ھاياتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان 17 لىكسىيە( 2-لىكسىيە)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 20:25:15

ئىجادىيەت-پىروزا ئىككىنچى لېكسىيەھایات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىھایاتلىق ئىنسانغا بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغان غايەت زور بىر نىئمەت. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىزنىڭ ھاز...




    ئىجادىيەت-پىروزا


    ئىككىنچى لېكسىيە

    ھایات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، یاشاشنىڭ ئەھمىیىتى

    ھایاتلىق ئىنسانغا بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغان غايەت زور بىر نىئمەت. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى یاشىغان ۋاقتىڭىز سەلدىن كېیىن ئەبەدى-ئەبەد تارىخقا ئایلىنىدۇ. بۈگۈنكى ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتتىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش تارىخقا ئایلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېیتقاندا ھەربىر كۈن تارىخنىڭ ئۆزىنى یارىتىدۇ. تارىخ ھەرگىزمۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز یات ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ ھەرگىز كىتابلاردىلا ئېیتىپ ئۆتۈلىدىغان، بىز تۇغۇلۇشتىن نەچچە مىڭ یىللار، نەچچە یۈز یىللار، نەچچە ئون یىللار ئىلگىرىكى ئىشلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئابایىقى ھەرىكىتىڭىز، تۇرمۇشىڭىز، ھایاتىڭىزمۇ تارىخنىڭ بىر تەركىبىدۇر. دېمەك ئۆتمۈش بەرىبىر ئۆتمۈش. سىزنىڭ مۇشۇ ئۆتۈپ كەتكەن ھایاتىڭىز مەڭگۈ بىريەردە مەلۇم مەزگىل توختاپ تۇرمایدۇ. ۋەیاكى سىز ھایاتىڭىزنى قایتىدىن باشلىۋالالمایسىز. دېمەك، مۇشۇ بىرلا قېتىم كېلىدىغان زور بایلىقنى، زور نىئمەتنى قانداقراق ئۆتكۈزۈشسىزگە باغلىق.

    ئۆتمۈشتىن بۇیان نۇرغۇن پەیلاسوپ، ئالىم، مۇتەپەككۇرلار ھایات ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، یاشاشنىڭ ئەھمىیىتى توغرىسىدا جىق تەپەككۇرلارنى یۈرگۈزگەن. سىلەرمۇ، مەنمۇ بۇرۇن ئویلىغان، ئادەم نېمە ئۈچۈن یاشایدۇ؟

    یاشاشنىڭ ئەھمىیىتى ۋە مەنىسى زادى نېمە؟

    ھەربىرىمىزنىڭمۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزىمىزگە خاس یاشاش مەنتىقىمىز، ھایاتقا بەرگەن تەبىرىمىز بار. ھالبۇكى، مۇشۇ ھایاتقا، یاشاشقا بولغان تەبىرىمىزنىڭ ھەرخىللىقى تۈپەیلى بىز دائىم ئوخشىمىغان ھایات كەچۈرىمىز. ھایاتلىقىمىزنىڭ قىممىتى ئوخشىمایدۇ. بەزىلەر ئۆز قىممىتىنى ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئۆلچىسە، بەزىلەر باشقىچىرەك ئۆلچەیدۇ. ھایاتقا بەرگەن تەبىرىمىز بىزنىڭ دۇنیا قارىشىمىزغا، یاشاش ئۇسۇلىمىزغا، ئۆمۈرلۈك نىشانىمىز، تەدبىرىمىز، ھەرىكىتىمىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداقلىقى، ھایاتىمىزنىڭ قانداقراق ئۆتۈشى ئۆزىمىزنىڭ ھایاتنىڭ مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىگە بولغان قارىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، تۇرمۇشىمىزدىكى، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن یاشایدىغانلىقىنى، ئۆز ھایاتلىقىدا نەگە بېرىپ نەگە توختایدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى تۈزۈك ئویلىنىپ باققىنى یوق. ئۇلار __________بۇدۇنیادا زادى نېمىگە یاشایدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن یاشایدىغانلىقىنى، بۇ دۇنیادا زادى قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلققە، جەمئىيەتكە قانچىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئویلاپ باقمایدۇ. ئالدىنقى لېكسىیىدە ئېیتىپ ئۆتكىنىمدەك، جاھاندا پەقەت ئىككىلا تاللاش بار، يەنى بىرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایات كەچۈرۈش يولىنى تاللاش، يەنە بىرى بار بىلەن یوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ، مەغلۇبىيەتچىلەرگە خاس ھایات كەچۈرۈش يولىنى تاللاش. خۇددى شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس مۇنتىزىم توغرا بولغان ھایاتنىڭ مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىگە بولغان قارىشى ئېنق بولغانلار دائىملا ئۆز ھایاتىغا ئۆزىگە ئىگە بولۇپ، ھایات قامچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالایدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ سىزىقىنى ئۆزى سىزىدۇ. ئۆزىگە خاس مۇستەقىل، ئادەمگە خاس روھ بىلەن جىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرەلەیدۇ، تۇرمۇشىنى ھەقىقى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر كۆپىنچە ئۇلارغا ھەقىقى چىن كۆڭلىدىن، یۈرىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ دوستلىق قولىنى سوزىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنداق كىشىلەر ئىنتایىن ئاز ساندا. يەنە بىرخىل كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆز ھایاتى، یاشاش توغرىسىدا ھېچقانچە ئویلانمىغان، ئویلانغان بولسىمۇ، ئىنتایىن یۈزە یاكى ناتوغرا ئویلانغان بۇلىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلارنىڭ پىكىرى بویىچىلا ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ نېمە

    دېگەنلىكى، قانداق باھا بەرگەنلىكى ئۇلار ئۈچۈن ئىنتایىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلارنىڭ یاشاش پىرىنسىپىنى توغرىدەكلا ھىس قىلىپ، شۇلار دېگىنى قىلغىنى بویىچە بولۇپ باققۇسى كىلىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھایاتى باشقىلارغا، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈگۈل، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ ئاران چىقىدۇ یاكى چىقالماي باشقىلار یۈك بولىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلاردىن توختىماي ئاغرىنىدۇ. ھېچكىمدىن رازى بولمایدۇ، جەمئىيەت ئىنتایىن بۇزۇلۇپ كىتىپ بارغاندەك، ھەممە ئادەم ئەسكىلىشىپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىپ، ئورۇنسىز قاقشایدۇ یاكى ھېچنىمىدىن بىخەۋەر بار بىلەن یوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ، خارامۇش یۈرىدۇ. ئۇلار ھەرقاچان باشقىلارنىڭ پایدىلىنىش ئوبیېكتىغا ئایلىنىپ قالىدۇ. ئۆزىگە-ئۆزى ئىگە بولالمایدۇ.

    دىمەك، __________بىرىنچى خىلدىكى ئادەم بولۇشمۇ، یاكى ئىككىنچى خىلدىكى ئادەم بولۇشمۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.

    سىز یاكى بىرىنچى خىلدىكىلەر قاتارىغا كىرىسىز یاكى ئىككىنچى خىلدىكىلەر قاتارىغا كىرىسىز. ھەرگىزمۇ ئىككىلىسىنىڭ ھېچقایسىسى بولمایدىغان ئىش بولمایدۇ. بىرىنچى خىلدىكى مۇۋاپپىقىيەتچىلەردىن بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھایاتنىڭ مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىگە بولغان قارىشىمىزنى یېڭىلىشىمىز، توغرىلىشىمىز، بۇرۇنقى تار، مەلۇم بىر شەخس، مەلۇم بىر كوللېكتىپ، مەلۇم بىر ئائىلە، مەلۇم بىر یۇرت، مەلۇم بىر مىللەت، مەلۇم بىر ئىزىم، مەلۇم بىردىننىلا ئاساس قىلىۋالىدىغان یاشاش قارىشىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنیاغا تېخىمۇ بەك كەڭ قورساقلىق، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بېقىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. ئىنسان تۇغۇلغىنىدىن تا ئۆلگىچە نۇرغۇنلىغان ھایات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ ھەم نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. ھایاتتىكى بەزى ئىشلار بىزنىڭ ئارزۇیىمىزدىكىدەك بولغان بولسا بەزىلىرى بىزنىڭ ئارزۇیىمىزدىكىدەك، ئویلىغىنىمىزدىكىدەك بولمایدۇ. یاشاش جەریانىدا ھەر قانداق ئادەم ئادەمگە خاس فىزوئولوگىيە ۋە روھى ئېھتىیاجىنى قاندۇرۇش پائالىیىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزى كىشىلەر یاشاشنىڭ مەقسىدىنى ئۆزىنىڭ ماددى ئېھتىیاجىغا ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى روھى ئېھتىیاجىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجتىن كۆرە روھى ئېھتىیاجنى ئاساس قىلغان، مۇھىم ئورۇنقا قویغان بولىدۇ. ئادەمنىڭ فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجى: یىیىش، جىنس، كىیىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي ... قاتارلىق سىرتقى ماددى، جىسمانى ئامىللارغا باغلىق بولغان ئېھتىیاجلاردۇر. ئادەمنىڭ روھى ئېھتىیاجى: ھۆرمەتلىنىش، ھۇزۇرلىنىش، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىش، مىھىر-مۇھەببەت، ھۆرلۈك، بىلىش، قىزىقىش، ئىجاد قىلىش... قاتارلىق روھى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئېھتىیاجلاردۇر. ئادەمنىڭ یاشىشىنىڭ مەقسەت دەرىجىسى ۋە مەقسەتكە ماس بولغان ئادەم قىممىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ.

    بىرىنچى باسقۇچ، ئۆزىنىڭ فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجىنى ئویلاش

    بۇ باسقۇچتىكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ دەسلەپكى فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجىنى قاندۇرۇشنىلا ئویلایدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېھتىیاجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمایدۇ. مۇبادا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېھتىیاجى قانسىلا شۈكرى قىلىدۇ. بۇنداق __________كىشىلەردىن نە غۇرۇر، نە روھ دېگەنلەرنى تاپقىلى بولمایدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەتىنى ساتىدۇ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىدۇ.

    ئىككىنچى باسقۇچ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى روھى ئېھتىیاجىنى ئویلاش

    بۇ بىرىنچى باسقۇچتىكى ئېھتىیاج قاندۇرۇلۇپ بولغاندىن كېیىنكى بىلىشنىڭ بىر بالداق ئۆرلىشى بولۇپ، بۇلاردا ئۆزىنىڭلا كۆڭلىنى خۇش قىلىش، ئۆزىنىڭلا روھى ئېھتىیاجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئېھتىیاجىنى، كۆڭلىنى ئایاپ ئولتۇرمایدۇ. ئۆزىنىڭ دىتىغا كىچىككىنە ئىش یاقمىغىدەك بولسا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانداق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن باشتارتمایدۇ. يەنى بىز كۆپ ئېیتىدىغان شەخسىيەتچى كىشىلەردۇر.

    ئۈچىنچى باسقۇچ، ئۆزىنىڭلا ئەمەس قارشى تەرەپنىڭمۇ فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجىنى ئویلاش

    بۇ ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىن يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەندىكى باسقۇچ بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىكى ئېھتىیاجى قانغان، ھەم بىلىش دائىرىسى ئالدىنقى ئىككى باسقۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ بەك یۇقىرىلىغان باسقۇچتۇر. بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزىنى ئویلاش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپنىڭمۇ فىزولوگىیىلىك ئېھتىیاجىنى قاندۇرۇشنى ئویلایدۇ. ئۇلار ئىلاج قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ قورساق، كىیىم، ئائىلە قۇرۇش ئىشلىرىغا یارىدەم قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ ھېسابلایدۇ-یۇ، قارشى تەرەپنىڭ روھى ئېھتىیاجىنىڭمۇ بارلىقىنى دېگەندەك ئویلاپ یېتەلمەیدۇ. قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز ئایىمایدۇ، ھۆرمەتلىمەیدۇ. كىشىلىك ھۆرمەتلىنىشتە قارشى

    تەرەپنى ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇنغا قویىدۇ. ئۇلارچە بولغاندا قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانى ھوقۇقتىن بەھرىمەنلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشكە، ئۆگىنىشكە، بىلىشكە، ئىجاد قىلىشقا، ئىنساندەك یاشاشقا ئىنتىلىشى ئویلاپ يەتكىلى بولمایدىغان ھەم قوبۇل قىلغىلى بولمایدىغان بىر ئىش.

    تۆتىنچى باسقۇچ، ئۆزىنىڭمۇ، قارشى تەرەپنىڭمۇ روھى ئېھتىیاجىنى ئویلاش

    بۇ بىلىشنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلىشى بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزىنىمۇ-باشقىلارنىمۇ ئویلایدۇ ھۆرمەتلەیدۇ. ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەت بىرىشىدۇ. ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. بۇندىن باشقا جىق ئارزۇلىرى بولمایدۇ. ئۆزىنىڭ خەلق ۋە دەۋر ئالدىدىكى بۇرچلىرىنى ئویلىمایدۇ. بۇلار جەمئىیىتىمىزدىكى ساددا كىشىلەردۇر.

    ئۇلارنىڭ مۇقىم ھایات نىشانى بولمایدۇ. ئۇلۇغۋار مەقسەد-پىلانلىرى بولمایدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا باشقىلارنىڭ شۇئار-چاقىرىقلىرىغا، گەپ-سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئەگىشىدۇ. دېمەك، بۇ باسقۇچتىكى ساددىلىقنى ئاقكۆڭۈللۈك دەپ ھەرگىز ماختاشقا، تەشۋىق قىلىشقا بولمایدۇ.

    بەشىنچى باسقۇچ، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئېھتىیاجىنى ئویلاش

    بۇ بىلىشنىڭ، ئىددىیىنىڭ تېخىمۇ بىر پەللە ئۆرلىشى بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ، دىننىڭ، مەزھەپنىڭ، سىیاسى-ئىددىیىۋى ئېقىمنىڭ ئېھتىیاجىنىلا، مەنپەتىنىلا ئویلایدۇ. ئۆزى تەۋە مىللەت، دىن، مەزھەپ، ئىددىیىۋى ئېقىمدىكى كىشىلەر بىلەن ناھایىتى ئىجىل-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ، شۇنداق كۆیىنىدۇ، ئۇلارغا پىداكارلىق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللىتى، دىنى، مەزھىپى، سىیاسى-ئىددىیىۋى ئېقىمىدىن یات بولغان كىشىلەرنى مەنسىتمەیدۇ، پەس ئورۇندا كۆرىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانى یاشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ. كىشىگە باھا بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتكە،

    تەبىئەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ قایسى مىللەت، دىن، مەزھەپ، ئىددىیىۋى ئېقىمغا تەۋە ئىكەنلىكىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇباسقۇچتىكىلەرنى مۇنداقچە قىلغاندا كوللېكتىپ شەخسىيەتچى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسلەن، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىكى ناتىستلار، شۇنداقلا بۇندىن خېلى زامانلا بۇرۇنقى چوڭ رۇسچىلىق، چوڭ مانچۇچىلىق، چوڭ یاپونچىلىق ئىددىیىلىرى بۇنىڭغا بىر ئوبدان مىسال بولالایدۇ. ھەم تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان شەكلى ئۆزگەرگەن -21 ئەسىردىكى یېڭى فاشستىك ئىددىیىگە ئىگە، مىللەت، ئىزىم، دىننى قالقان قىلىۋالغان كىشىلەر دەل بۇ باسقۇچتىكىلەردۇر. بۇلار يەرشارىدىكى ھەرخىل مەدەنىيەت، ئىددىیىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمایدۇ. بۇ خىلدىكى ئىددىيە دەل شۇ خىل ئىددىیىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئاتالمىش مۇتەپەككۇر، مۇتەخەسىس-ئالىم، ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۆپىیىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۇلغىیىپ زور ئىجتىمائى ئاپەتكە ئایلىنىدۇ. بۇيەردە شۇنى تەكىتلەیمەنكى، ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتى، ئىزىمى، دىنى ئۈچۈن باشقىلارنى چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنى، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقادىنى قوغداش، تەرەققى قىلدۇرۇش، چىن كۆڭلىدىن سۆیۈش. شۇنداقلا باشقىلارنىڭكىنىمۇ ھۆرمەتلەش، ئاسراش. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادى بىرگەۋدىلەشكەن، مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچىیىپ، يەرشارى بىر كىچىك كەنتكە ئایلىنىپ قېلىۋاتقان چاغدا، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك مەلۇم بىر كىچىك دائىرىدا، مەلۇم بىر كىچىك رایۇن كەنتتە، یۇرتتا، دۆلەتتە بىر ئۆمۈر یاشاپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال ئىنتایىن ئازلىدى. ھازىر بىر دۆلەتتە، شەھەرلەردە ھەرخىل ئىرق، دىن، ئىزم، مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇرۇنقى ئىپتىدائى جەمئىيەتتىن قېلىپ قالغان، تار مەھەللىۋازلىق، یۇرتۋازلىق، تار مىللەتچىلىك، تار ئىزمچىلىق قاراشلىرىدىن چوقۇم ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز زۆرۈر.

    ئالتىنچى باسقۇچ، ئىنسانىيەتنى ئویلاش

    بۇ باسقۇچتىكى كىشىلەر ئومۇمەن، يەرشارىدىكى ئومۇمى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتىنى ئویلایدۇ. ئۇلار بىلىشنىڭ تېخىمۇ یۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۇلار يەرشارىدىكى، ھەربىر ئىنساننى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قویىدۇ، ھۆرمەتلەیدۇ. یات مىللەت، یات ئىزىم، یات دىندىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. لېكىن بۇ باسقۇچتىكىلەر، يەرشارىغا ئىنسانلارلا خوجا بولىشى كېرەك، دەپ قارىغاچقا، ئىنساننىڭ مەنپەتى ئۈچۈن مۇھىتنى، ئېكولوگىیىلىك سىستېمىنى، تەبىئەتنى بۇزىدۇ. تەبىئەتتىكى باشقا جانلىقلارنىڭ مەنپەتىنى ئویلىمایدۇ. ھەم ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن مۇھىتنى قوغداش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قویىدۇ. ھەرگىزمۇ بۇ يەرشارىدا باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، یاشىشنى ئېسىگە ئالمایدۇ.

    يەتتىنچى باسقۇچ، تەبىئەتنى ئویلاش

    بۇ باسقۇچتىكىلەر ئىنسانىيەت ھەم تەبىئەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ یاشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. تەبىئەتتىن مۇۋاپىق پایدىلىنىدۇ. مۇھىتنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، باشقا جانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئاسرایدۇ، قوغدایدۇ. تەبىئەتنىڭ ھەربىر ئەزاسى بىلەن ھەمكار ئۆتىدۇ. یۇقارىقى يەتتە باسقۇچ بىردىن-بىردىن تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، ھەربىر باسقۇچتىكى ئېھتىیاج قانغاندا ھەم بىلىش دائىرىسى ئۆرلىگەندە ئاندىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆرلەیدۇ. ھەم بەزىدە ئۆز-ئارا گىرەلەشمە بولىدىغان ئەھۋالمۇ كىلىپ چىقىدۇ. لېكىن، كۆزىتىشىمچە ئىنساننىڭ دەرىجىسى ھەم قىممىتى ئومۇمەن شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ بۇيەردە ئوتتۇرىغا قویغىنىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشى ئەمەس. بەزى ئادىمىیلىكى تۈۋەن ئادەملەر خەلقنىڭ كۆزىنى بۇیاپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ خەلقنى، ئىنسانىيەتنى ئاپەتكە ئىتتىرىدىغان ئىشلارمۇ كۆرىلىدۇ. ئادىمىیلىكتىن پەس ئادەملەر گەرچە مىڭ ئېسىل تاۋار-دۇردۇننىڭ ئىچىگە پۈركىنىۋالسىمۇ، مېڭىپ یۈرگەن ئادىمى ھایۋاندىن ھېچقانداق پەرقى یوق كىشلەر ئۇ مېنىڭچە ئىنسانىيەتتىكى ھەربىر كىشى كىشىلىك یاشاش ھوقۇقى، ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقىدا باپباراۋەر بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئىرقى، مىللىتى، دىنى، مەزھىپى، سىیاسى گورۇھ، جىنسى، ئىجتىمائى ئورنى سەۋەبلىك ئەمەس بەلكى جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە قوشقان ھەقىقى تۆھپىسى ئارقىلىق باھا بېرىلىشى كېرەك. شۇنداقلا يەرشارىدىكى ھەربىر جانلىقنىڭمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش يەرشارىدىن تەڭ پایدىلىنىش ھوقۇقى ھۆرمەتلىنىشى، بۇ جایلاردا باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقى ئۇنتۇپ قېلىنماسلىقى كېرەك.

    بولۇپمۇ ھازىرقى21-ئەسىردە يەرشارى بىر گەۋدىلەشكەن ھەم مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بىز دۇنیاغا تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق، مېھىر-مۇھەببەت، ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى ئۆزلۈكسىز كېڭهیتىشىمىز، شۇنداقلا تار یۇرتۋازلىق، ئىددىیۋازلىق، ئىزملىق، ئەسەبىیلىككە ئەگەشمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى يەرشارىدا بىزدىن باشقا نەچچە مىلیارد ئىنسان، نەچچە یۈز دىن، نەچچە مىڭ مىللەت، تىل-یېزىق، نەچچە ئىرق ۋە نەچچە مىلیۇنلىغان تۈردىكى جانلىقلار بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ تەڭ ئورۇندا قویۇپ ھۆرمەتلىشىمىز، بەزىبىر ئۇقۇشماسلىق، توقۇنۇشلارنى تىنچ سۆھبەتلىشش بىلەن، ئىلاج بار ئۆز-ئارا یول قۇیۇش سۆھبەت یولى بىلەن ھەل قىلىشىمىز. ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزىققانلىق، ئەسەبىیلىك، تەلۋىلىك، سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن كىشىنى بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلماسلىقىمىز لازىم. ھەرقانداق بولۇپمۇ ھەرخىل سىیاسى-ئىددىیىۋى ئېقىملارغا ئىنتایىن سوغۇققان بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بىردەملىك تەلۋە ھېسسىیاتىمىز بىلەن باشقىلارنى تەلۋىلەرچە بالایىئاپەتكە ئىتتىرمەسلىكىمىز كېرەك. ھازىرقى خەلقئارادىكى ھەرقایسى دۆلەتلەر ئىگە بولغان یادرو قورال ھەم زور كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قىرىشقا یىتىپ ئېشىپلا قالماستىن بەلكى، يەرشارىنى 20 قېتىم یوق قىلىۋېتلەیدۇ(یاكى يەرشارىغا ئوخشاش پىلانتتىن 20 نى یوق قىلىۋېتەلەیدۇ). شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئاساسلىق نىشان ھەم دىققىتىمىز، ئىنسانىيەتتىكى بۇخىل كەڭ-كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىیىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، تەبىئەتتىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەشكە، ھەرخىل تەبىئى ھەم سۈنئى ئاپەتلەرنى ئازایتىشقا، ئىنسانىيەت نوپۇسىنىڭ سۈپەتسىز زىیادە كۆپۈیۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ھەرخىل شەكىلدىكى تەلۋە-ئەسەبى ئىزىم، ئىددىیىنىڭ یامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى چۈشىنىش، ھەمكارلىق، ئىناق-ئىتتپاقلىق، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەیتىشكە، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىشىمىز كېرەك. مانا شۇنداق بولغاندا یاشاشنىڭ مەنىسى ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ.

    ھایاتنىڭ مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتى دەل شۇيەردىكى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىیلىك قىممەت ھەم دەرىجىمىزنى ئۆزلۈكسىز یۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا خۇشال-خۇرام، كۆڭۈل توقلىقى بىلەن، بىلىشنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈپ ھەقىقى ئادىمىلىككە یېقىنلىشىش، ھەقىقى ئادەمگە خاس یاشاشقا ئىنتىلىش كېرەك.

    ھایاتنىڭ مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتى باشقىلاردىن ئېلىشتىلا ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ لەززىتى كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى یۈرەكنىڭ ھەقىقى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان مىھىر-مۇھەببەتتە، كۈیۈمدە، شەخسىيەتسىز دوستانە ئالاقىدە. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدىنىش ھەم ئۆگىنىش، ئالغا بېسىشتا. شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلىرىدىن كۆڭلىنىڭ ھەقىقى ئازادىلىك تېپىشىدا. باشقىلارغا، جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە قوشقان ئۈن-تىنسىز تۆھپىدە. بىر ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدىغان ھایاتلىقتىكى یوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ یاشاشتا. ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق، چۈشكۈنلۈككە باش ئەگمەي، ھەقىقى غالىبلارغا خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشتا، قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ھەقىقى خۇشاللىق ھەم روھى خاتىرجەملىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

    ئەتراپىمىزغا قارایدىغان بولساق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كۆپلىگەن كىشىلەر ھایاتلىقنىڭ یۇقىرى

    باسقۇچلىرىدىكى كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم پەرقى شۇيەردىكى، ئۇلار ئۆزىنىمۇ،  ئۆزگىنىمۇ تەڭ ئورۇندا قویىدۇ، ئویلایدۇ. تۆھپە قوشۇشنى ھەرگىز جاپالىق دەپ قارىمایدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جاپا، ئازاپ ئۇقۇملۇق سۆز بولمایدۇ. ئۇلار ھایاتلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلەر. ئۇلار دائىملا كۆتۈرەڭگۇ، روھلۇق بولىدۇ، چۈشكۈنلۈكتىن، ئازابتىن خالى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئازاب، جاپا چۈشەنچىسى باشقىلارنىڭدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنى ئویلىماسلىقنى، تىرىشماسلىقنى ئۆزىگە ئازاب ھىس قىلىدۇ. ئۇلار مەیلى نەگە بارسۇن، نەدە تۇرسۇن، قایسى جەمئىيەت، قایسى شارائىتتا یاشىسۇن ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا ئىجابى تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ماڭغان ئىزىدىن گۈل ئۈنىدىغانلار دەل شۇنداق كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا بىر جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇنلىشىشى ھایات مەنىسى ۋە یاشاشنىڭ ئەھمىیىتىنى تولۇق چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىق. ھالبۇكى، شۇنداق كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھایاتقا بولغان تەبىرىمىزنى یېڭىلىشىمىز، یاخشىلىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئادىمىیلىككە، ھایاتقا بولغان دۇنیا قارىشىمىزنى تېخىمۇ بەك پاكلىشىمىز زۆرۈر. بىز ئۆزىمىزنى ھەر جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈچلەندۈرۈپ، باشقىلارنىمۇ ئویلاپ، ھۆرمەتلەپ، جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى، ھایاتلىقنى تېخىمۇ بەك سۆیۈشىمىز كېرەك. بۇندىن كېیىن ھەرگىزمۇ قانچە كۈن ئۆتسە شۇنچە كۈن ئۆتتى دېمەستىن، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇقىم بىر نىشان، مەقسەت، پىلان،

    ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ، ساۋاب ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەرگىزمۇ باشقىلار قانداق بولسا مەنمۇ شۇنداق بولاي، دېمەسلىكىمىز. ئۆز-ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ باشقىلارغا كۆیۈنۈشنى، ئۆزلۈكسىز یېڭىلىق یارىتىپ، ئۆگىنىپ ھەرجەھەتتىن ئىلگىرلەشنى ئۆمۈرلۈك ئادىتىمىزگە ئایلاندۇرىشىمىز كېرەك.

    ئەلۋەتتە، یاشاشنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىدىكى بىزنىڭ ھایاتقا بەرگەن تەبىرىمىز ئوخشىمایدۇ. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، بىر ئاساسى قاراش ئاساسىدا نۇرغۇن قوشۇمچە تەبىرلەر پەیدا بولىدۇ، ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مۇھىتمۇ ئادەم ئىددىیىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ یاشاشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىیىتى توغرىسىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى بىزدە ئەڭ ئاساسلىق، يەنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھۆرمەت ئاساسىدىكى قاراش بولغاندىلا، قالغان سىرتقى ئامىل جىق ئۆزگەرسىمۇ، ئادەمنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى ۋە ھایات مەنىسى سەلبى تەرەپكە ئۆزگەرمەستىن ئۆزلۈكسىز ئىجابى تەرەپكە ئۆزگىرىپ، تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئۆزگىرىدۇ، ھەرمىنۇت، ھەر سائەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئېشىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ سىرتقى غىدىقلىنىشلار تۈپەیلى بارغانسىرى قىممىتى چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.

    ھایاتنىڭ مەنىسى ھایاتلىقتىكى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش، باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت بېرىش ھەم باشقىلارنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىگە ئېرىشىش، یېڭىلىق یارىتىش ۋە ھەرقانداق بېسىم، قىیىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، ئازاب ئىچىدىمۇ يەنىلا قارىغایدەك مەزمۇت تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىیاپىتىنى تېپىۋېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

    ھازىرقى ۋاقتىڭىز، كۈنىڭىز سىز ئىجابى، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلسىڭىزمۇ ئۆتىدۇ، سەلبى تەسىرگە ئىگە ئۆز-ئۆزىڭىزگە، باشقىلارغا ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىیىتى بولمایدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزسىڭىزمۇ، ئۆتىدۇ شۇ بىر كۈنىڭىز. شۇڭلاشقا ھازىرقى ھایاتلىقىمىزدىكى ھەربىر مىنۇتىمىزنى، ئىنتایىن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. مەسلەن، یېڭى-یېڭى شەیئىلەر، ھادىسىلەر توغرىلىق ئۆگىنىشىمىز، ئویلىنىپ تەپەككۇر قىلىشىمىز. باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز ھەم باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىشىمىز، ھەرقانچە ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار، خۇشال خوراملىق روھى كەیپىیاتنى ساقلاپ، شۇ ئىشلارنى یاخشى تەرەپكە بۇراشنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش، دەپ ئولتۇرماسلىقىمىز، تېخىمۇ یېڭى ئىشلارنى، ھادىسىلەرنى سىناپ بېقىشقا تەۋەككۇلقىلىشىمىز، یېڭىلىق یارىتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزغا یېڭىچە مەنە، خۇشاللىق، رازىمەنلىك ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىر ئادەم ئاچچىقنى يەڭسىلا باتۇر ئەمەس، بەلكى ھەرخىل ئازاب، ئوڭۇشسىزلىق، چۈشكۈنلۈك ئۈستىدىن

    غالىب كەلسە، ھەرخىل ئېرىشكەنلىرى بىلەن ئۆز قىممىتىنى باھالىماستىن، بەلكى باشقىلارغا قىلىپ بەرگەن، قىلىپ بەرگەن ھەم قىلىپ بېرەلەیدىغان ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى باھالىسا ئاندىن ھەقىقى باتۇر بولىدۇ، ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ.

    ئویلىنىڭ:

    بىرىنچى، سىزنىڭ بۇرۇنقى كىشىلىك ھایاتقا بەرگەن تەبىرىڭىز بىلەن بۇ لېكسىیىدىن ئۆگىنىپ، ھىس قىلغانلىرىڭىز ئارىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار، قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟

    ئىككىنچى، مۇبادا باشقىلار نادانلىقتىن سىزگە زەربە بەرگەن بولسا، سىز ئۇ ھالدا قانداق قىلىسىز؟ سىزمۇ جاھاننىڭ رەپتارىغاقاراپ ئىش كۆرمەكچى بولامسىز یاكى جاھاننى بىر كىشىلىك خۇشپۇراق گۈلگە تولدۇرۇشنى ئویلامسىز؟

    ئۈچىنچى، سىزنىڭ ھازىرقى ھایاتقا بەرگەن تەبىرىڭىز قانداق؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.