ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟(ئابدۇرېھىم دۆلەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-20 01:28:10

ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ئابدۇرېھىم دۆلەت ھېچكىم خاتالىششىنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىقتەقدىرى بولۇپ كەلدى. ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكەئىنتىلدى،ئۇنىڭ ئۈ...

    ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
    ئابدۇرېھىم دۆلەت


       ھېچكىم خاتالىششىنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىقتەقدىرى بولۇپ كەلدى. ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكەئىنتىلدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى.لېكىن بەختنىڭ قەيەردىلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سۇئال پېتىتۇرۇپتۇ.«بەخت» تارىختىكى بارلىق پەيلاسۇپ مۇتەپەككۇرلارنىڭبەھىس تېمىسى، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى «بەخت» يولىنىكۆرەلمىدى.يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈنئادالەت داۋاسى بىلەن قۇرۇلغان . بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز.
    تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس - تۈگمەس تەجرىبە - ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلىبولمايدۇ،شۇنداقلا ئىبىرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپتۆگەتكىلى بولمايدۇ.خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپقېلىپ، خۇجىنىيازھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۆلگە تىكلەپ بەرگەندەك. ھەقىقەتەنمۇئۆتكەنلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن پاتمان - پاتمان پۇشايمان- تۆۋىلىرىنى قىلىپ، ئەۋلادلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇيۇ، ئەۋلادلار بولسائىبىرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا «ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىشقىچە» دېگەندەكئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا تالاي قان - ياشلىق ۋەسىيەت، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر شۇنداق ئايلىنىدىغان، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىدقىلسىمۇ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان جەريان.
    بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەلقىلىش ئۈچۈن نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس، تارىخىيتەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۇرىدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنىكۆرەلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك،شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغانساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك.
    ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكىئىشلەپچىقىرىش ۋاستلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىتېخىمۇ يۇقىرى كۆرۈش ئارقىلىق،ئىقتىسادى ئامىللارنى بەلگە قىلغانيېڭى - يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى. ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرىپەيدا بولدى.بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى.يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلدار ئىدى.
    ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىشلەپچىقىرىشۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە، بولۇپمۇسانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشنىشى، ئىلگىرىسىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر - بىرلەپ تېپىشقانئەگىشىپ، ئۆزىگە تەبىئەتكە دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر روي بېرىشكە باشلىدى.ئىنسانلارئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھىس قىلمايدىغان بولدى.تېخنىكائارقىلىق قولغا كەلگەن، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋەپپىيەتلەركىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇ جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى، بايلىق بايلىقنى، ئېھتىياجئېھتىياجنى توغدى. ئىلگىلىرى ئىنسانلار ئۆزىنىتەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭخۇجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى. بۇ قىقاس - سۆرەنگە تولغان ئىلگىرلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا - ئاستا ئەمەلىي، ماددىي ئۈنۈمئەكىلەلمىگەن ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەلقاراشقا باشلىدى.خۇددى «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلغاندەك :«ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ،ئەگەرئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا (ئاللانىڭ رەھمىتىدىن)،تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپكېتىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەتتىنى كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇچۇقۇم (بۇ ئۆزەمنىڭ سەئىي - ئىجتىھاتىدىن كەلگەن ...) دەيدۇ.ئىنسانغانېمەت ئاتا قىلساق، يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغايامانلىق يەتسە ئۆزلۇكىسىز دۇئا قىلىدۇ» (سۈرە نۈسسىلەت 49-50-51- ئايەتلەر).
    بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىنكېلىپ چىققان بولسا ھازىر توقلۇقتىن چىقىشقا باشلىدى.روھىي قىممەت، ئەخلاقپەزىلەت - پەزىلەتلەر ئىقتىدار ،قابىلىيەت دائىرىسىدىنسانالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاستە نەپ ئەكېلەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئۆزىگەئارتۇقچە ساناپ، تەرك ئېتىشكە باشلىدى. ئەگەرئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك.ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى، مەنىسىنى يوقاتمايدىكەن، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭقىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. ھازىرقى ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىيئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماستىن, بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا، شەكىللەندۈرۈۋالغان سۈنئىي ئەخلاقئىدى.
    كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىپقىلىنىشى، باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان بارلىق ئىشلارنىئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى.ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق- ئاشكارەئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى.
    ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل؟
    ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەتقاراش، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىندېرەك بېرىدۇ.شەيئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكىلىگىلاباغلىق بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان ئۇسۇلغا باغلىق.بىز ئوخشاش شەيىئىينى ئوخشىمىغان بىر قانچەنوقتىدىن كۆزەتسەك،ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.كىشىلەرنىڭگۈزەللىك،رەزىللىككە تۇتقان پوزىتىسيىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ پرېزىدېنت كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى.بۇ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈنقانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىسىتىپ بەردى. يېقىنداپارىژ خەلقى ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغانبىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككەھۆكۈم قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فىرانسۇزچەكۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىتوغرا, دەپ قارالدى.بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭنەپسىنى قاندۇرالايدىغان («نەپسىنىڭ بىخىللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» «قۇرئان كەرىم » دىن ) ئۆزىگە راھەت، لەززەت ئەكېلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىستىېمال بۇيۇمى سۈپتىدە تاللىۋالدى.جىنسىي راھەت بولسا، ئىنسانلارتاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى.بۇنى قاندۇرۇش بۈگۈنكىدەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكىئىش، دەپ قارالدى.ئەنئەنىۋى نىكاھ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى.ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانچە مۇھىم دەپقارالمايدىغان، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە، دەپقارايدىغان بولدى.
    كىشىلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا،كىشىلىك ھاياتقاتەھدىت ئەكەلگەچكە چەكلىدى. ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان بولسا، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كرىزىسكە دۇچار بولماس ئىدى.مەنىۋىبوزۇلۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەتبەرمىدى.ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى،جازالىدى،مېنىڭچەروھىنى بۇلغىغان مەنىۋى زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلاجازالاش كېرەك.
    شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى،بىر جەمىيەتتە ئوغرىلىق، بۇزۇقچىلىق، قاتىللىق دېگەندەكجىنايەتلەر گاھى - گاھىدا يۈز بېرىپ تۇرسا،بۇ نۇرمال ھادىسەھېساپلىنىدۇ،لېكىن ھەمىسە يۈز بەرسە بۇ نۇرماللىق بولماي، ئاللىقاچانبىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ،شۇنىڭدەك جىنسىيبۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە،بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نۇرمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ.مېنىڭ ئەڭئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپتۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نۇرمالھادىسە سۈپتىدە «توغرا» چۈشىنىپ،ئەپۇ قىلىشى،ناۋاكېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە،بەلكىم ئاۋۋال مەنئىنسانلار جەمئىيىتنى تەرك ئېتەرمەن.
    مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى, دەپقارىمايمەن.ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىياتئارقىسىدا شەكىللەنگەن، ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قورغاقلىشىپقاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر نەچچە تۈپىدۇر.
    بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇئادەم،ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى. بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتۇرىئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ماڭا چۈشىۋاتقان قۇياش نۇرىنىتۇسۇۋالدىڭ، دېيەلىگەن ھېلىقى كىشىدەك روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىكئىشخانىلىرىدىن، دۆۋە- دۆۋە كىتاب - ماتىرىياللار ئارىسىدىن، قاتۇرۇپ كىيىنىپ، قۇرساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلزادىلەرئارىسىدىن، قىلالمىغان، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپىۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىنتېپىلمايدۇ.ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچە ھاكاۋۇرلىشىپكەتتىكى، ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد،سەمۇد قەۋىملىرىدىنبەس تالىشالايدۇ.بۈگۈن ئىخلاس، ساداقەتمەنلىك يوقالدى.بۇ بىر خۇدانى ئۇنتۇلغان, ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋربولدى. نەپىس ئېتىقادتىن غالىپ كەلدى.
    ئېرىخ فرۇم نېتزىيىنىڭ 20- ئەسىردە :«ئادەملەر ئۆلدى» دېدى.ئۇ, ئىنسانلارئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسلىسىز ئاقارتىشھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. گەرچەبۇ گەپ 1979 - يىلى دېيىلگەن بولمىسمۇ،لېكىن بۇنىڭرىئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرگىنىمىز يۇق.
    يەر شارى خاراتېرلىك بۇ روھىي قورغاقچىلىق، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىركۆرسەتمەي قالمىدى.بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا - ئاناۋە ئۆزىنىڭ قىز ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس. ئۇيغۇرجەمىئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. ئىپپەت قىزلار گۆھىرىلىك سالاھىيىتىنى بارا - بارا يوقتۇشقا باشلىدى. يىگىتلەرمۇبۇنىڭغا خۇددى كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى :«كۆزەم كۆرمىدى،قۇلىقىم ئىشتمىدى» دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلەقىلىشقا يۈزلەندى. قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيىسىنىڭ بازارلىشىشى، پارتىلىماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىشبولدى. ياشلىرىمىز تۇرمۇزى بوزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاشبولۇپ قالدى. ئىلگىرى كوچا - كويلاردا، كىشىلەر كۆرۈپقالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۇپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋېتەتتى، ھازىر ئىتلارمۇ خېجىل بولۇپ خالىي جايلارغاكېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە ئادىمىيئىتلار ئالدى. ئەرلەر ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ئۇنىكۈنلەش قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى توغرا چۈشنىدىغان بولدى. ئەجىبا، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭمانا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيقالارمۇ؟
    جىنسىيەت ھازىرقى «مەدەنىيەتلىك» جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكاراتېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى.جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭيوشۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇردى. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندەھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. بىز بولساق بۇنىئوقۇغۇچىلارغا جىنسى ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرمىگەنلىكىتىن، دەپقارىدۇق.ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلاربۇنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ؟ (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گىگىنا دەرسىدە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندەقانداق ھېسىسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىزبولدۇ). نومۇسلىق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشىكېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئېيتىلىشىچە, مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇئاياللارغا ئايرىم كۈندە،ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن. ھەم ئاياللارمۇسۇئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق سورايدىكەن.
    ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا، ئەخلاقيوقايدۇ،ئەخلاق يوقالغاندا، قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ.« قۇرئان كەرىم» دەئېيتىلىشىچە، ئەخلاقنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپكەتكەچكە، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمايئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن.
    ھازىر قىز - يىگىتلەر بىر - بىرىنى تاللىغاندا تاشقى قىياپەتكە بەكرەكئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى قىياپەت بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپئولتۇرمايدىغان بولدى.ئاتا - ئانىلارمۇ كۈيئۇغۇل، كىلىننى ئابروي،پۇل، ھوقۇقنۇقتىسىدىن بەكرەك تاللايدىغان بولدى.(مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالام دىيانەتلىكنىتاللاڭلار دېگەنىدى). ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئەخلاق تەلىپى تولمۇتۆۋەنلەپ كەتتى. ئاتا - ئانىسىنى «سىز , سىلى » دەپئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى.
    ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، خاتىرجەمئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس.ئاياللار ئەرلىرىنىڭئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن، تەلەپ ئېھتىياجىنى پەرمانبەردارلىقبىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن .....، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن، بۇرنىدىن يىتلىمەكچىبولغانلىقىدىن، پارچە - پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بوزىدىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن .... قاقشايدۇ.ئەرلەر لايىقىدائەر،دادا بولۇپ بولالماي، ئاياللار خوتۇن، ئانا بولۇپ بولالمايتۇرمۇشىدىن رەنجىپ يۈرۈشمەكتە. تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ روھىنى بەرباتقىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنىيەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش. ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان.ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجرالرىنىبىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە. يىگىت دېگەنسۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇھەببەتلىششىتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلە تاپا- تەنە، رەنجىش، كايىشلار بىلەن تولغان. ئائىلىنىڭخاتىرجەملىك،مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي، ئۇرۇش - جىدەلنىڭئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئەر- ئايالنىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلىسۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان... ئاقىۋەتتە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنىسىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى. لېكىن ئەقىلنىڭ مۇپپەقىيىتىھەرگىزنىڭ رۇھنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئادىليىلدىرىمنىڭ «غەلىتە ئۆزگۈرۈش» دېگەن بۇ ھىكايىسى گەرچە ئۇيغۇرجەمئىيىتىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرمىسىمۇ، روشەنبىر يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ھىكايىدىكى پاجىئەلەر ئاۋۋال روھئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر.
    مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس (ئەملىيەتتەبۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس). بەلكىجىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىتوختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر.ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپدېپلوم، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغىلى، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسىېنىت ، پروفېسسوربولغىلى بولىدۇ.لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھاتبىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ، چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشىكېرەك، «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىغانئەمەلدۇر».«ھەدىس» تىن).
    تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ- مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇرچىققان بولسىمۇ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭپەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپكەلدى. ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگەتەھدىت، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلانىڭ ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى.بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى - يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ، بۇنىڭغا قاراشقاھەقىقەتەن «چۇلىسى» تىگىپ بولالماي قالىدى.
    ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر - بىرىنى يىگەنىدى. ھازىر بولسا توقلىقتىن يەۋاتىدۇ.لوشۇنئەپەندى :"بالىلارنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار ‍!» دەپ نىدا قىلغانىدى، لېكىن مەن ئاۋۋالئۆزەڭلارنى قوتقۇزۇۋېلىڭلار، دەپ نىدا قىلىمەن.چۈنكى ئۆزى ئوتئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن؟!

    2001 - يىلى 14- ئاپرېل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.