ئۆلۈم ۋھىمىسى سىزگە تەسىر قىلمىسۇن

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 12:23:37

ئۆلۈم ۋھىمىسى سىزگە تەسىر قىلمىسۇن(مۇنارجان تەرجىمىسى)بىر پەيلاسوپنىڭ گېپى ناھايىتى ئورۇنلۇق:«ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۆلۈمنى ئويلاشتىن پەيدا بولىدۇ.» ئۆلۈم ئالدىدىكى ئىڭراش، جان تالىشىش، مىيىتن...

     


    ئۆلۈم ۋھىمىسى سىزگە تەسىر قىلمىسۇن

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

    بىر پەيلاسوپنىڭ گېپى ناھايىتى ئورۇنلۇق:«ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۆلۈمنى ئويلاشتىن پەيدا بولىدۇ.» ئۆلۈم ئالدىدىكى ئىڭراش، جان تالىشىش، مىيىتنىڭ چىرايى، يېقىن يورۇقلارنىڭ قايغۇسى، ھەرخىل ئاخىرەتلىك نەرسىلەر، دەپنە مۇراسىمى...

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۆلۈمنى تولىمۇ قورقۇنچلۇق قىلىۋەتكەن.

    لېكىن، كىشىلەر شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەك، ئىنسانلارنىڭ ھېسىياتى ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يىڭەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەس. ئادەمدە خىلمۇخىل ھېسىيات بولىدۇ، ھېسىياتنىڭ چىداملىقى ۋە كۈچى ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە يېتىپ ئاشىدۇ-دۈشمەنگە بولغان نەپرەت ئۆلۈمنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ؛ كۈچلۈك مۇھەببەت باشتىن-ئاخىر ئۆلۈمنى مەنسىتمەيدۇ؛ يۈكسەك شان-شەرەپ تۇيغۇسى ئادەمنى ئۆلۈم ئالدىدا مەردانە قىلىۋېتىدۇ؛ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆلۈمتۈك ۋە ئاجىز ئادەملەر ئۆزى ھايات يۈرىسمۇ، جېنى ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان بولىدۇ.

    سەن ئۆلۈمنى بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىش دەپ ئويلاشقا ئادەتلىنىشىڭ كېرەك، چۈنكى بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار ئەمەلىيەتتە تۇيغۇڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئۆلۈم بولسا تۇيغۇنىڭ يوقىلىشىدۇر. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، ئۆلۈمنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇش بىزنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئىشتا خاتىرجەم قىلىدۇ. بۇ خىل تونۇش كىشىلىك ھاياتقا چەكسىز ۋاقىت ئاتا قىلمايدۇ، بەلكى بىزنى ئۆلۈمگە بولغان خىياللاردىن ئۈزۈل-كېسىل ئازاد قىلىدۇ. ئادەم ئەگەر ئۆلۈمنىڭ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتسە، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياشاشمۇ قىلچە قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدۇ. شۇڭا، بارلىق بەختسىزلىك ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئۆلۈم بىز ئۈچۈن چوڭ ئىش بولماي قالىدۇ، چۈنكى بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا، ئۆلۈم بىزگە تېخى يېتىپ كېلەلمىگەن بولىدۇ؛ ئۆلۈم يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا بولسا، بىز مەۋجۇتلۇقىمىزنى يوقاتقان بولىمىز.

    ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەريا ئېقىنغا ئوخشايدۇ، باشتا ناھايىتى كىچىك، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئىچىدە تار دائىرىدە ئاقىدۇ. كېيىن باغانسېرى دولقۇنلىنىپ، قورام تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، قايناملارنى پەيدا قىلىدۇ، دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، سۇ تېخىمۇ تىنىچ ئاقىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا دەريا سۈيى شاۋقۇنلۇق دېڭىزغا قۇشۇلىدۇ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قىلچە ئازابسىز يوقىتىدۇ. تۇرمۇشقا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغان ئادەم ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن ئازابلانمايدۇ. بىز ئاخىر شۇنى چۈشىنىمىز، كىشىلىك دۇنيادىكى غەم-قايغۇ، ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئوخشاشلا قىياپىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، ھەرخىل ئازابلار ئەبەدىيلىك قوينىغا چۆكۈپ، كونترول قىلىش كۈچىنى مەڭگۈلۈك يوقاتقاندىلا، كۆڭۈلسىزلىك تۇمانلىرى تاراپ، ئاسمان سۈزىلىدۇ. دىققەت قىلساق شۇنى بايقىيالايمىز، مېيىتنىڭ چىرايى ھاياتى جۇشقۇنلىقىنى يوقىتىپ، قېتىپ قالغان ھالەتتىمۇ، ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئۇيقۇدىكى بوۋاقنىڭ چىرايىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان چاغدىكى ئەسلى قىياپىتىگە قايتىدۇ. مۇنداق چاغدا، ئۇلارنىڭ چىرايى كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتىنىڭكىدەك شۇنداق خاتىرجەم، شۇنداق تىنىچ بولىدۇ.

    ئۆلۈم ۋەھىمىسى يەپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈريىتى يوق. بىز ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ قويمىساقمۇ بولىدۇ، ئۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يۈز بېرىدىغان ئىش. مىنىڭ قارىشىمچە، ئۆلۈم بىرخىل ئاخىرلىشىش، ئۇ ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ نىشانى ئەمەس؛ ئۇ تۇرمۇشنىڭ خاتىمىسى، ئۇنىڭ ئاخىرقى چېكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمەس.

    ئۆلۈمگە يېقىندىن قارىغاندىن، يىراقتىن قارىساڭ ئۇنچە قورقۇنچلۇق كۆرۈنمەيدۇ. شىر قورقۇنچلۇق مەخلۇق، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندىلا، ئۇنىڭ قورقۇنچلۇقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىسەن؛ تاغ چوققىسىغا يىراقتىن قارىساڭ ئۇنچە ئېگىز تۇيۇلمايدۇ، ئاسانلا چىققىلى بولىدىغاندەك بىلىنىدۇ، لېكىن تاغ قاپتىلىغا بېرىپ، بۇلۇتقا تاقاشقان چوققىغا نەزەر تاشلىساڭ، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىسەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەتىدىن –كەچكىچە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە يۈرسەڭ، زېھنى كۈچۈڭنى بىر يەرگە يىغالمايسەن، چوڭ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.

    بىز ئېغىز سۆز بىلەن ئېيىتقاندا، ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئۆلۈم توغرىسىدىكى خىياللارنىڭ ھەرقانداق ئىشىمغا تەسىر يەتكۈزىشىگە يول قويمايمەن.

    ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.