"قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت" مۇ؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-10 22:09:55

«قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت»مۇ؟-«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامىئابدۇۋەلى ئايۇپئۇيغۇرچىدا "قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت" دېگەن تەمسىل بار. بۇ تەمسىلگە ئۇلىنىپ كې...

     

    «قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت»مۇ؟
    -«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى
     
    ئابدۇۋەلى ئايۇپ
     
     
    ئۇيغۇرچىدا "قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت" دېگەن تەمسىل بار. بۇ تەمسىلگە ئۇلىنىپ كېلىدىغىنى "دۇنيانىڭ نەرىگە بارساڭ ئوخشاش، ئۆز يۇرتقا يېتىدىغان ھىچ يەر يوق" دېگەن خۇلاسە بولىدۇ. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر تۇغقىنىمىز ئۈرۈمچى، غۇلجا، قارىماي قاتالىق شەھەرلەرنى چۆرگىلەپ كېلىپ "قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرتكەن، دۇنيادا ھىچ بىر يۇرت بىزنىڭ ئوپالغا يەتمەيدىكەن" دەپ قايتىپ كەپتىكەن. شۇندىن كېيىن سەبى قەلبىمدە دۇنيا تولىمۇ كۆرۈمسىز قاقاسلىقتەك، ئوپال شۇ قاقاسلىقتىكى بىردىن بىر يېشىللىق ئارىلىدەك بىلىنگەنىدى. شۇندىن كېيىن ئوپالنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل يۇرت دېگەن چۈشەنچىدە چوڭ بولدۇم. ئوپالنى گۈزەللىككە تاشقى دۇنيانى بەتبەشىرەلىككە سىمىۋۇل قىلىپ چۈشىنىۋالغىنىم مېنىڭ ئەمەس مېنى چوڭ قىلغان موھىتنىڭ خاتالىقى ئەلۋەتتە. بۇ قېتىم قەشقەردىكى كۈنلىرىمدە قەشقەردىكى چوڭ ئىكىرانلاردا "بىزنىڭ شىجاڭ ياخشى جاي"، "ئەڭ گۈزىلى يەنىلا بىزنىڭ شىىنجاڭ" دېگەن خەنسۇچە ناخشىلارنىڭ ھەر كۈنى ياڭراۋاتقىنىغا دىققەت قىلدىم. باشقىلارنى ئىنكار قىلىشىنى ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان جوڭگۇچە تەشۋىقات يەنە نۇرغۇن سەبىلەرنى تەربىيىلىمەكتە ئېدى. دېمەك، "قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت" دېگەن بۇ تەمسىل بىرى، ئېڭىمىزدىكى "دۇنيادا ئەڭ ئېسىلى بىزنىڭ يۇرت، شۇڭا جاھان كېزىشنىڭ ھاجىتى يوق" دېگەن بېكىنمە چۈشەنچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يەنە بىرى "دۇنيادا ھەممە يەر ئوخشاش" دېگەن بۇرمىلانغان قاراشنى يانسىتىدۇ. ئۈچىنجىسى رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋېلىپ دۇنيا رەڭلىك دەپ قارايدىغان ئىددىيىنى ئاشكارىلايدۇ.
     
    ئانامنىڭ نەزىرىدىكى ساقچى: مېنى ساقچى ئىزلەپ كەلدى
     
    بىر كۈنى ئۆيگە تېلىفون قىلىپ ئانامغا "ئانا، مېنى بۈگۈن ساقچى ئىزدەپ كەپتۇ" دېۋىدىم. ئانامنىڭ ئۈنى ئۆچۈپلا كەتتى. ئانامنىڭ يىغلامسىراۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال گەپنى يۆتكىۋەتتىم. قەشقەردە ياشاۋاتقان ئانامنىڭ نەزىرىدە ساقچىنىڭ ئىزدەپ كېلىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش بولۇپ ئاللىقانداقتۇر بىر پىشكەللىكتىن دالالەت بېرىدۇ. ئامېرىكىدا بىرسىنى ساقچىنىڭ ئىزدەپ كېلىشى تولىمۇ نورمال ئىش. تۇيۇقسىز ئەھۋالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى شەھەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىدەك ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ كونۇپكىنى باسسىلا مىنۇت ئۆتمەي ساقچى ھازىر بولىدۇ. كىشىلەرمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا شۇ قەدەر خۇشتاركى ئاچقۇچىنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالسا، يولدا مەست لەلەڭشىگەن بىرسىنى كۆرسە، قارىغۇچىسىز ئويناۋاتقان بىرەر كىچىك بالىنى بايقىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىدۇ. ساقچىلارمۇ ئاجايىپ دوستانە، پەقەت قورال دەڭلىمىسىڭىزلا قوپاللىق قىلمايدۇ. ئامېرىكىدا تۇرغان يىللاردا مېنى ئىككى قېتىم ساقچى ئىزدىدى. بىر قېتىم بۇرۇنقى قوشنامنىڭ نەگە كۆچكەنلىكىنى سوراشتۇرۇغىلى كېلىپتۇ. يەنە بىر قېتىم يەسلىدە قېلىپ قالغان قىزىمنى ئەكىلىپ قويغىلى كېلىپتۇ.
    2010- يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئۇقۇشماستىن قىزىم يەسلىدە بىر سائەت تۇرۇپ قاپتۇ. مەن ئايالىمنى ئالغىلى بارىدۇ، دەپ تېلىڧونۇمنى ئېتىپ لېكسىيە ئاڭلىغىلى كېتىپتىمەن. ئايالىم قىزىم ئىككەيلەننى يەسلىدىن كېيىن بىر يەرگە كەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ئىشىغا مەشغۇل بولۇپتۇ. ئىككىلىمىزدىن خەۋەر بولمىغاچقا يەسلىدىكىلەر ساقچىغا خەۋەر قىلىشىپتۇ. مەن لېكسىيەدىن چىقىپ ئۆيگە بارغاندا ساقچى بالامنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. مېنىڭ ئاغزىمدىن بولغان ۋەقەنى تەپسىلى ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن رەخمەت ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى.
    ئانامنىڭ ساقچىنىڭ ئىزدەپ كەلگىنىدىن قورقۇپ كېتىشى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ساقچىنى قەشقەرنىڭ ساقچىلىرىغا ئوخشىتىپ قالغانلىقىدىن، يەنى قازاننىڭ قۇلىقىنى ھەممە يەردە تۆرت دەپ قالغىنىدىن بولغان. جوڭگۇدا مەمۇرلار ئۆزىنى پۇقراغا مۇلازىمەت قىلغۇچى ئەمەس پۇقرانىڭ باشقۇرغۇچىسى، خوجايىنى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىدا مەمۇرلارنىڭ بىرى بولغان ساقچىلار پۇقرانىڭ مۇلازىمەتچىلىرى، خەلقنىڭ ھەقىقى "چاكار" لىرىدۇر. شۇڭا پۇقرا بىلەن ساقچى ئارىسىدا قورقۇش، قورقۇتۇش مۇناسىۋىتى مەۋجۇد ئەمەس.
     
    قەشقەرچە ئامېرىكا: ئامېرىكا ئۆزىگە پايدىلىق تەشۋىقاتنى تارقىتامدۇ؟
    ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئامېرىكا ھەققىدە مەن ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ باقىمىغان تولىمۇ قىزىقارلىق، بىمەنە، ئەپسانىۋىي خەۋەرلەرگە دۇچ كەلدىم. بىر قىسىم ئاغىنىلەر يازغانلىرىمنى قەشقەردە ئۆگەنگەن "پاكىتلار" بىلەن ئىنكار قىلىشتى. مېنىڭ ئامېرىكا ھەققىدە يازغانلىرىم ئىككى خىل خىل ئاغىنىلەرگە ياقماپتۇ. بىرى پارتىكومغا ئىشلەيدىغان كادىر، كومۇنىست بۇرادەرلەرگە يەنە بىرى مەسجىدكە ئىشلەيدىغان دىندار، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا. بىر ئاغىنىمىز بېيجىڭدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرىستىتقا تەربىيىلەنگىلى كەتكەنىدى. تەربىيىلىنىشتىن "ئامېرىكا يەر شارىدىكى 80 پىرسەنت ئاھالىنى ئەخلەت ئاھالە ھىساپلايدىكەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرى ۋاكسىنا ئېكىسپورت قىلىش يولى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى يوقۇتىدىكەن، يەنە بىرى بىر قانچە قېتىم تېرىغاندىن كېيىن قايتا ھوسۇل بەمەيدىغان ئۇرۇق ئېكىسپورت قىلىش يولى بىلەن ئىنسانلارنى ئاچ قويۇپ يوقۇتىدىكەن، ئۈچۈنجى بىرى دۇنيادىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنى يوقۇتىدىكەن" دېگەندەك گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا مۇنداق قىلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دەرسخانىلىرىدا نورمال بىر ئىنساننىڭ بۇنداق دەرسنى سۆزلىمەيدىغان ۋە ئاڭلىمايدىغانلىقىنى دەپ قويدۇم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى سورۇندا بىللە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
    - قانۇن دېگەن ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ. ئىنسانلارنى يوقۇتۇش ئامېرىكىنىڭ مەخپىي دۆلەت سىياسىتى. سىياسەت دېگەن ھامان قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلارمۇ ۋاقتى كەلسە قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇدۇ.
    - سېنىڭ ئامېرىكدا بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىغىنىڭ بۇ ئىشنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئامېرىكىدىمۇ تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئوخشايدىغان ئورگانلار بار. ئامېرىكىمۇ ئۆزىگە پايدىلىق تەشۋىقاتنى تارقىتىدۇ. ئۇلاردىمۇ چوقۇم پارتىيە مەكتەپلىرى بار. بۇنداق خەۋەرلەر پەقەت پارتىيە مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەن كادىرلارغىلا سۆزلىنىدۇ. شۇڭا سېنىڭ بىلمەسلىكىڭ ئېنىق.
    - ئامېرىكا ھازىر لېۋىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى توپۇلاڭچىلارنى يۆلەۋاتىدۇ. 41 يىلدىن بېرى كازاڧى رەھبەرلىكىدە بىر ئوبدان ياشاۋاتقان خەلقنى توپۇلاڭغا كۇشكۇرتۇپ لېۋىيەنىڭ مۇقۇملىقىغا تەھدىت سالدى. سەنچە بۇمۇ يالغانمۇ؟
    - دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ باي دۆلەت. ئامېرىكىدا كومپارتىيەدەك بىر كۈچلۈك پارتىيە بولمىغاچقا، ھەممە ئادەم دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۆز سەنىمىگە دەسسىگەچكە ئامېرىكا 2008 –يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزىسقا بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئامېرىكا ئەمدى تۈگەشتى. دۆلىتىمىز ئامېرىكىدىكى بۆلگۈچىلەرنى قوللايدىغان بولسا ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولاتتى...
    ئۇلارنىڭ ئاغزىغا تاقەت قىلىپ شۇنچە قاراپمۇ "ئامېرىكا ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، ئامېرىكا شەيتان." دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم. مەنچە شۇ گەپلەرمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىغا قاچىلانغان ئىددىيەلەر تولۇق ئاشكارىلانغان بولاتتى. بەلكىم ئۇلار كادىر بولغاچقا دېگۈسى بولسىمۇ ئاخىرقى دىنغا ئالاقىدار جۈملىلەرنى دېيىشتىن ئىھتىيات قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە تالاشمىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا تەشۋىقات بۆلۈمى، پارتىيە مەكتىپى، كادىر، سىياسەت، ئىددىيەنى ئازات قىلىش...دېگەن ئاتالغۇلار سىڭىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قازاننىڭ قولىقى ھەممە يەردە تۆرت بولۇپ، ئاخبارات دېگەن تەشۋىقات دېگەن سۆز. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئامېرىكا قەشقەردىن پەرقلەنمەيدىغان بىر يەر. ئۇلار دۇنيادىكى ھەممە يەرنى قەشقەرچە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئۇلارغا ئىنسان ئىددىيسى سەۋەبلىك جازالانمايدىغان، ئىنساننىڭ ئىتىقاد، تەشكىللىنىش، نامايىش قىلىش، ئىددىيە تارقىتىش، ...قاتارلىق ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقلىرى مۇتلەق قوغۇدىلىدىغان، ئىنساننىڭ دۇنيانى ۋە دۆلەتنى تەرەپسىز ئاخبارات ئارقىلىق چۈشىنىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئاڭلىتىش بەسى مۈشكۈل. ئۇلارغا ئامېرىكىدا قورالسىز بۆلگۈنچىلىكنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن، بۆلگۈچىلىككە قارشى قوراللىق ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆرت.
     
    ئۇيغۇردىنمۇ ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسۇن
     
    بېىجىڭدىكى دوستلارنىڭ مېھىرلىك قۇچاقلىرىدىن ۋەتەننى ھىدلاپ ھىجرانلىق ھىسلارغا ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپتۇق. دوستلارنىڭ كۆپى كۆزلىرىگە، قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يازغانلىرىمغا قاراپ مېنى ئەمدى قايىتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلاشقانىكەن. ئەسلىدە مەن دوستلارنىڭ يازغانلىرىمغا قاراپ مېنى قايتىپ كېلىدىكەن، دېگەن ئىشەنچتە بولسىكەن دەپ ئارمان قىلغانتىم. قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى مېنى تاڭ قالدۇرغىنى ئۇيغۇرلارغا خېلى مەشھۇربىر دوستۇمنىڭ " قايتىپ كېلىپ نېمىمۇ قىلار بولغىيدىڭلار. بولسا ئىككى ئاي ئوبدان ئارام ئېلىپ قايتىپ كېتىڭلار. بىز بۇ يەردە مۇشۇ پېتى تۇردۇق. سىلە قايتىپ بېرىپ ئېنگىلىزچە كىتاپ يېزىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرساڭلا شۇ ئەۋزەل. قىزىڭلارنىڭ تىلىمۇ بىر چىرايلىق ئېنگىلىزچە چىقىپتۇ. ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلمىگىنىدىن قاراپ تۇرسام ئۇۋۇلۇپ كەتتىڭلار. بۇنىڭغا ھەسرەتلەنگۈلۈك ئەمەس. بىز بالىلارنىڭ تىلىنى ئەمەس ئەقلىنى ئۇيغۇرچە قىلساق شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. بالىلىرىمىزنىڭ تىلى نەگە كەتسە كەتسۇن ئەقلىنى قايتۇرۇپ كېلەلىسەك شۇنىڭ ئۆزى نەتىجە. مەن سىلىنىڭ ئورنۇڭلاردا بولسام ئامېرىكىغا قايتىپ كامىدا ئون بالىلىق بولاتتىم. بولسا قايتىپ قانچە بالىلىق بولغىڭلا كەلسە بولۇڭلار. شۇ بالىلىرىڭلارنى ئوبدان تەربىيىلىيەلىسەڭلا ئارىدىن بىرى ئوبامادەك پرىزدېنت بولۇپ قالامدۇ تېخى. نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئۇيغۇردىنمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى چىقسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئىشىمىز يۈرىشىدۇ..." دېگىنى بولدى. ئويلىسام ئويلىسام بۇ گەپنىڭ ئاخىرى بەكمۇ غەلىتە. بىرى، بىر زىيالىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئون بالىلىق بولۇش مەسىلىسى، يەنە بىرى ئۇيغۇردىن ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسا ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنىڭ يۈرۈشۈش مەسىلىسى.
     
    مەنچە ئون بالىلىق بولۇش مەسىلىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز ھاياتىدىن ئۈمىتسىزلىنىشنى ئىپادىلىسە كېرەك. مەن ئامېرىكىدا ياپشاش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ "بىز تىرىشىپ بالىلىرىمزىنى ئامېرىكىلىق قىلىۋالدۇق، ئەمدى مىللەتنىڭ ئۈمىدى مۇشۇ بالىلاردا قالدى" دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىساملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيتتى. ئۇيغۇرچىنى ئەپلەپ سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇ بالىلاردا مىللەتنىڭ ئۈمىدى نېمە قىلسۇن؟ نېمە قىلىدىغاندۇ، بۇنداق ئۆزىنى ئالداپ! خۇددى ل. مۇتەللىپ "ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى" دېگەندەكلا! ۋەتەندىكى دوستلاردىمۇ "باشقا ئىش قىلالمىساق ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى بولسىمۇ كۆپەيتكەچ تۇرايلى"، " بىز ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇق، ئەمدى بالىمىز ئۈچۈن ياشايلى" دەيدىغان كەيپىياتنىڭ خېرىدارلىق ئىكەنلىكىدىن مەيۈسلىنەتتىم. مەنچە بىر قىسىم دوستلاردىكى كۆپ بالىلىق بولۇشقا تەشنالىق_ ئۈمىتسىزلىككە تەسەللى ئىزدەش، بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتنى كەلگۈسىگە يۈكلەش ۋە خىيالپەرەستلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     
    ئۇيغۇردىن ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسا ئۇيغۇرنىڭ ئىشى يۈرىشىدۇ. دېگەن قاراشتا بىرى قاراخانىلار ئىمپىرىيىسى بەبات يىمىرىلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن پىرنى سىرىتتىن تاما قىلىپ، ئۇيغۇرنى مۇرت بولۇشقىلا يارايدۇ دەيدىغان مىللىي كەمسىنىش ئەكىس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئەمەلدارلىق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، ھوقۇق ھەممىگە قادىر، ھوقۇقدارلىق ھەممىگە قابىللىقتۇر دېگەندەك مۇستەبىت جەمئىيەتكىلا ماس كېلىدىغان ئىجتىمائى كەيپىياتنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇردىن بىر ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئەمەس، ياۋرۇپا دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ھەممە پىرىزدېنتلىرى ئۇيغۇردىن بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھىچ ئىشى يۈرۈشمەيدۇ. چۈنكى دېموكراتىك ئەللەردە ھاكىمىيەتنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىشى ئاللىقاچان قېلىپقا چۈشۈپ بولغان، ھاكىمىيەت يەرگۈزگۈچىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى ئالمىشىپ كەتمەيدۇ . ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى بىرەر مىللەتكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، شۇ دۆلەتتىكى بارلىق پۇقرانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاكىمىيەت تۇتىدۇ. دېمەك، يۇقارقى ئىككى خىل كەيپىياتتا ئىپادىلىنىدىغىنى ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدىغان، نوپۇس ئامىلى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ھوقۇقلا بولسا ھەممە ئىش يۈرىشىدىغان دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى بولۇپ ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق دەپ ئويلىغانلىق، يەنى رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ دۇنيانى رەڭگارەڭ كۆرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا ئامېرىكىدىكى قازاننىڭ قۇلىقى تۆرت ئەمەس، بەلكى تۇققۇز ۋە ياكى قىرىق.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.