كامىل ئەپەندىگە يېزىلغان خەت(5)

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:57:00

بەشىنچى خەت قەدىرلىك بۇرادىرىم كامىل ئەپەندىگە، بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن چەكسىز سالام، ئالدى بىلەن بىر ھەپتە بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغان خېىتىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ خەتنىڭ ماڭا يېتىپ كېلىشىگە...

    بەشىنچى خەت

        قەدىرلىك بۇرادىرىم كامىل ئەپەندىگە، بۇرادىرىڭىز قاسىم ئاخۇندىن چەكسىز سالام، ئالدى بىلەن بىر ھەپتە بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغان خېىتىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
       بۇ خەتنىڭ ماڭا يېتىپ كېلىشىگە 3 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئارقىلىق جۇڭگوغا يېتىپ كەپتۇ. چۈنكى ئۇرۇش دەۋرىدە ياۋروپادىن كەلگەن پوچتا تېز ۋاقىتتا كېلىپ بولالمايتتى. جۇڭگو تۆت يىل بۇرۇن بىز بار ئۆلكىدىمۇ پوچتا مەركىزى ئاچقان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك روسىيە پوچتا ئىدارىسىغا بېقىنمايتتۇق. سىز قارىسام جۇڭگوچە پوچتا ماركىلىرىغا قىزىقىپ قاپسىز، سىزنىڭ بۇرۇنمۇ پوچتا ماركىسى توپلايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. لېكىن جۇڭگودا پوچتا ماركىلىرىنى يەنە باشقا ئۆلكىلەردە ئىشلىتىۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماركىغا شۇنداق تامغا ئۇرۇۋېتىلىدۇ.
       سىزنىڭ خېتىڭىزدىن سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئاللاھنىڭ پاناھىدا خوشال كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. مەنمۇ سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بىلەن سالامەت ۋە ئوبدان كېتىۋاتىمەن ھەمدە سىزگە داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن. ئۆتكەندە مەن سىزگە مېنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بىر دەۋاغا چۈشۈپ قالغانلىقىم توغرىسىدا ئازراق بايان قىلىپ بەرگەنىدىم. بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن بىۋاستە چېتىشلىقى بولمىسىمۇ ، بىزنىڭ تۇققانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاچقا، مەنمۇ بىللە سوتقا بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ يەردە دەۋا ئىشلىرى تازا ئادىل بولمايدىغان بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان تەرەپنىڭ سوتچىغا ئىشىنىپ يالغۇز كەلگەن تەرەپكە قارىغاندا دەۋادا يېڭىپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى چوڭ ئىدى.
       سىز چوقۇم بۇ خىل سوتقا قىزىقىپ قالدىڭىز، لېكىن ئۇ توغرىلىق مەندىن كېيىنكى قېتىملاردا ئاڭلايسىز. بۇ قېتىم مەن بىر خىل توي مۇراسىمى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي، بۇ ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە توي ھىساپلانمايدۇ. بىزدە گەرچە تېخى ئاياللار ئەركىنلىكى باش كۆتۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىدە ئاياللار ئۆز پەزىلىتى ۋەئائىلىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسى بىلەن چوڭ ئىمتىيازغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، ئاياللار چوقۇم بىر مۇراسىم ئارقىلىق ئۆز جۇۋانلىقىنىڭ قەدرىنى تونۇتۇشى كېرەك. شۇڭا ئاياللار بىر ياكى ئىككى بالىلىق بولغاندا «جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ياش قىزلار بىلەن بولغان پەرقىنى ئىپادىلەيدۇ. جۇۋان بولغاندىن كېيىن ئاياللار ئىككى تال ئۇزۇن ئۆرۈمە چېچىنى قەھرىۋا تاقاق ۋە كۈمۈش لېنتىلار بىلەن باغلىۋالىدۇ، بۇ جۇۋانلارنىڭ ئالاھىدە بەلگىسىدۇر. پەقەت مۇشۇنىڭدىلا ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياشقا چوڭايغانلىقىنى ئىشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
        مەن90 ياشلىق بىر موماينىڭ ئۆزىنى 15 ياشلىق قىزدەك چاغلايدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغانتىم بۇرۇن. مېنىڭ ئاچام 28 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بىر بالا تۇققاندىن كېيىنلا، باشقىلار ئۇنى چوكان دەپ چاقىراتتى، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىنتايىن يېرىم قىلاتتى. شۇڭا ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ يولدىشى بارلىق تۇققانلارنى ۋە دوست -بۇرادەرلەرنى چاقىرىپ ئاچامغا جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى كېلەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن يەنە 250 تەك مېھمان كەلدى. بۇ توي 3 كۈن داۋام ئەتتى. مېھمانلار چوڭ-كىچىك سوۋغا سالاملار بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پاخلان، مىكىياندىن تارتىپ، يىپەك رەخت، گېلەمگىچە بارىدى. ئەرلەر دادامنىڭ ھويلىسىدا ، ئايال مېھمانلار بولسا تاغاملارنىڭ ھويلىسىدا ئۇزۇتۇلدى. توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى كوچىدىكى دىۋانىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلدى. بۇ تويدا جەمئىي بەش سېمىز قوي، بىر كالا ۋە نۇرغۇن توخۇ، كەپتەرلەر مېھمانلارغا تاماق قىلىپ تارتىلغانىدى. ئاچام ئوشۇقىغا كېلىدىغان ئككى تال ئۆرۈمە چاچلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ تۆردە ئولتۇراتتى، لېكىن ھىچكىم ئۇنىڭغا جۇۋانلىق توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانىدى.
         قۇتلۇق ئاخۇن سىزگە سالام ئېيتتى. ئەخلەت ھاجىمۇ سالىمىنى ئېيتتى.

    تېنچلىق بولۇڭ.
       1333-يىلى، زەفەرنىڭ 29-كۈنى، قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق