ئاتام زامانىسىدىكى ياشلار ۋە 21-ئەسىردىكى بىز

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 09:44:02

ئاتام زامانىسىدىكى ياشلار ۋە 21-ئەسىردىكى بىزئەجدادلار روھىدىن ئۆزنەك ئېلىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىش ھازىرقى دەۋردە گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ تەكرار تەكىتلەۋاتقان مەسلە بولسى...



    ئاتام زامانىسىدىكى ياشلار ۋە 21-ئەسىردىكى بىز

     


    ئەجدادلار روھىدىن ئۆزنەك ئېلىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىش ھازىرقى دەۋردە گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ تەكرار تەكىتلەۋاتقان مەسلە بولسىمۇ، ئەممائەتراپىمدىكى، جەمئىيەتتىكى بەزى ئىشلار مېنى يەنە بىر قېتىم  «قاقشاش»قا، ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ياشلىرىنى سېلىشتۇرۇشقا  مەجبۇر قىلدى.


    كونا جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى گەرچە قاتمۇ-قات زۇلۇم ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ تورمۇشقا، ھاياتقا يەنىلا ئۈمىدۋارلىق، قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ھايات يولىدا تالاي قېتىم توسالغۇ، قارشىلىقلارغا ئۇچىرىسىمۇ ئۇنڭىغا بوي بەرمەي تىرىشقان. ئېزىلگۈچى خەلىقلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۆز ئارزۇسى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمدارلارغا قارشى تالاي قەتلە كۈرەش قىلغان.گەرچە كۈنلىرى يوقسىزلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدەئۆتسىمۇ، لېكىن مەڭگۈلۈك مۇقام ۋە يېقىملىق خەلق ناخشىلىرى بىلەن جۇشقۇنلۇق  ئىچىدە ياشىغان. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى مەردلىك، ئالىيجانابلىق ۋە باتۇرلۇق ئىگىلىگەن.


    ئەمما قارايدىغان بولساق ھازىرقى بىز ئۇيغۇر ياشلىرىدا بىر خىل  چۈشكۈنلۈك، بوشاڭلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە ھورۇنلۇق ئالاھىدىلىنىپ تۇرماقتا.بىز ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىز ئەسلىي قىلشقا تېگىشلىك ئىشلار بىلەن ئەمەس بەلكى، باشقىلارنىڭ مەدەنىيتىنى ئىلىمىي بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن پۈتۈنلەي خاتا ۋە بۇرمىلانغان تەرەپتىن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى چاكىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يا ئۆزىمىزگە خاس بولمىغان يا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئەبجەش مەدەنىيەت «ئىشقى» گە ئىسراپ قىلىپ، بۇ يولدا ئۆز ئارا تىللىشىپ. ئىتتەك بىر-بىرىمىزنى تالىشىپ يۈرمەكتىمىز.


    ھەممىگە مەلۇم، مۇھەببەت ئۇ ئۆلمەس تېما. بۇنىڭغا بىزنىڭ كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ساناقسىز شېئىر-غەزەللىرى، خەلىق قوشاقلىرى ۋەھاكازالار تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. تارىخىمىزدا بولسا ساناقسىز «غېرىب-سەنەم ». «لەيلى-مەجنۇن»، «تاھىر-زۆھرە» ۋە «رابىئە-سەئىدىن» لەر چىققان. بۇ بىر جۈبلەر ئۆز مۇھەببەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن باشتىن-ئاياغ كۈرەش قىلغان ۋە مۇشۇ يولداھەتتا جېنىدىن كېچىشكىمۇ رازى بولۇشقان. خەلق مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرى، ھەرىكەت تەسۋىرىلىدىن يەنە گەرچە ئۇلار بىر-بىرىگە تەلپۈنۈپ تۇرغان ئاشىق-مەشۇقلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر ئەدەبلىك، شەمى-ھايالىق، ۋاپادار ۋە ساداقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.مانا بۇ ئەجدادلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقي « مۇھەببەت» ى ئىدى.


    بىراق ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىمىزچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «مۇھەببەت» سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېكايىلىرى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئېچىندۇرىدۇ، غەزەبلەندۈرىدۇ.بۇ ھاياسىز،نومۇسسىز، مەنپەئەتلەرگە تولغان ئاتالمىش «مۇھەببەت»لەرنى بىرمۇبىر سۆزلەر ئولتۇرۇش بىھاجەت.ئەمما ھازىرقى خاتىرجەملىك، باي-باياشاتلىققا تولغان جەمئىيتىمىزدە يولىمىزنى توسۇيدىغان ئامبال يوق، قېنىمىزنى شورايدىغان شاڭيۇمۇ يوق. لېكىن ئەنە شۇنداق غېرىب، سەنەم؛ گۈلەمخان،ئەختەم؛ نۇزۇگۇم، باقى ۋە غۇنچەم ، نۇرۇملاردىن يەنە زادى قانچىسى قالدى؟ ئېنىقكى، بىزدە بولسا ھايا-پەردىشاپسىز، ئىشەنچىسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، پۇل-مال، مەنپەئەت، شۆھرەتپەرەسلىك، نادانلىق بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن «مۇھەببەت» لەر ئۇنداق ھەقىقىي بىر-جۈبلەردىن سان جەھەتتە بارغانسېرى ئەدەيمەكتە.



    سىز، مەن ۋە ئۇ ئوخشاشلا ھەركۈنى مانا مۇشۇنداق ئاغزىمىزدىن كۆپۈك چىققۇچە سۆزلەيمىز، قاينايمىز. ئەمما ئىشلىرىمىزدىن يەنە شۇ ساختىپەزلىك، ھىيلىگەرلىك تۆكۆلۈپلا تۇرىدۇ.دائىم دېگۈدەك «ئاھ، مۇھەببەت» دەيمىزيۇ، لېكىن ھەققىي سۆيگىنىمىزنى قەلبىمىزنىڭ بىر بۈرجىكىدە ساقلاپ قويۇپ تېلفون ئۇرغان يەنە بىر «جانان» غا ۋاقتىم بار، دەپلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرىتقا چاپىمىز. بىزگە كېرىكى ئۇنداق ھە دېسىلا ۋىجدان، غۇرۇردىن ئېغىز ئاچىدىغان «قەھرىمان»لار ياكى باشقىلارنى كۆرسە «قىز بالا شۇنداق بولامدۇ» دەپ شوئار تولاپ، نادىر «خسلەت» لىرىنى ياغلىق بىلەن ياپىدىغان سەنەملەر ئەمەس. بىزگە لازىمى، بىر ئېغىز مەنىسىز گەپنى ئاز قىلىپ، بىرەر تال كېسەكنى ئارتۇق توشۇيدىغانلار، تانسىخانىدىكى ۋاقتىنى بىر مىنۇت ئازايتىپ، كىتابتىكى بىر قۇر خەتنى ئارتۇق ئوقۇيدىغانلار.


    ئويلىنايلى، ياق ئويلىنايلى ئەمەس، تۇتۇش قىلايلى قېرىنداشلار. ناچار ئىللەتلەرگە قارشى كۈرەشنى  ھازىردىن، دەل مۇشۇ دەقىقىدىن باشلايلى. چۈنكى:« بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى خار قىلمىغۇچە ئاللاھ ھەرگىز ئۇنى خار قىلمايدۇ»  ①



    _____________________________________
    ئىزاھات:  ① ئابدۇقادىر داموللا ھېكىمەتلىرىدىن.

    ئەسلى يازما مەنبەسى:نۇرۇز مۇنازىرە مۇنبىرى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.