ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت(4)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 07:57:28

ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەتسارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدەمەمتىمىن ئەلائىزگۈ ئەقىدە[1] ، ئەكسىچە، ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئا...



     


    ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت


    سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدە
    مەمتىمىن ئەلا

     

     

    ئىزگۈ ئەقىدە[1] ، ئەكسىچە، ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئازابلىنىش، غېرىبسىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئېلىپ كېلىدىغان ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى تونۇش ۋە قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىزگۈ ئەقىدىگە ئىگە كىشى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ساھىب چىقىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى تەبىرلەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنى ئالداشقا يات بولغان ھەقىقىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ پانىيلىق ۋە تاسادىپىيلىق ئارقىلىق خاراكتېرلىنىدىغان شەرت-شارائىتىدىن چىقىپ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ھالقىتىدۇ.

     

     

    سارتر ئۈچۈن، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش يەككە شەخس بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ—ئادەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتكۈل ئادەملەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. سۇبيېكتلىقنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىكچە چوڭقۇر مەنىسى شۇكى، ئادەم تاللاش ئېلىپ بارغاندا ئۆزى ئۈچۈن تاللاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. ئادەم بىر نەچچە خىل مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى (ياكى بىر نەچچىسىنى تاللىغاندا) ئۆزىنى جەزمەن بولۇشى كېرەك بولغان ئادەمنىڭ ئوبرازى بويىچە ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياخشىسىنى تاللايدۇ. سارترنىڭ ئىندىۋىدۇئالنىڭ تاللىشىنىڭ ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ئىكەنلىكىدەك قارىشى—مەسئۇلىيەت يەككە شەخسنىڭلا مەسئۇلىيىتى بوپ قالماستىن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت بولۇشىدەك قارىشى—بىزگە كانتنىڭ ئېتىكىسىدىكى مەركىزىي مەزمۇن بولغان مۇتلەق بۇيرۇقنى ئەسلىتىدۇ.

     

     

    كانتنىڭ ئېتىكا سىستېمىسىدا مۇتلەق بۇيرۇق ئەقلىي بارلىقلارغا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان، شەرتسىز ھەم شەخسىي ئىستەك، شەرت-شارائىت، ھېسسيات ۋە مەقسەتلەردىن خالىي بولغان ئەخلاقىي قانۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇتلەق بۇيرۇقلار جەمئىي ئۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن شەكلىدۇر--« سەن پەقەت شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسال قانۇنغا ئايلىنىشى كېرەك بولۇشنى ئىرادە قىلالايدىغان ئەقلىيە[2] بويىچىلا ھەرىكەت قىلغىن.»[3] بۇ مۇتلەق بۇيرۇق شۇنى بىلدۈرىدۇكى، بىر ھەرىكەت «ئەگەر بولسا، ...ئۇ ھالدا» دېگەندەك شەرتلىك يوسۇندا ئەمەس، بەلكى پەقەت ھەممە ئادەملەرگە ئورتاق ھالدا «... جەزمەن ...قىلىشى كېرەك» دېگەندەك شەرتسىز يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغاندىلا، مۇتلەق بۇيرۇققا ئايلىنالايدۇ. ئەگەر شۇ ھەرىكەت مۇتلەق بۇيرۇق بويىچە ئېلىپ بېرىلغاندىلا، ئاندىن ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا ھەرىكەت بولالايدۇ. مۇتلەق بۇيرۇق، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئومۇمىي ۋە ئابستراكت ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرگە ھەرۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بىردەك ھەم زىددىيەتسىز يېتەكچىلىك قىلىشتىكى زۆرۈر ئەقلىيىدۇر. مۇتلەق بۇيرۇقنىڭ ئەكسىنى قىلىش تەبىئىي ھالدا زىتلىقنى—لوگىكىلىق زىتلىقنى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي زىتلىقنى—كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كانتنىڭ مەشھۇر چۈشكۈن ئادەم مىسالى بىلەن بۇ نۇقتىنى قىسقىچە ئانالىز قىلىپ باقايلى. بىر زىيادە چۈشكۈن ئادەم بولۇپ، ئۇ ھاياتىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى قارار قىلىشتا دېلىغۇللۇقتا قاپتۇ. يەنى ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتا مۇنداق ئەخلاقىي تەڭقىسلىقتا قاپتۇ: ئۇ ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى دائىم قىيناپ كېلىۋاتقان ھاياتىغا رازى بولماسلىققا خاتىمە بېرىشى كېرەك ياكى ھايات ياشاپ ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىغا يۈزلىنىشى كېرەك. كانتنىڭ قارىشىچە، ئۈمىدسىزلىكنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئۇ ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشۇم كېرەك» ئۇنىۋېرساللىشالايدىغان بىر ئەقلىيىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئەقلىيە زىتلىققا تولغان، چۈنكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەم مېنىڭ ھاياتىمنى سۆيۈش بولمايدۇ، ھەم ھاياتىمنى (ئەھۋالىمنى) ياخشىلاش بولمايدۇ. بۇ ئەقلىيىدىكى زىتلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممە ئادەمگە تەدبىق قىلغىلى بولىدىغان ياكى ھەممە ئادەم ئۆزىگە بىردەك تەدبىقلىيالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئەقلىيە بولالمايدۇ؛ نەتىجىدە، ئۇ ئۇنىۋېرسال مۇتلەق بۇيرۇق ئەمەستۇر. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي جەھەتتە دەستەكلىگىلى بولىدىغان توغرا قىلمىش ئەمەس.

     

     

    سارتر بىلەن كانتنىڭ ھەر ئىككىسى بىر خىل ئىلاھىي ھالقىما—ئىلاھىي—ئەخلاقىي قىممەتلەرگە ئوخشىمايدىغان پانىي، سېكۇلار[4] ۋە ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي قىممەتلەرنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قانداق ئەخلاقىي  تاللاش ھەممە ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندىلا، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى توغرىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ دېگەن قاراشتا ئوخشاشلىققا ئىگە. سارترنىڭ ئەخلاقىي ئۇنىۋېرسالىزمى ماھىيەتتە لوگىكىلىق ئۇنىۋېرسالىزم قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان. سارتر ئۆزىنىڭ مۇتلەق بۇيرۇقىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ھەرقانداق ئادەم جەزمەن: «مەن زادى ئىنسانىيەت مېنىڭ ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىيەلەيدىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئادەممۇ، ئەمەسمۇ؟» دېمىكى لازىم. سارترنىڭ ئەخلاقىي ئۇنىۋېرسالىزمى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا ئىندىۋىدۇئال تاللاشنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئوبيېكتلىقىنى كۆرسىتىدۇ—سۇبيېكتىپ تاللاش پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىۋېرسال ڧورمىغا ئىگە بولغاندىلا، ھەممىگە زىتلىقسىز، بىردەك. ھەرۋاقىت ۋە شەرتسىز تەدبىقلىغىلى بولىدىغان ئوبيېكتىپ تاللاشقا ئايلىنالايدۇ. سارترنىڭ ئەخلاقىي ئۇنىۋېرساللىقى ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ مەۋجۇدىيەتچە ئەركىن تاللاش تۇراقسىز ۋە ئۆزى بىلگەنچىدۇر دېگەندەك تەنقىدلىرىگە قايتۇرغان رەددىيىسىدۇر. ئۇ ھەر بىر ئەركىن تاللاش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇنىۋېرساللىقنى ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ئوبيېكتىپلىقنى—ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ناچار ئەقىدە بولىدىغانلىقىنى—ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆز مەسلىكىنى ئەخلاقىي نىسبىيچىلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ دەيدىغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىدۇ.

     

     

    سارترنىڭ ئەخلاقىي ئۇنىۋېرسالىزمى، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كانتنىڭ بىرىنچى مۇتلەق بۇيرۇقىنىڭ سەل-پەل ئۆزگەرتىپ ئېلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى دەڭسەيدىغان ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىدۇر؛ ئەكسىچە، بۇنداق قىلالمايدىغانلار شەكسىزكى ئازابنى ئۆزىدىن يوشۇرۇپ ئۆزىنى ئالداۋاتقان بولىدۇ. ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئىنسانىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشى، دەڭسىشى ۋە بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇش ئازابلىنىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇ ئادەمنى ھەرىكەت قىلىشتىن توسىماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «بىر شەرتى» دۇر. دېمەك، ئەخلاقىي ھەرىكەتنىڭ لوگىكىلىق ئۇنىۋېرسالىزم شەكلىنى ھېس قىلىشنى سۇبيېكتتا دەپ قاراش ھەر ئىككى پەيلاسوپنىڭ ئېتىكا قارىشىنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

     

     

    سارترنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ ھەرقانداق دەۋرگە ماس كېلىدىغان«ئادەم ئوبرازى»غا مۇناسىپ شەخسىي تاللاش ئېلىپ بېرىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتا تاللاش ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىدەك ئەخلاقىي ئۇنىۋېرسالىزمى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەخلاق قارىشىنى ئايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئادەم قارىشى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ يادروسىدۇر. ئادەم، مەۋجۇدىيەتچىلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى خاراكتېرىدىكى ھالقىمىلىق (پۈتۈنلەي قارارلاشتۇرغىلى بولمايدىغان كەلگۈسىگە ھالقىش) بىلەن ئۆزىدىكى-شەيئى خاراكتېرلىق مۇرەككەپ پاكىتچانلىقنىڭ (ئادەمنىڭ ئەركىن تاللىشىنىڭ ماددىي شەرت-شارائىتى، مەسىلەن ئۆتمۈشى، ئائىلىسى، ئۇ ياشىغان جەمئىيەت، ئىقتىسادىي شارائىتى) بىرلەشمىسىدۇر. يۇقىرىقى ئادەم قارىشى ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ ئەخلاقىي تەركىبلىرىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغان مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەخلاقىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلاھىي ھالقىما قىممەت قاراشلىرى بولمىغان دۇنيادا ئۆزىنىڭ پاكىتچانلىقىغا تايىنىپ ھەرىكەت باشلايدىغان ئادەم ھەرىكەت قىلىشتا پۈتۈنلەي نۆل نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى يەنىلا بىر يۈرۈش ئالدىن بېرىلگەن سېكۇلار ئەخلاقىي مىزانلارغا تايىنىدۇ—مەسىلەن، ھاياتنى قوغداش بۇرچى، ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش، ئەمگەك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، قاتارلىقلار. ئادەمنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكىتى—خۇددى ئۇنىڭ ماھىيىتىگە ئوخشاش—تارىخىي، ئۆزگىرىشچان ۋە مەڭگۈلۈك ئەمەس. بۇ مىزانلار ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە بولۇپ، تارىخىيلىقتىن ھالقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم، خۇددى كانت ئېيتقاندەك، مەلۇم تاللاش ئېلىپ بارغاندا ئۆزىگە-قانۇن-بەرگۈچى سۈپىتىدە تاللايدۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە پەقەت ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ—شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئازابلىنىدۇ.

     

     

     

    سارترنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزەرى بەھسكە تولغاندۇر. چۈنكى، سارتر كانتنىڭ قارىشىدىكى ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال تەبىرىنى ۋە ماھىيەتلىك سۈپەتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كانتنىڭ ئىپتىدائىي ئادەم بىلەن بۇرژۇئازلارنى ئورتاق تەبىرلىيەلەيدىغان ئادەم  ئۇقۇمى—يەنى مەيلى ئىپتىدائىي ئادەم ياكى بۇرژزۇئازلار بولسۇن، ھەممىسىگە ئورتاق تەدبىقلىغىلى بولىدىغان ئادەم تەبىرى—تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنئالا مەۋجۇت ئىنسان تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، سارترنىڭ نەزەرىدە ئىنسان تەبىئىتى مەۋجۇت ئەمەس؛ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ماھىيىتىدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ؛ ئادەم ئۆزىنىڭ «تەبىئىتىنى» ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشى ۋە ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك رېئاللىقى بولغان ھەرىكىتى ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ھازىرقى نۇقتىدا سارتر «ئادەمنىڭ ئوبرازى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنجە بەرمەيدۇ. قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ۋە قىيىن سوئال شۇكى، ھەرقانداق دەۋرگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەم بىزنىڭ ئىندىۋىدۇئال  تاللاشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇنداق ئوبراز بىلەن ئۇ رەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال تەبىرى بولمىش ئىنسان تەبىئىتى بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل رېئاللىقمۇ؟ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان ھەرقانداق ئەزەلىي تەبىرلەشلەرنى، سىستېمىلارنى، بەلگىلەرنى، ھالقىما قىممەتلەرنى رەت قىلىشى كېرەك بولغان ئادەم ھەرىكەت قىلىشتا يەنە نېمە ئۈچۈن «ئادەم ئوبرازى» غا موھتاج بولۇشى كېرەك؟

     

     

    سارترنىڭ قارىشىدىكى ئەخلاقىي تاللاشنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى بىزدە يەنە نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ئانالىز قىلغان ياش بىر بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان مۇنداق ئىككى خىل ئېتىكىلىق تاللاشتا، يەنى ئەخلاقىي تەڭقىسلىقتا، قالىدۇ: ياكى ئېرى يېرىم ساتقىن بولۇپ، گېرمان تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ۋە چوڭ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان يالغۇز ئانىسىغا ھېسداشلىق يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ياكى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق گېرمان تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىگە قېتىلىش، گەرچە بۇ قاتنىشىشنىڭ مەزكۇر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشى ئېنىقسىز بولسىمۇ. بۇ ياشنىڭ ئەخلاقىي تەڭقىسلىقىنىڭ مەنىسى شۇكى، بىر-بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان ۋە بىرىنى تاللاش شەكسىز يوسۇندا يەنە بىرىنى ئىنكار قىلىشنى شەرت قىلىدىغان ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ بىرىنى تاللاشقا—ياكى ئۆزىنىڭ ئانىسىغا قارىتا كونكرېت ۋە بىۋاسىتە بولغان شۇنداقلا ئورۇندالغاندىلا قانچىلىك كۈچى بارلىقى بىلىنىدىغان ھېسداشلىق بىلەن بىلەن ۋاسىتىلىق ۋە ئابستراكت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدېئالى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولۇشى ئېنىقسىز بېغىشلاشنىڭ بىرىنى تاللاشقا—مەجبۇرلىنىدۇ.

     

     

     

    ئۇنىڭ ئۈستىگە، سارترنىڭ قارىشىچە، بۇ ياشنىڭ تاللىىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ياكى ئۇنى يېتەكلەيدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق: نە خرىستىئان تەلىماتى، نە كانتنىڭ ئېتىكىسى، نە بەلگە، نە بىتەرەپ مەسلىھەتچى يوق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۆزى—پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىلا—قارار قىلىشنىڭ سۇبيېكتىدۇر، شۇڭا ئۇ قارارى ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. سارترنىڭ يۇقىرىقى كانتچە «مۇتلەق بۇيرۇق» ئەندىزىسىنى بۇ ياشنىڭ قايغۇسىغا تەدبىق قىلساق شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ئۇ ئىككى مۇمكىنچىلىكنىڭ بىرىنى تاللاپ ھەرىكەت قىلىشتا ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ تاللاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەككى، ئۇنىڭ تاللىشى ھەممە ئادەملەرگە تەدبىقلىغىلى بولىدىغان تاللاش بولۇشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تاللىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى دەڭسەيدىغان تاللاش بولۇشى كېرەك. ئەمما، يۇقىرىقى ئىككى خىل تاللاشنىڭ زادى قايسىسى ئىنسانىيەت قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىيەلەيدىغان تاللاش بولۇشى كېرەك؟ تېخىمۇ مۇھىم نۇقتا شۇكى، خۇددى سارتر ئيتقاندەك، يۇقىرىقى ئىككى خىل تاللاش ھەرزامان، ھەريەردە ھەركىمگە—جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەدبىقلىغىلى بولۇشتەك ئوخشاش ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللاپ يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىش شەكسىزكى ئەخلاقىي قىممەتلەرنىڭ نىسبىيلىكىنى ئىشارە قىلىدۇ. سارترنىڭ بۇنى ھەل قىلىشتىكى چارىسى پەقەت پۈتۈن تاللاشنى ياشنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشتۇر—ئۇنىڭ تاللىشى، پەقەت ئۇنىڭ تاللىشىلا، يۇقىرىقى ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرىنى ئۆزى ئۈچۈن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى تاللىشى ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال قىممەتنى رەت قىلىشنى ئالدىقى شەرت قىلىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ تاللىشىنى باشقا كىشىلەرگە—مەيلى ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش شەرت-شارائىتقا ئىگە بولسۇن-بولمىسۇن—تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ. يەنى، ئۇنىڭ تاللىشىنى ھەممە ئادەمگە ھەرقانداق چاغدا، خۇددى كانتنىڭ يۇقىرىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئادەمنىڭ مىسالىدا كۆرسەتكىنىدەك، شەرتسىز ۋە بىردەك تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ تاللىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي قىممىتى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ تاللىشى نىسبىيلىققا ئىگىدۇر. شۇ سەۋەب، سارتر مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېتىكىسىنى نىسبىيچىلىك خاھىشىغا ئىگە  دەيدىغان تەنقىدچىلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئۈزۈلكېسىل رەت قىلالمايدۇ.

     

     

    ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر نۇقتىسى شۇكى، ئۇ ياشنىڭ ئەخلاقىي تەڭقىسلىقى ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئادەمنىڭ (ئانىسىنىڭ) پاراۋانلىقى بىلەن بىر پۈتۈن ڧرانسۇز خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن تاللاشقا قېلىشتەك ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۇ ياشنىڭ تاللىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلار ئۈچۈن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ تېخىمۇ كۆپ باشقىلارنىڭ—ھەتتا بۇ باشقىلار ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ—ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان قارشىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولاتتى. ئەمما، سارتر بۇ قارىشىمىزنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، ئۇ ياشنىڭ تاللىغىنى ئۇنىڭ ئۆزى خالىغان ئەخلاقىي قىممەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئۇنىۋېرساللىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئېنىقسىز بولسىمۇ. ئۇ ھالدا، سارترنىڭ ئەخلاقىي ئۇنىۋېرساللىق ھەققىدىكى يۇقىرىقى «مۇتلەق بۇيرۇقى»، خۇددى ئۇ تەنقىدلىگەن كاتنىڭ ئەخلاق سىستېمىسىدىكى «مۇتلەق بۇيرۇق» قا ئوخشاش، بەكلا ئابستراكت بولغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە قوللانغىلى بولمايدۇ. سارتنىڭ «مۇتلەق بۇيرۇقى» بۇ تېكىستتە پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەخلاق قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەۋجۇدىيەتچىلىك ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى بىر ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ، خالاس.

     

     

    سارترنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىكچە ئىنسانپەرۋەرلىكى، كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇنىڭ يۇقىرىقى «مۇتلەق بۇيرۇقى» دە ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ. قانچىلىك قايىل قىلىش كۈچىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانپەرۋەرلىك، سارتر ئۈچۈن، مۇنداق تۆت خىل ئۇنىۋېرساللىق ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان: بىرىنچىسى، ئەركىنلىكنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى؛ ئىككىنچىسى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى؛ ئۈچىنچىسى، ئادەمنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى؛ تۆتىنچىسى، سېكۇلار قىممەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى. بىرىنچى ئۇنىۋېرساللىق—ئەركىنلىكتۇر. ئەركىن تاللاش، سارتر ئۈچۈن، ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېلېمېنتار رېئاللىقىدۇر. ئەگەر نىتچې ئۈچۈن بارلىق قىممەتلەرنىڭ مەنبەسى ھوقۇق ئىرادىسى، ھايدېگېر ئۈچۈن بارلىق بولسا، سارتر ئۈچۈن ئەركىنلىكتۇر. سۇبيېكت تاللىسا، ئۆزى ئۈچۈنلا تاللاپ قالماستىن بەلكى يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تاللايدۇ . چۈنكى ئۇ شۇنداق تاللىشى كېرەككى، بۇ تاللاش ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولسۇن. سارترنىڭ نەزەرىدە، ئەركىنلىك ئۇقۇمى نوقۇل ھالدا ئادەمنىڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇق ھالىتى بوپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەم بىلەن ئادەمنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشتىكى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئوتتۇرىسىدا سۇبيېكتئارالىق جامائىتىنى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق ئامىلدۇر. دېمەك، بىر ئەركىن ئادەم يەنە بىر ئەركىن ئادەم بىلەن ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئۇچرىشىدۇ. ئىككىنچى ئۇنىۋېرساللىق—مەسئۇلىيەتتۇر. سارترنىڭ ئەركىنلىكنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدىكى مەسئۇلىيەت قارىشىدا، ئادەم ئۆزى ئۈچۈن تاللىغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تاللىشىغا، دۇنياسىغا ۋە بارلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ تەنھا ھالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېغىرلىقىنى يەلكىسىدە كۆتۈرگەن بولىدۇ. [5] دېمەك، سارترچە مەسئۇلىيەت ئۇنىۋېرسال، مۇتلەق ۋە چەكسىزدۇر. ئەگەر مەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىسام، بۇ پەقەت مېنىڭ ناچار ئەقىدە ئارقىلىقلا مەسئۇلىيىتىمدىن قېچىش بولىدۇ—مەسئۇلىيەت ئېلىپ كېلىدىغان تىت-تىتلىقتىن پەقەت ناچار ئەقىدە ئارقىلىقلا قاچىمەن. ئۈچىنچى ئۇنىۋېرساللىق—ئادەمنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىدۇر. ئادەم ئوخشاش بولمىغان كۇلتۇرلارغا تەۋە بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مىقياسى بار—ئىنساننىڭ دەۋر، كۇلتۇر ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان ئىنسانىي شەرت-شارائىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ئىنساننىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. خۇددى مەن ئۆزگىنىڭ مەقسىتىنى بۇ كونتېكىست ئارقىلىق چۈشىنەلىگەندەك، ئۆزگىمۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشىنەلەيدۇ، چۈنكى بىز بىر ئورتاق ئىنسانىي شەرت-شارائىتتىن چىقىپ تۇرۇپ تاللايمىز ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز. تۆتىنچى ئۇنىۋېرساللىق—سېكۇلار قىممەتلەردۇر. ئىلاھىي قىممەتلەردىن سىرت، پۈتۈن ئىنسانىيەت بوي سۇنىدىغان ھەمدە ئىنسانلار ئورتاق ھالدا قوبۇل قىلىدىغان بىر يۈرۈش سېكۇلار قىممەتلەر بار: مەسىلەن، ئەمگەك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، يالغان سۆزلىمەسلىك، سەمىمىي بولۇش، قاتارلىقلار. بۇ قىممەتلەر بىزنىڭ تاللىشىمىزنىڭ، خۇددى تەنقىدچىلەر ئېيتقاندەك، ئۆزى بىلگەنچە ۋە تۇراقسىز شەكىلدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرساللىق بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئوبيېكتىپلىقتا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

     

     

    ئەخلاق ئۇنىۋېرساللىقىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان يۇقىرىقى تۆت خىل ئۇنىۋېرساللىق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سارترنىڭ سۇبيېكتئارالىق قارىشىنى تەشكىل قىلىدۇ: مەن ئەركىنلىكىم ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان سېكۇلار قىممەتلەرنى ۋە ئۇنىۋېرسال مەقسەتلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزگىلەر ئۈچۈنمۇ تاللايمەن، شۇنداقلا بۇ تاللىشىمنىڭ بارلىق ئاقىۋىتىگە جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تاللاش ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەيدىغانلىقىغا مەسئۇل بولىمەن. شۇ سەۋەب، مېنىڭ تاللىشىم ھەم ئۇنىۋېرسال، ھەم ئوبيېكتىپ بولۇپ، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىنسانلار جامائىتىنى ئورتاق مەسئۇلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ.

     

     

     

    . ۋەھالەنكى، سارترنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدە ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سىممېتىرىك بولمىغان سۇبيېكت-ئوبيېكتلىق ئورۇنلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇرۇشى ئۈستىگە قۇرۇلغان—ئەگەر مەن سۇبيېكت بولسام، ئۆزگە ئوبيېكت؛ ئەگەر ئۆزگە سۇبيېكت بولسا، مەن ئوبيېكت بولىمەن. شۇڭا، ئەگەر سۇبيېكتئارالىق ئادەتتە ئىككى سۇبيېكتنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىنى كۆرسەتسە، سارترچە سۇبيېكتئارالىق ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى بىرى سۇبيېكت، يەنە بىرى ئوبيېكت بولىدىغان سىسمېتىرىكسىز مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئۇنىڭ سۇبيېكتئارالىقى ھايدېگېرچە بىللە بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ئەركىن سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھەر بىر ئادەم ئەركىن دېيىلگىنىدە، ئۇ ھالدا يۇقىرىقى توقۇنۇش—يەنى سۇبيېكت-ئوبيېكت توقۇنۇشى—ماھىيەتتە سۇبيېكتلارنىڭ ئۆزلۈكنى رېئاللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۆزگىگە بېغىشلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىناق ئىنسانلار جامائىتىدىكى ئۇچرىشىشىنى ئەمەس، ئىككى ئەركىنلىكنىڭ توقۇنۇشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر ئۆزگە مېنىڭ دۇنيايىمنى ھالقىمىلىتىغان ھەم شۇ ئارقىلىق مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى مەندىن «ئوغرىلاپ» كېتىدىغان—يەنى مېنىڭ ئەركىنلىكىم ئارقىلىق قۇرىدىغان دۇنيايىمنى قايتىدىن تەشكىللەيدىغان يات بارلىق—بولسا، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى مېنىڭ ئەركىنلىكىم ئۈچۈن خىرىستۇر. بۇ توقۇنۇش نەتىجىدە سارترنىڭ سۇبيېكتئارالىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە بەرگەن رەددىيىسىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىدۇ.

     

     

     

    ئۇنىڭ ئۈستىگە، سارتر «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك» دېگەن ئەسىرىدە ئۆزى ھەل قىلالمىغان مۇنداق توقۇنۇشنى بىزگە قالدۇرىدۇ: مەۋجۇدىيەتچىلىك سۇبيېكتتىن باشلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزگىنى شەرت قىلىدۇ: ئۆزۈمنى ئۆزگىسىز چۈشىنەلمەيمەن. يەنى، سارتر ئۈچۈن، سۇبيېكتئارالىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى چوقۇم ئاڭنىڭ ئۆزىنى ئاڭقىرىشىغا ئايلىنىدىغان مۇتلەق ھەقىقىتى سۈپىتىدىكى كوجىتو (ئويلايمەن) بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سۇبيېكت ئۆزىنى ھېس قىلىش ۋە بىلىش ئۈچۈن ئۆزگىگە موھتاج بولمايدۇ ياكى بولماسلىقى كېرەك؛ ئەگەر ئۆزگە سۇبيېكتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ شەرتى بولسا، ئۇ ھالدا سۇبيېكت ھەرگىزمۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولمايدۇ. ئەگەر مەۋجۇدىيەتچىلىك ھەقىقەتەن كارتېزىئانچە كوجىتودىن باشلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقى يەككە-يېگانە ۋە تايانچسىز ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى سۈپىتىدىكى مەندىن تۈرلىنىپ چىقىدۇ. ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت مېنىڭ ئۆزلۈكىمنىڭ تاشقىرىغا پرويېكسىيىلىنىشىنىڭ ھاسىلاتىدۇر. بۇ پرويېكسىيىلىنىش جەريانىدا ئۆزگە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى—ھالقىمىلىقى ئارقىلىق گەۋدىلىنىدىغان سۇبيېكتلىقىنى—يوقىتىپ يوقىتىپ قويىدۇ. نەتىجىدە، سارترنىڭ تىرىشىپ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىكچە سۇبيېكتئارالىقى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭ سۇبيېكتئارالىق ھەققىدىكى تۈپكى نۇقتىئينەزەرى ماھىيەتتە ئۇ ئۆزى تەنقىد قىلغان خۇسسېرلنىڭ سۇبيېكتئارالىق ھەققىدىكى قارىشى بىلەن ئورتاق تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ—ئەگەر سۇبيېكتئارالىق مەيلى خۇسسېرلچە ھالقىما سۇبيېكتنى ياكى سارترچە تەنلىك سۇبيېكتنى[6] باشلىنىش نۇقتىسىلا قىلىدىگەن، ئۇ ئاخىرى ئىدېئالىزملىق يەككىمەنچىلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ. يەككىمەنچىلىك مەسخىرىلىك يوسۇندا مەننى دۇنيادا ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىز ئەركىنلىكى ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت ھەققىدىكى بارلىق غايىلىرى بىلەن يەككە-يېگانە قالدۇرىدۇ—ئادەم ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بېكىنمە ۋە تىغدەك تەنھا دۇنياسىغا تاشلىۋېتىلىدۇ.

     

     

     

    يىغىپ ئېيتقاندا، سارترنىڭ «مەۋجۇتلۇق بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» ئەسىرى ئۇنىڭ پۈتكۈل پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى چۈشىنىشتىكى كىچىككىنە ئەمما ناھايىتى مۇھىم بىر كۆزنەكتۇر. سارترنىڭ بۇ ئەسەردىكى قاراشلىرى خۇداسىزلىقنى بىر خىل پەلسەپىۋى ئاكسىيوما سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتىن تۈرلىنىپ چىققان. يەنى ئۇ خۇداسىز دۇنيادىكى ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىنتايىن رادىكال ۋە مۇرەسسەسىز شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەمنى ئۈزۈلكېسىل، مۇتلەق ۋە شەرتسىز ئەركىن قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بۇنداق ئەركىنلىكنىڭ توسالغۇسى دەپ قارايدىغان خۇدانى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ئاندىن ھېچقانداق يار-يۆلەكسىز، نىشانسىز ۋە پانىي دۇنياغا تاشلىۋېتىلگەن ئادەمدىكى ئازابلىنىش، غېرىبسىنىش ۋە قاتارلىق مەۋجۇدىيەتچە كەيپىياتلارنى سەمىمىيلىك ۋە كەسكىنلىك بىلەن سۆزلەيدۇ. بۇ كەيپىياتلار ماھىيەتتە تىغدەك يالغۇز ئادەمدە ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىكى ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيىتىگە قارىتا ياكى ئىزگۈ ئەقىدە ياكى ناچار ئەقىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇتلۇقنىڭ مەزمۇنى مانا مۇشۇ ئىككى خىل مەۋجۇدىيەتچە پوزىتسىيە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ—ئالدىنقىسى مەۋجۇداتنىڭ ھەقىقىيلىق كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئالدىشىدۇر. مانا مۇشۇ ئىككى خىل پوزىتسىيىنىڭ توقۇنۇشى داۋامىدا، ئادەم ئۆزىگە بېرىلگەن سېكۇلار قىممەتلەردىن ئۆزىدىكى-شەيئىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پاكىتچانلىق سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ؛ ۋەھالەنكى، ئىلگىرى خۇدانىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بۇ سېكۇلار قىممەتلەر خۇداسىز دۇنيادا ئۆزىنى ئىنسانلارغا ئورتاق ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا ھالقىما نوپۇزنىڭ كەمچىللىكىدەك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.   كونا ئىلاھىي نوپۇز سۈپىتىدىكى خۇدا ئۆلگەندىن كېيىنكى يېڭى نوپۇز نېمە بولۇشى كېرەك؟ سارترنىڭ بۇ ئەسىرى بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

     

     

     

    سارترنىڭ ئۇشبۇ ئەسەردىكى نۇقتىئىينەزەرلىرىنىڭ ئاساسى ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن توقۇنىشىدىغان خۇدانىڭ بەلگىلەشچانلىقىدۇر. بۇ توقۇنۇش ماھىيەتتە  «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدىكى سۇبيېكت-ئوبيېكتتىن ئىبارەت كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئەسلى توقۇنۇش ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر—خۇددى ئۆزگە سۇبيېكت بولسا، مەن ئوبيېكت بولغىنىمدەك—ئوبيېكتلەشتۈرۈلگىنىمدەك، ھەممىگە قادىر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئىنسان ھەقىقىي ئەركىن بولمايدۇ—بولالمايدۇ. بۇ توقۇنۇش تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇنىڭ كارتېزىئانچە سۇبيېكتىپلىق ئۈستىگە قۇرماقچى بولغان سۇبيېكتئارالىقىنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرىدۇ، چۈنكى بىر-بىرى بىلەن توقۇنىشىدىغان ئىككى ئەركىنلىكنى ئورتاق بىر نىشانغا مەسئۇل قىلىشتا تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان ھەقىقىي ئاساس يوق، چۈنكى سارترنىڭ پەلسەپىسى تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان ھەرقانداق ئاساسنى رەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ خىل ئاساس سۈپىتىدە تىلغا ئالىدىغان سكۇلار قىممەتلەر ۋە پاكىتچانلىقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى يەنە كۇلتۇرلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى سارترنىڭ ئادەم چۈشەنجىسى قانچىلىك ئابستراكت بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى يېتەكلەيدىغان ۋە كۇلتۇرال پەرقلەردىن خالىي سېكۇلار قىممەتلىرىمۇ شۇنچىلىك ئابستراكتتۇر. شۇ سەۋەب، ئۇنىڭ كانتنى ئەخلاق قاراشلىرىنى ئابستراكت شۇڭلاشقا ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق دەيدىغان تەنقىدى ماھىيەتتە ئۆزىگە بېرىلگەن تەنقىد بوپ قالىدۇ—ئۇنىڭ ئىلاھىي قىممەتلەر بولمىغان دۇنيادىكى قىممەت ۋاكۇئۇمىنى سېكۇلار قىممەتلەر ئارقىلىق تولدۇرۇشقا قالغان مەۋجۇدىيەتچىلىكىمۇ تەبىئىي ھالدا ئابستراكتلىقتىن خالىي ئەمەس.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.