گۇڭگا گۈزەللىك شېئىردىكى پەزىلەتنىڭ بىرى(ھاياتنوپۇس مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:28:12

گۇڭگا گۈزەللىك شېئىردىكى پەزىلەتنىڭ بىرى(ماقالە)ھاياتنوپۇس مۇھەممەت ئادەمنىڭ ھاياتى بىلىشنىڭ چەكسىزلىكىدە تۈگەيدۇ. ئىنسانىيەت بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ، ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە ئىجتىمائىيەت ھەققىد...

    گۇڭگا گۈزەللىك  شېئىردىكى پەزىلەتنىڭ  بىرى(ماقالە)
    ھاياتنوپۇس مۇھەممەت



       ئادەمنىڭ ھاياتى بىلىشنىڭ چەكسىزلىكىدە تۈگەيدۇ. ئىنسانىيەت بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ، ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە ئىجتىمائىيەت ھەققىدىكى بىلىشى تېخى تاكامۇللاشقىنى يوق. سەۋەبى: ھەرقانداق  يېڭى بىر بىلىش ئۆزىنى ئاپىرىدە قىلغان زېمىندا يىلتىز تارتىۋاتقان سوئاللارنى تۇغىدۇ. شۇڭىمىكىن ئۆتۈۋاتقان ھەربىر كۈن، ھەر بىر مىنۇت، سېكونت بىزگە ئۆزىمىز ھەققىدە، تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدە ئۆزگىچە  تەسىراتلار ئىچىدە نۇرغۇن سوراق ۋە كپ چىكىتلەرنى قالدۇرىدۇ. ئېڭىمىز ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس مونولوگ ۋە دىئالوگلاردىكى غۇۋا ئوبراز كۆلەڭگىلىرىگە تولۇپ، قاتمۇ قات چۆكمىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل يوچۇن ئوبرازلار روھىۋىيەت سىجىللىقىمىزغا نامەلۇم ئەكس سادالارنى قالدۇرۇشى بىلەن تىنچسىز، ئېچىرقىغان ئازابىق تۇيغۇلارنى باشلاپ كىرىدۇ.

        شېئىر  روھنىڭ ئۆزىدە ئاپىرىدە قىلغان سەنئەت دۇنياسىدىكى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنائى مەۋجۇدىيىتى بولۇپ، قەلب ئالىمىمىزدىكى تۈگۈنلەر ئۇرۇلۇشىدىن چېقىلغان چاقماقتۇر. ئۇ شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتىكى پسىخىك داۋالغۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن نازۇك ھېس - تۇيغۇلارنى، توقۇنۇش - زىددىيەتلەرنى، سۆز - جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەپ، كىشىلەرگە ئۆزلىرى قايسىدۇر بىر ۋاقىتلاردا  تەلتۆكۈس ھېس قىلىپ لەززەتلىنىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان گۈزەللىكلەرنى ۋە ئۇلاردىكى مەنىلەرنى ھېس قىلدۇراليدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ھېسسىي  بىلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، مەلۇم نەرسىنى بايقاش، بىلىش، مۇئەييەن يېڭى پىكىرنى بارلىققا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدى بىلەن روھىي جەھەتتىكى مەۋھۇم بىر قۇتراتقۇلۇقنى، تەلپۈنۈشنى، كەملىكنى ۋە يىتىرقاشنى، ئاندىن ئۇھسىنىشنى ياكى شاۋقۇنلاپ تاشلىنىشنى ئالدىنقى مەنىۋى باشلىنىش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزىملاشقانسېرى كەيپىياتلاشقان سېھرىي رېئاللىقتا شېئىر تىلىدا سۆزلەشكە باشلاىدۇ. دېمەك، ھەر بىر ئىنسان ۋۇجۇدىدا  خاتىرىلەنمەي قالغان نۇرغۇن شېئىر غۇۋالىق ئىچىدە ساقلانغان بولىدۇ. بۇ خىل ھېس - تۇيغۇ پەقەت ئۆزىگە رەڭداش ياكى ئۆز ئۇچۇرمىلىرىنىڭ پەرۋازى بولالايدىغان ھېسسىياتتىن تېز سىزما قالدۇرغان سۆز - جۈملىلەر يەنى شېئىرلار بىلەن ئۇچراشقاندىلا، ئاندىن ھاياجانلىق بىر بايقاشنى ئاشكارىلايدۇ.

        بۇ نۇقتىدا ھەممە ئادەم، ئادەملەرگە خاس ئازابلىنىش، خۇشاللىق ۋە چەكسىزلىككە ئىنتىلىش دۇنياسىدا ئاشكارىلايدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەممە ئادەم، ئادەملەرگە خاس ئازابلىنىش، خۇشاللىق ۋە چەكسىزلىككە ئىنتىلىش دۇنياسىدا ئۆز قەلبىنىڭ ئەڭ سادىق شائىرى. ئۇلار ئۆز قەلبىگە مەھكۇم، سۆزلەشكىلى تىلى، يېزىشقا قولى ئاجىزلىق قىلىدىغان، ھېسسىياتقا يوتۇنغان، تىلغا نامرات شائىر. چۈنكى «شېئىر - ھەرىكەت، شېئىر  سادا، لېكىن ھەرىكەتنىڭ بىرلا خىلى ئەمەس، سادانىڭ بىرلا تەلەپپۇزى ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە پانىىي دۇنيانىڭ سايىسى، ئۇ تەرىپىدە نۆل بىلەن ئىپادىلەنگەن جىمجىتلىقنىڭ سايىسى. روھىمىز قەۋەتلىرىدىكى ھەربىر ئىستەك توختىماي پۇرسەت كۈتىدۇ. ئۆزىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان چەكلىك بىر شەكىلنى بايقاشتىن بۇرۇن قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرىدۇ، بىزمۇ ئۇنى بىلەلمەيمىز، شەكىل بايقالغان ھامان تىترەشكە باشلايمىز. چەكسىزلىكنىڭ شەكىل ئىچىدىكى بۈيۈك تەۋەللۇتى ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ.

         دۇنيادىكى بارلىق شەكىللەر گويا بىزنىڭ لوغىتىمىزگە ئايلىنىدۇ، ئىستەكلىرىمىز ئەقلىمىزدىن بۇيرۇق كۈتمەيلا ئكزىنىڭ سۆزلىرىنى تاللاپ، ئىپادىلىنىشنىڭ بۇرمىسىقان كۈنەكلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ»①. مانا مۇشۇنداق روھىي قايتىش بىلەن گۈزەل بىر ئەپسانە، رېئاللىقنىڭ غۇۋا قۇچىقى بىزنى ئۆز باغرىدا قايتىدىن يارىتىدۇ، يۈكسەك مەنىۋىلىك بىزگە سوۋغا قىلغان گۈزەللىكنىڭ لەززىتى خۇددى ئاجايىپ گۈزەل خۇلۇققا ۋە تەڭداشسىز ھۆسن - جامالغا ئىگە ساھىپجامال قىزنىڭ نېپىز پەردە ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي قېلىۋاتقان لاتاپىتىنىڭ، خۇش تەبەسسۇمىنىڭ ۋۇجۇد - ۋۇجۇدلىرىمىزغا باشلاپ كىرگەن ئېقىمىدەك ھاياجانلىق ئىلاھىلاشقان  بولىدۇ.
        بىز ھازىرغىچە ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنى دەپ تەبىر بېرىپ كەلدۇق. مەن ھېسسىياتنى ئانىغا ئوخشاتسام، شېئىرنى ئانىدىن تۇغۇلغان بوۋاققا، شېئىردىكى گۈزەللىكنى بۇ بوۋاقنىڭ جېنىغا ئوخشىتىمەن. چۈنكى ھېسسىيات بولمىسا شېئىرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس بولغىنىغا ئوخشاش، كىتابخاننى روھىي تىلسىمات ئالىمىگە باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندۇرالمىغان، ئۆز روھىنى تىڭلاشقا تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بەرمىگەن شېئىر  ھەقىقىي شېئىر ئاتىقى بىلەن پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.
       «شېئىردا پىكىرنى قانداق بېرىش» توغرىسىدا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇش پىشىۋاسى لېۋ تولىستوي »لاۋزىلىشىپ قېلىشتىن قورقمىساڭ، ھەممە سۆزۈڭنى ئوچۇق ئېيتىۋەتكىن» دېگەنىدى. شېئىردىمۇ بىز تولىستوي ئېيتقاندەك، لاۋزىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن پىكىر تىرەنلىكىدىن يىراقلاشمىغان ئاساستا شېئىرىي كەيپىياتنى ئىمكانقەدەر گۇڭگا بەرگىنىمىز ياخشى. بۇ يەردىكى گۇڭگالىق  مۈجىمەل بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئۇ پىكىرنىڭ ئۆزىدىكى يارقىنلىق بىلەن قارىمۇ قارشى ئەمەس. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئىپادىلەش ماھارىتى مەسىلىسى. ھازىرقى ۋاقىتتا ئەدەبىياتى تەرەققىي تاپقان باشقا مىللەتلەرنىڭ شېئىرىيىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇسى ئاڭنىڭ ماددىلاشقان دېتاللىرى ئارقىلىق، دراماتىك ئۆتۈشمە ھالەتتكى پىكىر يوللىرى سېتىئولۇق  تۇيغۇ پەيدا قىلىش مەنزىلىدە ئىپادىلەنمەكتە. مۇنداق شېئىرلاردا گەۋدىلەندۈرۈلگەن پىكىرنى كىتابخان مەلۇم دەرىجىدە كاللا ئىشلىتىپ ئاندىن چۈشىنەلەيدۇ.  ئەمەلىيەتتىمۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە چۈشكەن  ئالمىغا قارىغاندا شاخلار ئارىسىدىن ئىزدەپ تېپىپ ئۈزۈپ يىگەن ئالمىنىڭ تەمى لەززەتلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ. شېئىرنىڭ ۋەزىپىسى  چۈشەندۈرۈش ئەمەس بەلكى ئەىلھام بېرىش ۋە ئويغا سېلىش. لېكىن بۇنداق ئويغا سېلىش ھەرگىزمۇ  كىتابخاننى مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيدىغان قاراڭغۇ، سىرلىق جاڭگالغا باشلاپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا شايى پەردە كەينىدىن جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن كەڭ، رەڭدار بولغان شېئىرىي زېمىننى تەقدىم قىلىش دېگەنلىك»②. بىز ئۆزىمى ھەققىدە، دۇنيا ھەققىدە ئوي سۈرگەندە، زېرىكىش ياكى تەلپۈنۈش سېزىملىرى ۋۇجۇدىمىزنى تىترىتىپ ئۆتىدۇ.

        بىز بۇ خىل لەززىگە سېلىش ئىچىدە ئاللىقانداق بېسىم بىلەن پارتلىيالمايۋاتقان تۈگۈنلەرنى، ئەڭ نازۇك، ئەڭ ساپ بايقاشلىرىمىزدا ھېس قىلىپ قالىمىز. بۇ ۋاقىتتا مەجۇتلۇق دائىرىمىزدىن ھالقىپ، يۈكسەك بىر مەنىۋى كامالەتتىن ئۆزىمىزنى ئىزدەشتۈرىمىز - دە، ماددىۋىلىك بىلەن مەنىۋىلىك ئارىلىقىدىكى مۇساپىدە ئۆلۈش ۋە تېرى،لىش قۇدرىتىگە ئېرىشىمىز. رېئاللىقنىڭ  نەپسانىيەتچىلىكلىرىدىن خالىي بولغان بۇ قەريان بىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقىمىز بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىدىن ھالقىغان، دۇنيا ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا تەمىنلەش ئىچىدە زاھىرلىنىدۇ.
        ئەگەر ئىنساندا روھ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن مېھر - مۇھەببەت، ۋاپا - ساداقەت، ۋىجدان قاتارلىق پەزىلەتلەر بولمىغان بولسا، ئۇلار ئاللىقاچان دۇنيا مەئىشەتلىرى ئۈچۈن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. ئۇلاردا ئۆزلىرى ھەققىدە، رېئاللنى ۋە روھىي دۇنيا  ھەققىدە  ئىزدىنىش ھەم بۇ ھەقتىكى نەتىجىلەرنى خاتىرىلەش، ئۆزىنى قېزىپ چىقىش شەكلى، مەدەنىيەت، تارىخ قالدۇرۇش ئېڭى، پائالىيىتى بولمىغان بولاتتى. بۇ يەردىكى بىزنى خۇشال قىلىدىغان تۇيغۇنىڭ مەركىزىدە ياتقىنى گۈزەللىكنىڭ كامالىتى ئەمەسمۇ؟ ئەنە شۇ كامالەتنىڭ شولىسى  روھىمىز قەۋەتلىرىدە غىل - پال چاقنىغاندا بىزدىن شېئىر چىقىدۇ. شېئىر ئۆزىدىكى ئوبيېكتىپ مەنىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىشارەت بېرەلىشى، زوقلانغۇچىنىڭ باغلىما تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىيالىشى كېرەك.

       ئوقۇرمەننىڭ شېئىر ئوقۇشى شائىرنى چۈشىنىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ شېئىرنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئۆزىنى ئىپادىلەش جەريانى. ئوقۇرمەن بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇش جەريانىدا بىر تۇرۇپ سۈزۈكلۈك ھېس قىلىشى، يەنە بىر تۇرۇپ غۇۋالىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
       ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت بوشلۇق جەھەتتە ئارىلىق ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئارىلىق مۇقەررەر ھالدا چۈشىنىش جەھەتتىكى تولۇقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئارىلىقنى «بوشلۇق نۇقتىسى» دەپ ئاتىساق، بۇ «نۇقتا» ئاپتور ۋە ئوقۇرمەندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تۈزۈلىدۇ.
    ئاپتور گۈزەل تەسەۋۋۇرنىڭ قۇرۇلمىسىنى قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇپ چىقىۋاتقاندا، ئوقۇرمەننىڭ ئايلىنىشىغا مۇمكىنلىك بېرىدىغان سانسىز نۇقتىلارنى ئىستىخىيىلىك ھالدا قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئوقۇرمەنچۇ؟ ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ پسىخىك تەسەۋۋۇر مۇھىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى ئوبراز قۇرۇلمىسىنى نىسپىي ھالدا ئۆزىگە خاسلاشتۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن شائىرنڭ روھى، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەننىڭ روھى بىر قەۋەر پەردىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ، روھىۋىيەتلىك تۇمانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. داۋىنچىنىڭ «مىنارىسا» ناملىق  ئەسىرى بىر قانچە ئەسىرلەردىن بېرى سەنئەت ئەھلى ئۈچۈن سېھىرلىك دۇنيا بولۇپ كەلدى. مىنارىسانىڭ تەبەسسۇمىدا ھەسرەت بار دەپ ئېيتالامسىز؟ خۇشاللىق بار دەپ ئېيتالامسىز؟③. بۇ تەبەسسۇم ئۆز ئىچىگە ئالغان سېھىر ھەر بىر ئادەمگە ئوخشىمىغان تۇيغۇرلارنى بەخش ئېتىپ، قەلبىمىزنى نازۇك تىترىتىپ ئۆتىدۇ.

        (ۋىتمان فرانسىيىلىك بىر ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ سۆزىنى شەرھىلىگەن ۋاقىتتا: «ئەڭ ئۇلۇغ شائىر ھەرگىزمۇ ئەڭ ياخشى ئىجاد قىلغان شائىر ئەمەس، بەلكى ئەڭ كۆپ ئىلھام بېرەلىگەن شائىردۇر. ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىرلا قاراپ كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېنىڭ ئىزدىشىڭگە، چۈشىنىشىڭگە، تەتقىق قىلىشىڭغا قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېنىڭ ئورۇنلىشىڭغا قالدۇرىدۇ»... ھەقىقىي ئىجادىي ئىقتىدارغا ئىگە شائىر باشقىلارغا بىرەر نەرسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى قايتا ئىجاد قىلىنغان ئىستىتىكىلىق شېئىرىي بوشلۇقنى كىتابخانلارغا، ئوبزورچىلارغا كۆپرەك قالدۇرىدۇ. شېئىرىيەتتە لىروس بوشلۇقى دەپ ئاتىلىدىغان شېئىر بوشلۇق  ماھىيەتتە شەيئى بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى پسىخىك ھالەتتۇر. بۇ ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتسە، شېئىرىي بوشلۇق يوقايدۇ. بەك يىراق بولۇپ كەتسە، ئوبيېكتىپ بىلەن سوبيېكتىپ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۈزۈلۈپ، بۇ بوشلۇق يەنە يوقايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەيئىنى ئۇنىڭ ئۆزىدە ئىپادىلىنىپ تۇرغان ھالىتى ۋە خۇسۇسىيىتىدىن ھالقىپ، مۇئەيىەن مەنىۋى مەنزىلگە باغلاپ كۆزىتىشىمىز كېرەك. كىتابخان مانا مۇشۇ ئارىلىقتىكى شېئىرىي بوشلۇق ئىچىدە، شېئىرنىڭ ئۆزىدىكى مەزمۇنىدىن باشقا تېخىمۇ كەڭ، ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋالالايدۇ)④.

    شېئىردىكى لەززەت ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئەينەن ئىپادىلەنگەن مەنىلەردىنلا زوقلىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئادەمنى يىغلىتىپ تۇرۇپ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا سالالايدىغان يوقىتىش ۋە ئېرىشىش ئىچىدىكى مەنىۋى مۇساپىنى تەسەۋۋۇر بىلەن بېسىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ساختىلىق بىلەن ھەققانىيەتلىك، ۋاپا بىلەن ۋاپاسىزلىق، رەزىللىك بىلەن دىيانەتلىك، ياشاش بىلەن ئۆلۈم، نەپسىمىز بىلەن روھىي غالىپلىقىمىز ئوتتۇرىسىدا سانسىز باغلىنىش ۋە يىراقلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى مناسىۋەت تورى بىزگە شېئىر تىلىدا مەردانە پىچىرلايدۇ. بۇ خىل تۇيغۇنىڭ شۇنچىلىك ساپ ۋە يۈكسەكلىكى دەل ئاشۇ چەكسىزلىكە سوزۇلغان روھىي پائالىيەتنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىدىن سىغدىلىپ، چېنىقىپ چىقالىغانلىقىدا. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۇيغۇلىرىغا سادىق بولالىغانلىقى، ئۇندىن يوچۇن گۈزەللىكنى قېزىپ چىقالىغانلىقى بىلەن زامان ۋە ماكان، مىللەت ۋە دىن دائىرىسىدىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت روھىغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتەلەيدۇ! ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ خاسلىققا ئىگە بولغان روھىي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىپ ئوىشىمىغان سېھىرلەرگە بەنت قىلىپ قويىدۇ.
    ھەقىقىي ئىسمى - جىسمىغا لايىق شېئىر چوقۇم ساپ ھەم چەكسىز روھىي دۇنيادىكى ئۆزگىرىشچان ھېس - تۇيغۇنى سادىقلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلىشى كېرەك. بۇ ساپ سەنئەتنىڭ شېئىرغا قويغان تەلىپى. بۇ يەردىكى غۇۋالىق قانداقتۇر شەكىل ياكى تىلدىكى غۇۋالىق بولماستىن بەلكى ھېسسىياتتىكى، كەيپىياتتىكى غۇۋالىقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇش كېرەك. تۆۋەندە پەرھات ئىلياسنىڭ «قەبرە تەزكىرىسى» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

    تۇغۇلدى ئۇ،
    تۇغۇمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەستىن تۇرۇپ،
    ياشىدى...
    قېرىدى،،،
    چاچلىرى ئاقارماي،
    يۈزىگە قورۇقمۇ چۈشمەستىن تۇرۇپ.
    ئۆلدى ھەم شۇنداق،
    ئەزرائىل جېنىنى ئالماستىن تۇرۇپ.
    لەۋلىرىنى تامشىپ قويۇپ ئۇ،
    ئۆزىچە
    ئويلايدۇ يەنە بىر تۇغۇلغان بولسام...

    بۇ شېئىردا ھەر خىل ئىستىلىستىكا ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ تىلنى بېزەش، سىرلىقلاشتۇرۇش يوق. سۆزلەر شۇنچىلىك ئاددىي - ساددا ۋە ئەركىن. ئەمما شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئادەمگە بېغىشلالىغان چەكسىزلىكى، خىرە - شىرە ئازابلىق ھېس - تۇيغۇسى ئىچىدە سۈزۈلۈپ قالغان قىممەت چاقناقلىقى بىزنى چوڭقۇر بىر تېراگىدىيە ئېڭى ئىچىدە ھاياتلىق ھەققىدە ئاجايىپ كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇ قەرياندا شېئىردىكى ھەر بىر مىسرا، ھەر بىر جۈملىنىڭ بىزگە بېغىشلايدىغان روھىي كەڭلىكىنىڭ ھەربىر ۋاراقلىرىدا ھاياتنىڭ ئېرىشىشلىرى ۋە يوقىتىشلىرى ئىچىدىكى گۇڭگا سېزىم بىزنى ئاللىقاچان سېھىرلەپ قويغان بولىدۇ.
    پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز دەھشەتلىك شالقۇنلاپ، روھىي ئالىمىمىزدە ئاستا - ئاستا سانسىز چاقماق چېقىلىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، ۋۇجۇد - ۋۇجۇدلىرىمىزدىن ياشاش ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى شېئىرسىمان زارىقىش ۋە يۇلقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. بىز خىلى ئۇزۇنغىچە شېئىرىي كەيپىياتتا نەچچە ئۆلۈپ، نەچچە تېرىلىپ شېئىرغا ئايلىنىپ كېتىمىز...
    تۇغۇلدى ئۇ،
    دەپ مۇشۇ مىسرانىلا ئالسىمۇ ياكى:
    ياشىدى...
    قېرىدى...
    دېسىمۇ ۋە ياكى:
    ئۆلدى ھەم شۇنداق،
    تۇغۇمنىڭ نېمىلىنى بىلمەستىن تۇرۇپ.
    چاچلىرى ئاقارماي،
    يۈزىگە قورۇقمۇ چۈشمەستىن تۇرۇپ،
    ئەزرائىل جېنىنى ئالماستىن تۇرۇپ.

    دېسىمۇ مۇشۇ ئۈچ خىل ئىپادىلەشنىڭ ھەربىرى ئايرىم - ئايرىم تۇرۇپ «قەبرە تەزكىرىسى» دېگەن تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر بۇ شېئىرغا  بۇنداق تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى قالدۇرماي، ئاپتور مەدداھلىق قىلىپ ھايات دېگەن مۇنداق قىممەتلىك، ئۆلگەندىن كېيىن پۇشاۇمان قىلىسەنەي، ئۇ ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلمەيدۇيەي... دېگەنگە ئوخشاش  ھەممە ئادەمگە يادقا بولۇپ كەتكەن بىر مۇنچە يەكۈنلەرنى چىرايلىق ئىستىلىستىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ قاپىيداش، رېتىملىق قىلىپ بىرمۇنچە ئىزىپ ئىچۈرسۇن، ئۇ ۋاقىتتا شېئىر ھازىرقى شېئىردەك تەپەككۇر بوشلۇقى بىلەن كۈچلۈك  تېراگىدىيىلىك ئېڭىمىز قوزغىغان ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى ھەقىقىي قىممەتنى، بولۇپمۇ ھاياتنىڭ شۇقەدەر قەدىرلىنىشچان ۋە گۈزەللىكىنى بۇنداق چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالمىغان بولاتتى.
     بۇنداق بولغاندا ئاپتورمۇ، ئوقۇرمەنمۇ، شېئىرمۇ شېئىرىيەت بېغىشلايدىغان يۈكسەكلىكتىن مۇستەسنا بولۇپ، لاۋزىلىشىپ قالىدۇ. مانا بۇ شېئىنى شۇنچىلىك قىممەتكە ئېرىشتۈرۈپ تۇرالىغان نەرسە، دەل  ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇرغا پەرۋاز بېغىشلاپ، يۈكسەكلىك چوققىسىدا تۇرۇپ ئىگە بولۇنغان غۇۋا، ساپ قىممەت ۋە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدۇر. شۇڭا ئابدۇقادىر جالالىدىن شائىر ھەققىدە: «ئۆزىنىڭ زىددىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئازابلىنىش بەختىگە ئېرىشەلىگەن شائىرنىڭ  ۋۇجۇدىدىن ئىستىلىستىكا، شەكىل، ماھارەت دېگەنلەر ئۆزلۈگىدىن پارتلاپ چىقىدۇ» دەپ، ناھايىتى توغرا ئىپادىلىگەن.

        غەرب ھازىرقى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرىنىڭ شېئىرنى رېئاللىقنى تەسۋىرلەش بولماستىن، بەلكى رېئاللىقنى تەرجىمە قىلىش دەپ قارىشىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. رېئاللىقنى بىز ھەر كۈنى ككرىمىز، ئۇنىڭدا ياشايمىز. ئۇنداقتا ئۇنى نېمىشقا تەرجىمە قىلىدۇ؟ بۇ يەردىكى رېئالىقنى بىلىش ماددىلاشقان بىلىش بولماستىن، دەل ئىلاھلشقان بىلىشتۇر. بىزگە ئەنە شۇنداق تەرجىمانلار بولمىسا دۇنيا مۇشۇ، ياشاش مۇشۇ دەپ ياشاۋېرىمىز. گەرچە  ئۇلار قەلبىدە غىل - پالنى بىر نەرسىلەرنىمۇ ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنى تەرجىمانلارغا  ئوخشاش تەرجىمە قىلالمىغاچقا ئۇنى ئوبدان  چۈشىنەلمەيدۇ -د ە، شۇنچە چەكسىز  روھىي ئالىمى، مەنىۋى دۇنياسى، شۇنچىلىك تار، نامرات ۋە قاتمال ھالەتتە پەرۋىشسىز قالىدۇ. ئۆزلۈك قىممەت ئېڭىمۇ ئۆزىنى ئېنىق ھېس قىلالمايدۇ. بۇ ئادەتتىكىدەك تەرجىمە قىلىش بولماستىن، رېئاللىقتىكى ھەر بىر نەرسىنىڭ روھىمىزدىكى سۈرەتلىرىنى يەنە روھسىمان تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىمىزگە قايتىش ئارقىلىق يېڭىدىن - يېڭى گۈزەل نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدىغان تەرجىمە قىلىشتۇر.
     
       «شېئىردا رېئال تۇرمۇش مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ تۇرمۇش ھادىسلىرىنى خۇددى سۈرەت تارتقانغا ئوخشاش ئەينەن  كۆچۈرۈپ قويۇش كېرەك» دېگەنلىك ئەمەس.  شېئىر لىرىكىچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سەنئەت شەكلى بولغاچقا، ئۇ بىپايان، سىرلىق دۇنيا توغرىسىدا پىكىر قىلغاندا تۇرمۇشنى ئاددىي، مېخانىك، يۈزەكى ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ قويماسلىقى، بىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولغان تۇرغۇن ھالەتتىكى بىلىملەرنى ئىزاھلاش  شەكلىدە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى، شېئىرنىڭ ئۆزى سوبيېكتىپ جەھەتتە ئەقىلنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى  قىلدۇرىدىغان پائالىيەت، شۇندالا تارىخىي نەرسىلەرنى مەنىلىك نەرسىگە ئايلاندۇرىدىغان، لوگىكىلىق بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئوبرازلىق ئىستىتىك ئىجادىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان جەرياندۇر. ئۇ دۇنيانى شائىرنىڭ قەلبىدىن ئىبارەت بىردىنبىر روجەك ئارقىلىق كۆزىتىپ ئوبيېكتىپ چىنلىقنى قەلب چىنلىقىغا، تۇرۇش چىنلىقىنى سەنئەت چىنلىقىغا كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى «مەن» شەكلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شائىرلارنىڭ  بىلىش ئوبيېكتى شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي ئېڭى بولۇشى، شېئىرنىڭ چىنلىقى شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ھايات چىنلىقىغا سادىق بولالىغان قەلب چىنلىقى ئارقىلىق ئۆلچىنىشى كېرەك»⑤.
    شېئىردىكى بۇنداق پۇراق، غۇۋا گۈزەللىك قانداقتۇر 90 - يىللاردىن كېيىنكى شېئىرىيەتتە ياكى يېقىنقى زامان شېئىر ئىجادىيىتىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولماستىن، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئالىقاچان پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. 1400 - يىللاردا ياشىغان ناۋائىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، بىز ئەمدىلەتىن قوبۇل قىلىۋاتىمىز دەۋاتقان مۇدىرنىزملىق ئۇسۇلنىڭ ئاللىقاچانناۋائى ئەسەرلىرىدە ناھايىتى قويۇقلۇقىنى ھېس قىلىمىز.

    ناۋائى:
    «ئەي ناۋائى، خىرقەسىن بەردى، كارامەت ئەيلەدى
    كىم ماڭا تەرتىبى ۋەجھى روھنى سەھبا قىلدى شەيخ».
    دەپ يازىدۇ. يەنى (ئەي ناۋائى، شەيىخ شۇنداق كارامەت ئىش قىلدىكى، بىرىنچىسىنى بېرىپ، مېنىڭ نېسىگە مەي ئېلىپ ئىچىشىم ئۈچۈن يول تېپىپ بەردى) دەيدۇ. ناۋائى ئۆزىدىكى مۇھەببەتنى، ئېتىقادنى شۇنچىلىك تەسىرلىك ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنكى، ھەتتا كەيپ - ساپا، مەي - شاراپتىن، جاھان خۇۋلۇقلىرىدىنمۇستەسنا بولۇپ، پەرھىش يولىغا مېڭىش ئۈچۈن ئۆزىنى دۇئا - تىلاۋەتكە  ئاتىغان شەيىخنىڭمۇ ناۋائىنىڭ ئېتىقادى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلغانلىقىنى يازىدۇ. بىز شەيخنىڭ چەكسىز گۈزەللىك ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئېتىقادى ئىچىدە سۇسلاپ  كەتكەن ئېتىقادىدىن  يۇلقۇنۇپلا چىقىپ، كۈچلۈك بىر ئېتىقاد نۇرى ئاستىدا تاتلىققىنە ئىللىق كۈلۈمسىرەيمىز. «شەيخ ئېتىقادى بىلەن ناۋائى ئېتىقادى ئوتتۇرىسىدىكى يىراقلىشىش ئىچىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مەنا، قەلبىمىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز  دەرىقىدە زىلزىلىگە سېلىپ، گۈزەلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك كامالىتىدىن بىزنى مەست قىلىدۇ.

       ناۋائى شېئىرلىرىدا  «يار» بىلەن «فەنا يوق بولۇش» ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ، سىمىۋول ۋە گۇڭگالىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. بۇ ناۋائىنىڭ ھەقىقەت  يار،  ئېتىقاد، خۇدا دېمەكتۇر دەيدىغان ئىدىيىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قىزنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن  بېرىلىۋاتقان  «يار»  «خۇدا» ۋە «ھەقىقەت»كە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ شائىرنىڭ  ئومۇمىي ئىدىيە قۇرۇلمىسىنىڭ غولى بولۇپ، پۈتكۈل ئىجادىيىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭگەن. ئۇ تىلغا ئالغان «ئۈلۈش»مۇ ماھىيەتتە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ۋىسالنىڭ، ھەقىقىي ئاشىقلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئۇ ئېرىشمەكچى ۋە تەشەببۇس قىلماقچى بولغان ئەڭ يۈكسەك ھەقىقەتتۇر.
    شائىر شۇنداق دەيدۇ:
    قىلدى مە زاھىردا خىيال زۇھۇر،
    تاپقالى ئول ھۆسىن كەمال زۇھۇر.
    جىلۋەئى ھۆسنۈڭەچۇ يوق ئىردى ھەد،
    كۆزگۈ كېرەك بولدى ئاڭا بىئەدەد.

    ئاچتى بۇ گۈلشەنكى رەنگىن ئېرىر،
    ھەر گۈل ئاڭا ئائىنەئى چىن ئېرۇر.
    جىلۋەئى ھۆسىن ئولغالى زاھىن ئاڭا،
    بولدى بۇ مىر ئات مەزاھىر ئاڭا.

    شائىر بۇ مىسرالىرىدا پۈتۈن كائىنات «ھۆسنى مۇتلەق» (مۇتلەق گۈزەللىك، يەنى خۇدا)نىڭ ئۆز ھۆسنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك سۈپىتىدە يارىتىلغان دەيدۇ. ئۇ يەنە شۇنداق يازىدۇ: «كۈچلۈك بوران ئكزىنىڭ يۈكسەك دولقۇنلىرى بىلەن سۇ يۈزىدە ئۆركەشلەرنى پەيدا قىلىپ، مىڭ خىل نەقىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ نەقىشلەر دەممۇ دەم يوقىلىپ، يەنە مىڭ تۈرلۈك يېڭى دولقۇنلار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر سەن بۇ ھادىسىگە ياخشى نەزەر سالساڭ، دېڭىز دولقۇنلىرىدا تۇراقلىق بىر مەۋجۇدلۇقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. چۈنكى ئۇ ھامان دېڭىز يۈزىدە يوقىلىپ تۇرىدۇ، دېڭىزدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى يوقالغۇچىدۇر.
    ناۋائى مۇنداق دەيدۇ:
    زاھىد ئۇجماغ تىلەدىيۇ ياردىن مەن ھەم ئۈزىن،
    يارەم، ئۇشبۇ ئىككى مەتلۇب بەرابەرمۇ ئېكىن.
    (زاھىد جەننەت تەلەپ قىلدىكى، مەن يارنىڭ ئۆزىنى تەلەپ قىلدىم، بۇ ئىككى ئارزۇ ئوخشاشمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا زاھىد يار ئۈچۈن جېنىنىمۇ پىدا قىلالمايدۇ).
    ئاشىقنىڭ مىڭ جانى بولسا ئايىماس مەشۇقىدىن،
    ئار ئىستەرسەن زاھىرا بىر جانىڭنى قۇربان ئەتمەكتىن.

       شۇڭا ئۆزلىرىنى «مەشۇق» گە چىن دىلىدىن ئاشىق دەپ ھېسابلىغان دىدار تەلەپ ئاشىقلارنىڭ نەزەرىدە، قەلب كۆزىنى يورۇتماستىن (يەنى چىن دىلىدىن قىلماستىن) قارىغۇلارچە ئەگىشىپ شەكىلۋازلىق قىلىش ياكى ھەقكە بولغان سادىقلىق ئەمەس، بەلكى اىياكارلىق، ساختىلىق دەپ قارالغان. ئۇلارنىڭ پىكرىچە ھەقكە بولغان ساداقەت پەقەت قەلبىدىكى چەكسىز ئىشق ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىدۇ. ۋۇجۇدى ھەقىقىي ئىشق بىلەن تولغان چىن ئاشىقنىڭ قەلبىدە مەشۇق سۆيگۈسىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ تىلى مەشۇقتىن ئۆزگىنىڭ گېپىنى قىلمايدۇ، ئۇنىڭ دىلى مەشۇقتىن ئۆزگىنى خىيال قىلمايدۇ زاھىدلار  بولسا كىشىلەرگە كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ كلاسسىك شېئىرىيەتتىكى ئۆزلىرى ئىشق شارابىدىن  بىھۇش بولۇپ، ساقىدىن مەي تەلەپ قىلىپ ھارمايدىغان دىدار تەلەپ، ئاشىق شائىرلارنىڭ زاھىدلارنى، رۇھدۇ - تەقۋانى سۆكۈپ قامچىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب»⑥. مانا بۇلار ناۋائى ئىدىيىسىنىڭ شېئىرىي غۇۋالىققا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يارقىن كۆرۈنۈشى. ناۋائى شېئىرلىرىنىڭ جېنىنى ھېسابلىغاندا، بۇ خىل پۇراقنى ھازىرقى مودىرنىزمچىلارمۇ ئۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ بولالمىدى.

       «يوقلۇق  بارلىقنىڭ كۆز ئالدىڭدا يوقلۇقى، ھىجران  ۋىسالنىڭ شۇ دەقىقىدە يوقلۇقى، ئاچلىق  توقلۇقنىڭ شۇ چاغدىكى يوقلۇقى، خەستەلىك  سالامەتلىكنىڭ تەندە يوقلۇقى»⑦ بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا  رېئالنى ھەقىقەت ئۆز ئىچىگە سىڭدۈرگەن بارلىق بىلەن يوقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى بىر - بىرىگە يېقىن، ئەمما  پاراللىل، شۇنداقلا چەكسىز مۇساپىنىڭ بىزگە بېرىدىغان تەسىراتىدىن نۇرغۇن مەنائى مۆجىزىلەرنى ئۆزىدە ئاپىرىدە قىلغان مەنبە  دەل ئۇنىڭدىكى غۇۋا گۈزەللىكتۇر. «ئىنساندا كائىنات مۇمكىنلىكلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۆرۈنمىلىك سۈرەت ۋە يوشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنىلىرى ساقلانغان. ئىنساننىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاددىي كۆز كۇپايە. ئۆز غوجىسىنى ئىتمۇ، مۈشۈكمۇ كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ ماھىيەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك كېرەك، بۇ ئۆزلۈك ئەينىكىدۇر. (ئۆزلۈك  ئۆزىنى بىلمەكلىك) ئىنساننىڭ ئۇلۇغ  تەبىئەت ئالىمى سۈپىتىدە تۇرغان  ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت خالاس»⑧. شېئىر مانا مۇشۇ ئۆزلۈكنىڭ سەنئەت زېمىنىدىكى بىر خىل ئەينىكىدۇر.  بىز بۇ ئەينەك  ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كۆرگىنىمىزدە ئىزدەشلىرىمىز، قەدىرلەشلىرىمىز، بۈگۈن ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشلىرىمىز، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن ئاچچىق - چۈچۈكلەردىكى گاھ ئازابقا، گاھ تەشنالىقا، گاھ يقىتىشقا، گاھ ئېرىشىش ئىچىدىكى گاڭگىراشقا  ئوخشاش  تۇيغۇلاردا، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىمىزنى غۇۋا ھېس قىلغاندەك بولىمىز.

       بۇ يەردىكى ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈپ، ھېس قىلىپ يېتەلىگەن قىممەت  گۈزەللىكتۇر. بۇ خىل گۈزەللىك ئۆز ئىچىگە ئالغان تەركىبلەر سىمابتەك لىغىرلاپ، ھەر بىر تىترىگەندە ئوخشاش بولمىغان  تەسىراتقا باشلايدۇ. بۇ خىل گۈزەللىكنىڭ سەنئەت  زېمىنىدىكى قىممىتى شۇ يەردىكى  ئۇنىڭ نەتىجە - سەۋەب ۋە زامان، ماكان مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ قايناق، مۇرەككەپ روھىي دۇنيانى يەنە رەڭدارلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېس - تۇيغۇلارنىڭ زىددىيەتلىك قاتلىمى  بىلەن ئۆز ئەسلىگە سادىق ھالدا ئىپادىلەنگەنلىكىدە. ئەگەر بىز ئۇنى كونرېت ئەمەلىيەت بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولۇپ، مەلۇم بىر ئوبيېكتنىڭ ئىچ باغرىنى بىر - بىرىدىن چۈشەندۈرمەكچى بولساق، بۇ ۋاقىتتا بىز ھېلىلا ئىگە بولغان چەكسىز بىر روھىي گۈزەللىكنىڭ ھۇزۇرىنى يوقىتىپ قويىمىز.

    شۇڭا بۇ خىل گۈزەللىك ئۆزىنىڭ مۇرەككەپ ھېس - تۇيغۇغا باشلىيالايدىغان سېھرىي كۈچىنى پەقەت ئاشۇ ھەر بىر غىل - پال چاقنىشىدا ھەر خىل تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنىڭ بوسۇغۇسىغا باشلىيالايدىغان پائالىيەتچانلىقىدا ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل پائالىيەتچانلىق دەل ئۇنىڭ بىر پۈتۈن روھىۋىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە يىلتىز تارتقان كۆپ قاتلاملىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇڭگا سىزىمىنى ئۆزىنىڭ مەنبەسى قىلغان. ئادەمنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، رېئالنى مەۋجۇدىيەت ۋە روھىي مەۋۇدىيەتنىڭ بىرلىكى دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا روھىي مەۋجۇدىيەت دەل ئىنسان تەبىئىتىدە يوشۇرۇن ساقلىنىپ، مۇئەيىەن گۇڭگالىق ئىچىدە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن  پائالىيىتى جەريانىدا گاھ  ئىجابىي، گاھ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ بارىدۇ. شۇڭا گۈزەللىك قارىشىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى دەل شۇنىڭ سېھىرلىك تۇيۇلۇشى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنسان ئۆزىنىڭ گۈزەللىك سەزگۈسىنى يوقاتمايدۇ، گۈزەل نەرسىلەرگە تەلپۈنۈپلا ياشايدۇ.

    مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ پسىخىك تەرەققىياتنىڭ نازۇك شەكىل، رەڭ، ئۈن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى تېز سىزمىسى بولغان شېئىر ئۈچۈن بۇ بېغىشلايدىغان خىرە گۈزەللىك، گۇڭگا تەسىراتلار ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېڭىدىن يېڭى لەززەتلىنىش، ئازابلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روھىي پاكلىنىش، تېراگىدىيە ئېڭى ئىچىدە ئۆزىنى بىلىش ۋە چەكسىزلىك يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شېئىرلاردىكى گۇڭگا گۈزەللىكنىڭ سېھرىي كارامىتى بولۇپ، بۇ شېئىرنى شېئىر قىلىپ تۇرىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىلنىڭ بىرىدۇر.

    ① ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ساھىل ۋە سەيياھ» ناملىق ماقالىسى، «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى»، 1994 - يىلى 6 - سان.
    ②④⑤ مۇختار ماخسۇتنىڭ «ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى توغرىسىدا» ۋە «يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز پاراڭ» ناملىق ماقالىلىرىدىن، «تارىم ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 11 - سان ۋە 1991 - يىللىق 11 - سانلىرى.
    ③ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىكى «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ...» ناملىق ماقالىسىدىن.
    ⑥ ھۆرمەتجان ئابدۇراخماننىڭ «ناۋائى ۋە تەسەۋۋۇپ» ناملىق ماقالىسىدىن، «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى»، 1999 - يىللىق 3 - سان.
    ⑦⑧ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 1993 - يىللىق 5 -، 6 - سان).

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.