ئوقۇتقۇچىنىڭ تاياق يىيىشى توغرىمۇ؟

يوللىغۇچى : hasrat يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-04 18:13:00

( بۇ تېمىغا يېزىلغانلىرى ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەمىلىي قىيىنچىلىقلار بولۇپ ، توقۇلما ئارىلاشمىغان ، ئەمىلىيەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ) 4- سائەتلىك دەرس ۋا...

     ( بۇ تېمىغا يېزىلغانلىرى ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى  قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەمىلىي قىيىنچىلىقلار بولۇپ ، توقۇلما ئارىلاشمىغان ، ئەمىلىيەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر )

             4- سائەتلىك دەرس ۋاقتى ،ئىشخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇرسام ، سىنىپ ھەيئىتى يۈگۈرۈپ كىرگىنىچە ھاسىرىغان ھالدا << مۇئەللىم ، مىرزات ئەسئەت مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى >> دېدى .ئەسئەت مۇئەللىم مەكتىۋىمىزنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئېغىر - بېسىق ، ياۋاش ئوقۇتقۇچى ئىدى ،مەن بۇ يىل 6- يىللىققا مەسئۇل بولغان بولۇپ ، مىرزات سىنىپ بويىچە ئەمەس مەكتەپ بويىچە ئەڭ قۇلاق كەستى ، كۈندە جېدەل تېرىپ تۇرمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ، ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ كۈن دەرس تاشلايدىغان ئوقۇغۇچى ئىدى .
        ئۇ 5- يىللىقتىكى ۋاقتىدىلا جەمىيەتتىكى يانچۇقچى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ  ، بىر قېتىملىق ئوغرۇلۇق ئەنزىسىگە چېتىلىپ ،تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كىرىپ قېلىپ،  چوڭ ئانىسىنىڭ جەرمانە تۆلىشى ، مەكتەپنىڭ كېپىل بولىشى بىلەن قايتىپ چىققان ،مەكتەپتە تەسىرى ناچار بالا ئىدى. مىرزات چوڭ ئانىسى بىلەن  بىللە تۇراتتى.  چوڭ ئانىسىمۇ نەچچە قېتىم مىرزاتنىڭ ئۆزىنى تىللاپ ، ھاقارەتلىگنلىكىنى ، گېلىنى سىقىپ تامغا ئۈستۈرگەنلىكىنى دەپ ، يىغلاپ ھال ئېيتىپ كەلگەن ئىدى.  مەن ئۇنىڭغا كۈندە نەچچە رەت ئۆزەم بىلىدىغا ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ چىرايلىق بولغان  تەربىيە سۆزلىرىنى ئېيتىپ تەسىرلىك ھالدا تەربىيە بېرەتتىم ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا تەربىيىنى قوبۇل قىلاتتى - يۇ بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۇنتۇپ قالاتتى .راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئوقۇغۇچىدىن بەكلا زېرىككەن ئىدىم ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساملا نېرۋام ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى كىچىكىدە ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاپىسى قايتا توي قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەن ،  دادىسى باشقا ئۆيلەنگەن ئىكەن  ، ئەر - ئايال ئىككىسى ئىچكىرىدە يۈرۈپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن( مىرزاتنىڭ ساۋاقداشلىرىغا دەپ بېرىشىچە شىنجاڭدىن چىققان ئۇيغۇر بالىلارنى ئوغرىلىققا سالىدىكەن ) بىر - ئىككى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىكەن  ، دادىسى ئۇلارغا يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن ،مەن مىرزاتقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، دادىسى مىرزاتنى مەكتەپكە بەرگەندە ، پەقەت بىرلا قېتىم كەپ باقتى ،  مەن دادىسى كەلگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئىككى قېتىم ئۆيىگە بېرىپ ، مىرزاتنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق كۆرۈشكەن، بىرنەچچە قېتىم تېلىفوندا سۆزلەشكەن ئىدۇق ، مەن يۇقارقىلارنى خىيال قىلغاچ سىنىپقا كىردىم ، مىرزات سىنىپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەسئەت موئەللىمنىڭ ياقىسىغا ئسىلىۋالغان بولۇپ ، ئاغزىنى بۇزۇپ مۇئەللىمنى تىللاۋاتاتتى . ئۈچ- تۆت ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىدا ئككىسىنى ئايرىۋاتاتتى.
       مەن ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم . ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ،كۆزۈمگە ئىنتايىن بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى ،مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ بالىلار جىم بولۇشتى ، مىرزاتمۇ  مۇئەللىمنىڭ ياقىسىنى قويىۋەتتى . غەزىۋىم قايناپ تاشقان ئىدى .بارغان پېتى مىرزاتنىڭ پاتىڭىغا بىرنى سېلىپ << بۇ كىم ؟ سەن ئادەمنىڭ بالىسىمۇ ياكى ھايۋاننىڭ بالىسىمۇ ؟ >> دېدىم .ئەسلى ئۇنى ئۇرۇشۇم خاتا ئىدى ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغىمۇ توغرا كەلمەيتتى .لېكىن ئاچچىقىمدا ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم . باشقا ئوقۇتقۇچى ئۇرغان بولسا بەلكىم ئۇقول  ياندۇرۇشى ياكى تىللىشى مۈمكىن ئىدى ، مەن سىنىپ مەسئۇلى بولغاچقا مەندىن بىرئاز ھېيىقاتتى ، شۇڭا گەپ قىلماي تۇردى ، مەن ئۇنىڭغا  مەيداندا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى بىردىن - بىردىن سىرتقا ئەچىقىپ ئەھۋال ئىگىلىدىم .(سىنىپتا ئوپچە پىكىر ئالسام دەپ بەرمەسلىكى مۈمكىن ئىدى ،بالىلار مېنىڭ دېگىنىمنى مىرزاتقا چېقىشتۇرۇپ قويسا مېنى ئۇرىدۇ دەپ قورقاتتى ، سىنىپتىكى ئەمەس مەكتەپتىكى ھەممە بالىلار دېگۈدەك ئۇنىڭدىن قورقاتتى ) مەن پەسكە چۈشۈپ مىرزاتنى چاقىرىپ ، مەيداننىڭ چېتىگە ئەكىلىپ ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم . ئۇ بالىلارنىڭ ئىنكاس قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە پۈتۈن گۇناھنى ئەسئەت مۇئەللىمگە ئارتتى ،تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى .مەن بولغان ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلغىنىمنى ،سەۋەنلىكنىڭ ئۆزىدە ئكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن جىم بولدى ،مەن يەنە ئۇنىڭغا ئەمىلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەربىيە قىلدىم ،  مەن ئۆيگە ماڭغاندا  چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .مەن ئۆيگە ماڭغاچ ، مىرزاتنىڭ دادىسىنى مەكتەپكە چاقىرتىش ، مەكتەپكە كەلمىسە ئۆزەم ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈشۈپ ، مىرزاتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ پىكىرلىشىش ئويىغا كەلدىم (  بۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىردىكىلەرنى قايتۇرىۋەتكەن بولغاچقا ، مىرزاتنىڭ   ئاتا - ئانىسىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، مەن ئۇنىڭ دادىسىغا نەچچە قېتىم تېلىفون قىلىپمۇ مەكتەپكە كەلتۈرەلمىگەن ئىدىم .) چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە كېلىپ بولغان ئەھۋالنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن ، تېلىفوننى قولۇمغا ئېلىپ مىرزاتنىڭ دادىسىغا ئەمدى تېلىفون قىلاي دەپ تۇرسام ، ئۈچ- تۆت ئوقۇغۇچىلار قېشىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ،<< مۇئەللىم ، مىرزاتنىڭ ئاتا - ئانىسى دەرۋازا ئالدىدا  ئەسئەت مۇئەللىمنى ئۇرۇپ كەتتى >> دېيىشتى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، مۇدىر بىلەن ئىككىمىز يۈگۈرۈپ دېگۈدەك دەرۋازا ئالدىغا باردۇق ، ئەر- ئايال ئىككەيلەن ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ، ئۇياق - بۇياققا تارتقۇشلىغىلى تۇرۇپتۇ ، بىرنەچچە ئوقۇتقۇ چىلار ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇلارنى ئاجراتقىلى تۇرۇپتۇ،  بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلار ئولۇشۇپ كېتىپتۇ ، نەدىن كەلگەن كۈچكىن بىلمىدىم ، بارغان پېتى مىرزاتنىڭ دادىسىنىڭ ياقىسىدىن ئالغان پېتى كۈچەپ تارتتىم  ( مېنى ئۇرۇپ كېتەرمۇ  دېگەننىمۇ ئويلىماپتىمەن ) ئۇ كۆزىنى چەكچەيتىپ ماڭا قارىدى:
       _ قانداق نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەمسىز ؟ بۇ مۇئەللىمنى نېمىشقا ئۇرىسىز ؟_دەپ ۋارقىرىدىم غەزەپ بىلەن ،
       _  يولدۇشۇمغا  بالا تېپىشىپ بەرگەندەك بالامنى نېمىشقا ئۇرىدۇ ، بۇ سولامچى ئوغرى .._ دېگەن بىرمۇنچە ئەپسانىي تىللار بىلەن جاۋاپ بەردى  ئۇنىڭغىچە مىرزاتنىڭ ھېلىقى سۆيۈملۈك ئۆگەي ئاپىسى ،
        يۈزىگە تۈكۈرىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى ،لېكىن ئۇنداق قىلىشقا بولمايتتى، ئۇڭغىچە دادىسىنىڭمۇ زۇۋانى ئېچىلىپ ئاغزىدىن ئەپسەنە سۆزلەرنى چىقىرىپ ئەسئەت مۇئەللىمنى تىللىغىلى تۇردى . ئۇنىڭغىچە بىرقانچە ئوقۇتقۇچىلار ئەسئەت مۇئەللىمنى ئىىشخانىغا ئەكىرىپ كەتتى .
       _  ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ ،بالىڭىز مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغىلى ئالتە يىل بولاي دەپ قالدى ، بىرقېتىم  مەكتەپكە كېلىپمۇ قويمايسىز ، مەن ئۆيىڭىزگە ئىككى قېتىم بارمىغان بولسام مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيتتىڭىز ، ھەتتا  مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ ، بالىڭىزنىڭ قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايسىز ، بالىڭىزنىڭ مەكتەپتىكى ناچار قىلىقلىرى توغرۇلۇق سۆزلىشەي دەپ نەچچە قېتىم تېلىفون قىلساممۇ كەلمىدىڭىز ،ئەمدى ئاشۇ قىلىقسىز بالىڭىزنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ نومۇس قىلماي ئوقۇتقۇچىنى ئۇرغىلى كەلدىڭىزمۇ ؟ _ دېدىم .
       ئۇنىڭغىچە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئاتا - ئانىلارمۇ مىرزاتنىڭ قىلىقسىزلىقلىرىنى ئېيتىپ ، بۇ ئىككىسىنى ئەيىپلىگىلى تۇردى .(مىرزاتنىڭ مەكتەپ بويىچە ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئاتا -ئانىلارمۇ بىلەتتى ،چۈنكى كۈندە نەچچە ئاتا - ئانا مىرزات توغرۇلۇق دەۋاغا كېلەتتى ).
       ھەممىمىزنىڭ ئەيىپلىشى بىلەن ئۇلار سەل پەسكويغا چۈشۈپ ، مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى ، ئۇيەردە مەن ۋە مۇدىر مىرزاتنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىنى ئۇلارغا يورۇتتۇق ، مەنمۇ بۇ جەرياندا ئىچىمدىكىنى دەپ خېلى قورسۇقۇمنى بوشىتىۋالدىم ، ئاخىرى ئۇلار قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ ، ئەسئەت مۇئەللىمدىن ئەپۇ سورىدى. گەرچە ئۇلار ئەسئەت مۇئەللىمدىن ئەپۇ سورىغاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن مېنىڭ ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاچچىق بولۇپ قالدى ، چۈنكى ئەسئەت مۇئەللىم چىڭ بولمىسىمۇ ،ئۇلاردىن تاياق يىگەن ، ئاتا - ئانىلار ، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتى چۈشكەن ئىدى ، ئۇ يەنە دەرسكە كىرمەسمۇ ؟ ئۇ دەرسكە كىرسە باشقا بالىلار ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلار ؟ دېگەن خىيال كاللامنى چىرمىۋالدى ،مۇشۇلارنى خىيالنى  قىلىۋېتىپ، ئاتا ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرغانلىقىغا ئائىت  بىر قانچە ئىشلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى .
           1. تەتىلنىڭ ئالدىدا  شەھرىمىزگە قاراشلىق مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بىر سىنىپقا دەرس ئۆتكىلى كىرسە ، دوسكىدا ئۆزىنىڭ ئىسمى ئىنتايىن ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن قوشۇلۇپ  يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ ، دېمىسىمۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلەپ دوسكىغا يېزىپ قويسا ،ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئەلۋەتتە خاپا بولىدۇ - دە ، شۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ يازغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ، يازغان ئوقۇغۇچىنى تېپىپتۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى سوراپتۇ ، ئۇ ئوقۇغۇچى  << مەن سىلىنى يازدىممۇ ؟ پالانى ئىسىملىكتىن يالغۇز سىلە بارمىتىلە >> دەپتۇ ،شۇنداق قىلىپ ئىككىسى گەپ تاكاللىشىپ ئۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ  مەيدىسىنى ئىتتىرگەن ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭغىچە قالغان ئوقۇغۇچىلار  ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇپتۇ ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇ ئىشلار ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېسىدىن كۆتۇرۇلۈپ كېتىپتۇ ، بىركۈنى ئۇ ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا ، بىر ئوقۇغۇچى كېلىپ دەرۋازا  سىرتىدا  بىرەيلەننىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ .  ئۇ چاقىرتقانلار ئەسلىدە ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ، ئاكىلىرى ئىكەن، ئۇ  ئوقۇتقۇچى چاقىرغان كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۇقماي دەرۋازا سىرتىغا شۇنداق چىقىشىغا ،ئۇلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان كالتەك -چوماقلىرى بىلەن ئۇرۇپ كېتىپتۇ ، بۇ جىدەلنى كۆرگەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ ، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ،ئۇ ئوقۇتقۇچى ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەن ئىكەن . دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرگەندە بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ ئېزىلىپ كەتكەنلىكى ، ئىككى قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر ياخشىلىنىپ بولالما ي داۋالىنىۋاتىدۇ ، گەرچە قارشى تەرەپ داۋالىنىش چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ ( قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن  ) ساق ئادەم زەخمىلەندى ، ئاغرىق دەردىنى ئۆزى تارتىدۇ ،بۇ ئۇ ئوقۇتقۇچىغا ئۇۋال ئەمەسمۇ ؟ 
          2 . ئالدىنقى يىلى شەھرىمىزگە قاراشلىق  يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسى بىر سىنىپقا دەرس ئۆتكىلى كىرىپ، تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن بىر ئوقۇغۇچىنى ئازىراق تەنقىتلىگەندە ، ئۇقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلىگەن ، ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇغۇچىنى دۈشكەللەپ سىياسىي مۇدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان .( بەلكىم بەزى تورداشلار بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ باشقۇرالماي سىياسىي مۇدىرنىڭ قېشىغا ئەچىقىدىكىنا ؟  دەپ قېلىشىڭلار ر مۈمكىن ،بۇنى بىرنەچچە ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ ،ئارىمىزدا ئوقۇتقۇچى بولغانلار بولسا چۈشىنىدۇ )  شۇنداق قىلىپ ، سىياسىي مۇدىر ۋە ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىغا تەربىيە ئىشلىگەن ، بۇ ئوقۇغۇچى كۆڭلىدە ھېلىقى ئوقۇتقۇچىغا غۇم ساقلاپ يۈرگەن .ئارىلىقتا ئىككى- ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن بېكەتكە كېلىشىگە ( ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيى شەھەردە بولۇپ ، ئەتىگىنى   ئاپتوبۇستا ئىشقا كېلىپ ،كەچتە ئاپتوبۇس بىلەن ئۆيىگە قايتىدىكەن بىر كۈنلۈك كىرا ئۈچۈن سەككىز يۈئەن كېتىدىكەن . )  ھېلىقى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى كېلىپلا  ئۇ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرۇپ كەتكەن ، ئۇ ئوقۇتقۇچى ھەتتا نېمە ئىش بولغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالغان ،ئۇ ئوقۇتقۇچنىڭ قورساق قىسمىغا دەسسىۋېتىلگەچكە بالا ياتقۇ بوشلىقى ئېغىر زەخمەتكە ئۇچرىغان ) مەكتەپ ۋە ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يولدىشىنىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن بۇ ئىش قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئوقۇتقۇچى قاراپ تۇرۇپ ناكار بولۇپ قالغىلى تاس قالغان .
           ساناپ كەلسە يۇقارقىدەك مىساللار ناھايتى كۆپ ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى ئىنتايىن چىڭ تۇتىلىۋاتىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ جەھەتلەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىۋاتىدۇ ،قىسمەن ساندا ئوقۇغۇچىلارغا تەن قازاسى بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ ،لېكىن ھازىر بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنى ساپاسى شۇنداق تۆۋەن ،يەنە بەزىلىرى قەستەنگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان . مەسىلەن ،ئەڭ ئاددىيسى بىر ئايچە بولمىدى ، بىر ئەتىگىنى ئىشقا كەلسەم ، 5- يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنى دادىسى بىللە ئەكەپتۇ ، مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنى سورىدى . مەن كۆرسۈتۈپ قويسام ، بالىسىنى يېتىلەپ كىرىپ كەتتى ، كېيىن ئۇقسام<<  رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بالامنىڭ ئېڭىكىگە ئۇرۇپ چىشىنى چىقىرۋېتىپتۇ داۋالاتسۇن ، بولمىسا يۇقۇرى دەرجىلىك ئورۇنلارغا بارىمەن >> دەپ تۇرىۋاپتۇ ،رەسىم ئوقۇتقۇچىسى << چىقىپ كەتكەن چىشنى ئەكىلىڭ ، چىش دوختۇرلىرى تەكشۈرۈ پ باقسۇن ، راست مەن ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسام تۆلەپ بېرەي >> دەپتۇ ، ئۇ كىشى چىشنى ئەكىلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن پېتى كەلمەپتۇ ، كېيىن سىنىپ مەسئۇلى  ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىغا ئەكىرىپ سورىسا، ئەسلى ئۇ چىقىپ كەتكەن چىشنىڭ ئورنىغا يېڭى چىش چىقىپ ، ئەسلى چىشنىڭ ئەتراپىدىكى چىش مىلىكلىرى ياللۇغلىنىپ يىرىڭداپ كەتكەچكە ،رەسىم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ  ئېڭىكىگە نوقۇشلاپ  قويۇشى باھانە بولۇپ ، چىقىپ كەتكەندىن كېيىن  ، بالىسى ئۆيگە بېرىپ ، << مۇئەللىم نوقۇشلىدى >> دېسە ،دادىسى ئۇششۇقلۇق قىلىپ كەلگەن .
          ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەپسىز  تەنقىتلىمەيدۇ ، ئۇقۇغۇچىلار تېخى  كىچىك، ئەقلىي ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولمىغان بولغاچقا ،بەزى سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ قويغاندا تەنقىتلەيدۇ ، ئوقۇتقۇچىمۇ <<ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بىزگە ئىشىنىپ تاپشۇردى، مەن مۇشۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيلەي >> دېگەننى مەقسەت قىلىدۇ ، كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپىنى سۆيۈش ، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بار ، شۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن بەزىدە قىزىققانلىق قىلىپ . ئوقۇغۇچىلارنى ئانچە - مۇنچە ئەدەبلەپ قويىشى مۈمكىن ، لېكىن چىن كۆڭلىدىن ئوقۇغۇچىنى ئۇرىۋېلىش مەقسىدى يوق .شۇنداق بولغان ئىكەن ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈپ بىلىم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرسا بولامدۇ ؟ << ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى ، يېنىپ تۇرغان شام ، ئون قەدەم يىراقلىقتا تۇرۇپ سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر >> دەپ دەبدەبىلىك تەرىپلىنىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ ئۇستازلار بىر قىسىم نادان ، سەۋىيەسى تۆۋەن ، ئاڭسىز كىشىلەر تەرىپىدىن تاياق يەۋاتسا ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلمەمدۇ ؟ كەڭ تورداشلار ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ ئوقۇتقۇچىلار نىڭ تاياق يېيىشى توغرىمۇ ؟
    مەنبە:دوستۇم musilina

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق