ئابدۇخېلىل ئىلگىرى «ئالىيجاناب» ئىدى(ئابدۇخېلىل ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-03 21:07:14

ئابدۇخېلىل ئىلگىرى «ئالىيجاناب» ئىدىئابدۇخېلىل ئابدۇللاپەس ئىشلاردىن يىرگىنەتتىم، پەس ئادەملەرگە نەپرەتلىنەتتىم، تىلى ئىنتايىن گۈزەل بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، قوپال گەپل...

    ئابدۇخېلىل ئىلگىرى «ئالىيجاناب» ئىدى
    ئابدۇخېلىل ئابدۇللا




    پەس ئىشلاردىن يىرگىنەتتىم، پەس ئادەملەرگە نەپرەتلىنەتتىم، تىلى ئىنتايىن گۈزەل بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، قوپال گەپلەر ئارىلاشقان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام ئىچىمدە مەسخىرە قىلاتتىم، «پاھىشە»، «جالاپ»، «ئاشنا»... قاتارلىق ماۋزۇدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇمايلا، ئۇنىڭ يازغۇچىسىنى قارغىۋىتەتتىم، چۈنكى دەسلەپتە بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باققان ئىدىم، لىكىن كۆپىنچىسى يەنە شۇ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى «شەھۋەت» پاراڭلىرى ئىدى، شۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئەسەرلەرنى قەتئىيلا ئوقۇمايدىغان بولدۇم ۋە يازغانلارغا ئۆچ بولدۇم.

    لىكىن «ئوكيان»دا بىر ئەسەر بار ئىدى، ئۇنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانى بارغانسىرى ئىشىپ بارماقتا ئىدى، ئۇنىڭغا يىزىلغان باھالار ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، لىكىن مەن ئۇ ئەسەرنى ئەزەلدىن ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم، توغرىسى ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىلا مىنى يىرگەندۈرەتتى.

    «مەن جالاپ ئەمەس»، نېمىدىگەن سەت گەپ بۇ، دەل مۇشۇ ئەسەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى ئىدى، يەنە شۇ «جالاپ» توغىرىسىدا! بۇنداق مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ چىكىلىش قىتىم سانى ئىنتايىن يۇقىرى بولاتتى، «ئوكيان»دا مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئىچىم سىقىلاتتى، بۇ ئەسەرگە دەۋرىسىز ھالدا ئاجايىپ ئىنكاسلار چۈشەتتى.

    ئۇلۇغ جۈمە كۈنىنىڭ بىرى سەھەر سائەت ئۈچ بىلەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم ۋە ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم، ئەسەردىكى يۈز بەرگەن ئىشلار مېنىڭ ئانا يۇرتۇم قەشقەردە يۈز بەرگەن ئىدى، ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇغانسىرى روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم، ۋۇجۇدۇمدا ماغدۇر قالمىدى، يۈرىكىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بولۇپ، كۆز ياشلىرىم چانىقىمدىن توختىماي سىرغىپ چۈشتى.

    ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، «مەن جالاپ ئەمەس» دېگەن بۇ ماۋزۇ توغرسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم،ھەقىقەتەنمۇ مەن ئۇلارنى تىللاشنىلا بىلەتتىم، ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغۇچە ئۆچ ئىدىم، لىكىن ئۇلارنى ئەزەلدىن قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ باقمىدىم، مەندىكى «ساختا ئالىيجاناب»لىق روھى ھەتتا مېنى ئاشۇ «سۆز»نى كۆرۈپ قالسىمۇ گۇناھدەك تۇيۇلىدىغان قىلىۋەتكەن ئىدى...

    تارىختىكى «نازۇگۇم»نى دەستەك قىلىپ، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ نەقەدەر قۇۋ ۋە رەزىل ئىكەنلىكىنى نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلغانلىقىمىزنى، سەھرادىكى ساددا قىز-سېڭىللىرىمىزنىڭ ئۇنداقلارنىڭ قولىدا ئاياغ-ئاستى بولۇپ خارلانغاندا، بىز ئەركەكلەرنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ-تىللاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىمىزنى ئازاپ ئىچىدە ئىتىراپ قىلدىم!

    ئاخىرىدىچۇ؟ نېمە بولدى؟ بىزنىڭ ئىغىر سەھۋەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن قىرىنداشلىرىمىز تىخىمۇ خارلاندى، بىز تىخىمۇ تىللىدۇق، ئاشۇلارنىڭ «جالاپ» بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان رەزىل ئادەملەرچۇ؟ پاھىشخانىلارچۇ؟ ۋە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاشۇ يولغا كىرىپ قالغان قىز-سىڭىلىرىمىزچۇ؟ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى...

    سائەت بەشتىن ئىشىپ كەتكەن ئىدى، تاھارەت ئىلىپ بامدات نامىزىغا تۇردۇم، «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر...»، كۆزۈمدىن ياشلار توختىماي ئاقاتتى، ئاغزىمدا توختىماي «ئاللاھ ئۇلۇغ» دەيتتىم، ئۇنداقتا مەن مۇسۇلمانمۇ؟ ئۆزۈمگە يۈز كىلەلەمدىم؟ كۈندە بەش ۋاخ «ئاللاھ ئۇلۇغ» دەپ ئوقۇۋاتقان نامىزىمغا يۈز كىلەلەمدىم؟

    قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى، يۈزۈمنى يۇيۇۋىتىپ تالاغا چىقتىم، تالا شىۋىرغانلىق بولۇپ، سوغۇقتىن تىنىم شۈركىنىپ كەتتى، يىقىنلا يەردە بىشىدا ئاق ياغلىق،يۈزىنى مەھكەم ئورۇۋالغان قىرىق ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئايال ئالدىغا ئۇششاق تاشلار بېسىلغان كونا ياغلىقنى قويۇپ ئولتۇراتتى، ئۈستىدىكى پارچە پۇللار ئىنتايىن ئاز ئىدى، لىكىن كوچىدا كىشىلەر مىغىلدايتتى، مەن تۇنجى قىتىم مەن ئۇنتۇپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان «تىلەمچىلەر»نىڭ ئالدىغا باردىم ۋە ئىككى كوي پۇلنى تاشلىدىم.

    بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە ئىدى، يىقىن ئەتراپتىكى «جىگدىلىك مەسچىد»دە مۇسۇلمانلار تەنتەنىلىك بايرام قىلاتتى،مەن ئۇ «تىلەمچى»دىن سورىدۇم:

    - ئاچا، «جىگدىلىك مەسچىد»نى بىلەملا؟
    - بىلىمەن ئۇكام، بىلىمەن، دەپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى.

    ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى، ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرى كۆزۈمگە تۇنجى قىتىم ئىنتايىن غۇۋا كۆرۈندى، توساتتىن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «قەلەندەرلەرگە پۇل بەرمەڭلار، بولمىسا ئۇلار تىخىمۇ جىقلاپ كىتىدۇ» دېگەن گىپى ئېسىمگە كەلدى...

     

    ئەسەر ئۇلانمىسى:

    مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.