مۇنەۋۋەر كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-21 14:02:20

چوڭ كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىك بولمىسا بولمايدۇ: روھ، پاراسەت، جاسارەت ۋە تەلەي. باشلامچىلاردا ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەش جاسارىتى، كەڭ قورساقلىق، سەمىمىيلىك ۋە ھەققانىيلىق بولمىسا تېخى بولمايدۇ.

                             
      مۇنەۋۋەر كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى
    سەۋرى مۇسا تەرجىمىسى
    \
    چوڭ كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىك بولمىسا بولمايدۇ: روھ، پاراسەت، جاسارەت ۋە تەلەي. باشلامچىلاردا ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەش جاسارىتى، كەڭ قورساقلىق، سەمىمىيلىك ۋە ھەققانىيلىق بولمىسا تېخى بولمايدۇ.
    1000 دىن كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ 1-ئورتاق ئالاھىدىلىكى روھ، يەنى «قىزغىنلىق». مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غايىسىنى قوغلىشىدۇ، بۇ يولدا دۇچ كەلگەن خرىسلارنى يېڭىدۇ. شۇڭا سىنگاپورلۇق ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ:«سەن قاچانمۇ ئەمەلىيەتكە باب بىرەر خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتارسەن؟»
    2-چوڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك پاراسەت، بىراق پاراسەت بىلەن كىتابنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. پاراسەتنىڭ ئىككى مۇھىم ھالقىسى بار، ئۇنىڭ بىرى قانۇنىيەتنى تونۇش، يەنە بىرى ھۆكۈم قىلىش كۈچى. قانۇنىيەتنى تونۇش ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى بىر قانۇنىيەتنى بايقاشنى كۆرسىتىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كەسپىي ھەمراھىنى تاللىغاندا، ھۆكۈم قىلىش كۈچى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دانالار مۇنداق دەيدۇ:«دوستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كارخانا قۇرۇش چوقۇم قىزىقارلىق، بىراق بۇ ئالاقىلانىلىك ئەمەس».
    3-چوڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك جاسارەت، ئۇ مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: ئىگىلىك تىكلەشنى باشلاش جاسارىتى، قەتئىي بوشاشماسلىق، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش. بۇ ئۈچ بۆلەك
     ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدا ئوخشاش بولمىغان مۇھىملىق رولىنى نامايان قىلىدۇ.
    4-چوڭ ئورتاقلىق تەلەي، بۇ بەلكىم پوزىتسىيەنى ئاساس قىلىشى مۇمكىن، ئۇ ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. كارخانا يۈرۈشتۈرۈلىۋاتقان چاغدا تەلەي سەمىمىيلىك، ئازادىلىك ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم بىر ئىشنى بىلەلمىسە، شۇنىڭ ئەھلىدىن تەلىم ئېلىشى كېرەك، بۇ سەمىمىيلىك جۈملىسىدىن. ئازادىلىك ئاكتىپ روھى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت كەسپىي ئىشلارنىڭ راۋان يولىنى يارىتىدۇ، ئۇ سىز تونۇمايدىغان، بىراق سىزگە يېڭى قاراش ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىدە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا