بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 19:39:16

بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ھەققىدەئومۇمىي بايان مەغپرەت كەنجى، گۈلگىنە ھىيتاخۇن خەت ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ، شەخسنىڭ بىلىش تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئ...

     



     

    بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ھەققىدە
    ئومۇمىي بايان

       مەغپرەت كەنجى، گۈلگىنە ھىيتاخۇن

     

        خەت ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ، شەخسنىڭ بىلىش تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، خەت ئوقۇش چوقۇم ئىگىلىمىسە بولمايدىغان ئاساسى ماھارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىدا پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا دائىم بىر قىسىم بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ گەرچە ياخشى بولغان مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان، ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال بولسىمۇ، خەتنى راۋان ۋە توغرا ئوقۇيالماسلىقتەك ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئوقۇشتىن قىيلىنىش ئەھۋالى دەل بىز ماقالىمىزدە توختالماقچى بولغان تەرەققىيات تىپىدىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسىدۇر.
         1917- يىلى جامىس خېنشىل ۋود (James hinshel wood) «خەت قارىغۇسى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ، خەت ئوقۇش توسالغۇسىدىن ئىبارەت بۇ تېما بارغانسېرى پىسخولوگلار، پىداگوگلار، ۋە تىلشۇناسلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، نۆۋەتتە دۆلەت سىرتى ۋە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1979-يىلىغا كەلگەندە، فرنىك ۋېلۇتىن (Frank Vellutno) خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ پەقەت كۆرۈش سەزگۈسىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ماھىيەتتە تىلنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدىكى توسالغۇ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 80- يىللاردىن كېيىن، خەت ئوقۇش توسالغۇ سى تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەت- «تاۋۇش توسالغۇسى» ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، بۇ خىل كۆز قاراش كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نەزەرىيىگە ئايلانغان. 90- يىللاردىن كېيىن تاۋۇش توسالغۇسى تەتقىقاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، ئىملا قائىدىسى ئېڭى، نام ئاتاش سۈرئىتى، مورفېما ئېڭى قاتارلىق تىل جەھەتتىكى بىلىش قابىلىيىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان تىل سىستېمىسىدىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، تىپلىرى ۋە ماھىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا كېڭەيدى، شۇنداقلا ھازىرغىچە دۇنيادا مۇشۇ ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل تىللارنىڭ ھەممىسىدىلا خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
       1. خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ ئۇقۇمى
       خەت ئوقۇش توسالغۇسى دېگىنىمىز، بالىلارنىڭ خەت ئوقۇش پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بارالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، خەت ئوقۇش توسالغۇسى ئېرىشىش تىپىدىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ۋە تەرەققىيات تىپىدىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن مېڭىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكىسى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆرۈنەرلىك نېرۋا ۋە ئورگانىزىم خاراكتېرلىك كەمتۈكلۈك بولمىغان، ئەقلىي جەھەتتىن نورمال بولغان، بىراق خەت ئوقۇش سەۋىيسى تەڭ ياشتىكى نورمال بالىلارنىڭ خەت ئوقۇش سەۋىيىسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن تۇرىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ بالىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى «%10-%5» كىچە بولىدۇ.
       2.خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
       1) خەت ئوقۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى: كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇغاندا، بېشىنى توختاتماستىن لىڭشىتىپ ئوقۇش؛ دائىم خەت ئوقۇغاندا كەلگەن يېرىنى تاپالماسلىق ياكى قولى بىلەن خەتنى بىرمۇ بىر تۇتۇپ تۇرۇپ  ئوقۇش؛ كىتاب ئوقۇغاندا، بېشىنى يانتۇ قىلىپ ئوقۇش ياكى كىتابنى يانتۇ ھالەتتە قويۇپ كۆرۈش؛ كىتاب ئوقۇغاندا، دىققىتى ئاسان چېچىلىش؛ خەت ئوقۇشقا قىزىقماسلىقىتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
    2) خەت ئوقۇغاندا توغرا ئوقۇيالماسلىق: خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلار كىتاب ئوقۇغاندا، بەزى ھەرپلەرنى ئارتۇقچە قوشۇپ ئۇقۇيدۇ. ياكى چۈشۈرۈپ قويىدۇ، خەت شەكلى ياكى تەلەپپۇزى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەرنى ۋە سۆز يىلتىزى ئوخشايدىغان سۆزلەرنى، خەت شەكىللىرىنىڭ سۆزىدىكى ئورنىنى ئاسان ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. دائىم ئۆزى خاتا ئوقۇپ بولۇپ، يەنە توغرىلاپ ئوقۇيدۇ ياكى يۇقىرى يىللىققا چىققاندىن كېيىنمۇ سۆزلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇيدۇ، ھەتتا بەزى خەتلەرنى پەرىزىگە ئاساسەن ئوقۇيدۇ. خەت ئوقۇش سۈرئىتى نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئاستا، ئېنىق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ، يەنە بەزى بالىلاردا پۈتۈن تېكىستنى ئوقۇپ تۈگەتسىمۇ، تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
       3) باشقا ئەگەشمە مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى: خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارنىڭ نەتىجىسى نورمال بالىلارنىڭ ئارقىدا تۇرغاچقا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە، ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخرە قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆگنىش ۋە تۇرمۇشىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن بولۇش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سۇس بولۇش، كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرماسلىق ۋە تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەسلىك، مەكتەپكە بېرىشنىمۇ خالىماسلىق، باشقىلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلماسلىق، دائىم ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىش، ئويۇنخۇمار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
        3. خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر
       تەتقىقاتچىلار داۋاملىق تۈرىدە خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدەندى ۋە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بىر قانچە خىل سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:
       1) تاۋۇش ئېڭى توسالغۇسىنىڭ تەسىرى: تاۋۇش ئېڭى دېگىنىمىز، تاۋۇشنىڭ تىلدىكى ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكىنى تونۇش، پەرقلەندۈرۈش، تاۋۇشلارنى ئاجرىتىش ۋە قوشۇش قاتارلىق ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە تاۋۇش ئېڭى توسالغۇسى خەت ئوقۇش توسالغۇسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قارالماقتا. 90- يىللاردىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بالىلارنىڭ تاۋۇش قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىشتا قىيلىنىپ، سۆز ياساش بىلەن تاۋۇش ئوتتۇرسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلىيەلمەسلىك سۆزلەرنى تونۇش توسالغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان بىۋاستە سەۋەبتۇر دەپ قارىغان. 90- يىللاردىن كېيىن، نەزەرىيىۋى بىلىملەر تەجرىبىلەرنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تاۋۇش ئىپادىلىرى نۇقتىسىدىن بالىلاردىكى سۆز لۇغىتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشى خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەردى. 
       2) تېز سۈرئەتتە نام ئاتاش توسالغۇسىنڭ تەسىرى: تېز سۈرئەتتە نام ئاتاش دېگىنىمىز، ئۆزىگە ناھايىتى تونۇش بولغان ئوبيېكىتنىڭ نامىنى تېز سۈرئەتتە ئاتاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتلاردا ئوقۇش توسالغۇسىغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سان، ماددا، رەڭ، ھەرپ قاتارلىقلارنىڭ نامىنى ئاتاش سۈرئىتى نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئاستا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەزى تەتقىقاتچىلار تېز سۈرئەتتە نامنى ئاتاش توسالغۇسىنىڭ ماھىيىتى تاۋۇشنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىنىڭ ئاپتوماتكلاشمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار نام ئاتاش سۈرئىتى بىلەن تاۋۇش ئېڭى تاۋۇش پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ مۇستەقىل ئىككى تەرىپى بولۇپ، نام ئاتاش سۈرئىتى ئىملا قائىدىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تاۋۇش ئېڭى بولسا تاۋۇش شەكلى بىلەن سۆزنىڭ ئىككىلەمچى بۆلەكلىرىنىڭ يېزىق شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئايلىنىش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
       3) ئىملا قائىدىسىنى ئىگىلەشتىكى توسالغۇنىڭ تەسىرى: ئىملا قائىدىسى دېگىنىمىز، سۆزلەرنى ياساشتىكى بىر خىل ئابستراكىت يېزىق قائىدىسى. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار «بالىلارنىڭ ئىملا قائىدىسىنى توغرا ئىگىليەلىشىنىڭ كىتاب ئوقۇشتا مۇھىم رولى بار، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلار دەل ئىملا قائىدىسىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەن، خەتنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن تاۋۇشلار ئوتتۇرسىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك باغلىنىشنى توغرا چۈشىنىۋېلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، خەتلەرنى قۇراشتۇرۇپ ئوقۇش جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكى ۋە ئوقۇش سۈرئىتى نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ»دەپ قارايدۇ.
       4) كۆرۈش بوشلۇق سەزگۈسىنىڭ توسالغۇسى: كىتاب ئوقۇش جەريانى كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ بىر قاتار ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان بوشلۇق جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش، ئانالىز قىلىش، تەسۋىر چۈشۈرۈش ۋە خاتىرىلەش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، خەت ئوقۇش توسالغۇسىغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىش جەريانى نورمال بالىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ پىششىقلىنىپ ئىشلىنىش جەريانى نورمال بالىلارنىڭكىدىن ئاستىراق، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكىتى ماسلاشماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ۋە چوڭ مېڭىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
       5) خاتىرە قالدۇرۇش توسالغۇسىنىڭ تەسىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەتقىقاتچىلار خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارنىڭ خاتىرە قالدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر قەدەر سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە، خىزمەت خاتىرىسى ۋە ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپكە يىغىنچاقلىدى. قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە دېگىنىمىز، ئۇچۇرلارنىڭ مېڭىدە ئىككى سېكۇنتتىن بىر مىنۇتقىچە ساقلىنىش جەريانى. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا: خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلاردا تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللارنى قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىدە ساقلاش جەھەتتە ناھايىتى روشەن بولغان كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. خىزمەت خاتىرىسى دېگىنىمىز، ئۇچۇرلارنىڭ مېڭىدە ۋاقىتلىق ساقلىنىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. خىزمەت خاتىرىسى مەركىزىي ئىجرا قىلىش سىستېمىسى، كۆرۈش بوشلۇق ئەندىزىسى، ۋە تىل ئايلانما يولىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چۈشىنىش، ئۆگىنىش ۋە ئەقىلىي خۇلاسە چىقىرىش جەريانىدا ئۇچۇرلارنى مېڭىدە ۋاقىتلىق ساقلىنىدىغان بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بەزى ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارنىڭ خىزمەت خاتىرىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى ئاۋاز بەلگىلىرى ۋە جۈملىنى ئېسىدە ساقلاشتا رول ئوينايدىغان تىلىنىڭ ئايلانما يولىدا؛ رەسىملەرنى ۋە كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئېرىشكەن بەزى ئۇچۇرلارنى ساقلاشتا رول ئوينايدىغان كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ بوشلۇق ئەندىزە باسقۇچىدا ۋە ئىجرا قىلىش سىستېمىسىدا توسالغۇ بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە دېگىنىمىز، ئۇچۇرلارنىڭ مېڭىدە ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانى بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلاردا قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىدىن ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىگە ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئېلىش، ماتېرىياللارغا قارىتا گۇرۇپپىلاش، كودلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسكە ئالغان ماتېرىيالىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى جەھەتتىن نورمال بالىلاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ.
       6) مېتا بىلىش توسالغۇسىنىڭ تەسىرى: مېتا بىلىش دېگىنىمىز، ئۆگىنىش جەريانىدا يەككىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىگە بولغان تونۇش، نازارەت قىلىش، تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش، جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارنىڭ مېتا بىلىش تاكتىكىسى نورمال بالىلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. گەرچە ئۇلار كىتاب ئوقۇغاندا مەلۇم جەھەتتىكى مېتا بىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دىققىتى بەزى قىيىن سۆزلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، تېكىستنىڭ مەزمۇنىغا دىققىتىنى تەقسىملەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزىدە بار بولغان مېتا بىلىش بىلىملىرىنى يېڭى مەزمۇن بىلەن باغلاشتا قىينالغانلىقتىن مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
       4. خەت ئوقۇش توسالغۇسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى
       ئۇنداقتا، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بولغان بالىلار باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش نەتىجە قازىنالامدۇ- يوق؟ تارىخقا نەزەر سالساق ئېينىشتېيىن ئۈچ ياشقا كىرگۈچە گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭدا خەت ئوقۇش توسالغۇسى بولغاچقا، ئۆگىنىشتە ھەممىنىڭ ئارقىدا قالغان، ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا، مۇئەللىمى تەرىپىدىن «مەڭگۈ نەتىجە قازىنالمايدىغان» ئوقۇغۇچى دەپ قارالغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيسى دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە مەلىكىسى باتلىس مەلىكە، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق كارخانىچى رىچاد. بولسىن، خەت بىلمەيدىغان تالانتلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جورجى قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق خەت ئوقۇش توسالغۇسىنى يېڭىپ، نەتىجە قازانغان، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، خەت ئوقۇش توسالغۇسىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا قارىتا ماس تەربىيەلەش ئېلىپ بارغاندا، بۇ خىل توسالغۇ ئۈستىدىن غالىب كېلىش تامامەن مۇمكىن.
       1) خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارغا ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلىشى لازىم.
       جەمئىيەت، ئاتا-ئانىلار ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خەت ئوقۇش توسالغۇسىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ، بالىلاردىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، بولۇپمۇ خېلى يۇقىرى يىللىقلارغا چىققۇچە خەتنى راۋان، توغرا ئوقۇيالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى نوقۇل ھالدا ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇش ياكى ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق، تىرىشماسلىق، ئويۇنغا بېرىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرۈپ، خەت ئوقۇش توسالغۇسىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ بارمىغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ئۆگىنىش، بىلىش، ھېسسىيات، ئۆزلۈك ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشىمىز، كۆپرەك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى بۇ ھەقتە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشىمىز، تەتقىقات ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشىمىز، كەسپى خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، يەنى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
       2) خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلارغا مەخسۇس يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش لازىم.
        خەت ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى كۆپ خىل ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا، ئالدى بىلەن خەت ئوقۇش توسالغۇسى بار بالىلاردا ئوقۇش توسالغۇسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىق ئايرىۋالغاندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا مەخسۇس يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. مەسىلەن، بەزى بالىلار خەتنى ئېسىدە تۇتالمايدۇ، ئەمما مەزمۇننى ياخشى ئەستە قالدۇرالايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب تاۋۇشلارنى ئەستە قالدۇرۇش، تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدىندۇر. بۇ خىلدىكى بالىلارغا تەربىيەلەش ئېلىپ بارغاندا خەت شەكلى بىلەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنى باغلاپ ئەستە قالدۇرۇش، سۆز قۇرۇلمىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئەستە قالدۇرۇش، ئۈنلۈك ئوقۇش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ، يەنە بەزى بالىلار خەتنى توغرا تونۇيالايدۇ، ئەمما تېكىست مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ خەت ئوقۇپ چۈشىنىش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل، خەت ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدۇر،بۇنداق بالىلارغا تېز سۈرئەتتە خەت ئوقۇش مەشىقى، ئوقۇپ چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللارنى ۋە تاكتىكىلارنى ئۆگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكلەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر تەرەپ خەت ئوقۇش توسالغۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىگە مۇشۇ جەھەتتىن تەجرىبىگە ئىگە بولغان كەسپىي خادىملار قاتنىشىشى كېرەك.
       3)بالىلارنىڭ خەت ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
       خەت ئوقۇش توسالغۇسىغا قارىتا يېتەكلەش ئېلىپ بارغاندا، مەخسۇس خەت ئوقۇش ئىقتىدارىغا قارىتا يېتەكلەش بىلەن ھەرخىل پىسخىكىلىق يېتەكلەش پائالىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ خەت ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، ھەر بىر ھەرپنى بەلگىلىك ھەرىكەت ياكى ئالاھىدە بەلگە بىلەن مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇش ياكى ئويۇن شەكلى ئارقىلىق بالىلارغا شەكىل ياكى تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سۆز بىرىكمىلىرىنى تۈزگۈزۈش، بۇنىڭدىن ئاددىي جۈملە ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنى تۈزۈشكە يېتەكلەش، قاپىيىداش سۆزلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بالىلار شېئىرلىرى ۋە سۆز ئويۇنلىرىنى يادلىتىش، بالىلارغا ھېكايە ئوقۇتۇپ، قايتا بايان قىلغۇزۇش، ھېكايىلەردە ئوبرازلار بويىچە رول ئالغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، رەسىمگە قاراپ ھېكايە سۆزلىتىش، ئوخشاش بىر سۆزنىڭ بىر قانچە خىل ئىشلىتىلىشى، بەزى سۆزلەرنى مەنىداش ياكى قارمۇ قارشى مەنىسى ئاساسىدا ئەستە قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، بالىلار ياقتۇرىدىغان، مەزمۇنى سەرخىل ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ خەت ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خەت ئوقۇشتىكى توسالغۇسىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
       دېمەك، خەت ئوقۇش توسالغۇسى بىر قىسىم بالىلار، ھەتتا چوڭلارنىڭ ئۆگىنىشتە قىينىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىق زانىۋى تېخنىكا ۋاستىلىرى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا سېڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى قىسقارتىۋاتقان شارائىتتا، بالىلارنىڭ ئۈنۈملۈك خەت ئوقۇش پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

      شڭنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.