موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر ئۇيغۇرلاردا سەنئەت(2)

يوللىغۇچى : albay يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-25 15:05:35

قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سەنئەت[1]يۈسۈپجان ياسىن2- ھەيكەلتاراشلىقئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تاقىلىدۇ. يىلتىزداشلىق، ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيەت مۇھىتى ئ...

     

    قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سەنئەت[1]

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

    2- ھەيكەلتاراشلىق

     

    ئۇيغۇر  ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ  تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تاقىلىدۇ. يىلتىزداشلىق، ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيەت مۇھىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىمۇ ھۇن، ساك(تىگراخائۇدا ساكلىرى) ۋە كۆكتۈركلەرنىڭ  ئۇسلۇبى ۋە تېمىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇددىزم سەنئىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا ‹‹ھايۋان ئۇسلۇبى›› ۋە خاتىرە شەخسلەر ھەيكىلىگە ياندىشىپ، بۇددىزم مۇھىتىغا ئائىت ھەيكەلچىلىكمۇ راۋاجلاندى. بۇ سەنئەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى رېئالىستتىك خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىن سۆز ئاچقاندا، ئۇنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى، تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالاھىدە تۇنۇتۇش زۆرۈر.

    پروتوتۈرك ۋە ھۇن دەۋرىدە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى كۆپۈنچە تۈرلۈك قورغانلاردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ ياكى مىتالدىن ياسالغان ھەيكەللەردىن ئىبارەت ئىدى.  ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ ھەر خىل تاشلاردىن ياسالغان ۋە ھۇن دەۋرىگە ياكى پروتوتۈركلەرگە مال قىلىشقا بولىدىغان ھەيكەللەرمۇ بار. بۇلار كۆپۈنچە سىمۋوللۇق ياكى دىنىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت ئەسەرلىرى ھېساپلىنىدۇ. تاشتىق قورغىنىدىن ياغاچتىن ۋە برۇنزىدىن ياسالغان ئات، بۇقا، قوي ۋە بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى تېپىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆلگۈچىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپلىكىگە سىمۋول قىلىنغان ئادەم سۈرەتلىك تاش ھەيكەللەرمۇ تېپىلدى.(1)دېمەك، قەدىمكى ئىزلاردىن تېپىلغان ئەسەرلەردىن قارىغاندا، <<ھايۋان ئۇسلۇبى>> رەسىم سەنئىتىدىكىگە ئوخشاش، ھۇنلارنىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىمۇ ھايۋانلارنى تېما قىلىش ئاساس قىلىنغان ۋە بۇ ھايۋانلار ياتقان، ئۆرە تۇرغان ۋە بىر بىرى بىلەن سوقشىۋاتقان ھالەتتە جانلىق تەسۋىرلەنگەن.  

    ھۇن مىفلىرىدە ئالاھىدە ئۇرۇن ئالغان بۆرە، بۇغا، بۈركۈت، يولۋاس ۋە قاپلان قاتارلىق جانىۋارلارمۇ ئۇلارنىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھايۋانلار ۋە يىرىتقۇچ قۇشلار ھۇنلارنىڭ ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى، ئەدەبىي ئەنئەنىسى ۋە دۇنيا قارىشىدا سىمۋوللۇق بىر ئوبرازغا ئايلانغان. بۇ خۇسۇسىيەت ھۇنلارنىڭ رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ھەقتە ئالتاي تاغلىق رايونى، تاشقى موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر ۋە ئوردۇس رايۇنى بىزنى ناھايىتى مۇھىم پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالتاي تېغىدىكى ھۇن كۈلتۈرى ئىزلىرىدىن قولغا ئۈگۈتىلگەن ياكى تاغلاردا ياشايدىغان ھەر تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە ھەيكەللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى برۇنزىدىن ياسالغان. لېكىن، بۇ چاغدا ياغاچ ئويمىكەشلەرمۇ بوش تۇرغان ئەمەس. بۇغا ۋە جەرەنلەرنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ۋە سەنئەت ئەسىرى ھېساپلىنىدىغان بىر مۇنچە كىچىك ھەيكەللەرمۇ (1-، 2-، 3-رەسىملەرگە قاراڭ) ئۇچرايدۇ. لېكىن، بۇ ئەسەرلەردە پات - پات بۇغا مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈپ قورقۇنچلىق ھايۋان قىياپىتىدە  شەكىللەندۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋە  ئۇچلۇق مۈڭگۈزلۈك ئەركەك بۇغىنىڭ ئاغزى قاپلاننىڭ ئاغزى شەكلىدە ياسالغان، تىرناقلىرى قاپلاننىڭ تىرناقلىرىدىنمۇ ئۆتكۈر قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا يېرىمى ئادەم، يېرىمى ھايۋان شەكلىدە كۆرسىتىلىدىغان روھ چۈشەنچىسىمۇ بار ئىدى. بۇغا تۈركىي قەۋملەرنىڭ زىھنى ۋە ھېس--تۇيغۇسىنى ئەڭ كۆپ قوزغىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇ سەۋەپلىك، بۇغا ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتىنىڭ ھەر ساھەسىنى قاپلىغانىدى. بۇ سەنئەتتە بۇغا كۆپۈنچە ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ پەنجىسى ئاستىدا قالغان ھالەتتە كۆرسىتىلگەن ۋە يۈز قىسمىدا جان بەرگەن چاغدىكى سىزىمى جانلاندۇرۇلغان. بۇ بۇغىلارنى تۇتىۋالغان ھايۋانلار بەزىدە چوڭ قۇلاقلىق بۈركۈت قىياپىتىگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا خاس گرىفون قىياپىتىگە كىرگۈزىلەتتى.  ئوتتۇرا ئاسىيادا قاپلان جىنىسگە مەنسۇپ ئالا- چىپار ۋە جۇغى كىچىكرەك كەلگەن يولۋاسلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئاسانلا كۆندۈرگىلى ۋە ئوۋ ئۈچۈنمۇ ئەپلىك پايدىلانغىلى بولاتتى. يولۋاسنىڭمۇ نۇرغۇن رەسىملىرىنى ۋە ھەيكەللىرىنى چېلىقتۇرىمىز.(2)ئوردۇستىكى ھۇن سەنئىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار ئارىسىدا ئۇچرايدىغان چىشى ياكى ئەركەك بۇغا شەكلىدە ياسالغان بايراق خادىسى(3) بۇغىنىڭ ھۇن سەنئىتىدىكى ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك بىر ئەسەردۇر. بۇنىڭدىن باشقا موڭغۇلىيىدىكى نوئىنئۇلا قورغىنىدىن ئالتۇن ئات ھەيكىلى، ئالتۇندىن ياسالغان ھايۋان ھەيكىلى ۋە ئالتۇن يالىتىلغان برونزى ئات ھەيكىلى تېپىلغىنىدەك، يەنە سوسنوۋېسكىيمۇ موڭغۇلىيىنىڭ يىلىم جىلغىسىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن برونزىدىن ياسالغان ئات ھەيكىلىنى قېزىۋالغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ برونزى ئات ھەيكىلى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىرگە مەنسۇپ ئىكەن. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىكجاۋ ئايمىقى تەۋەسىدىنمۇ ئاشۇ دەۋرگە توغرا كىلىدىغان ئۆرە تۇرغان، ئۇزۇن مۇڭگۈزلۈك كۆرۈنىشتىكى برونزى بۇغا ھەيكىلى(4-رەسىمگە قاراڭ) تېپىلغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ياسالغانلىقى ئىسپاتلاندى.(4) مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-5- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ دەپ قارالغان ئىسىك قورغىنىدىن قېزىۋېلىنغان ‹‹ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە››نىڭ يېنىدىكى ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ھايۋان قىياپەتلىك، بولۇپمۇ قاپلان سۈرەتلىك قاپارتما ھەيكەللەر ‹‹ھايۋان ئۇسلۇبى›› سەنئىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەنە بىر مەركىزى ئىدى. بۇ  قورغاندىن چىققان ئەسەرلەر شەكىل ۋە ماھارەت جەھەتتىن ئوردۇس ۋە ئالتاي ئەسەرلىرى بىلەن ئوخشاش بىر تەرەققىيات باسقۇچىنى نامايەن قىلماقتا.

    ھۇن سەنئىتىدىن بىزگە مەلۇم بولغان ئادەم ھەيكىلى پەقەت بىرلا. خەنزۇ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 121 - يىلى خەن سۇلالىسى قوماندانى خۇچۈبىڭ  ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىگىزلىكى ئۈچ مېتىر كىلىدىغان بىر ئالتۇن ھەيكەلنى قولغا چۈشۈرگەن. بەنگۇ بۇ ھەيكەلگە يۇشۇرۇنغان مەنانىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشەنمىگەچكە، ئۇنى <<شۇتۇقخاننىڭ چوقىنىدىغان ئالتۇن بۇتىنى قولغا چۈشۈردى>> دېگەن شەكىلدە خاتىرىلەپ قويغان.(5)مەلۇمكى، ھۇنلاردا بۇددىزمنىڭ ھېچقانداق بىر تەسىرى كۆرۈلگەن ئەمەس. ئالتۇندىن ياسالغان بۇ ئادەم ھەيكىلى قانداقتۇر بىر بۇددا ھەيكىلى بولماستىن، بەلكى  ھۇنلاردىكى ئەجدادلارنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادىنىڭ ئىزناسى ھېساپلىناتتى. بۇ ھەيكەل ئەجداتلارنىڭ سىمۋولى ئىدى. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھەيكەل سەنئىتىدە ئادەم تەسۋىرىگە دائىر ھازىرچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئەسەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-،5- ئەسىرلەرگە ئائىت ‹‹سەركەردە ھەيكىلى››(5-رەسىمگە قاراڭ)دۇر. برونزىدىن ياسالغان بۇ ھەيكەل كۈنەس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قەبرىدىن تېپىلغان. بۇ ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 40 نەچچە سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگرام كېلىدۇ. ھەيكەلنىڭ قەددى - قامىتى كىلىشكەن، بەستلىك، قاڭشارلىق، يوغان ۋە چوڭقۇر كۆزلىرى بىلەن بىر نوقتىغا تىكىلگەن، بېشىغا ئۇچى ئىلمەك ئىگىز قالپاق كىيگەن، بىر پۇتى بىلەن تىزلانغان، ئىككى قولىدا بىر نەرسە تۇتۇپ تۇرغان(تۇتۇپ تۇرغان نەرسە يوقالغان) قىياپەتتە ناھايىتى ئوبرازلىق ياسالغان. ئۇ خۇددى خاقان(قاغان) ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئىجازەت سوراۋاتقان باتۇر سەركەردە ئوبرازىغا ئوخشايدۇ.(6) تۇققۇزتارادىنمۇ بېشىغا ئەينى شەكىلدە ئۇچى ئىلمەك  ئىگىز قالپاق كىيگەن بىر ئەسكەرنىڭ مىس  ھەيكىلى تېپىلغان.بۇ ھەيكەللەر ياسالغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ساكلار ياشايتتى. ‹‹ساك››(‹‹ساكا››) دېگەن نام  ناھايىتى كۆپ خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ساكلارنىڭ تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىدە  ياشايدىغان ھەم ئىران مەنبەلىرىدە ‹‹تىگرا خائۇدا ساكلىرى›› دەپ ئاتالغان مۇشۇ تارماقلىرى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلق ئىدى.(7)  بۇ ھەيكەل بىزگە ساكلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە، يەنە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ <<ئۇيغۇر>> دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بەرگەن بايانلىرىدا تەسۋىرلىگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى توسقان تۈرك قوشۇنلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشاپ كىتىدىغان باش كېيىمىنى ئەسلىتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە›› ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان باشقا ئەسەرلەر تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىنى ماكان قىلغان مانا شۇ تىگراخائۇدا ساكلىرىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. 

    مەلۇمكى، بۆرە ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ نەزىرىدە  مۇقەددەس  بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ غۇرۇر سىمۋولى ۋە دۆلەت گىرىبى قىلىنغان. شۇڭا، بۆرە بۇ مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغان. بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى بىر قەبرىدىن مىلادىدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ تۇچتىن  ياسالغان بۆرە بېشى شەكلىدىكى بىر بايراق تېپىلغان.(8) ھۇنلارغا ئائىت نۇئىنئۇلا قورغىنىدىنمۇ ئۈستىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى ئويۇلغان بىر بايراق تېپىلغان.(9) ئالتاي تاغلىرىدا ھۇن دەۋرىگە ئائىت بۆرە ھەيكەللىرىنىمۇ  كۆپ مىقداردا ئۇچرىتىمىز. تۈرلۈك شەكىللەردە ياسالغان بۆرە ھەيكەللىرى بەزىدە رېئالستتىك بىر چۈشەنچە بىلەن ئىشلەنگەن. بەزىدە بۆرىنىڭ چىشى ئۆتكۈر، چوڭ ۋە بېشى قورقۇنچلىق قىلىپ ئىشلىنىپ، ئۇنىڭغا دىۋە كۆرۈنىشى بىرىلگەن. رېئالىستتىك ھالدا ئىشلەنگەن بۆرە ھەيكەللىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدە شىلىۋېلىنغان تىرىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە. ئالدى ۋە ئارقا پۇتلىرى بىلەن قۇيرىقىدىن ھاسىل بولغان بەش ئەزا بەزىدە‹‹s›› شەكلىدە پۈكۈلۈپ، تۈرلۈك زىننەتلەش شەكلىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن. لېكىن، كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا بۆرىنىڭ يۈزىدە بىر خىل جىددىيلىك ۋە قورقۇنچلىق ھالەت ئەمەس، ئەكسىچە كۈلۈپ تۇرغان بىر ئادەمنىڭ ئىپادىسى نامايەن قىلىنغان. بۆرە ھۇنلاردا چوقىنىدىغان بىر خىل توتېم سۈپىتىدە ئەمەس[2]، كۆپۈنچە سىھىرلىك ۋە بەخت -- سائادەت بېغىشلىغۇچى بىر سىمۋول ھالىتىدە كۆرىلەتتى.(10)ھۇن دەۋرىدىن كېيىن مىلادى 4-،5 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر(بۇ چاغدا خەنزۇچە مەنبەلەردە <<高车>> ۋە <<铁勒>> دېيىلگەن) سەنئىتىدىمۇ بۆرە تەسۋىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ساماۋىي بۆرە بىلەن ھۇن ھۆكۈمدارىنىڭ قىزىدىن تۈرەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەپسانىنى ئەسلىتىدىغان سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بىر قانچە قېتىم تېپىلدى. تۇچتىن ياسالغان بۇ كىچىك ھەيكەللەردە بۆرىگە مىنگەن، بېشىغا دوبۇلغا كىيگەن، بەدىنى يالىڭاچ بىر ياش ئايالنىڭ بالىسىنى باغرىغا بېسىپ تۇرغان كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن.(11)

    ساك ۋە ھۇنلاردىن كېيىن ھەيكەل سەنئىتىدىكى چوڭ تەرەققىيات كۆكتۈركلەر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. كۆكتۈركلەردە قەبرە بېشىغا ھەيكەل تۇرغۇزۇش ئادىتى كۆرۈلگەن. شۇڭلاشقا، بۇ دەۋردە تۈرك ئىكونوگرافىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادە قىلىغان رېئالىستتىك چۈشەنچىگە يېقىن شەكىلدە يونتۇلغان ھەيكەللەر دىققەتنى تارتىدۇ. بۇلار مىلادى 6- 8- ئەسىرلەردىكى تۈركىي  قەۋملەرنىڭ يۈز- سىماسىنى، چاچ شەكىللىرىنى ۋە كېيىنىش ئۇسۇلىنى (باش كېيىم، ئۇزۇن چاپان، ئىشتان، كەمەر، ئۆتۈك قاتارلىق) ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ كۆپ قىسمى سول قولىدا قورال (قىلىچ - خەنجەر) تۇتقان، يەنە ئوڭ قولىدا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولى بولغان قەدەھ،  پىيالە ياكى باشقا نەرسىلەرنى تۇتقان كۆرۈنىشتە ئىشلەنگەن. بۇ ھەيكەللەرنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۆرنەكلىرى بار. بۇ ھەقتە كۆل تېگىن، بىلگە قاغان ۋە تونيۇقۇقنىڭ قەبرە كۈللىياتىدىن تېپىلغان ئەسەرلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ كۇللىيات ئەتراپىدا تۇرغۇزۇلغان ھەيكەل ۋە بالباللار كېيىنكى كۈندە باشقىلار تەرىپىدىن بۇزىۋىتىلگەچكە، كۆكتۈرك دەۋرى ھەيكەل سەنئىتىنىڭ خاراكتېرىستىكىسىنى تولۇق ھالدا كۆرسىتىپ بىرىشكە ئامالسىزمىز.  568-يىلى غەربىي تۈرك ئوردىسىنى زىيارەت قىلغان ۋىزانتىيە ئەلچىسى زىماركوس   كۆكتۈركلەرنىڭ ئالتۇن  بۇيۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرلىكتە ھەيكەلتارشلىق سەنئىتى ھەققىدىمۇ سۆز ئاچقان.  زىماركوسنىڭ دېيىشىچە، <<ئىستەمى قاغاننىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغان بىر چىدىرىنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكى ئالتۇندىن قاپلانغاندىن سىرىت، خاقاننىڭ كارىۋات شەكىللىك ئالتۇن تەختىمۇ يەنە ئالتۇندىن ياسالغان تۆت توز ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرولغان. چىدىرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان كىچىك بىر ھارۋا  ئۈستىدە كۆمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ۋە ھايۋاننىڭ ھەيكەللىرى دۆلەپ قويۇلغانىدى. بۇلار ۋىزانتىيەدە يوق ئىدى.> >(12)

      1958- يىلى چېخىسلوۋاكىيە ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى نامىدىن لۇمىر جىسل باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك ئورخۇن ۋادىسىدا تەكشۈرۈش ۋە قىزىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۆل تېگىننىڭ قەبرە ئابىدىسىدىن قالغان قۇرۇلۇش ئىزلىرى ۋە ھەيكەللەر مەيدانغا چىقىرىلغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ ئابىدىلەر ئاۋۋال بۇلاڭ–تالاڭ قىلىنىپ، كېيىن ۋەھشىيلەرچە ۋەيران قىلىۋىتىلگەنلىكتىن، ھەيكەللەر پارچىلىنىپ كەتكەن ياكى كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. پارچىلانغان ھالەتتە بولسىمۇ كۆل تېگىننىڭ ھەيكىلىنىڭ باش قىسمى(6- رەسىمگە قاراڭ) ، ئۇنىڭ خانىشىنىڭ ھەيكىلىنىڭ گەۋدە قىسمى ۋە يۈزىنىڭ بىر قىسمى تىپىلغان. كۆل تېگىن ھەيكىلىنىڭ باش قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدە قانىتىنى ئېچىپ تۇرغان بۈركۈت گېربى كۆزگە چېلىقىدۇ.  ئەسلىدە كۆل تېگىن بىلەن ئۇنىڭ خانىشىنىڭ ھەيكىلى يانمۇ - يان ئولتۇرغان ھالەتتە ئىشلەنگەن. لېكىن، ھەيكەللەر چېقىۋىتىلگەندە بىر مۇنچە قىسىملىرى يوقۇلۇپ كەتكەن، ئەسەرلەر قالايمىقان چېچىۋىتىلگەن. بولۇپمۇ بالباللار، يەنى قەھرىمان مەغلۇپ قىلغان دۈشمەننىڭ ھەيكەللىرى، كۈزەتتە تۇرغان ھالەتتىكى بىر جۈپ قوشقار ھەيكىلى ۋە ئۈستىگە مەڭگۈ تاش تۇرغۇزۇلغان بىر تاشپاقا ھەيكىلى باشسىز ھالەتتە تېپىلغان. خەنزۇ مەنبەلىرى بۇ قەبرە خاترىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەپسىلى بىلدۈرمەكتە.(13)

       كۈل تېگىن كۈللىياتىنىڭ بىر كلومېتىر جەنۇبىغا توغرا كىلىدىغان بىلگە قاغان كۈللىياتى ئەتراپىدىمۇ ھەيكەل ۋە بالباللار تۇرغۇزۇلغان. ‹‹بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى››مۇ ‹‹كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››غا ئوخشاش بىر تاشپاقا ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە قېتىرىلغان. بۇ يەردىكى مەرمەردىن ياسالغان ئىككى ھەيكەلنىڭ باش قىسمى ئۈزۈۋىتىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىسىنىڭ بىلگە قاغاننىڭ تەسۋىرى  ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا. بۇ كۇللىياتتا يەنە كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئارسلان ھەيكىلى بار. تونيۇقۇق كۇللىياتى ئىچىدىكى ئىزلاردىنمۇ بىر خاتىرە ساراينىڭ  قۇرۇلغانلىقى  مەلۇم بولدى. شۇنىڭدەك يەنە ھەيكەل ۋە بالباللار تېپىلدى. بۇ يەردىن بايقالغان ھەيكەل جەمئىي سەككىز بولۇپ،  ئۇنىڭ بەزىلىرى ئولتۇرغان، بەزىلىرى ئۆرە تۇرغان قىياپەتتە ئىشلەنگەن ۋە ئىككى رەت قىلىپ تۇرغۇزۇلغان.(14)

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەل ئالىملىرى ئورخۇن ۋادىسىدىكى كۆكتۈركلەرگە ئائىت مەدەنىيەت ئىزلىرىدا قىدىرىش ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى قىممەتلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئالىملىرى تاپقان ‹‹بىلگە قاغان غەزىنىسى›› بىلەن موڭغۇلىيە ئالىملىرى تاپقان بىلگە قاغان ھەيكىلى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.2001 -يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە تۈركىيە ئالىملىرى ئېلىپ بارغان ئاخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە تونيۇقۇقنىڭ قەبرىسى يېنىدا يېڭى بىر قەبرە، بىلگە قاغان بىلەن كۆل تېگىننىڭ ئابىدىسى تىكلەنگەن ئورۇندا توققۇز قەبرە بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىلگە قاغان كۇللىياتىغا مەنسۇپ بىر قەبرە قېزىلغان. قەبرىدىن تۈرك مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن  ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۆمۈش ساندۇق تېپىلغان. بۇ ساندۇقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تۆمۈردىن ياسىلىپ ئۇنىڭ ئۈستى كۆمۈش بىلەن قاپلانغان. لېكىن، ساندۇق بىراز چۇگۇلغان. بۇ كۆمۈش ساندۇقتىن ئالتۇن، كۆمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان 4500 دانە بويۇم چىققاچقا، ئالىملار ئۇنى ‹‹بىلگە قاغان غەزىنىسى›› دەپ ئاتىغان. بۇ غەزىنىدىكى ئالتۇن بۇيۇملار بولسا  ئاساسلىقى بىلگە قاغاننىڭ قۇش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاجى(7-رەسىمگە قاراڭ)، كەمەر توقىسى، ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىشلەنگەن چۆمۈچ، جام، قاچا- قۇچا، تۈگمە ۋە باشقا ھەر خىل زىبۇ - زىننەت بويۇملىرى ئىدى. كۆمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ سانى 1850 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى گۈل نۇسخىلىق بىزەكلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دانە بۇغا  ھەيكىلى(8-رەسىمگە قاراڭ) ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. يەنە قاچا، چۆمۈچ، كۈپ، جام قاتارلىق مۇراسىم بويۇملىرىمۇ بار ئىدى. بۇ بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىسىل تاشلار، قىممەتلىك مىتالدىن ياسالغان نەرسىلەر ۋە تۈرلۈك ئورگانىك بۇيۇملارنىڭ قالدۇقلىرى (توقۇلما رەختلەر، كۆمۈر، سۆكەڭ پارچىلىرى) بار. كۆمۈش بۇيۇملار ئىچىدە يەنە سۇنۇق ۋە ئىرىپ كەتكەن كارتلار، لەھۋە ۋە سىملارمۇ بار. بۇلاردىن باشقا كۆمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ۋە ئۈستىگە زىننەت چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىگەن بىرونزى مىخلار ۋە مۇراسىمغا ئائىت بىر مەنىنى ئىپادە قىلىدىغان ئىرىپ كەتكەن قۇغۇشۇن بۇيۇملارمۇ بار ئىدى.يەنە يېڭىدىن بىرمۇنچە ھەيكەل ۋە بالبالارمۇ تېپىلغان. بۇ  بالباللار ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت بولغان، ئۈستىگە كېپىنەك ۋە بۇقا سۈرەتلىك تامغا ئويۇلغان بىر بالبالمۇ بار. (15)  

    ‹‹بىلگە قاغان غەزىنىسى››نىڭ تېپىلىشى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە زۇر تەسىر قوزغىدى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ تېپىلمىلار ھازىر موڭغۇلىيە تارىخ موزىيىنىڭ تۈرك مەدەنىيەت بايلىقلىرى زالىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

    2001- يىلى تۈركىيە ئالىملىرى ‹‹بىلگە قاغاننىڭ غەزىنىسى››نى تاپقان مەزگىلدە موڭغۇلىيە ئالىملىرى بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلىنى تاپقانلىقىنى ئىلان قىلدى. بور جوگدىر باشچىلىق قىلغان كۆل تېگىن جەمئىيىتىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئۆمىكى 2001- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئارخانگاي ۋىلايىتىنىڭ ھاشات ناھىيىسى تەۋەسىدىكى شېۋىت قۇرغانىدا قېدىرىشنى باشلىغان. بىلگە قاغان بىلەن كۆل تېگىن ئابىدىسىدىن ئىككى كلومېتىر يىراقلىقتىكى شېۋىت قورغىنىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە قولغا كەلگەن ئەڭ زور نەتىجە بىلگە قاغان  ھەيكىلىنىڭ تېپىلىشى ئىدى. بور جۇگدېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قورغان ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئىككى چوڭ ئۆيدىن تەشكىل تاپقان، سىرتقى تېمىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 36 مېتىر، ئىچكى تېمىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى 24 مېتىر بولۇپ، بۇ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا بايقالغان ئەڭ چوڭ قورغان ھېساپلىنىدۇ. موڭغۇلىيە ئالىملىرى تەكشۈرۈشنى باشلاپ شېۋىت قورغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىنى قازغاندىن كېيىن بىر ھەيكەلنىڭ ئاياق قىسمىنى تاپقان. دەستلەپتە بۇ ھەيكەل پارچىسىنىڭ قايسى دەۋرگە ۋە كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر قاراشقا كىلەلمىگەن. كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ھەيكەلنىڭ باش ۋە گەۋدە قىسىملىرىمۇ تېپىلغان. ئالىملار ھەيكەلنىڭ ھەر قايسى پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئاندىن كېيىن بۇنىڭ بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. مەرمەر تاشتىن ياسالغان بۇ ھەيكەلدە بىلگە قاغان بەدەشقان قۇرۇپ، ئوك قولىدا قەدەھ تۇتقان، سول قولىنى سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە قويغان قىياپەتتە  تەسۋىرلەنگەن. بور جۇگدېر بۇنى نىمە ئۈچۈن بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئورخۇن ۋادىسى كۆكتۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىدۇر. بىز تاپقان ھەيكەل بىلگە قاغان بىلەن كۆل تېگىن ئابىدىلىرىگە ناھايىتى يېقىن بىر يەردە بايقالدى. بىز قېدىرىش ئېلىپ بارغان شېۋىت قورغىنى بىلەن ئابىدىلەرنىڭ ئارىلىقى پەقەت ئىككى كلومېتىرلا كېلىدۇ. ھەيكەلدە تابغاچ سەنئىتىنىڭ ئىزلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەيكەلنى ياساشتا تۈرك نەسىللىك يەنە بىر خەلق تابغاچلارنىڭمۇ ياردىمىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇ ھەيكەلنى بىلگە قاغانغا ئائىت دەپ قارىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ھەيكەل بېشىدا بۆرك يوق قىياپەتتە ئىشلەنگەن.›› تەخمىنەن بىر مېتىر 40 سانتىمېتىر ئىگىزلىكتە ئىشلەنگەن بۇ ھەيكەل(9- رەسىمگە قاراڭ) ھازىر شۇ يەرگە يېقىن يەردىكى بىر لاگىردا قوغدىلىۋاتىدۇ. بىلگە قاغان ھەيكىلىنىڭ پارچە ھالەتتە بىر قانچە ئورۇندىن تېپىلىشى شېۋىت قورغىنىنىڭ ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئېچىلىپ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. مۇشۇنداق بوزغۇنچىلىق نەتىجىسىدە  ھەيكەلنىڭ بۇرۇن قىسمىمۇ بىراز زەھمىلەنگەن.(16)

    ئارخىئولوگلار ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بارىسخان خارابىسىدىنمۇ كۆكتۈركلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن ئەر ۋە ئايال ھەيكەللىرىنى تاپقان. بىز ئورخۇن ۋادىسى ۋە تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىدىن بايقالغان بۇ ھەيكەللەردىن كۆكتۈركلەرنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تېپى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىرىشەلەيمىز. بۇ ھەيكەللەرنىڭ بىر قانچىسىدىن باشقىسى پۈتۈنلەي تۈرك تىپى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ چېھرى ئارق ئېرققا مەنسۇپ نورمال تىپلەردىن بولۇپ، كۆزلىرىدە قىيسىقلىق ۋە مەڭىز سۆڭىكىدە تومپىيىپ چىقىش ئەھۋالى يوق.(17)

    كۆكتۈرك ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە مەنسۇپ ئىككىنچى تۈرلۈك مۇھىم ئەسەرلەر بولسا، دەستلەپكى تەتقىقاتلاردا بالبال سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلگەن، لېكىن بىر مۇنچىسىنىڭ قەبرە ھەيكىلى ئىكەنلىكى ياكى ئۆلگۈچىگە سىمۋول قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان، يەنە بەزىلىرى ھۆرمەت كۆرسىتىلىدىغان روھلارغا سىمۋول قىلىنغان ھەيكەللەردۇر.  بۇ ھەيكەللەر خەلق ئارىسىدا <<تاش ئاتا>> ياكى <<تاش ئانا>> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار كۆپۈنچە قوپالراق بىر شەكىلدە ئىشلەنگەن. ئىسىلزادە كىشى ياكى ھۆكۈمدارنىڭ قەبرىلىرىگە ياكى خاتىرە تاشلىرى يېنىغا  تىكلەنگەن كۆپۈنچە ئېنىق شەكلى بولمىغان ياكى ئازراقلا ئىشلەنگەن تاشلاردىن ئىبارەت بولغان بالباللار ئۆلگۈچىنىڭ ھايات چېغىدا ئۆلتۈرگەن ۋە  ئۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قارالغان دۈشمەنلىرىگە سىمۋول قىلىناتتى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا بالباللار دىنىي ماھىيەتتىكى سەنئەت ئەسەرى[3] ھېساپلىنىدۇ. بىر قەھرىماننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىكى بىر قاتار تاشلار ئىچىدە ئۈستىگە ‹‹ئىشبارا تارقان بالبالى››  دېگەن سۆز يېزىلغان بىر  ئۆرنەك ‹‹ئونگىن مەڭگۈ تېشى››نىڭ يېنىدىن تېپىلغان. دېمەك، قەبرە ئاستىدا ياتقان قەھرىماننىڭ ئۆلتۈرگەن دۈشمەنلىرى ئۈچۈن مۇشۇ ‹‹بالبال›› دەپ ئاتالغان تاشلار سىمۋول قىلىپ تىكلىنەتتى. ئۆلتۈرۈلگەن شەخس مۇھىم ئادەم بولسا بالبال تېشىغا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.(18)

    بالباللارنىڭ كۆپۈنچىسى كۆكتۈركلەر بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا مەنسۇپتۇر. لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بوزقىر بەلۋاغلىرىدا ھەر قايسى دەۋرلەرگە ئائىت بالباللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە شىمالىي شىنجاڭ، يەتتە سۇ، بايقال، تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكى، توۋا جۈملىدىن كەڭ موڭغۇل دالاسى بىلەن قىپچاق دەشتىدىن ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە  ۋە  تۈركىي قەۋملەرگە ئائىت مىڭغا يېقىن بالبال[4] ھەيكەللىرى تېپىلدى. ئالىملار چېرنوۋا دەرياسى بويىدىكى قەبرىگاھلار ئالدىدىن، مىنوسىنسىك - بايقال ۋادىلىردىن تېپىلغان كالا، بۆرە ۋە قۇش باشلىق نەقىش چىكىلگەن بالباللارنى مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىكى قەبرەگاھ ھەيكىلى دەپ قارىماقتا. مۇنداق ھەيكەلچىلىك نەمۇنىلىرى تاكى مىلادى 6- 9- ئەسىرلەرگىچە (ۋولگا بويىدىكى قولىۋاچ تۈركلىرىدە مىلادى 12- ئەسىرگىچە) داۋاملىق ياسىلىپ تۇرغان. بۇ خىل بالباللار ئومۇمەن ئورا كۆز، بۇرۇتلۇق، قىلىچ -خەنجەر تۇتقان، قەدەھتە مەي تۇتقان، جەسۇر، ئۈمىدۋار كۆرۈنىشتە ئىشلەنگەن. ئاياللارنىڭ بالبالىرىنىڭ ئارقا تەرىپىگە چاچ بەلگىلىرى ئويۇلغان، ھەيكىلى ئىنچىكە ئىشلەنگەن.(19) بالباللاردىكى قىياپەت تەسىۋىرى 9- ئەسىردىن باشلاپ ئىسلامىيەتنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرلىكتە قاغانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تەسۋىرىنىڭ پروتوتىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، كېيىنچە تۇنچ ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان ھەيكەللەردىمۇ كۆرۈلگەن.(20)

    قەبرە تېشى سۈپىتىدە ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۈستىگە بىر مۇنچە تەسۋىرلەر چىكىلگەنلىكى ئۈچۈن  ‹‹بۇغا تاش›› دەپ ئاتالغان ئابىدىلەرمۇ سەنئەت تارىخى جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    كۆكتۈرك سەنئىتىدە قاپارتمىلارمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. كۆل تېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ ئابىدىلىرى ئۈستىدىكى بۆرە باشلىق ئەجدەرھا قاپارتمىلىرىدىن باشقا،   چېچى ئەجدەرھا شەكلىدە تۈگۈلگەن بىر ئادەمنىڭ باش قىسمىنىڭ تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن ‹‹ قاراكۆل مەڭگۈ تېشى›› بىلەن كۆكبۆرە داستانىغا  مۇناسىۋەتلىك بولغان قول ۋە پۇتلىرى كېسىۋىتىلگەن بىر بالىنىڭ بۆرىنى ئىمىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ‹‹بۈگۈت مەڭگۈ تېشى››دىكى قاپارتمىلار(10- رەسىمگە قاراڭ)  كۆكتۈرك دەۋرىنىڭ مۇھىم قاپارتما ئەسەرلىرى ھېساپلىنىدۇ. تۇنيۇقۇق ۋە كۆل تېگىننىڭ خاتىرە سارايلىرى ئىچىدىن تېپىلغان، ساپالدىن ياسالغان يېرىمى ئىنسان يېرىمى ئەجدەرھا شەكىللىك ماسكىلارمۇ كۆكتۈرك ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تارمىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. دەستلەپكى بەلگىلىرى ھۇنلارغا ئائىت قۇرغانلاردىنمۇ تېپىلغان ماسكا ياساس سەنئىتى  كۆكتۈركلەردە ھەم لايدىن ھەم مىتالدىن تۈرلۈك تەسىۋىرلەردە ياسالغان. 1997- يىلى موڭغۇلكۈرەنىڭ پوما تاغلىق تاغلىق رايونىدىن تېپىلغان ئالتۇن ماسكا (11- رەسىمگە قاراڭ)  كۆكتۈركلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنىكىدۇر. يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇمكى، كۆكتۈركەرنىڭ ھەيكەلتارشلىق سەنئىتى ئومۇمەن تەگلىكى(ئۇلى) تاشپاقا شەكىللىك ئابىدە، تاجغا چىكىلگەن بۈركۈت موتىفى، ئابىدە ئۈستىدىكى بۆرە باشلىق ئەجدەرھا قاپارتمىسى، بۈيۈك شەخسلەر ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان ھەيكەللەر، خاتىرە ئۆي ئىچىدىكى ماسكىلار، قەبرىگە ئورنىتىلغان قوچقار[5]  ۋە ئارسلان ھەيكىلى[6]، فىگۇراتىف قەبرە تاشلىرى ئۈستىگە ئويۇلغان ئويما تەسۋىرلەر(ئادەم، تاغ ئۆچكىسى، بەلگىلەر) قاتارلىق بىر قانچە نوقتىدىن ئىپادە قىلىنغان.     

    دېمەك، كۆكتۈركلەرنىڭ ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە ئۇلۇغ شەخسلەرنى، قاغان، قوماندان ۋە قەھرىمان ئەسكەرلەرنى خاتىرىلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان سىمۋوللۇق ئوبرازلارنى تەسۋىرلەش مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بولۇپمۇ كۆكتۈركلەردە تارىخىي شەخسلەر ئۈچۈن ھەيكەل ۋە تاشپاقا شەكلىدە ئويۇلغان تەگلىك ئۈستىگە ئابىدە تىكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خاتىرە ساراي قۇرۇلۇشى بارلىققا كەلگەن. بۇ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەڭ مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر، بۈيۈك شەخسلەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي تۆھپىلىرى، مىللەت چۈشەنچىسى ۋە ھاكىمىيەت تەجىرىبىلىرى ھەمدە قۇدرەتلىك مەنىۋىي ئوبرازلار ئەبەدىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆكتۈركلەرنىڭ مىللىي مەپكۇرەسى ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.   

    ئۇيغۇرلار ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدە ساكلار، ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەردىن كۆپ ئىلگىرىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تارىخىنى بىرى يەر ئاستىدىن تېپىلغان ئەسەرلەر، يەنە بىرى بۇددا مىڭ ئۆيلىرىگە ئىشلەنگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بەزى بالباللارنى ۋە ئۇيغۇر بىلگە قاغانى نامىغا تىكلەنگەن ۋە ئالپ ئىنانجۇ باغا تارقاننىڭ ئەسىرى بولغان ئابىدىنىڭ ئۈستىدىكى بۆرە باشلىق جۈپ ئەجدەرھا موتىفىنى ۋە 1890- يىلى ھېيكېل ئوردۇ بالىقنىڭ خارابىلىرىنى كەزگەن چاغدا سىپىلنىڭ ئىچىدىن تاپقان ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئابىدىسى، ئەجدەرھا ۋە ئارسلان ھەيكەللىرىنى (21) ھېساپقا ئالمىغاندا، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت مۇھىم ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بۇ بەلكىم مىلادى 763- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىگە كىرگەندە  چىقارغان بۇيرىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مىلادى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تىكلەنگەن ‹‹توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى››دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۆگۈ قاغان مانى دىنىگە كىرگەندىن كېيىن بۇ دىنگە بولغان سادىقىتىنى ئىپادە قىلىش ۋە بۇ دىننىڭ ئەقىدىسىگە ماس بىر مەنىۋىي ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن بەزى بۇيرۇقلارنى چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە شۇ ۋاقىتقا قەدەر يارىتىلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى يوقىتىش ھەققىدىكى بۇيرۇقمۇ بار ئىدى. ئابىدىدە دېيىلىشچە، بۆگۈ قاغان ‹‹ ئويۇلغان شەيتان ھەيكەللىرىنى ۋە سىزىلغان شەيتان رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىڭلار››(22) دەپ بۇيرۇق چىقارغان.  قاغاننىڭ بۇيرىقى بەلكىم ساراي خادىملىرى تەرىپىدىن تىز ئۇرۇندالغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر ھالدا بۆگۈ قاغاننىڭ قارارىدىن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە شۇ دەۋرگە  قەدەر رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق ساھەسىدە خېلى چوڭ نىسبەتنى تەشكىل قىلغان مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە  يەنە ھازىرغىچە  بايقالغان كۆكتۈركلەرگە  ئائىت ھەيكەللەرنىڭ كۆپۈنچە چېقىق ھالەتتە بولۇشىدىن ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ قېتىمقى يوقىتىش ھەرىكىتىدە ۋەيران بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەقىدىسىدە تەسۋىرىي سەنئەتكە، بولۇپمۇ  رەسىمگە  ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان بۆگۈ قاغاننىڭ خانلىق تەۋەسىدىكى رەسىم ۋە ھەيكەللەرنى يوقىتىشقا  بۇيرىشى ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى دىن ۋە ئادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقىدىن بولغانلىقى ئېنىق. بۆگۈ قاغاننىڭ دىن ئۆزگەرتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنىشى ساراي خادىملىرى ئارىسىدا كۈچلۈك زىددىيەت پەيدا قىلغان. بۆگۈ قاغاننىڭ ئۆزىمۇ ئاخىرى ئاشۇ زىددىيەت نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ دىننىڭ بەزى مۇھىم ئەقىدىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شەكلىگە  ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئومۇمى ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ھەم  كۆك تەڭرى دىنىنىڭ ئورنىنىمۇ تولۇق ئىگەللىيەلمىگەن، پەقەت ھۆكۈمدار ئائىلىسىنى ۋە  ساراينى ئاساس قىلىپ  تار بىر دائىرىدە داۋام قىلغان. مانى دىنى ھۆكۈمدارلار گۇرۇھىنىڭ ھېمايىسى بىلەن دۆلەت دىنى بولۇشتەك بىر سالاھىيەتكە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىننىڭ ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئاساسىنى قاتتىق تەۋرىتىۋەتكەن. ئەمما، يېزا ئىگىلىكى، مىمارچىلىق، رەسىم، يېزىق، ئەدەبىيات، تەرجىمە ۋە مۇزىكا ساھەسىدە  بولسا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينىغان.

    شىنجاڭدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە قەبرىلەردىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرگە مەنسۇپلىقى ئېنىق بىلىنگەن بىر مۇنچە ھەيكەللەر تېپىلدى. بۇلارنىڭ سانىمۇ بىر قانچە يۈزگە يىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قونچاق ئورنىدا ئىشلەنگەنلىرىمۇ خېلى نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. يەنە بۇياق بىلەن بىزىلىپ رەڭلىك ھالدا ئىشلەنگەن ھەيكەللەرمۇ بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىرى سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكنى ئىپادە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ھەيكەلچىلىكىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەڭ  رۇشەن دەرىجىدە نامايەن قىلىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈۋەندىلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.  

    1960- يىللاردىن كېيىن تۇرپاندىكى ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش جەرىيانىدا، مىلادى 5- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلگە ئائىت بولغان ھەر خىل يادىكارلىقلار قاتارىدا ياغاچ ۋە لايدىن ياسالغان بىر مۇنچە ئات، تۆگە، كالا، توخۇ ۋە قوي ھەيكەللىرى، قولىدا تۇغ كۆتۈرىۋالغان ئۇچىسىغا ساۋۇت - دوبۇلغا كىيگەن ئاتلىق ئەسكەر ھەيكىلى(12- رەسىمگە قاراڭ)، چەۋگەن توپ ماھىرىنىڭ ھەيكىلى، بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق، ئۇچىسىغا قايرىلما ياقىلىق كىيىم كىيگەن ئات باقار ئەرنىڭ ھەيكىلى (13-رەسىمگە قاراڭ) تېپىلدى. شورچوقتىنمۇ  بېشىغا دوبۇلغا كىيگەن بىر ئەسكەرنىڭ بىجىرىم ساقلانغان ھەيكىلى تېپىلدى. بەشبالىقتىنمۇ پىششىق خىشقا ئىشلەنگەن بىر ئادەمنىڭ باش قىسمىنىڭ ھەيكىلى بىلەن ئالدىغا قاراپ ئېتىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر شىرنىڭ مىس ھېيكىلى تېپىلدى.  بۇ ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئادەم ھەيكەللىرىنىڭ چىراي سىماسى يوغان كۆز ۋە قاڭشارلىق قىياپەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كىيىنىش شەكلىدىمۇ ساك، ھۇن، كۆكتۈركلەرنىڭ ئېتنوگرافيىسىدە ئىزچىللىق قازانغان بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق، ئۈستىگە قايرىلما ياقىلىق تون كىيىپ بىلىنى باغلىغان، پۇتىغا ئۇزۇن قونچلۇق ئۈتۈك كىيگەن ھالەتنى ئاساس قىلىپ، تۈركىي قەۋملەرگە خاس بولغان كىيىنىش شەكلىنى ئىپادە قىلغان. يەنە جۇڭگۇنىڭ ئىچكى جايلىرىدىنمۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ياسىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغان تۈگىدە كىتىۋاتقان مۇزىكانتلار ھەيكىلى، ئۇسۇلچىلار ھەيكىلى تېپىلدى. بۇ ھەيكەللەردە پورترېت ئالاھىدىلىكىمۇ ئىنتايىن ئېنىق گەۋدىلەنگەن. خۇتەندىكى يوتقان خارابىسىدىنمۇ مىلادى 4- ۋە 5- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ ساپالدىن ياسالغان بىر قۇش ھەيكىلى تېپىلغان. قۇشنىڭ ئوبرازى ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن ئىشلەنگەن. خوتەندىن يەنە ئالتۇندىن ياسالغان شىر ۋە ئوردەكنىڭ ھەيكىلى تېپىلغان.  كىچىك بىر قىممەتلىك بويۇم ھالىتىدە ياسالغان بۇ ئەسەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ تېمىسى ھاياتنىڭ خېلى كەڭ ساھەلىرىگە  چېتىلغان ۋە ماھارەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن. بۇ سەنئەت ماھارىتى بۇددىزم تېمىسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ ئەينى شەكىلدە تەدبىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەۋملەردىكى ھەيكەلتاراشلىق ۋە قاپارتما سەنئىتىنىڭ ئەسلى تەرەققىياتى ئۇيغۇرلار دەۋرىدە كۆرۈلگەن. ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ‹‹گاندخارا ئۇسلۇبى››، ‹‹تۇخار ئۇسلۇبى›› ۋە ‹‹غەربىي تۈرك دەۋرى ئۇسلۇبى›› دېگەن ھەيكەلتاراشلىق ئېقىملىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئېقىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيكەل ۋە قاپارتمىلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلچىلىك دۇنياۋىي ۋە دىنىي تېمىلاردىن ئىبارەت ئىككى يول بويىچە تەرەققىي قىلغان. رەسىم سەنئىتىدىكىگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ ئۇيغۇرلار 9-13- ئەسىرلەردە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچىغا چىقىپ، كلاسسىك ئۇيغۇر ئۇسلۇبى مەيدانغا كەلگەن. 

    يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ   بىر مەزمۇنى بۇددىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. يەنى ئاساسىي مەخسەت دىنىي ئىكونوگرافىيىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە قارىتىلغان. شۇ سەۋەپلىك بۇددانىڭ، بۇددىست راھىپلارنىڭ، جىنلارنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ ۋە تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ نەچچە يۈز ھەيكىلى ياسالغان. دىنىي تېمىلارنى، بۇددانىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنىشلەر ياكى تۈرلۈك ئەپسانە ۋە داستانلارنى تەسۋىرلىگەن قاپارتمىلارمۇ بارلىققا كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردىن باشلاپ تاكى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا تەڭرىتېغى ۋە قاراقۇرۇم ئىتەكلىرىكى  قىيالارغا ئويۇلغان بۇددا مىڭ ئۆيلىرىدىكى ھەيكەل ئەسەرلىرىدە ھىندى، ئىران، گرېك - يۇنان تەسىرى بەكرەك كۆرۈلگەن. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى بۇددا مىڭ ئۆيلىرىنىڭ رەسىم ۋە ھەيكەللىرىدە  ‹‹ئۇيغۇر ئۇسلۇبى دەۋرى ›› باشلانغان. بۇددانىڭ قىياپەتلىرى بولۇپمۇ چىراي قىياپىتى چوڭ ئىشلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئوبرازىغا ئوخشاشلاشتۇرۇلغان. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە قىزىل، قۇمتۇرا، شورچۇق، تۇمشۇق، ئىدىقۇت، مۇرتۇق، بىزەكلىك، يارغۇلدا ۋە كەڭسۇ(گەنسۇ) خانلىقى دەۋرىدە دۇنخۇاڭدا ئۇيغۇر بۇددىزم ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۆرنەكلىرى بارلىققا كەلگەن. دەسلەپتە نورمال ئىنسان بويى ئىگىزلىكىدە ھەيكەللەر ئىشلەنگەن. كېينچە ئۇنىڭ ئورنىنى ئاستا – ئاستا ئىگىزلىكى ئون مېتىردىن ئاشىدىغان ھەيكەللەر ئىگىلىگەن. (23) 

    يۇقىرىدا ئېيتىپ  ئۆتۈلگىنىدەك، ساك ۋە ھۇنلاردا ھەيكەللەر برونزى، ئالتۇن  كۆمۈش ۋە ياغاچتىن ئىشلەنگەنىدى. كۆكتۈركلەردە لاي(ساپال) تاش، مەرمەر، گەج(گىپىس) ۋە كۆمۈشتىن ياسالغان. ئۇيغۇرلاردا لاي، ياغاچ، تاش، گەج، برۇنزى، مىس ۋە ئالتۇندىن ياسالغان. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان ئۇيغۇر ھەيكەللىرى بولۇپمۇ بۇددىزمغا ئائىت ھەيكەللەر ئاساسلىقى لاي ياكى گەجدىن ياسالغان. لاي ۋە گەجدىن ياسالغان ئەسەرلەردە  ئاۋۋال  ھەيكەلنىڭ ئومۇرتقىسىنى ۋە پاچىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۈستىخان تەييارلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇستىخاننىڭ ئۈستىگە لاي ياكى گەج يېپىشتۇرۇلۇپ شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ ھەيكەل ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەيكەل ياساش سەنئىتى تەرەققىي قىلىپ ھەيكەلنىڭ ئەزالىرى قېلىپتا قۇيۇلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ھەتتا مىتالدىن ياسالغان ھەيكەللەرگىمۇ قېلىپ(ياغاچتىن ياسالغان) ئىشلىتىلىگەن. قوچۇدا ھەيكەل ياساش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىسپاتلانماقتا. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فون. لېكوكنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى تۇرپانغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ياردەمچىسى باتاس قەدىمكى بىر زاۋۇتنى ئۇچراتقان. ئۇنىڭ ئىچى چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەرنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەمىن ئىتىدىغان لايدىن ياسالغان مودېللار بىلەن تولغان.(24)

    ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىدە كۆرۈلگىنىدەك، كىچىك ياكى چوڭ قاپارتما ۋە ھەيكەللەر ئىبادەتخانىلاردا بەلگىلىك بىر قانۇنىيەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن، تىۋىنىدىغان مەبۇدنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى شەرت ئىدى. بولۇپمۇ پورترېت سەنئىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەيكەلتارشلىق سەنئىتىدىمۇ كۆرۈلگەچكە، ئىدىقۇت ھەيكەلتارشلىق سەنئىتى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە رېئالىستتىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان ۋە ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەيكەلتارشلىق سەنئىتىدە ئالاھىدە بىر ئورۇنغا ئىرىشتۈرگەن. مەسىلەن، قىزىلدىن تېپىلغان تىزلىنىپ ئولتۇرغان ۋە مۇرىسىگە يۈك ئارتىۋالغان ھالەتتە ئىشلەنگەن، ئىگىزلىكى 48 سانتېمىتىر كىلىدىغان بىر ھەيكەل مىلادى 8 - ۋە 9- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ھەيكەلتارشلىق سەنئىتى ئۈچۈن خاراكتېرىستىكىدۇر.(14-رەسىمگە قاراڭ) بۇ دەۋردە ياسالغان ئۇيغۇر ھەيكەللىرىنىڭ باشقا بىر يەردە خىلىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش جەرىيانىدا تېپىلغان ھايۋان ھەيكەللىرىمۇ تارىخى ھۇنلار دەۋرىگە قەدەر تاقىلىدىغان ‹‹ھايۋان ئۇسلۇبى››نىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. بۇ يەردە شورچۇقتىن تېپىلغان ۋە قېلىپ بىلەن قۇيۇلغان ئىككى ھايۋان بېشى ھەيكىلى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇنىڭ بىرى ئاتنىڭ باش سۈرىتى تەسۋىرلەنگەن ھەيكەلدۇر، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 28 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ كۈچلۈك ئۇسلۇب يارىتىلغان  بىر ھەيكەل بولۇپ، ئاتنىڭ يايلىسى ئالاھىدە ئىشلەنگەن قاپارتما سىزىقلار ئارقىلىق  تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھەيكەلدە دېمونغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئىپادە نامايەن قىلىنغان(15 رەسىمگە قاراڭ). يەنە بىرى، پىلنىڭ باش سۈرىتى تەسۋىرلەنگەن ۋە 38 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ئىشلەنگەن بىر ھەيكەل بولۇپ، بۇنىڭدا تېخىمۇ ئۇسلۇبلاشقان گروتېسك[7] بىر ئىپادە نامايەن قىلىنغان. بۇنىڭ پىلنى كۆرۈپ باقمىغان بىرىسى تەرىپىدىن ياسالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە(16-رەسىمگە قاراڭ). بۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلۈك ئۇسلۇب يارىتىلغان پىلنىڭ باش سۈرىتى كۇچاردىكى تام رەسىملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن ئات، تۆگە ۋە ئۆچكە قاتارلىق بۇ رايونلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنىڭ باش سۈرىتى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئوخشىتىپ سىزىلغان.(25)

    بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە  ئىبادەتخانىلارغا تىزىلغان ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى بۇددىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېتىقادلىرىدىن بىرى بولغان ئەجدادلارنى  ئۇلۇغلاش ئېتىقادىنىڭ تەسىرى بۇ ۋاقىتتىمۇ يەنىلا داۋاملاشقان.  خۇددى ھۇنلار ئەجدادلىرى ئۈچۈن ئالتۇن ھەيكەل تۇرغۇزغىنىدەك، كۆكتۈركلەر ئەجدادلىرى ۋە قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تاش ۋە مەرمەر ھەيكەل قاتۇرغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەملىرى ئۈچۈن ھەيكەل ياساپ، ئۇنى ئىبادەتخانىلارغا تىزىپ ساقلىغان. بۇ ھەقتە روبرۇك مۇنداق دەيدۇ:  ‹‹ئۇيغۇرلار بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ‹ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بۇت ياسىدىڭلار› دەپ سورىسام،  ئۇيغۇر راھىپى ‹بىز بۇ بۇتلارنى تەڭرىنىڭ تەسۋىرى دەپ قارىمايمىز. بىزدە بىرسىنىڭ ئوغلى، ئايالى ياكى باشقا بىر يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بۇ يەرگە تىزىپ قويىدىغان ئادەت بار. بىزمۇ بۇلارنى ئۆلگۈچىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمىز› دەپ جاۋاپ بەردى.››(26) دېمەك، شىنجاڭدىكى بۇددا مىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇلغان ھەيكەللەر ھەم بۇددىزمنىڭ ھەم ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئېتىقاد ۋە سەنئەت چۈشەنچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يارىتىلغان ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر بۇددىزم مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسىنى بۇددىزم تېرمونولوگىيىسىگە مەنسۇپ  ئاتالغۇ  بويىچە بىراقلا ‹‹بۇت›› دەپ تەرىپلەشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى سەنئەت ئاتالغۇسىغا مەنسۇپ ‹‹ھەيكەل›› سۆزى بىلەن خاراكتىرلەندۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. خەنزۇ مەنبەلىرىدە تۇرپان، قاراشەھەر ۋە قەشقەردە ئاھالىلارنىڭ ھەم تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ھەم بۇدداغا ئىشىنىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىلغىندەك، 13- ئەسىردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا ھەر قانداق بىر جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغانلىقىنى سۆزلىشى(27)، سۈرىيەلىك مىخائىلنىڭ ‹‹تۈركلەر ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ئىچكى جايلاردا(ئوتتۇرا ئاسىيادا) بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلاتتى. ئەرەبلەرنىڭمۇ بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، تۈركلەر ئەرەبلەرنىڭ دىنىنى ياقتۇرۇپ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى››(28) دېگەن بايانلىرىدىن، شۇنىڭدەك يەنە  13- ئەسىردە  تۇرپاندا قەلەمگە ئېلىنغان ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىدا ‹‹تەڭرى›› ياكى ‹‹كۆك تەڭرى›› دېگەن چۈشەنچىلەر ئارقىلىق بىر خۇدالىق ئېتىقادنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ئەسەردە بۇددىزم تەسىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىدىن قارىغاندا، بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسىدە پەقەت تەڭرىنىڭ ھەقىقىي مەنىۋىي كۈچ بىلەن تولغانلىقىغا ئىشىنىلگەنلىكىنى ۋە دۇئالىرىنىمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ قىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. 981- يىلى تۇرپانغا كەلگەن ۋاڭيەندىنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلاردىكى بۇددىزمنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەلۇمات ھېساپلىنىدۇ. جانسىز ۋە مىستىك بۇددا مۇراسىملىرىنى ئۇيغۇرلار  بىر خىل ھەربىي مەشىققە ئايلاندۇرغان. ۋاڭ يەندى بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇراسىملارنى مۇنداق  بايان قىلغان: ‹‹ئۇيغۇرلار باھار پەسلى بولغاندا بىر يەرگە توپلىناتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا باراتتى. بۇ ئىبادەتخانىلارنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بىر مۇنچە كىشى ئېتىغا مىنىپ كۆزىگە كۆرۈنگەن ھەر نەرسىگە ئوق ئاتاتتى، نەيزىلىرىنى سانجايتتى››(29) بۇ بايانلارنى تەتقىق قىلغان ۋە مىللەت ئەزالىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقيا ئېتىش ۋە نەيزە سانجىشتەك ھەربىي مەشق ئارقىلىق بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا تىۋىنىشنىڭ بۇددىستلار دۇنياسىنىڭ ھېچقانداق بىر يىرىدە كۆرۈلمىگەن ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەشھۇر تۈرك ئالىمى ب. ئۆگەل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا ئېتىقاد مەسىلىسىگە باھا بەرگەندە ‹‹شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇددانىڭ دىنىي پىرىنسىپىغا چىن قەلپتىن ئىشىنىدىغانلار خېلىلا ئاز ئىدى››(30) دەپ خاراكتېرلەندۇرگەن. بۇ بايانلار بىزدە ئۇيغۇرلار بۇددىزمنى دۆلەت دىنى دەپ تۇنۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەمەلىي ھاياتقا تەدبىقلاش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت پىرىنسىپلىرىدىن بەكرەك ئىجتىمائىي تەلىماتىنى  قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا پەقەت سەنئەت نوقتىسىدىن باغلانغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىندىن خالى ھەيكەللىرىدە كۆرۈلگىنىدەك بۇددا ھەيكەللىرىدىمۇ روھىي ۋە پىسىخىلىك ھالەتنى ئوچۇق ئىپادىلىگەنلىكى بۇددا ھەيكىلىنىڭ  چوقىنىدىغان بىر مەبۇدتىن بەكرەك ئەسلەشكە ۋە خاتىرىلەشكە تىگىشلىك بىر ئىنساننىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە ئىشلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى ئالەمنى، ھاياتلىقنى ۋە تەقدىرنى ‹‹تەڭرى››گە باغلاپ بىر خۇدالىق ئېتىقاد سىستېمىسىنى قوغداپ كەلگەن، تەڭرىنى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر مەنىۋىي كۈچ سۈپىتىدە بىلگەن ۋە بۇ ئېتىقادى 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلامىيەت بىلەن تىزلا بىرىككەن تۈركىي قەۋملەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىكى بۇددىزمغا ئائىت ‹‹دىنىي سورۇنلاردا›› كۆرۈلگەن ھەيكەللەرنى تېماتىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن پەقەت چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسالغان ‹‹بۇت›› دەپ قاراش ھەر ھالدا ئېھتىيات  قولغا ئالىدىغان بىر تېمىدۇر.  

    قاراخانىيلاردا ئىسلامىيەت ئومۇملىشىشتىن بۇرۇن رەسىم سەنئىتىدە ئادەم ۋە ھايۋان ئوبرازلىرىنى تەسۋىرلەش مۇھىم ئورۇندا تۇرغىنىدەك، ھەيكەلتارشلىق سەنئىتىدىمۇ مىللىي ئۇسلۇپنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئىسلامىيەت قوبۇل قىلىنغان دەستلەپكى مەزگىللەردىمۇ داۋاملاشقانلىقى تېپىلمىلاردىن مەلۇم بولماقتا. مەھمۇد قەشقەرى ئارغۇ دەپ ئاتىغان جاي قاراخانىيلارنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى ھېساپلىناتتى. بۇ يەردىن قاراخانىيلارغا ئائىت بىر ھەيكەل تېپىلغان. بۇ ھەيكەل كۆكتۈركلەر دەۋرىدىكى قەبرە ھەيكىلى ئەنئەنىسىدە قولىدا قەدەھ تۇتقان(قەسەم ئىچىش ياكى ھاياتلىق شەربىتىنى ئىچىشكە سىمۋول قىلىنغان)، بېشىغا سەللە يۆگىگەن[8] شەكىلدە ئىشلەنگەن. بېرنىشتام بۇ ھەيكەلنى ئۇيغۇرلار  تېخى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەبرە ھەيكىلى ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتمىغان، ئەمما، ئىسلامىيەتنىمۇ قوبۇل قىلغان مىلادى 9-،10 - ئەسىرلەرگە ئائىت دەپ قارىغان.(31) 10- ئەسىردە سەمەرقەندتىكى مەيدانلاردا ياغاچتىن ياسالغان ئات، بۇقا، تۆگە ۋە يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى بار ئىدى.(32) قاراخانىيلارنىڭ ئادەم ۋە ھايۋان ئوبرازىدىكى رەسىم ۋە ھەيكەللىرىنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئومۇملىشى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى بىلەن ئاستا- ئاستا بىكار قىلىنغانلىقىنى ۋە ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كىتابىدىكى شېئىر ۋە قوشاقلاردىنمۇ بىلىنگىنىدەك، قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى خوتەن،  كۇچا، قوچۇ - تۇرپان ۋە ئىلى قاتارلىق بۇددىزم مەركەزلىرىگە غازات ئۇرۇشى قوزغىغاندا، بۇ يەرلەردىكى رەسىم ۋە ھەيكەللەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇزۇپ تاشلانغان. قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەتنى بۇددىزمنىڭ ئورنىغا دەسلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئارزۇسىدا دىن مۇھىم بىر ئامىلغا ئايلانغاچقا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزىرىدە ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان رەسىم ۋە ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى پۇتپەرەسلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان ۋە كۆپ قىسمى ۋەيران قىلىنغان. مىلادى 1419- 1420- يىللاردا تۇرپاننى زىيارەت قىلغان تېمورىيلار ئەلچىلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، مىلادى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراشەھەر، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلەرگە ئىسلام دىنى تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يەردە يەنىلا بۇددىزمنىڭ رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى بويىچە يېڭى ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپ تۇرغان. ئىسلامىيەت بىلەن بۇددىزمنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى رىقابەت ۋە كۈرىشى مىلادى 15-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن 50- يىللىرىغىچە ئەڭ كەسكىنلەشكەن ۋە ئىسلامىيەت ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىپ بۇددىزم سەنئىتىگە خاتىمە بەرگەن.(33) ئۇيغۇرلاردا بۇددىزم دەۋرى ئاخىرلىشىپ، بەش ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، مىلادى 1894- 1914- يىللاردا ياۋروپالىق بىر مۇنچە ئالىملار قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددا مەركەزلىرى ئۈستىدە، يەنى خوتەن، نىيە، ئاقسۇ، كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردا قېدىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇددىزم دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن رەسىم ۋە ھەيكەللەرنى تاپتى. بۇ رەسىم ۋە ھەيكەللەر پارىژ، لوندۇن، بېرلىن، ھېلسىنكى، پېتىربورگ، توكيۇ، ۋاشىنگتۇن ۋە يېڭى دېھلى قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئالبۇملىرى ئىشلەندى ۋە نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرى ئىلان قىلىندى. ھازىر ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خەلقارادىكى تەتقىق قىلىنىشى ئومۇمەن ئىسلامىيەت دەۋرىنى ئەمەس، مانا شۇ بۇددىزم دەۋرىنى ئاساس قىلماقتا.

     

    ****                 ****                   ****

    بۇ يەردە قوشۇمچە قىلىپ بىر نوقتا ھەققىدە بىراز چۈشەنچى بىرىش زۆرۈر. بۇ ئىسلامىيەت  بىلەن ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر. بۇ ئەسلىدە ئايرىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ،  ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتنىڭ كەڭ يېيىلىشى بىلەن ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى چەكلەشكە ئۇچرىغانلىقتىن، بىز  ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرى بىلەن ھەيكەلتاشلىق سەنئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە ئىزاھات بىرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، مەدەنىي بىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئالاھىدىكىنىڭ بىرى گۈزەل سەنئەتنى سۆيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا يۈكسەلگەنلىكىدۇر.  ئىسلامىيەت ئەسلىدە سەنئەتكە ۋە گۈزەللىككە يۇقىرى ئورۇن بەرگەن بىر دىندۇر.  ‹‹قۇرئان››دا سەنئەتنى گۇناھ دەپ قارايدىغان ياكى ئۇنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر ئايەتنىڭ بولماسلىقى، ئالەمنىڭ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىلەرنى قانۇنىيەتلىك  ۋە گۈزەل بىر شەكىلدە ياراتقان ئەڭ بۈيۈك سەنئەتكار سۈپىتىدە تەرىپلىنىشى مۇسۇلمانلارنىڭ سەنئەت زوقىغا ئىلھام بەرگەن، ئۇلارغا ئۆزىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن. ‹‹ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەل نەرسىنى سۆيىدۇ›› دېگەن ھەدىسمۇ بۇ خۇسۇستا مۇسۇلمانلارغا يول كۆرسەتكەن. لېكىن، ‹‹ ‹قۇرئان› پەقەت پۈتكۈل جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەت››(34)بولغىنىدەك، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ‹‹ئاگاھلاندۇرغۇچى››(35) سۈپىتىدە ‹‹پەقەت تەبلىغ قىلىش›› (36) بولغاچقا، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلمىغان، يەنى ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدا تۇرغان بۇتپەرەسلەرنىڭ ئېتىقادىمۇ ئايرىم بىر دىن سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىنغان(37). شۇنىڭدەك، ھەر كىمنىڭ ياكى ھەر قەۋمنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقاتتا بولۇشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دەپ قارالغان.(38) شۇڭا، ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى باشقا دىن مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىر ئەسەر، جۈملىدىن بۇددا ھەيكىلىمۇ پەرقلىق ئېتىقادنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغىمۇ كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان، ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن ھەتتا قوغدالغان. بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلار مىسىردىكى پرامىدالارنى، ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسلىرى دەپ قارىغان. ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسىگە تەھدىت پەيدا قىلمىغان ئەھۋالدا بۇتپەرەسلىككە ئائىت ئەسەرلەر قوغدالغان. ‹‹قۇرئان››دا يەريۈزىدىكى ھەر خىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىبرەت ھەم ئىلھام ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

    تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆز تېمىسى بولسا ئىسلامىيەتتە ھەيكەلنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى چەكلەنمىگەنلىكى مەسىلىسىدۇر. ھەقىقەتەن ئىسلامىيەت تارىخىدا شېئىر، ناخشا -مۇزىكا، رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى بىدئەتلىك دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ سەنئەتنىڭ ئىچىدە ھەيكەلتاراشلىق ئەڭ شىددەتلىك تۈردە چەكلەنگەن. دەۋرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان. ھەيكەلنىڭ چەكلىنىشى ئۇنىڭ بۇتپەرەسلىككە سەۋەپ بولىدىغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەلبەتتە چەكلەش تەرەپدارلىرى بولسا قۇرتۇبى، ئەبۇ داۋۇت، بۇخارى، ئىبن ماجە ۋە تىرمىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەدىس كىتاپلىرىدىن بەزى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ كۆرسەتكەن.

    شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، ئىسلامىيەت ئالدى بىلەن كۆپ خۇدالىق ۋە بۇتپەرەسلىك دىنلار ناھايىتى ئەۋج ئالغان رايوندا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇتقا چوقۇنىشنى رەت قىلغان. ئىسلامىيەت ئەقىدىسىدە بۇتقا چوقۇنۇش ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئازغۇچىلارنىڭ تۇتقان يولى بولۇپ، بۇ ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسى بويىچە  گۇناھ دەپ سانىلاتتى. مىلادى 630- يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر مەككىگە كەلگەندە بۇ يەردىكى بۇتپەرەسلەر ئۈچۈن  تەڭرى  ھېساپلانغان 360 بۇتنى چېقىپ تاشلىغان. بۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى پۇتپەرەسلىكنىڭ ئورنىنى بىر خۇدالىق ئىسلام دىنىنىڭ ئىگەللىگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئىسلامىيەتنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسى ياكى ئىسلام سەنئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى ‹‹تەۋھىد››، يەنى مەنىۋىي(مۇجەررەد) بىر مەۋجۇتلۇق بولغان ئاللاھنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدۇر. بۇ چۈشەنچىگە تايانغان ئىسلام سەنئىتى ئاساسەن ئابىستراكىت بىر خاراكتېرگە ئىرىشكەن ۋە مۇشۇ يول بىلەن تەرەققىي قىلغان. مۇسۇلمان سەنئەتكارلار ‹‹مۇخالىفەتۇن لىل ھەۋادىس ››(تەڭدىشى يوق مەۋجۇتلۇق) دەپ قارالغان ئاللاھنى ھەرگىزمۇ رەسىم ۋە ھەيكەل ئارقىلىق كونكىرىت بىر شەكىل بىلەن تەسۋىرلىمىگەن ياكى خاراكتېرلەندۈرمىگەن. ئىسلام سەنئىتىنىڭ بۇ ئابىستراكىت خۇسۇسىيىتىنى بىزەك-زىننەت سەنئىتىدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، بىر جامىنى بىزەشتە تەبىئەت ئەينەن تەدبىق قىلىنمىغان. رەڭ، شەكىل ۋە سىزىقلاردا قىسمەن ياكى خېلىلا چوڭ پەرق ئىپادە قىلىنغان. بۇ سەزگۈرلۈك مىنياتۇر ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلگەن. مىنياتۇرلاردا  كۆلەم، شەكىل، رەڭ، سايە ھەتتا ماكان رىئاللىقتىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا رىئاللىقنى ئەينى شەكىلدە ئېلىش ياكى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ ئورنىغا شەرھىيلەش  ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، كىچىنى تەسۋىرلىگەن بىر مىنياتۇردىكى نەرسىلەرنىڭ ھالىتى كۈندۈزدىكىدەك كۆرسىتىلگەن، ھەقىقىي رەڭدىن باشقىچە بىر ھالەتتە كۆكيۈزى(ئاسمان) شاپتۇل چىچىكىدە، ئاتلار كۆك ياكى سۆسۈن رەڭدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ مۇھىتتا ئىسلام دۇنياسىدا بۇتپەرەسلىككە يول ئاچىدۇ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسىنى زىدىلەيدۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن كەڭ كۈلەمدە كونكىرىت بىر خۇسۇسىيەت ئىپادە قىلىدىغان تەسۋىرىي سەنئەتكە يەنى، رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە قىزغىن نەزەر بىلەن قارالمىغان. شۇنداقتىمۇ دىنىي قۇرۇلۇشلاردا كۆرۈلمىسىمۇ، بەزى سارايلاردا ئىنسان رەسىمى ۋە ھەيكەللىرى ئۇچراپ تۇرغان.(39)

    دېمەك، ئىسلام دۇنياسىدا ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ياكى ئىتىبارسىز ئورۇندا قېلىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بۇتپەرسلىككە سەۋەپ بولىدۇ دېگەن قاراشنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. ئەمما، ‹‹قۇرئان››دا گۈزەللىكنىڭ ۋە سەنئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان رىزىق شەكلىدە تىلغا ئېلىنىشى ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان تەسۋىرىي سەنئەتنىڭمۇ ئەركىن بىر ساھە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەيكەلتاراشلىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىسلامىيەت مۇھىتىدا ھەر قانداق بىر ھەيكەلتاراشلىق ئەسىرىنى ياكى ‹‹ھەيكەل›› دېگەن بۇ سۆزنى ئاۋۋال دىنىي ئۇقۇم دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ۋە چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسالغان ‹‹بۇت››[9] بىلەن سەنئەت كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ بولغان ۋە ئىستېتېك گۈزەللىك يارىتىش مەقسىتىدە ياسالغان ‹‹ھەيكەل››[10] دىن ئىبارەت ئىككى ساھە بويىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىسىگە زىت ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغىدەك، چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسالغان بۇت ئىسلامىيەتنىڭ بىر خۇدالىق چۈشەنچىسى ۋە تۈپ ئەقىدىسگە زىت بولغاچقا ھەم بۇتقا چوقۇنۇش ‹‹قۇرئان››دا ‹‹شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر››(40) دەپ كۆرسىتىلگەچكە  پۇتپەرەسلىككە  قارشى تۇرۇلغان. لېكىن، سەنئەت مەقسىتىدە ياسالغان بىر ھەيكەلگە پۇتپەرەسلىككە سەۋەپ بولىدۇ دېگەن چۈشەنچە بىلەن قاراش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى چەكلەش ئىسلامىيەتنىڭ روھىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ. ‹‹قۇرئان››نىڭ ھېچقانداق بىر يىرىدە شېئىر، رەسىم، مۇزىكا ۋە ھەيكەلنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى بۇ خىل سەنئەتنىڭ گۇناھلىق بىر مەشغۇلات ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق يوق. ‹‹قۇرئان››دىن مەلۇمكى، بۇ كىتاپتا چەكلەنمىگەن ھەر قانداق نەرسە ئەركىن ياكى ھالالدۇر.  ئەمما، چەكلىمە ئايرىمدۇر. بىر چەكلىمىنىڭ  ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر بۇيرىقى، يەنى ‹‹قۇرئان››دا ئېنىق ئايەت بولۇشى كېرەك. مۇزىكا، ھەيكەل، رەسىم ۋە شېئىرنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر ئايەتنىڭ بولماسلىقى بۇ سەنئەت تارماقلىرى بىلەن ئەركىن ھالدا شۇغۇللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئېلىش يىتەرلىكتۇر. ‹‹قۇرئان››دا پىدىگەن(چەيزە)نىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئايەت يوق. شۇڭا، پىدىگەن يىيىشنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنىمۇ  ئايرىم ئىزاھلاشقا ھاجەت يوقتۇر. ئەمما، كۈنىمىزدە بۇ كۆكتاتنى بۇددىستلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار ھەم مۇسۇلمانلار بىردەك ئىستىمال قىلىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئۇنى ھارام دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق. ‹‹قۇرئان›› دا  ‹‹ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان زىننەت- گۈزەللىك ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى. ئېيتقىنكى ئۇلار بۇ دۇنيادا  مۆمىنلەر  ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاخىرەتتە بولسا پەقەت مۆمىنلەرگە خاستۇر. بىلىدىغان بىر قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرىمىز.››(41)، ‹‹ئەي  ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان گۈزەل ۋە پاك نەرسىلەرنى ئۆزەڭلەرگە ھارام قىلماڭلار. ھەددىڭلاردىنمۇ ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقانلار دوست تۇتمايدۇ.››(42)  دېيىلىدۇ.  ئەگەر خاتىرە ۋە گۈزەللىك ئەسىرى سۈپىتىدە ياسالغان ھەيكەللەرنى بۇتپەرەسلىككە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ھىندىلارنىڭ كالىغا چوقۇنغانلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈن كالىلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئاتەشپەرەسلەر ئوتقا چوقۇنغان، لېكىن پەيغەمبەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق يەردە يېقىلغان ئوتنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئوت ياقماسلىققا بۇيرىغان ئەمەسقۇ. مۇسۇلمان بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر دەستلەپكى دەۋرلەردە كۈن ۋە ئايغا چوقۇنغان، ئەجەبا پەيغەمبەر ئۇلارنى كۈن ۋە ئاينىڭ يورىقى چۈشمەيدىغان يېپىق بىر يەردە ياشاشقا بۇيرىغانمۇ؟  بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مەنىۋىي چۈشەنچىلىرىدىمۇ يېڭىلىنىش بولغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ساماۋىي دىنلارنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇرۇن مەبۇد دەپ قارىغان ياكى مۇقەددەس بىلىپ تىۋىنغان نەرسىلىرىنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۇ نەرسىلەرگە  يۈكلەنگەن ئىلاھى خۇسۇسىيەتلەرنى تاشلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇھىتىدىكى  ماددى ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى ۋە گۈزەللىك زوقىنى قاندۇرىدىغان، ئۈمىت-ئىستەكلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ۋاسىتىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەلبەتتە بۇتپەرەسلىكتىن قول ئۈزۈپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەردىمۇ ھەيكەلنىڭ مۇشۇنداق مەنىنى ئېلىشى تەبىئي ئىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىدا رەسىم ، ھەيكەللەرمۇ  بار ئىدى. ھەيكەللەر بەزىدە يانمۇ يان تىزىلغان، تەكشى ئىگىزلىكتە ھوجرىلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئۇسلۇپ تۈرك(ئۇيغۇر) مىمارچىلىقىدا ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان. پەقەت ھەيكەلنىڭ ئورنىغا ھوجرىلارغا لوڭقىغا ئوخشاش كىچىك قىممەتلىك بويۇملار قويۇلغان. ئىسلام مىمارچىلىقىدا ‹‹پەشتاق›› دەپ ئاتالغان، يانمۇ –يان سېلىنغان ياكى ھەرە كۆنىكى شەكلىدە قۇرۇلغان ھوجرىلاردىن تەشكىل تاپقان سەنئەت ئۇسلۇبى بۇددىزم مىمارچىلىقىنىڭ تەسىرى دەپ قارىلىدۇ.(43) ئىسلام سەنئىتىنىڭ بۇددىزمدىن ئالغان نەرسىلىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ‹‹قۇرئان››دا ھەيكەل ياساش چەكلەنمىگەن، بەلكى شۇغۇللانسا بولىدىغان بىر مەشغۇلات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. يەنى ‹‹ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن-ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لىگەنلەرنى، ئورنىدىن مىدىرلاتقىنى بولمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى. ئى داۋۇت ئائىلىسى بۇ نىمەت ئۈچۈن(ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىڭلار. لېكىن قۇللىرىمدىن (قەلبى ۋە تىلى بىلەن) شۈكۈر قىلىدىغانلار ئازدۇر››(44) دېگەن شەكىلدە بايان قىلىنغان ھەم ھەيكەل كۈچنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە تۇنۇتۇلغان. ‹‹قۇرئان››دا مەھىيىلىنىپ تۇرۇپ  سۆز ئېچىلغان بىر  سەنئەتنىڭ چەكلىنىشى ئىسلامىيەتكە يات بولغان بەزى ئويدۇرمىلارنىڭ تەسىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن. تارىختا ئىسلامىيەت ۋە پەيغەمبەر نامىغا ئاتاپ تەپرىقىچىلىك ياكى مەزھەپ پەيدا قىلماقچى بولغانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرگە قارا چاپلاش سۈپىتىدە ئويدۇرۇلغان ساختا ھەدىس ئارقىلىق سەنئەتكە بولغان قارشىلىقىغا ئاساس تىكلىمەكچى بولغان ۋە بۇ ئاتالمىش ئاساسلىرىنى جەمئىيەتتە كەڭ يايغاندىن سىرىت ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ھېمايىسىگىمۇ ئىرىشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ھاياتتا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئىسلامىيەتنىڭ ئېتىقاد ساھەسىنى ساغلام ھالەتتە قوغدىغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش ساھەسىگە ئويدۇرما ۋە باتىل چۈشەنچىلەرنى كەڭ تارقاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە چەكلەش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن.  بۇ ھالەت 10- ئەسەردىن باشلاپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ۋە 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تولۇق مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇمىي بىر ھالەتكە ئايلانغان. خۇلاسە ئورنىدا پىكرىمىزنى ‹‹پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى›› بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بىر سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: ‹‹دۇنيادا مەدەنىيەتلىك ۋە  ئىلگىرى باسماقچى  بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت جەزمەن ھەيكەل ياساپ، ھەيكەلتاراش يىتىشتۈرىدۇ. ئابىدىلەرنىڭ ئۇ يەرگە ياكى بۇ يەرگە تارىخىي خاتىرىلەر سۈپىتىدە تىكلىنىشىنىڭ دىنگە مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەر دىن ھۆكۈملىرىنى دېگەندەك  دەرىجىدە تەتقىق قىلمىغانلاردۇر.››(45)

     

    مەنبەلەر:

     

    (1) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹تاشتىق كۈلتۈرى›› ماددىسى)، تۈركچە، 30- توم، 489-بەت، 1981- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. ‹‹تۈركلەر›› (<<تۈرك تارىخى خرونولوگىيەسى›› ماددىسى)، تۈركچە، 1- توم، 74-بەت.

    (2) ب. ئۆگەل: ‹‹تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى›› ،تۈركچە، 1- توم، 9-، 10- بەتلەر، 1971- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (3) ر.گرۇسسېت: ‹‹بوزقىر ئىمپېرىيەسى››، تۈركچە، 41-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.

    (4) لىن گەن: ‹‹ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى››، ئۇيغۇرچە، 240-،241 -، 256- ،257 – بەتلەر، 2004- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

    (5) بەنگۇ: ‹‹خەننامە›› ، ئۇيغۇرچە، 405 -، 713- بەتلەر، 1991- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى›› (‹‹بۇددىزم›› ماددىسى)، تۈركچە، 8 -توم، 294 – بەت، 1976- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (6) ئابدۇقەييۇم خوجا: ‹‹غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت››، ئۇيغۇرچە، 225-، 226 -،227- بەتلەر، 1995- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

    (7) ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 23- بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى. 

    (8) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 131- بەت،1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (9) ياشار چورۇھلۇ: ‹‹تۈرك مىفولوگىيەسىنىڭ ئانا خەتلىرى››، تۈركچە، 135-بەت، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.

    (10) ب. ئۆگەل: يۇقىرىقى ئەسەر، 11 -، 12- بەتلەر. 

    (11) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 132 – بەت.

    (12) ب.ئۆگەل :<<تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش>>، 7-توم، 52-بەت، 2000-يىلى، ئەنقەرە، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر فاكۇلتېتى نەشرىياتى.

    (13) ئوكتاي ئاسلانئاپا: ‹‹تۈرك سەنئىتى››، تۈركچە ،1- 2- توم، ،7-8- بەتلەر. 1984- يىلى، ئىستانبۇل، كارۋان نەشرىياتى.

    (14) ياشار چورۇھلۇ: ‹‹دەستلەپكى دەۋر تۈرك سەنئىتىنىڭ ئالفابەسى››، تۈركچە، 89-، 90- بەتلەر.1998-يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.

    (15)‹‹بىلگە قاغان غەزىنىسى يورۇقلۇققا چىقىرىلدى››، ‹‹ئورخۇن›› ژورنىلىنىڭ باش ماقالىسى، تۈركچە، 2001- يىلى، 43- سان. سائادەتتىن گۆمەچ: ‹‹بىلگە قاغان كۇللىياتىدىكى ئابىدە قەبرە››، ‹‹ئورخۇن›› ژورنىلى، تۈركچە، 2001 - يىلى، 44- سان. سائادەتتىن گۆمەچ : ‹‹تۈرك تارىخىنىڭ قەھرىمانلىرى -- بىلگە قاغان››، ‹‹ئورخۇن›› ژورنىلى، تۈركچە، 2004- يىلى، 74- سان.

    (16)‹‹بىلگە قاغاننىڭ ھەيكىلى تېپىلدى››،تۈركچە، http:/www.yenicaggazetesi.com.tr  سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

    (17) يىلماز ئۆزتۇنا: ‹‹بۈيۈك تۈركىيە تارىخى›› ، تۈركچە،1-توم، 82-بەت، 1977-يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.   ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹كۆكتۈركلەر›› ماددىسى)، تۈركچە ،22 -توم، 269- بەت،    1975–يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (18) ئابدۇلقادىر ئىنان: ‹‹تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم››، تۈركچە، 231- بەت، 2000-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى. 

    (19) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: ‹‹قاتلاملىق ئىستېتىكا››، ئۇيغۇرچە، 302-، 303-بەت. 1994- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.

    (20) جون پائۇل روكس: ‹‹تۈركلەرنىڭ تارىخى››(تىنچ ئوكياندىن ئاق دېڭىزغىچە ئىككى مىڭ يىل)، تۈركچە، 145- بەت، 2007- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى. 

    (21) ئالى ئۆزتۈرك : ‹‹ئۆتۈكەن ئابىدىلىرى››، تۈركچە، 125-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى. ئەمەل ئەسىن:  ‹‹ئوردۇغ-- باشلانغۇچتىن سەلجۇقلارغا قەدەر تۈرك خاقان شەھىرى››، ‹‹ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ - جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ تەتقىقاتلىرى ژورنىلى››، تۈركچە، 1972-يىلى، 6- جىلد، 10-11 – سان، 162-بەت.

    (22) ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن : ‹‹قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى››، تۈركچە، 233-بەت، 1994- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى. 

    (23) ئانىل چەچەن: ‹‹تۈرك دۆلەتلىرى››، تۈركچە، 171 – بەت، 2007- يىلى، ئەنقەرە، فارك نەشرىياتى.

    (24) پېتىر خوپكىرىك: ‹‹يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار››، ئۇيغۇرچە، 192-بەت، 1990-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

    (25) ئوكتاي ئاسلانئاپا: يۇقىرىقى ئەسەر، 12-،13-، 14-بەتلەر. 

    (26)  ئابدۇلقادىر ئىنان: يۇقىرىقى ئەسەر،43- بەت.

    (27) ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: ‹‹تۈرك مىللىي كۈلتۈرى››، تۈركچە، 310-بەت، 2004-يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.

    (28) ھارۇن كۈنگۆر : ‹‹سۈرىيە مەنبەلىرىگە كۆرە تۈركلەرنىڭ مەنبەسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئادەتلىرى››، ‹‹تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى››، تۈركچە، 1986-يىلى، 40- سان، 83-بەت.

    (29) ب.ئۆگەل : يۇقىرىقى ئەسەر، 126-، 127-بەتلەر.

    (30) ب.ئۆگەل : يۇقىرىقى ئەسەر، 127-بەت.

    (31) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹قاراخانىيلارنىڭ سەنئىتى››  ماددىسى)، تۈركچە،21 -توم، 283 - بەت. 1974- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (32) ۋ.ۋ.بارتولد : <<ئوتتۇرا ئاسىيا>>( تارىخ ۋە مەدەنىيەت)، تۈركچە، 24- بەت، 2010- يىلى، ئىستانبۇل،  سېلېنگې نەشرىياتى.

    (33) ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹تۇرپان›› ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم، 2 - قىسىم، 118- بەت، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (34) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : ‹‹ئاددىيلاشتۇرۇلغان ‹قۇرئان كەرىم› مەئالى››(68-سۈرە قەلەم، 52-ئايەت)، تۈركچە، 488-بەت، 2007- يىلى، ئىستانبۇل، پامۇك نەشرىياتى.

    (35) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(67-سۈرە مۈلك، 26-ئايەت)

    (36) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(42-سۈرە شۇرا، 48-ئايەت)، 415-بەت.

    (37) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(سۈرە كافىرۇن، 4-، 5-،6 -  ئايەت) 527-بەت.

    (38) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(10-سۈرە يۇنۇس، 99-،100 - ئايەتلەر)، 183-بەت.

    (39) ئىبراھىم سارىچام، سەيفەتتىن ئەرشاھىن : ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى››، تۈركچە، 192-بەت، 2006- يىلى، ئەنقەرە، تۈركىيە دىيانەت ۋەھپى نەشرىياتى.

     (40) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(5-سۈرە مائىدە، 90- ئايەت)، 103-بەت.

    (41) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(7-سۈرە ئەئراف، 32- ئايەت)، 129- بەت.

    (42) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(5-سۈرە مائىدە، 87-ئايەت)، 103-بەت.

    (43) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 137-بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

    (44) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(34-سۈرە سەبەئ، 13-ئايەت)، 361-، 362-بەت.

    (45) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ:‹‹كۈلتۈر تارىخىمىزدا دىن››،‹‹بەللەتەن››، تۈركچە،  210-سان، 800-بەت، 1990- يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

                                             

      (داۋامى بار )

     

      

     

     

     

     

     

     

     

    (1-رەسىم)

     

                      

    (2- رەسىم)  

     

    (3-رەسىم)

     

       (4- رەسىم)

     

    (5-رەسىم)                     (6-رەسىم)

     

     

    (7- رەسىم)

     

    (8-رەسىم)

        

     

               (9-رەسىم)

     

     

     

     

     

     

     

     

    (10-رەسىم)

     

     

             

    (11-رەسىم)             (12-رەسىم)               

    (13-رەسىم)                          (14-رەسىم)

     

         ( 15-رەسىم)                                                       (16-رەسىم)

     

         

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     



    [1]بېشى  ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- ساندا

     

     [2]بۆرىنى  ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر ئۈچۈن تۇتېم دەپ قاراش، بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ يۈزەكىلىكى ۋە بۇلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قوللىنىلغان مېتود خاتالىقىدىن پەيدا بولغان. بۆرە ئوبرازى ئەسلىدە  تۈركىي  قەۋملەردە توتېم سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى مىللىي قەھرىمانلار ۋە يىتەكچى سەخسلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۆرە ئۆزىنىڭ شىجائىتى، خاراكتېرى ۋە ياشاش ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركىي  قەۋملەرنىڭ روھى، تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن  ھۇن، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قاتارلىق بارلىق تۈركىي  قەۋملەر تەرىپىدىن ئەجدات، رەھبەر ۋە قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۆرە ئۇلاردا بىر داستان ئەدەبىياتىنى ياراتقاندىن سىرىت، سەنئەت ئەسەرلىرىدىمۇ ئەڭ مۇھىم بىر موتىفقا ئايلانغان ئىدى.  بىز بۇ ھەقتە ‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى››(بۆرە تۇتېممۇ ياكى سىمۋولمۇ؟) دېگەن ئەسىرىمىزدە مەخسۇس توختىلىمىز. – ئا.

     

    [3]  بەزى ئالىملار بالباللارنى سەنئەت ئەسىرى دەپ قاراش توغرا ئەمەس، ئۇ پەقەت  دىنىي ماھىيەتتىكى بەلگە دەپ قارايدۇ. – ئا.

    [4] بالبال ئىبارىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقەرىنىڭمۇ ئالاھىدە توختالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە 2001- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ئىبنى فەزلان ساياھەت خاتىرىسى››(10-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا) دېگەن كىتاپنىڭ 79-بىتىگە قاراڭ.-ئا.

    [5]  ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە قەدەر تۈركىي قەۋملەر ياشىغان ھەر جايدىكى قەبرىستانلىقتا قوچقار ھەيكىلى ئۇچرايدۇ. –ئا.

    [6] ئۆتۈكەن دائىرىسىدىن باشقا يەنە سۋەت-ئۇلان كۇللىياتدىمۇ ئارسلان ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان. – ئا.

    [7] گروتېسك – قەدىمكى دەۋردىكى رىم قۇرۇلۇشلىرىدا كۆرۈلگەن  قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك كۆرۈنىشلەردىن تەشكىل تاپقان بىزەكچىلىك ئۇسلۇبى. بۇ ھەيكەلتارشلىقتا قوپال ۋە غەيرى ئۇسلۇبنى كۆرسىتىدۇ.— ئا.

    [8]   بېشىغا سەللە يۆگەش ياكى قىزىل رەڭلىك يىپەكتىن سەللە يۆگەش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتىدە مەۋجۇت بىر خىل شەكىل ئىدى.— ئا.

    [9] ‹‹بۇت››  سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا پارسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ھازىر بۇ بىر دىنىي ئاتالغۇدۇر. بۇ بۇددا دىنى ۋە بەزى دىن مۇرىتلىرىنىڭ تەڭرى دەپ بىلىپ سەجدە قىلىشى ئۈچۈن لاي، ياغاچ، تاش، گەج ۋە مىتال قاتارلىق نەرسىلەردىن ياسىغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلى ياكى تەسۋىرىدۇر. –ئا.

    [10] ‹‹ھەيكەل››  سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ھازىر بۇ سەنئەت كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ بىر ئاتالغۇ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ باش ياكى گەۋدىسىنىڭ گەج، تاش، لاي، ياغاچ، مىتال ۋە باشقا ماتىرىياللاردىن ياسالغان تەسۋىرى. – ئا.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.