كامىل ئەپەندىگە يېزىلغان خەت(4)

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:56:00

تۆتىنچى خەت مەن ئۈچۈن قەدىرلىك كامىل ئەپەندىگە، قۇلىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام، سىزدىن خەت كەلمىگىلى 6 ئايدىن ئاشتى. مەن بۇنى قالايمىقان دەۋردىكى پوچتىنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ئويلاشقىلا تىرىشىمەن...

    تۆتىنچى خەت

       مەن ئۈچۈن قەدىرلىك كامىل ئەپەندىگە، قۇلىڭىز قاسىم ئاخۇندىن سالام،
       سىزدىن خەت كەلمىگىلى 6 ئايدىن ئاشتى. مەن بۇنى قالايمىقان دەۋردىكى پوچتىنىڭ سەۋەنلىكى دەپ ئويلاشقىلا تىرىشىمەن، مەندەك بىر قۇلىڭىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويدىمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا سىزگە خەت ئەۋەتىشنى خالاپ قالدىم.
        ئۆتكەنكى خېتىمدە ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى تىلغا ئالغانتىم، بۇ قېتىم ئەمدى ئىككى ئىش توغرىلىق سىزگە بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن. بىرىنچىسى، ئۇلۇغ ئاللانىڭ شاپائىتى بىلەن ئاچام بىر ئوغۇللۇق بولدى. سىزمۇ بىلىسىز، ئاچام ئىستامبۇلدا تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقتىدا فرانسۇزچىنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگەنگەن قۇتلۇق ئاخۇن بىلەن توي قىلغانىدى.
       ئادەم بالىلىق بولسا، كەمبەغەل چېغىدا ئۆزىنى ناھايىتى باي چاغلايدۇ. ئېغىر ئاياق بولغان ئاياللارمۇ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز:«جەننەت ئاياللارنىڭ ئايىقى ئاستىدا» دېگەنىكەن.
       مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ ئېغىر ئاياقلىقىنى بىرقانچە قېتىم پەرەز قىلغانىدىم. بىر قېتىم ئۇ كىچىك سېغىز لاينى چايناپ تۇرۇپتىكەن، يەنە بىر قېتىم ئۇ ئۆگزىدە جىن بار دەپ پەقەت شوتىغا چىققىلى ئۇنىمىدى. بۇ چاغلاردا ئۇ ئانارنى كۆپ يەيدىغان ۋە سۈيىنى كۆپ ئىچىدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئانار قوساقتىكى بالىغا قان تولۇقلارمىش. بالا تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا ، بىرقانچە ئاياللار ياردەمگە كېلىپ تولغاقتا بىرگە بولىدۇ. بالا دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن يۇيۇندۇرىلىدۇ، لېكىن قىرىق كۈنگىچە بالا بىلەن ئانىسى ئىككىسى يۇيۇنمايدۇ. ئۇلار ياتقان كارۋاتنىڭ بېشىغا قۇرئان ئېسىپ قويۇلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئىككىنچى كۈنىلا بالا ياڭاق، شىكەر ۋە نان بىلەن ئېغىزلاندۇرىلىدۇ. ئاندىن بالىغا كىيىملەر تىكىلىدۇ، لېكىن كىيىمنىڭ ئېتىكى پەرلەنمەيدۇ، بولمىسا بالىنىڭ ئايىقى تېز چىقمايدۇ دەپ قويىدىغان گەپ بار.
        40 كۈندىن كېيىن ئاچامنىڭ بالىسىنى بۆشۈككە سالدى. بالىنىڭ دوپپىسىغا، كىيىمىگە ۋە بۆشۈكنىڭ ياغىچىغا نۇرغۇنلىغان تۇمارلار پۈتۈلدى. بالا بۆشۈككە چىڭ قىلىپ تېڭىلدى، بالا تاماق يىگەندىمۇ ئانىسى ئۇنى قولىغا ئالماي تۇرۇپلا ، بۆشۈككە ئىڭىشىپ تۇرۇپ ئىمىتەتتى. شۇنداق قىلىپ بالا چوڭ بولۇپ4-6 ياشقىچە بولغاان ئارىلىقتا مەكتەپكە كىرىدۇ، قىزلار 8-12 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالاغەتكە يەتتى دەپ قارىلىدۇ. بايراق ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرى بولسا 14-16 ياشلاردا ئۆيلىنىدۇ.
       مەن سىزگە ئۆتكەنكى خەتلىرىمدە زوراخان بىلەن قانداق تونۇشقىنىمنى ۋە ئۇنىڭ چولپاندەك كۆزلىرى، ئاناردەك يۈزلىرىنىڭ يۈرىكىمنى كۆيدۈرگىنىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. لېكىن مەن تۇققانلىرىمنىڭ مېنىڭ بۇ ئىشىمغا قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ جەمەتنىڭ ئادىمى ئەمەسىدى.
       كېيىن ئۆگەي ئانام، ئىنىك ئانام ۋە تاغىلىرىمنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئەرلىرىنى بۇ ئىش توغرىسىدا قايىل قىپتۇ. ئۇلار ئۇ قىز ياخشى قىزكەن ھەم باي ئائىلىنىڭ قىزىكەن، بۇ قېتىم ئالاھىدە قائىدىنى بۇزۇۋېتەيلى دىيىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ،  ئۇلار زوراخاننىڭ ئائىلىسىگە بىر ئەلچىنى سوۋغا- سالاملار بىلەن ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ئەلچى ئوبدان قارشى ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆگەي ئانام ۋە ئاچاممۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توي ئىشى توغرىلىق سۆزلىشىپ كەپتۇ. بىز تەرەپتىن كېلىنچەككە تويلۇققا مەرۋايىت كۆزلۈك بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، بىر جۈپ ئالتۇن بىلەيزۈك، ئىككى دانە قەھرىۋا مارجان، بىر دانە كۈمۈش بۇلاپكا، ئىككى جۈپ ئاياق، ئىككى قۇر كىيىم، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر دانىسى يىپەكتىن قىلىنغان ، ۋە يەنە بىر دانا ئالتۇن كوكۇلىلىق دوپپا، ئۇندىن باشقا يەنە بىرمۇنچە گىلەم، ئورۇن-كۆرپىلەرنى سالغان ئىدى، مەن بۇلارنى شۇ كۈنىلا ئاچامدىن ئاڭلاپ بولغانىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن دادام مېنى چاقىرىپ، كەلگۈسۈم توغرىلىق پاراڭلاشتى ، ئاخىرىدا سۆزىنى پەيغەمبەرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاياقلاشتۇردى. «ئىسلام قۇدرەتلىكتۇر، مۇسۇلمان خوتۇن ئالساڭ كۆزۈڭنى ياشارتىپ، بارلىق ئارزۇ ئۈمىدلىرىڭگە ئېرىشتۈرىدۇ، ۋە ئۆي مۈلۈك ، بايلىقلىرىڭنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ» دىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتتىم.
       مەن ئاچام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاياللار بار ھويلىغا كىرسەم، ئۇ يەردە ناتونۇش ئادەملەر كۆپىيىپ كېتىپتۇ. مەن ئەمدى دەرۋازىدىن بۇرۇلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىنىك ئانام ئۇچرۇشۇپ مېنى ئۆگەي ئانامنىڭ مېھمانخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئۇ يەردە مېنىڭ بولغۇسى كېلىنچىكىم ، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە باشقا بىرقانچە ئاياللار ئولتۇرىشاتتى. ئۆگەي ئانامدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىلەن سالاملاشتى.
        زوراخاننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنغانىدى. مەن ئۆينىڭ قارشى تەرىپىدىكى تام تەرەپتە ئولتۇردۇم. داستىخاندا نان ۋە بىر قاچىدا تۇزلۇق سۇ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن بىزگە چاي ئىچكۈزگەن بولاتتى. مېنىڭ كېلىنچىكىم باشتىن ئاخىر يۈزىگە چۈمبەل تارتىپ ئولتۇراتتى. بەزى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ چېيىدا كېلىنچەك چۈمبەلسىزمۇ ئولتۇرسا بولاتتى، چۈنكى ئۇلار بەرىبىر كوچىغا چىققاندىمۇ چۈمبەلسىز يۈرىدۇ دەپ قارىلاتتى. ئاخىرى زوراغا ئېرىشكىنىمدىن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. لېكىن سىز بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكى ھەممىدىن كۈچلۈك كېلىدۇ.
    ماڭا تېزرەك خەت يازارسىز. سىزنى كۈتىمەن.

     1332-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ 26-كۈنى، قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق