شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش(بوزقىر)

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-12 14:58:25

شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىشۋۇ جىياخۇبوزقىر تەرجىمىسىئەسلىي ئەسەر ئىلاۋىسى: شىنجاڭ گۈزەل ھەم باي، كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولسىمۇ ،ئەمما تۈرلۈك تارىخي ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەي...

    شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش
    ۋۇ جىياخۇ
    بوزقىر تەرجىمىسى

     
    ئەسلىي ئەسەر ئىلاۋىسى:

         شىنجاڭ گۈزەل ھەم باي، كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولسىمۇ ،ئەمما تۈرلۈك تارىخي ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا ،مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ ئىش-ئەمەلىدە بولسۇن ناھايتى زور پەرىقلەر ساقلىنىپ كەلدى.بۇ پەرىقلەر بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا تېخىمۇ ئاشكارىلىنىپ،شىنجاڭلىقلارنىڭ گاھ ئۆزىدىن پەخىرلىنىش،گاھ ئامالسىزلىق،گاھ پوچىلىق،گاھ مۇتەئەسسىپلىكتىن ئىبارەت مۇرەككەپ پىسخىكىسىدا ئىپادىلەنمەكتە.بىر پەيلاسوپ سېلىشتۇرغاندىلا پەرىقنى تاپقىلى بولىدۇ،پەرىقنى تاپقاندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ،دەپ ناھايتى توغرا ئېيىتقانىدى.مەزكۇر ماقالىدا شىنجاڭلىقلارر ۋە ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ۋە ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنى ئويغىتىش،قوزغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگەىرلەش ئارقىلىق ئۆ-ئۆزىنى كۈچەيتىپ،تېخىمۇ گۈزەل،تېخىمۇ باي شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىش ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

     

    1.شىنجاڭلىقلار ھالىغا بېقىپ ھال تارىتمايدۇ

     

        شىنجاڭنىڭ زېمىنى ناھايتى كەڭ بولۇپ ،يەر مەيدانى 1مىليون 600مىڭ كۇۋادرات كلومېتىر كېلىدۇ.پۈتكۈل مەملىكەت زېمىنىنىڭ 6دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.ئۇ ،مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم رايون.گەرچە بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭلىق بېلەن ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ.چۈنكى،قۇملۇق ۋە چۆللۈكلەر ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىسىمۇ لېكىن شىنجاڭلىقلار بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي زوق-شوق بېلەن سۆزلىشىپ ،مەنمەنلىك قىلىشىپ كەلدى.شىنجاڭدا ھەممىلائادەم بىلىدىغان «شىنجاڭغا كەلمىگۈچە شىنجاڭنىڭ چوڭلىقىنى بىلگىلى بولماس»دېگەن بىر سۆز بار.بۇ ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە،بىر شىنجاڭلىق بىر ئىچكىرىلىككە ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈچە ماقتىنىپ: «سىلەرنىڭ ئىچكىرىڭلار باش پاتسا قوڭ پاتمايدىغان توخۇ كاتىگىدەك كىچىككەن،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ قالىدىكەن.لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭچۇ كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە شۇنداق چوڭ.ئەتىگەن قاق پودا ماشىنىغا چىقساق كەچ بولغاندا ئاران دېگەندە يەنە بىرشەھەرگە يېتىپ بارالايمىز»دەپتۇ.كىم بىلسۇن ھېلىقى ئىچكىرىلىكمۇ بوش كەلمەي سۆز قايتۇرۇپ:«بۇ سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ بەك قالاقلىقىنى ،شەھەرلىشىش دەرىجىسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»دەپتۇ.دېمىسىمۇ ئىچكىرى بېلەن سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەك ئارقىدا قالدى.گەرچە پۈتكۈل دۇنيا شىنجاڭنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئەمما،شىنجاڭنىڭ ھەممىدىن چوڭ بولۇشى شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىنىپ ئۆزىنى بىلمەي قېلىشىغا ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كېرىلىپ كېتىشىگە دەسمايە بولالارمۇ؟شىنجاڭ قاچانمۇ يەر-زېمىنى كەڭ،بايلىقى مول ئاپتونوم رايوندىن تەرەققىي قىلىپ ئىقتىسادى زور ئاپتونوم رايون ،ئىقتىسادى كۈچلۈك ئاپتونوم رايونغا ئايلىنار؟

     

    2.شىنجاڭلىقلار ئۆز-ئۆزىگە بەكلا مەستانە بولۇپ كېتىدۇ

     

          1950-يىللاردا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشا پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان.ناخشىدىكى «شامالدا ئوت-چۆپلەر يەلپۈنەر،يايلاقتا چارۋىلار يايلىشار»دېگەن مىسرالاردا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۈيلەنگەن.شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر ياخشى جاي.ۋەھالەنكى،ناچار تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس.مەسىلەن:شىنجاڭنىڭ بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى بەك ئاستا .شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى.چارۋىچىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈكلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان ئىكەن ئەلبەتتە شۇنىڭغا چۇشلۇق شەھەر-بازارلاردا كالا-قوي گۆشلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان ،سۈپەتلىك بولۇشى،چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتكۈل مەملىكەت بازارلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇشى لازىم ئىدى.ئەمما ،رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،شىنجاڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.شەھەر-يېزىلاردا گۆش بەكلا قىممەت .چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن «ئالتاي تېغى»ماركىلىق خىرۇم كىيىملەر،«تەڭرىتاغ»ماركىلىق يۇڭ مايكىلاردىن ئىبارەت ئىككى توك-توك ماركىنىڭ ئانچە-مۇنچە نامى چىققاندىن باشقا مەملىكەت ئىچىدە داڭق چىقارغان داڭلىق ماركىلار يوق دېيەرلىك.ۋەھالەنكى،شىنجاڭغا ئوخشاش تۆت چوڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تاۋارلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن.مەسىلەن:«ئوردوس»ماركىلىق تىۋىت پوپايكىلار،«شىچى» ماركىلىق كاستىيوم-بۇرۇلكا،«شىڭفا»،«يىلى»،«مېڭنىيۇ»قاتارلىق ماركىلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن يېمەكلىكلىرى ئاللىبۇرۇنلا پۈتۈن مەملىكەت ۋە شىنجاڭ بازارلىرىنى ئىگىلەپ بولدى.ئىچكى موڭغۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماروژنىي،جۇۋاۋا،چۆچۈرىلەر تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلىغاندەك شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى يېمەكلىكلەر پوكەيلىرىنى بىر ئوبدان ماكان تۇتتى.لېكىن شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچكى موڭغۇل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىپ ،رىقابەتتە ئارقا-ئارقىدىن شاللىنىپ كەتتى.

        يەنە مىسال كەلتۈرسەك،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسى جانلىق ئەمەس.1950-ۋە 1960-يىللاردا شىنجاڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ناھايتى كۆپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى.ۋەھالەنكى،ھەممىگە ئايان بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 20يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن ئېقىپ كەتكەن ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ سانى 210مىڭ بولۇپ يىلىغا 10مىڭدىن ئارتۇق  ئىقتىساس ئىگىلىرى ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ ھالەت ھازىرغا قەدەر تىزگىنلەنمىدى.شۇڭا كۆپلىگەن ياقا يۇرىتلۇقلارنىڭ شىنجاڭ شۇنداق ياخشى يەر بولسا شىنجاڭنىڭ «توزلىرى»يەنە نېمىدەپ «شەرقىي جەنۇبقا ئۇچىدۇ»دېيىشلىرى ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.شىنجاڭنىڭ «مېۋە-چېۋە ماكانى»دېگەن نامى ئەزەلدىن مەشھۇر.لېكىن تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈملىرى ئەمدىلىكتە يىپى ئۈزۈلگەن مەرۋايىتقا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى.ئىلگىرى خانغا تارتۇق قىلىنىدىغان قومۇل قوغۇنىنىڭ تەمى ھازىر تەرخەمەكنىڭكىدىن  پەرىقلەنمەيدۇ.نەشپۈتلەرنىڭ سەرخىلى ،دەپ نام ئالغان كورلا نەشپۈتلىرى سىنگاپور بازارلىرىدا ئاران ئوتتۇرا دەرىجىلىك بازارلارنىڭ پوكەيلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىغا تىكىۋالغان ئانار،ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ،ئېكىسپورتتا ھېچقانچە كۆلەم شەكىللەندۈرەلمىدى.شىنجاڭدا پاختا ناھايتى كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغىنى بېلەن شىنجاڭنىڭ كوزىرى ھېساپلىنىدىغان پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالمىدى.شىنجاڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ ئەمما ،ئاھالىلەرنىڭ نورمال گاز بېلەن تەمىنلىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى.تېخى ئۈرۈمچىدە گازنىڭ باھاسى ئىچكىردىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭكىدىن قىمممەت.بۇ خىل زور پەرىقلەر ئاخىر شىنجاڭلىقلارنى شېرىن چۈشىدىن ئويغىتىپ،ئۇلارنى «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»دېيىشتىن ئاۋال تەرەققىي قىلغان بازار ئىگىلىكى ۋە باياشات خەلق تۇرمۇشى بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقى ياخشى بولغان بولىدىكەن،دېگەن قاراشقاكەلتۈرگۈسى.

     

    3.شىنجاڭلىقلار ئۆز-ئۆزىدىن ھوزۇرلىنىدۇ

     

        شىنجاڭدا «ھەممىدىن گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»دېگەن ناخشا ناھايتى كەڭ تارقالغان.شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ماقتايدۇ.بۇ شەكشۈبىسىزكى،مۇتلەق توغرا بولۇپ ،پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى،ناخشىدا ئېيتىلغاندەك«كىممۇ بىزنىڭ شىنجاڭنى ياخشى ئەمەس دېيەلەيدۇ؟»ئەمەسمۇ؟شىنجاڭ ھەقىقەتەن گۈزەل جاي.لېكىن گۈزەللىكى چەكلىك بولۇپ پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم مەنزىرە نۇقتىلىرىدىلا ئىپادىسىنى تاپىدۇ.يەنە كېلىپ بۇ خىل گۈزەللىكنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئۇ ھە دېگەندە كۆزگە چېلىقىپلا تۇرىدۇ.

         مەسىلەن :مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئالىدىغان بولساق بۇنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىدىغان ۋە ئۇلارنى خجالەتكە سالىدىغان مەسىلىدۇر.چۈنكى،ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەر،شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 10شەھەرنىڭ بىرىدۇر.ھاۋانىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى بەزىدە ھەتتا 500گە يېتىدۇ.ئۈرۈمچى شەھرىدە قىشتا ئىس-تۈتەكلەر دائىم ئاسماننى قاپلاپ تۇرىدۇ.ئۈرۈمچىدىكى ئىمارەتلەر قارا،دەل-دەرەخلەرمۇ قارا،ئادەملىرىنىڭ بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرىمۇ قارا،يەرگە يىغىلىپ قالغان قارلىرىمۇ قارا،ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇچار قۇشلىرىمۇ قارا...قىزىق ئىش: ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچى ئىلگىرى تېخى«مەملىكەت بويىچە پاكىزە شەھەر»ۋە «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ساياھەت شەھرى»قاتارلىق شان-شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشىپتىكەنمىش.دۇنيادىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق شان-شەرەپلەرگە قانداق يوللار بېلەن ئىگە بولىۋالغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس.

       يەنە مىسال ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئورمان بېلەن قاپلىنىش نىشبىتىنى ئېيىتقاندىمۇ، ئوتتۇرچە نىسبىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغانلىقى تۇرغانلا گەپ.شۇڭا، ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق،توپا-چاڭلار ئۇچۇپ تۇرغان ،يېپىنچا ئۆسۈملۈكلۈرى شالاڭ بولغان شىنجاڭنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەنلىكى دېمىسىمۇ ئۆزىدىن ئايدىڭ بولسا كېرەك.ئۈرۈمچى شەھرى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تۈزەپ ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا خۇددى پەرىشتىلەردەك گۈزەل سىياقتا بولغاندىلا ؛شىنجاڭنىڭ دەل-دەرەخلىرى ياپ-يېشىل،سۇلىرى سۈپ-سۈزۈك،ئاسمىنى كۆپكۆك...ھالەتكە يەتكەندىلا شىنجاڭلىقلار قىلچە خىجىلللىق ھېس قىلماستىن كۆتۈرەڭگى روھ ۋە مەردانىلىق بېلەن «ھەممىدىن گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»نى ئېيىتسائاندىن يارىشاتتى.

     

    4.شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزىرى ئۈستۈن ھالى بوش

     

    «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا»،«نەدە پۇل بولسا ئادەملەر شۇ يەرگە ئاقار»دېگەن گەپ بار.شىنجاڭلىقلار پۇل تېپىشقا ئامراق بولغاننىڭ ئۈستىگە مەبلەغ سېلىش ئۇستىلىرىدىن ھېساپلىنىدۇ.شىنجاڭدىكى«گۇاڭخۇي» شىركىتىنىڭ لېدىرى سۇن گۇاڭشىن 1997-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرغان تۆت نەپەر ھەربىي بېلەن بىرلىشىپ،20مىڭ يۇەن مەبلەغ بېلەن ئىش باشلىغان بولۇپ،ھازىر ئۇنىڭ شەخسىي مەبلىغى 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ،ئرمېرىكىدىكى «بايلىق»(Fobus) ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى كاتتا بايلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.شىنجاڭدىكى «دېلوڭ»گوروھى مەبلەغنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكەچكە 1992-يىلى قۇرۇلغاندا تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى ئاران 20مىڭ يۇەن بولغان بولسا، ھازىر تەرەققىي قىلىپ 10مىليارىت يۇەنلىك مەبلەغكە ئىگە چوڭ پۇل-مۇئامىلە «زومىگىرى»گە ئايلىنىپ ،نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى ئىگىلەپ،شېنجېن،شاڭخەي ئاكسىيە بازارلىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ زور شۆھرەت قازاندى.ئەمەلىيەتتە بايلىق يارىتىش،پۇل-مالغا ئىنتىلىش ئانچە يامان ئىشمۇ ئەمەس.لېكىن نۇرغۇن شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزىرى ئۈستۈن بولسىمۇ ھالى بوش.ئۇلار پۇل تېپىشقا ئالدىراپ بىر كېچىدىلا بېيىپ ،مىليونېرغا ئايلىنىشنى ئويلايدۇ.شۇڭا ئۇلار يەرلىرىنى ئاققۇنلار(خەلق ئىشچىلىرى)غا ئېچىشقا كۆتۈرە بېرىدۇ.ئەسكى-تۈسكىلەرنى تېرىش،گاز ئالماشتۇرۇش،ئاياغ ياماشتەك ئېغىر-پاسكىنا ئىشلارنى قىلىشنىغۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويۇشمايدۇ.شىنجاڭدا بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم يوقبولسا يەنە بىر تەرەپتىن تالاي شىنجاڭلىقلارغا قىلىدىغانغا ئىش يوق بولۇشتەك بىر خىل ئاجايىپ غەلىتە ھادىسە مەۋجۇت.ئەھۋالدىن قارىغاندا شىنجاڭلىقلار ئۆزىنىڭ كەسىپ تاللاش ۋە پۇل تېپىش قارىشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.«ماڭىدۇ،ماڭىدۇ،قىردىن ئاشالمايدۇ»دېگەندەك كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغانلارنىڭ قولىدىن چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىشى ناتايىن .ئاز بولسىمۇ چۆنتەككە كىرگەچ تۇرسۇن دېيىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ كۆپلەپ پۇل تاپالىشى ناتايىن .مەيلى سۇن گۇاڭشىن بولسۇن ياكى دېلوڭ گۇرۇھى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق قىلغانلاردۇر،ئەلبەتتە.


    5.شىنجاڭلىقلارنىڭ قۇلىقى بەك يۇمشاق

     

        شىنجاڭلىقلار پارتىيىنىڭ گېپىنى ھەممىدىن بەك ئاڭلايدۇ،سېياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئەزەلدىن بويۇنتاۋلىق قىلمايدۇ.مەسىلەن: دۆلەت ئىش ھەققىدىن ئالىدىغان تاپاۋەت بېجىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى 800يۇەن قىلىپ بېكىتكەن بولسا شىنجاڭ يەنىلا 10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن بۇئۆلچەمنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.لېكىن ئىچكىردىكى نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مائاش-كىرىم سەۋىيىسىگە ئاساسەن تاپاۋەت بېجى ئېلىشنىڭ نۇقتىسىنى ئاللىقاچان تەڭشەپ بولدى.مەسىلەن بېيجىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى 1000يۇەن قىلىپ بېكىتكەن بولسا ،شىيامېن 1300يۇەن قىلىپ بېكىتكەن.دۆلەت ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى ئايرۇپىلان بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئەھۋالدا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،بەس-بەس بېلەن باھانى چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئەمما،شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئالدى بېلەن شاڭخەي،شېنجېنلار بېلەن خەينەن ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايرۇپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىنى %50چۈشۈرگەچكە ،بېرىپ-كېلىش بېلىتى ئارانلا 600يۇەنگە توختايدۇ.شىنجاڭ بېلەن ئىچكىرىنى مىڭلىغان تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرىدۇ.مەيلى شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغانلار بولسۇن ياكى ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كېلىدىغانلار بولسۇن كۆپ قىسمى ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشنى خالىسىمۇ لېكىن ئوغىدىن قىممەت بېلەت باھاسى ئالدىدا ئامالسىز كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن 4000مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل كەتسە ،ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي ياكى گۇاڭجۇغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 5000يۇەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ.بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ پۈتۈن يىللىق كىرىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلەيدۇ.شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈللىنەلمەسلىكىدە ئايرۇپىلان بېلەت باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولۇشىمۇ موھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا بۇ يىل «1-ماي»دىكى ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكىدە شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاران 20مىڭ بولغان بولسىمۇ ئەمما كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار يېنى بوش بولغاچقا ئىچكىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.شۇڭا ئۇلار AQ چە روھ بېلەن «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»ئارقىلىق«دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىقتىساد»نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نېمە ئۈچۈن چەكلەش بۇيرۇقىنى بۇزۇپ شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغان ئايرۇپىلان بېلەت باھاسىنى چۈشىرەلمەيدۇ؟يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلسە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە تەسىر يېتىدىغاندەك قىلغىنى بېلەن ئەمەلىيەتتە ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقان ئىقتىساس ئىگىلىرى ئېقىپ كېتىش،مەبلەغ ئېقىپ كېتىش،ماددىي ئەشيا ئېقىپ كېتىش ۋە ئۇچۇر ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ،تولدۇرۇپ ئالغۇسىز زىيان بولىۋاتقان ئەھۋالدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ،يېمەك-ئىچمەك كەسپى،رېستۇران كەسپى،قاتناش- تىرانسىپورتۋە سودىسى جانلىناتتى.شۇنداق بولغاندا شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگىمۇ پايدا بولمايىتتىمۇ؟جانلىقلار رىقابەت جەريانىدا شاللىنىدۇ،ماسلىشالىغانلىرىلا ياشىيالايدۇ.شۇڭا شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ،باتۇرلۇق بېلەن باھانى چۈشىرەلىشىگە ئىشىنىمىز.

      يەنە مىسالغا ئالساق كىشىلەرنىڭ قاتتىق غۇل-غۇلىنى قوزغىغان ئۈرۈمچى شەھرىدە گاز تۇرۇبىسىنى ئائىلىلەرگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،ئۈرۈمچى شەھەرلىك گاز شىركىتى ھەر بىر ئائىلىنىڭ شەرىتسىز ھالدا 1830يۇەن پۇل تاپشۇرۇشىنى بەلگۈلىگەن(نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە يىغىلغان 500يۇەننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ).ئاھالىلەر بۇنى يولسىز ھەق يىغىش،ھەتتا قالايمىقان ھەق يىغىش ،ئاھالىلەر ئىستىمالچى تۇرسا ھەم سۇ،توك ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئگاز سائىتىگە قاراپ پۇل تاپشۇرىدىغان تۇرسا يەنە نېمىشقا تۇرۇبا ياتقۇزۇش ھەققى تاپشۇرغۇدەكمىز،دەپ ناھايتى نارازى بولغان.بىر تەرەپ ھەق ئالماقچى بولسا يەنە بىر تەرەپ بەرمىگەن.بۇنداق تىركىشىش نەتىجىسىدە گازنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ناھايتى ئاستىلاپ ،ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيىتمەكچى بولغان ئىستىمالچىلارنىڭ سانى پىلانغا يەتمەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلىك گاز شىركىتىنىڭ بېشىنى ئوچاق قىلىۋەتكەن.ئەمەلىيەتتە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى كۆپ ئىدى.ئوخشاشلا مەبلەغ يىغىش بولغاندىكىن گاز شىركىتى نېمە ئۈچۈن نەزىرىنى پەقەت ئانچە باي-باياشات بولمىغان ئاھالىلەرنىڭ چۆنتىگىگىلا تىكىۋالىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتاكۈچى يەتكەننىلا قىلىش پىرىنسىپى بار تۇرسا؟ئىقتىسادىي كۈچى يەتمىسە بۇنداق تۈرنى يولغاقويۇشنى كېچىكتۈرسىمۇ بولىدىغۇ؟مەبلەغ كەملىك مەسىلىسىدە بازاردىكى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ھالقىغىلا ئېسىلىۋالماي مەبلەغ بازىرىدىن مەبلەغ توپلاشنى ،مەسىلەن چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنى،بانكىدىن قەرىز ئېلىشنى ،قۇرۇلۇش زايومى،پاي چېكى تارقىتىشنى...ئويلاشسىمۇبولاتتىغۇ؟لېكىن بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوقۇم ئەنئەنىۋى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى،پۈتۈنلەييېڭى يولغا مەبلەغ سېلىش ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلىنى كىرگۈزىشى زۆرۈر.

     

    6.شىنجاڭلىقلار بەك بېكىنمە

     

          شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە ،جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنىڭ بىر بۇرجىكىگە قايلاشقان،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان جاي.بۇ خىل جۇغراپىيىلىك ئورۇننى ئاساس قىلغان  دېھقانچىلىق ناتورال ئىگىلىك شىنجاڭلىقلاردا بېكىنمىچىلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى»بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى بىر چوڭ كەشپىياتتۇر.1960-،1970-يىللاردا پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسى خېلىلا مول ئىدى.«ئۆزىدىن ئاشسا ياتقا»دېگەندەك ھەم شۇنىڭدەك يەرلىكنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن شىنجاڭ بايلىق مەنبەسىنى قوغداش نامى بېلەن پاختا،قوي يۇڭى،چۈچۈك بويا،گازىر قاتارلىق نەچچە يۈز خىل تاۋارنى «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى»ئارقىلىق تەستىقلىنىدىغان دائىرىگە كىرگۈزگەن.ئەگەر سىرىتقى ئۆلكىلەر ئېھتىياجلىق بولسىلا چوقۇم زور مىقداردا ھەق تۆلەپ،«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »بېجىرىشى كېرەك ئىدى.سىرىتقى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەرباپلار :ئاتالمىش«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »ئەمەلىيەتتە تاپان ھەققىنىڭ ئۆزىدۇر دەپ دەل جايىدا ئېيىتقانىدى.تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغان يېرى،شىنجاڭلىقلار ماللىرىغا «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »ئارقىلىق خېرىدار ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەردە سىرىتقى ئۆلكىلەر چەتئەللەردىن ھەم سۈپەتلىك،ھەم ئەرزان بولغان «پاكىستان پاختىسى»،«ئاۋىستىرالىيە يۇڭى»نى كىرگۈزۈپ،شىنجاڭنى «پاختا سېتىش تەس بولۇش»،«يۇڭ سېتىش تەس بولۇش»تەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »پىلانلىق ئىگىلىكنىڭتىپىك مەھسۇلى،تار دائىردىكىيەرلىك بېكىنمىچىلىكنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى،ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيىسىنىڭ ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ،خاتا قىلغانلىقى بولۇپ،باشقۇرماسلىققا تېگىشلىككەۋە باشقۇرۇلمايدىغانغا ،ئوبدان باشقۇرۇلمايدىغان ئىشلارغا چېپىلىۋالغانلىقنى ئىپادىلىدى. «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »گەرچە شىنجاڭغا بەلگۈلۈك مىقداردا قىسمەن پايدا ئەكەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى.سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تىكلىنىشىگە ئەگىشىپ،«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »گەرچەتارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ ئەمما يەرلىك قورۇمىچىلىق شىنجاڭدا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىللىك مىسالى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش بەلگۈلىمىسىە بولۇپ،بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:«ئومۇمەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارياكى ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارئەگەر شىنجاڭدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلماقچى بولسا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا خېلى كۆپ مىقداردىكى ‹تەربىيلىنىش  ھەققى›تاپشۇرۇشى كېرەك».بۇمۇ ئەمەلىيەتتە«شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »نىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولۇپ،پەقەت شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئوبىيېكىتلارلا ئوخشىمايدۇ خالاس. «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »دا قامال قىلىندىغىنى ماددا ئەشيا بولسا «تەربىيلەشھەققى»ئارقىلىق چەكلىنىدىغىنى ئىقتىساس ئىگىسىدۇر،خالاس.ئەمەلىيەتتە ئىقتىساس ئىگىلىرىنى قامال قىلىمەن ،دەپمۇ قامال قىلغىلى بولمايدۇ.بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مەلۇم خىزمەتچىنىڭ ئوغلى شىئەن قاتناش ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان.ھال-كۈنى ئانچە ياخشى بولمىغان ئۇ دېھقانچىلىق ئىشچىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقپالى ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ،دوسىتلىرىدىن ئۆتنە يېرىم قىلىپ يۈرۈپ،ئوغلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلىنىش ھارپىسىدا 6000يۇەن «تەربىيلىنىش ھەققى»نى تاپشۇرۇپ،ئوغلىنىڭ شىئەندىكى مەلۇم پەن-تەتقىقات ئورنىدا ئۆز قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا شارائىتھازىرلىغان.ئىقتىساس ئىگىلىرىنى قانچە قامال قىلغانسېرى ئىقتىساس ئىگ؟ىلىرى بايلىقىنى شۇنچە زور دەرىجىدە ئىسراپ قىلىۋېتىغانلىقى چوقۇم.گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە،شىنجاڭدا1960-،1970-يىللاردا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ توپا-تاش قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ھازىرغىچە يەنىلا بىڭتۇەندىكى مەلۇم بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتەلمەي يۈرگەن.2000-يىلى يۈننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئاسراش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت ئىزدىگەندە سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچار بولغان.ئاخىردا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ كۇنمىڭدا ئىىشقا چۈشكەن.ئازتولا ۋىجدانى بار ئادەملا :«شىنجاڭ شۇنچە كەڭرى تۇرسا نېمە ئۈچۈن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈدەك بىرەر سەھنە چىقمايدۇ؟شىنجاڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا نېمىدەپ شىنجاڭلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىغا باش تىققۇدەك ماكان چىقمايدۇ؟»دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ.ئاھ بىپايان شىنجاڭ،سەن قاچانمۇ باغرىڭنى كەڭ ئېچىپ ،جۇشقۇن كەيپىيات،ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىڭ بېلەن،ئىگىز سېپىللارنى ئۆرۈپ،قاتمۇ- قات توساقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ ھەرخىل ماللار ئەركىن-ئازادە ئالماشتۇرىلىدىغان،ئادەملەر ئەركىن –ئازادە بېرىپ كېلەلەيدىغان ھالەتكە كېلەرسەن-ھە؟ 

      

    7.شىنجاڭلىقلار سىياسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر ئەمەس

     

          شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەتلىرى بېلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭلاشقا شىنجاڭلىقلار سېياسەتكە نىسبەتەن «بەرسەڭ يەيمەن،ئۇرساڭ ئۆلىمەن»دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتۇپئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى بېرىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.بەلكىم شىنجاڭدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلار ئېغىر بولغاچقىمۇ ياكى «بالا يىغلىمىسائانا ئەمچەك سالمايدۇ»دەپ قارىغاچقىمۇ قانداق،ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەركەز شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ،پۈتكۈل مەملىكەتتە يۈرگۈزىلىدىغان سېياسەتلەردىن باشقا يەنە شىنجاڭغا يەنە سېياسەت جەھەتتە «كەڭچىلىك»قىلغان بولسىمۇ ئەمما،شىنجاڭلىقلار بېلەن «شىنجاڭدىن چىقىرىش گۇۋاھنامىسى »كىشىلەرنىڭ سېياسەتنى چۈشىنىشۋە پايدىلىنشىدا زور پەرىقلەر ساقلىنىپ كەلدى.شىنجاڭلىقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئويلايدىغىنى سېياسەتنىڭ قايسى ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇدىغانلىەقى بولۇپ،ئۇلار رۇخسەت قىلىنغان ئىشكاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولمايدۇ،دەپ قارايدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتىنى سېياسەتتىن ئىبارەت بۇ رامكىنىڭ ئىچىگە سولىۋالغان. «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»لاردىكىلەرنىڭ ئاۋۋال بولۇپ ئاڭلايدىغىنى سېياسەتنىڭ قايسى ئىشلارنى قىلىشقايولقويۇدىغانلىقى بولۇپ،ئۇلار «رۇخسەت قىلىنىغان» ئىشلارنىڭ باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولىدۇ ،دەپ قاراپ،ئۆزلىرىنىڭ ھەركەت دائىرسىنى «مەنئىيقىلىنغان»دىن باشقا كەڭ دائىرىگە كېڭەيتىدۇ.«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكىلەر»سېياسەتنىڭ مىقدارى(سانى) بېلەن كارى يوق پەقەت بىر خىل سېياسەت بولسىمۇ ئۇنى جانلىق ،تولۇق ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتكۈچە ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ.شىنجاڭلىقلار بولسا سېياسەتنىڭ سانىنىلا قوغلۇشۇپ،سېياسەتتىن پايدىلانغاندا خۇددى «پالاكەت ئېيىق قوناق پۇچىلاپ يىگەن»دەك بىرىنى ئىشلەتسە بىرىدىن قۇرۇق قېلىپ،ئاقىۋەتتە ھېچقايسىسىنى ئەپلەشتۈرەلمەيدۇ.«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»دىلەر سېياسەتنى ياخشى چۈشىنىدۇ،سېياسەتنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.شىنجاڭلىقلار بولسا سېياسەت بولغاندىلا ئىش قىلغىلى بولىدۇ،دەپ قاراپ داۋاملىق ھالدا سېياسەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتىنى بەلگۈلەيدۇ،خۇددى سېياسەتتىن ئايرىلىپ قالسا بىر قەدەممۇ ماڭالمايدىغاندەك.بۇ ھەقىقەتەنمۇ «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»دىكىلەرنىڭ دانالىقى ۋە پەخرى.بۇ ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ قايغۇسى ۋە تىراگېدىيىسىدۇر.

     
    8.شىنجاڭلىقلار تەلتۆكۈس ئويغىنىدۇ


        كىشىلەر 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاستا تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىۋاتقان ۋاقىتتا 21-ئەسىردىكى بىلىم ئىگىلىكى دولقۇنىغا دۇچكەلدى.شىنجاڭلىقلار ئاقىۋەت شېرىن چۈشىدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن دەس تۇردى.«نومۇسنى بىلگەن ئۆزىنى ئوڭشار »دېگەن گەپ بار.شىنجاڭلىقلار ئۆتكەنكى ئازاپلىرىنى ئويلاپ كۆرۈپ،كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغان ھالدا نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزىم ئەمەسلىكىنى،تەرەققىياتنىڭ ماڭىدىغان ھەقىقى يول ئىكەنلىكىنىھېس قىلىشتى.شىنجاڭدا ئەڭ قالاق بولغىنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى قارىشى،ئەڭكەمچىل بولغىنى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى.يولداش جىياڭ زېمىن ئىنتايىن دانالىق بېلەن :«بىلىم ئىگىلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىبىزنىڭ 21-ئەسىردىكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم»دېگەنىدى.جۇڭگو تارىىخى ئىسپاتلىدىكى،يېڭىلىق يارىتىش پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا ئىجدىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى خورىماس كۈچ.بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاسمان پەلەك دولقۇنىدا ئەۋجىگە چىققان «غەرىبنى گۈللەندۈرۈش »ھەركىتى شىنجاڭلىقلارنى ئىدىيىسىنى يېڭىلاشقا،ھەركەت ئۇسۇلىنى يېڭىلاشقا چاقىرماقتا.

    «غەرىق بولسا بىر كېمە كېتىۋېرەر باشقىسى،گەر پورلاشسا بىر دەرەخ كۆكلەۋېرەر باشقىسى».21-ئەسىردىكى يېڭى تارىخي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز.شىنجاڭلىقىم تەييارلىقىڭىز پۈتتىمىكىن؟

     

       [بۇ ماقالىنىڭ خەنزۇچىسى«غەربىي رايون »ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 8-سانىدا،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان]


        ئەسكەرتىش:بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىلىمۇ 10يىل بوپتۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر،تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلاردا ھازىرقى بېلەن ئوخشىماسلىق ئەھۋالى بولۇشى تەبىئىي.تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا شۇ دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ ،ئىلمىي مۇنازىرىدە بولۇشىنى سورايمەن.
    رەھمەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.