:شەرمىي - ھايا قانچىلىك؟مىھىرى - موھەببەتچۇ ؟!

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-09 19:40:28

:شەرمىي - ھاياقانچىلىك؟مىھىرى - موھەببەتچۇ ؟!ئىلىگىرى مۇنداق بىر يازمىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە :« كوچىدا شۇنداق پۇزۇر كىيىنگەن ، سالاپەتلىك ، قول - بويۇنلىرىغا ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى تولۇ...



    :شەرمىي - ھايا  قانچىلىك؟مىھىرى - موھەببەتچۇ ؟!

    ئىلىگىرى مۇنداق بىر يازمىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە :
    « كوچىدا شۇنداق پۇزۇر كىيىنگەن ، سالاپەتلىك ، قول - بويۇنلىرىغا ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى تولۇق تاقىغان بىر ئايال مېڭىپ كىتىپ بارغان ئىكەن ، بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ كەيندىن ئەگشىپتۇ ، قارىسا بۇ ئايال بىر مۇنچىخانىغا كىرىپ كەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن ھېلقى بالىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن( خوجايىنى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ) ئاياللار مۇنچىسىغا كىرۋاپتۇ دە ھېلقى ئايال كىرگەن مۇنچىنىڭ ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپتۇ ۋە ئايالنىڭ كيىىم - كىچەكلىرىنى سالغان كۆرۈنۈشلىرىدىن تولۇق ھوزۇرلانغاندىن كىيىن ، ئايالنىڭ يۇيۇنۇشىنى كۈتۈپتۇ ، ئايال كىيىم - كىچەكلىرىنى تولۇق سېلىپ يۇيۇنۇشقا باشلىغاندىن كىيىنلا دەرھال مۇنىچىخانا ئىچىگە كىرىپتۇ ،
    ( قارىغاندا ھېلقى ئايال
    ( مۇنچىخانا  ئىشىكنى تاقمىغان چېغى ) دە ئايالنىڭ زىبۇ - زىننەتلىرىنى ئېلىپ ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئايال تۇيۇقسىز ئۇنى سىزىپ قېلىپ  ۋاقىراپتۇ . ئوغرى دەرھال قېچىپتۇ دە كوچىغا قاراپ چېپىپتۇ ، ھېلقى ئايال زىبۇ - زىننەتلىرىنىڭ دەردىدە كىيىم كەيمىگەنلىكىنمۇ ئۇنتۇغان ھالدا (بەلكىم ئېسىدە باردۇ ) ئۆزىنى كوچىغا ئېتىپتۇ . بۇنى كۆرگەن كوچىدىكى كىشلەر بىردە قېچىۋاتقان بالىغا قارىسا ، يەنە بىردە ھېلقى «يالىڭاچ » ئايالغا قاراپ ھەيران بولۇشۇپتۇ ...............
    .يەنە بىر كۆرۈنۈش :
    توي قىلغىنىغا تېخى بىر نەچچە كۈن بولغان يېڭى كىلىن ئەدىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ، ھويلا - ئاراملارنى پاكىز تازلىۋەتكەندىن كىيىن ، دەرھال ئەدىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلاپ ، چوڭلارنى داستىىانغا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە قېيىن ئانىسىغا چاي قۇيۇۋېتىپ ، ئىھىتىياتسىزلىقىتىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا كىچىككىنە «يەل » چىقىپ كىتىپتۇ ،دە شۇ ھامانلا ھېچكىمگىمۇ قارىماستىن  قىزارغانچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ ، ئۆيدىكلەر بەلكىم خىجىل بولۇپ كەتكەن چېغى ، بىردەمگىچە چىقىپ قالار دەپ چېيىنى ئىچىپتۇ ، خېلى ئۇزۇنغىچە  چىقمىغاندىن كىيىن ، قېيىن ئانسى ئۆيگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ، ھېلقى كىلىن ئۆيدە ئاپپاق رەختكە ئېسىقلىق
    تۇرغۇدەك »....
    گەرچە بۇ يازمىنى ئوقۇغىلى بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . ھەر قېتىم ئويلىسام ئويلىنىپ قالىمەن ، ئادەمدىكى شەرمىي - ھايا ، ئىزا - نومۇس تۇيغۇسى پەقەت شۇنچىلىكلىغۇ ، ھاياسىزلار كىشلەر ئالدىدا ، ئاتا- ئانىسى ئالدىدا ، پەرزەنىتلىرى ئالدىدا يېرىم - يالىڭاچ ، يەنە ئاللىقانداق بىر خىل قىياپەتلەردە ، ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى خاترجەم قىلىپ ،خۇددى
    ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەلەيدىكەن ، باشقىلار ئۇلارغا تەربىيە بەرسە ياكى بىر نەرسە دىسە پېتىگمۇ ئېلىپ قويمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزنى سېستىدىكەن ، ئۇنىڭدىن كىيىن پەرزەنىتلىرى شۇلارنى دورايدىكەن ، بۇنىڭ شۇ ئائىلىدە ئەخلاق سۇسلشىدىكەن ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا ھايا يوقىلىپ ، پەدىشەپ ، ئىزا - نومۇس تۈگەيدىكەن ، بۇ خىل ئەھۋال كىڭەيسە بىر جەمئىيەتكە  بىر قەۋىمگە تارايدىكەن ، ھايا - نومۇس ، پەدىشەپ بولمىغان تۇرمۇش خۇددى يۇندىغا چۈشۈپ كەتكەن نەرسىنى يىگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ھايا - نومۇس بولمىغان جەمئىيەت خۇددى يۇندا ئازگىلىدا ياشاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ .
    ئەتراپمىزغا قارايدىغان بولساق ، كىشلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىششىغا ئەگشىپ ، ھاياسىزلىق ، نومۇسسىزلىق يامىراپ ، كىشلەر ئارسىدىكى مىھىرى -  موھەببەت ئاجىزلاپ بارماقتا ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ، بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان ، ئائىلىدە ئىناقلىق يوق ، مىھىرى - موھەببەت سۇس بولغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللەنمەكتە .
    خىزمەت ، تۇرمۇش رېتمىنىڭ تىزلششىغا ئەگىشىپ ، كىشلەردىكى مەنپەئەتپەرەسلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپ ، بىر - بىرىگە بولغان مىھىرى - موھەببەت كىميىپ ، جەمئىيەتتە شەخسىيەتچىلىك ئەۋىج ئالدى ، بۇنىڭ بىلەن سەمىيمىيلىك يوقىلىپ ، كىم بىلەن كىمنىڭ كارى دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرىدە ھاياسىزلىق يامراشقا باشلدى ، كوچىلاردا يېرىم - يالىڭاچ يۈرۈش ، بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق  قاتارلىقلار  ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلىنىشقا باشلىدى ...........................موشۇ مۇنبەردە ئالدىنقى بىر تېمىدا دىيىلگەندەك ، بىر قىسىم قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ( كوچىلاردا ، سىرىتلاردا ) كىيىپ يۈرگەن كىيىم - كىچەكلىرىنى ، شەرمىي ھايالىق بىر ئايال ھەتتاكى كىچىدە ھالال جۈپتىنىڭ قېشىدا كىيىپ يېتىشتىنمۇ ئۇيلىدۇ ...............
    بىزدىكى ئەخلاق ، ئىتقاد نىمىشقا شۇ دەرىجىدە سۇسلاپ كەتتى ؟ ئەجىبا بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇنداق ئېسىل ئەنئەنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتۇقمۇ ياكى ھەممىنى « تەرەققىيات» قا ئارتىپ قويۇۋاتامدۇق ؟ مىنىڭچە تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئەخلاق - پەزىلەتنى ، شەرمىي - ھايانى چەتكە قاقمايدۇ ، تەرەققىيات ھەرگىزمۇ كىيىم - كىچەكلەرنىڭ قىسقىراپ كىتىشىنى ، مىھىرى - موھەببەتنىڭ سۇسلاپ كىتىشىنى ، شەرمىي - ھايانىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ ھەم خالىمايدۇ .ئەكسىچە ئەخلاق - پەزىلىتمىزنىڭمۇ« تەرەققى » قىلىپ تېخمۇ موكەممەللىشىنى ، كىشلەرنىڭ تېخمۇ ئىناق بولۇپ بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشىنى ، جەمئىيەتنىڭ تېخمۇ مىھىر - موھەببەتكە تولىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .............
    ئۆز ئەخلاقىمزنى ، ئىتقادىمىزنى مۇستەھكەملەيلى ، باشقىلار ئالدىدا يەرگە قارىمايمىز ، باشقىلار ئالدىدا بېشىمزىنى تىك تۇتالايمىز ، ھەركىتىمىز بىمالال بولىدۇ ، باشقىلار ئالدىدا ئۇياتقا قالمايمىز ...........ئۆز ئەخلاقىمز ئارقىلىق پەرزەنىتلەرگە ئۈلگە بولايلى ، شۇندىلا پەرزەنىتلىرىمىز بىزدىن ھېيقىدىغان ، بىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ، گىپمىزنى يىرمايدىغان  ، ئاخىرىدا بىزنى قاقشاتمايدىغان ........بولىدۇ .ئۆز پەزىلىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلايلى ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىىشىپ ، قاتارغا قوشۇلالايمىز ، مىھىرى - موھەببىتمىز ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەيلى ، شۇندىلا باشقىلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللقىلىقنى ھىس قىلدۇرالايمىز ، دۇنيا ئىللىقلقا تولىدۇ . سەۋرىچانلىقىمز بىلەن باشقىلارغا موئامىلە قىلايلى ، شۇندىلا تالاش - تارتىش ئاز بولىدۇ ، مىھرىبانلىقىمىز بىلەن باشقىلارغا تەسەللىي بىرەيلى ، باشقىلار دۇنيانىڭ گۈزەللىكنى ھىس قىلسۇن ، قولىمىزىدىن كىلىشچە باشقىلارغا يارىدەم قولىمىزنى سۇنايلى ، بىر ئادەم بولسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرسۇن ، شەرمىي - ھايا بىلەن ياشايلى ، شۇندىلا يېڭى تاڭلار ئېتىپ ھەربىر كۈنىمىز يېڭى مەنالارغا تولۇپ ،ئۆزىمز ۋە باشقىلار خۇشال - خۇرام ياشايدۇ.........دۇنيا شۇندىلا تې‍خمۇ گۈزەل تۇيۇلىدۇ .............................
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.