ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت(2)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 07:44:23

ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدەمەمتىمىن ئەلا ئەگەر نىتچېنىڭ خۇدانىڭ ئۆلۈمى ھەققدىكى ھۆكۈ...



    ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت


    سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدە
    مەمتىمىن ئەلا

     

     

    ئەگەر نىتچېنىڭ خۇدانىڭ ئۆلۈمى ھەققدىكى ھۆكۈمى، خۇددى ھايدېگېر دېگەندەك، ھەقىقىي مەنىدىكى خۇدانىڭ ئۆلۈمىنى ئەمەس، بەلكى «مېتاڧىزىكىنىڭ ئاخىرلىشىشى» نى كۆرسەتسە، نىتچې غەرب مودېرنلىقىدا دېكارتتىن باشلانغان پىلاننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى خۇدانىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىگە بىر خىل ھەقىقىيلىق سۈپىتىدە ئىگە بولغانلىقى بىلەن جاكارلىغۇچىدۇر. دېكارت ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان مېتاڧىزىكىسىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئەسلىدىكى ھەممىگە قادىر ۋە بارلىق ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى بولغان مۇتلەق سۇبستانسىيىدىن—خۇدادىن—گۇماندىن خالىي ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى بولغان ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى «ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت»[4] دېگەن بىرىنچى شەخس تۇيغۇسى ئارقىلىق ھېس قىلىدىغان يەنە بىر پانىي سۇبستانسىيىگە—ئادەمگە—يۆتكەيدۇ. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان كانت ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلىرىنى ئەمدى ئەقىل ھەم سەزگۈلەر ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان خۇدادىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقلىنىڭ مۇتلەق بۇيرۇقىدىن ئىزدەيدىغان؛ نوقۇل ھالدا قانۇن بېرىلگۈچىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزى قانۇن بېرىدىغان ئادەم سۈپىتىدە ئىدراك قىلىدۇ. نىتچې بولسا، قانۇنىيلىق بىلەن نوپۇزنىڭ ئاساسىنى ئىلاھىي بۇيرۇقلاردىن ئەقىلنىڭ بۇيرۇقىغا يۆتكەيدىغان ئاقارتىش ھەرىكىتىدە يۈكسىلىش تاپقان ۋە ئەقىلنى زىيادە تەكىتلەش نەتىجىسىدە بېسىلىپ قېلىنغان ھېسسىياتلارنى ئادەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلىشتىكى ھەقىقىي مەنبە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇ نۇقتىدىن، ئۇ ئەقىلدىن كۆرە تەسەۋۋۇر ۋە ھېسسىياتلارنىڭ شەخسلەشكەن شەكىلدە ئىپادىلىنىشىگە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىدىغان رومانتىزمنىڭ مۇنۇ ئىنتىلىشىنى تاماملايدۇ—ئادەمنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىدۇر.

     

     

    سارتر نىتچېنىڭ «خۇدا ئۆلدى» دېگەن جاكارسى ئېلىپ كەلگەن قۇتۇلغۇسىز ۋە ھەل قىلىش مۇمكىنسىز بولغان قۇپقۇرۇق بوشلۇق ئېلىپ كەلگەن تراگېدىيىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېخىمۇ تراگېدىيىلىك شەكىلگە ئېلىپ كىرىدۇ. سارترنىڭ قارىشىچە، خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئاددىي بىر ھەقىقەت ياكى پاكىت بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر «تراگېدىيىدۇر.» چۈنكى، بۇ ئۆلۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھالقىما قىممەت ئاساسىنىڭمۇ يوقالغانلىقىنى—ئۆلگەنلىكىنى—جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى ئۇ دوستويېۋىسكىدىن نەقىل ئالغىنىدەك، خۇداسىز دۇنيادا ھەممە نەرسە «مۇمكىن» ھەم «ئىجازەتلىك» تۇر. ماھىيەتلىك مەسىلە شۇكى، خۇدانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلىشىپ كېلىدىغىنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتتۇر: خۇداسىز قۇپقۇرۇق دۇنيادا ئادەم ئۆزى تاللىيالمىغان ھەم تاللىيالمايدىغان بارلىقىغا تاشلىۋېتىلىدۇ. ئادەم تىغدەك تەنھادۇر—نە ئۇنىڭ ئالدىدا، نە ئارقىسىدا، نە ئۈستىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان بىرەركىم ياكى بىرەر نەرسە يوق. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى بولمىغىنىدەك، مەۋجۇت بولماسلىقىنىڭمۇ ھېچقانداق سەۋەبى يوق—چۈنكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت بىر ساپ تاسادىپىيلىقتۇر. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشقا بىر ھالقىما مەۋجۇتلۇق تەرىپىدىن يارىتىلمىغان، بەلكى ئۆزىنى يارىتىشقا مەجبۇرلانغان يەككە-يېگانە بارلىقتۇر. دېمەككى، ئادەم خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالغان—تېخىمۇ توغرىسى، مەجبۇرلانغان—بارلىقتۇر. شۇڭا، سارترغا نىسبەتەن، خۇددى نىتچېغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ئۆلۈمى ئاخىرلىشىشنىڭ ئەمەس، باشلىنىشنىڭ جاكارلىنىشىدۇر. ئەگەر بۇ باشلىنىش نىتچې ئۈچۈن سۇپېر-(ھالقىما-) ئادەمنىڭ[5] تەۋەللۇتىنى كۆرسەتسە، سارتر ئۈچۈن ئەركىن ئادەمنىڭ تەۋەللۇتىنى كۆرسىتىدۇ. سارتر ئۈچۈن، ئادەم خۇداسىز دۇنيادا—ھەممە نەرسە ئىجازەتلىك دۇنيادا—ئۆز ئەركىنلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالىدۇ. شۇڭا، سارتر دەيدۇكى، ئادەم ئەركىن بولۇش بىلەن «ئەيىبلىنىدىغان» بارلىقتۇر: ئۇ مانا مۇشۇ باشلىنىشنىڭ بارلىق يۈكىنى يۈدۈپ ماڭغۇچى ھەم بۇ يۈك ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق مەسئۇلىيەتكە قالغۇچىدۇر—ئۇ، خۇددى نىتچې ساراڭنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندەك، ئۆزىنى «يېڭى مەبۇد» سۈپىتىدە ئىجاد قىلىشقا قالىدىغان مەۋجۇداتتۇر .

     

     

    دېمەك، سارتر ئادەمنىڭ كائىناتتىكى مەۋجۇتلۇقى، ئورنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ياۋروپا ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن باشلانغان مۇشۇ قاراشنى رادىكال شەكىلگە كىرگۈزگۈچىدۇر—ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پەقەت ئۆزىلا مەنە ئاتا قىلالايدۇ. ئەگەر نىتچې «خۇدانىڭ ئۆلۈمى» دىن كېيىنكى بوشلۇقنى ھوقۇق ئىرادىسىگە ئىگە سۇپېر (ھالقىما) ئادەمنىڭ ئىجادىيلىقى، بارلىق قىممەتلەرنى قايتا باھالاش ۋە يېڭى قىممەتلەرنى يارىتىشى بىلەن تەبىرلىسە، سارتر بۇ بوشلۇقنى ئەركىن ئادەمنىڭ ئۆزىنى قايتا-قايتا ئىرادە قىلىش ۋە يارىتىشى ئارقىلىق تەبىرلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا سارتر نىتچېدەكلا رادىكالدۇر—ھەر ئىككىسى ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيلىقىغا تايىنىپ تۇرۇپ، يېڭى قىممەتلەرنى ئىجاد قىلىشقا چاقىرىدۇ. ساتر ئۈچۈن، ئادەم ئۆتمۈشكە ئەمەس بەلكى ھازىردىن كەلگۈسىگە—كەلگۈسىدىكى قۇپقۇرۇق مۇمكىنچىلىككە—يۈزلەنگەن بارلىقتۇر. بۇ يەردە قانداقتۇر سۇپېر ئادەمنىڭ ھوقۇق ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى قۇپقۇرۇق دۇنيادا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تاسادىپىي تاشلانغان ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىسىلا بار. بارلىق قىممەتلەر بىزگە بېرىلگەن ھەم ئۆزگەرتىلىشى كېرەك بولغان نەرسە بولماستىن، بەلكى بىز ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يارىتىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىممىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان نەرسىدۇر.

     

     

    سارترچە ئادەمنىڭ ئىرادىسى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت—خۇددى ئۇنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» ئەسىرىدىكى مەن بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاش—توقۇنۇشقا تولغان. شۇندىمۇ، تەكىتلەش كېرەككى، ئالدىنقى مۇناسىۋەت سىغىشالمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بىرىنى رەت قىلىش يەنە بىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، خۇدا بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە—خۇددى ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىكىدەك—سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكتنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق؛ ئۆزگە سۈپىتىدە مېنى ئوبيېكتلەشتۈرۈۋېتەلەيدىغان ئىلاھىي نەزەر يوق؛ مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىلاھىي ئىرادە تېخىمۇ يوق. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، خۇدا (نىڭ ئىرادىسى) بىلەن ئادەم (نىڭ ئىرادىسى) بىر بىرىگە مۇتلەق سىغىشالمايدىغان ئىككى نەرسىدۇر—ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئىنسان ئەركىن بولمايدۇ—بولالمايدۇ؛ ئەگەر ئىنسان ئەركىن بولسا، خۇدا مەۋجۇت بولمايدۇ—بولالمايدۇ. ئىنسان خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلمىغان، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى يارىتىدۇ.» شۇڭا، «ئادەم ئەركىن، ئادەم ئەركىنلىكتۇر.» بۇ نۇقتىئىينەزەر شۇنى يوشۇرۇن ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويىدۇ؛ ئادەم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۈزۈلكېسىل قولىغا ئېلىش ئۈچۈن خۇدانى ئۈزۈلكېسىل رەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، ئەگەر ئادەم ھەقىقىي ئەركىن دېيىلسە، ياراتقۇچى خۇدا مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەركىن تاللايدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى يارىتىدىغان ئادەم ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە موھتاج ئەمەس.

     

     

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سارترنىڭ نەزەرىدىكى ئەركىنلىك نىتچې جاكارلىغان «خۇدانىڭ ئۆلۈمى»نى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ—سارترچە ئادەم خرىستىئان دىنىدىكى خۇدائاتىنى ئۆلتۈرۈشتىن قالغان ئاقىۋەتلەرگە قېلىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەمما يەنە شۇنى دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، سارترنىڭ نىتچېچە «ئاتا قاتىللىقى»، پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن «ئاتىنىڭ» ئورنىنى ئىگىلەش—يەنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۇرۇنۇشىدۇر.[6] سارترنىڭ ئانتى-تېئولوگىيىلىك (ئانتى-ئىلاھىيەتلىك) قارىشى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ خۇدالىشىشى ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلىشىشىدۇر. چۈنكى، سارتر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى تەبىرلەشتە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ سۈپەتلىرىنى يۆتكەيدۇ—بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىكچە تېئومورڧىزمدۇر.[7] سارترنىڭ تېئومورڧىزمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەم، خۇددى خۇدادەك، يارىتىلمىغان، لېكىن يارىتىدىغان؛ خۇددى خۇدادەك باشقا مەۋجۇدات تەرىپىدىن ئىرادە قىلىنمىغان، بەلكى ئۆزىنى ئىرادە قىلىدىغان؛ خۇددى خۇدادەك ئاۋۋىلى يوق، بەلكى كەلگۈسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەۋجۇداتتۇر.

     

     

    سارترنىڭ خۇدا ھەققىدىكى قاراشلىرىدىكى ئىككى نۇقتىغا قاتتىق دىققەت قىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ بىرى، گەرچە سارترنىڭ بۇ ئەسەردىكى پۈتكۈل نۇقتىئىينەزەرىنىڭ ئاساسى خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ نۇقتىنى ھېچقانداق يېڭى نۇقتىئىينەزەر، قايىل قىلارلىق دەلىل ۋە سىستېمىلىق ئىسپاتلاش بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغان. ئۇ پەقەت بۇ ھالقىلىق نۇقتىغا قارىتا خۇددى خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلاش ياكى چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلمايدىغان «ھەقىقەت» تەك مۇئامىلە قىلىدۇ. تۇتۇق، دوگما ۋە قايىل قىلارلىق بولمىغان شەكىلدە قالدۇرۇلغان بۇ ھۆكۈم ئۇنىڭ لوگىلىكىلىق ھاسىلاتى بولمىش ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدىكى تۈرلەنمە نۇقتىئىينەزەرلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىغا يوشۇرۇن تەھدىد سېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئۇنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرى بىزنى قايىل قىلالمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىن تۈرلىنىپ چىقىدىغان ئىنساننىڭ رادىكال ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ئەگەشمە نۇقتىئىينەزەرلەرمۇ بىزنى ئوخشاشلا گۇمانلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سارترنىڭ قارىشىچە، مەۋجۇدىيەتچىلىك بىلەن كاتولىكىزم ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك توقۇنۇش خۇدانىڭ مەۋجۇت-مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرلۈك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە ئەمەس، بەلكى كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ھاياتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە دەل قاراش بىلەن ئەيىبلىشىدە كۆرۈلىدۇ. دېمەككى، مەسىلىنىڭ يىلتىزى، مەيلى غەزەرلىك ياكى غەرەزسىز بولسۇن، نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

     

     

     

    ئىككىنچى نۇقتا، سارترنىڭ خۇداسىزلىق نەزەرىيىسى تىرەن دېلىغۇللۇققا تولغان. سارتر 1880-يىللىرى خۇداسىزلىقنى تەرغىب قىلغان بىر تۈركۈم ڧرانسۇز پروڧېسسورلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ پروڧېسسورلار ناھايىتى يەڭگىلتەكلىك بىلەن خۇدانى ۋاقتى ئۆتكەن ئىدىيە دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئىدىيىنىڭ يوقىلىشى ئېلىپ كېلىدىغان قورقۇنچلۇق ئەگەشمە مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. سارتر خۇدادىن ئىبارەت بۇ ئىدىيىنى رەت قىلىدۇ—ئۇ رەت قىلىدۇ، ئەمما قاتتىق تەڭقىسلىقتا رەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ خۇداسىزلىقنىڭ بەدىلىنى، يۇقىرىقى پروڧېسسورلارنىڭ ئەكسىچە، چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ:

    مەۋجۇدىيەتچى ئەكسىچە خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالىدۇ، چۈنكى خۇدانىڭ يوقىلىشى بىلەن ئدراك جەننىتىدىكى قىممەتلەرنى تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ يوقالغان بولىدۇ. بۇ يەردە تەجرىبىدىن-بۇرۇنقى ياخشىلىق ئەمدى مەۋجۇت بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ئويلايدىغان چەكسىز ۋە مۇكەممەل ئاڭ يوق. ھېچ يەردە «ياخشىلىق مەۋجۇت»، ئادەم چوقۇم سەمىمىي بولۇشى، يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك دەپ يېزىلغىنى يوق، چۈنكى بىز ھازىر پۈتۈن ئادەملەر ھەمبەھرىمەن بولىدىغان باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز. دوستويىۋىسكى: «خۇدا مەۋجۇت بولمىغان بولسا، ھەرقانداق ئىش ئىجازەتلىك بولاتتى» دەپ يازغانىدى؛ ھەمدە بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. (يانتۇ ھەرپلىك تەكىتلىمە قوشۇلدى)

     

     

    مەۋجۇدىيەتچىلىكچە دېلىغۇللۇقنىڭ مەنىسى شۇكى، ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، «ئەخلاق، جەمئىيەت ۋە قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان دۇنيانى بەرپا قىلىش» نىڭ ئاساسى مەۋجۇت بولمايدۇ؛ ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھەقىقىي ئىگە بولىدىغان، ئۆزىنى يارىتىدىغان ھەم «ئۆزىنى قايتا تاپىدىغان» ئادەم مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ئىدراك جەننىتىدىكى قىممەتلەر، مەسىلەن ئادەم سەمىمىي بولۇشى، يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك دېگەن ئەخلاقىي ئەھكاملار يوقايدۇ؛ ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۆزىدىن سىرت ھەم ئۆزىدىن ھالقىغان ئىلاھىي ئەركىنلىككە بېقىنغان بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا سەمىمىي بولۇشۇم كېرەكلىكى جاۋابسىز قالىدۇ. چۈنكى، خۇدا مەۋجۇت ئەھۋال ئاستىدا، بۇنى بىز خۇدانىڭ ئىدراك جەننىتىدىن كەلگەن بۇيرۇق دەپ چۈشىنەتتۇق؛ خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ئادەم يېتەكچىسىز قالىدۇ—مېنىڭ سەمىمىي بولۇشۇم بىلەن سەمىمىيەتسىز بولۇشۇمنىڭ ھېچ پەرقى قالمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، بىز «چوقۇم بىرسى قىممەتلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك» بولىدىغان ئەھۋالغا قالىمىز. ۋەھالەنكى، كىممۇ بۇ قىممەتلىرىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال—يەنى ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىدىغان قىممەتلەر—بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھەر بىر ئەھكاملىرىغا شەرتسىز بوي سۇنۇشقا بۇيرۇلىدۇ؛ ئەمما خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ئادەم ئادەمگە ئېتىقاد قىلىش سەۋەبلىك—خۇددى پونگ «ئادەم ئادەمنىڭ كەلگۈسى» دېگەندەك شەكىلدە—مېنىڭ ياراتقان قىممىتىمگە بوي سۇنۇشقا بۇيرۇلۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېيىنچە توختىلىمىز.

     

     

     

    سارترنىڭ «مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ» دېگەن مەشھۇر ھۆكۈمىنى يەنىلا ئۇنىڭ خۇداسىزلىق ھەققىدىكى قارىشىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك. بۇ سارترنىڭ كۆپ نەقىل ئېلىنىدىغان مۇنۇ سۆزلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دېيىشىمىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادەم ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ، ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، دۇنيادا نامايان بولىدۇ—ئاندىن كېيىن ئۆزىنى تەبىرلەيدۇ.» دېمەك، خۇدا مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن، ئادەمنىڭ ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ھەم رېئاللاشتۇرۇشى كېرەك بولىدىغان ماھىيىتى بولمايدۇ—ئادەم ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزى يارىتىشى كېرەك. ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالدىنئالا ماھىيەت ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى چۈشەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق-ماھىيەت دۇئالىزمى خۇدا-ئادەم دۇئالىزمىدىن چىققان توقۇنۇشقا قايتۇرۇلغان ئىنكاستۇر.

     

     

     

    ماھىيەت غەرب پەلسەپە ئەنئەنىسىدە مۇئەييەن ئوبيېكت ياكى سۇبستانسىيىنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاساس ياكى ئۇنى كۆرسىتىشتە زۆرۈرىيەت شەكلىدە پايدىلىنىدىغان بىر يۈرۈش سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئابستراكت سۈپەتتىكى ماھىيەت كونكرېت شەيئىدىن پەرقلىنىدۇ—ئەگەر كونكرېت شەيئى مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت بولالايدىغان شەيئىنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداقلىقىنى كۆرسىتىدىغان سەۋەب ياكى ئاساسنى كۆرسىتىدۇ. سارترنىڭ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ھەرقانداق ماھىيەتنى ئىنكار قىلىشى ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مەۋجۇتلۇقنى كېلىش مەنبەسى ۋە سەۋەبى بولمىغان تاسادىپىيلىققا ئايلاندۇرىدۇ. نەتىجىدە، مەۋجۇتلۇق ئاساسسىز، تاسادىپىي ۋە قۇپقۇرۇق شەيئىگە ئايلىنىدۇ—شەكلى بار، لېكىن مەزمۇنى يوق. سارتر ئۆزى بىلەن بىللە ئاتېئىزمچى مەۋجۇدىيەتچىلەر سۈپىتىدە سانىغان ھايدېگېر «ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە مەكتۇب» دېگەن ئەسىرىدە سارترنىڭ ھۆكۈمىنى كەسكىن تەنقىد قىلىدۇ: «مەۋجۇدىيەتچىلىك مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دەيدۇ. بۇ باياندا مەۋجۇتلۇق بىلەن ماھىيەت ئەپلاتوننىڭ دەۋرىدىن تارتىپ دېيىلىپ كېلىنىۋاتقان ماھىيەت مەۋجۇتلۇقتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دېگەن ھۆكۈمنىڭ مېتاڧىزىكىلىق مەنىسىگە ئاساسەن ئېلىنىشىدۇر. سارتر بۇ ھۆكۈمنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىدۇ. بىر مېتاڧىزىلىكىلىق ھۆكۈمنىڭ ئورنىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى يەنىلا بىر خىل مېتاڧىزىكىلىق ھۆكۈمدۇر. بۇ ئارقىلىق ئۇ بارلىقنىڭ ھەقىقىتى ئۇنتۇلغان مېتاڧىزىكىدا تۇرىدۇ.»[8] ھايدېگېر ئۈچۈن، مەيلى توماس ئاكۈيناسچە ماھىيەت مەۋجۇتلۇقتىن ئىلگىرى تۇرسۇن، ياكى ئۇنىڭ ئەكسى بولغان سارترچە مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرسۇن، بۇلار بەرىبىر بۇ ئىككى ئاساسلىق مېتاڧىزىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان چەمبەردىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. سارتر ئۇشبۇ ھۆكۈمى ئارقىلىق مېتاڧىزىكىنىڭ چەمبىرىدىن چىقىپ كېتىشكە قانچە ئۇرۇنغانسېرى، ئۆزىنى يەنىلا ئۆزى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئاشۇ چەمبەر ئىچىدە كۆرىدۇ—چۈنكى سارترنىڭ بۇ ھەقتىكى پۈتكۈل نەزەرىيىسى يەنىلا بارلىق ماھىيەتلەرنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدىغان خۇدانى ئىنكار قىلىشقا پېتىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ خۇداسىزلىق ھەققىدىكى قارىشى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، خۇدا تېمىسىغا قايتۇرۇلغان بىر خىل ئىنكاستۇر، ھەتتا بۇ ئىنكاس ئىنكارىي شەكىلدە بولسىمۇ.

     

     

     

    [1] بۇ سۆز ئەسلى لاتىنچە transcendens (مەنىسى ھالقىش) بولۇپ، ئىنگلىزچىسى transcendence ، ڧرانسۇزچىسى transcendence دۇر. ئۇشبۇ سۆزنىڭ مەزكۇر تېكىستتە ئىككى خىل مەنىسى بار. بۇنىڭ بىرى، «بارلىق ۋە يوقلۇق» تا سارتر ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئۆزلۈكنىڭ ئوبيېكتكە يۈزلىنىشچان دۇنياغا بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەمدە بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان كونكرېت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. سارتر بەزى چاغلاردا ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى (بۇ ھەقتە ئۇشبۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىغا قاراڭ) نى ھالقىمىلىق دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر ئۆزگە ماڭا دۇنيادىكى باشقا ئوبيېكتلاردەك بىر ئوبيېكت سۈپىتىدە كۆرۈنسە، ئۇ ھالقىمىلانغان-ھالقىمىلىققا ئايلىنىدۇ ( transcendence-transcended ). ئەگەر ئۆزلۈك ئۆزگىنى ئۆزگىلەرنىڭ دۇنياسىدا ۋە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتلىقىغا ساھىب چىققان ھالدا بايقىسا، بۇ ھالقىمىلايدىغان ھالقىمىلىق دەپ ئاتىلىدۇ ( transcending-transcendence ). دېمەك، سارتر ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھالقىمىلىق ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. (ژان پول سارتر، «بارلىق ۋە يوقلۇق»، خېيزېل بارنېس ئىنگلىزچە تەرجىمىسى (كولورادو ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 2001-يىل)، 185-بەت. )

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.