرزان تۈركچە ئوقۇلمىدىمۇ، بۇنى ئاڭلىغان تۈركچە بىلمەيدىغان كۈرتلەر قانداق تۇيغۇدا بولىدۇ؟ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى تۈركتۇر دېگەن ئاساسى قانۇن سىزچە مىللەتچى ئەمەسمۇ. سىز مۇستاپا كامالنىڭ ھەيكىلى بولمىغان بىر شەھەرنى، مۇستاپا كامالنىڭ رەسمى بولمىغان بىر مەكتەپنى كۆرگەنمۇ؟ تۈركىيدە يۈزلىگەن ئاتاتۈرك جەمىئىيەتلىرىنىڭ ھەيكەل تىكلەپ، كىتاپ چىقىرىپ مۇستاپا كامالنى مەدھىيەلەشتىن باشقا نېمە ئىشى بار؟ سىزچە ئاتاتۈركنىڭ پامىلىسى، رەسىمى خۇدامىكەن، نىمىشقا مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ بىر ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىسىنى مۇقەددەسلەشتۈرىۋېتىدۇ؟
    ئۆركەش ئەپەندى، ئەبگا خەلق دەپ بىز ئۇيغۇرلارنى دەۋاتىسىز بىلىمەن. بىز ئەبگا ئەمما ئىنسانغا چوقۇنمايمىز. بىز ئەبگا بولساق سىزمۇ باشقا بىرسى ئەمەس شۇ ئەبگانىڭ بىرى، قانداق ئەبگا دېسىڭىز ياراتقۇچىغا ئەمەس ئىنسانغا باش ئۇرىدىغان ئەبگا، ياراتقۇچىدىن ئەمەس مۇستەبىتتىن قورقىدىغان ئەبگا، ئىنسانى ھوقۇقنى پايخان قىلغان قانخورنى تارىختىكى ئادىل پادىشاھقا ئوخشۇتۇپ مەدىھىيەلەيدىغان ئەبگا. تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ بىرقىسمىمۇ بىزگە ئوخشاش كاللىسى يۇيۇلغان، ياكى پىرىنسىپسىز ئوماچ بولغان ئەبگا. 
    ئۆركەش: ئۆچۈرىۋالغان
    گۈلەن:
    ئۆركەش ئەپەندى، ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز قورقماي مۇستاپا كامال مانچىلىك موللىنى دېڭىزغا چۆكتۈرگەن، كامال دەۋرىدە تۈركلەر ئەزاننى تۈركچە توۋلاشقا مەجبۇرلانغان، ئۆيىدە ئەرەبچە قۇرئان ساقلىيالمىغان دېگەننى دەپ بېقىڭە قورقماي، ئاتاتۈرككە ھۆرمەتسىزلىك قانۇنى سىزنى قانچىلىك جازالايدىكىن؟ شەخسكە چوقۇنۇشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغان مىللىي قەھرىمانىڭىز سىزنى قوتقۇزالامدىكىن.
    مەن مۇستاپا كامالغا ئۆچ ئەمەس. لېكىن ئۇ زاتنىڭ قاتىللىقى، زالىملىقى، مۇستەبىتلىكى ماڭا ياقمايدۇ خالاس.
    ئۇ كىشى ئادەملا بولىدىكەن ئادەمنىڭ جېنى ئۇنىڭ قولىدا بولماسلىقى كېرەك. ھەممە دىندا بۇ ئوخشاش. 

    ئەزىزان: تورداش گۈلەن ئەپەندىم ئېيتىپتۇ.ئۇ ئادەم ئۆلتۈردى،دىمۇكراتىيەسى ساختا،ئېرقچىلىقنى بەرپا قىلدى دەپ.  ئەگەر مۇستاپا كامال سادامغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ،خەلىقنى ئەزگەن،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان بولسا ئىشىنىمەن مۇشۇ تىما قاتناشقۇچىللىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇنىڭغا جەننەت تىلەپ ئولتۇرغان بولاتتى.
    مۇستاپا كامالنىڭ دىمۇكراتىيەسى ساختا دىيىش ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىك.يەنى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىگىلا قارىتىلغان.
    ئەڭ چوڭ دىمۇكراتىيە نىمە؟ ھىچقانداق شۆبىھىسىزلىك بىلەن كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ۋەتەن-ۋە خەلىقنىڭ مۇستەقىللىغى ۋە ئەركىنلىگى ئەڭ چوڭ دىمۇكراتىيەدۇر.مانا بۇ مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن دىمۇكراتىيەسى
    . 

    ئوغۇزخان: مەن دەل مۇشۇ ئىشقا ھەيران قالىمەن ، نىمىشقا دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ مۇستەقىللىق ياكى جەميەت تۈزۈملىرى ئالمىشىش دەۋرىدىكى ئىنقىلاپلىرى غەلبىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ھايات ماماتلىق كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئىنقىلابىي سەبداشلار ئارسىدا بىر مەيدان سىياسىي بوران چاپقۇن يۈز بىرىدىغاندۇ ؟فىرانسىيە تېخى بۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپيۇن ، فىرانسىيە 1 -، 2 - ، 3 -،...،6- دەپ نەچچە جۇمھۇرىيەت ، ئىمپىريە ئالمىشىپ ھۈكۈم سۈرگەن ، ھەر قېتىمدا مىڭلىغان كاللىلار دومىلاپ چۈشكەن ،  ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ، سوۋىت ، جۇڭگۇ ھەممىسىدە بولغان ئىش بۇ ، تۈركىيەدە تېخى يىنىك ، مەن ئىنقىلاپ جەريانىدىكى يىتىشىپ چىققان يولباشچىلارنىڭ دۆلەتنى قايسى يولغا باشلاش توغرىسىدىكى زىددىيەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرامدىكىن دەپ ئويلايمەن بۇنداق كۈرەشنى ، ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازانغا پاتماپتۇ ، دىگەندەك .  ئاشۇ سىياسىيۇنلار خۇسۇسىي مۇناسىۋەتتە باشقىلارغا خېلى يول قۇيۇشى مۇمكىن ، لىكىن دۆلەت ئىشلىرىغا كەلگەندە توغرا دەپ قارىغان تەشەببۇسلىرىنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن يول قويماسلىقى مۇمكىن ، ئاشۇنداق پەۋقۇللادە دەۋردە سىياسىي كۆڭلى يۇمشاق كىشىلەرنىڭ ئۇيۇنى بولمىسا كېرەك .
    ھازىر تۈركىيىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن مۇستاپا كامال ئوبرازىنى ئۈچۈرۋېتىشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق دەپ قارايمەن ، بۇنى ئالدىنقى بىر ئىنكاسىمدا شەرھلەپ بولدۇم ، بۇ مىنىڭ مۇستاپا كامالنىڭ بارلىق ئەسكىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تۆھپىلىرىنى ئويلىماي تۇرۇپ ئويلانغاندىمۇ يەنىلا توغرا دەپ قارىغان كۆز قارىشىم ، بۇ تۈركلەرنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئاشۇ مۇستەقىللىق ئىنقىلاۋىنى ئىسىدە مەھكەم ساقلاپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىقكى ، ئۇنى ئۈچۈرۋىتىش ، مىللىي قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق .
    ئۇ دىمۇكراتىيە ،  پادىشالىق تۈزۈمگە كۈنۈپ قالغان تۈركىيەنى جۇمھۇرىيەت قىلىپ ئۆزگەرتتى ، توغرا ، جۇمھۇرىيە بولغان بىلەن بىر پارتىيە تۈزۈمىدە ئۈزى ئۈلۈپ كەتكۈچە ھاكىميەت باشقۇردى ، ئۇ دەۋردە ھەقىقىي دىمۇكراتىيە ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ (پادىشالىق تۈزۈمگە كۈنۈپ قالغان تۈركلەرمۇ سايلامنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمدۇ شۇ چاغدا تېخى ) جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ دىمۇكراتىيە ئۈچۈن پۇختا ئاساس ياراتتى ، مۇستاپا كامال ئۈلۈمىدىن كىيىن مۇستاپا كامال قۇرغان پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك سىناقلىرىدىن ئۈتۈپ كىيىنكى ئون يىل ئىچىدە كۆپ پارتىيە تۈزۈمى يولغا قۇيۇلدى ،  چەتئەللەردەك تۈزۈم ئالمىشىش دەۋرىدىدىكدەك قوزغىلاڭ ، ئۇرۇشلارمۇ بولمىدى ، ئەگرى توقاي يوللار ، ...گۈزەل غايە.....

    ئۆركەش: ئىنكاسىنى ئۆچۈرىۋالغان

    گۈلەن: ئۆركەش ئەپەندى
    مەن گەپنىڭ نەدىن نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتقاچ سىزگە جاۋاپ يېزىۋاتىمەن. مەن قايتا تەكرارلىماي. مەن قاتىللىققا، زۇلۇمغا، مۇستەبىتلىككە قارشى. كىمكى شۇنداق قاتىللاردىن، زالىملاردىن، مۇستەبىتلەردىن بولىدىكەن مەن تۆھپىسى بولسا مۇئەييەنلەشتۈرىمەن، ئەمما قاتىل دەيمەن. ئەگەر سىز بۇ قارىشىمنى دىن بىلەن ئالاقىدار دېسىڭىز مەن مەيلىڭىز، مەنچە دىنسىزلارمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدۇ. دۇنيادا مىللەتتىن، دىندىن  ھالقىغان ئورتاق قىممەتلەر بار. بۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ پىكىر، تەشكىللىنىش، سايلاش سايلىنىش، خالىغان تەرىزدە ياشاش...قاتارلىق. بۇ قىممەتلەرنى قوغۇدايدىغان تۈزۈمنى دېموكراتىك تۈزۈم دەيمىز. شەرقتە دېموكراتىيە بەرپا قىلغان ياپۇنىيە، كورىيە، سىنگاپور، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر ئوبدان تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار سىز دېگەندەك"غەرپچە" دېموكراتىيەدىن زەھەرلىنىپ غەرپكە قۇل بولۇپ قالمىدى. مەن ئىزچىل شۇنى دەيمەن، تولۇق دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرغان كورىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئارتۇقكەن، ياپۇنىيە قالغان دۆلەتلەرنىڭكى ھازىر ئېسىمدە يوق. تۈركىيەنىڭ 5مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغانلقىنى بىلىمەن. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيانى قاپلاش نىسبىتىدە كورىيەگە تۈركىيە تېخى رەقىپ بولالمايدۇ. بازارغا چىقسىڭىزلا بىلىسىز بۇنى. خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان ئاسىيالىق ئىچىدە ئەڭ كۆپى كورىيەلىك. مەن ئورىگان شىتاتىدا كورىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تەجرىبە ئۆگەنگىلى كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە دۆلەت يارىدىمى بىلەن ئامېرىكىغا كەپتۇ. ئامېرىكدىكى تۈركلەرنىڭ قايتماسلىق نىسبىتى بەك يۇقۇرى. چۈنكى دۆلەت چىرىك، سىز ئەزىز نەسىننىڭ ھىكايسىنى راست دەۋېرىڭ. مەن تۈركىيەدە بىر 150 كىشىلىك ياتاقنى 15 مەمۇرنىڭ باشقۇرغىنىنىى كۆرگەن. نېمىشقا مۇستاپاك كامالدەك ئۇلۇق ئىنسان چىقمىغان كورىيە تۈركىيەدىن باي؟ تۈركىيەدىن دېموكراتىك؟ دۆلەتنىڭ ئاساسى سىز چوقۇنغان مۇستەبىتلىك، شەخسكە چوقۇنۇش، تەبىقىچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، دېموكراتىيەنى كېرەك قىلمايدىغان دۆلەت مۇشۇنداق بولىدۇ. خۇداغا شۈكۈر ئاللاھ تۈركىيەگە شۇ قەدەر ئېسىل خەلق، شۇ قەدەر باي توپراق، شۇ قەدەر ئەۋزەل جوغراپىيەلىك ئەۋزەللىك بەرگەنكى تەرەققى قىلماسلىققا ئامال يوق. ئەگەر مۇستاپا كامال چالا بولسىمۇ دېموكراتىيەگە ئاساس سالمىغان بولسا بۇ دۆلەت مەۋجۇد بولمايتتى. ئۇ كىشى ئەگەر تولۇق دېموكراتىيە بەرپا قىلالىغان بولسا تۈركىيە ھازىرقى ياپۇنىيە بولغان بولاتتى. تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەگە ماڭغان يېقىنقى ئون يىلى تۈركىيەنى دۇنيادىكى يىگىرمە كۈچلۈكنىڭ بىرى قىلدى. ئەگەر ئەردوغان كامالچى ئارمىيە ۋە باشقا ئىرقچىلارنىڭ سۈيقەستىلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەنمىگەن بولسا، خەلققە تايىنىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلمىغان بولسا تۈركىيە ھازىرقى تۈركىيە بولالمايتتى. ئارمىيە ھامىلىقىدا تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇنغا، پىرىزدېنت بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنىڭ مەمۇرى ئاساسىغا ئەردوغان دەل شۇ دېموكراتىيەگە تايىنىپ، يەنى  خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلدى. سىز مەدھىيەلىگەن مۇستاپا كامالنىڭ تاكتىكىسى باستۇرۇش، ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئەمەس. مانا بۇ دېموكراتىك رەھبەر بىلەن مۇستەبىت رەھبەرنىڭ ئەڭ ئاددىي خىزمەت ئۇسۇلىدىسىكى پەرق. 
    ئۆركەش: ئۆچۈرىۋالغان
    گۈلەن:
    دۆلەت، مىللىيلىكتىن ھالقىغان دېموكراتىيە بولمايدۇ، ئىنساننىڭ ھوقۇقلىرى شارائىتقا قاراپ تەكىتلىنىدۇ دەۋاتىسىز، بۇ گەپلىرىڭىز بىلەن مۇستاپا كامالنىڭ قاتىللىقلىرىنى ئاقلاۋاتىسىز. بۇ قاراشلارنى مىللەتچىلىكتىن (توغرىسى فاشىستلىق)تىن باشقا قاراشلار رەت قىلىدۇ. 
    گۈلەن:
    يەنە بىر تورداش دەپتۇ "خەلىپىلىكتىن يېڭى قۇتۇلغان ۋاقىتلاردا تۈركلەر سايلامى چۈشىنەمتى"
    بۇ گېپىڭىز بەك ياخشى بولدى. قاراڭ ھىندىستان دۇنيادا ساۋاتسىزلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇلار سايلامغا قاتناشقىلى 60 يىلدىن ئاشتى. ئافرىقىدا كونگۇ دەپ بىر دۆلەت بار، خەلقى ئىچىدە ساۋاتسىزى كۆپ شۇلارمۇ دۆلەت باشلىقلىرىنى سايلاۋاتىدۇ. سىز خەلققە سايلاش ھوقۇقى بەرمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سايلىيالمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ ئۆز خەلقىنى كەمسىتىشتىنمۇ ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ؟ 
    تۆمۈر داۋامەتنى خەلق 50- يىللىرى كەنت باشلىقلىقىغا سايلاپتىكەن. سايلام بېلىتى ئورنىغا قوناقنى ئىشلىتىپتىكەن. سىزچە شۇلار سايلامى چۈشەنمەستىن قوناق ساناپ يۈرگەنمۇ؟ قوناق بىلەن سايلام بىلىتى ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟ سايلامغا چوقۇم گالىستۇكلۇقلارلا قاتنىشىشى شەرتمۇ؟ ھەرقانداق نورمال ئىنسان سايلىيالايدۇ. مەسىلە شۇلارغا ئاۋال پۇرسەت بېرىشتە. 
    ئوغۇزخان: ئۇ گەپ ئۇ قېتىملىق ئىنكاسنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئەمەس ، دىدىمغۇ ھەقىقەتەن ئۈلۈپ كەتكىچە ھۇقۇقنى ھىچكىمگە بەرمىدى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ شۇ  بىر ئېغىز گىپىمنى ھىچبولمىغاندا ھازىرچە خاتامۇ دىمەيمەن (كۆز قارىشىدىن ئاسانلا ۋاز كەچسە ئادەم تۇترۇقسىز بۇلۇپ قالدۇ ، بەك جاھىل بوپكەتسە بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىپ ئىلگىرلىيەلمەيدۇ، پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت )، ئۇ گەپتە مىنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم ، مەسلەن :سۇن جۇڭشەن تەسۋىرلىنىدىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇلدىغان ، شۇنىڭدا تۈركىيىگە ئوخشاشلا تارىختىن بۇيان پادىشالىق تۈزۈمدە ياشاپ كەلگەن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان يەرلىرىدىكى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سايلام تەسۋىرلىنىدۇ ، كۆرگەنمىدىڭىز ؟ مەن كۈرۈپتىكەنمەن ، كۈلكىلىك ئىشلار بۇلدۇ ، تەشكىللىگۈچىلەر مىڭ بالالىقتا چۈشەندۈرۈپ ئېلىپ بارغان سايلامنىڭ نەتىجىسى يەنىلا ئەزەلدىن شۇ يۇرتنى سوراپ كەلگەن زوراۋان پومىشچىكنىڭ سايلىنىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ ، مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن ، سايلىغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق ، باي نامرات بۇلۇشى باشقا گەپ ، ھەم تۈركنى ئىش بىلمەس دەپ چۈكۈرگىنىم ئەمەس ، ئادەتلىنىش مەسىلىسى ، شۇ چاغدا تۈركلەر دىنىي ياكى باشقا كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىناۋەت بار ، ئەمىليەتتە ۋەتەن ساتقۇچ ، قابىلىيەت يوق بىرەيلەننى مەسىلەن ھېلىقى سېۋىر شەرتنامىسىمۇ تۈركىيىنى ساتقان تەڭسىز شەرتنامە ، شۇنى ئىمزالاپ ھەرىمىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان سۇلتاننى سايلاپ قويسا قانداق قىلغۇلۇق (مۇمكىنچىلىكى بار بۇنىڭ ، نىمىلا دىگەن بىلەن خەلىپە دىگەن قالپىقى بار بەش يۈز يىللىق ئىمپىرىيىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ئۇ دىگەن ، بىراق مىنىڭچە تەخمىنەن ئون نەچچە يىلدىن كىيىنكى تۈركلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا مىنىڭچە نەتىجە ئوخشىمايدۇ )؟ شۇنداق بوپ قالسا كۈرۈڭ ، ئاران تەستە قولغا كەلگەن غەلبىنى قۇسۇپ بىرىپ ، ئارمىيىنىمۇ شۇ ھارامتاماققا تاپشۇرۇپ بىرىپ ، ھېلىقى تەڭسىز شەرتنامىنى ئىجرا قىلىپ ،ھازىرقى تۈركىيىنىڭ يەنەتۆتتىن ئۈچ قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ ئىستانبول بىلەن ئاناتولىيەگىلا سولىنىپ مالىيەسى چەتئەلنىڭ نازارەتچىلىكىدە ياشىشىغا توغرا كەپ قالمامدۇ ؟ 
    ئۆركەش: ...

    گۈلەن:

    ئۆركەش، پەيغەمبىرىمىزنى كاللىدىن تاغ ياسىغان دېگەننى سىز نەدىن كۆردىڭىز؟ 
    سىز شۇ چىگىرىلارنى قورغان قىلىپ مۇستەبىتىلكىنى داۋام قىلغان، ئىنساننىڭ خۇنىنى تۆككەن جىنايەتنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دۋاتقان، خەلققە ئازادەلىك بەرمەسلىكنى مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز دەۋاتقان كىشىلەرنى ماختاۋاتىسىز. مۇستاپا كامالنىڭ مىللەتچىلىككىنى  مەدھىيەلىگەنلىكىڭىز، دېموكراتىيەنى غەرپنىڭ ...سى دەۋاتقىنىڭىز يالغانمۇ؟ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئورتاق ئىنسانى ھەقلەرنىڭ ئورنىغا مەلۇم مىللەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى دەسستىش ۋە ھاكىمىيەتنى مەلۇم مىللەتنىڭ دەپ ئاتاش، ۋە بارلىق ئەۋزەللىكلەردىن شۇ مەللەتنىلا بەھرىمەن قىلىش فاشىشتلىق،(تۈرلىيە ئاساسى قانۇنىدىكى تۈركىيە تۈركلەنىڭدۇر، دېگەن گەپ نېمە گەپ، كۈرتلەرنىڭ ئەرمەنلەرنىڭ لازلارنىڭ دۆلىتى ئاسماندىمىكەن؟) فاشىستلىقنى قوللۇغۇچى مەنچە فاشىست. 
    گۈلەن:

    ئۆركەش بۇرادەر
    مەن ئاغزىمدىن چىققاننى بىلىپ دەيمەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كاللىدىن تاغ ياسىغانلىقىنى سىزدىن ئاڭلىغاچقا سوراپ باقتىم. مەن پەرەز قىلىشتىنمۇ قورقىمەن. پەيغەمبىرىمىز ئىنسانغا سۆيگۈ، ئادالەت، ئىقبال ئېلىپ كەلگەنكى كاللىدىن تاغ ياسىغان ئەمەس، ياسىغان بولسا كېيىنكىلەر قىلغاندۇ. پەيغەمبىرىمىز خەق تاجاۋۇزغا ئۆتمىگىچە خەققە ئۇرۇش ئاچقان ئەمەس. چۈنكى ئىسلامدا پىرىنسىپ شۇ. كېيىنكىلەرنىڭ بۇ يولدىن تايغانلىقى راست.
    مۇستاپا كامال ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىز جاھىل دەپ قارامسىز؟ جاھىل بىلەن ئەمەسنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
    ئۇيغۇرلارغا ئىسلامنى ھىچكىم قېلىچ بىلەن ئېلىپ كىرمىگەن، ئىسلام ئەينى چاغىدىكى جوغراپىيىمىزگە ئەرەب ۋە پارىس سودىگەرلىرى بىلەن كىرىپ خېلى ئومۇملاشقاندىن كېيىن سوتۇق بۇغراخان دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. بىزگە سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى ئەكىرگەن دېگەنمۇ شەخسكە چوقۇنۇشتىن بۆلەك نەرسە ئەمەس. بىر ئىنسان بىر مىللەتكە بىر دىننى ئۆزى يالغۇز تارىتالمايدۇ. قورال ئىشلتىش ئۈچۈن قورال ئاتىدىغان ئەسكەر لازىم. سىزچە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئادەم مۇسۇلمان بولسا ھەممىسى تەڭ بولغاندىمۇ؟
    بۇ ھەقتە بىزنىڭ تالىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. "شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىددىيە تارىخىدىن ئوچىرىكلار" دېگەن كىتابتا ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى ستۇق بۇغراخان قىلىچ بىلەن تاراتقان، يالغۇز تاراتقان دېگەن گەپلەرگە ئاللىقاچان پاكى

    تلىق رەددىيە بېرىپ بولغان.  
    ئۆركەش بۇرادەر
    ئىسلامنىڭ زەيپلىكى يوق، زەيىپلىك مۇسۇلماندا. مەن بۇنى يېشىپ يۈرمەي.
    دېموكراتىيە ئىنسانىيەت ئېرىشكەن ئورتاق بايلىق. مەن دېموكراتىيەگە تەبىر بېرىپ بولدۇم. سىزنىڭ دېموكراتىيەنى غەرپنىڭ دېيىشىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن. سىز ئەقىللىق ئادەمسىز، ياشاشنى بىلىسىز.
    ئاللاھ ئاتا قىلغان ئورتاق ھوقۇق دېگەن دەل شۇ دېموكراتىك تۈزۈم قوغىدايدىغان ھوقۇق. دېموكراتىك تۈزۈم بولمىسا ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇلى بولالمايدۇ، بەندىنىڭ ياكى مەنپەئەتنىڭ قۇلى بولىدۇ. 
    رۇمەيسە:
    گۈلەن ئەپەندى، سىزنى بەك ھۆرمەت قىلاتتىم ھەم قايىل بولاتتىم، ئەمما بۇ گېپىڭىز ماڭا پەقەت ياقمىدى:
    دۇنيادا مىللەتتىن، دىندىن  ھالقىغان ئورتاق قىممەتلەر بار. بۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ پىكىر، تەشكىللىنىش، سايلاش سايلىنىش، خالىغان تەرىزدە ياشاش...قاتارلىق. بۇ قىممەتلەرنى قوغۇدايدىغان تۈزۈمنى دېموكراتىك تۈزۈم دەيمىز.
    ------------------------------------------------------
    سىزگە بولغان ھۆرمىتىم چۈشۈپ كەتتى......... بەلكىم ياخشى چۈشىنەلمىگەندىمەن مەقسىتىڭىزنى.
    ئەمما ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىق ئەڭ مۇھىم نەرسە توغرا بولغان دىن يەنى ئىسلام دىنى...........
    مۇشۇ يەردىكى ئىنكاس يېزىپ يۈرگەن لەرنىڭ بىرەرىمۇ ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ كېتەلمەپتۇ، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالماپتۇ................ مانا بۇ ھەقىقىي بىچارىلىق.
    ئەلۋەتتە شۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار.......................
    بەكمۇ ئېچىنىۋاتىمەن ..............اللە ھەممىمىزگە ھەقنى  ھەقىقىي چۈشەنگىلى ھەقىقىي قەلىب ئاتا قىلسۇن!
    اللە ھەممىگە كۇپايىدۇر...........
     
    گۈلەن: رۇمەيسە سىڭلىم
    مەن بۇ گېپىڭىزنى بۇرۇنلا كۆرگەن لېكىن قايتا ئويلاپ نېمە دەۋاتقىنىمنى بىلىۋالار دەپ جاۋاپ بەرمىگەنىدىم. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىسى يېشىلىدىمۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ كۆڭلۈمدە بولسىمۇ تۈگۈن قالمىسۇن.
    ئىنساننىڭ پىكىر، تەشكىللىنىش، سايلاش سايلىنىش، خالىغان تەرىزدە ياشاش...قاتارلىق. بۇ قىممەتلەرنى دىندىن ھالقىغان دېگەنلىك بۇلار دىندىن ئۈستۈن دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بۇ ھوقۇقلار ھەممە دىنغا ھەممە مىللەتكە ئورتاق. بۇلار مەلۇم دىننىڭ ياكى مەدەنىيەتنىڭ ۋەياكى مىللەتنىڭ ئىمتىيازى ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىرى دەۋاتىمەن. يازغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چۈشەندۈرۈش ۋە چۈشىنىش پەرقى بولىدۇ. مەن بۇ پەرقنى مېنىڭ چۈشەندۈرەلمىگەنلىكىمدىن دەپ قارايمەن.مەن مۇشۇ پەرقنى ئازايتىسام دەيمەن. يازغانلىرىمنى ئەڭ ئاسان چۈشەنگىدەك يازسام دەيمەن. سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدىن مەن تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. 
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! گۈلەن ئاكا!
    اللە مېنى كەچۈرسۇن!  سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ سالدىم.
    مېنىڭ قەلبىمدىكى تۈگۈنمۇ تېخى يېشىلمىگەن ئىدى، ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتىم.
    مەن نىمە ئۈچۈن دېمىكراتۇرىيەنىڭ دىندىنمۇ قىممەتلىق ئىكەنلىكىنى سورىغان سۇئالىمغا قىز خۇمارنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن قانائەت ھاسىل قىلالمىغان ئىدىم. چۈنكى ئۇ دېگەن قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىمۇ تەكىتلەيدىغان تۇرسا مەن قانداقچە ئىنكار قىلاي ياكى خاتا دەي. قىز خۇمار دېگەن قاراشلامۇ دەل ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسمى تۇرسا.
    قىز خۇمارنىڭ بەرگەن جاۋابى مېنىڭ سۇئالىمغا مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلىپ مەن ئارتۇقچە گەپ قىلمىغان ئىدىم،لېكىن بىرەسىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلدىم.
    مەن دېمىكراتۇرىيىنى ئىنكار قىلغىنىم ياكى چەتكە قاققىنىم يوق. مەن شۇ بىر ئېغىز ئىنكاسىڭىزغا سەل قايىل بولمىغان ئىدىم.
    ھازىر چۈشەندىم. لېكىن دېمىكراتۇرىيە مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. ھەممە گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇجەسەملىگەن ياخشىلىققا بويرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ گۈزەل ئەڭ مۇكەممەل دىن بىر كىشىگە ھەقىقىي سىڭسىلا دېمىكراتۇرىيەنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن. دېمىكراتۇرىيە تەكىتلەيدىغان ئىشلار ئاساسەن ئىسلامدا بار. ئەمما ئىسلام تەكىتلەيدىغان نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئىشلارغا بويرۇپ يامانلىقلاردىن توسۇش دېمىكراتۇرىيەدە يوق.
    لېكىن دىنغا ئىشەنمەيدىغان دۆلەتلەردە ئەلۋەتتە دېمىكراتۇرىيە بولمىسا بولمايدۇ.
    چۈنكى دىن پەقەت دىن ئىگىلىرىگە ۋەكىللىك قىلسا دېمىكراتۇرىيە پۈتۈن كىشلەرگە مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    بەلكىم بىر كۈنلەردە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ قالارمەن .
     
    رۇمەيسە: دېمىكراتۇرىيە مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. ھەممە گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇجەسەملىگەن ياخشىلىققا بويرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ گۈزەل ئەڭ مۇكەممەل دىن بىر كىشىگە ھەقىقىي سىڭسىلا دېمىكراتۇرىيەنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن.
    گۈلەن:
    ئىنساننىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغاكاپالەت قىلىش، جەمئىيەتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ھاكىمىيەتنى دېموكراتىك تەشكىللەش بولمىسا
    سىز يۇقاردا دېيىلگەن گۈزەل دىنىمىزدىن ھوزۇر ئالالمايمىز. مەسىلەن؛ سىزنىڭ ۋە سىزدەلەرنىڭ سايلاش ھوقۇقىڭىز بولمىسا ناباپ كىشىلەر ھوقۇق تۇتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىشى بىر توپ ئىنساننى ناباپ شەكىلدە باشقۇرىدۇ، سىز شۇ كىشى ياشايسەن دېگەن تەرىزدە ياشاشقا مەجبۇر بولىسىز، ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان شەكىلدە ياشىيالمايسىز.
    ئەگەر ھاكىمىيەت دېموكراتىك تەشكىللەنمىگەن بولسا مۇستەبىت بىر كىشىنىڭ ياكى بىر توپ كىشىنىڭ نەزىرىدىكى "توغرا" يولدا ماڭىسىز. ھەقىقى توغرا يولنىڭ نېمەلىكى ھەققىدە ئىزدىنىشىڭىزگە پۇرسەت بولمايدۇ. چۈنكى مۇستەبىتلەر مەتبۇئات، مائارىپ، قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان يولنى بىلىندۈرمەي كاللىڭىزغا قويىدۇ. مەسىلەن ئۇنداق دۆلەتلەردە كالامىمىزنىڭ بىرلا تەرجىمىسى، بىرلا تەپسىرى بولىدۇ. مەسجىدلەردە بىرلا كىتابتىن ئېلىغان بىرلا مەركەزگە بېقىنغان تەبلىقلەر سۆزلىنىدۇ. مەن سىزلەرنىڭ نېمىشقا بىرخىل باشقۇرۇش ئەندىزىسى بولغان دېموكراتىيەنى دىنىمىز بىلەن قارشى قويۇۋالىدىغانلىقىڭلارنى چۈشىىنەلمىدىم. ئۆركەش قېرىندىشىمىزمۇ "سىز غەرپچە دېموكراتىيەگە مەستخۇش بولۇپسىز" دەپ تەنبىھ بەردى. كىم دەيدۇ دېموكراتىيە غەرپنىڭ دەپ. بىزنىڭ ئاللاھتىن بۆلەك ھىچ نەرسىگە يالۋۇرماسلىقىمىز، بەندىچىلىك قىلماسلىقىمىز ئەجەبا دېموكراتىيەگە زىتمۇ؟ سۈرە فاتىھەدىكى "بىر ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، بىر سەندىنلا يارىدەم تىلەيمىز" دېگەن پىرىنسىپنى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ قانداقمۇ ئىنسان قەلبىگە سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟ "بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن" دەيمىز، بىزنى بىرسى مەجبۇرى ئالدىغا سېلىپ ھەيدىسە، بىزگە تاللاش ھوقۇقى بەرمىسە بىز قانداق قىلىپ ئاللاھ باشلىغان توغرا يولدا ماڭالايمىز؟
    دېموكراتىيەنى غەرپنىڭ دېيىش ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ئاتالمىش پېرىزدېنت ۋە پادىشاھلارغا ياللانغان "ئالىم" لارنىڭ تەبلىقلىرى. شۇ ئالىم بىچارىلەر تاپاۋىتى كويىدا، پادىشاھلار ئۇلارنى "ئالىم" قىلىپ خەلقنى ئالداپ  بالىلىرىنى غەرپتە چوڭ قىلىۋاتىدۇ. يامغۇر دېگەن تورداشنىڭ ساياھەت خاترىسىدىن كۆرۈشۈمچە ئىئوردانىيە پادىشاھى ئەرەبچىنى تۈزۈك بىلمەيمىش، غەرپتە چوڭ بولغانمىش...قاراڭلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق دەۋاتقانلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى.
    مۇستاپا كامالنى مۇنچە سۆيۈملۈك قىلىپ چېقىلغىلى بولماس قىلىۋەتكەن نەرسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا خۇدا تىكلەيدىغان مۇستەبىت تۈزۈم. دۇنيادا مۇستاپا كامال بىلەن ئوخشاش جورج ۋاشىڭتون، بېسمارك، لېنكولىن، ماندىلا، گەندى، دىڭ شىياۋپىڭ قاتارلىق كىشىلەر بار. چېقىلغىلى بولمايۋاتقان بىرلا كىشى شۇ كامال ئاتاتۈرك. ئىنسان خۇداغا ئايلىنالايدىغان دۆلەتتە مۇسۇلمانلىق قانچىلىك بولار؟ 
     
    گۈلەن: ئۆركەش، سىزدىن سوراپ باقاي بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىز بىلەن ئاتا تۈركنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟ مەن مۇستاپا كامالغا باھانى بېرىپ بولدۇم، بىلىسىز مەن ئۇنى ھىچ قاچان بىر دىن نوقتىسىدىن باھا بەرمىدىم.
    بىزنى قايسى، قاچان ساھىپ بولغان دېموكراتىيە پاسسىپ قالدۇرۇپتۇ؟ 
     
    دېليار:
    دىمىكىراتىيە توغۇرسىدا گەپ بولىۋىتىپتۇ بۇنڭىغا قىستۇرما قىلاي:
    مەلۇم دەۋىر ياكى رايوندا شۇ دەۋىر ياكى رايوننىڭ  ھاكىمىيەتلىرىنى قانونلاشتۇردىغان ئۆلچەملەر بولىدۇ . بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بەزىلىرى  رايون تەۋەسىدە نوپۇسقا ئىرىشكەن نەسەپلەر باغلىنىشلىق مەسىلەن تارىختىكى   فاتىمىلەر سۇلالىسى ھازىرقى  ئىۋىردانىيە ھۆكىمىتىنىڭ  قانونى ئورنى ھاكىمىيەت تۇتىۋاتقانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ،ئالتۇن ئوردا خانلىقى ،چاغىتاي خانلىقى ھەتتا بىز ئۇيغۇرغا تونۇش سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ چۇنكى بۇ خانلار  مەشھۇر ئىمپىراتور چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرىدۇر ،
    ھاكىمىيەتلىرىنى قانونلاشتۇردىغان ئۆلچەملەرنىڭ يەنە بەزىلىرى  مۆتىۋەر بولغان دىنى ئىتىقاتقا ئالاقىدار مەسىلەن تۇرپان خانلىقىلىرى شەرىقى ئاسىيادا  بۇددا دىنىنىڭ بۇ رايوندىكى مۆتىۋەر ئونىغا يول بىرىش ئارقىلىق شەرقى ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە ئۆزنىڭ قانونلىق خانلىق ئورنىنى تىكلپ چىققان . ئوخشاش زامان ماكاندا قارىخانىلار  غەربى ۋ  ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيىسدە ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن  ئابباسىلار خەلىپىكىلىنىڭ ئۇنىۋان ئىتىرابىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بۇ رايوندىكى نوپىزىنى ۋە ھەقىقىنى تۇرغۇن قىلىدى .
    تارىخى كەچۇرمشلىرىمىزدىن چىققان بۇنداق ئۆلچەملەرنى ياۋروپاغا سالساق قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت دىگەندەك ئۇ جايدا تارىختىن بۇيان  ھاكىمىيەت بىشىدىكى پادىشالارنىڭ ئۆز ئارا قۇدا تۇققان ئىكەنلىگىنى  ئۇنىڭ ئۇستىگە  خىرىستىيان دىنى نوپوزى رىم پاپىسىنىڭ ئىتىرابى بىلەن  بۇلارنىڭ تەخىتكەئولتۇرالايدىغانلىقىنى بايقايمىز .
    تارىخنىڭ راۋاج نۇقىسىدىن كۇزەتكەندە دىمىكىراتىيە غەرىپنىڭ  نەسەپ مەنبەلىك  خاندانلىق نوپوزلىرىنى ۋە دىنى مەنبەلىك كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەتىكى ئىغىرىنى يوقۇتۇش بىلەن مەيدانغا كەلگەن دىسەك بولىدۇ بۇنى كىچىك بۇشنىڭ <ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ زور ئىلگىرلەش خەلىقىنىڭ پادىشلارنى كاللا كىسىش مەيدانىغا ئىلىپ چىقالىغانلىقى >دىگەن سۆزىدىن چوڭقۇر ھىس قىلىش مۇنكۇن .  ئەمما پۇتۇن ياۋروپا  دۇنيا يىقىنقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقىتىشى دەپ قارىلىدىغان  ئەنگىلىيىە فىرانسىيىدىكى خانلارغا، دىنى نوپوسلارغا قارشى ئىنقىلاپلار ۋە بىرىلگەن قۇربانلار تۆلىگەن بەدەللەر ۋە بۇلاردىن تۇغۇلغان پەيلاسوپ مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن دىمىكىراتىيىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى تونىۋاتقاندا مۇسۇلمان دۇنياسى جىمجىت ئىدى . شۇڭا ماھىيەتتىن سۆلىگەندە دىمىكىراتىينى غەرىپ ئىسىق قانلىرى بىلەن بەرپا قىلغان .ئۇلار ئۆلىرىنىڭ ئۇستىن ماددى كۈچى بىلەن بۇگۇنگە كەلگەندە دىمىكىراتىيىنىڭ يەر شارىدىكى ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت جەمىيەتنىڭ قانونلىقىلىق  ئۆچىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن ھەر كەت قىلىۋاتىدۇ ھەتتە ئۇلار دىمىكىراتىيىنى دىن دەرىيجسىگە كۆتۈرۋالدى .
    مەن دەيمەن دىمىكىراتىيىنىڭ ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئەڭ گۇزەل نەرسە بولۇش ئىھتىمالىقى يوق ئەمما ئۇ تارىختا كۆرۇلگەن  نەسەپ ۋە دىنىدىن كىيىنكى ئۇچۇنچى ئادالەت ۋە قانوننى ئۆچەم ھىساپلىنىدۇ ھالبۇكى بۇ ئۆچەم رايون دەرىيجلىك ئەمەس دۇنيادىكى ھەر قانداق  ئىنسانلار توپىغا مەنسۇپ بولالايدىغان ئەڭ ئومومى تۇتقۇدۇر ..شۇڭا دىمىكىراتىيە بولمىغان رايونلار يەنە ئەركىن دۇنيا سىرتىدىكى رايونلاردا كۆرۈلگەن  خەلىق قوزغىلاڭلىرى غەرىپ دۇنياسىنى ئالاھىيدە ھاياجانلاردۇردۇ  ئوكرانىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاپ ،يىقىندا كۆرۇلگەن تۇنۇس قوزغلىڭى دىگەندەك  چۇنكى بۇلار ئۇ يەردىكى خەلىقلەرگە دىمىكىراتىيە ئىلىپ كىلىدۇ ئەڭ مۇھىمى غەرەپنىڭ نەزىرىدە ھەقىيقى مەنىدىكى قانونلىقلىق ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ ...
        ..20-ئەسىردىن كىيىن غەرەپنىڭ دۇنياۋى ئۇستۈنلكى پەيدا قىلغان يوقىرى بىسىمىلىق دىمىكىراتىك مۇھىت ،مۇتاپا كامالغا ئوخشاش سەرخىللارنى نەسەپ مەنبەلىك خانلىق ۋ دىنى نوپوسقا جەڭ ئىلان  قىلىش ئارقىلىق زامانىۋى كۈچلىك جەمىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ دىگەن تونۇشقا ئەكەلدى،بۇ تونۇش ئارقىسىدا تۇركىيە خەلىپلىك دەۋرىگە خاتىمە بىرىپ يىپ يىڭى تۇس ئالدى،زامانىۋى ئەركىن دۇنيادىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىرىشتى( بۇ تۇرپان خانلىقىنىڭ بۇددا دىنى ئارقىلىق شەرقى ئاسىيادا قونۇنلاشقىنىغا ئوخشاشمدۇ قانداق ؟)  ...تۇركىيە ئاساسى قانونىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاتا تۈرۈك ۋارىسچىلىرى بولغان تۇركىيە سەرخىللىرىنىڭ ساراسىمگە چۇشىشى ۋە پۇتۇن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تۇركىيىنىڭ ئوقى قايدىمۇ مۇنازىرىسىنىڭ كۆتۈرىلىشى ئەجىبا بىر نەرسە چۇشەندۇرمەمدۇ ؟ ئەمىلىيەتتە تۈركىيىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈرۈك خەلىقىنىڭ .20-ئەسىردىن كىيىن غەرەپنىڭ دۇنياۋى ئۇستۈنلكى پەيدا قىلغان يوقىرى بىسىمىلىق دىمىكىراتىك مۇھىتنىڭ ئىسكەنجسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ تارىخى ئورنىغا قارام مىڭىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .( ئاق پارتىيىنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ تارىخى ئىقىننىڭ بىشىدا تۇرالىغالىقىدىن بولىۋتىدۇ )  
    قوشۇمچە قىلىپ دەيدىغىنىم بىز ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن غەرىپنىڭ يوقىرى بىسىمىلىق دىمىكىراتىك مۇھىتنىڭ ئىسكەنجسىدە يەنە بىر تەرەپتىن   دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەھكۈم تەقدىرى ئىلىپ كەلگەن ئاھ زارلار ئىچىدە ياشاۋاتىمىز ،ئالدىنقىسى يەنى  دىمىكىراتىك ئىسكەنجە بىر زىھنىيەت پەيدا قىلىۋاتىدۇكى بۇ  زىھنىيەت زىيالىلاردا ئويغۇر جەمىيىتىنى ئىلغارلاشتۇرۇشىنىڭ بىر يولى دىنى نوپوسقا جەڭ ئىلان قىلىش خائىشلىرى پەيدا قىلىۋتىدۇ مەسىلەن ئاپاق خوجىنىڭ پەيغەمبەرگە تاقالغان نەسەپ كۈچى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ چىڭگىزخانغا ئائىد  نەسەبى ئوتتۇرسىكى ھاكىمىيەت كۆرۈشنى دىنى كۆرەش قىلىپ تەسۋىرلىنىپ ئىسلام دىنىگە مەنسۇپ قىممەت قاراشلىرى قارغۇلارچە  تەنقىتلەندى بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن زىيالىلارنىڭ دىنىمىز ئىسلامنى چۇشىنىشى چوڭقۇر بولمىدى   شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەنىۋىيتىدە مىللى ۋە دىنى بىركىش ئەمەس بۆلىنىش ئىقىمى پەيدا بولىۋاتىدۇ   ...دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەھكۈم تەقدىرى ئىلىپ كەلگەن ئاھ زارلار بولسا ئويغۇرلارنى دىنى تۇيغۇسىنى ئەسەبىيلەشتۇرۇپ ئۇلارنى دىنىمىز ئىسلامنى مەدىيەت كەڭلىكىدىن ئىدىلوگىيە تارلىقىغا باشلاپ كىرۋاتقانلىقى(بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىگىنى جەمىيىتىمىز بىدئەت تىپىش قىزغىنلىقىنىڭ  تارىخى ئارقا كۆرنىشىگە ئالاقىدار بايابلاردا تىلغا ئالدىم ) ۋە بۇ تارلىقىتىن ئورۇنسىز بەدەللەرنىڭ بىرىلىۋتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق رىيالىقلارنىڭ بىرى  
     
    ئۆركەش: يۇقۇردا تىلغا ئالغانلار بىلەن بىزنىڭ نېمە ئىشىمىز . ئۇنداق كىشىلەرنى يارىتىش قولىمىزدىن كەلمىگەندىكىن تىللاشقىمۇ ھەققىمىز يوق. ئۇلارنى، ۋەتەن مىللەتنى جىنىدىن ئېزىز بىلىپ ، قان كېچىپ  كۆرەش قىلىپ دۆۋلەت قۇرغان، دېموكراتىيە يارىتالىغان خەلىق ياراتقان بىلەمسىز..تىللىسىمۇ ، قارلىسىمۇ شۇ ۋەتىنىنى ، قىممەتلىق ئورتاقلىغىنى، قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىدۇ. سىز بىزنىڭ ئاتا بوۋىمىزدىن ئۇدۇن قالغان قىممەت قارىشىمىز دېموكراتىيەمۇ ياكى مەزھەبچىلىك، خۇراپىلىق، ئىتىپاقسىزلىق، بۆلگۈنچىلىكمۇ دەپ بېقىڭە بىر..
    سادىر ، غېنىنى ئوغرى باندىت، ئەخمەتچاننى جاسوس خائىن، ئابدۇكېرىمنى كاپىر دىنسىز دەپ قارلاپ تۈگىتىپ، لوتپۇللانى، ئابدۇخالىقنى قەسلەپ سېتىپ،   ئەمدى قېرىنداش تۈركلەرنىڭ قەھرىمانىغا كەلدىمۇ سېسىتىش، قارلاش دېموكراتىيىسى....
     
     
    گۈلەن: قېرىندشىم
    سىز تىللاش بىلەن تەھلىل قىلىشنى تازا ئايرىيالمايدىغاندەك قىلىسىز. ئۇيغۇرچىنى ئۇنۇتماڭ. تىللاش بىلەن تەھلىل، قارىلاش بىلەن باھا پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. تىللاۋاتقانلار دەل شۇ مىللىتىمىزنى ئىللەت كۆزەينىكىنى تاقىۋېلىپ كۈزىتىۋاتقانلاردۇ. ئىىلەت دېسە سىزدە مەندە بار. مىللەتتە ئىللەت يوق، ئەگەر بىر مىللەتتىكى بارلىق ئىنسان سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ كەتكەندەك ئىللەتلىك بولغان بولسا بۇ چاغقىچە قۇيرۇقىنى قۇم باساتتى. مۇشۇ كۈنگىچە دۇنياۋى تەرتىپكە ئاشكارە ۋە ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ ياشاۋاتىمىز. ھازىر ئۇيغۇرچىمىز خارۋارد، ماسچوستىس تـەخنىك ئۇنېرستىتى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلىم سەھنىلىرىدە ستراتىگىيلىك تىللار قاتارىدا ئۆگنىلىۋاتىدۇ. بۇ يىللىق ستراتىگىيلىك تىللار مۇندەرىجىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە بار. ھېلىمۇ جوڭگۇدا نەشرىياتچىلىق، ئۈن-سىن، تور-ئالاقە، كارخانا- تىجارەت...قاتارلىق مەن تونۇشراق ساھەلەردە خەنلەردىن قالسىلا بىز تىزىلىمىز .  توربەتلەر جوڭگۇدا خەنچىدىن قالسىال ئۇيغۇرچە كۆپ. ئۇيغۇرچە توربەتلەر نوپۇستا بىزدىن جىق قازاقىستان، ئۆزبەكىستانلاردىن كۆپ، يەنى تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە توربەت تۈركىيە تۈركچىسىدىن قالىسلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.. مەن بۇلارنى "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" دېگەن يازمامدا يازدىم. ئۆزىمزىنى پەس كۆرسەك خەققمۇ پەس كۆرىنىمىز، سۆزلىرىمىز ۋە ئىش ھەركىتىمىز پەسلەرچە بولىدۇ. ئۇلۇغلۇقىمىز پاكىت پەقەت بىز شۇ ئۇلۇغلۇقىمىزنى بىلمەيۋاتىمىز، ئىلمىي تەھلىل قىلمايۋاتىمىز چە مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇۋاپىق مىللەتلەرگە سېلىشتۇرمايۋاتىمىز.
    سىز ئۇنچە قايناپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇيغۈردا سىز چىدىيالمىغۇدەك ئىللەت يوق.. بىر قسىم كىشىلەرنىڭ بولمىغۇر خۇيلىرىنى خېلى كۆپ كالتە پەم ئالىم يازغۇچىلىرىمىز مىللەتكە دۆڭگەپ سىزگە ۋە بىرقىسىم سىز ۋە ماڭا ئوخشاش كىشىلەرگە مىللەتنى سەت، پەس كۆرسىتىۋەتتى. بىزدە پەقەت باي دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنىدىغان بىر قىسىم ئادەتلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەنگە خىلاپ، يەنى ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدىكى ساقلىقىمىزغا تەھدىت سالىدىغان پەنگە خىلاپ ئادەتلەرنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن پەننى ئومۇملاشتۇرساق، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرساق، ياكى قولىمىزدىن كەلگەننى قىلساق بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئىشلا قولىمىزدىن كەلمسەتولا قاقشىماي كىمنى سۆيسەك شۇ كىشىنىڭ مىللىتى بولۋەرسەك بولىدۇ.
    ئىنسانىيەت ئىلاھى ھوقۇق، پادىشاھلىق ھوقۇق دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىنسانى ھوقۇق دەۋرىگە كىرىپ بولدى. بۇ زاماندا يەنە ئىلاھلىق داۋاسى قىلغان، پادىشاھلىق داۋاسى قىلغان، ئۆزىنى باشقا ئىنسانلار بىلەن تەڭ كۆرمىگەن ھەر قانداق ئىنسان مېنىڭ نەزىرىمدە تەنقىدكە لايىق. 
    قېرىندىشىم
    مەن دېگەنلىرىڭىزنى چۈشەندىم دېگىنىمدە "ئورتاقلىقىمىز" سەۋەبىدىن قايتا تەھلىل قىلمايلى دەپتىكەنسىز، شۇڭا بولۇپتۇ ئىشىم ئالدىراش بولغاندىكىن يەنە ئۇزارتماي دېگەن.
    مەن شۇنى ئوچۇقلاپ قوياي، ماڭا "ئورتاقلىقىمىز" سەۋەبلىك ھەرقانداق زالىم، مۇستەبىتلەرگە چاپان يېپىش دۇرۇس ئەمەس. يۇقاردا مەن تىزغان كىشىلەردىن بىرسىنىگىلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ- دەپ چالا دەپتىمەن. مۇستاپا كامالغا ۋە يەنە بىرىگىمۇ ئاشكارە باھا بەرگىلى بولمايدۇ. مۇستاپا كامالغا ئاشكارە بىرنېمە دېسىڭىز قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىسىز، يەنە بىرسىگە ئوشۇق گەپ قىلىپ قويسىڭىز دەدىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلىڭ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغېنىم بىر ئىنساننىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە يول قويۇلماسلىقى ھەتتا ھەرقانداق سەلبى باھانىڭ قانۇن ۋە باشقا يوشۇرۇن ۋاستىلەر بىلەن چەكلىنىشى. بۇنداق چەكلەرنى ھۆكۈمدارلار ياكى ئۇلارنىڭ مالايلىرى ئاتالمىش "مىللىتىمىز ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئۈچۈن، شارائىتىمىز يار بەرمىگىنى ئۈچۈن" دەپ ئاۋامغا چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە مۇستاپا كامالنىڭ دەۋرى كەلمەسكە كەتتى، ئۇيغۇردىن ئاشۇنداق مۇستەبىتنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىش ماڭا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھىچكىمنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان خۇدا، ئۆلمىگىچە چۈشمەيدىغان پادىشاھ بولۇۋېلشىنى خالىمايمەن. ماڭا ئۇنىڭ قايسى مىللەتلىكى بەرىبىر. 
     
    گۈلەن: دېليارغا جاۋاپ
    ".20 -ئەسىردىن كىيىن غەرەپنىڭ دۇنياۋى ئۇستۈنلكى پەيدا قىلغان يوقىرى بىسىمىلىق دىمىكىراتىك مۇھىتنىڭ ئىسكەنجسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ تارىخى ئورنىغا قارام مىڭىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ."دېليار
    مەن يۇقارقى گېپىڭىزگە قوشۇلمايمەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى دەۋرنىڭ قالدۇقى بولغان دېموكراتىيگە يات قانۇنلاردىن قۇتۇلۇپ دېموكراتىيە يولىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ . ئاق پارتىيە باشچىلىقىدىكى تۈركىيەدىكى ئاساسى قانۇن تۈزۈتۈش ھەركىتى خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە 1982-يىلى ئەسكەرلەر (كامالىزىمچى) تۈزدۈرگەن ئاساسى قانۇننىڭ نامۇۋاپىق بىر قىسىم بەلگىمىلىرىدىن قۇتۇلدى. تۈركىيە ئاساسى قانۇنى مالايسىيە ئاساسى قانۇنى يەتكەن سەۋىيەدە دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولالىغان بولسا بۇنچە غەۋغالاردىن سەل خالى بولۇپ قالاتتى. تۈركىيە غەرپ دېموكراتىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشقا ئەمەس بىر قىسىم غەپ دۆلەتلىرىنىڭ پاسسىپ ئەگشكۈچىسى بولۇشتىن مۇستەقىل دېپلۇماتىيە يولىغا ماڭغىلىۋاتىدۇ.

    "قوشۇمچە قىلىپ دەيدىغىنىم بىز ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن غەرىپنىڭ يوقىرى بىسىمىلىق دىمىكىراتىك مۇھىتنىڭ ئىسكەنجسىدە يەنە بىر تەرەپتىن   دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەھكۈم تەقدىرى ئىلىپ كەلگەن ئاھ زارلار ئىچىدە ياشاۋاتىمىز "بىز ئۇيغۇرلارنى غەرپ باشقۇرمىسا بىز قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالىمىز؟ كېيىنكى گېپىڭىزنىڭ مەن قوللايمەن.
    ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلامغا قارشى ئەمەس. قارشىلىرى بىر بولسا چۈشەنمىگەچكە قارشى يەنە بىر بولسا مەنپەئەتپەرەسلىك نوقتىسىدىن ۋە ياكى زامانقۇللۇق نوقتىسىدىن قارشى مەيدانغا ئۆتۈۋالىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىى ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئىسلامسىز ئۇيغۇر بولالمايدۇ. مەن پەقەت بىرقىسىم دوستلىرىمنىڭ مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى رەت قىلىشىنى(يەنى سىز تىلغا ئالغان ھەدسىلا بىدئەتكە چىقرىپ زىددىيەت تېرىش) شارائىتقا قارىماي قىلىنىۋاتقان ئالدىراقسانلىق دەپ چۈشىنىمەن. يەنە بىرقىسىم پەنچى بۇرادەرلەرنىڭ ئىلمىيلىكنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بەزى ھادىسىلەرنى قالاقلىققا چىقىرىشىمۇ يۇقاردا بىدئەتكە چىقارغان بىلەن ئوخشاش. ئۇيغۇردا ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بار دەپ قارىلىدۇ. جانغىلا تاقالمىسىلا ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ ئوي ۋە خۇيلىرىنى ئەيىپلەش مەنچە نامۇۋاپىق. 
     

    ئۆركەش:

    "مېنى بېشىدىنلا  ئەجەبلەندۈرگەن ئاتا تۈرككە بەرگەن "دېموكراتىك" باھالىرىڭىزنىڭ  يىلتىزى ئامىركىدىن ياكى غەربتىنمۇ ئەمەس ئاتىڭىزنىڭ قېنىدىن، ئانىڭىزنىڭ سۈتىدىن  كەلگەنلىگىنى چۈشىنىۋاتىمەن. "
     
    گۈلەن:
    ئۆركەش قېرىندىشىم، ئەمدى جايىدا گەپ قىلىپسىز تىلتۇمارىمىز بولغان ئانىلىرىمىز ۋە زۇلپىقارىمىز بولغان ئاتىلىرىمىزغا مىڭ مەرتەۋە شۈكرى. ئاللاھنىڭ مېنى شۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا كېچە كۈندۈر تەشەككۈر ئېيتقۇم كېلىدۇ. 
     

    دېليار:

    gulen ئەپەندى .
    سىزنىڭ دىمىكىراتىيىگە ئالاقىدار بايانلىرىڭىزغا باشتىنلا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم   مۇنازىرىنىڭ تەرەقىياتىدىن سىز ئامىرىكىدا ئوقىۋاتقان ۋە ئامىرىكىچە قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىپ مىڭىۋاتقان ياش قىياپىتىدە كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىسىز چۇنكى  بايانلىرىڭىز قارماققا ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن چىتىشلىق بولىسمۇ ماھىيەتتە  كىشىلىك ئىززەتنى يادىرو قىلغان  دىمىكىراتىك پىرىنسىپلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى مۇھىيتىدىكى يىيىلىشى ئىدى . سىزنىڭ بۇنداق ئەقىيدە ساپلىقى يۇكسەكلىگىدىكى دىمىكىراتىك مەيدانىڭىز مۇنازىرە جەرياندا بىر قىسىم تورداشلارنىڭ  دىنى ۋە مىللى سۆيگىسى بىلەن سۇركۈلىشىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغانسىز .مەنمۇ ئەمىلىيەتتە خۇددى ئۆركەش قىرىندىشىمىزغا ئوخشاش  مۇشۇ خىلدىكى   "دېموكراتىك" باھالىرىڭىزدىن راھەتسىزلىنىپ  دىمىكىراتىيىنىڭ ئەمىلىيەتتە  غەرىپ دۇنياسىنىڭ تارىخى كەچۇرمىشلىرىنىڭ ھاسىلاتى ئىكەنلىكىگە ،ئۇنىڭ ھازىرقى پىرىنسىپلىرىنىڭ شەكىلگە كىرىشىدە غەرىپ ئىجدىمىيىتىنىڭ يوقىرى نىسپەت تۇتقانلىقىغا ئۇرغۇ بەرگەن ۋە بۇ بايانلىرىمغا تارىخى كەچۇرمىشلىرىمىزدىن مىسىل ئالغان  ئىدىم .مۇشۇ مىسالارنىڭ بىرى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ يوقىرى بىسىملىق دىمىكىراتتىك مۇھىتىدا  ئاتا تۈرۈكنىڭ غەرىپنىڭ دىمىكىراتىيلىشش قەدەملىرىگە ئەگىشىپ تۈركىيىنى قوتۇلدۇرۇشنىڭ ۋە قايتىدىن كۈچلىك دۆلەت قىلىشنىڭ يولىنى نەسەپ ھاكىمىيىتى دەپ قارىغان خەلىپىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرىش   ۋە دىنى نوپوسلارنىڭ چەتكە قىقىش قاتارلىقلارغا باغلىۋالغانلىقىدۇر. يەنى غەرىپنىڭ ئۆلىچمى بىلەن قارايدىغان بولساق  ئاتا تۈرۈكنىڭ ئىسلاھاتى تارىخى مەنىدىكى ھەقىيقى دىمىكىراتىك ئىسلاھات بۇ ئىسلاھاتتا دىمىكىراتىيىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى  ۋە ئالدىنقى شەرتى خەلىپلىك  يوقىتىلدى ،جەممىيەتىكى روھانى كۈچلەرنىڭ تەسىرى قاتتىق ئازجىزلاشتۈرۈلدى يەنى دۆلەت دىنىدىن خالى  ھالەتكە كەلدى . بۇنى ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئىيىتقان <ئاتا تۈرۈكنىڭ ھەممىدىن زور ئوتىقى ئۇنىڭ تۈركىيىدە دىندىن خالى دىمىكىراتىيە بەرپا قىىلالىغانلىقىدا    > سۆزدىن ھىس قىلالايمىز  
    تۈركىيە ئاساسى قانون ئۆزگىرىشىنى  تۈركىيىنىڭ دىموكىراتىيلىشىۋاتقانلىقى دەپ قارىغانلىقىڭىز سىزنىڭ  ئەقىيدە ساپلىقى يۇكسەكلىگىدىكى دىمىكىراتىك مەيدانىڭىز  پەيدا قىلغان يەنە بىر خاتا قاراش .غەرىپ دۇنياسى بەزىدە سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق دىمىكىراتىك ئەقىيدىسى بىلەن  تارىخى مەسىلىلەرنى چۇشىنەلمەي گانگىراپ قالىدۇ،بۇنىڭ جانلىق مىسالى 1979-يىلى خەلىق قوزغىلىپ ئىران پادىشاسىنى ئاغدۇرۋىتىشى ، خاماسنىڭ پەلەستىندە مۇتلەق ئاۋاز بىلەن غەلبە قىلىشى ،تۈركىيىدە ئىسلامغا مايىل سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ ھوقوق تۈتىشى قاتارلىقلار .مەن بۇ بايانلارنى يىزىۋاتقاندا مىسىردا مۇبارەككە قارشى نامائىش بولىۋىتىدۇ ئىسلامغا مايىلىققى بىلەن مەشھور مىسىر  قىرىنداشلار ئويۇشمىسى بۇ قىتىملىق قوزغىلاڭلار بىلەن چىتىشلىق كۆرلىۋىتىدۇ . ئوتتۇرا شەرىقىنىڭ ھازىرقى رايون تەڭپۇڭلىقىغا زىيان سالىدىغان بۇ ھەركەتلەر  دىمىكىراتىك ئەقىيدىسى تۇتقىسىدا توغرا ۋە دۇرۇس لىكىن بۇلارنى ئىتىراپ قىلىش ۋە بۇلارغا يۇزلىنىش بۇ دىمىكىراتچى غەرىپ دۇنياسىدا مۇرەككەپ تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىۋتىدۇ  ،،،  سىزنىڭ سىنئەتكارلارچە ئىستىتىك قاراشلار(دىمىكىراتتىك پىرىنسىپلار ) بىلەن دۇنيا ۋەزىيتىگە نەزەر سىلىشىڭىز بەلكىم بىر قىسىم ھىسياتچان كىشىلەرنى تەسىرلەندۇرشى مۇنكۇن بولۇپمۇ <ئىنسانىيەت ئىلاھى ھوقۇق، پادىشاھلىق ھوقۇق دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىنسانى ھوقۇق دەۋرىگە كىرىپ بولدى>دىگەندەك شۇئارلىرىڭىز لىكىن تارىخ تۇرغۇن سۆرەت ئەمەس بەلكى ئۆزگىرۋاتقان ئىقىندۇر .بۇ ئىقىنغا نەلەردىن ئۆگىنىۋالغان ھىكمەتلەر بىلەن   دانالارچە قىياپەتتە باھا بەرمەي بەلكى ئۇنىڭغا ھەقىيقى تەۋە بولۇپ كىرىپ بىقىڭ ئىقىپ تاشلارغا سوقىلىپ بىقىڭ ..شۇندىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ماھىيەتتە مەڭگو ئىلاھى ھوقۇق داۋاسى قىلىدىغانلىقىنىڭ تىگىگە يىتىپ قالىسىز  . سىز  نەقىل قىلىپ بىز ئويغۇلار غەرىپنىڭ ئىسكەنجىسدە ئەمەس دەپسىز مەن دەيمەن سىنىڭ تەپەككۇرىڭىز غەرىپنىڭ ئىسكەنجىسدىمۇ قانداق ؟ 
     
    دېليار:
    بۇ تىمىدا ئەكەس ئەتكەن بىلىم جۇغلانمىسى ھەقىيقەتەن مول، ئۆركەش،سۇفىيە،قىز خۇمار،رۇمەيسە  ،ۋولقان،ئەزىزان ،گۈل كاپىتان ، hitaf402 ،ئوغۇزخان قاتارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس ئەمگەكلىرى بىلەن تىما    ئىسلام تارىخى،تۈرۈك تارخى ھەتتا  ئويغۇرلارنىڭ دىنى مۇھىتى قاتارلىق ساھالەرنى قاپلاپ جەمىيىتىمىدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە نۇر چاچقان ئىدى لىكىن تىما ئۇزاق ۋاقىت ئەلكۇينى ئىگىلىۋىلىپ بىز ئاز بۇرۇقتۇملىق پەيدا قىلىپ قويغان بولىشى مۈنكۈن ،شۇنداقتىمۇ بۇ تىما يۇرۇتقان نۇقتىلارنىڭ مۇھىملىقى يەنى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى  رىيال مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن تىمىنىڭ يەنە بىر ئاز ئالغا سىلجىپ مۇستاپا كامالنى نازۇك قىلىۋاتقان خەلىپىلىك ۋە ئۇنىڭ يىقىلىشى قايتا تىكلىنىشى ساھالىرىگە مىڭىشىنى ئۇمۇت قىلىغان ئىدىم يەنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتىراپ قىلىغان خەلىپىلىكلەر مەسىلەن ئۇممەييەلەر ،ئابباسىلار ئەينى زامانلاردا ھازىرقى ئامىرىكىغا ئوخشاش دۇنيا سىياسىتىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى .خەلىپىكىلەر يىقىلغان لىكىن ئۇلارنىڭ خاراپىسىگە تىخىمۇ كۈچلۇك خەلىپلىك مەسىلەن ئوسمانىيلاردەك دۆلەتلەر قۇرلۇپ    مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغان،بۇ رىيال دەرىسلەرنىڭ مۇزاكىرىسى ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدىكى  پىكرى خاملىق پەيدا قىلىۋاتقان مەنىۋى ماددى  جاراھەتلەرگە مەلھەم بولالىشى مۇنكۈن ئىدى تىمىنىڭ قايتا سۇ يۇزىگە چىققان بۇ پەيىتتە بىلملىك تورداشلارنىڭ بۇ ساھاگە كىرىپ پىكىر بايان قىلىپ بىقشىنى تەكرار ئۇمۇت قىلىمەن 
     
    گۈلەن:
    دېليار بۇرادەر،
    سىز مۇنازىرىدە مېنى تېما قىلىپ قاپسىز. مۇنازىرە تېمىسى مەن ئەمەس. مۇستاپا كامال. مېنىڭ نەدە ئوقۇشۇم بىلەن مۇنازىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭ پىكرىمگە رەددىيە بەرسىڭىز بولىدۇ، لېكىن رەددىيىڭىزنىڭ سەۋەبى "راھەتسىزلەنگىنىڭىز" دىن بولغان بولسا ھىسسىياتىڭىز مۇنارىگە كىرىۋاپتۇ. مەن سىزدەك پەلەسەپە، دىن، سىياسى قاتارلىق كۆپ پەنلەردىن خەۋىرىم يوق دەپ بۇرۇنلا دېگەن. ھەم مۇنازىرىدىنمۇ چېكىنگەن، شۇڭا سىز پىكىرلىرىدىن رەھەتلەنگەن كىشىلەر بىلەن داۋام قىلغايسىز.
    مەن پەقەت سىز "ئۇيغۇرلار غەرپنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاۋاتىدۇ" دېگەچكە سۆز قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەگەر "سىزنىڭ ئىددىيىڭىز غەرپنىڭ ئىسكەنجىسىدە قاپتۇ" دەپ باشتا دېگەن بولسىڭىز سىزگە پەقەت گېپىم يوق ئېدى. ئەمدى تۆۋەندىكى
    "مەنمۇ ئەمىلىيەتتە خۇددى ئۆركەش قىرىندىشىمىزغا ئوخشاش  مۇشۇ خىلدىكى   "دېموكراتىك" باھالىرىڭىزدىن راھەتسىزلىنىپ  دىمىكىراتىيىنىڭ ئەمىلىيەتتە  غەرىپ دۇنياسىنىڭ تارىخى كەچۇرمىشلىرىنىڭ ھاسىلاتى ئىكەنلىكىگە..."
    توغرا ئېيتىسىز، سىز تىلغا ئالغان ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىتلەرمۇ دەل سىزدەك قاراشتا. ئۇلارچىمۇ دېموكراتىيە غەرپنىڭ نەرسىسى، غەرپتىن تېخنىكىدىن باشقىنى ئۆگىنىش "ھارام"( مۇستەبىتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ گەپنى دەيدۇ، پەقەت بىرسى ھارام، دېسە يەنە بىرى قانۇنغا خىلاپ دەيدۇ، يەنە بىرى ئەجدادلاردىن قالغان ئېسىل ئەخلاقىمىزنى چىرىتىدۇ دەيدۇ). چۈنكى تېخنىكا بولمىسا بولمايدۇ-دە! خەلقنى باستۇرىدىغانغا قورال لازىم، خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن زامانىۋىي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى لازىم.ئۇ يەرلەردە قورچاق ھۆكۈمەتلەر، باش مىنىستىرلار قويۇلىدۇ. تېخى "سايلام"مۇ بولىدۇ، لېكىن دىنى داھى، پېرىزدېنت دېگەنلەر سىز مەدھىيەلىگەن ئىلاھلىق داۋاسىنى(دىنىي داھى نامى بىلەن)، پادىشاھلىق داۋاسىنى("سايلانغان" پىرىزدېنت نامى بىلەن) داۋام قىلىۋېرىدۇ.
    قىزىق ئىش، ئىران ئەدەبىياتى ھەققىدە بىر خەنچە كىتاب ئوقۇغانتىم. "ئىران ئىسلام ئىنقىلابى بولمىسا بۈگۈنكى ئىران ئەدەبىياتى بولمىغان بولاتتى" دەپ يېزىپتۇ. يەنە "نەچچە مىڭ يىللىق ئىران مەدەنىيىتىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆگىنىدىغانلىرى تېخى ئالدىدا، غەرپ تېخى بۇنى بىلىپ يەتمىدى" دەپ يېزىپتۇ. ئەكسىيەتچى، چىرىك ئىددىيەم سەۋەبىدىن سىزنى قايتا راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن، سورۇننى سىزگە ۋە سىزدەك ئىلاھلىق، شاھلىق داۋاسىدا چىڭ تۇرىدىغانلارغا قالدۇراي. 
     
    دېليار: gulen
    ئەپەندى مۇنازىرىنى بۇنداق تار كوچىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ ئەپسولاندىم ،پاراڭلار ئەسلى تار قۇتۇپلاردىن كەڭ دائىرىگە مىڭىشى ۋە سورۇندىكى ھەر بىر ئادەمنى  دالانىڭ ئوچۇق ھاۋاسىدىن نەپەسلەندۇرىشى لازىم ئىدى .
    سەل دىققەت قىلغان بولسىڭىز دىمىكىراتىيىنى مەن غەرىپىنىڭ دەپ تامغا ئۇرۇپ ئەخلاتخانىغا تاشلىۋىتمىدىم ياكى چۆكىرمىدىم   پەقەت دىمىكىراتىيىنىڭ يىشىمىنى ۋە مەنىسىنىڭ غەرىپنىڭ تارىخى تەجىرىبىلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇتكا كەلگەنلىكى غەرىپ دۇنياسىنىڭ ئۆز كەچۇرمىشلىرىنى دىمىكىراتىيە تەبىرىگە سىڭدۇرۋىتشى ئارقىسىدا زامانىۋىيلىق   ئوقۇمىنى  شەكىللەندۇرگەنلىكىنى  بىز مۇسۇلمانلار  دۇنياسىدىكى مۇستاپا كامالغا ئوخشاش  سەرخىللار بۇ باشقىلارنىڭ سەزگۇرەشلىرىدىن جۇغلانغان  دىمىكراتىيە ۋە زامانىۋيلىق ئۇقىمىنى شۇلاردىن ئەينەن  قوبۇل قىلىپ بىر مەزگىل ھاياجانلانغاندىن كىيىن ئاخىر   ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادە ۋە مەنىۋىيتىدىن ئاستا ئاستا  ئايرىلىپ قالغانلىقىىغا ئۇرغۇ بەردىم .
    مەن سۆزلىرىمگە دەلىل قىلىپ يىراقتىن  مۇستاپا كامال ،پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىۋاتقان دىمىكىراتىك دۆلەت تۇركىيە جۇمھورىيىتىنى يىقىندىن بىزنىڭ  پاراڭنى سوپا ئىشانلارغا قاراتتۇق دەپ كىلىۋتىپ ئەمىلىيەتتە ئىلاھى دىنى قىممەت قاراشلىرىغا  جەڭ ئىلان قىلىۋىرىپ خەلىقتىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان زىيالىرىمىزنى كۆرسەتتىم ،  لىكىن ئىنكاسىڭىزدا    قاراشلىرىمنى ئەسلى بويىچە چۇشەنمەي ياكى ئەسلى ھالىتىدىن تۇتۇپ تەنقىد رەدىيە بەرمەي  بىراقلا  ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىتلەرگە رادىكال كىڭەيتىپ ئۆز نۇقتىنەزىرىڭىزنى يولۇقلاشتۇرۇشقا  تىرىشىپسىز .
          ئەزىز تورداش  كىشىلەر ئۆزى ناھايىتى ئەسقاتىدۇ دەپ ئىشەنگەن بىر نەرسىسىگە باشقىلارنىڭ پاسسىپ باھاسىنى ئاڭلىغاندا بىئارام بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ باشقا روللىرى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ ،بەك غەزەپلىنىپ كەتسە قولىدىكى نەرسىنى  قارشى تەرەپنىڭ بىشىغا ئىتىشى مۇنكۈن.  مەن پەقەت قولىڭىزدىكى دىمىكىراتىيە دىگەن نەرسىنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە شەكىلىنىش جەريانى ھەققىدە قاراشلىرىمنى بايان قىلدىم ۋە سىزنى  دىمىكىراتىيە دەپ دانا بولىۋالماي ئۆزىڭىز تەۋە بولىۋاتقان توپىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىپ بىقىشقا دەۋەت قىلدىم  . بۇ بايانلىرىمدىن كىيىنكى بۇ   ئىنكاسڭىزدىكى ئاچچىق چۇچۇك ھىسلار دىمىكىراتىيىگە بولغان ھىسىسى باغلىنىشڭىزنى سىزىپ سىز ھەققىدىكى دەسلەپكە تونۇشۇپ قۇۋەتلىنىپ قالدى يەنى سىز دىمىكىراتىيىنى ئەقىيدە يۇكسەكلىكىگە كۆتۇرۋالغاندەك قىلىسز ،دىمىكىراتىيە ھەرگىز ئەقىيدە ئەمەس ،ئۇنى ئەقىيدە كۆرۇپ قوغداش ،ساداقەمەنلىك كۆرسىتىش دەپ بىر نەرسە يوق...
    مەن دىنىمىز ئىسلام ھاقارەتكەنگەن ،كەمسىتىلگەن يەردە تۇرالمايمەن،دىنىمىزنى مەسخىرە قىلىدىغان ئادەملەر بىلەن بىر يەردە ئولتۇرمايمەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ماڭا ئوخشاش لىكىن سىز دىمكىراتىيە ھىچ ھاقارەتكە ئوچۇرماي ئەكسىنچە ئانالىز قىلىنغان ،مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىلغان يەردىمۇ ئولتۇرامىغاندەك پىشىڭىزنى قىقىپ چىقىپ كىتىش پوزىتسىڭىز ئادەمنى ئويغا سالامدۇ قانداق ؟   
     

    ئەركى:

    1. مۇستافا كامال ئاتا تۈرك تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى، تۈركىيەنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ئۇ ھاكىميەتكە قارشى چىققان ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەن، مەيلى  موللا بولسۇن ياكى كاپىر.
    مۇستافا كامالنى ھۆرمەتلەش ياكى تىللاشنى تۈركىيە خەلقى ئۆز بىلىدۇ.
    2. تۈركىيە قانۇنىدا مۇستافا كامالنى ئوچۇق-ئاشكارە ھاقارەت قىلىش چەكلەنگەن،كۈرتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىش، ئۆز تىلىدا مەكتەپلەرنى ئېچىشى چەكلەنگەن... ئاتا تۈركنى دەستەك قىلىۋالغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئۆتۈپ كەتكەن مىللەتچى، دېكتاتور ئىددىيەدە، بۇ ئاتا تۈركنىڭ خاتالىقى ئەمەس.  
    3. ئاق پارتىيە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقاندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تەرەقىياتىنىڭ تىز بولۇۋاتقانلىقى، تېخىمۇ دېمكۇراتلىشىۋاتقانلىقى بۇ يەردە ياشاۋاتقانلارغا مەلۇم، ھوقۇق تالىشىۋاتقان چوڭ پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن مىللىەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ توختىماي ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن خەلقنىڭ كاللىسىنى يۇيىۋاتقانلىقىنىمۇ سەگەكرەك كىشىلەر ھىس قىلالايدۇ.

    ئاتا تۈرككە باھا بىرىشنى توختاتساڭلار.مۇنازىرە شىنجاڭنى ئازاد قىلىشقا تۆھپە قوشقان ئەخمەتجان قاسىمى توغۇرلۇق بولسا يەنە مۇشۇنچىلىك قاينىيالامىزمۇ ؟ 
     
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار
    مەن بۇ مۇنازىرىدىن چېكىنىپ چىققان ئېدىم. سەۋەبى مۇنازىرىگە ئارىلاشقانلار مۇستاپا كامالنىڭ ئىددىيىسى، كىشىلىكى، ئۇتۇقى ۋە ئۇتتۇرۇقلىرى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇۋاتسا مېنىڭ نېمىگە "ئىتىقاد" قىلغانلىقىم ۋە مېنىڭ مىللىتىمنىڭ "ئەيپ" لىرى ھەققىدىكى گەپلەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇ مۇنازىرىنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن. چۈنكى 1. بىزدە مۇستاپا كامال بولمىغان بىلەن مۇستاپا كامالچە مىللەتچىلىك بار. مەسىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ساپالاشتۇرىمىز، تىلىمىزدا ئەرەب پارىسچە جىق بۇلارنى چىقىرىپ تاشلايمىز، يېزىقنى تۈركچىدەك لاتىنچىغا ئۆزگەرتىمىز، تەرەققىياتقا دىن توسالغۇ بولىدۇ شۇڭا دىننى ئىسلاھ قىلىمىز، ھەتتا دەيدۇكى نامازنى ئۇيغۇرچە ئوقۇيمىز. بۇلار پەقەت ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى ۋە مەن ئەڭ ئېنىق بىلىدىغان تىل يېزىققا ئائىت قىسمى.
    2. مۇستاپ كامالدەك كىشىنىڭ چىقىشىنى ئارزۇلاش ئېغىر. مەن بۇنداق گەپلەرنى جىق ئاڭلايمەن، "قولۇمدىن كەلسە كاللىسى ئازات بولمىغان كىشىلەرنى تەكلىماكانغا ئاپىرىپ ئېتىۋەتسەم، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى، تەرەققىياتقا قارشى مۇتىئەسسىپلەرنى قىرىپ تاشلىسام..." بۇنداق دەۋاتقانلارنىڭ تەپەككۇرى دەل شۇ ئاتا تۈركچە تەپەككۇر. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلغۇسى بار ياكى شۇنداق قىلىدىغان ئادەمنى كۆرگۈسى بار.
    3. ئۇلۇقلارنىڭ ئىلاھلىق مۇقامىغا كۆتۈرۈش ئېغىر. مۇستاپا كامال ھەققدىكى مۇنازىرىگە قارشىلارنىڭ ئويىچە ئۇلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممە ئىشى ئۇلۇقمىش، تارىختا تۆھپىسى بارمىش، شۇڭا بۇ ھەقتە تەنقىدىي ئويدا بولۇش يېڭىلىشقانلىقمىش. مەن مۇنداق قاراشتىكى دوستلارنى "تارىخى ھەمىدى"، "تارىخى رەشىدى" "بابۇرنامە" دېگەندەك كىتابلارنى ئوقۇپ باقسىكەن دەيمەن. بۇ كىتابلاردا ھىچ قانداق ئالىم ۋە ھۆكۈمران بىز ھازىر ماختاۋاتقاندەك، كەم كوتىسىز ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ماختالمىغان. ھەتتا بابۇر ئۆزىنىڭ بەچچىۋازلىققا مايىل بولۇپ گۇناھكار بولۇشقا تاس قالغانلىقىنىمۇ كىتابىدا يوشۇرمىغان. بوۋىمىز بابۇر ھەتتا ئەلشىر نەۋايىنىمۇ تەنقىد قىلغان. لېكىن ھازىرقى قايسى ئەدىپ، ئالىم كىتابىدا بىر بىرنى ياكى ئۆزىنى ئاشۇنداق لىللاھ تۇرۇپ كۆزىتەلەيدۇ، بىز نېمىشقا تارىختىكى بوۋىلىرىمىزنىڭ ئادىللىقىغا ۋارىسلىق قىلماي، ئارىمىزدىن يېڭى ئىلاھلارنى يارىتىشقا مەپتۇن بولىمىز؟ تارىىمىزدىكى قەھرىمانلىرىمىزنى ئۇلۇق بىلىمىز، لېكىن ئەقىدلىن يۈز ئۆرۈپ ئۇيغۇر بولغاچىقىلا، ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشقاچقىلا ھەممى ئىشى ئۇلۇق، ئىۋەنسىز دەپ تۇرىۋالساق ئاشقۇنلۇق بولىدۇ.
    4. مەسىلىگە مەھەللىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىن چىقىپ ئەمەس "دۇنيا مۇسۇلمانلىرى" نوقتىسىدىن چىقىپ مۇلاھىزە قىلىش ئېغىر. بۇنداق مۇنازىرە قىلىۋاتقانلار، مۇستاپا كامالنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىلىكىنى يوق قىلدى، ئاتا تۈرك مۇسۇلمانلارنى خەلىپىسىز قويدى،... دەيدۇ. بۇ يۇقاردىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ بىر ئىپادىسى خالاس. ئەينى چاغدامۇستاپا كامالنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى خەلىپىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. دىنىمىزدا ھىچ كىم ئىقتىدارىدىن ئارتۇق ئىشقا مەجبۇرلانمىغان. مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىنى دۆلەتلىك بولۇشقا يېتەكلىگىنى ئۇنىڭ تۆھپىسى. تۈركىيدىكى مۇسۇلماننىڭ مەنپەتى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار مەنپەتنىڭ بىر قىسمى. ئۈچ قىتئەگە يېيىلغان خەلىپىلىك نامدا مەۋجۇد ئەمەلدە مۇستەملىكە بولۇپ بولغان ۋەزىيەتتە، بىر تۈركىيەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئاقىلانىلىك. بۇ خۇددى دىنىمزنىڭ ساۋابنى مەھەللىمىزدىن باشلاپ قىلىشقا بۇيرىغىنىغا ئوخشايدۇ. يېنىمىزدا قوشنىمىز ئىڭراپ ياتسا بىز نەچچە مىڭ كىلومىېتىر نېرىدىكى پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىنىڭ غېمىنى يىمەي، شۇ بىمارغا ياسىن ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ بەرسەكمۇ ئوخشاش ساۋاپقا ئېرىشىمىز.

    بەزىلەر بۇ مۇنازىرىنى ئەھمىيەتسىز دەپ قاراشتى سەۋەبى
    1. تۈركىيەدە ئايىغى چىقمىغان مۇنازىرەنىڭ ئۇيغۇردا ئايىغى چىقىشى ناتايىن. مەنچە؛ مۇنازىرنى ئايىغىنى چىقىرىش ئۈچۈن قىلمايمىز، ئۆگىنىش ئۈچۈن بولۇپمۇ ئەقلى تەپەككۇرمىزنى يېتىلدۇرش ۋە تاۋلاش ئۈچۈن قىلىمىز. شۇڭا ئايىغىنى چىقىرىش شەرت ئەمەس.
    2. ئۇيغۇرلاردىن مۇستاپا كامالدەك داھى چىقمىغان شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ زات ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقا سالاھىيەتسىز. مەنچە؛ ئۇيغۇرلار ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن رىياللىق، تارىخ، كەلگۈسى، ئىلاھ، تەبىئەت، ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھەققىدە خالىغانچە تەپەككۇر قىلىشقا تەپەككۇردىكى ۋە تەپەككۇر نەتىجىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى مۇنازىرە قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ ياراتقۇچىمىز بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇق.
    3. ئۇيغۇرلار "ئەبگا" بولغاچقا "مۇنەۋۋەر" تۈركلەرنىڭ داھىسىغا باھا بېرىشكە ھوقۇقسىز. دۇنيادا مۇنەۋۋەر مىللەت ئەبگا مىللەت دەپ مىللەت بولمايدۇ. ئۇيغۇردىن تۇغۇلغان ھەر بىرىمىز بىوئوگىيە نوقتىسىدىن ئادەم، دىن نوقتىسىدىن مۇسۇلمان، مەدەنىيەت نوقتىسىدىن ئۇيغۇر. ئۇيغۇرنى ئەبگا دېگەنلەر ئۆزلىرى ئەبگا.
    4. "تۈركىيە خەلقى" "سۆيگەن" كىشىگە ئۇيغۇرنىڭ ئاق كۆك دېيشى ئارتۇقچە. مەنچە؛ قانۇن بىر دۆلەت خەلقىنى بىر كىشنى ئۇلۇق دېيىشكە ئاتايىن ماددا چىقىرىپ مەجبۇرلاۋاتقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى  قوغۇداۋاتقان ھالەتتە بۇنداق ئۇلۇقىتىن گۇمانلىنىش خاتا ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرنى ئۇلۇقلاش قانۇنى چىقارمىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇلۇق دەۋېرىدۇ. بىر ئادەمنى ئۇلۇقلاشتا چەكنىڭ، جازانىڭ بولۇشى، خەلقنىڭ مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيادا تۈركىيدىن بۆلەك بىر دۆلەتتە شەخسنى ئۇلۇقلاش قانۇن ماددىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئەمەس. ئۇيغۇر ئىنسانلىقنى ئىنكار قىلىپ خۇدا بولۇشقا، پادىشاھ بولۇشقا ئىنتىلگەن، ئىنساننىڭ ياشاش، ئىشىنىش، سۆزلەش ئەركىگە زەجىر سالغان ھەرقانداق كىشى ھەققىدە ئويلۇنۇش ھوقۇقى بار.
    5. ئۆزىمىزدىن ئاشىنىپ خەق ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش ئارتۇقچە. بۇ ھەقتە توختالمىساقمۇ يۇقاردا دېگىنىمىزدىن جاۋاپ چىقىپ بولدى.
    مەنچە بۇ مۇنازىرىگە قىزىققانلار "مۇستاپا كامال"، "تۈركىيە يېقىنقى زامان تارىخى" دېگەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بىر ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. بولمىسا بۇ يەردە قۇلارقى ئېتىۋېلىپ ۋارقىراۋەرگەندەك تالاشقاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. ۋاقىت سەۋەبلىك مەن بۇ تارىخلار ھەققىدە جىق توختالمىدىم.  
    بىزدىكى مۇستاپا كامالچە مىللەتچىلىكنىڭ بىر ئىپادىسى مەن باشتىكى ئىنكاستا دەپ ئۆتكەندەك "تىلىمىزنى ئەرەب-فارىسچىدىن ساپلاشتۇرۇش". مان بۇنىڭغا قارشى، چۈنكى؛
    ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇندىن بېرى بولۇپمۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇرتىل-يېزىقىنى دۆلەت تىل-يېزىقى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن خەلقئارالىق تىل بولۇپ كەلگەن. تىلىمىزغا ئەرەپ، پارىس تىللىرىنىڭ كىرىشى مەلۇم جەھەتتە شۇ خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللۇنۇش زۆرۈرىيىتىدىن بولغان، بۇ تىللارغىمۇ ئۇيغۇر تۈركچىسىدىن نۇرغۇن ئاتالغۇلار كىرگەن. مەن يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان شەيئىلەرگە ئۇيغۇرچە ئات قويۇش تەشەببۇسىىغا مايىل لېكىن مەن ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھەرقانداق تەشەببۇسقا قارشى. چۈنكى ساپ تىللار ئاللىقاچان يوقالغان تىللار ۋە يوقۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان تىللاردۇر. شۇڭا مۇستاپا كامالچە ئەقىلدىن يۈز ئۆرىگەن مىللەتچىلىكنىڭ يولىدىن مېڭىپ بىرەر سۆزنىڭ گېپى بولۇپ بولغىچە ئەرەبچە فارىسچە دەپ قوپۇش زىيانلىق. ئەمەلىيەتتە بىز ئەرەب فارىسچە دەۋتقان سۆزلەر پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلىدا مەۋجۇد، شۇ مىللەتلەرنىڭ ھىچ بىرى مۇستاپا كامالدەك تىل ئىنقىلابى قىلىپ ئەرەب-فارىسچىنى تىللىرىدىن قوغلاپ چىقارغان يوق. بوۋىلىرىمىز ۋە مومىلىرىمىز بىز ئەرەبچە دەۋاتقان سۆزلەرنى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە دەپ بىلىپ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۈگۈن ئەمدى بىز شۇ مىڭ نەچچە يۈز يىل قوللانغان سۆزلەرنى ياتلاپ چىقىرېۋتىمىز دېسەك، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەرەبچە ئىسىم قويغىنىدىن ۋايساپ كەتسەك قانچىلىك ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولار؟. شۇڭا مۇنداق پايدىسىز ئۇرۇنۇشنى قويۇپ تۇرغىنىمىز ئەۋزەل. 
     
    مۆتىدىل:  
    گۇلان ئەپەندى، مەن سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا  قۇشۇلالمايمەن، چۈنكى سىزمۇ مەنمۇ پىروگىرامما بىلەن كونتىرۇل قىلىنىدىغان ماشىنا ئەمەس، بۇنداق ماشىنىلارنى يىتىشتۈرۈشكە ئورۇنىدىغان ئەقىدىلەرمۇ زامانىۋى دۇنيادا ئەمدى بازارلىق ئەمەس...
    ئالدى بىلەن سىز تىلىمىزنى ئەرەپ پارسچىدىن ساپلاشتۇرۇشقا مەن قارشى دەپسىز، راست گەپنى قىلغاندا بۇ سىزنىڭ دىنى ھىسسياتىڭىزدىن كىلىپ چىققان، بۇنى سىزمۇ ئىتىراپ قىلىسىز، بىراق دىن دىگەننىڭ پەقەت شەخسكىلا تەئەللۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دىنغا مايىللىقنىڭ ھىچكىمدە ھەتتا ئەرەپلەردە ھەم نورمال ئورتاقلىق پەيدا قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، دىمەك سىزنىڭ قارشى تۇرىشىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگە تەۋە.
    ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا فارسى زەبان تاجىكلارنىڭ قېنى بارلىقى بار بولغاندىمۇ خېلىلا بارلىقى بىز ئىتىراپ قىلمىساقمۇ چىرايىمىزدىن چىقىپ تۇرىدىغان بىر ھەقىقەت، ئۇنداق ئىكەن، تىلىمىزدا ئاز-تولا پارسچە ، تاجىكچە ئاتالغۇلارنىڭ بولىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بىراق كىتاپ ، قەلەم ھەتتا مەكتەپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەرەپچە بولىشى باشقىلاردا بۇ خەخ ئىسلامدىن بۇرۇن ھىچنىمە بىلمەيدىغان بەدەۋى خەخكەن دەپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ، ئاتا بوۋىلار ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ كىتاپ يازاتتى، بىراق پۈتۈك دەيتى شۇ. مەسىلەن، بەلكىم سىز ئىرىق پۈتۈك دىگەننى ئاڭلىغانسىز، ئالتۇن يارۇق دىگەن كىتاپنىڭ تۈركچە ئىسمى شۇنداق ئىكەن. قەلەمنى ، قەغەزنى، مەكتەپنى، دىرامما تىياتىرنى ئەرەپلەردىن بۇرۇنراق بىلگەنلىكىمىزنى تارخ ئوقۇسىڭىز بىلىسىز.
    سىز ئىنكاسىڭىزدا تېخى مۇستاپا كامالچە ئەقىلدىن يۈز ئۆرىگەن مىللەتچىلىك... دىگەن ئۇلۇق شۇئارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپسىز، بىراق سىز بىلىسىزكى مۇستاپا كامال ئەقىلسز بولغان بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت تۈركىيە قۇرۇلالمىغان بولاتتى، بۇ توغرىلىق مەن دىمىسەممۇ بۇ توغرىلىق دەلىل ئىسپاتلار بۇ تېمىدا يىتەرلىك كەلتۈرۈلدى، گەرچە ئۇ ئىنكاسلار ئۈچۈرۈلگەن بولسىمۇ...ئەقىلدىن ئازغان مىللەتچىلىك دىيىشكە توغرا كەلسە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنى ئەرەپلەرگە ھەتتا باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرگە خەلىپىلىك قىلدۇرماقچى بولغان مۇنبەر دىندارلىرىنى شۇنداق دىيىش كىرەكقۇ دەيمەن، چۈنكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۈركلەردىن قەرزى يوق ئۇلارغا مۇستەملىكە بولۇپ مەڭگۈ باج تۆلىگىلى.
    يەنە مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئۇقۇمىنى تىلغا ئاپسىز، دۇنيادا مۇسۇلمان مىللىتى ياكى مۇسۇلمان مىللەتلىرى دىگەن ئۇقۇمنى ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا يەنە كۆتىرىپ يۈرىمىز ھەتتا زورلاپ بازارغا سالىمىز دىسەك ئۇنداقتا سەل كىچىككەن بولامدۇ قانداق؟ چۈنكى بارلىق مىللەتلەردە ھەممە ئىتىقات ھەممە قاراشلار بار، مەسىلەن لۇبنان، يەنى لىۋاندىكى ئەرەپلەرنىڭ كۆپ قسىمىنىڭ خىرىستىيان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسىز، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى كۈرۈپ ئۇلارنى مۇسۇلمان مىللىتى دىيەلمەيسىز.
    ئاخىرىدا تەۋسىيەم دىن بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەرنى يامان كۆرمەيدىغان مىللەت مەنپەئەتى نوقتىسىدىن چىقسىڭىزلا ھەممىمىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئورتاق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالايسىز ھەم قاراشلىرىڭىز زاماننىڭ كەينىدە قالمايدۇ.
     
    گۈلەن: سىز ۋە سىز كەبىلەرگە مەسلەھەتىم
    مۇنازىرىدە مۇنازىرىچىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە قالايمىقان ھۆكۈملەردە بولۇش قائىدىگە خىلاپ. مەن بۇنى تولا دەپ ھېرىپ قالدىم. مېنىڭ كىملىكىم، ئىتىقادىم بىلەن قالماي دېگەنلىرىمگە پاكىتلىق رەددىيە بەرگەيسىز. گېپىڭىز بولسا ماڭا ئىنكاس يوللىماي، مۇشۇ يەردە دەرسىز.

    سىز ئالتۇن يارۇق، ئىرق بىتىگ ( بۇ خاتا ئوقۇلغان، ئەسلى ئارۋۇق بىـتىگ بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇرچىمىزدا جىن ئاۋۇماق دېگەن سۆز بار، ئەسلى بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى شەكلى جىن ئارۋۇماق، مەنىسى جىن سېھىرلىمەك دېگەن گەپ. ئارۋۇق دېگەن سېھىرلىك دېگەن مەنىدە. ئۇ كىتابنىڭ تولۇق مەنسى سېھىرلىك كىتاب دېگەن سۆز) دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ باققان بولسىڭىز تىلىمىزدىن ئەرەب فارىسچىنى قوغلاپ شۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە قايتىمىز دېمىگەن بولاتتىڭىز. ئوقۇغانلارغا ئايانكى ئۇ كىتابلاردىكى سۆزلەرنى مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇرچەدىن خەۋەردار مەندەك بىرى ئوقۇپ چۈشەنمىسە ئادەتتىكى ئۇيغۇر چۈشەنمەيدۇ. ھەم چۈشەنمىسىمۇ ھىچ نېمە بولمايدۇ. چۈنكى تىل ئالاقە قورالى، ھىچ كىم مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ.
    سىزچە بولغاندا ئاشۇ كىتابتىكى سۆزلەرنى يىغىپ ھازىرقى تىلىمىزدا مەۋجۇد ئەرەب فارىسچە ئورنىغا دەسسەتسەك بۇ تىلنى كىم ئالاقە قورالى قىلىدۇ؟ سىزنىڭ مۆتىدىل دېگەن تورنامىڭىز ئەرەبچە، قېنى بىر ئۇيغۇرچە گەپ تېپىپ ئالماشتۇرىۋالمامسىز؟ سىزگە بىر ساپ ئۇيغۇرچە شىئېر دەپ بېرەي، چۈشىنىپ بېقىڭچۇ؟
    ئالقىزۇ تۇرۇر قاتقات تاغدا
    ئامىل ئاغلاق ئاران ياتاندا
    ئارتۇچ سۆگۈت ئالتىندا
    ئاقار سۇبلۇقتا
    ئاتقاغسىزىن مەڭۈ تەگۈنگۈلۈك ئول
    ئانىتەگ ئورۇنلاردا

    سىز بۇلاردىن قانچە پىرسەنت چۈشەندىڭىز؟ سىزچە مۇشۇ سۆزلەرنى ئاتالمىش "ئەرەب فارىسچە" سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرساق ئۇيغۇرلار بىر بىرى بىلەن سىزدەك ياكى مەندەك مۇستاپا كامالچە تىل ئىسلاھاتچىلىرىنى تەرجىمانلىققا سېلىپ ئالاقە قىلارمۇ؟
    مۇستاپا كامالنىڭ تىل ئىسلاھاتى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تەرجىمانسىز ئالاقىسىنى يوققا چىقاردى. بۇرۇن تەرجىمانسىز ئالاقە قىلغان خەلقلەر ھازىر ئالاقە قىلالماس ھالغا كەلدى. قەشقەردە بېسىلغان 1933-يىلدىكى گېزىتىكە تۈرك ئاپتۇرلار ماقالە يېزىپتىكەن، قەشقەر خەلقى تەرجىمانسىز ئوقۇپ چۈشىنىپتىكەن(ئەگەر قىزىقسىڭىز يارىڭ ساقلانمىلىرى دەپ كىرگۈزسىڭىز شىۋىتسىيەدىكى ئەينى چاغدا قەشقەردە نەشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توردىن ھەقسىز چۈشىرىۋالالايسىز، ئوقۇپ بېقىڭ)، ھازىر قېنى كىم كامىدا 4-5 ئاي تۈركىيە تۈركچىسى ئۆگەنمەي تۈركچە ماقالە ئوقۇيالايدۇ؟
    تىل ئىسلاھاتى نەتىجىسىدە تۈركىيەدە قانۇن ماددىلىرنى چۈشەنمەي (چۈنكى سۆزلەر ئاتالمىش تۈركچىلەشتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن) قانۇن ئىجرا قىلىش دەخلىگە ئۇچرىغان، مائارىپ چېكىنگەن، خەلق گېزىتلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەس بولغان. بۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۈركىيە كەمىدە 20 يىلدىن ئارتۇق جاپا چەكتى.
    خوش ئەمدى شۇ ئىشنى بىز قىلساق، سىزچە بولامدۇ؟ قايسى كامالسىمان ئىنقىلاپچى سىزگە خەلقنى ئىسلاھاتقا مەجبۇرلاپ بېرىدۇ؟
    ئۇيغۇرچىنى ساپلاشتۇرمىز دەيسىز، بۇ يەردىكى ساپ سۆزى ئەرەبچە ئۇنى چىقىرۋەتسىڭىز ئۇيغۇرچىنى نېمىلەشتۈرىمز دەيسىز؟ بەلكىم پاكلاشتۇرمىز دەرسىز، پاك سۆزى پارىسچە تۇرسا يەنە نېمىلەشتۈرىسىز؟
    سىز ھازىر ئەرەبچە پارىسچە دەۋاتقان سۆزلەرنى ھىچ بىر پارىس ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ، ھىچ بىر ئەرەب ئاڭلاپ ئاڭقىرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مىڭ يىلدىن بېرى ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلىشىپ خەق ئايرىيالماس ھالغا كەلدى. خەق ئەرەب-فارىسچە دېيەلمەيۋاتقان سۆزلەرنى سىز ئايرىپ خەققە قايتا تارقىتىپ بەمەكچىمۇ؟
     
    گۈلەن:
    مۇنازىرە چىڭغا چىققاندا مۇشۇنداق، "سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز، خەق بىزدىن ياخشى بىلىدۇ" دېگەندەك سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق گەپلەرنى دېمەكتىن ئاسان چېكىنىش يولى يوق.

    مۇستاپا كامالچە ئىسلاھاتچىلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئاۋامنى پەس كۆرۈش، مىللىتىنى كەمسىتىش، خەلقنى بىر جانسىز، ھوقۇقسىز ئوبېكىت سۈپىتىدە مۇلاھىزە قىلىش. مەن شۇ ئىسلاھاتچىلاردىن سورىسام دەيمەن، سىز ئۇنى ئىسلاھ قىلمىساق ئۇنداق تۈگىشىمىز، بۇنى تازىلىمىساق بۇنداق ۋەيران  بولمىز دەۋاتقىنىڭىزدا سىزگە ۋەھى كەلگەنمىدى؟ نەدىن بىلدىڭىز بىر خەلقنىڭ سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىمىسا، ئىسلاھاتلىرىڭىزغا ئەگەشمىسە تۈگىشىدىغانلىقىنى؟ سىز خەلقتىن پىكىر ئېلىپ باققانمۇ؟ سانلىق ئانالىز قىلىپ سىز دەۋاتقان شۇ ئاتالمىش "قالاق"لىقلارنىڭ قانچە پىرسەنتلىكىنى تەكشۈرۈپ باققانمۇ؟ سىز ئىسلاھ قىلىمەن دەۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ ئىسلاھاتىڭىزغا مايىل ياكى ئەمەسلىكىنى سىز نەدىن بىلىسىز؟ سەن مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلار ھىچ نېمە بىلمەس، سىزلا بىلەرمەنمۇ؟ سىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان توپ نادان سىزلا ئاقىلمۇ؟ ئۇلارنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا سىزنىڭ نېمە ھەددىڭىز؟
    يۇقارقىلارنى تەدبىقلىساق ئۇيغۇرلار مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئەرەب پارىسچە ئىسىم قوللۇنۇپ كەلگەن، بۇ سەۋەپلىك يا ئەرەب ياكى پارىس بولۇپ كەتكەن يوق. ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەب پارىسچە سۆزلەر مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلىشىپ قوللۇنۇلغان بۇ سەۋەبلىك بىرەر ئۇيغۇر ئۆزىنى كەمستىپ مىللىتىدىن تانغان يوق. ئون مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسلۇق بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى قوللۇنۇپ كەلگەن تىلىنى ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن دېيىشكە سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز، ئىجازىتىڭىز بارمۇ؟
    خالىساڭىز ئىسمىڭىز جوردان بولسۇن، خالىساڭىز خەنسۇچە سۆزلەڭ، خالىساڭىز پولۇنى چوكىدا يەڭ بۇ ئۆزەڭىزنىڭ ئىشى. لېكىن سىز خەقنىڭ چوكىدا تاماق يىيىشىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ قولىدا پولۇ يىيىشىنى قالاقلىققا چىقارساڭىز، خەقنىڭ شىلەپە كەيگىنىنى دورىۋېلىپ تۇماق كەيگەن ئۇيغۇرنى نادان دېسەڭىز، نەچچە مىڭ يىلدىن قوللۇنۇپ كەلگەن تىلىمىزنى ئىسلاھ قىلىمەن دېسەڭىز، بوۋلىرىمىزنىڭ ئادەتلىرىنى ھېلى خوراپاتقا ھېلى بىدئەتكە چىقىرىپ كەمستىسەڭىز بۇنى بىز سىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىق دەيمىز. كەمسىنىش پىسخىكىسى ئېغىر بولغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسەسى كەمتۈك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى-كۆڭلى پۈتۈن ئەمەس. يۈرىكىڭىزنى سىلاپ بېقىڭ، كىمنىڭ پەرزەنتىسىز؟ ئاتا-ئانىڭىزنى ئىنكار-ئىسلاھ قىلىمەن دەيسىز، سىز ئۇلارغا نېمە قىلىپ بەرگەنگە شۇنچە گۈركىرەيسىز؟ 
    مەن كامالچە تىل ئىسلاھاتچىلىرى، دىن ئىسلاھاتچىلىرى، كىيىم-كېچەك ئىسلاھاتچىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەت ئىسلاھاتچىلىرىغا يۇقارقى ئىنكاسىمدا قاراشلىرىمنى دېدىم، بەلكىم سىز بۇ مۇنازىرىگە قىستىلىپ كىرىۋالغان بىلەن مۇستاپا كامال نېمىنى ئىسلاھ قىلغان، قانداق ۋاستە قوللانغان، نەتىجىسى نېمە بولغان دېگەندىنمۇ بىخەۋەر بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا تېپىۋالغان گېپىڭىز "مۇستاپ كامال تۈركلەرنىڭ ئۇلۇق داھىسى" دېگەن بىر ئېغىز ئەنگۈشتىرىڭىز.

    مەن مۇنازىرنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ كامالچە ئىسلاھاتنىڭ قىسقىسى كامالىزىمنىڭ بىزدىكى تەسىرىگە بۇراپ بولالماي ئاۋارە، بىر قىسىم مۇنازىرىچىلەر بۇنى مۇسۇلمان-نامۇسۇلمان تارتىشمىسىغا سۆرەش بىلەن بەنت. يەنە بىر قىسىملار لايىقلىق(دىننى ھاكىمىيەتتىن ئايرىش) دېگەندەك ھازىرچە بىزدىن يىراق بولغان گەپلەرنى قىلىشقا مەشغۇل.
    مۇستاپا كامال تۈركچىنى ئىسلاھ قىلىشتا مۇنداق دېگەن "بىز تۈركچەمىزدەن ئاراپ-فارىسچا كەلىمەلەرى ئىخراج ئەدەجەيىز" (بىز تۈركچىمىزدىن ئەرەب-فارىسچە سۆزلەرنى چىقىرىۋېتىمىز) بۇ يەردە تۈركچە، ئەدەجەيىز (ئېتىمىز) دېگەندىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھىچ قايسى تۈركچە ئەمەس. بۇ خۇددى ئۇيغۇرچىنى ساپلاشتۇرىمىز دەۋاتقانلارنىڭ "ساپلاشتۇرۇش" دېگەندىكى ساپ(ساف) سۆزىنىڭ ئەرەبچە ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر "تىل ئىسلاھاتچىلىقى" بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىغا ئوخشايدۇ.
    خۇلاسىلىساق قىلىۋاتقان ئىشىمىز يا ئىلىمگە ئۇيغۇن ئەمەس، ياخەلقنىڭ رايى ئەمەس، پەقەت شەخسى ئويلىرىمىز ۋە تۇيغۇمىزنى مىللەتلەشتۈرۈپ داھىلىق تاماسى، خۇدالىق داۋاسى قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    كامالچە تىل ئىسلاھاتچىلىرى 21- فېۋرالنىڭ دۇنيا ئانا تىل بايرىمى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارمۇ بىلمىدىم. سىز ئۇيغۇرچىنى ئانامنىڭ تىلى دەپ قارامسىز ياكى قالاقنىڭ تىلى دەپ قارامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. بىز ئۇيغۇرلار چوڭ ئىش قىلالمىساقمۇ ئارىمىزدىن بىرسىنىڭ بىرلا ھاياجان بىلەن تىلىمىزنى ئىسلاھ قىلىمەن دېيىشىگە قاراپ تۇرمايمىز. چۈنكى بۇ ئانمىزنىڭ تىلى، ئاتىمىزنىڭ تەۋەرۈكى. مۇستاپا كامالنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ يېزىق ئۆزگەرتمىگەن، تىلىنى ساپلاشتۇرمىغان كورىيەلىكلەر، ياپۇنىيەلىكلەرمۇ تەرەققىي قىلىپ بىزگە ئۈلگە بولغۇدەك ھالغا كەپتۇ. شۇڭا كومپىيوتىرنىڭ ئارقىسىغا مۆكىۋېلىپ "ئىسلاھاتچى" "يېڭىلىقچى" بولۇۋالماي ئاۋال ئازراق ئوقۇپ، چۈشىنىپ سۆزلىسەكمۇ كېچىكمەيمىز. 
     
    نۇرقىزى:
    مەن مۇستاپا كامالنىڭ مۇنازىرىسىدە بىرلا  نوقتىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن،ئۇ بولسىمۇ مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەكس ساداسى،بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدىيە تۇقۇنىشى ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز،قاياققا مېڭىشنى بىلمەيمىز،بىزدە ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە ھازىرقى ئەھۋالىمىز توغرىسىدا ئۇچۇق-ئاشكارە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلالمايدۇ،نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى ئاشكارە سۆزلەپ خەلقنى ئويغاتقىلى بولمايدۇ،پەقەت ئىنتايىن چەكلىك بولغان مەتبۇئات ۋە ئاخباراتلار ئارقىلىق يىتەكلىنىپ كىتىۋاتىمىز،نۇپۇسىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇپتا، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى جەنۇپتىكى نۇپۇسنىڭ80%دىن كوپرەكىنى ئىگەللىگەن دىخانلىرىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى بەك تۈۋەن بىلىم ئۈگۈنىشنى خالىمايدۇ،ھۆكىمىتىمىز يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەل سىياسەتلەردىن ئمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ  بىلىم ئىگەللەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى بىلمەيدۇ،بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ.
       دەل مۇشۇنداق شارائىتتا خەلقئارانىڭ تەسىرى ۋە ئۇچۇرلىشىشىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا يىڭى بىر ئىسلام دولقۇنى كۆتۇرۇلدى ئەتراپىمىزنى ھەر خىل پەتىۋالار قاپلاپ كەتتى بىدئەتنى ئايرىش قىزغىنلىقى كۆتۇرۇلدى،مەن گەرچە بۇ ئىشلارنى تىگى ماھىيىتىدىن چۈشىنىپ كىتەلمىسەممۇ لېكىن سېرتقى ھادىسىلەرگە قاراپ بۇ ئىشلارنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق ھەم پايدىسىز تەرەپلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتىم.
         پايدىلىق تەرىپى ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بارغانسىرى ئېنىق چۈشىنىۋاتىمىز ئۈنىڭ گۈزەل بىر دىن ئىكەنلىگىنى بىلىۋاتىمىز دىنىمىزغا بولغان ھۆرمەت كۈچەيدى،نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭ تەسىرىدە بولمىغۇر ئىشلاردىن قۇلىنى تارتتى.بالىلىرىنى جەمىيەتتىن كىلىدىغان يامان تەسىرلەردىن مۇداپىئە قىلالمىغان ئاتا-ئانىلار دىنىمىزغا مۇراجەت قىلىۋاتىدۇ.
         يامان تەسىرى بولسا بىر قىسىم بىلىش دائىرىسى تار،ھېچقانداق پەننى بىلىملەردىن خەۋىرى بولمىغان،دىنىمىزنىمۇ تۇپ نوقتىسىدىن چۈشەنمەيدىغانلار پەن بىلەن دىننى قارىمۇ-قارشى ئورۇنغا قۇيۇپ مىللىتىمىز ئىچىدە بۈلۈنمىچىلىك قىلىۋاتىدۇ،مىللىتىمىزنى قۇتۇپلارغا ئايرىۋاتىدۇ .دىن ئارقىلىقلا جان بېقىش پەلسەپىسى بارغانسىرى بازار تېپىۋاتىدۇ.مەن مانا مۇشۇ نوقتىلاردىن بۇ مۇنازىرىنى كۈزىتىپ كىلىۋاتقان لېكىن راستىنى دىسەم ھېچقانداق ئەمەلي نەپكە ئىرىشەلمىدىم.بىزگە   ئۆ ز ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن كىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى لازىم بۇلىۋاتىدۇ ،لېكىن بۇنداق ئەندىزە زادى نىمە؟نەدە؟مەن مۇشۇنىڭغا جاۋاپ ئىزدىمەكچى ئىدىم.
       گۇلەن قېرىندىشىم مەن باشتىن ئاخىرى سېزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا پىكىرلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋاتىمىەن سىزگە بەك ھورمىتىم بار ،ئىمكان بولسا مۇشۇ مەسىلىلەردە ماڭا جاۋاپ بەرسىڭىز.سىزدىن مىننەتدار بولاتتىم. پەن بىلەن دىن قانداق بىرلەشتۇرىلىدۇ ؟مىللىتىمىز ھازىرقى ئەھۋالدا ئۈز ئەھۋالىمىزغا لايىق كىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى نەدىن ئالىدۇ؟
     
    گۈلەن: ھۆرمەتلىك نۇرقىزى
    مەن سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىشكە لايىقمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا مەن بىلگەنچە بىر نېمە دەپ باقاي، چالا قالغاننى بىلگەنلەر تولۇقلاپ قويار.
    دىن بىلەن پەن قارشى ئەمەس. بۇ سۈنئى قارشى قىلىپ قويۇلغان ئىككى ئۇقۇم. ئىنساننىڭ تەبىئەتكە قويغان سۇئاللىرى ۋە ئىزدىنىشلىرى تەبىئى پەنلەرنى(فىزىكا، خېمىيە، بىولوگىيە...)، ئۆزىگە ۋە قەلبىگە قويغان سۇئاللىرى ئادىمىيەت پەنلىرىنى(تارىخ، ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت پەنلىرى)، جەمئىيەتكە قويغان سۇئاللىرى ئىجتىمائى پەنلەرنى(ئىقتىسادشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلق...) پەيدا قىلغان. ئەمدى دىنغا كەلسەك ئىنساننىڭ ئۆزىدىن، تەبىئەتتىن، جەمئىيەتتىن ھالقىغان بىر مەۋجۇدلۇق ھەققىدىكى تەپەككۇرى دىندۇر.
    بۇ پەيلاسۇپلارنىڭ دىن ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن ئېسىمدە قالغانلىرى مېنىڭ قارشىم ئەمەس.
    دىننى پەن نوقتىسدىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن، بەزىلەر پەندىن چىقىپ دىننى يوققا چىقىرىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئىنكار قىلسىنسا مەن ئىشەنمەيمەن. دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ پەن نوقتىسىدىن، ياكى باشقا نوقتىدىن دىننى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بار، لېكىن شۇ ئىنكارلىرىنى ماڭا تېڭىشقا ھەققى يوق. كىمنىڭ قانداق ئىتىقادتا بولۇشى كىشىلىك  ھەق مەسىلىسى.  مەن ئاللاھنىڭ  تۇنجى ۋە ئەبەدىي مەۋجۇدلۇق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئىنسان تەپەككۇرىدىدىن مۇستەسنا مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.  
    بۇ يەردە دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش دېگەن گەپ بولمايدۇ. پەن ئىنساننىڭ بىلىش، تەپەككۇر ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەۋجۇد، دىن بولسا ئىنساننىڭ ئىتىقادىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن مەۋجۇد. بۇ ئارىدا ھىچ بىر زىددىيەت يوق. تەپەككۇر ئىنسان ئۈچۈن ئىباردەتتۇر، ئاللاھ كالامىدا بىزنى ھەرزامان تەپەككۇرغا ئۈندەيدۇ. ھەرقانداق پەن تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. تەپەككۇرنىڭ ئىسپاتى فورمىلا ۋە تەجرىبىدۇر(قىسقىچە ئېيتساق ئەمەلدە كۆرسۈتۈشتۇر)، تەپەككۇر بىلەن تەجرىبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشۇتۇش مۇمكىن.
    مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى مىللىي قەدەرىيەتلەرنى شەرت قىلىدۇ. بۇ يەردىكى قەدەرىيەت ئۇيغۇر ئەزىز دەپ بىلگەن، ئىتىقاد قىلغان مەنىۋىي بىرلىكلەردۇر. ئۇيغۇرلۇق ئۆلچىمىنىڭ نېگىزى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى نېگىز قىلغان قەدەرىيەتلىرى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ تۇغۇلىشىمىزدىن ئۆلۈمىمىزگە قەدەر بىزگە ھەمراھ بولىدۇ ۋە داۋام قىلىدۇ. ئۆزىنى مۇسۇلمان دېمىگەن ئۇيغۇرغىمۇ ئاتا ئانىسى ئەزان چىللاپ ئىسىم قويغان، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى تۈرلۈك سۈننەت ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلغان. شۇڭا بىر ئۇيغۇر مەن مۇسۇلمان ئەمەس دېگەن بىلەن چوشقا گۆشىنى يىيەلمەيدۇ، ئاتېسىنىڭ ساقىلىغا ئېسىلالمايدۇ، سىڭلىسىنىڭ نىكاھسىز قېچىپ كېتىشىگە چىدىيالمايدۇ. مەيلى قانداق مىسال بىلەن چۈشەندۈرمەيلى، مىڭ يىللىق ئىسلام دىنىمىز مىللىي قەدەرىيەتلىرىمىزنىڭ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ نېگىزى.
    تەرەققىيات ئەندىزىسنى تاللاش مەسلىسى مەۋجۇد ئەمەس. بۇ ھەممىمىزگە ئايدىڭ.
    بىز تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەمەس تەرەققىيات ئەندىزىسى بىزنى تاللاپ بولغان. مەسىلنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى تاللاش پۇرستىگە قادىر بولالماي،  تاللىنىش قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغانلىقتىن باشلانغان ۋە داۋام قىلىۋاتىدۇ. سىز دېھقانلارنىڭ ئىلىمسىزلىكىدىن ئېچىنىپسىز. بۇ كۆيۈنۈشتىن بولغاچقا سۆيۈملۈك تۇيغۇ بولسىمۇ پەقەت تۇيغۇ خالاس. دېھقانلارغا بۇ زامان چۈشىنىكسىز، سىياسەتلەر چۈشىنىكسىز، تۈزۈم چۈشىنىكسىز. خوش، كادىرغا چۈشىنىكلىكمۇ؟ ساۋاتسىز دېھقاننى باشقۇرىۋاتقان كادىر بۇلارنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟  ئۇلارنىڭ ئاۋامغا چۈشەندۈرۈشكە قانچىلىك تاقتى، ئىخلاسى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بار؟ مەسىلە چۈشەنمىگەن دېھقاندا ئەمەس چۈشەندۈرمىگەن كادىردا، زىيالىدا، موللىدا.  بەزى ھاللاردا ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشنى خالىمايۋاتقانلىقىدا ۋە چۈشەندۈرۈشتىن قورقۇۋاتقانلىقىدا، ھەتتا دېھقاننىڭ چۈشنىپ قېلىشىنى خالىمايۋاتقانلىقىدا. مەن بىر كەنتتە تەرجىمانلىق ۋە كاتىپلىق قىلغان. مەن گۇناھنى ئىمكانسىزلىق، ئامالسىزلىق، ھودۇقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان دېھقانلارغا قويالمايمەن.
    سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەلمىدىم، ئەپۇ قىلىڭ.
      
    گۈلەن: كانفېسشېنگە
    "بۇرادەر ، ئوتتۇرا  مەكتەپتە دۇنيا  تارىخى دەرسلىگى  ئۈگەنگەنمۇ ؟  مۇستەملىكىچىلەر  ئوتتۇرا  شەرق  ۋە ئافرىقىنى مۇستەملىكە  قىلغاندا مانا مۇشۇنداق  ئەرەپلەر  ئوتتۇرىسىغا  بۆلگۈنچىلىك  سېلىپ 20 نەچچى  خىل ئەرەپ  تىلى  لەخجىسى بارلىققا  كەلتۈرگەن، مىسىرلىقنىڭ  گېپىنى  ئىراقلىق، سۈرىيەلىكنىڭ  گېپىنى ماراكەشلىك  چۈشىنەلمەيدىغان ھالەتكە  ئەكىلىپ  قويغان ، ئىسلامدىن  يىراقلاشتۇرغان ، ساقال  قويۇش،  ياغلىق  چىگىشنى چەكلىگەن... ئاللاھقا مىڭ  مەرتىۋە  شۈكرى مۇقەدددەس كىتاۋىمىز  قۇرئانى  كەريم  يەنىلا  ئاخىرى  بۇ  مۇسۇلمان  قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلچەملىك  ئەرەپ  تىلىنىڭ  ۋە  مۇستەھكەم ئېتىقاتنىڭ قوينىغا  ئەكەلدى ھەم  ئېكىلىۋاتىدۇ."

    يۇقارقى گېپىڭىزگە سىز ئۈچۈن ئىنكاس يازمايۋاتىمەن، شۇڭا مېنى ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىۋاتىدۇ دەپ ئويلىماڭ. مېنىڭ سىز بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغىدەك مىنىۋالغان ئېتىم يوق. ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ توپرىقىغا ياراتقان، يىقىلسام يەنە شۇ توپراققا يىقىلىمەن، شۇڭا مۇنازىرىنى مېنى يىقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولسىڭىز غەلىبە سىزنىڭ بولسۇن.
    سىزگە تارىخ توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىشىمنىڭ ئورنى يوق. سىز بەلكىم دۇنيا تارىخنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى ئوقۇغانسىز، لېكىن ئۇ تارىختىمۇ ئۇنداق گەپ يوق. سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ئوقۇغان دۇنيا تارىخىدا تاتارلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە سۈرگۈن-قىرغىن قىلىنغانلىقى بارمۇ؟ قازاقىستاندا 1918-يىلى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ باسمىچىلىقتا، سوۋىت كومۇنىىستىك  پارتىيىسىگە قارشىلىقتا ئەيپلىنىپ قىرىپ تاشلانغانلىقى بارمۇ؟ سوۋېتلەر ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان يىللىرى سوۋىتلەرنىڭ قىرغىنىدىن قاچقان قازاق، ئۆزبېك، تاتار، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئۇيغۇر تەۋەسىگە ئون مىڭلاپ ماكانلاشقىنى بارمۇ؟ شىڭشىسەينىڭ نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر باي، موللا، زىيالىنى قىرىپ تاشلىغىنى بارمۇ؟ ياقۇپ بەگ مەغلۇپ بولغاندا قورقۇپ قاچقان نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇرنىڭ قار مۇزلۇق دالىدا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگىنى بارمۇ؟ مەن سىزگە ھىچ بولمىسا قازاقچە ياكى ئۆزبېكچە ئۆگىنىپ، شۇ تىللاردىكى تورلارنى بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ، كىتابلارنى ئوقۇپ ئاندىن بىر نېمە دەڭ دېمەكچى. بولمىسا ماسون تەشكىلاتلىرى دۆلىتىمىزگە بېسىپ كىرىدىيەي، غەرپ ئەزەلدىن ئىسلامغا قارشىيەي، غەرپ دېموكراتىيەسى ئىسلامنىڭ دۈشمىنىيەي...دېگەندەك ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنى بۇ يەردە بازارغا سېلىشتىن ساقلىنالمايسىز.

    تىل دېگەن سىز بۆلگەنگە بۆلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. تىللارنىڭ ئايرىلىشى تارىخى جەريان، ھىچ قانداق كۈچ تىلدا مۇتلەق بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلالمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىزدىن يۈز يىلدىن ئارتۇق ئايرىلىپ ياشىدى لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزنى ھىچ كىم ئايرىم قىلىپ قويالمىدى. تۈركىيە تۈركلىرى بىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدا ياشىدى بىزنىڭ تىلدىكى  مەدەنىيەتتىكى بىرلىكىمىزنى ھىچ كىم يوقۇتالمىدى. بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى بۇزۇشقا ئىنتىلگەنلەر يوقمىدى؟ سىزچە ئەرەبلەرنىڭ تىلىدىكى بىرلىكنى غەرپ مۇستەملىكىچىلىكى بۇزغانمىدۇ؟ بولۇپتۇ تىلىنىغۇ بۇزغاندۇ دىلىنىچۇ؟ پۈتۈن گۇناھ بۇزغۇچىدا بولسا بۇزۇلغۇچى ماشىنامۇ؟ سىزچە ئەرەبلەرنى 22 دۆلەتكە غەرپ مەجبۇرى پارچىلاپ قويغانمىدۇ؟ سىزچە مۇبارەكنى، بەشىرنى، ئابدۇللاھنى ئامېرىكا ياكى ياۋورۇپا تەختكە مىخلاپ قويغانمىدۇ؟ ئەگەر جاۋابىڭىز "شۇنداق" بولسا پۈتكۈل ئەرەبلەر شۇنداق بىچارە، ئاجىز، نامرات، نادانمۇ؟ سىزچە بولغاندا دۇنيادا ھەممە يامان ئىش غەرپتىن ھەممە ياخشى ئىش مۇسۇلماندىن ياكى شەرقتىن كېلەمدۇ؟ سىز بەلكىم ھەئە دەرسىز، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بولۇپتۇ دەيمەن.
    ئەرەبلەرنىڭ تىلى ئاللىقاچان شىۋىلەرگە بۆلۈنگەن، بۇ تەبىئى قانۇنىيەت. لېكىن ئەرەبلەرنى مۇستەملىكە قىغان غەرپ رۇسلاردەك ئۇلارنىڭ ھەر بىر شىۋىسىنى ئايرىم تىل، ھەر بىر يۇرتتىكىسىنى ئايرىم مىللەت قىلىپ ئايرىپ قويمىغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تارىخ يېزىپ بەرمىگەن ۋە ئارىلىرىغا  ماجرا  تېرىپ قويمىغان. مۇشۇ ئىشنى قىلغان بولسا سىز بۈگۈنكىدەك ئۇلارنىڭ ئەرەب دېمەيتتىڭىز. چۈنكى سىز دۇنيا تارىخى ئوقۇيسىز، دۇنيا تارىخنى تارىخ يېزىش ئىمتىيازى بارلار يازىدۇ، سىز شۇنىڭغا .ئاساسەن قاينايسىز. 
     
    دېليار؛ يۇقاقى ئىنكاسقا
    گۈلەن ئەپەندىنىڭ يۇرۇت سۆيگۇسىنى ئىتىقاتسىزلىق دىمەك  بەكمۇ ئورۇنسىز بۇنى مەجبورى تارتىپ سۆرەپ مىللەتچىلىك،ئىرىقچىلىق ھەتتا  دارۋىنىزىم،  شوۋىنىزىمدىن   بىلەن باغلاپ يىغىشتۇرىمەن دىيىش كۈلكىلىك ،  confession سىزنىڭ بازارغا سالماقچى بولغىنىڭىز ئەقىيدە -ئىمان بىلەن باغلىنىشى ئاجىز بولغان  تەرجىمە پىكرىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس،بەلكى بۇ تەرجىمە پىكىرلىرىڭىز بىلەن ئەتىراپىڭىزدىن قايىللىق يىغىپ مەۋجۇلىقىڭىنى ئىسپاتلىشىڭىز مۇنكۈن ،مەيلى، دىنىمىزنى ئىنكار قىلمىسلا مىللەتكە دۇشمەن بولمىسىلا  ھەر كىشى بولغانچە بولسۇن قىلغانچە قىلسۇن ئەمما بۇنداق  تەرجىمە مەنىۋىيەت  بىلەن بىر ئىنساننىڭ مىللەتكە بولغان سۆيگىسنى ئىتىقاتسىزلىققا ئاپىرىپ باغلىۋالماق  ئادەمنى تىرىكتۇرىدۇ ھەم سىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانلىچىلىقىڭىزغا زىيان يەتكۇزىدۇ .  مىللەت توپىدىن ئايرىلىپ مەنىۋى سەركەردان بولۇپ كەتمەىسىلىك ئۈچۈن بىر ئاز سوغۇققان بولۇپ ئاللاھنىڭ مىللەتنى بار قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر چىن ھەقىيقەتنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنۋىلىڭ ھەم مىللەت سۆيگۇسىنىڭ ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ  ئاندىن  سىياسى قىممىتى ئىلمى قىممىتىدىن كۆپ ئىغىر بولغان نەرسىلەرنى تەرجمە قىلىپ بىزگە تونۇشتۇرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز  .ئىنگىلىسچىنى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلسىز ،سىزنىڭ چىقىش يولىڭىز تەرجىمانلىق تىپىدىكى ئىشلار  بولۇپ قالىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ سىزگە سەمىيمى نەسىيىتىم جىق ئىشلارنى كاللىڭىزغا قاچىلاپ ئاسمانغا قاراپ مىڭىۋەرىرىپ يەردىكى نەرسىلەرگە پۇتلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ  دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگىنىڭ  
    confession
    تورداش ئوقۇغۇچى ئىكەن ،ئۇنىڭ گۈلەن ئەپەندىنىڭ  مىللەت سۆيگىسىنى ئىتىقاتسىزلىققا ئىشارەت قىلىشى ۋە گۈلەن ئەپەندىنىڭ شۈنچىلىك ئىنساپ ۋە ھايا بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىرىگە ئۇلۇغ شۇئار بىلەن جاۋاپ بەرگەنلىكى خارەكتىرىدىكى ئۆزىگە سەمىيمى يۇزلىنەلمەيدىغان ،شەخسى ئەيىپلىرىنى بۇيۇك ھەقىيقەتلەرگە سىڭدۇرۇپ يوقىتىشقا تىرشىدىغان  ئاجىزلىقىنىڭ تەپتىمۇ ؟لىكىن   ئۇ ئىپادە قىلىپ چىقارغان دىنى ئىتىقادىنى بىرلىرى ئالدىراپ  ئەرەپ مىللەتچىلىكى ۋە  ئۆز سىپىدا تۇرالماسلىققا باغلاپ قالسا  بۇ يەنە شۇنداق قىلغان كىشنىڭ  دىنىغا بولغان باغلىنىشىغا زەرەر بىرىدۇ ھەم مۇسۇلمانلىق سەمىيىمىتىگە ئىزتىراپلىق  سۇئال قويىدۇ .    قايناپ كىتىشتىن بۇرۇن  بىزلەر(1) دىنىمىزنى  مەدىنىيەت ۋە   ھەقىيقەت كەڭلىكىدىن  سىياسەتكە يۆلەپ تار دائىرىدە ئىدىلوگىيلەشتۇرۋىتىشىنىڭ باش ئاخىرى(2) ئىنسان تەبىيتىدىكى مىللەت سۆيگىسىى ۋە  ئادەملەرنىڭ دۇنياۋى قۇتۇپتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇش يولىدىكى دۇنياۋى قايدە يوسۇن بولغان  دىمىكىراتىيىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت دىنغىلا خاس ئەقىيدە يۇكسەكلىكىگە كۆتۇرىلىشىنىڭ باش ئاخىرىدىن ئىبارەت  ئىككى نۇقتىدىن مەسىلىگە يىقىنلاشساق  مۇنازىرىنى ئىجابى تەرەپكە بۇرالايمىز.
     
    گۈلەن: يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسىگە
    يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسى ئەتراپلىق يېزىلغان يازما بولۇپتۇ، ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر. ئەمما مەنچە:
    1. ماقالىدە تەەرپپازلىق بار. دىندار دېگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى توپلاپ ئوقۇرمەننى قايىل قىلماقچى بولغان. بولسا پاكىت مەنبەسىنىڭ تەرەپسىزلىكىگە، تەھلىلنىڭ تەرەپسىزلىكىگە، يەكۈننىڭ تەرەپسسىزلىكىگە كۈچەپ باقسا. بۇنداق قولىمىزنىڭ ئالقىنىغىلا قاراپ كەينىدىكى مەينەتنى كۆرمەسكە سېلىپ تاماق يەۋەرسەك ياكى باشقىلارغا تاماق سۇنساق دۇرۇسلۇق بولمايدۇ.
    2. جۈملىلەر ئىلمىيلىكتىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەن. مۇستاپا كامالنى دىنسىز دېگۈچىلەر ئەرەبنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىدە سايىدايدىغانلار...دېگەندەك جۈملىلەر بىر ئىلمىي ماقالىدە كۆرۈلىدىغان ئىش بولماسلىقى كېرەك...
    3. يەكۈن چولتا ھەم ئاشقۇن. مۇستاپا كامالنى ئىنكار قىلغانلىق قانداقسىگە ئىسلامنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ؟ ھازىر ئىسلامىي تون ياكى ئۇيغۇرلۇق تونىنى كېيىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئىنكارسىز قاراشلىرى ۋە غايىسىنى بازارغا سالىدىغانلار ئاۋۇپ كەتتى، يامان يېرى بۇ بىر خىل تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىملار دائىم ئۆزىنىڭ شەخسى مۇددىئاسىنى، قارىشىنى، غايىسىنى مىللەتلەشتۈرۈرۈش ۋە دىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق «بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىق مىللەتكە، دىنغا قارشى چىققانلىقتۇر» دەپ جار سېلىۋاتىدۇ.  
    مەن دىنشۇناس ئەمەس، مۇستاپا كامالنىڭ دىنسىز ياكى دىندارلىقىغا باھا بېرەلمەيمەن. بۇ مەسىلە مېنىڭ ئىزدىنىشمنىڭ سىرتىدا. 
     
    گۈلەن:
    مۇنازىرە مۇشۇنداق داۋاملاشسا تۈگىمىگۈدەك، بۇنىڭ يامان يېرى يوق، لېكىن بىرسى دەپ بولغاننى يەنە بىرى تەكرارلايدىغان، ياكى ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى تەكرارلايدىغان يولغا چۈشۈپ قېلىپ ۋاقىت ئىسراپ بولغۇدەك.
    مەنچە مۇنازىرىدىن ئىككى مەسىلە بايقالدى
    1. ئىدولوگىيە توقۇنىشىغا پېتىپ قېلىش، ئاددىي مۇنازىرىچىنى دۇنياۋىي ئىدولوگىيەلەرنىڭ جارچىسى دەپ قاراپ دۈشمەنلىككە غەرق بولۇش. بۇنداق بولغاندا توردا ھەممە ئادەم خىيالىدىكى دۈشمەن ئىدولوگىيەگە قارشى پاكىتلارنى سۆزلەپ ئىنتايىن ئاددىي گەپلەرمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن.
    2. ھۆرمەت، ئىشەنچ، سەمىمىيەت كەم بولۇش. بۇنداق دېگەندە پەقەت مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈنلا، ئۆلىمالىق قىلىش ئۈچۈنلا مۇنازىرىلىشىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداقلا تېمىنى باشتىن كۆرمەيلا، كىرگەن پېتى بىرەر قۇر پېتىقلاپ، بىلىدىغاننى تۆكمە قىلىۋېتىپ ئىچى بوشاپ قالغاندا قۇيرۇقىنى خادا قىلىدى. يەنە بەزىلەر مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ ئىسىمىنىمۇ نەچچە ئون قېتىم خاتا دەيدۇ، تۈزۈتۈپ تۇرسىمۇ ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى بۇنداقلار ئۈچۈن قارشى تەرەپ پەقەت مۇنازىرە خۇمارىنى باسىدىغان بىر ئەرمەك. مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭمۇ ئاددىي ئادەم، ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكى يوققا چىقىرىپ قانداقتۇر بىر داھى سىياقىدا داھىلارچە نەسىھەت قىلىپ غايىپ بولۇدۇ.
    ئەگەر قارشى تەرەپنى دۈشمەن كۆرىدىغان، خەققە قالايمىقان ماركا چاپلايدىغان، ياكى ئاساسسىز پەرەز قىلىپ تۆھمەت چاپلايدىغان، قەستەن گەپ ئوينۇتۇپ سىەمىيەتسىزلىك قىلىدىغان ئىشلار تۈگىمىگۈچە مۇنازىرىدىن بىلىم ئالغىلى بولمايدۇ.
    مەنچە بۇ مۇنازىرىدە يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسىگە قۇرمۇ قۇر رەددىيە بەرمەي تۇرۇپ، مۇستاپا كامالنى دىن، ئۈممەت نوقتىسىدىن كۈزىتىۋاتقانلار پاسسىپ ئورۇندىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن ئاشۇ ماقالىگە بىرمۇ بىر رەددىيە بېرەلەيدىغان ياكى توغرا خاتاسىنى ئايرىيالايدىغانلارنىڭ مۇنازىرىنى ئاشۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى چۆرىدەپ داۋام قىلسا دەيمەن. 
     
    گۈلەن: كانفېسشېىنگە
     بەرھەق ، بۇ  تېما ئەسلى دىنسىزلار ، ئاتىزىمچىلار ، ياكى  مىللەتچىلەر ئايرىم  سەھىپىدە ، ئەھلى  كىتابلار  ۋە   مۇسۇلمانلار ئايرىم  سەھىپىدە مۇنازىرىلىشىدىغان تېما ، چۈنكى  ئەھلى كىتابلار  ۋە  مۇسۇلمانلار  ھەرقانداق  مەسىلىنى  ئالدى  بىلەن  ئېتىقادى  بىلەن  دەڭسەپ  بېقىپ باھالايدۇ  ياكى  چۈشىنىدۇ ، مىللەتچىلەر  بولسا  شەخسى  مەنپئەەتىدىن  ئېشىنسا ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىگىنى كوز-كوز قىلىش  ئۈچۈن  ياكى  ئىچ  پۇشۇغىنى  چىقىرىش ئۈچۈن مۇنازىرىگە قاتنىشىدۇ ،  چۈنكى  ئۇلاردا  بىرەر  بىر  مۇستەھكەم  مەۋقە  يوقتە؟!  لېكىن  بۇ  تېمىدىكى مۇنازىرە خۇددى ھازىر قى  ماۋۇ  ئۇيغۇر  مىللىتىمىزدەك  ئەبجەش ئارىلاشما  مۇرەككەپلىشىپ  كېتىپتۇ ... مەن  ئەمدى  بۇ  تېما  ئۈچۈن  ۋاقتىمنى  ئىسراپ  قىلماسلىغىم  كېرەك  خېخې ...

    ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى تۆۋە دېگەنلىك بولىدۇ. ئەسلى تولىمۇ چىرايلىق ئىسىم قويالايدىكەنسىز، لېكىن ئىسىمغا لايىق تۆۋىنى ھەمراھ قىلىش ھەركىمگە تەرس ئوخشايدۇ. زىكىر، پىكىر، شۈكۈرنى ھەمراھ قىلىش ھاياتىمىزنى بەندىلىك مەناسىغا چۈمكەيدۇ. بەلكىم مەن پۈتۈنلەي خاتا سۆزلىگەندىمەن، بەلكىم مەن ئەسلى مەنبەگە ئەمەس مەنبەلەرنىڭ تەرەپبار تەرجىمىسىگە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىۋاتقاندىمەن. ئويلىغانلىرىم، سۆزلىگەنلىرىم خاتا بولسا ئاللاھ كەچۈرگەي. سىزنىڭمۇ قاتتىق تەككەن، ياكى خاتا پەرەز قىلغان تەرەپلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
    مىللىتىمىزگە بۇ قەدەر ئۈمىتسىز ۋە سەلبى قارىشىڭىز مېنى ئويلاندۇردى. بۇنى سىز باشتىن شۇنداق دەپ كەلدىڭىز. ئۇيغۇرلار ئۇنداق، ئۇيغۇرلار بۇنداق دەۋاتقىنىڭىزدا مەن سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىۋاتقىنىڭىزدىن، سۆزلەۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرغا خاس دىلىڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىدىن شەكلەندىم. چۈنكى ئانا تىلدا بۇ قەدەر راۋان تەپەككۇر قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ، تەپەككۇرۇغا قانات بولۇۋاتقان ئانا تىلنىڭ ھەقدارلىرىغا بۇ قەدەر ئەقىدىسىز بولۇشى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.
    سىز بەلكىم باشقا دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقمىغانسىز، توغرىسى سىز تەلپۈنىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرىدە ياشاپ باقمىغانسىز. ئاتا بوۋىلىرىمىز "مۇساپىر بولمىغۇچە، (ئۇيغۇر) مۇسۇلمان بولماس" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ياشىغان. مەلۇم بىر شەھەردە تۇڭگانلار جىق ئېدى. ئۇيغۇرلارمۇ خېلى بار ئېدى. ئۇ چاغدا مەنمۇ ئۇيغۇرنى سىزدەك ئارىلىشىپ كەتكەن، ئىتىقادسىز، لايغەزەل، كۆيۈمسىز، ئاقچى، ئەيدىز كۆرەتتىم. سىزدەك ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ ئىسلام تونىغا ئورالغان تەلىماتىنى بازارغا سالاتتىم. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن ئەمەس تۇڭگانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشاتتىم. بىر كۈنى بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ قازا قىلغان خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ماڭا بۇنى بىر تىجارەتچى ئۇيغۇر يەتكۈزدى. ئۇلار بۇ شەھەردىن يەرلىك ئالماقچى ئىكەن، مېنىڭ ئارىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. مەن ئۇ ئىمانسىز ئۇيغۇرلاردىن يەرلىككە بەرگىدەك پۇل چىقمايدۇ-دەپ يەرلىككە پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىزدىمىگەن ئاخۇن قالمىدى. مەن بىلەن شۇنچە يېقىن ئۆتكەن "پىداكار" مۇسۇلمانلاردىن بىرەر يۈز سوم ئاران يىغىلدى. بۇلارنى ھېلىقى ماڭا تېلىفون قىلغان ئۇيغۇر بۇرادەرگە يەتكۈزسەم، ئۇلار پۇلنى ئاللىقاچان غەملەپ بولۇپتۇ، مەن پەقەت تىل ئۇقۇشۇپ يەرلىك سودىسىنى پۈتكۈزسەملا بولىدىكەن. بىز ئۇ يەرلىكنى ئون مىڭ سومدىن جىقراق پۇلغا ئالدۇق. شۇ پۇلنى مەن ئادەتتە ئاقچى كۆكچى دەپ ياراتمايدىغان، ئىمانسىزلىقتا ھاقارەتلەيدىغان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىش قىلىپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى يانچۇقچىلىرىنىمۇ يامان كۆرمەيدىغان بولدۇم. مەنچە ئۇلارنىڭ ئىمانى نامازدا، گەپتە ئەمەس، جانغا تاقاشقان چاغدىكى پىداكارلىقتا، مەردانىلىقتا. ئاز ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە ئوغۇرلۇق قىلىدۇ، ئەمما بىرقىسىم مۇسۇلمان مىللەتلەردەك بىرىنجى قەۋىتىنى ئاشخانا قىلىپ ئىككىنچى قەۋىتىدە خەقنىڭ پۇتىنى يۇمايدۇ، شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشخانا ئاچمايدۇ. ئىچكىرىدە مۇسۇلمان مىللەت ئاچقان ئاشخانىلار ئاشخانىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بېزەيدۇ، ئەمما ئىشىك ئالدىغان ئىككى نازىنىنىڭ يوتىسنى ئېچىپ كۆرگەزمە قىلىدۇ. ھاراق ئىچكەن ئۇيغۇرمۇ تۇڭگان ئاشخانىسىنىڭ تېمىدىكى ئايەتنى ئېلىۋېتىپ ئىچىدۇ. مەن بۇلارنى ئىچكىرىدە بەك جىق كۆردۈم. مەن ھاراقكەش ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانچە بىر قىلىقىنى خەقنىڭ مىڭ ئېغىز تەبلىقىدىن ئارتۇق كۆرىمەن.
    بەلكىم سىز مەندىن بىلىملىكتۇرسىز، شۇڭا مەن بىلمىگەن چوڭقۇرلۇقلارغا يەتكەنسىز شۇڭا مىللەتكە باشقىچە باھالىرىڭىز باردۇر. ئەمما مەن جاھان كەزگەن، سەرسان بولغان كۈنلىرىمدە ئۇيغۇرنىڭ ھەرقانچە تەلۋە، نادان، رەھىمسىزلىرىمۇ ھاياتلىقنى، غۇرۇرنى ھىچ نېمىگە ساتماي، بەدەل قىلماي ياشايدىغانلىقىغا شاھىد بولدۇم. مەن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" غا يازدىم، ئەمما ھەممە مىساللىرىنى ھىكايە قىلسام بىر رومان پۈتىدۇ. تېخى يېقىندا سىزدەك ئۇيغۇرنى يامان كۆرۈپ ئارىلاشمىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى يەنە شۇ ئۇيغۇر جامائىتى ئىگە بولۇپ دەپىن قىلدۇق. شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان، ئانچە مۇنچە ھاراقمۇ ئىچىپ قويدىغان بالىلار چېپىپ يۈرۈپ ھەل قىلدى. شۇنى ئېسىڭزىدە تۇتۇڭكى ئۇيغۇر ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئۆلتۈرمەي قان شورىمايدۇ. ئۇيغۇر ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئۆز دەردى ئۈچۈن ئىچىدۇ، خەققە خۇشامەت ئۈچۈن ئەمەس. ئۇيغۇر مۇشت كۆتۈرىدۇ، خەقنىڭكىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋاقتى كەلسە بۇرنىڭىزنى قان قىلىدۇ، لېكىن ئۈن چىقارماي روھىڭىزنى پايخان قىلمايدۇ. ئۇيغۇر كۆرۈشكەندە سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتقان بارماقلىرى بىلەن يۈزىنى سىپايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ سىزنىڭ سالام ئارقىلىق بەرگەن ھۆرمىتىڭىزنى كۆزىگە سۈرمەك ئۈچۈن. 
     
    گۈلەن: كانفېسشېىنگە
    «ئىسلام  دىنى  ئەرەپلەرگە چۈشكەن، ئەرەپلەر يالتىراپ  تۇرغان  ئېتىقاد  قېلىچى  بىلەن بەدىۋى،
    شامانىست، بۇددىست، مانىيخىست،  مۇشرىك،  ئاتەشپەرەس،  دىنسىز ھەق  يولدىن  خالىي
      ئەجدادىمىزنى  ئىمان  يولىغا ،  ھەقىقەت  يولىغا  باشلاپ  كىرگەن، ئەرەپكە  بولغان
    ئۆچمەنلىك  ئەمىلىيەتتە  نېگىزى  قەلبى " ئىسلامدىن  قورقۇش  كېسىلى " دىن
    زەخمىلەنگەن ئاجىز، كېسەل، تەلۋە ، بەدەۋىلىك  ،  قىتۇغۇرلۇق، قارا نىيەتلىك...ئارىلاشقان
    بىر  زەئىپ  روھتۇر، قېرىنداشلار  ئاگاھ بولايلى
    »
    مۆھتەرەم قېرىندىشىم
    سىز بىلەن سالقىن كاللا بىلەن پىكىرلىشەيلى. سىز بىرقانچە تېمىغا تەڭلا چاپلىغان "ئەرەبلەر بىزنى شامانىزىمدىن، ئازغۇنلۇقتىن، قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇپ ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى...ئەرەبلەر قىلىچى بىزگە ھەقنى...." دېگەن مەنىدىكى گەپلىرىڭىزگە ئازراق پىشمىغان ئويلىرىمنى دەپ باقاي. سىز داۋا قلىۋاتقان مۇسۇلمانلىق بىلەن ئەمەس، ئالدى بىلەن دۇنياغا ئورتاق ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ئۇيغۇرنى مۇنداق كەمستىش، ئۇيغۇرنىڭ تارىخنى كەمسىتىش ئەخلاقسىزلىق. سىزنىڭ جەنۇبى سۇداندىكى مۇستەقىللىقنى تاللىغان خەلقنى مۇسۇلمان بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا كەمستىكىنىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئەخلاقسىزلىق. بۇنىڭغا يەنە ئىتىرازىڭىز بولسا، مەيلى.
    تارىخ جەھەتتىن ئالغاندا بىزگە ئاللاھ ۋە ئاللاھ بەرگەن ئەقلىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، ئۇيغۇرغا ھىچ قايسى مىللەت بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغان، قالاقلىقتىن قۇتقۇزغان، ئۇيغۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قويغان، يارىدەم قىلىپ ياۋلاردىن ئازات قىلىپ قويغان ئەمەس. خەلقئارا سودا، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى بولغان يىپەك يولىنى بەرپا قىلغان، يىپەك يولىنىڭ ساھىبخانى، پاسىبانى بولغان بوۋىلىرىمىز لازىم بولغان بىلىم، ئىددىيە، كەسىپ ۋە يوسۇنلارنى ئۆزى خالاپ، سوراپ، ئىزدەپ بېرىپ ئۆگەنگەنلا ئەمەس،ئوخشىمىغان خەلقتىن بىلگەنلىرىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ دۇنياغا ئۆگەتكەن. خەنزۇلارغا بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنى ۋە ئاخىرىدا ئىسلام دىنى ئۇيغۇرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن. سىز ھەممە نەرسىگە "دىن" نوقتىسىدىن قارىغۇچى بولغاچقا بىز خەنزۇلارغا ئۆگەتكەن تۆمۈر تاۋلاش، توپ قۇيۇش، كىۋەز تېرىش، بۇغداي تېرىش، كۆنچىلىك، يۇڭ توقۇمىچىلىق...قاتارلىقلارنى تەپسلى دېمىدىم. سىزنىڭ تارىخ قارىشىڭىز تەرجىمە قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ كىتاپلىرىمىزدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئويدۇرۇپ چىقارغان كەكمەنىر شىئېرىلرىدىكى "خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم"  دېگەن سەۋىيەدە قاپتۇ. ئالماشتۇرغىنىڭىز "خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم" دېگەندىكى خەنزۇلار دېگەننى "ئەرەبلەر" دېگەنگە ئالماشتۇرۇۋاپسىز خالاس. تارىخ قارىشىڭىز بىنورمال بولغاچ سىز خالىمىغان تارىخى پاكىتلارنى بىلىشتىن مەھرۇم قاپسىز.
    ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق ئەزاسى قارالغان قارلۇقلار تۈركلەر ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ تۈركلەرنىڭ قىياپەتلىرى ۋە سالاھىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىمۇ "تۈرك تىلى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ" دېگەن ھەدىسنى تىلغا ئالغان. دىيارىمىزدا قارلۇق بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە قەشقەرگىچە شىمالدا ئالتايدىن جەنۇپتا خوتەنگىچە تارقالغان. قارلۇقلارنىڭ دىيارىمزنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇدلۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە يەردە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك پەيغەمبىرىمىز زامانىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سودىگەرلەر ئارىسىدا، تارقاق ھالەتتە بار ئېدى. ئۇيغۇرلار تۇنجى قەدەمدە ئىسلامغا ئەرەبنىڭ قىلىچى ۋاستىسى بىلەن ئەمەس پەيغەمبىرىمىز زامانىدا سودا تىجارەت ۋاستىسى بىلەن كىرگەن. كېيىن بۇ تىجارەتچىلەر پادىشاھلارغا تەسىر قىلىپ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتقان. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد دېگەن بۇ نەرسىنىڭ دۆلەتتە قانداق ئورنى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ئۇلارنىڭ خاقانلىرىمىزغا تەسىر قىلالىشىنىڭ ۋەزنىنى ئاڭقىرالايسىز. ساتۇق بۇغراخان ئىسلامنى دۆلەت دىنى قىلىشتىن بۇرۇنلا ئوردۇكەنت قەشقەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولغان. ئەگەر تارىخنى سىرلىق دەپ بىلمەي، ئەقىل بىلەن تەھلىل قىلساق، مۇسۇلمانلار مەلۇم سالماقنى تەشكىل قىلمىغان دۆلەتتە خاقان دۆلەتتە ئىسلامنى جاكارلىسا چوقۇم تەختتىن غۇلاپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىرلا ساتۇق بۇغراخانغا تەۋە قىلىپ قويۇش ئىلمىيلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە شەخسنىڭ قۇدرىتىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇش نادانلىقىدىن باشقا گەپ ئەمەس. فارابى(872-960) بوۋىمىز 9-ئەسىردە ياشىغان دۇنياۋىي ئالىم، پەندە ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئېدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەيغەمبەرىمىز زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن شەكلەنسىڭىز 9-ئەسىردە ياشىغان فارابىنىڭ مۇھەممەد ئىسىملىك مۇسۇلمان داداسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخى پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىن باشلانمىغان بولسا بىزدىن9- ئەسىردىلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا مەشھۇر ئالىمنىڭ چىقىشىغا ئەقىل يەتكۈزەلمەيمىز. شۇڭا سىزنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخىمىزنى ئەرەبلەرنىڭ قىلىچىنىڭ تۆھپىسى دېيىشىڭىز ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇنى مەن مۇستاپا كامال ھەققىدىكى مۇنازىرىدە بۇرۇن دەپ بولغان، سىز قەستەن ئاڭلىماسقا سېلىپ دەۋەرگەچكە قايتا ئەزۋەيلەپ قويدۇم.
    ئۇيغۇرنىڭ قايسى مىللەتتىن ئۆگنىشى ئەسلى بىر نورمال ھادىسە. لېكىن بۇ يەردە سىزنىڭ خەقنى ئۇستاز بىزنى شاگىرىت؛ خەقنى باشلىغۇچى بىزنى ئەگەشكۈچى، خەقنى قېلىچ بىلەن ھەقىقەت تارقاتقۇچى بىزنى قورقۇپ، بويسۇنۇپ قوبۇل قىلغۇچى قىلىپ تەرغىپ قىلىشىڭىز، تەشۋىقاتقا چۈشىشىڭىز مېنىڭچە ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇلا ئەمەس نېرۋىسىغا تېگىدۇ. بۇ قېلىپتىكى تەشۋىقىي تەربىيە، ئىددىيەۋىي خىزمەتنى سىز ئىشلىمىسىزڭىمۇ پىلانلىق ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى داۋاملىق ئەگەشكۈچى، شاگىرىت دەپ تونۇساق، ئويىمىز، خۇيىمىز ۋە نەتىجىلىرىمىز بېقىندىغا لايىق بولىدۇ، دائىم ئەگەشكۈچى بولۇشتىن، شاگىرىت بولۇشتىن قۇتۇلالمايمىز. ئەگەر بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدىكى ھۆكۈمىمىزگە، باھايىمىزغا ئايلىنىپ، مىڭىمىزگە ئورناشسا ئىشلىرىمىزنى مۇستەقىل تەپەككۇر، مۇستەقىل ھەرىكەت، مۇستەقىل قارار بىلەن يۈرگۈزەلەرمىزمۇ؟ سىزچە بېقىندى، ياللانما، سۆرەلمە دېگەنلەر چىرايلىق ناممۇ؟
    سىز ئىنى سىڭىزللىرىمىزنىڭ غېمىنى قىلمايسىز دەپ ئاغرىنىپسىز. مەن سىزگە دېسەم توغرىنى تەرغىپ قىلىپ خاتادىن توسىدىغانغا، ھەقنى سۆزلەپ ناھەقتىن ئاگاھلاندۇرىغانغا، پىكىرداشلارنى ياخشىلىق ئۈچۈن توپلايدىغانغا، جامائەتنىڭ خىزمىتىدە بولۇش تۈرلۈك گۇمان ۋە تۆھمەتلەرگە ئۇچرىمايدىغانغا بىر موھىت بولماي تۇرۇپ شۇ سىز دېگەن ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر قىلماقچى بولغىنىمىز ئەلكۇيىدە گەپ قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېسىڭىز، مېنى نېمە دېگۈزمەكچى بولسىڭىز شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىۋېرىڭ. ياكى دېگۈزمەكچى بولغىنىڭىزنى بىر بىرلەپ يېزىڭ مەن ئەگىشەي. 
     
    رۇمەيسە:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئاكا!
    ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ بەرگۈم بولسىمۇ سىزدەك بىر ئىلىم ئىگىسى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشنى نامۇۋاپىق كۆرۈپ جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدىم.
    گۈلەن ئاكا! مەن دېموكراتىرىيەنى دىنىىزغا قارشى قويمايمان ھەم قويمۇدۇم.
    دېموكراتىرىيە ھەرگىز دىنىمزغا زىت ئەمەس. دېموكراتىرىيە كىشىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ چىقىشى،ئۇلار ياقتۇرمايدىغان بىرىنىڭ ئۇلارغا مۇسەللەت بولىۋالماسلىقى،ئۇلار قۇبۇل قىلالمايدىغان قانۇن-پىرىنسىپلارنى ئۇلارغا تاڭماسلىقى،پۇقرالارنىڭ باشلىقلىرىدىن ھېساپ ئېلىش، باشلىقلىرى خاتالاشقاندا قارشى چىقىش ھوقۇقى بولۇشى دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقىقىقي مەنىدىكى دېموكراتىرىيە.
    ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىرىيە ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. مانا بۇ ئىنسانلار تېخى يېقنقى يىلاردىن بېرى ئوتتىرىغا چىقارغان دېموكراتىرىيە تۈزۈمى ئىسلام دىنى 14 ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى قارار قىلغان ھەق-ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.
    خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە ئېيتقاندەك:
    سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىقىڭلار سىلەر ياقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرىدىغان ،سىلەر ئۇلارغا ياخشى تىلەركلەرنى تىلەيدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ يامان باشلىقىڭلار سىلەر ياقتۇرمايدىغان،ئۇلارمۇ سىلەرنى ياقتۇرمايدىغان،سىلەر ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان،ئۇلارمۇ سىلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغان كىشىلىرىڭلاردۇر .(ئىمام مۇسلىم)
    مانا بۇ ھازىرقى دېموكراتىرىيە تەشەببۇس قىلىدىغان تۈزۈمدۇر.
    ئەمدى مەن دېمەكچى بىز ئىنسانلارئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ئىجدىمائىي تۇرمۇشىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ،ئۆزىمىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر توغرا دىنغا موھتاج. چۈنكى يەر يۈزىدە  قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ،جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دىننىڭ كۈچىگە تەڭ كېلەلەيدىغان بىرەر كۈچ يوق. چۈنكى  بىز ئىنسانلار تاشقى دۇنيارىمىزدا ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيرىمىزدا باشقۇرىلىمىز.كىشىلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ،ھەقسىزلىككە يول قويمايدىغان ،ئادالەتلىك بىر جەمىيەت بەرپا قىلشىتا،دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى جازادىن ،تۈرمىدىن ۋە جەرىمانىن قورقۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار ۋە قورقۇپ تۇرۇپ ھەق - ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلار ،قانۇننىڭ ئارغامچىسدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى تاپقۇچىلىك شۇنداق قىلىدۇ.ئۇلار قانۇننىڭ كونتىروللىقىدىن چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ.
    ئەمما اللەتىن ئەيمىنىپ،ئۇنىڭ غەزىپىگە  يۇلۇقۇشتىن قورققان ۋە ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا  قۇلاق سالغان ھالدا  ، ھەق -ھوقۇقلارنى قوغدايدىغان  ۋە ھاياتتىكى ئۆز  ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تۇلۇق ئادا قىلىدىغانلار مەيلى .ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت ئاللاھنىڭ كونتىروللىقىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىمانى بولغاچ ئۇلار ئاللاھقا ئاسىي قىلىش،جەمىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدۇ-دە ھەر ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى ئاۋالقى ئورۇنغا قويىدۇ.
    دىنمىز ھەممە ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىنى خالايدۇلېكىن بىرىنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ. غەيرى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتمەسلىكە،ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەكىتلەيدۇ.
    شۇڭا مەن دېمەكچى قۇرئاننى ئۆزىگە قانۇن قىلىپ شۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى زىنەتلىگەنلەرگە دېموكراتىرىيە كېرىكى يوق. دىنىمىز ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە قىممەتلىكتۇر.
    مەن ئۆزۈمنى دېموكراتىرىيە گە ھاجەتسىز دەپ قارايمەن. چۈنكى ماڭا قۇرئان ۋە ھەدىس يىتەرلىك. مانا بۇ مېنىڭ ھەقىقىي دېمەكچى بولغانلىرىم.
     
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئەسلى مۇشۇ دېموكراتىيەنىڭ نېمىلىكى ھەققدىدە فرىيىدىم (ھۆرلۈك) ئىسىملىك قېرىندىشىمىز تەپسىلى توختىلىۋەتكەن بولسىمۇ بولغانىكەن. مەن بۇنى دېلياردىن تەلەپ قىلغاندەك قىلغان لېكىن ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مەنچە ھىكايىگە قىستۇرۇپ بايان قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
    دېموكراتىيە دېگەنلىك، جەمئىيەتنى تەرتىپلەش، ھاكىمىيەتنى تەشكىللەشتىكى بىر پىرىنسىپ. مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغان، مەسىلەن دوختۇرخانادا ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، ئاياللار بۆلۈم...لەر بولىدۇ. بۇ دۇنياغا ئورتاق، بۇ خرىستىياننىڭ، مۇسۇلماننىڭ غەرپنىڭ، شەرقنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ.
    بۇ يەردىكى دېمو سۆزى ئاۋام دېگەن مەنىدە، كرات سۆزى ھوقۇق (كۈچ، قۇدرەت، نوپۇز) دېگەن مەنىدە. ئىستىمال مەنىسى ئاۋامنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزىشى دېگەن مەنىدە. ئاۋامنىڭ ھوقۇقى ۋەكىللەرنى سايلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە نازارەت قىلىش، ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق كۆنكىرىت شەكىللەردە داۋام قىلىدۇ. دېموكراتىيەدە دۆلەت ئۈچ مۇستەقىل ئاپاراتتىن تەشكىل تاپىدۇ. بىرى ھۆكۈمەت، بۇ ئىجرا (قانۇن، ھوقۇق، سىياسەت، مەمۇرىيەت، ساقلىق، ئامانلىق...) قىلىش ئورگىنى. ئاۋامنىڭ ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. يەنە بىرى پارلامىنت، پارلامېنت قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى، تۈرلۈك قانۇنلارنى تۈزۈش، مۇنازىرە قىلىپ بېكىتىش، تۈزۈتۈش...ئۈچىنچى بىرى ئەدىلىيە (سوت)، بۇ ئورگان قانۇننى چۈشەندۈرۈش، تەدبىقلاش، كېسىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. دېموكراتىك دۆلەتتە بۇ ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان بولۇپ بىر بىرىگە بېقىنمايدۇ. مۇستەقىل ئىش يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭدا ھوقۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى تەكىتلەنگەن. ئەگەر بۇ ھوقۇقلارنىڭ مەلۇم بىرى كۈچىيىپ كەتسە باشقىلىغا دەخلى قىلىدۇ. شۇڭا بۇلار بىر بىرىدىن مۇستەقىل. مەن بىر ھەدىس ئاڭلىغان. بىرسى پەيغەمبىرىمىزگە ئوغرىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن، ئۇ كىشىنىڭ شاھىدلىرى تولۇقكەن، پاكىتى باركەن، يەنە نېمە كەم؟ نىمىشقا پەيغەمبىرىمىز ئۆزىلا كېسىم قىلىپ، جازاغا بۇيرىمايدۇ؟ قازى، نازارەتچى، ئىجراچى قاتارلىق بۇ ئۈچ ھوقۇقنىڭ بىر ئادەمگە يىغلىپ قېلىپ ئادالەتسىزلىك مىراس، ئەنئەنە بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن. پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىنى ئۆزەم قىلىمەن، دېمىسە بىزگە بۇلارنى بىرلەشتۈرىۋالغاننى بىزنىڭ، ئايرىغاننى غەرپنىڭ دېيىشىمىز قانداق گەپ؟ پەيغەمبىرىمىز نېمىشقا قىزىنى، يا بىرەر ئۇرۇق تۇغقىنىنى ياكى بىرەر ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان كىشىنى ۋارىس قىلىپ بېكىتىۋەتمەيدۇ؟ مەنچە دېموكراتىيە ئۈچۈن. (كەچۈرۈڭلار، مەن بۇ ھەقتە ئالدىراپ دەپ سالدىم، بۇلارنى تەپسىلى بىلگۈچى مەن ئەمەس، پەقەت ياخشى نىيەتتە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دەپ ئۆتۈپ كەتتىم)
    دېمەكچىمەنكى دېموكراتىيە ئاللاھ ئادەم قىلىپ ياراتقان ھەرقانداق مىللەتتە ئەسلى بار. پەقەت بۇنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار، تەدبىق قىلىدىغان ھاكىملارنىڭ چىققان چىقمىغانلىقى ۋە شۇ تەدبىق ۋە تەتقىقنى ئىزچىل داۋام قىلغان قىلمىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلىش كېرەككى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىنلا ئەمەس غەربىي ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە ھۆكۈمرانلار جەمئىيەتنى، ھاكىمىيەتنى تەشكىللەشتە بۇ ھەقتىكى ئىلىمگە مۇراجەت قىلمىغان ياكى ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشىگە يول قويمىغان. مىسال ئالساق، چىڭ ئىمپىرىيىسىدە غەرپنىڭ تېخنىكىسى كېرەك قالغىنى زەھەر دېگەن، بۇ گەپ ھازىرغىچە نۇرغۇن مۇستەبىت ئەللەردە مودا.
    بەزى كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ. ئىسلام ھىققىدە سۆزلىگەنلەر مۇسۇلمان، دېموكراتىيە ھەققىدە سۆزلىگەنلەر غەرپپەرەس، ئەستەغفۇرۇللاھ، شۇنى چۈشەندۈرەلمىدىم، سۆزلەش ھوقۇقىمىزنى مۇشۇ مۇنبەر چەكلىۋەتسە سىز مۇسۇلمانلىقىڭىز نەدە بايان قىلىسىز؟ ماڭا دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس، دېسڭىز مەن ئۇنداقتا بۇ يەردە سىزنى چەكلىۋەتسەم سىز بۇ گەپنى نەدە دەيسىز؟ كېرەك دېگەننىمۇ كېرەك ئەمەس دېگەننمۇ دەيدىغانغا بىر سورۇن كېرەك ئەمەسمىكەن؟ بۇ سورۇننىڭ ئېتى دېموكراتىيە بولماي نېمە؟
    دېموكراتىيەنى خاتا چۈشەنگەنلەر ئىسلاملا بولسا ھەممە ئىش تۈزۈلىدۇ دەيدۇ. توغرا، سىزگە شۇنداق. ماڭمۇ شۇ. دۇنيادا سىز بىلەن مەنلا يوق. جەمئىيەت بار. جەمئىيەتنى قانداق باشقۇرىمىز؟ ياخشى قىلىقنىڭ مۇكاپاتى، يامان قىلىقنىڭ جازاسىنى كىم بېرىدۇ؟ ئاللاھ ئۇدۇنيادا بېرىدۇ، ئەمما ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشايدىغان تۇرسا! قۇرئان بىلەن تۈزۈلىدۇ دەپ قارىدۇق، شىمالى ئافرىقا تۈزەلدىمۇ؟ ئوتتۇرا شەرق تۈزەلدىمۇ؟ جەنۇبى ئاسىيا تۈزەلدىمۇ؟ قۇرئاننى قانۇن قىلغان ئىراندا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇرۇقىدىن بولمىش شاھلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى ئىوردانىيەدە، شەرئەت قانۇن قىلىنغان سەئۇدىدا سىز دېگەندەك ھەممە خەلق مۇسۇلمانلىقنىڭ ھوزۇرنى سۈرۈۋاتقان بولسا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالاتتىمۇ؟ مىلتىققا قارشى نامايىش قىلاتتىمۇ؟ ھازىر نېمىشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر مالايسىيانى، ھىندونۇزىيەنى، تۈركىيەنى ماختايدۇ، ئەردوغاننى ماختايدۇ؟
    شەخسكە ئىسلام كېرەك، ئەمما شەخس ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن ئاۋۋال دېموكراتىيە كېرەك. ئۆيگە ئاتا كېرەك، ئانا كېرەك جەمئىيەتكە، دۇنياغا ئورتاق ئاتا (مۇستەبىت) كېرەك ئەمەس دېموكراتىك تۈزۈم كېرەك. ماڭا ئىسلاملا كېرەك، دېگەنلەرنى باشقۇرغۇچى، بۇ دىن مۇنبىرى ئەمەس دەپ قوغلىسا، دىن مۇنبىرىدىكىلەر بۇ دۇنيا ئىشلىرىنى تالىشىدىغان يەر ئەمەس دەپ قوغلىسا ئوتتۇرىدا ھىچ كىمنى قوغلىمايدىغان بىر مۇنبەر چىقىدۇ، ھەممىمىز شۇ يەرگە يىغىلىمىز، مانا بۇ دېموكراتىيە.
    دېموكراتىيە ئىتىقاد ئەمەس، ئېكىن ئۇ بارلىق ئىتىقادلارنىڭ قوغۇدۇغىچىسى. بەزىلەر، دېموكراتىيە پىرىنسىپنى ھەقنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئىنسانلارنىڭ قولىغا تۇتقازدى، ئىنساننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئالماشتۇرماقچى دەپتۇ. شۇنى بىلىمىزكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىۋاستە ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاكالەتچى لازىم، بۇ ۋاكالەتچىنى ئاۋام سايلىمىسا، نازارەت قىلمىسا، سوتقا تارتمىسا قانداقمۇ ئاۋامغا ۋەكىل بولالايدۇ؟ يەنە بەزىلەر دەيدۇ، دېموكراتىيە ئىنساننىڭ نەپىس-خاھىشى خالىغاننى قانۇنلاشتۇرىدۇ، ئىنسان ئاللاھ بۇيرىغاننى ئەمەس ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ. خوش، ئۇنداقتا ئاللاھ بېكىتكەن قانۇننى ئاللاھ ئۆزى ئىجرا قىلامدۇ ياكى ئىنسانمۇ؟ بىرسى تەختكە چىقىۋېلىپ، چەلپەكچىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ نەپس خاھىشىنى سىزگە مانا مۇشۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى شۇ دەپ ئاخبارات، مەسجىد، مەكتەپلەر ئارقىلىق سىڭدۈرسە قانداق قىلىسىز؟
    بەزىلەرنىڭ دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خاتالىقىنى دېموكراتىيەدىن كۆرۈشى بىلەن يەنە بەزىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسلامدىن كۆرگىنى ماھىيەتتە ئوخشاش.
    يەنە بەزىلەر بىزگە ھازىرچە دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس دەيدۇ، ئۇنداقتا ھەممىمىز بۇ يەردە مۇستاپا كامالنى مۇنازىرە قىلمايلى، ئۇ دېگەن داھى، بىزگە مۇقۇم تۇرمۇش كېرەك، ئۇ دېگەن مىليونلىغان ئىنسانغا مۇقۇم تەمىنات بەرگۈچى، بىزگە نان كېرەك ئۇ نان ياققۇچى...خوش، ناندىن قىل، ئوغا چىقسا نەگە برىمىز؟ مەيلىمۇ؟ داھىلىقىغا قوشۇلمىغانلارنى مۇتىئەسسىپكە چىقىرىپ سوتسىز، سوراقسىز قىرىپ تاشلىسا مەيلىمۇ؟ ئاۋال پۇلىمىزنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن بىزگە جان باققۇدەك قىلىپ مۇقۇم تارقىتىپ بەرسە، يا ئۆلمەس، يا تىرىلمەس قىلىپ باقسا مەيلىمۇ؟ كاللىمىزنى ئەخلەت ئىددىيەلەر بىلەن تولدۇرۇپ بىزنى ھۆكۈمرانلىقىغا قۇل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقسا مەيلىمۇ؟ 
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رۇمەيسە سىڭلىم
    ۋاقىت قىستاپ قالدى، شۇڭا سىزگە ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم، ھەم يازالمايمەن. مەن سىزنىڭ مۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ تۇرغىنىڭىزدىن ئۈمىدلىنىپ قالدىم. مەسجىدلىرىمىزغۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئورۇن بەرمەگلىك، ئەمدى مۇنبەرلرىمىزمۇ سىلەرسىز كەسكىن مۇنازىرە قىلىشىپ كەتسەك بولمايدۇ. بىز مەيلى ئاكا بولايلى، ئاتا بولايلى ياكى ئۇكا بولايلى، ئاللاھ ئاتا قىلغان جىنس پەرقى سەۋەپلىك سىلەرنى چۈشىنەلمەي قالىمىز، مەلۇمكى، پەرقىمىز يالغۇز جىسمانى پەرق ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر پەرقىمۇ قىسمەن مەۋجۇد. شۇڭا قىزلىرىمىز ۋە خانىملىرىمىزسىز قارارلىرىمىز ۋە مۇزاكىرەلىرىمىز كەمتۈگلۈكتىن، تەرەپتارلىقتىن ۋە تىيىزلىقتىن  خالى بولالمايدۇ. مەن مۇشۇ كۈگىچە ئوقۇتقان، بىلىدىغان ئەلگە، ئىلىمگە پىداكار قىزلار ئوغۇللاردىن جىق. مۇشۇ نوقتىلاردىن ۋە سىزنىڭ ئىجتىھادىڭىز نوقتىسىدىن سىزنى جاۋابسىز قويۇشنى، توغرىسى سىزلەرگە جاۋاپ بەرمەسلىكنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىدىم.
    سىزنىڭ مېنىڭ كەمچىلىكىمنى بايقىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. مەن رازى، شۇڭا ئاشكارە دېۋىتىڭ. باشقا دوستلار ماڭا ۋەكىللىك قىلىۋالماي تۇرساڭلار، ھېلىمۇ بىز داۋاملىق ۋەكىللىك قىلىنىۋاتىمىز. تارتىنماي دەۋېرىڭ. ھەممىمىزنىڭ قۇلىقى سىزدە. دۇئا ۋە سالاملار بىلەن
    گۈلەن ئاكىڭىز. 
    بەزى دوستلارنىڭ غەرپ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇنداق ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭدا كۆرۈلۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن تىزىلدى.
    1. غەرپ=جىنسىي ئەركىنلىك، جىنسىي قالايمىقانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، جىنىسبازلىق.
    2. غەرپ=تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك، ئىقتىسادىي تاجاۋۇز.
    3. غەرپ= قىرغىنچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق، ئالدامچىلىق
    بۇنداق قاراشتىكىلەرگە دەيدىغىنىم بۇلار قايسى ئەلدە بولۇپ باقمىغان؟ بۇنىڭغا خەلق ياكى دېموكراتىيە جاۋاپكارمۇ؟ بۇلار قايسى ئەلدە كۆپ؟ غەرپتە بۇلار ئاشكارە، غەرپنىڭ تارىخى دۇنياغا ئايدىڭ، قىلىۋاتقانلىرى ئاخباراتقا ئوچۇق. سىزچە يېپىق نەرسنىڭ ھەممىسى يوق بولغانغا باراۋەرمۇ؟ سىز بىلىشكە قادىر بولمىغان تارىخ، بىلىشىڭىز مەنئى قىلىنغان تارىخ يوققا تەڭمۇ؟ سىز دۇنيانى، رىياللىقىڭىزنى كۆزىڭىزدە كۆرۈپ ئەقلىڭىزدە ھۆكۈم قىلىپ ياشاۋاتامسىز ياكى ئۆزگنىڭ ھۆكۈمىنى، كۈزەتكەنلىرىنى بىزگە دوراپ بېرىۋاتامسىز؟
    يەنە بىرى پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئىنسان نېمىگە تەشنا بولسا شۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارغا سەزگۈر بولىدۇ ۋە شۇلارنى ئىزدەپ كۆرىدۇ، شۇنىڭ پارىڭىنى تولا قىلىدۇ.
    مەن يەنە ئىلتىماس قىلاي. يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسى ئەستايىدىل يېزىلغان ماقالە. بۇ يەردە بىر قېتىم دېگەننى شەكىل ئۆزگەرتىپ تەكرارلاۋەرمەي. شۇ ماقالىگە رەددىيە بېرىڭلار. دىلمۇراتجاننىڭ يازغانلىرى رەددىيەنىڭ يېنىغا ئاران كېلىپتۇ. مېنى يىڭىش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلماڭلار دېگەننى مەن ئۇركەش ئىسىملىك كىشىگە دېگەن. بۇ يەردىكى مەقسەد مۇنازىرىدىكى سەمىمىيلىكنى تەكىتلەش.
    مېنىڭ پىكىرلىرىمگە رەددىيە بېرىۋاتىمەن دەپ قارىساڭلار نەقىل ئېلىپ بىرمۇ بىر رەددىيە بېرىڭلار. بولمىسا كىم بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتانلىقىڭلارنى بىلگىلى بولمايدىكەن. بولسا كىمنىڭ پىكرىگە قارشى نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى دەپ قويۇڭلار.
    سىڭلىمىزغا شۇنچە گەپ قىلساق ھىچ ئىنجا يوق. مەن كەمچىلىكىمنىڭ ئاشكارە بولۇشدىن قۇرقمىسام، ئاشكارە قىلىشتىن قورقۇپمۇ ئىشمۇ؟ 
     
    گۈلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مۇنبەردە مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ سۆز قىلغانلار يا مېنىڭ بۇرۇن دېگەنلىرىمدىن يا ئۆزەڭلەرنىڭ دېگىنىدىن نەقىل ئېلىڭلار. بولمىسا كىمنىڭ نېمە دېگىنى رۇشەن بولمايدۇ. يەنە بىرى مۇنازىرىدە مېنى يېڭىمەن دەيدىغانلارغا ئاخىرقى سۆزۈم، مېنى يەڭدىڭلار، مەن يىڭىلدىم، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلەرگە توغرا. سۆزلەش كېرەك ئەمما بىلىپ، چۈشىنىپ، قائىدىگە سېلىپ، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ئەخلاقىغا ئۇيغۇن قىلىپ سۆزلەش كېرەك.
    بىز رىياللىقنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز ھەم چۈشەنگەنلىرىمىزنى باغىرلىرمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز.
    مۇنازىرىدىن يەنە مۇنۇلارنى بايقىدىم: 1. كىشىلەرنى قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر ئۇسۇلىغا كۆندۈرۈش. مەنچە بۇ يەردىكى قەستەن قارىشلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار؛ غەرپ- شەرق، خىرىستىيان-ئىسلام، مۇسۇلمان- دىنسىز، سوتسىيالىزىم- كاپىتالىزىم، تەرەققىيات- قالاقلىق... ۋاھاكازالار. سىياسىيونلار، كارامەتچىلەر، زالىملار كۆپىنچە كاللىمىزدىكى مۇشۇ قارىمۇ قارشى ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار كاللىمىزنىڭ مۇشۇنداق قارىمۇ قازى ئۇقۇملارنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىزنىڭ كاللىمىزغا بۇنداق زىددىيەسىز ئۇقۇملارنى زىتلەشتۈرۈپ تولدۇرغۇچىلارنىڭ مۇنداق جۈملىلىرى دائىم كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ، "مۇسۇلمان بولساڭ مۇنداق قىل، مۇسۇلمان دېگەن مۇنداق قىلىدۇ، ئۇيغۇر بولساڭ بۇنى قىل، بۇنداق دېمىگەنلەر ئۇيغۇر ئەمەس، يا بۇنى قىلىپ مۇسۇلمان بول، يا بۇنى قىلماي كاپىر......" شۇنداق دەۋاتقانلار مەقسەدلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ تەبىئىي دىنى تۇيغۇلىرى ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەقسىدىنى مىللەتلەشتۈرىدۇ ۋە دىنلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلاردىن سوراپ باقساق بولىدۇ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى قاچاندىن باشلاپ سېنىڭ قارارىڭغا باغلىق بولۇپ قالدى؟  سەن نېمە سالاھىيەت بىلەن بىزنىڭ مۇسۇلمان-كاپىر، ئۇيغۇر-نائۇيغۇر، ئىلغار-قالاق، ئىللەتلىك-ئىللەتسىزلىكىمىزگە باھا بېرىدىغان، كېسىم قىلىدىغان ئورۇنغا ئېرىشىتىڭ، قانداق ئېرىشتىڭ؟ بۇنداق تەپەككۇرنى لوگىكىدا خاتا ئىككىلىك دەيدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئىككى ئۇقۇمنى قەستەن قارىمۇ قاشى قىلىپ دائىم كىشىلەرگە بۇنىڭ بىرىنى تاللاشنى تەلەپ قىلىشتۇر. بۇنداقلارنىڭ قارىشىچە چوقۇم ئىككىنىڭ بىرى بولۇش كېرەك، ئىككىلىسى بولۇشقا، ھىقايسى بولماسلىققا، ئۈچىنچى بىرى بولۇشقا بولمايدۇ. مىسالەن بۇلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئاسماندا قۇياش بولمىسا چوقۇم ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، ھاۋانىڭ تۇتۇق بولۇشى قۇياشنىڭ يوقلۇقى. بۇلارنىڭ دەستىكى دەل قۇياشقا ئوخشاش كىشىلەرگە تولىمۇ تونۇش شەيئى( كەڭەيتسەك ئىسلام، ئۇيغۇر، خىرىستىيان..)، بۇنداق شەيئىلەر كىشىلەرگە دائىم ھەمراھ بولغاچقا مەسلىنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى، ئېغىې يېنىكلىكىنى شۇ شەيئىگە باغلاپ قويسا ئەسلى مەقسەدنى يوشۇرماق ئاسان بولىدۇ. چۈنكى قۇياشنىڭ بولۇش بولماسلىقنىڭ ھاۋانىڭ تۇتۇق ئوچۇقلۇقى بىلەن سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ئادەتتە جىق كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇلار سورايدۇ، قۇياشلىق كۈنگە تۇرامسەن قۇياشسىز كۈنگىمۇ؟ بۇنى مۇستاپا كامال مۇنازىرىسىگە تەدبىقلىساق مۇستاپا كامال دېمەك تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى دېمەكتۇر. مۇستەقىللىقنى تالامسەن مۇستەملىكىلىكنىمۇ؟. يەنە مەسىلەن، بور دېگەن ئاق بولىدۇ، ئاق نەرسنىڭ ھەممىسى بور، ئاق بولمىغان نەرسە بور ئەمەس. بورنى ئاق دېمىگىنىڭ قارا دېگىنىڭدۇر، قايسىغا تۇرىسەن؟ بۇ يەردە كىشىنى ئالدايدىغان ئامىللار كۆپىنچە قۇياشلىق كۈنلەرنىڭ بۇلۇتسز بولۇشى ۋە جىق بورلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاق بولۇشىدۇر. سىياسىيونلار، كارامەتچىلەر، زالىملار ، مۇستەبىتلەر دەل مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنى ئالدايدۇ. بۇنىڭغا قارشى چىققۇدەك زاماننىڭ، شارائىتنىڭ يېتىلىشىگە قارشى تۇرىدۇ، توسىدۇ. زالىملار، مۇستەبىتلەر ساددا مىللەتچىلەرنى، چەلپەكچىلەرنى، زامانقۇللارنى سېتىۋېلىپ، مەتبۇئاتلاردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇستاپا كامال تۈركلەرنى مۇستەقىل قىلغان، بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى شۇڭا دەخلىسىز ئۇلۇغ دەۋاتقانلار كىشىلەرنىڭ كاللىىسىغا داھى دېگەن ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغلۇق داھىدىلا بار،(ساختا زىددىيەتلەشتۈرۈلگەن ئىككى ئۇقۇم) مۇستاپا كامال دېمەك زامانىۋىي تۈركىيە دېمەكتۇر، دېگەندەك زىددىيەتسىز ئۇقۇملارنى زىتلاشتۇرۇپ كىشىلەرگە ئۆزى خالىغاننى تاللاتقۇزىدۇ.  كارامەتچىلەر ئاۋال كىشىلەرنىڭ سەمىگە زىددىيەتسىز ئۇقۇملارنى ئىككلىك زىددىيىتىگە سېلىۋېتىپ، ياكى يوشۇرۇن ئەسكەرتىۋېتىپ قالغان "تەلىمات" لىرىنى بازارغا سېلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ماقالىنى ئوقۇشتىن، ياكى گەپنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن تورمۇزلىنىپ قالىدۇ ياكى زىددىيەتلىك دەپ سىدۈرۈلگەن ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرىنى تاللاپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ماقالە ۋە نۇتۇقتىكى ئاساسلار توغرىدەكلا تۇيۇلىدۇ. يالقۇن روزى "بېكخام موھىممۇ ئېشەكمۇ" دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىگە ھاقارەت قىلغان ماقالىسىدا دەل شۇ زىددىيەتسىز ئۇقۇمنى زىتلەشتۈرۈپ ئوقۇرمەنگە بىرنى تاللىتىپ بولغاندىن كېيىن چىقارغان بىمەنە يەكۈنىگە بىرمۇنچە كىشىنى ئەگەشتۈرىۋالدى. بۇنى مىسال بىلەن يەنە يەشسەك گەپ تۈگمەيدۇ.
    2. ئابىستىراكىت ئوقۇمنى كونكىرىتلاشتۇرۇش. مەسىلەن، مۇستاپا كامالغا تۈرك خەلقى باھا بېرىپ بولدى. مۇستاپا كامالغا تارىخ باھا بېرىپ بولدى. مۇستاپا كامالغا ئاللاھ باھا بېرىدۇ. بۇ يەردىكى تارىخ، تۈرك خەلقى، ئاللاھ دېگەن ئۇقۇملار ئابىستىراكىت ئۇقۇملار بولۇپ ئۇلارنىڭ كونكىرىت مەسىلىگە رۇشەن باھا بېرىشى ۋە باھالىرىنى بىزنىڭ بىلەلىشىمىز، كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى بىر قارىسا توغرىدەكلا تۇيۇلىدۇ. ئۇنداقتا  تۈرك خەلقى دېگەن زادى كىملەر، ئۇلارنىڭ باھا بېرىپ بولغىنىنى قانداق بىلدىڭ، سەن ھەر بىرىدىن سوراپ باققانمۇ؟ تارىخ دېگەن زادى قانداق نېمە، .ئۇنىڭ باھا بېرىش ئىقتىدارى بارمۇ؟ تارىخنى يېزىشقا پۇرستى بولغانلار يازامدۇ ياكى تارىخ ئۆزىنى ئۆزى يازامدۇ؟ ئەگەر ھەممە كىشىگە ئاللاھ باھا بېرىدىغان بولسا ئاللاھ بىزنى نېمىشقا تىلسىز، تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟
    3. نامۇۋاپىق ئوخشۇتۇش. داھى دېمەك پادىچى، خەلق پادىدۇر. مۇستەقىللىق دېگەن ئېتىزدۇر داھى دېھقاندۇر. خەلق سۇدۇر، داھى سۇ باشلىغۇچى. بۇ يەردە كىشى ئاڭلىماققا قۇلاققا خوش ياقىدىغان گەپلەر خېلى بار. چۈنكى بۇ گەپلەر ئوبرازلىق، كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك ئاسان، چۈشەنمەكمۇ، چۈشەندۈرمەكمۇ ئاسان. لېكىن ئەمەلىيەت راست شۇنداقمۇ؟ بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار، بىرى ئىنساننى كەمستىش، كىشىلىرىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش، يەنە بىرى مۇرەككەپ مەسىلىنى ئاددىلاشتۇرۇش. ئەگەر مۇشۇ ئوخشۇتۇش بويىچە بولىدىغان بولسا داھىلىق دېگەن موكۈشمەك ئوينىغاندىمۇ ئاسان بولغان بولىدۇ.
    4. بىرلەشمەيدىغان، بىرلىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان، مۇناسىۋەتسىز ئۇقۇملانى زورلاپ بىرىكتۈرۈش. مەسىلەن ئىسلام سوتسىيالىزىمى، ئىسلام دېموكراتىيىسى، ئىسلام پەن تەتقىقاتى...ئۇيغۇر پېنى، ئۇيغۇر ماتىماتىكىسى، ئۇيغۇر لوگىكىسى...
    بىز ھەممىمىز ئىددىيەنىڭ خوجايىنى ۋە ئىددىيەنىڭ ئەگەشكۈچىسى. ئۇيغۇرلۇق تەبىئى تۇيغۇ لېكىن ئۇنىڭ پىزىكا بىلەن باغلىنىشى يوق، بىر ئادەمنىڭ پىزىكا بىلەن شۇغۇللىنىشى خۇسۇسى قىزىقىش، ئەگەر ئۇنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇر فىزىكىسى يارىتىش بولسا ئۇ خاتا بىرلەشتۈرىۋالغان ۋە بىزنى ئالداۋاتقان بولىدۇ.
    زامانىمىزدىكى چاتاقلار دۆلەتچىلىكنى مىللەتچىلىككە ئايلاندۇرۇش، مىللەتچىلىكى ئۈچۈن مىللەتلەرنى قۇربان قىلىش؛ دۆلەتچىلىكنىڭ مەزگىللىك مەنپەئەتى ئۈچۈن پەننى، ئىختىسادنى،  مەدەنىيەتلەرنى، تەرەققىياتنى، موھتنى، بايلىقنى ۋەيران قىلىش؛ بىر مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىنى دۆلەتچىلىككە ئايلاندۇرۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىنى، مەدەنىيىتىنى دۆلەتلىنىشكە زورلاش...
    قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بىز قاچان ئىددىيەلەرنىڭ كۆزەينىكىدىن قۇتۇلۇپ دۇنياغا كۆزىمىز بىلەن ئەقلىمىز بىلەن قاراشىنى ئۆگەنگەندە، ئۆگىتىلگەندە ۋە ئۆگنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە بۇ مۇنازىرىمىزمۇ ھەقىقى مۇنازىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇيغۇردا ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دېگەن گەپمۇ بولغاچقا داۋام قىلىپ تۇرايلى.
    مەن 2009- يىلى 5-ئايدا "ئۇيغۇردا مۇنازىرە ۋە مۇنازىرە ئەندىزىسى" دەپ بىر يازما يازغان، مەرھۇم بەرقى مۇنبىرىگە شۇ يازمىنى تېپىشىپ بەرسەڭلار، بەكمۇ خوش بولغان بولاتتىم. 
     
    مەن ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭمۇ مۇسۇلمانلىقىمزىدىكى ۋەزىپىمزىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىتىقادلىقلارنى قايىل قىلالمىدىم. مۇنبەرلەردىكى پەلەستىن ئۈچۈن قايناشلاردىن تەشىۋىقات دېگەننىڭ نەقەدەر كۈچلۈك، خاسىيەتلىك قورال ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي ئامالىم يوق. 2005-يىلى ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم پەلەستىنلىكلەرنى كۆردۈم ۋە تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدەك ھاياجانلاندىم. پەلەستىنلىكتىن جاۋاپ ھاياجانلىق قۇچاقلاش ۋە مەن تەسەۋۋۇر قىلغان غېرىپ دەرت تۆكۈش بولمىدى. كىينىشلىرى مەندىن ئېسىل. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمالىرى ۋە بىر مىليات بەش يۈز مىليونغا يېقىن جوڭگۇ خەلقنىڭ قەلبىدىكى بىچارە پەلەستىنلىكنىڭ مەغۇرۇلۇقىغا گەپ كەتمەيتتى. سەن كىم؟ دېگەن سۇئال، مېنى ئىسەنكىرەتتى. ھاياجانلىق چۈشەندۈرۈشنى يەنە باشلىدىم. ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق چۈشەنچە بەردى"جوڭگۇ ئۇلۇق دۆلەت، ئامېرىكا ئىمپىرىيالىزىمىغا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىپاقدىشى. ئامېرىكىنى كەلگۈسىدە پەقەت جوڭگۇلا مەغلۇپ قىلالايدۇ. غەپ مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرەشتە مۇسۇلمانلار جوڭگۇ تەرەپتە تۇرىدۇ. ئاڭلىسام كوڭزى جوڭگۇلۇقلارنىڭ پەيغەمبىرىكەن، كوڭزى ئەقىدىسى ئىسلامغا ئەڭ يېقىن. سىلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىقنىڭ يولىدىكى كىشىلەر..." دەپ سۆزلەپلا كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي بىر كۈنى ماڭا "چاغىنىڭ مۇبارەك بولسۇن!" دېدى. مەن ئۇ كۈنى چاغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىكەنمەن. نەدىن بىلگىنىنى سورىسام "سىلەرنىڭ دۆلەتتە ھۆكۈمەت يارىدىمى بىلەن ئوقۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەر جىق، شۇلارىن ئاڭلدىم" دەيدۇ. كېيىن بۇ گەپلەرنى ئەرەبىستانلىق، ئىرانلىق، سۈرىيەلىك بالىلاردىن جىق ئاڭلىدىم. ئۇلارغا شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى يادىغا سالالمىدىم. نەدە كۆرسە "نىخاۋ" دېيىشىپ كېتىدۇ. قارىغاندا تەشۋىقات بۇ يەردىلا ئەمەس ئۇ يەردىمۇ كۈچلۈك ئوخشايدۇ. مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇزى بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلبىمىزدىكى ناتىۋانلىقى تەشۋىقات دېگەن بىر سۆزدە ئۇچرىشىدۇ. 
     
    قېرىندىشىمىز ۋولقاننىڭ يازغانلىرىنى ياندۇرۇپ ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم. ماڭا ئىسلامنى دەۋەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇيغۇرغا خەنسۇچە گەپ قىلىدىغان ئۇيغۇرلار خىيالىمغا كەچتى.
    مەن بۇرۇن بىر ئىنكاسىمدا دېگەن. دوستلار قارشى تەرەپنى دائىم باشقا بىر ئىددىينىڭ تەشەببۇسچىسى دەپ قارىۋېلىپ شۇ ئىددىيىگە زىت كېلىدىغان بارلىق قاراشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ماڭا ماركا چاپلاپسىز، شۇ ماركىڭىزغا لايىق ئادەم ئەمەسمەن. ماركا چاپلىغانكەنسىز چاپلىغان ماركىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ باققان بولسىڭىز قېرىنداشلار ماڭا چاپلاشسا چاپلاردى، چاپالنمىسا چاپلىماستى. بىز قازىسىمۇ، ئىجراچىسىمۇ، قانۇنچىسىمۇ بىرلا كىشى بولغان جەمئىيەتتە ئۇزاق ياشىغاچقا ھەممە ئادەمگە ئاشۇنداق كېسىم قىلىپ، ئىجرا قىلىپ كۆنۈپ قالدۇق. مەنچە زىيالىلار خەقنى ئۇنداقچى، بۇنداقچى دېيىشتىن ئاۋۋال زادى سەن رەددىيە بېرىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ دۇنيادا ئەڭ ئاسىنى بىراۋنى غەرپپەرەس، دېموكراتچى، سوتسىيالىزىمچى...ۋاھاكازا قالپاقلار بىلەن كالتەكلىمەك، .ئەڭ تەسى شۇ قالپاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەك، ۋە ئاۋامغا بىلدۈرمەك. بۇ يەردە شۇنداق بىر مەككارلىق باركى ئەگەر سىز كەيدۈرىۋاتقان قالپاقنىڭ نېمىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ ئاندىن كەيدۈرسىڭىز ئاۋام قالپاقنىڭ ماسلاشقان ماسلاشمىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ سىزنى مات قىلىدۇ. شۇڭا قانچە ناتونۇش، قانچە كىشى بىلمەس قالپاقلارنى كىيدۈرسىڭىز شۇنچە ئاسان غەلىبە قىلىسىز. ئادەتتە ھەرقانداق تىلدا ئادەم تىللايدىغان سۆزلەر يات تىلدىن كەلگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى پىسخىك ئاساس ئوخشاش، يەنى خەققە بىلدۈرمەي ھاقارەتلەش مەقسىدىگە يېتىش. مەسىلەن ئۇيغۇرچىمزىدىكى لومودى، گۈيتوزا، لاكېلوزا دېگەن سۆزلەر خەنچىدىكى ئەڭ قەبىھ ھاقارەت سۆزلىرى. ئەڭ ئەجەللىك يېرى مۇشۇنداق ھاقارەت سۆزلىرىنى خەقنىڭ تىلىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلەر جاھان كۆرۈش پۇرستىگە ئېرىشكەن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر.
    ۋولقان قېرىندىشىم، بۇ يەردە گەپ سىزگە ئەمەس. مەن ۋاقتى كەگەندە ھىس قىغانلىرىمنى دەپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
    ئەمەلىيەتتە، سىز مەن دېگەنگە رەددىيە بەرمەي، مەن دېمىگەننى ماڭا كۈچەپ چۈشەندۈرۈپسىز.
    مەن قاچان ئىسلام شەخسنىڭ ئىشى دېدىم؟ مەن قاچان ئىسلامنىڭ ھەق دىنلىكىنى ئىنكار قىلدىم؟
    ئىسلام قانداقچە شەخسنىڭ ئىشى بولىدۇ؟ جوڭگۇدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاچان بىر شەخس بولۇپ قالدى؟ تۆۋە ئەستەغفۇرۇللاھ. 
     
    ۋولقان قېرىندىشىم
    مەن باشتىن بۇيان ئىنسانىيەت، دىن دېگەندەك ئابستىراكىت گەپلەنى قىلمىدىم. ئۇيغۇر تېخى ئۆزى قانۇن تۈزگىدەك بولمىدى، شۇڭا بىز ئۆزىمىز تۈزۈپ باقمىغان قانۇننى ئاللاھ قانۇنىنىڭ ئورنىغا دەسستىۋېلىشتىن يىراق. ماڭا ئىنكاس يازسىڭىز گەپ مۇشۇ يەرگىرەك چىشلىسە. ناۋادا ئۇيغۇرغا قانۇن تۈزۈش پۇرستى كەلسە خاتىرىڭىز مۇتلەق جەم بولسۇن، ئىسلامغا زىت قانۇن تۈزمەيدۇ. قانۇنغا ئاۋاز بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ئىسلامغا زىت قانۇنغا ھەرگىز ئاۋاز بەرمەيدۇ. يەنە دەي گەپ ئىسلام-غەرپ مۇنازىرىسىدىن ئۆزىمىزگە قايتىپ كەلسە. غەرپ-ئىسلام مۇنازىرىسى دۇنيادا بىزسىزمۇ شۇنچە سۈپەتلىك داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇنازىرىنىڭ تەييار پورمىلىسى بەك تولا، بىز ئۇلارنى يادىلىۋالمىساقمۇ، بۇ يەرەد تارقاتمىساقمۇ ھازىرچە بەك چوڭ چاتاق چىقمايدۇ. 
     
     دېليار:
    باش ئاخىرى يوق بولسىمۇ مۇنازىرىگە باشتىن ئاياق نەزەر سىلپ كۆڭلۈمدىن كەچكەنلەرنى يازماي تۇرالمىدىم  :
    تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىز دۇنياۋى مىقياسىدا 13ئەسىردىن باشلانغان مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن  朱元璋غا (مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىسى)ئوخشاش ھەربى ئىستېدات بىلەن قان كېچىپ جەڭ ئارقىلىق قۇتۇلمىدۇق ۋە ياكى ئىۋان ئۈچكە ئوخشاش كەسكىن مەيدان تۇتۇپ ئۆزىمىزنىڭ ھۆرلىكىنى ئېلان قىلمىدۇق.بەلكى دىنى ئىتىقادىمىزغا تايىنىپ  ئۇلارغا  گاھ مەيدان ئوقۇدۇق  گاھ تەبلىخ ئىلىپ بېرىپ دىنىمىزنىڭ كاتتىلىقىنى سۆزلەپ تۇردۇق .بۇنىڭ نەتىيجسدە مۇسۇلمانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇڭغۇل نەسەبى  بىلەن ئۆزىنىڭ خانلىقىنى دەلىللەيدىغان خانىدانلىقلارغا ئەسىرلەر رازى بولۇپ ياشىدۇق ،18ئەسىردىن كىيىن غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى ئارمىيە ۋە  بىر قابىل گېنېرالنىڭ چىقماسلىقى سەۋەپ ئەرەب دۇنياسى خۇددى بىزنىڭ  ئاتا بوۋلىرىمىغا ئوخشاش دىنى تۇيغۇلار بىلەن موللا  مۇتەپپەككۇرلار ئارقىلىق غەرپكە قارشى مەنىۋىيەت جىڭى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار ؟ بۇ نۇقتىدا يەنىمۇ ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز جىق  ئىش قىلالايدىغاندەك تۇيغۇسىغا كېلىپ قالىمەن چۈنكى بىزلەر ئۇ مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلارنى مۇسۇلمان قىلالىغان لېكىن  ئەرەبلەرنىڭ غەرىپىنى ھازىر مۇسۇلمان قىلالىشى مۈنكۈنمۇ ؟ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر مۇتەپپەككۇرلار قارزاۋىنى نەسىر يازىدۇ شىئېر ئوقۇيدۇ دەپ ھىجىيىپ قويىدۇ ..ھەي
    بىزنىڭ بوۋىلار تۇرپاندا ،قەشقەردە مۇڭغۇل نەسەبلىك خانلارنى  ئاغدۇرۇپ باقتى  لېكىن تورداشلارنىڭ بىلىدۇ ئۇ ئاغدۇرغۇچىلار ئاپاق خۇجا سىپىدىكى موللا كىشىلەر بولغاچقا بۇ يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن «ئافخانىستان » بولۇش تەقدىرىگە قالدى ،يەنى ئۇلار قۇرغان بۇ چوڭ كىچىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھازىرقى غەرب تالىبان ۋە ئافخانىستاننى قانداق سىستقان،سىستىۋاتقان  بولسا بىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ياغۇچى زىيالىلىرىىمىز شۇنداق سېسىتىپ كەلدى شۇڭا ئىسمىنى تىلغا ئىلىپ يۈرمىسەممۇ بۇلارنىڭ   نامىنى ھەمىمىز ئازدۇر كۆپتۇر ئاڭلىغان

    تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك بۇ مۇنازىرىنىڭ قىزىپ قاينىشىدىكى سەۋەپ ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق تۈركى بولغان مىللى مۇھەببەت ۋە ۋە دىنى ئەقىدىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا بولغانلىقى،  تۆۋبە ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قىسىم مۇنازىرچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ  ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشى ھەققىدىكى مۇنازىرە دەسمايىسىنىڭ(بىلگە تونۇشىنىڭ ) يوقلىقى  گۈلەن تورداشنىڭ سەمىمىيىتىنى تۇتقۇ قىلىپ مەيدانغا چىقىشى يەنە ئاتەشنىڭ 398قەۋەتتىكى ئىنكاسىدا  بەكمۇ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ قاپتۇ . مەن دىننى تۇتقا قىلغان تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۆۋرىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاتا بوۋلىرىمىزغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئەرەبلەرنىڭ يېقىنقى زاماندا دۇچ كەلگەن غەرب ئىستىلاسىغا قارشى ئېغىر سىياسىيلاشقان  دىنى ئىنكاسلىرى ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم شۇڭا ئۇلار ئىسلام ،شەرىئەت  ،يەھۇدى دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ھەممىنى چۈشەندۈرۇشكە دەرھال ئورنىدىن تۇرىدىكەن .
    بۇنداق  ئۇيغۇر ئەمىلىيىتىدىن يىراق ھاياجانلىق دىنى بايانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەمىلى قىممىتىنىڭ ئازلىقىنى گۈلەن  ئۆزىنىڭ مول كەچۈرمىشى  ۋە ئىزدىنىش روھى بىلەن بەكمۇچوڭقۇر ھىس قىپتۇ ،مەنمۇ شۇ قاراشقا يەنى بىزنىڭ مۇڭغۇل  ئىستېلاسىدىن ئالغان دەرس تارىخى كەچۇرمىشىمىزدىن قارىغاندا ئەرەبلەر دىننى سىياسىغا يۆلەپ كىشىلەرنىڭ دىنى تۇيغۇلىرىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش ھىچ بىر يەرگە بارالمايدۇ بەلكى تولا بولسا  غەربنىڭ كۈچىگە باش قويۇپ ھاكىمىيىتىگە كېتىدىغان پۇلنى ھەل قىلىدىغان مۇسۇلمان ھۇكىمرانلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ (خۇددى بىزنىڭ مۇڭغۇل نەسەبنامىسىنى كۆتۈرۈپ تاشىقى ۋە ئىچكى دىپلوماتىيسىنى تەڭشەيدىغان خاندانلىقلىرىمىزدەك )    
    مىنىڭ گۈلەنگە ئوخشاش سەمىمى ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلارغا تەكلىپىم :قارىسام گۈلەننىڭ دىمۇكراتىيە ھەققىدىكى بايانلىرى ئامېرىكىچە  ،بۇنى مەن ئۆز مىللىتىنىڭ كەچۈرمىشى تارىخلىرىدىن بىرنچى نومۇرلۇق دەرس ئىلىپ پىكىر قىلىشقا جۈرئىتى يوق ھالدا  ئەرەب ياكى ئىنگىلىسلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپلەردىن چىقىش يولى ئىزدەپ قالىدىغان  بالىلارغا ئوخشاتمىساممۇ  پىكرى بالاغەتكە ئۇلىشالماققا توسقۇن قاتارىدا كۆرىمەن،ھەم بۇنى مۇسۇلمان خەلقىمىز قوبۇل قىلالمايدۇ ،مۇنازىرىلەردىن مەلۇمكى بىزنىڭ ھازىرقى روھى ھالىمىز ئاجىز ۋە چۈرۈك . يەنە بۇ ئاجىزلىق ۋە چۇرۇكلىك كەبى بىزنىڭ بۇ مۇنازىرىمىزلا ئەمەس پۇتۇن روھىيىتىمىز بايلىقلىرىمىزغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تالىشىدىغان زىمنى بولۇپ قىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈشىنىشلىك قىلىپ ئيېتقاندا ھەر ئىشتىن ئاۋۋال مۇنازىرىدىن چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم  بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى تېپىۋېلىشقا كىملىكىمنى بىلىۋىلىشمىزغا مۇھتاج   
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بىر مىللەتتىكى مەۋجۇدلۇق، مىللىي ئاڭ، قانداقتۇر بىر كىشى تەشەببۇس قىلغانغا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولمىسا مەۋجۇد بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تۈركلۈك، ئۇيغۇرلۇق ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەرھىمىتى. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇد، ئاللاھنىڭ يارىتىش ئىرادىسىگە، ھىكمەتلىرىگە ۋە مەرھىمىتىگە لايىق ياشىيالىساقلا بۇ مەۋجۇدلۇق داۋام ئەتكۈسى.  شۇڭا تۈركلەردىكى مىللىي ئاڭنى مۇستاپا كامالغا، ئۇيغۇردىكى مىللىي كىملىكنى توي خېتىگە، نوپۇس جەدىۋېلىگە باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۈركلەر گەرچە ئەرەبلەر، بۇلغارلار، گرىكلار بىلەن ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ كەڭ مۇناسىۋەتتە بولغان بولسىمۇ ئانا تىلىنى يوقاتمىغان. ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى تىلغا باغلانغان مىللىي ئاڭنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مىللىي ئاڭ دېسە "تۈركلەر ئۇلۇق مىللەت! تۈركلۈك مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ ئاساسى!" دېگەندەك شۇئارنى توۋلىغانلار ئېسىمىزگە كېلىۋالمىسۇن. ئاللاھ ئۇيغۇر تۈركنىمۇ ئەرەبنىمۇ ئۆزى ياراتقان. شۇڭا بىزنى قايسىدۇر بىر داھى، ھۆكۈمەت، پارتىيە ياكى ئىسلاھاتچى ئۇيغۇر، تۈرك قىلىپ قويغان يوق. مىللەت ئاللاھ ياراتقان كۆللىكتىپ مەۋجۇدلۇق، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى مىللەتلەرگە بۆلگەنلىكى قۇرئانىمىزدىن مەلۇم. مۇسۇلمانلىق شەخسى مەۋجۇدلۇق بۇنى تاللاش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدۇ، ئۇيغۇرلۇق كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇق، بۇنى بىز تاللىيالمايمىز. مىللىتىمىزنىڭ تارىختا ھەر خىل مىللەتلەردە ھەرخىل ئاتالغانلىقى نام مەسىلىسى ماھىيەت مەسىلىسى ئەمەس. بىزنىڭ ئىسمىمىزنى خەق نېمە دېسۇن، خەلقىمىز بەزىلىرى بىلىپ بىلمەي بەزىدە ئۇنداق بەزىدە مۇنداق دەپ تاشلىسۇن ئۇيغۇرلۇقىمىز ماھىيەتتىن چەتنىگەن ئەمەس.
    تارىخمىزغا نەزەر سالساق شىمالى ئۇيغۇردا 1860-يىللىرى ئىلىدا ئىنقىلاپ بولغانغاندا قەشقەر، خوتەن، كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان، قۇمۇل ھەممە يەردە تەڭ بولغان. سىزچە ئۇلاردا ئۇيغۇرلۇق ئاڭ بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرداشلىق ئېڭى بولمىغان بولسا تەڭ قوزغىلاتتىمۇ؟ 1912- يىللىرى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە قوزغالغاندا، تۇرپاندا مويدىن خەلىپە، جىمساردا توختاخۇن چامباشچى، قەشقەردە ھاشىم چامباشچى، سىيىت نوچىلار تەڭلا تەشكىلات قۇرمىغانمىدى؟ بۇ چاغلاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرلۇق تەرغىباتىدا بولمىغان، مەمتىلى ئەپەندى مەيدانغا چىقمىغان ئىدىغۇ؟
    مىللەتنىڭ تەقدىرىنى مەلۇم كىشىگە ياكى مەلۇم كىشىلەرگە باغلاپ قويۇش ئادەمنى قانچە ئاسان ئۈمىتلەندۈرسە شۇنچە ئاسان ئۈمىتىسزلەندۈرىدۇ. بۇنداق ئۈمىتلەنگۈچىلەر تېلۋىزوردا كىملەرنىڭدۇر ئۇيغۇرنى ئۇلۇق دەپ قويغىنىغا، ئۇيغۇردىن قايسىدۇر مەشھۇرنىڭ چىقىپ قالغىنىغا  قاراپ ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدتەك بولمىسا يوقۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك  تۇيغۇدا بولىدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا شۇ بىر ئىككى مەشھۇر ئەمەس، شۇلارنىڭ مەشھۇرلۇقىنىڭ كەينىدە تاغ بولۇپ يۆلەپ تۇرۇۋاتقان غايەت ئۇلۇغ بىر توپ ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى مۇستاپا كامالغىلا باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ. 
     
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن بۇ يەردە مىللەتچىلىك تەشەببۇسىدا بولمۇدۇم ھەم بولمايمەن. چۈنكى مىللەتچىلىك ئايرىم چۈشەنچە، باشقا تەشەببۇس، سىستېمىلىق ئىدولوگىيە. مەن بۇنى چۈشەنمەيمەن. مەن ئۇ ئىلىمنى تەتقىق قىلمايۋاتىمەن. نېمىنى سۆزلىسەك بىلىپ سۆزلىگىنىمىز ياخشى. مەن پەقەت ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت تىل ئورتاقلىقىغا، غۇرۇر ئورتاقلىغا، تەپەككۇر ئورتاقلىقىغا، يۈرۈش-تۇرۇش ئورتاقلىقىغا ئىگە بىر كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇق ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتىمەن. ئۆزەم شۇ توپنىڭ ئىچىدە بولغاچقا  بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشنى مەن تاللىۋالمىغان، بۇنى قانداقتۇر بىر ئۇلۇق مەقسەد ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىم يوق. ئۆزەم ھەققىدە ئويلاپ يېشەلمىگەن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابى ئۇيغۇرلۇقۇمدىن تېپىلىۋاتقان بولغاچقا قېرىنداشلارنىمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپ بۇ يەرگە يېزىۋاتىمەن. تىل ئورتاقلىقى مەدەنىيەت ئورتاقلىقىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ قايغۇسىغا يىغلايدىغان ئادەم سىزگە تېلۋىزرودا، گېزىتلەردە كۆرسىتىلىۋاتقان پەلەستىندە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا ئەمەس. بەلكى سىز ئېسىڭىزگىمۇ ئالالمايدىغان ئوكرائىناغا تەۋە قىرىمدىكى تاتارلاردا، ئىراققا تەۋە كەركۈكتىكى تۈركمەنلەردە، ئىرانغا تەۋە ئەزەربەيجاندىكى ئەزەر تۈركلىرىدە، روسىيەگە تەۋە تاتارىستاندا، رومىنىيىگە تەۋە گاگائۇز تۈركلىرىدە، ھونگىرىيەدىكى ھونلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىدا. ئافرىقىدىكى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكىلەرنىڭ سىز ھەققىدە بىلمەسلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى بىلمەسلىكتىن كۆرەلمەيسىز، ياكى ئۇلارنى بۇ سەۋەپتىن ھەقىقى مۇسۇلمان ئەمەسكەنسەن دىيەلمەيسىز. كىم بىلەن تىل ئورتاقلىقىڭىز بولسا سىزگە شۇ ئەڭ بۇرۇن ئەڭ تەبىئى قايغۇرىدۇ. چۈنكى تىل بىرلىگى دىل بىرلىگىدۇر. بىر دوستىمىز لېتۋادا ياشايدىغا قارا چاي دەپ ئاتىلىدىغان تۈركى قەۋمدىن بولغان بىر ئانا بىلەن ئامېرىكىدا تونۇشۇپ قاپتۇ. قاراڭ، نوپۇسى ئىككى مىڭدىن ئاشمايدىغان شۇ كىشىلەرمۇ ئۇيغۇرنى بىلىدىكەن. ئۇ ئانا مۇساپىر ئۇيغۇر دوستىمىزغا يارىدەم بېرىپتۇ، بايراملاردا ئۆيىگە باشلاپ دىلىنى ئىللتىپتۇ. قارا چايلار مۇسۇلمان ئەمەس. پەقەت ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىدىكەن. دۇنيادا گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بار. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭ مەكتىپى ئىچىدە (تۈركلەر بۇ ئورۇننى ئۇيغۇرغا ئارىيەت بېرىدۇ). چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆلۈم يېتىم، نەزىر چىراقلىرىنى تۈركلەرنىڭ زاللىرىدا قىلىدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ھېيىتى تۈركلەر بىلەن، ۋاپات بولسا قەبرىسىمۇ تۈركلەر قەبرىستانلىقىدا.
    بىز كاللىمىزنى زىت ئۇقۇملار بىلەن تولدۇرۇپ قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە تارىخمىزغا بۈگۈنكى تەشۋىقاتىمىز بىلەن، ئىدولوگىيەمىز بىلەن باققىنىمىز بىلەن دۇنيا سىزگە تىلىڭىزنىڭ كىم بىلەن يېقىنلىقى، مەدەنىيتىڭىزنىڭ كىمگە قانداشلىقى بىلەن باقىدۇ. مەدەنيەتتىكى ۋە تىلدىكى ئورتاقلىقنى بىز ئىددىيىمىز سەۋەبلىك ئىنكار قىلىپ دۇنياغا نەزەر سالساق، دۇنيا بىزگە مەدەنىيەت ۋە تىلدىكى ئورتاقلىقىمىز بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇئامىلە ئەمەلىي بولىدۇ، كۆرەلەيسىز، ھىس قىلالايسىز، نەزىرىڭىز، ئىددىيىڭىزخىيالىدۇر. 
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بۇ مۇنازىرىگە قارشى تۇرغۇچى، مۇنازىرنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقارغۇچىلاردىكى ئۈمىتىسىزلىك، چۈشكۈنلۈك كۆڭلۈمنى ئەزدى. ئۇلاردىكى بۇ پىكىرنى بىر قىسىم ناباپ زىيالىلىرىمىزدىكى ناباپ يازمىلار پەيدا قىلغان ياكى باھانە بىلەن تەمىنلىگەن.
    بەزى زىيالىلىرىمىزنىڭ كۆزىگە بىر قىسىم سورۇنلاردىكى ھاراقتىن كېيىن دۇئا قىلىش، بىر قىسىملاردىكى تويدا ھاراق ئىچىش، گېپىگە بىر ئىككى ئېغىز خەنسۇچە قوشۇپ قويۇش ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەدەنىيىتىمىز بۇلغۇنۇپ كەتتىيەي، كىملىكىمىز ئاجىزلىشىپ كەتتىيەي، تۈگۈشۈپ كەتتۇقيەي دەپ مىللەتكە يۈكلىمىگەن توقا لەنەتلىرىمىز قالمىدى.
    1940-يىللاردىن تا 1960- يىللارغىچە شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا روسچە دېگەن ساماندەك جىق ئىكەندۇق. ھەتتا بالا دېگەننى مالچىك، ئۆي دېگەننىمۇ دوم دەيدىغان ھالغا كەپتىكەن. شۇ سۆزلەرنى ھازىر قايسى ئۇيغۇر ئىشلىتىدۇ؟ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا پىنيىن ئارقىلىق ئىنقىلابىيلىقنى، خەنسۇچە سۆزلەر ئارقىلىق زامانىۋىيلىقنى سىڭدۈرمەكچى بولغان زوراۋانلار جوڭگۇ گوڭچەنداڭ جوڭياڭ ۋىيەنخۇي (جوڭگۇ كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى) دېگەندەك جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا زورلاپ كىرگۈزۈپ خەقنى شۇنداق دېگۈزۈپتىكەن. قاراپ باقايلى ھازىر قانچىمىز شۇنداق سۆزلەيمىز؟ زامان ئۆتتى، "ئىنقىلاپ"لار تۈگىدى، ئۇيغۇرلۇق گۇم بولدىمۇ؟ ئۇيغۇرتىلى تۈگەشتىمۇ؟ كۆزىمىزنىڭ كۆرگىنىنى ھەق دەپ قالساق، ئىچىمىزدىكى بىچارىلىقنى، پۈچەكلىكىنى، ئۈمىتسىزلىكنى مىللەتكە دۆڭگەپ ئىچىمىزنى بوشتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.
    قولىمىزدا قەلەم توختايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنى تىللاش ئەۋج ئالغان زامانلاردا نەدىكى ئورۇس جاسۇسلىرىنىڭ سەلبىي بايانلىرىنى ئالتۇن بىلىپ تەشۋىق قىلىپ يۈردۇق. ئەجەبا شۇ قەدەر خاراپ بولغان خەلق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئېرلىرىنى يادا ساقلاپ قالالايتتىمۇ؟(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرى خەلق ئاغزىدىن رەتلەنگەن) خەلقىمىز شۇ قەدەر نادان، قالاق ھالەتتە قالغان بولسا نەۋايىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل كۇللىياتى (تولۇق ئەسەرلىرى توپلىمى) ئۇيغۇرلار ئارىسدىن باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ، ئەڭ تولۇق تېپىلاتتىمۇ؟ ھەتتا مەركىزى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن ئەڭ ئۇزاق لوپنۇردىنمۇ نەۋايى دىۋانلىرى تېپىلاتتىمۇ؟ ئەڭ يىراق يېزىلاردىمۇ ئۇيغۇر مۇقامىنى بىلىدىغان سازەندە، نەغمىچىلەر تېپىلاتتىمۇ؟ ئەڭ نامرات ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدىنمۇ ھەپتىيەك تېپىلاتتىمۇ؟ دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قۇرئان خوتەننىڭ قاراقاشتىكى بىر يېزىدىن تېپىلاتتىمۇ؟ مۇزىكا، قۇرئان، كىتابقا ھەمراھ ياشىغان ئۇيغۇرنى قالاق دېسەك، خىيالى قورساقنىڭ نېرىسغا ئۆتمىگەن نەچچە مىيون خەقنى نېمە دەيمىز؟ خەلقىمىز شۇ قەدەر نادان، قالاق بولسا ھۆرلۈك ئۈچۈن 1912، 1930، 1940-يىللاردا نەچچە يۈزمىڭلاپ قۇربان بېرەتتىمۇ؟ باشقىلارنى قويۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمزنى ساناپ باقايلى، ئۇيغۇردەك پىداكار، قورقماس، شەھىدانە پەرزەنتلىرى بار يەنە كىم بار؟ ئادەم ئۈمىتسىزلەنسە غۇۋا سايىسىمۇ دۈشمەن كۆرۈنىدۇ، ئايدەك چىرايىمۇ لايدەك كۆرۈنىدۇ. بۈگۈن ئۇنى ھاراقكەش، دىنسىز، بۇنى چاكىنا مەۋقەسىز دەپ ئۇيغۇرنى كەمسىندۈرىشىمىز قەلەمكەشلىرىمزدىكى ئۈمىتسىزلىك بولماي نېمە؟
    بۇ يەردە بىر قانچەيلەننىڭ ئۇيغۇر دېگەننى ئۇرغۇي دېيىشى، ھاراق ئىچىپ دۇئا قىلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس. شۇ ھاراق ئىچىپ دۇئا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىتىقادىنى ھاقارەتلىسەڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرىدىغانلار بار،(مەن 2009-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن. بىر سورۇندا ھاراق ئىچىۋاتقانلارغا مۇسۇلمان دېگەن...دەپ سىناپ باقسام تاس قالدىم ئۆلگىلى) ئۇيغۇر قىزىغا كۆز قىزارتساڭ قارنىڭنى يارىدىغانلار بار. مەنچە خەتەرلىكى بىر قىسىم ئۇيغۇلارنىڭ بىلمەستىن، كۆنگەنلىكتىن خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى، سۆزلەپ قويۇشى ئەمەس، ئەڭ خەتەرلىكى كوللىكتىپ مەۋجۇدلۇقىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت، تەھدىت ۋە مۇتىھەملىككە ئەل بېشىغا ئالغانلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى. ئۇيغۇرنى ئۇنداقچى، مۇنداقچى دەۋاتقانلاردىن شۇنى سورۇرغۇم بار، سىز نېمىچى؟
    مۇستاپا كامالغا باھا بەرگەنلەرگە قارشىلار ئىچىدە، ئاتا تۈركتەك داھى چىقمىغان مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا باھا بېرىش ھوقۇقى يوقەي، تۈركتەك داھىسىنى ئۇلۇقلىيالمىغان مىللەتنىڭ باھا بېرىش ھوقۇقى يوقەي، ئۆزىمزىنىڭ ھالى چاغلىق تۇرۇپ خەققە باھا بېرەمدۇقەي...دېگەندەك قاراشلانى بازارغا سېلىۋاتقانلارغا جاۋابىم يۇقارقىدەك. 
     
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بۇ يەردە ئىتىقاد تونىنى كېيىپ مۇنازىرىگە كىرگەن دوستلارغا دەيدىغىنىم، ئەقىدىڭىزگە ۋە ئەقىدىمىزگە خىلاپ گەپ قىلىۋاتامسىلەر قانداق؟
    1. مۇستاپا كامالنىڭ ئەجدادى سىز داۋا قىلغاندەك، راستىنلا تۈرك ئەمەس يەھۇدى بولسا كېرەك يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلىدۇ دەپ قارايمىز. پەن بويىچە قارىغاندا ئىنساننىڭ قايسى مىللەت بولۇشى تۇغما ئامىل ئەمەس. مىللىي تۇيغۇ ئىجتىمائى موھىتنىڭ مەھسۇلى.
    2. بىر ئادەمنىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە دىندارمۇ-ئەمەسمۇ دەپ تالىشىش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش. كىتاپ ئوقۇشقتىن كىتابنىڭ ھەققىدىكى پاراڭنى ئاسان چاغلايدىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئەمەس ئەمەس كۆرۈنىشىگە مەپتۇن كىشىلەر بىلەن ئوخشاش..
    3 . مۇستاپا كامالنى تۈرك ئەمەس دەيسىلەر، بۇ گېپىڭلار شۇنداق يايغىنكى ھەتتا ئۇيغۇردا بۇ سۆزنىڭ ۋارىيانتلىرى بار. بىزدەمۇ بىرسىنى سېستىماقچى بولسا تۇققانلىرىنىڭ بىرىنى ياتقا چىقىرىش ئومۇمىيۈزلۈك، پەقەت تۈركىيەدە يەھۇدىغا بىزدە خەنسۇغا چىقىرىشىدۇ. بۇ گەپ تۈركىيەدە ھېلىمۇ كەڭرى، مەسىلەن، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئەجدادىنى كۈرت، ئەردوغاننىڭ ئاتىسىنى گۈرجىستانلىق(گىروزىن)...ۋاھاكازالار تۈركىيەنىڭ تاراتقۇلىرىدا بەك يايغىن.
    4. مۇستاپا كامالنى بۇزۇققا چىقىرىشمۇ، ئورتاق مىللىي ھادىسە. چۈنكى بىرقىسىملارنىڭ كاللىسى جىنسىي تۇيغۇلارنىڭ قۇماندانلىقىدا تەپەككۇر قىلىدۇ. بىزدە "ئىستىلى چاتاق" دېگەن گەپ مودا، تۈركىيەدىمۇ شۇ. گەرچە دىنىمزدا يالغانچىلىق زىناخورلۇقتىنمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ(بۇ ھەقتە ھەدىس بار)، بىرسىنىڭ يالغانچى دەپ سېسىتىلغىنىنى بۇزۇق دېيىلگىنىدىن پەۋقۇلاددە ئاز ئۇچرىتىمىز. بىر قىسىملارنىڭ كۆزىگە شۇ ئىشتىن باشقىسى كۆرۈنمەيدۇ.
    شۇ نەرسە قىزىقكى، بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە نېمە قىلغانلىقى، نەتىجىسى، تەجرىبىسى، ئىبرەتلىرى قاتارلىق ئەھمىيەتلىك نوقتىلار باھانىڭ مەركىزىدە بولماي، شۇ كىشىنىڭ ئىتىقادى، نەسەبى، ئائىلىسى، كىشىلىكى قاتارلىق خۇسۇسىي ئامىللار تالاشتا قالىدۇ. چۈنكى بىرسىنى ئۇنداقچى، بۇنداقچى دېمەك ئاسان بولغان بىلەن، قىلغان ئىشىغا، نەتىجىسىگە، تەجرىبە ساۋاقلىرىغا باھا بېرىشكە ئەقىل كېتىدۇ. "سىلەرگە ئەقىل كەلگەندە غال-غال تىترەيسىلەر" 
     
    دۇراك:
    سىزگە ئارتۇق  گېپىم يوق، بەزى  سۇئاللارنى  ئىنكاسىڭىزدا  سوراپسىز ، نىمە ئۈچۈن  مۇشۇنداق  بولىدۇ  دەپ، بۇنى  كېيىن  سىزگە ئىسلامغا  كىرىشكە  پۇرسەت  بولۇپ  قالسا  ياكى  ئاللاھ  ئىگەمنىڭ  ھىدايەت  نۇرى قەلبىڭىزگە   چۈشكەندە  ئۆزىڭىز  تەبىى  چۈشىنىپ  كېتىسىز ،  ئامان بولىڭىزلەر .
     
    گۈلەن:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مۇنازىرىنى مۇنداق ھاياجانلىق چاقىرىقلار، نەسىھەتلەر، دەۋەتلەر بىلەن باشلاپ، بۇلار ئەسقاتمىسا خەقنىڭ ئىتىقادىغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئاياقلاشتۇرۇش كىشىنى بەك ئېچىندۇرىدۇ. بۇنداق نادانلىق تارىختىمۇ بولغان. مەسىلەن ئۇلۇق ئالىم ئىبىن سىنانىڭ "تىببىي داستان" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق قۇرلار بار
    مېنى كاپىر دېمەك ئەمەستۇر ئاسان،
    ھەممىدىن مۇستەھكەم مەندىكى ئىمان.
    يۈز يىلدا بىر كېلۈر مەن كەبى ئىنسان،
    دېمەك دۇنيادا يوق مەندەك مۇسۇلمان .
    ئەمەلىيەت ئىبىن سىنانىڭ دېگىنىنى ئىسپاتلىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدىن ئىبىن سىنادەك بىر ئالىم ئاۋال يۈز يىلدا بىر چىققان بولسا، 13-ئەسىردىن كېيىن نەچچە يۈز يىلدا بىرسىمۇ مەيدانغا چىقمىدى. ئەينى دەۋردە ئىبىن سىنانى تەنقىد قىلغانلارنىڭ بۇ زاتقا قارشى چىققۇدەك بىلىمى بولمىغاچقا ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن پۇخادىن چىققان. شەخسكە چوقۇنۇش ياكى چوقۇندۇرۇش ئەۋج ئالغان، مۇستەبىتلىك ئۇزۇن داۋام قىلغان، بېكىك جەمئىيەتتە  كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى چۆكۈرمەكچى بولغانلار دائىم ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى كۆتۈرۈپ قوپىشىدۇ. چۈنكى بۇنداقلار ياشىغان موھىتى سەۋەبلىك 1. بىر ئادەمنى مەلۇم ئىددىيەنىڭ كونكىرىت سىموۋولى دەپ بىلىپ قالىدۇ. چۈنكى مۇنداق جەمئىيەتتە بىر كىشى بىر سىياسىي ئىدولوگىيەگە ئۇزاق مەزگىل ۋەكىللىك قىلىدۇ. 2.  بىر قەۋمنىڭ  تەقدىرىنى دائىم بىر ئادەمنىڭلا تەدبىرىگە باغلاپ چۈشىنىپ قالدۇ. 3.  جەمئىيەتتىكى چوڭ ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى شەخسنىڭ خۇسۇسىي مىجەز مەسىلىسى سۈپىتىدە ئاددى چۈشىنىۋالىدۇ. يەنى جەمئىيەتنى شەخسلەشتۈرۈپ چۈشىنىدۇ. مۇشۇ مەنىلەردە ئۇلارنىڭ بىر كىشىگە قارشى تۇرغىنى ئۆزىگە خۇددى بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ياكى بىر ئىدولوگىيەگە تاقابىل تۇرۇۋاتقاندەك "ئىنقىلابىي" تۇيۇلۇپ كېتىدۇ.
    يەنە بىرى ئاخبارات، يىغىلىش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى بولمىغاچقا قەلبىدىكى تەلەپ ۋە نارازلىقلىلىرىنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئادىتى يېتىلدۈرەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساغلام، ئىلمىي مۇنازىرە كۆلەملەشمىگەن بولغاچقا مۇنازىرىچىلىك كىشىنىڭ ئادىتىگە ئايلانمىغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنازىرە بىلەن تىللىشىش پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ.
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنىڭ ئاساسىنى قانۇن، بايلىقنىڭ ئاساسىنى كەسىپ(ھۈنەر)-مىھنەت-تىجارەت، بىلىمنىڭ ئاساسىنى مۇنازىرە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بوۋىمىزنىڭ تەبىرىچە بىلىم مۇنازىرە بىلەن ۋايىغا يېتىدۇ، مۇنازىرە بىلىمنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئاۋال بىلىم ئېلىش، ئاندىن ئۇنى مۇستەھكەملەش، تەدبىقلاش، سىناش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىش يۈسۈپ بوۋىمىزنىڭ تەشەببۇسىدۇر. 
     
    گۈلەن خۇلاسە ئورنىدا
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىنكاس يېزىلغان بۇ مۇنازىرە قارىغاندا ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ. مېنىڭ مۇستاپا كامالنى داھى ياكى داھى ئەمەس دېگەنگە باھا بېرىش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق ئاكىمزنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرنى ئوقۇپ ئاندىن باھا بېرىش ھەققىدىكى تەشەببۇسۇم سۇغا چىلاشتى. مەنچە مۇنازىرنى مۇشۇ تېمىغا يېقىنالشتۇرساق بىزگە نەپ بېرىدىغان بىلىملەرگە ئېرىشەلەيتتۇق.
    قىزىق يېرى مۇستاپا كامالنى قارىلىغان دوستلار بىن لادىن، قازافى، ساداملارنى ئاقلاپ ئۇزۇن ئۇزۇن تالاشتى، ھەتتا بۇنى باشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا باھا بېرىشىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇردى. ئۇلارچە ئاتا تۈركنى ئاقلىغانلار كاپىر سادامنى ئاقلىغانلار مۇسۇلمان بولۇپ چىقتى.
    ھازىرغىچە بولغان مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىققىنى يۈسۈپجان ياسىن بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ "مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ" دېگەن ماقالىسىگە رەددىيە بېرەلىگۈدەك بىر كىشى چىقمىدى. كېيىنكى ماقالىسى تېخىمۇ رەددىيەسىز، جاۋاپسىز قالدى. باشقىلارنىڭ ئىمانىغا بىر ئىككى ئېغىز سەت گەپ ياكى تۆھمەت بىلەن ھۆكۈم قىلالايدىغان قېرىنداشلار، يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىسىگە خەقنىڭ ئەسەرلىنى چاپلىماي، كۆچۈرۈپ كەلمەي، تەرجىمە قىلماي تۇرۇپ ئىككى بەت مەنتىقىلىق رەددىيە بېرەلمىدى.  
    تەشۋىقاتچىلىق قىلىش، بۇ ئاقمىسا غەرپ دۈشمەن كۈچلىرىگە دۆڭگەش، ئەقىل بىلەن تاقابىل تۇرالمىسا كاپىرغا، خىرىستىيانغا، بۆلگۈنچىگە چىقىرىش، پەقەت ئامال بولمىغاندا تاياق توقماققا، قىيىن قىستاققا ئېلىش بىر قىسىم تور تەقۋالىرىنىڭ زامانغا ماس تەپەككۇر ئۇسۇلى. ھازىر مۇنازىرەدە يەنە مۇشۇ ئۇسۇل ئاقارمۇ؟
    شۇنداق قىلىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مۇنازىرە مۇشۇ يەردە تۈگىگەندەك تۇرىدۇ. مەن بىر ئامېركىلىق ئۇيغۇرشۇناسنىڭ ئۆيىدە «ماناس» داستانى توغرۇلۇق پاراڭغا ئىشتىراك قىلغانتىم. ئارىمىزدىكى قىرغىز پروفېسسورغا چاخچاق قىلىپ « مەن ئوغلۇم بولغاندا ئىسمىنى ماناس قويىمەن» دېسەم چىرايى ئۆزگىرەپ كەتتى. قويسام بولماسمىش. گېپىمىزنى تىڭشاپ تۇرغان ئامېرىكىلىق پروفېسسور، قارا، مانا بۇ مۇستاپا كامالنىڭ فامىلىسىنى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرېۋىلىشىنىڭ سەۋەبى» دېدى. مەن قايىل بولمۇدۇم. ئۇنىڭ قارىشىچە تۈركى مىللەتلەردە ئۇلۇقلار بىر بولسا ئىلاھى نەسەبكە باغلىنارمىش، يەنە بىر بولسا ئىلاھقا ئايلاندۇرۇلارمىش. مەن يەنە قايىل ئەمەس، ئەمما ئاتا تۈركنىڭ نەسەبىنى بۇزۇققا، يەھۇدىغا چىقىرىۋاتقانلارنىڭ گەپلىرىدىن بىر نەرسىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ، بىزدىكى موھـتىرەملەرنىڭ تەرجىمھالىدا ئەجدادلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىناتتى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.