قىز-يىگىتنىڭ مەيلى بارمۇ؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-02 22:34:20

قىز-يىگىتنىڭ مەيلى بارمۇ؟ئابلاجان تۇردىئاشىق-مەشۇقلار مەلۇم توسالغۇ سەۋەبىدىن ۋىسالغا يېتەلمىگەندە، قېچىشىپ كېتىپ ئەر-خوتۇن بولىدىغان ئىشلار بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئىكەن. دەۋر ئۆزگەردى، قىز ئې...



    قىز-يىگىتنىڭ مەيلى بارمۇ؟


    ئابلاجان تۇردى




    ئاشىق-مەشۇقلار مەلۇم توسالغۇ سەۋەبىدىن ۋىسالغا يېتەلمىگەندە، قېچىشىپ كېتىپ ئەر-خوتۇن بولىدىغان ئىشلار بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئىكەن. دەۋر ئۆزگەردى، قىز ئېلىپ قېچىش ئۇسۇلى ئۆزگەردىمۇ؟

    چەت-ياقا بىر يېزىدا مۇنداق ئىش بوپتۇ: راخمان بىلەن ئالىيەنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويماقچى بولۇپتۇ. تويلۇقمۇ بېرىلىپتۇ. لېكىن، ئالىيە راخمانغا ياتلىق بولۇشقا قەتئىي قوشۇلماپتۇ، تويلۇق قايتۇرۇلۇپتۇ. ئالىيەگە ئۆيلىنىىدىغان بولدۇم دەپ ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن راخمانغا ئەلەم بوپتۇ، «ئالىيەنى ئالغىنىم ئالغان، ماقۇل بولسىمۇ ئالىمەن، ماقۇل بولمىسىمۇ ئالىمەن» دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. راخمان بىر قانچە ئاغىنىسىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋاتقان ئالىيەنى موتسېكىلىتقا تاغار ئارتقاندەك بېسىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئالىيە يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، تېپىچەكلەپتۇ، قول-پۇتلىرى زەخمىلىنىپتۇ. راخماننىڭ ھەمدەمچى ئاغىنىلىرى پىكاپ كىرا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئالىيەنى پىكاپقا بېسىپ، قوشنا ناھىيىگە يۈرۈپ كېتىپتۇ. ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە كەپتۇ. ئالىيە قۇتقۇزۇلۇپ، راخمانلار تۇتۇلۇپتۇ. ساقچىلارغا رەھمەتلەر ئېيتىلىپتۇ. راخمان سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ. قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ. راخماننىڭ ئىنسابى بارىكەن، ئاسىيە يالۋۇرۇپ تۇرىۋالغاچقا، ئالىيەگە چېقىلمىغان ئىكەن. چېقىلىپ قويغان بولسا، ئۆيلىنىمەن دەپ، باسقۇنچى جىنايەتچى بولۇپ قالاركەن.
    بۇ دېلو بىزنى نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.

    يېڭى زاماندا ياشاۋاتىمىز، نىكاھ ئىشلىرىغا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار چات كېرىۋالىدىغان ئىشلار قالمىدى، دەپ ئويلامسىز؟ بۇنداق ئىشلار بۇرۇن بولغان ئىكەن، ھازىرمۇ بار، تۈگەپ كەتكىنى يوق. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تويلۇق تەلىپىنى ئورۇنلىيالماي، قىز-يىگىتلەر مۇراد-مەقسىدىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىشلار خېلى كۆپ.

    نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا، ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد. يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىغا « دەللال»، «ۋاسىتىچى»لار ئارىلىشىدۇ. ئالدىن بېيىغان بەزى كىشىلەر خوتۇنىنى قىزلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، ئاشنا ئويناش، خىللاشتۇرۇش، توي قىلماي تۇرۇپ بىللە ئۆتۈشنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەت، بەخت ئۆلچىمى قىلىۋالغان. قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىدە ئەر قايتىدىن قىز ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئايالىنى يەتتە بالا بىلەن قويۇۋەتكەن. بۇ كىشى شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئولتۇراق ئۆيلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ، ئايالى بىلەن بالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

    نىكاھ ئەركىنلىكى موشۇنداق بولامدۇ؟ نىكاھ ئەركىنلىكى دېگەندە، قورامىغا يەتكەن پۇقرا ئۆزىنىڭ نىكاھ مەسىلىسىنى مۇستەقىل، ئىختىيارىيلىقى بىلەن قارار قىلىش، ھەرقانداق كىشىنىڭ مەجبۇرلىشى ياكى ئارىلىشىۋېلىشىنى چەتكە قېقىش ھوقۇقىدۇر. نىكاھلىنىش ئەركىنلىك، ئاجرىشىشمۇ ئەركىنلىك، لېكىن بۇ مۇتلەق ئەمەس. نىكاھ ئىختىيارىي بولۇش، ئاجرىشىشمۇ ئىختىيارىي بولۇش زۆرۈر، لېكىن ھازىر ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران قالىسىز، توي قىلىپ بىرەر ئاي بولا-بولماي ئاجرىشىدىغانلا بار، توي قىلغىنىغا 30-40 يىل بولۇپمۇ ئاجرىشىدىغانلار بار. ئاجراشقاندا پەزرەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى، ئىستىقبالىنى، بەختىنى ئويلايدىغانلار ئاز.

    نىكاھ ئەركىنلىكىدە نىكاھ ئىشىنى نىكاھلانغۇچىلار ئۆزلىرى بەلگىلەش تەكىتلىنىدۇ. مەيلى ئاتا-ئانىسى، ئىدارە ياكى رەھبەرلىك بولسۇن، ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇنداق دېگەنلىك پەرزەنتلەر نىكاھلانغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىنى ئالمىسىمۇن، دېگەنلىك ئەمەس. پەرزەنتلەر نىكاھلانغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ، دوستلىرىنىڭ پىكرىنى ئالسا بولىدۇ، لېكىن، ئەگەر ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ نىكاھ ئىشىغا قوشۇلمىسا، نىكاھلانغۇچى قىز-يىگىت مۇستەقىل قارار قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار باشقىلارنىڭ نىكاھىغا زورلۇق ئىشلەتسە، چات كېرىۋالسا بولمايدۇ.

    بەزى ئادەملەر بار، پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھىغا چات كېرىۋالىدۇ، نىكاھتا سودىلىشىدۇ، نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرىۋالىدۇ، نىكاھلىنىشقا ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلايدۇ، يەنە بەزى ئادەملەر ئۇرۇش، باغلاش، ئېسىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىش، سولاپ قويۇش، بۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نىكاھلىنىشقا ياكى ئاجرىشىشقا زورلايدۇ. بەزىدە سوۋغا-سالام ۋە تويلۇق قىز تەرەپ تەلەپ قىلغاندەك بولمىسا، نىكاھ توي كۈنى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن.

    نىكاھ ئەركىنلىك ھوقۇقى ئادەتتىكى ھوقۇق ئەمەس، مۇھىم ھوقۇقلارنىڭ بىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى، پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى قاتارلىق خەلقئارا قانۇن-ئەھدىنامىلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، نىكاھ قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملىرىدا نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئائىت ئېنىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.