ئەرزىمەس جانلار

يوللىغۇچى : kiyan يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-29 21:12:25

ئەرزىمەس جانلاركۆڭلۈمدە بىرخىل غەشلىك دەيدىسەممۇ بېشىنى تاپالماي ياكى ئاخىرىنى چىقىرالماي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بىرخىل چىگىش خىيال ،مۇشۇ كۆكسۈمگە كەپلىشىپ تولىمۇ بىئارامچىلىق ھىس...

     

     
    ئەرزىمەس جانلار
     
     
     
    كۆڭلۈمدە بىرخىل غەشلىك دەيدىسەممۇ بېشىنى تاپالماي ياكى ئاخىرىنى چىقىرالماي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان بىرخىل چىگىش خىيال ،مۇشۇ كۆكسۈمگە كەپلىشىپ تولىمۇ بىئارامچىلىق ھىسقلدىم، ھەمدە مۇشۇ ھىسلىرىمنى مۇنبەر يۈزىگە يېيىپ بۇخىل بېسىمدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىپ قولۇمغا كونۇپكا تاختىسىنى ئالدىم.
     
     
    باھاركىلىپ يەرجاھاننى يىشىللىق قاپلاپ گۈزەل مىھرى ئىسسىق يازپەسلىنىڭ ئاۋالقى كۈنلىرى توي قىلىشقا تولىمۇ ياخشى مۇھىت ھازىرلانغاچقامىكىن بۇنداق مەزگىللەردە توي تۈيكۈم كۆپ بولىدىكەن .مانا بىرمەھەللىدىكى بىرئاغىنەمنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق تويىغا قاتنىشىۋاتىمەن .بۇئاغىنەم گەرچە مەندىن كىچىك بولسىمۇ تولىمۇ ئالدىراشلائىككى قېتىم تويقىلىۋەتتى ،خۇداخالىسا بۇقېتىملىق تويىنىڭ ھالال بۇلۇپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ئۆم ئىناق ئۆتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
     
     
    توي ئەلقاتارى قائىدە يۇسۇنلىرى بىلەن قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ خېلى قىززىغان بولسىمۇ لىكىن مەن بۇتويغا قانناشقان بارلىق توي شاھىتلىرىغا ئوخشاش قارىماققا خۇشال كۈرىنىدىغان قىياپەتكەكىرىۋالغان بولساممۇ لىكىن راستىنى ئېيتسام بۇكۈندىن تولىمۇ بىزارلىق زىرىكىش ھس قىلىپ بۇكۈننى ئاران كەچ قىلىۋەتتىم،يەنەبىرسىگە مەن كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى دىگەن بۇسۆزنىڭ راسلىقىنى پاكىتى بىلەن بىلىۋالدىم ،تويى بولغان يىگىت ۋەبىرقانچە  تۇنىشىدىغان ۋەتۇنىمايدىغان ئەل ئاغىنىلەر بىرئۆيدە ئولتۇرۇپ قىزنى يۆتكەيدىغان ۋاقىتنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق، بۇئۆيدە ئىچەرمەن ،چىكەرمەن مەنمەنچى ،ھىلىگەر ،ياسالما ،تېخى ئەمدىلا پىت باسقان ئىشتان چاپانلىرىدىن ۋاقىتلىق قۇتۇلغان ئاتالمىش ئاغىنىلەرمۇ بارئىدى.
     
     
    DVD ئاپپاراتىدابولسا ئۇلارنىڭ قارىشىچە شوخ ئاتالغان قانداقتۇر بىرمەزمۇندىكى ناخشا مۇزىكا قويىلىۋاتاتتى، ئەلۋەتتە تىمىسى تولىمۇ تىز يۆتكىلىدىغان مەنىسىز غەيۋەت تۈسىنى ئالغان تۇتۇرۇقسىز پاراڭلارمۇ تەڭلا ئەۋجىگە چىقماقتا ئىدى. قىسقىسى ھەممىسى ئۆزراۋابىنى مەيلى ئاڭلايدىغان ئادەم بولسۇن بولمىسۇن ئۆزئالدىغاچېلىۋىرەتتى، بۇنداق كەيپىياتنى ئۇلار ئۆزىچە شوخلۇق ۋە خۇشاللىق دەپ يەكۈنلەپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇھىتنىڭ قانداق يېرىدىن خۇشاللىق ھىسقىلىدىغانلىقىنى سوراپ بىلىشكە ئىنتىلگەن بولساممۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق سۇئالنى شۇ مۇھىتتىنمۇ بەك بىمەنە دەپ قارىشىنى بىلگەچكە ئارتۇقچە سورىمىدىم، ھەم ئۇلاردىن چىققان جاۋاپنىڭمۇ ئەھمىيەتكە ئىگەتەرىپىنىڭ بۇلىشى ناتايىن ،نىمە ئامال يەكچەچمىلەرشەھرىدە بىركۆزۈڭنى قىس، دىگەندەك گەپ سورىسا ھەدەپ بەزىلەرنىڭ سۆزىگە ئانچە مۇنچە قۇشۇق سېلىپ گەپ قىلماسكەن دىمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ ئانچە مۇنچە ئۇنى بۇنى تىللىشىپ بېرىپ ئىچىمنى بىردۇنيا، تېشىمنى بىردۇنيا قىلىپ تىتىلداپ ئولتۇراتتىم،شۇئارىدا بۇئۆيگە 60ياشلاردىن ھالقىغان بىركەكە ساقال قويغان بىر مويسىپىت ئەسسالام دەپ كىرىپ كەلدى، ھەممىمىز ئەدەپ بىلەن چىرايلىق كۆرۈشۈپ بۇمىھماننى تۆرگە تەكلىپ قىلدۇق ،مىھمان تەكەللۇپ بىلەن پاكار ئىتىلگەن بەنچاڭ (ياغاچتائىتىلىدىغان چوڭ سۆكە بىز خوتەنتەرەپتە بەنچاڭ دەيدىكەنمىز ،مەن ئىسىمنى بىلسەممۇ شۇنداق دەيدىكەن )لىۋىدىلا ئولتۇردى .
     
     
    خۇداغا شۈكرى سورۇندىكى پۈچەك تۇتۇرۇقسىز پاررڭلار پەسكويغاچۈشتى مەن دەرۇ قولۇمدىكى ئەتىدىن بىرى ئاچچىق شوراپ كەيپىياتىمنى تەڭشەپ تۇرىۋاتقان تاماكىنى يۇشۇرۇن ئۆچۈرۈپ تاشلىۋەتتىم ،مەن ئەمدى بۇمۇيسىپىتتىن مەنىلىك تەربىيى ئەھمىيىتى بار ئۆزھاياتىدا يەكۈنلىگەن تەجىرىبە ساۋاقلىرى نىكاھ مەسىلىسى بۇرۇن ۋەھازىرقى توي لاردا ئوخشىمايدىغان ئادەت قاتارلىق ئىشقىلىپ مۇشۇ سورۇندىكى تۇتۇرۇقسىز پاراڭنى توختىتىپ بىرە ئەھمىيەتلىك تىمىدا سۆزچىقارمىكىن دىگەن ئۈمۈتتە بۇمويسىپىتقا يۈزلەندىم ،بۇكىشىنىڭ قولىدا تاماكا بارئىكەن ،ئۇمەندىن سەرەڭگە سورىدى ،ئەسلى بۇكىشى قولىدىكى تاماكىنى چىكىدىغان خالىي جاي ئىزدەپ بۇئۆيگە كىرگەن ئىكەن ،ئۆزۈم ۋە بوئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تاماكاچەككەچكەمىكىن بەك ئەجەپلىنىپ كەتمىدىم، پەقەت ئۇدۇلۇمدىكى بىرىنىڭ چىرايىغاقاراپ مۇنداقلا قاش ئېتىشىپ قويدۇق، مۇيسىپىت سۆزىنى باشلىدى بۇكىشى ئۆيگە كىرىپ ئۆي بۇرۇنقىدىن بىرئاز جىمىپ قالغاچقا بۇكىشى بىزنى شوخ ئولتۇرۇشقا سەپەرۋەرقىلدى . مەن بۇكىشىنىڭ بىزنى قانداق شوخ ئولتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقىنىنى زادىلاچۈشەنمىدىم ،بەلكىم بىرپەدە ئۇسۇل ياكى دىسكو ئوينىشىمىزكىرەكتۇر. 
     
     
    بىزدىن بىرە شوخلۇقنىڭ چىقمايدىغىنىغا كۆزىيەتكەن بۇ مۇيسىپىت تىمىنى كەيىپ ساپاغا يۆتكىدى ،ئۇ تولىمۇ چېچىلاڭغۇ مەزمۇندا ئوغۇل بالىنىڭ بىرىجى بۇلۇپ قىلمايدىغان ئىشىنىڭ نەششە چىكىش تىن ئىبارەت ئىكەنلىكى نەششىگە زورلۇغۇچى كىشىنىڭ ئادەمنىڭ ئەڭ ئيامىنى سىنىڭ دۈشمىنىڭ  ئىكەنلىكىنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ بىرھازا سۆزلىدى ،قارىغاندا بۇكىشى ئۇزۇنيىللىق تارىخقا ئىگە بەڭگىدەك قىلاتتى ،راسدىگەندەك ئۇكىشى ئۆزىنىڭ 30يىل نىششە چەككەنلىكىنى مانائەمدى بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا نىششە ئەكىستەسىرىدە ھازىرتولىمۇ قىينىلىۋاتقانلىقىنى سالامەتلىكىنىڭ بەك لاناچار ئىكەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق چىراي ئىپادىلىرى بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى ،بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە  ئۇغۇل بالا پەقەت نەششە چەكمىسىلا قالغان ئىشنى قىلىپ سالسا ھېچقىسى يوقمىش شۇئارىدا ئۇكىشى ماڭا يۈزلەندى ھەم مىنىڭ كۆزۈمنى يىرىپ بىرنەچچە سىكوت قارىغاندىن كىيىن سىز بۇئىشتايوق ئىىكەنسىز لىكىن ئىچىڭىزدە دەرەت ئازاپ يوقتۇ ؟دەپ كۆزۈمگە قاراپ شۇنى سىزىۋالغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. مەن چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ يەقەي دەپلا بۇگەپكە ئىرەن قىلمىغان قىياپەتكەكىرىۋالدىم ، ئەمما ئىنىقكى بۇكىشى نەخلا ئىچىمدىكىنى كۆزۈمدىن كۆرىۋالغان ئىدى ،مەن ئەسلىدىنلا بىزارلىق زېرىكىش مەنىسىز پۈچەك پاراڭلاردەستىدىن ئېچىنىش ھىسقىلىپ بۇخىل ھىسىياتىمنى يۇشۇرۇپ ئىچىمدىلاساقلاپ تۇرىۋاتاتتىم .بۇكىشىنىڭ كىرىشى بىلەن بۇ مەنىسىزمۇھىتنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك پاراڭلاربىلەن داۋام ئىتىدىغانلىقىنى كۈتكەن بولساممۇ بۇكىشىنىڭ نەششە توغرىسىدىكى پارىڭىدىن باشقا    ئۆزيېشىغا ماسكەلمەيدىغان تېخىمۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلىرى مىنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي بۇمۇھىتنى تېخىمۇ لاۋزا تېخىمۇ بىمەنە قلىۋەتتى شۇڭلاشقامىكىن ئەسلىدىنلا ئېچىنىش بىلەن بىئارام بۇلىۋاتقان بۇ كۆڭلۈم تېخىمۇ بىئارام بۇلۇپ بىزارلىقىم تېخىمۇ ئەۋجىگەچىقىپ تاماكىنى قاتتىق قاتتىق شوراپ ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ ئولتۇرىۋەردىم لىكىن بۇئىچكى ھىسىياتىمنى كۆزۈمدىن يۇشۇرۇپ قالالمىغان بولسام كىرەك بۇكىشى نەخلا تېپىۋالغان ئىدى ، كىتىشنى ناھايىتى بۇرۇلا ئويلىغان بولساممۇ لىكىن تۇيى بولغان ئاغىنەم مىنى يىگىت قولداش قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىللەپ قويغان ئىدى ،بۇكىشى ئاغىنىلەرنىڭ قولىقىغا خوشياقىدىغان ئىشرەتلىك شەھۋانى ئاغىنىلەرنىڭ قولىقىغا تولىمۇ قىزىقارلىق ئاڭلىنىدىغان ئۆزگىچە پاراڭلىرى بىلەن ئەسلىدىكى مۇھىتنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئاغىنىلەرنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . مەن راستىنى دىسەم يالغاندىن كۈلۈپ قىلغۇم يوق گەپلەرنى مەجبۇرى قىلىپ تاشقى سىياقىمنى بۇمۇھىتقا ماسلاشتۇرىمەن دەپ بەكلا چارچاپ ھېرىپ كەتتىم، مىنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، مەن ھاجەتكە چىقىشنى باھانەقىلىپ سېرتقا قاراپ چىقىپ كەتتىم دەرۋازىدىن چىقىشىمغىلا ئۆيدە قالغان ئاغىنىلەرنىڭ پاراققىدە كۈلۈشكەن ياڭراق ئاۋازى قۇلۇقۇمغا ئاڭلانغان بولسا كۆزئالدىمدا تولىمۇ بىچارە تولىمۇ زەئىپ تىرىك ئەمما ھېشنىمىگە كىرەكسىز ئەھمىيەتسىز بىرتوپ ئەزىمەس چىرايلار خۇددى دەرەختىن بېغىشى ئۈزۈلۈپ سارغىيىپ يەرگە چۈشىۋاتقان يۇپۇماقلاردەك تۆۋەنگە قاراپ ئۇچۇشماق تائىدى .
     
    ئاپتورى : قىيان
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەرزىمەس جانلار