ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-23 16:58:25

ىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


     ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟


      1-ئاينىڭ 26–كۈنى نيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىندىئانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقلار» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى بىلىم ئادەملىرى بۇ كۆز قاراشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىغان.  
     بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كۆز قاراشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى. تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەندىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە «ئىندىئانلار راستىنلا چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەرمۇ؟» تېمىسىدا، رادىكال گېزىتىدە بولسا «تۈركىي مىللەتلەر ئىندىئانلارمۇ؟ ياكى ئىندىئانلار تۈركىي مىللىتىمۇ؟» تېمىسىدا، مىللىيەت گېزىتىدە بولسا «بىر بىرىمىزدىن پەرقىمىز يوق» تېمىسىدا خەۋەرلەرگە يەر بېرىلدى.  
      رادىكال گېزىتىدىكى خەۋەردە ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: «گەئورگەتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تۈركەر ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭDNA  تەھلىلى نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ ئىندىئانلار بىلەن بىر تۇغقان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىندىئانلار بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغان كىشىلەردۇر. 1233–يىلىدا كۆچۈپ كەلگەنلەر بولسا چىڭگىزخاندىن قېچىپ كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.  
    رادىكال گېزىتىدىكى خەۋىرىدە پروف. در. ئۆزدوغان ئەپەندىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۈركىي تىللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكىدىكى «ھاۋاسۇ» ناملىق كەنتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ تۈركچە سۆز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 
      يىغىندا سۆز قىلغان گېئورگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مارجورىئە ماندەلستام بالزەر، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولسىمۇ، بەزى ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئىندىئان قەبىلىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەردە ئېيىق، بۆرە، قارچۇغىغا ئوخشاش ئورتاق تۇتېملارنىڭ بارلىقىنى، سىبىرىيىدىكى ياقۇتىستاندا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئالاسكادا تۇرۇشلۇق ئىندىئانلارنىڭ تۆمۈرچىلىككە ئۇستا بولۇشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە شامانلارنىڭ قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە كالىفورنىيەدىمۇ بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
      ئامېرىكا مىشىگېن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پروف. در. تىمۇر كوجا ئوغلى ئەپەندى سۆزىدە، ئىندىئانلارنىڭ تىلى بىلەن تۈركىي تىللار ئارىسىدا پەقەتلا لېكسىكا جەھەتتىن ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، سىنتاكسىس جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا   قويغان . 

    مەنبە : ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى  
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.