دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى بار

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-16 21:46:54

دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى بارتوي قىلىشتىكى ئىنكار قىلىشقا ئەسلا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەخسەتنىڭ بىرى بالىلىق بولۇش-ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈندۈر.بىز نىكاھتىكى بۇ بۇرچقا سەمىمىيلىك بىلەن...

    دادا بولۇشنىڭمۇ  ۋاختى بار
     
     
     
    توي قىلىشتىكى ئىنكار قىلىشقا ئەسلا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەخسەتنىڭ بىرى بالىلىق بولۇش-ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈندۈر.بىز نىكاھتىكى بۇ بۇرچقا سەمىمىيلىك بىلەن يۈز تۇتىشىمىز ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئاسىيلىقنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كىرەك.دۇنيادا ئارىمىزدا بالىنى يۈك،بوپا ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قاچىدىغان،تۇغۇشنى خالىمايدىغان ئاياللارمۇ يوق ئەمەس.ۋاھالەنكى،ئاشۇ تەنتەكلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى يۈك،بوپا،پوق-سۈيدۈك كۆرمەي تۇغۇپ،تەربىيلەپ قاتارغا قاتقىنىنى ئەگەر ئاتا-ئانىسىمۇ بالىلىق بولۇشنى غەم كۆپەيتىش قاتارىدا كۆرگەن بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەركە،ھارامزادە،پوچى ھالىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇشىدۇ.سىزنىڭ تۇغۇلىشىڭىز يۈك بولمىغان ئىكەن ،سىزنىڭ تۇغۇشىڭىزمۇ بەرھەقكى جاپا،قۇربانلىق ئەمەس.بەلكى،ئەرنىڭ بالا تىپىش ئىقتىدارىنىڭ ،ئايالنىڭ تۇغۇش تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئەزەلىي مۇتلەقتە بەخشەندە قىلىۋىتىلگەن تۇغما ئىقتىدارىنىڭ ئۆز يولىدا لايىقىدا جارى بولىشىدىن ئىبارەت.
     
     
    بۇرادەر،تويدىن كىيىنلا ئايالىڭىز بىلەن سەمىمى ھالدا مەسلەھەتلىشىپ،ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشىڭىز بالىلىق بولۇش-دادا بولۇشتۇر.ئەمما دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى سائىتى بار.بۇنىڭغا سەل قارىماڭ.
     
     
    ئايالىڭىز بىلەن ئىككىڭىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراڭ.توينى قىلىپلا ئارقىدىن بالىلىق بولۇۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ.ھىچكىم ئاجرىشىپ كىتىمەن بالىنى يىتىم قىلىمەن دەپ توي قىلمايدۇ.ئەمما نىكاھتىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىشى بەندىگە قاراڭغۇ،غايىبنى بىلىش بىر ئاللاغا خاستۇر.شۇڭا تويدىن كىيىن بىر مەزگىل ئايالىڭىزنىڭ مىجەزى،تۇرمۇش ئادىتى،ئۆي تۇتۇش ماھارىتى ۋە ئۆز كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشتىكى تىرىشچانلىقى،سىزگە بولغان پوزىتسىيىسى،ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى....قاتارلىقلارنى ئەستايدىل ئويلىنىپ ئۇزاق كەلگۈسىگە بىر-بىرىڭلارغا ھەمجور بولۇپ بىرىشقا كۆزىڭىز يەتسە ،ئاندىن بالىلىق بولۇشنىڭ كويىغا كىرىڭ.بولمىسا ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا بالىلىق بولۇپ قويۇپ ،كىيىن ئۇنى يىتىم قىلىپ قويسىڭىز بىچارە پەرزەنىتلەرنىڭ بىغۇبار دىلىغا مەڭگۈ ساقايماس يارا سىلىپ قويىسىز.
     
     
    يىشىڭىزنى ئويلىشىڭ.نۇرغۇن كىشى ياشلىقىدا ئىشلەپ،پۇل تىپىپ ئىگىلىك تىكلىۋالغۇلۇق،تىخى قىرىپ قالمىغاندىن كىيىن بالىلىق بولۇشقا ئالدىرىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمىلىيەتتە مۇتۇخەسسىسلەر ئەر-ئايالنىڭ25ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى بەدەن ھالىتى ،روھى ھالىتىنىڭ بالىلىق بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ ۋە بۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تىنى تىخمۇ ساغلام ،ئەقلى قۇۋىتى تىخىمۇ كۈچلۈك،ئىنكاسى تىز چوڭ بولىدۇ،دەپ قارايدۇ.25ياشتىن ھالقىغان ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ  تەن ساپاسى ،ئەقلى قۇۋىتى،ئىنكاسى ياش پەرقىگە قاراپ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇڭا ياشلىقتىكى جۇشقۇن ،قىزغىن،ھاياتى كۈچكە ھىسىياتقا تولغان ۋۇجۇدىڭىزدىن ئەۋلاتلىرىڭىزغا بىر تامچە ئايرىشنى ئاتىلىق مەسئۇلىيەت دەپ بىلىڭ ھەم بالا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتنى  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.ئوتاق بىر كۆيۈم نوقتىسى ئائىلىدىكى ئەرزىمەس ،قۇرۇق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان نىزانى پەسەيتىدۇ.
     
     
    ئائىلە ئىخدىزادىڭىزغىمۇ سەل قارىماڭ. بالا ئۆز رىسقى بىلەن تۇغۇلىدۇ،دەيدىغان گەپ بار.ئەمما ئائىلە ئىخدىزادىڭلار ھەقىقەتەن ناچار ،بىر بالىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمىغۇدەك بولسا،ۋاختىنچە توختاپ تۇرساڭلارمۇ ھىچقىسى يوق.ئەمما ئاي، يىللىق تىپىشى بىرنەچچەيۈز يۈئەنگىمۇ بارمايدىغان نامرات دىھقانمۇ بالىلىق بولۇپ ئەۋلات تىرىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ،ئىخدىزادى ھالنى بالىلىق بولۇشنى چەتكە قىقىشنىڭ مۇھىم ئامىلى قىلىۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ.ئەگەر نامرات بولسىڭىز،بالىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ تىخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيسىز.
     
    بەلكم ئايالىڭىزنىڭ ئەركىن قول سىلىپ مىڭىۋالغۇسى باردۇ؟ئۆزىگە يۈك كۆپەيتىشنى خالىمايدىغاندۇ؟تىخى ۋاختى ئەمەس دەپ قارايدىغاندۇ؟ياكى كۆڭلىدە نامەلۇم جىن باردۇر؟(ئاجرىشىش ياكى باشقىچە ناشايان قىلىق دىگەندەك)ئۇنى بالىلىق بولۇشقا كۆندۈرۈڭ.بارلىق بەدنىيەتلەر بەلكىم بالىلىق بولۇش بىلەن يوقاپ كىتىشىمۇ،ئارىدىكى نىزا،چۈشىنىشمەسلىك ،كىلىشمەسلىكلەر بىسىقىپ قىلىشىمۇ مۈمكىن.
     
     
    مەنبە:نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دادا بولۇش ۋاقىت