ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەزى

يوللىغۇچى : ئابرال يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-01 15:37:00

ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەزى ئىلى رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بىرى. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تارى...

       ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى بەزى

     

           ئىلى رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بىرى.  بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەردانە قەيسەر ئىرادىسى، جاراڭلىق ناخشىلىرى، خۇشخۇي يۇمۇرىستىك خاراكتېرى، مېھماندوستلۇقى، گەپدانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى «تارانچىلار» دەپ ئاتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ناھىيىسى،قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى قاتارلىق جايلىرىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان.

          ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى»دېگەن نامى ھەققىدە يېقىنقى زامان تارىخىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇشى، ئۆزلىرىگە قوشنا ئەل رۇسىيىگە يېقىن بولۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۆزبېك، تاتار، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە خاس بولغان يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

              ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىئالېكتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدىكى خۇشخۇيلۇق، تېتىكلىك، مەردانىلىك، مەردلىك، گەپ سۆزلىرىدىكى ھازىر جاۋابلىق، يۇمۇرلۇق بولۇشتەك خاراكتېر ئالاھىدىلىكى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۇيغۇر توي –مۇراسىملىرى ئىچىدىكى بىرقەدەر خاسلىققا ئىگە بولغان مۇراسىملاردىن دېيىشكە بولىدۇ .

         مەن بۇ ماقالەمدە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىلى يېزىلىرىدا ئۆزۈم قاتناشقان ھەم باشقىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-ئادەتلىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.

            ئۆيلىنىش ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى. ئۇ تارىختىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەر تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ مۇجەسسىمى ھېسابلانماقتا. ئىنسانلار ئۆمرىدىكى مۇراسىملارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە داۋاملىشىشىدىن قارىغاندا، توي مۇراسىمىنىڭ شەكلى ۋە قائىدە-يوسۇنى ئەڭ مۇستەھكەم بولۇپ، ۋارىسچانلىقىمۇ ئەڭ ئۇزۇندۇر. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتىدىن قارىغاندا،ئۇيغۇرلاردا ئومۇمەن ئۆز مىللىتى ئىچىدىن نىكاھلىنىش تەكىتلىنىدۇ، مۇبادا يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ چوقۇم ئوخشاش دىنى ئېتىقادتا بولۇش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلانغان ئەمما بىر خىل دىنى ئېتىقاتتا بولمىغان بولسا،يات مىللەتتىن بولغان كىشى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا كىرىشى، ۋە ئۇيغۇرلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئېتىقات ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ.
              ئەنە شۇ خىل قاتتىق چەكلىمە بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، گەرچە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەن ھالەتتىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ خاس مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەلمەكتە. يېقىنقى مىڭ يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاسىيا رايونىدا كوپ قېتىملىق سىياسى ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەر ئارا ئۇرۇش-يەغىلىقلار بولۇپ ئۆتتى. ئالايلۇق مىلادى 840- يىللىرى ئەتراپىدا تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىنىش، سىرتقى جەھەتتىن قىرغىزلار ۋە تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش يېغىلىقلار سەۋەبىدىن يىمىرىلگەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى غەربكە كۆچۈپ مەركىزى ئاسىيا رايونىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ،مۇشۇ جايدا ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەردىن سوغدلار،ساكلارنىڭ تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن تۈركلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.

         مىلادى 852-يىلى قۇرۇلغان قارا خانىلار خانلىقى مىلادى 1212 – يىلى قارا خىتايلار (كىدانلار ) تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىپ كېيىن موڭغۇللار ئىستېلاسىغا ئوتكەن ئاز كەم 500 يىللىق ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئۆز ئېتىقادى، تىلى، ۋە تۈرلۈك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاپ قالغىنى ئۇچۇن ئاشۇ يىللاردىمۇ قارا خىتايلار ۋە موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالدىكى ھەرگىزمۇ ئۆزى باشقا يات مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كەتمىدى! مانا بۇ ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر قاچان پەقەت ئۆزىنىڭ تىل ئادىتى، ئېتىقادى ۋە خاس ئورپ ئادىتىنى ساقلاپ قالالايدىكەن بۇ مىللەتنىڭ تارىخ بېتىدە مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

           ئۇيغۇرلاردا نىكاھلىنىش يېشى ئومۇمەن ئوغۇللار 16 – 17 ياشلاردا، قىزلار 15-16 ياشلاردا بولغان،مەيلى قەدىمقى دەۋرلەردىكى شامان دىنى ئېتىقادى دەۋرى بولسۇن ياكى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى مەزگىلىدە بولسۇن ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل نىكاھلىنىش ياش چەكلىمىسىدە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەپلەرنىڭ قىزلار 9 ياشتا، ئوغۇللار 11-12 ياشتا بالىغ بولىدۇ دېگەن ئەقىدىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلاردا بىر مەزگىل كىچىك توي قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. 1949 – يىلدىن كېيىن يېڭى نىكاھ قانۇنىدا توي قىلىش يېشى 18 ياش دەپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، 18 ياشقا تولماي توي قىلىدىغان ئادەت ئاساسەن چەكلەندى، ئەمما تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەت يېزا كەنتلەردە قىزلار 15-16 ياشقا تولماي ھەتتا 13-14 ياشتىلا توي قىلىدىغان ئادەتلەر ھېلىمۇ مەۋجۇد ئىكەن، مەن 2004-يىلى 7-ئايدا ۋە 2005- يىلى 8- ئايدا دەرس ئۆتۈش سەۋەبى بىلەن ئۇدا ئىككى قېتىم يەركەن شەھىرىگە بارغىنىمدا مانا مۇشۇ ياشتىكى قىزلارنىڭ ئاتا –ئانىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ياشتىكى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم، شۇ يەردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ھۆكۈمەت نېمە ئۇچۇن بۇ خىل قىلمىشنى توسمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ ئوقۇۋېرىپ “يولدىن چىقىپ كەتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۇچۇن، قىزلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇتۇپلا مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ، ئەرگە بېرىۋېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇلاردىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ «توي خېتى»(نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ) كېسىپ بېرەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا بۇ كىشىلەرنىڭ توي خېتى ئالمايدىغانلىقى،ئاساسەن نىكاھ ئوقۇتۇپلا (مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەت قانۇنىدىكى توي قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش مۇراسىمى )قىزلىرىنى تالالىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خەت ئېلىشقا توغرا كەلسىمۇ ئورنىغا يېشى چوڭراق باشقا بىرىنى كۆرسىتىپ توي خېتى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئامالسىز خەت كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىگىنى دىيىشتى. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇنداق 13-14 ياشتا نىكاھلىنىدىغان ئەھۋال ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ئىلى يېزىلىرىدا 15 -16 ياشلاردىكى قىزلارنىڭ ئۆزى ياخشى كورگەن يىگىتلىرى بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلىدىغان ئەھۋال خېلى كوپ ئۇچرايدۇ، بۇ جەھەتتە تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالاھىدا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ بىز ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىمىزدا بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمىز.

              ئۇيغۇرلاردا يېقىن تۇققانلار ئارا توي قىلىش چەكلىنىدۇ، تۇققانلار ئارا توي قىلىشقا توغرا كەلسە قانداش جەھەتتىن ئۇچ ئەۋلات يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ (ئەمما بايلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىمىلدەش (بىر ئانىنى ئىمىپ قالغان ) بولمىسىلا، نەۋرىلەر ئارا توي قىلىشقا يول قويۇلغان. ئۇيغۇرلاردا ئەر ياكى ئايال ۋاقىتسىز قازا تاپقاندىن كەيىن، تۇل قالغان تەرەپ قايتا توي قىلىشنى ئىختىيار قىلسا ئۇنىڭغا يول قويىلىدۇ، لېكىن ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئاز دىگەندە 100كۈن ئىددەت تۇتۇش شەرت قىلىنىدۇ.(بۇ شەرت ئاساسەن تۇل قالغان ئاياللارغا قويۇلغان بولۇپ، ئەرلەر ئۇششاق بالىلار بىلەن بويتاق قالسا خوتۇنى ئولۇپ 40 كۇندىن كەيىن قايتا ئويلەنسە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ .) ئەر بىلەن ئايال تۇرمۇشتا چىقىشالماي ئاجرىشىپ كەتسىمۇ چوقۇم 100كۇن يەنى ئۇچ ئاي 10 كۇن ئىددەت تۇتىشى شەرت جىلىنىدۇ، بۇ خىل ئادەتنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەپ ئايالنىڭ ئۆز ئەرى بىلەن بىللە تۇرغان مەزگىلىدە ھامىلدار بولغان ياكى بولمىغانلىغىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن بولسا كېرەك.
    ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قىز بىلەن يىگىتنىڭ تويى ئومۇمەن ئەلچى كىرگۈزۈش، توي قىلىشقا كېلىشىش، توي سېلىقلىرىنى سېلىپ بېرىش، توي مېلى كىرگۇزۇش،
    نىكاھ ئوقۇش، قىزنى ئۇزۇتۇش، يىگىتنىڭ ئويىدىكى مەرىكە، ۋەچىركا، چىللاق ھاردۇق چاي قاتارلىق جەريانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. تۆۋەندە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مەرىكىسىدىكى بۇ جەريانلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

    1. ئەلچى كىرگۈزۈش:

               بۇ ئۇيغۇرلاردىكى يىگىت تەرەپنىڭ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تويغا بولغان رازىلىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىز تەرەپكە شۇ يۇرتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىنى ئەۋەتىپ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىلى رايونىدا قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشى ئاساسەن ئومۇملاشقان بولۇپ، ئوتكەن ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىلا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ياشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ئادىتى شەكىللىنىپ بولغان، بۇ بەلكىم ئىلى رايونىدا پەننى مائارىپىڭ جەنۇب ئۇيغۇرلىرىغا قارىغاندا بىرقەدەر بالدۇر ئومۇملاشقانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بولۇپمۇ 30 – يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىننىڭ يۈرگۈزگەن قىزىل تېررورلۇق ھەرىكىتى بۇ چېگرا شەھىرىگە ستالىننىڭ قىزىل تېررورلىقىدىن قاچقان رۇس، تاتار ۋە 1881 – يىلى رۇسىيە زېمىنىغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەپ ئىلى رايونىغا قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنىنى قوزغىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇلار غۇلجا شەھرى،ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ جېلىيۇز، پانجىم، تۇرپانيۇز، نوغايتۇ، مولتوھتىيۇز، ئويمانبايتوقاي يېزىلىرى ؛ چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي، قاينۇق، قوغۇنچى يېزىلىرى ؛نىلقا ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا رۇسىيە تەۋەسىدىن نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر كۆچۈپ كەلگەن . ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ نىڭ ئائىلىسىمۇ مۇشۇ قېتىملىق چوڭ كۆچۈشتە ئىلى رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىلى رايونىدىكى ئەينى چاغ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچىسى زوردۇن. سابىر "ئانا يۇرت" رومانىدا تولىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى .شۇڭا ئىلى رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا بىر قەدەر قوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ، ئۇلاردىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يېڭىچە يۈكسىلىشكە ئىگە بولغان .بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، ئەينى يىللاردا غۇلجىدا نۇرغۇنلىغان پەننى مەكتەپلەر قۇرۇلغان بولۇپ، شەھەردىكى گىمنازىيىلەردە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ) قىز – يىگىتلەر ئارىلاش ئوقۇيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولغان ( زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت» رومانىغا قاراڭ ).

       ئىلى رايونىدا ئەلچى ئاساسەن يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا –ئانىنىڭ رايىنى سىناش ئۇچۇن ئەۋەتىلىدۇ .بۇنداق ئەلچى قىز بىلەن يىگىتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئەگەر ئاتا –ئانا بۇ تويغا رازىلىق بەرسە قىز بىلەن يىگىت توي قىلالايدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تويدا قۇدىلار ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىپ ئەلچىلىك قىلىدىغان يەنە بىر ئەلچى بولۇپ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر تۈركولوگى مەھمۇت قەشقىرى <>دا ئۇلارنى “ساۋچى ”دەپ ئاتىغان، (3-توم، 211-بەت )بۇنداق ئەلچىنى ئاۋال ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسى تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە قىز تەرەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇ قىز تەرەپكە بېرىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئوغۇل تەرەپنىڭ مەقسىتىنى ناھايىتى سىلىق سىپايىلىك ۋە ھۆرمەت –ئەكرام بىلەن يەتكۈزىدۇ .قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇنىڭغا قوشۇلۇش ياكى قوشۇلماسلىق ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرىدۇ .ئەگەر قوشۇلسا يىگىتنىڭ ئەلچىسىگە : “ئەگەر ئاللاتائالا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، بىز رازى ”دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىدۇ، ياكى مەلۇم ۋاقىت ئويلىشىپ جاۋاب بېرىشنى ئېيتىپ ئەلچىنى يولغا سالىدۇ، ئەلچى تاكى ئېنىق جاۋاب ئالغۇچە قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرىدۇ .شۇڭا ئۇيغۇرلاردا “قىزى بارنىڭ نازى بار ” “قىزنىڭ ئالدىغا توققۇز تازىمغا بېرىپتۇ ئئ “قىزنىڭ ماقۇل جاۋابىنى ئالماق شەھەر ئالماقتىنمۇ تەس ”دېگەندەك ماقاللار تارقالغان .ئادەتتە ئەلچى قىزنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ تويغا بولغان ماقۇل جاۋابىنى ئېلىش ئۇچۇن قىزنىڭ ئۆيىگە ئۇچ قېتىم ئەلچىلىككە بارىدۇ، قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى قوشۇلماي تۇرۇۋالسا توققۇز قېتىم بارىدۇ .قىزنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ قىزىنى بۇ يىگىتكە بەرگۈسى بولمىسا :
           “قىزىمىز تېخى كىچىك ئىدى، قىزىمىزغا دېيىشىپ قويغىنىمىز بار ئىدى ”دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئەلچىسىنى رەت قىلىدۇ . ئوغۇل تەرەپ ئۆز نىيىتىدىن يانماي داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىۋەرسە، قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسىغا ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك توي سېلىقىنى سېلىپ، ئوغۇل تەرەپنى رايىدىن ياندۇرماقچى بولىدۇ .ئوغۇلنىڭ ئاتا –ئانىسى ئوغۇلغا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئوغلىنى بۇ تويدىن ياندۇرماقچى بولىدۇ، ئەگەر ئوغۇل نىيىتىدىن زادىلا يانمىسا ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى قويغان زىيادە ئېغىر شەرتنى ئادا قىلىپ بۇ توينى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .ئىلى رايونىدا شۇنداق بىر ئادەت بولۇپ، ئەگەر قىز بىلەن يىگىت توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئەمما قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇ تويغا رازىلىق بەرمىسە، يىگىت قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن دوست –ئاغىنىلىرىنىڭ ياردىمىدە قىزنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ يىراق جايدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىدۇ، بۇنى كىشىلەر ئادەتتە ئەيىبلەپ كەتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى ناھايىتى رەنجىيدۇ، قىزنىڭ قېچىپ كەتىشى ئۇلار ئۇچۇن ئۆز ئابرۇيى تۆكۈلگەنلىك دەپ قارىلىپ كۆپىنچى چاغلاردا ئۆز قىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ .يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىسى قىز بىلەن يىگىتنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە يەنە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەگەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىلا قوشۇلمىسا ئۇ چاغدا يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆز ئالدىغا يۇرتقا داستىخان سېلىپ بۇ توينى قىلىدۇ . ئەلۋەتتە قىز بىرەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا –ئانىسى قىزىنى كەچۈرۈۋېتىدۇ .قۇدىلار ئارا نورمال مۇناسىۋەت ئەسلىگە كېلىپ ئۆز –ئارا بېرىش –كېلىش قىلىشىدۇ .يەنە بەزى ئاتا –ئانىلار قىزنىڭ قېچىپ كەتكەن يېرىنى تېپىپ ئۆز قىزىنى ئېلىپ كېتىدۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا يىگىت ئاسانلىقچە ئۆز رايىدىن يانمايدۇ، ياخشى كۆرگەن قىزىنى بىرنەچچە قېتىم ئېلىپ قېچىش ئىلى ياشلىرى ئارىسىدا يىگىتنى جىگەرلىك، قەيسەر يىگىت ئىكەن دېگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ .مېنىڭ دادامنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاپامنى توققۇز قېتىم ئېلىپ قاچقان ئىكەن، چوڭ دادىمىزنىڭ جاھىللىقىغا ئامال قىلالمىغان چوڭ ئاپامنىڭ دادىسى ئاخىرى قىزىنى چوڭ دادامغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن، ئۇلار كېيىن توققۇز ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپ مېھرى مۇھەببىتى بىلەن تولىمۇ بەختلىك ياشىغان ئىكەن، 1980- يىلى چوڭ دادام ئۆلۈپ كەتتى ئەمما چوڭ ئاپام بۇ يىل 81 ياشتا ھېلىمۇ ناھايىتى تىمەن تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا ھېلىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى سۈپىتىدە سۆزلىنىپ تۇرىدىكەن .ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى ھېلىمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بار ئىكەن . ياش ئانىلار ئۆز ئوغۇلىرىنى ئەركىلەتكەندە “ئوغلۇم چوڭ بولغاندا قىز ئېلىپ قېچىپ كەلگىن جۇمۇ !-دەپ ئەركىلىتىدىكەن . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئېلىپ قاچالىغان يىگىت مەرد غۇرۇرلۇق يىگىت سانىلىپ ياشلار ئارىسىدا ھۆرمەتلەنگەن .ئەمما قەشقەر، ھوتەن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا قىزنى ئېلىپ قېچىش ئادىتى يوق ئىكەن.

          2. رەھمەت –تازىم :(توي قىلىشقا كېلىشىش )

    ئەلچى قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ توي قىلىشقا كېلىشىدۇ . يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىسى قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ تويغا ماقۇل بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى دوستلىرىنى ئېلىپ، قىزغا ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا سوغاتلارنى ئېلىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە تونۇشۇشقا بارىدۇ .ئىلى رايونىدا بۇ ئادەت “ رەھمەت – تازىم ” دېيىلىدۇ، توينىڭ بۇ باسقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلىشقا رەسمىي كېلىشكەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بۇنى “كىچىك چاي ئدەپ ئاتىسا
    ئاقسۇدا “ داستىخان تاشلاش ”، قەشقەردە “ مەسلىھەت چاي ”، خوتەندە “قىز كۆرۈش ”، دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتايدۇ .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن
    “ رەھمەت – تازىم ”تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ توي قىلىشقا رەسمىي پۈتۈشكەن بولىدۇ . شۇ كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئايرىم ئۆيگە چىقىپ، قىزنىڭ تويلۇقى ۋە يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە بېرىدىغان “ ئاش سۈيى ” توغرىسىدا كېڭىشىپ بېكىتىدۇ .ئەگەر قۇدىلار ئۆزارا يېقىن بولۇپ تويلۇقنى يەڭ ئىچىدە كېلىشىۋالغان بولسا قايتا مەسلىھەت قىلىشنىڭ ھاجىتى تۇغۇلمايدۇ.

          ئۇيغۇرلاردا قىز تەرەپنىڭ تويلۇقى ئۇچۇن زىيادە مال تەلەپ قىلىش ئادىتى يوق
    ئاساسەن ھەر كىم ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا يارىشا تويلۇق ئالىدۇ . قىزنىڭ تويلۇقى كۆپىنچە ھاللاردا قىزغا كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئېلىش،قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قىزنى باققان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يىگىت تەرەپ بىر كىيىملىكتىن رەخت ئېلىش بىلەن چەكلىنىدۇ . قازاقلاردا بولسا قىز تەرەپكە “ قالىن مال ” (زور مىقداردىكى پۇل بېرىشى ) ئادىتى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا تويلۇق ئۇچۇن زىيادە كوپ مۈلۈك تەلەپ قىلىشنى “قىزنى ساتقانلىق”دەپ ئەيىب كۆرىدۇ، ئەمما قىز بىلەن يىگىتنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان چاغدا، يىگىت تەرەپنىڭ ۋەكىلى بىلەن قىز تەرەپنىڭ ۋەكىلى تالاش –تارتىش
    قىلىش ئارقىلىق قىزنىڭ مېھرى ھەققىنى بەلگىلەيدۇ بۇ ھەق ناھايىتى ئاز مىقداردىكى پۇل بولۇپ، ئادەتتە 51 تەڭگىدىن ھىساپلىنىپ 103 ياكى 105 تەڭگە دەپ بېكىتىلىدۇ .

             مېھرى ھەققى ئېلىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن قالغان ئادەتلەردىن بولۇپ بۈگۈنكى زاماندىمۇ قىز بىلەن يىگىتنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان چاغدا مېھرى ھەققى بەلگىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇ ئادەت بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، قىزنىڭ مېھرى ھەققىنى توي كېچىسى ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت قىزغا بولغان رازىمەنلىكى ھەم مۇھەببىتى سۈپىتىدە قىزغا بېرىدۇ .ئەگەر يىگىت مېھرى ھەققىنى توي كېچىسى ئۆتۈپ بولۇپ بېرەلمىگەن بولسا ئايالىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ،كېيىنكى چاغلاردا بەرسىمۇ بولىدۇ، ئەمما شۇ ئۆمرىدە مەيلى قايسى چاغدا بولسۇن، مېھرى ھەققىنى چوقۇم بېرىشى شەرت .
    بۇ خىل ئادەت تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانچە تەكىتلەنمەيدۇ .

    3. ئاقلىق چاي (چوڭ چاي ):

             ئۇيغۇرلاردا قىز ھەم يىگىتنىڭ ئاتا –ئانىلىرى توي قىلىشقا كېلىشكەندىن كېيىن
    يىگىت تەرەپ خەيرلىك بىر كۈننى تاللاپ قىزنىڭ ئۆيىگە تويلۇق، ھەم توي كۈنى
    قىز تەرەپ مېھمانلارنى ئۇزىتىشقا لازىم بولىدىغان (ئاش سۈيى )يېمەكلىكلەرنى ئەكېلىدۇ .بۇ مۇراسىم ئىلى رايونىدا “ئاقلىق چاي ” دەپ ئاتىلىدۇ، باشقا جايلاردا بولسا “ چوڭ چاي ”، “ساندۇق توي ”، “ مال كىرگۈزۈش ”دېگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەمما خاراكتېرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ كۈنى قىزنىڭ ئۆيىدە خېلى چوڭ مەرىكە بولىدۇ .

            ئاقلىق قاي ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى يىگىت تەرەپ قىزغا 3 سانىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا ئۇيغۇرلاردىكى مۇكەممەللىكنىڭ سىمۋولى بولغان 9 سانىغا تولدۇرۇپ كىيىم ئەكېلىدۇ، يەنى باش كىيىم، ئۈستۋاش، ئاياق كىيىم ؛ يازلىق، كۈزلۈك قىشلىقكىيىم ؛ ئوي ئىچىلىك، تالالىق، مېھمانلىق كىيىم قاتارلىق ھەر بىرىدىن 3 قۇردىن جەمى 9 قۇر بولۇشى شەرت .قىزغا ئالىدىغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا ئالىدۇ، كىيىم-كېچەك ئالغاندىمۇ 3يەردە 3 جەمى 9 بولۇشقا ئەتىۋار قىلىنىدۇ، ئەمما كىيىمنىڭ باھاسى ئانچە سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان بولۇپ ھەر كىم ئۆز ھالىغا قاراپ تويلۇق ئالىدۇ .ئاش سۈيىمۇ 9 سانىنى بىرلىك قىلغان بولۇپ،تىرىك مال (چوڭراق قوي، ياكى بىر ئۆكۈز )، گۈرۈچ، ۋە ئوتۇن-كۆمۇر (ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئوتۇن –كومۇر ئاساسەن ئېلىنمايدىغان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە تويدا ئىشلىتىش ئۇچۇن تاتلىق-تۇرۇم پىشۇرۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىلى رايونىدا بۇ نەرسىلەر ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقانداق جايدىنمۇ جىق ئېلىنىدىكەن .بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى تارانچى دەپ ئاتىشىدىغان ئىلى دېھقانلىرى ئارىسىدا ئاش سۈيى ئەكىلىشتىن سىرت يىگىتنىڭ يېقىنلىرى توي كۈنى قىز تەرەپكە كېلىپ بىر كۈن ئىشلەپ بېرىدىكەن،
    1998- يىلى يازدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدىكى بىر تويدا مەن شۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما ئۈرۈمچى، قەشقەر، ھوتەن، كورلا، تۇرپان
    قاتارلىق جايلارنىڭ ھېچقايسىدا توي كۈنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئۆيىدە بىر كۈن مېھمان كۈتىدىغان ئەھۋالنى كۆرمىدىم، باشقىلاردىن سورىساممۇ ئۇلار بۇ خىل
    ئەھۋالنىڭ يوقلىغىنى ئېيتىشتى .تويغا تىرىك مال ئەكىلىش ۋە تويدا يىرىك مال سويۇش ئادىتىگە كەلسەك، بۇ ئادەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ
    ئادىتىدە بىر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلىسە كۆپىنچە چاغلاردا تىرىك مال ئولتۇرۇپ نەزىر قىلىدۇ مەيلى توي مەرىكىسى بولسۇن ياكى ئۆلۈم مەرىكىسى بولسۇن ۋە ياكى يېڭى بىر جان بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بولسۇن ئۇيغۇرلار ئىشنىڭ ئاخىرى
    خەيرلىك بولۇشىنى تىلەپ چوقۇم تىرىك مال سويۇپ نەزىر قىلىدۇ بۇ ئارقىلىق خۇدادىن ھەممە ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك، يۈرۈشلۈك بولۇشىنى تىلەيدۇ، شۇڭا توي كۈنى چوقۇم تىرىك مال سويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .بۇ ئەن-ئەنە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقات قىلىۋاتقان ئاشۇ قەبىلە تۈزۈمى دەۋرىدىلا بولغان ئىكەن.
    ئاش سۈيىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان قوي ياكى كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە قىزىل تاۋارنى چىگىپ تويى بولىدىغان يىگىتنىڭ بىرنەچچە ئاغىنىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ .قىز تەرەپمۇ توينىڭ ئاش سۈيىنى ئېلىپ كەلگەن ياشلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، يىگىتلەرگە توينىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قىز ئۆز قولى بىلەن ئىشلىگەن قول ياغلىق، ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ .ھازىر ئاساسەن بىردىن كۆينەك سوۋغا قىلىنىدۇ.

    4 . “ قىز تىلەش ”ۋە “ باش چۈشۈرگۈ ”

          بۇ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تويىدا كېيىن شەكىللەنگەن ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا قىزنى نىكاھ ئوقۇشتىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قوندۇرىدىغان ئادەت ئەسلى يوق ئىكەن . ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى ئاندىن بۇ ئادەت بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىكەن . مېنىڭ مومام ( ئاپامنىڭ ئاپىسى )چۆچەك شەھىرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئاپىسى غۇلجىلىق ئايال ئىكەن ئەمما دادىسى ئاتۇشلۇق سودىگەرلەردىن بولۇپ، 1900 – يىلى مومامنىڭ ئاپىسىغا ئويلىنىپ، 1902 – يىلى مومام تۇغۇلغاندا ئائىلىسىنى ئېلىپ، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو – رۇسىيە چېگرىسىدىكى چېگرا سودا ئېغىزى بولغان چۆچەك شەھىرىگە كەلگەن ئىكەن . مومامنىڭ بالىلىق دەۋرى چۆچەك شەھىرىدە ئوتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى ئاساسەن نوغايلار ( تاتارلار ) ئىكەن، ئېسىمدە قېلىشىچە 1992 – يىلى مەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۇچۇن تەييارلىنىدىغان ماقالەمنى يېزىش ئۇچۇن ئىلى رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى “قىزنى تىلەپ ”ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەت ھەققىدە مومامغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە،مومام سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ، بۇ خىل ئادەتنى ئۇ كىچىك چاغلىرىدا نوغاي قوشنىسىنىڭ قىزىنىڭ تويى بولغاندا كۆرگەنلىكىنى ئۇ چاغلاردا، 1900 – يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى قىزنى تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەتنىڭ يوقلىغىنى، قىزلار 14 – 15 يېشىدىلا ئاتا – ئانىلارنىڭ كېلىشى بىلەن ئۆزى زادى كۆرۈپ باقمىغان يىگىتكە ياتلىق قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما نوغاي قىزلىرىنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ، ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاۋال قىز – يىگىت ئۆز ئارا كۆرۈشۈپ، بىر –بىرىنى ياقتۇرسا ئاندىن توي قىلىشىدىغانلىقىنى، تويدىن بىر كۈن ئىلگىرى تويى بولىدىغان قىزنى دوستلىرى تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتىپ، قىز ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونىدىغانلىغى، بۇ كۈنى قىز ئولتۇرغۇزۇلغان ئۆيدە قىزنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇل دوستلىرى يىغىلىپ بىر كۈن جىر – جىرلاپ ئادىنوشكا ئويناپ ( جىر – تاتارلارنىڭ خەلق ناخشىلىرى بولۇپ مۇزىكا رېتىمى ئىتتىك ھەم شوخ، بۈگۈنكى زاماندىمۇ ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋە ئۈرۈمچىدىكى شىماللىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېيتىلىدۇ . ئادىنوشكا – تاتارلارنىڭ جىرغا تەڭكەش قىلىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلى بولۇپ، شىمال ئۇيغۇرلىرىدىن چۆچەك، ئالتاي، قارىماي ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان .)ئەتىسى سەھەردە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ نىكاھقا قاتنىشىپ بولۇپ، قىزنى ئاتا –ئانىسى بىلەن خوشلاشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . بۇنىڭدىن شۇنى بىلىش مۇمكىنكى “ قىز تىلەش ئادىتى ” ئەسلى تاتارلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، بۇ ئادەت پەقەت 30 – يىللارغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان . بۇنىڭغا يەنىلا 30 – يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ، يەنىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا رۇسىيىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ سىياسى جەھەتتىن پاناھلىق تىلەپ رۇسىيە – جۇڭگو چېگرىسىدىكى غۇلجا – چۆچەك شەھەرلىرىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان . ئەينى چاغدىكى ياشانغانلارنىڭ دەپ بېرىشىچە 1920 – يىللار ( رۇسىيە گىراجدانلار ئۇرۇشى مەزگىلى) رۇسىيە تەۋەسىدە چوڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان رۇس ۋە تاتار پۇقرالىرى چېگرىدىن ئۆتۈپ بۇ ياققا كەلگەن ئىكەن .ئۇلار غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي،ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە بۇ جايلاردا پەننى مەكتەپلەرنى قۇرغان، شۇ جايلاردا ياشىغۇچى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا باشلىغان .ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىپ ئولتۇرۇش بۇ جاي خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئورۇپ- ئادىتىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن .بۇ جاي كىشىلىرىنىڭ توي ئادىتىدىمۇ يېڭى قائىدە –يوسۇنلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان . شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادىتىدىكى قىز ۋە يىگىتنى دوستلىرى تويدىن بىر كۈن ياكى بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتىپ ئولتۇرغۇزۇپ بېرىدىغان ئادەت مانا شۇ خىل تەسىرلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن . ئىلى رايونىدا يىگىتنى دوستلىرى تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەت “ باش چۈشۈرگە” دىيىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇ ئادەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

           “ باش چۈشۈرگە ” پەقەت ئىلى رايونىدىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان يەرلىك ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باشقا رايونلاردا تويى بولىدىغان يىگىتنىمۇ دوستلىرى تىلەپ ئېلىپ كېتىدىغان بۇنداق ئادەت يوق ئىكەن، مەن 1994 – يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم “ باش چۈشۈرگە ”دېگەن پائالىيەتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغىنىمدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى بېرىش ئىمكانىيىتى بولغانلىكى جايلارنىڭ توي ئادەتلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇنداق ئادەتنى پەقەتلا ئۇچراتمىدىم، شۇڭا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان توي قىلىدىغان يىگىتنىمۇ ئاغىنىلىرى تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەت مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى . 1994- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىكى شۇ قېتىملىق توي زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ .شۇ قېتىم مەن يولدىشىم بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ،ئۇنىڭ يۇرتى پەنجىمگە بارغان ئىدىم . بىزنىڭ بارغان ۋاقتىمىز 8- ئاي مەزگىلى بولۇپ غۇلجا يېزىلىرىدا دېھقانلار يازغى بۇغدايلىرىنى يىغىۋېلىپ، قوناقلىرى پىشقىچە بولغان ئارىلىقتا توي-تۆكۈن قاتارلىق “ مۇھىملىرىنى ” (ئىلى رايونىدا توي ۋە نەزىر قاتارلىق ئادەتلەرنى ئادەتتە “ مۇھىم ” دېگەن خاس نام بىلەن ئاتايدىكەن ) قىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك توي بولۇپ تۇراتتى . بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرساق يولدىشىمنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسىنىڭ توي باغىقى كەلدى، باغاققا قارىسام ئىككىمىزنى كېلەر ھەپتە بولىدىغان تويغا چاقىرىپتۇ، ئاندىن باغاقنىڭ ئاستى تەرىپىگە مېنى يەنە 3 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان “ قىز تىلەش”كە، يولدىشىمنى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان “ باش چۈشۈرگە ”گە چاقىرىپتۇ، مەن ھەيران قېلىپ يولدىشىمدىن سورۇدۇم “ باش چۈشۈرگە ” دېگىنىڭلار “ يىگىت ئولتۇرۇشى”مۇ ؟ ‘ ياق، يىگىت ئولتۇرۇشى ئەمەس، يىگىتنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئويىدىن تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەت،- ئ يولدىشىم ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق جاۋاب بەردى . مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم : “ يىگىتنىمۇ تىلەمدۇ ؟ ”

     
    “ ئەلۋەتتە شۇنداق ئىلى يېزىلىرىدا تويى بولىدىغان يىگىتنى تويدىن بىر ھەپتە بۇرۇن دوستلىرى تىلەپ ئەكېتىپ تاكى توي كۈنىگىچە ئاغىنىلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆيىگە چاقىرىپ، “ مەشرەپ” قىلىپ بېرىدۇ .” شۇ ھامان كەسپى قىزغىنلىقىم بىلەن ئۆتۈندۈم، “ مەنمۇ سېنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلەيچۇ ؟ ” بۇ تەلىپىم يولدىشىمنى سەل ئارىسالدى قىلىپ قويدى، ئۇ ماڭا “ باش چۈشۈرگە”نىڭ ئەمەلىيەتتە “ 30 ئوغۇل توي مەشرىپى ”( “ 30 ئوغۇل مەشرىپى ” پەقەت ئىلى رايونىدىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، ئادەتتە پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى، ئاياللار ۋە قىزلار بۇ خىل مەشرەپكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.) نىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىگىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى، ئەمما مېنىڭ بەكلا بارغۇم كەلگىنىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ كەتتى-دە : “ مەيلى سەن غۇلجىلىق بولمىغاندىن كېيىن بىللە بارغىن، ئەمما ئازادە ئولتۇرالماسلىغىڭ مۇمكىن، ساپلا يىگىتلەر كېلىدۇ، قىزلار كەلمەيدۇ، بەزى چاقچاق پاراڭلار بولسا ئۆزۈڭگە ئېلىپ كەتمىگىن ” . شۇنداق قىلىپ مەن تۇنجى قېتىم ھەم ئۆمرۈمدە پەقەت بىرلا قېتىم “ باش چۈشۈرگە”گە قاتناشتىم . بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يەنى 1992 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى “ ئىلى مەشرەپلىرى ” يېزىش ئۇچۇن غۇلجىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن چېغىمدا، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئويمان بايتوقاي يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن “ 30 ئوغۇل مەشرىپى” قاتناشقان بولغاچقا، ئانچە تەمتىرەپ كەتمىدىم . ئەمما يولدىشىم بىلەن “ باش چۈشۈرگە ” پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۆيگە كىرگىنىمدە، ھەقىقەتەن قاتتىق خىجىل بولدۇم .ئۆيدە نۇرغۇنلىغان يىگىتلەر ئولتۇرغان بولۇپ ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراشسا، يولدىشىمغا سوئال نەزىرىدە قاراشتى . يولدىشىم تولىمۇ قىزىقچى ئىدى، ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ “ كۆرمەمسىلەر ئاغىنىلەر، مانا ئۈرۈمچىلىك خوتۇن ئېلىپ قويۇپ بالاغا قالدىم، “ باش چۈشۈرگە ” دېگىنىڭلاردا نېمە ئىشلارنى قىلىسىلەر ؟ كۆرۈپ باقاي دەپ ئارقامدىن ئەگىشىپ كەلدى ……”ئۇنىڭ گېپى بىلەن سورۇندا ئولتۇرغان يىگىتلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتىشتى، ئارقىدىنلا يولدىشىمنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئۆيلەنمەي ئۈرۈمچىدىن ئۆيلەنگىنىنى دارىتمىلاپ بىزنى چاقچاققا كۆمۈۋېتىشى، شۇ چاغدا راستىنى دېسەم بۇ سورۇنغا كەلگىنىمگە مىڭ بىر پۇشايمان قىلغان، كىرىدىغان جاي بولسا بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كەتكۈم كەلگەن ئىدى . ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا بۇ مەشرەپكە قاتنىشىپ توغرا قىلغان ئىكەنمەن ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەڭگۈ ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشكەن ئىدىم . بىز كەلگەندە “ 30 ئوغۇل ” تويى بولىدىغان يىگىتنى ئاللىبۇرۇن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدىن تىلەپ ئېلىپ چىقىپ بولغان بولۇپ، تويى بولىدىغان يىگىت تۆردە ئولتۇراتتى،كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ، تۈرلۈك يەل – يېمىشلەر قويۇلۇپ، چاي كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، باشقىلارغا قارىغاندا يېشى سەل چوڭراق، قاملاشقان بىر يىگىت يېنىك يۆتىلىپ قويۇۋىدى، پەستە ئولتۇرغان بىرەيلەن : “ خەپ-شۈك بالىلار، ئەدھەمكامنىڭ سۆزى باركەن ” دېدى، شۇ ھامان ھەممەيلەن جىممىدە بولۇشتى، يولدىشىم ماڭا ئاستا شىۋىرلاپ، بۇياق مۇشۇ قېتىملىق توي ئاياقلاشقىچە، “ 30 ئوغۇل” نىڭ يىگىت بەشى بولىدۇ، مەسلىھەت چاي كۈنى كوپچىلىك ئۇنى سايلىغان، توي جەريانىدىكى ياشلار قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلارنى ئۇ باشقۇرىدۇ .- دەپ چۈشەندۈردى . يىگىت بەشى ئالدى بىلەن تويى بولىدىغان يىگىتنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆپچىلىكتىن مۇشۇ توي تۈگىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز – ئارا ھەمدەمدە بولۇپ، توينىڭ كۆڭۈللۈك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ خۇشال ئولتۇرۇشىنى، ھەم ئوي ئىگىسىنىڭ ( يىگىتنى ئولتۇرغۇزۇپ بەرگۈچى يەنى يىگىت قولدىشى ) نىڭ بۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتى، ئوي ئىگىسىنىڭ زورلىشى بىلەن كوپچىلىك داستىخانغا بېقىشتى . داستىخانغا بىرەر قۇردىن ئېغىز تېگىلگەندىن كېيىن سازەندە يىگىتلەر سازلىرىنى سازلاپ، بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى باشلىدى، مەن كىچىكىمدىن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما شۇ ئولتۇرۇشتىكىدەك مەردانە ھەم چەكسىز مۇڭ ئىچىدە ئېيتىلغان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى تېخى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، دېھقان يىگىتنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئاجايىپ جاراڭلىق ناخشا مۇڭلۇق دۇتار ھەم تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىنغان ئىسكىرىپكا ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىنى ئاجايىپ سەھەرلىك بىر دۇنياغا باشلاپ كىرەتتى ……. ھەممەيلەن جىممىدە ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلاشماقتا ئىدى، ئايرىم پاراڭلاشقان ھېچقانداق كىشىنى كۆرمەيتتىڭىز ھەممەيلەن دىققەت بىلەن ناخشىغا بېرىلگەن ئىدى . ناخشا بىر سائەتتەك داۋاملاشقاندىن كېيىن سازچىلار سازلىرىنى تامغا يۆلەپ قويۇشتى، تەرەپ – تەرەپتىن “ بارىكاللا، قولۇڭغا دەرد بەرمىسۇن، ئۆلمە، ياشاپ كەت …” دېگەنگە ئوخشاش ماختاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، بەزى يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ سازەندىلەرنىڭ مەيدە يانچۇقىغا پۇل سېلىپ قويۇشتى .( ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا سازەندىلەر ۋە ناخشىچىلار ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ، توي – تۆكۇن مەشرەپلەردە ئۇلار بەس-بەستە تەكلىپ بىلەن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۇلار تالاشتا قېلىپ بىر سورۇندىن يەنە بىر سورۇنغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىقى ۋە باشقا ئىش – ئوقەتلىرى قېلىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ خوتۇن – بالىلىرىنى بېقىشى ئۇچۇن ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ،ئەمما بۇ پۇلنى قولىغا بىۋاسىتە تۇتقۇزۇپ قويماي ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ يانچۇقىغا ياكى ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ .) تاماق تارتىلغىچە بولغان ئارىلىقتا “ چاقچاق ” باشلىنىپ كەتتى .( ئىلى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل سۆز ئويۇنى بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ناتوغرا ئىستىللار، ئەيىبلەر يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلىنىدۇ، بەسىدە كىشىلەرگە كۈلكە بولسۇن ئۇچۇن شۇ كىشى چاقچاقنى ئۆزىنىڭ ياكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىشتىن باشلايدۇ . ئىلى ئۇيغۇرلىرى يۇمۇرغا بەك ئامراق بولۇپ، خەلق ئارىسىدا يۇمۇرلۇق گەپ قىلالايدىغان كىشىلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا “ چاقچاقچى ” دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، ئۆز بېشىدا كۆتۈرىدۇ، شۇڭا ئىلى رايونىدا “ چاقچاقچى”لارنىڭ ئورنىمۇ “ سازەندىلەر”گە ئوخشاشلا يۇقىرى بولۇپ، مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە ئالدىغا ئالايىتەن بېرىپ سورۇنغا باشلاپ كېلىنىدۇ، شۇ سورۇننىڭ ياخشى بولغان – بولمىغانلىقى، ساھىپخاننىڭ مول داستىخىنىدىن سىرت مەشھۇر سازەندە ۋە چاقچاقچىلارنىڭ قانچىلىك كەلگىنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ .) چاقچاق تويى بولغان يىگىتنىڭ كۈلكىلىك ئىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆزىدىكى بولمىغۇر يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدە كۈلكىلىك يۇمۇرلار ئىچىدە يىگىتكە تەربىيە بېرىشتىن باشلىنىپ، ئاخىرى ئىككى يېزىدىن كەلگەن ئىككى مەشھۇر چاقچاقچىنىڭ ئۆز –ئارا ھۇجۇم چاقچاق قىلىپ بەسلىشىشى بىلەن ئاياغلاشتى.

           شۇ كۈنكى “ باش چۈشۈرگە ” تاكى سائەت 2 لەرگىچە داۋاملاشتى .
    “باش چۈشۈرگە” ئىلى رايونىدىلا ساقلىنىپ قالغان بىر خىل يەرلىك ئادەت بولۇپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان باشقا رايونلاردا بۇ خىل ئادەت يوق ئىكەن، مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ قۇربى يەتكەن ھالەتتە ئەھۋال ئىگىلىگەن ئىدىم، ئەمما باشقا يۇرتلاردا “باش چۈشۈرگە” دەيدىغان بۇنداق يىگىتنىمۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىدىن تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەتلەر يوق ئىكەن.

          “ باش چۈشۈرگە” نىڭ ئىلى رايونىدىكى تەرەققىياتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارغا ئىگە بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما غۇلجا ناھىيىسى يېزىلىرىدىكى مۇھەممەت ھەمرا، نۇرۇم، گۆھەرنىساخان قاتارلىق بىر قىسىم پېشقەدەملەردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىم تۆۋەندىكىچە بولدى.

            مۇھەممەت ھەمرا “ باش چۈشۈرگە” ھەققىدىكى سوئالىمغا ئۇ جاۋاب بېرىپ ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا بۇ پائالىيەتكە دائىم قاتنىشىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە “30 ئوغۇل” يىگىت بەشىنىڭ باشچىلىقىدا تويى بولىدىغان يىگىتنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىدىن تىلەپ ئېلىپ چىقىدىكەن، شۇ كۈنى تويى بولىدىغان يىگىت يىگىت قولدىشى بىلەن بىرلىكتە “ھاممام”( مۇنچا)غا بارىدىكەن، ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە “غۇسلى”قىلىپ( ئۆزىنى پاكلاش )، پۈتۈن بەدەندىكى موي-تۈكلەرنى پاكىز چۇشۇرۇۋەتىدىكەن، يىگىت قولدىشى ۋە توي قىلىپ بولغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە تەلىم بېرىدىكەن، يىگىتكە خوتۇنىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، خوتۇنى بىلەن ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى “ قەينى ئانا –كېلىن مۇناسىۋىتى”گە قانداق قاراش، ئائىلىسىگە ھەم خوتۇنىغا قانداق مەسئۇل بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر چۈشەندۈرۈلۈپ يىگىتكە “ ئەرلىك بۇرچى “ ھەققىدە تەلىم بېرىلىدىكەن، ئاخشىمى يىگىت قولدىشى شۇ مەھەللە ياكى شۇ يېزىدىكى بارلىق ياشلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ “توي مەشرىپى” بېرىدىكەن بۇ توينىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، “ باش چۈشۈرگە ” دەپ ئاتىلىدىكەن .ئۇنىڭ خۇلاسىلىشىچە “باش چۈشۈرگە” ئەمەلىيەتتە يىگىتكە دىنى، ئەخلاق ۋە جىنسى تەربىيە بېرىلىدىغان پائالىيەتتىن ئىبارەت.

           نۇرۇم ئانا گۆھەرنىساخان ئانىلارنىڭ “باش چۈشۈرگە” ھەققىدىكى بايانلىرى مۇھەممەت ھەمرانىڭ بايانى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن تويى بولىدىغان يىگىتكە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشقا قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلەش ئىكەن، ئەمما ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى ھەققىدە ئۇلارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس بولۇپ، نۇرۇم ئانا “باش چۈشۈرگە”تويدىن بىر ھەپتە بۇرۇن باشلىنىدۇ، يىگىت بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئۆز دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە نۆۋەت بىلەن مېھمان بولىدۇ” دەيدۇ، گۆھەرنىساخان ئانا بولسا “باش چۈشۈرگە نىكاھتىن بىر كۈن ئاۋال بولىدۇ تويى بولىدىغان يىگىتنى، يىگىت قولدىشى ئاتا- ئانىسىدىن تىلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىر كۈن مەشرەپ قىلىپ بېرىپ ئەتىسى سەھەردە نىكاھقا ئۈلگۈرتۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدۇ، نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغىنىدىن كېيىن يەنە يىگىت ئولتۇرغۇزۇلغان ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، تاكى قىزنى كۆچۈرۈپ ئەكەتكىچە شۇ يەردە “ يىگىت ئولتۇرۇشى” دا بولىدۇ، دەپ بايان قىلىدۇ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن “ باش چۈشۈرگە” ئىلى رايونى تويلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، باشقا رايونلاردا، مەخسۇس مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان پائالىيەتلەر يوق.

          5. نىكاھ كۈنىدىكى پائالىيەتلەر

    ئۇيغۇرلاردا “نىكاھ”ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىن يېنىپ ئوقۇلىدۇ .(“نىكاھ”قىز-يىگىتنىڭ رەسمىي ئەر-خوتۇن بولغانلىقىنى جاكارلايدىغان دىنى مۇراسىم بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مىللەتلەردە بۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمىسە ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەت نامەھرەم بولىدۇ)، بەزى جايلاردا نىكاھ تويدىن بىر كۈن ئاۋال كەچلىكى خۇپتەن نامىزىدىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار .

    ئىلى رايونىدا نىكاھ ئاساسەن توي كۈنى سەھەردە بامدات نامىزىدىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇلىدۇ (ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مەسچىتتە ئوقۇلمايدۇ بەلكىم موللامنى تەكلىپ قىلىپ قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇلىدۇ).

    نىكاھ كۈنى ئەتىگەنلىكى يىگىتنىڭ دادىسى نىكاھ ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان يۇرتنىڭ ئىمام-مەزىنلىرىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، يىگىت ۋە قىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قولداشلىرى بىلەن بىللە نىكاھ مەيدانىدا ھازىر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىكاھ مۇراسىمى باشلىنىدۇ .نىكاھنى يىگىت بىلەن قىز تولۇق ئاڭلىشى شەرت .نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىز ۋە يىگىتنىڭ رازىلىقى ئېلىنىدۇ .ئاۋال يىگىت رازىلىق بېرىدۇ، ( ئىمام يىگىتتىن ئۇچ قېتىم “خخ نى ئۆز ئەمرىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ ؟”دەپ سورايدۇ، يىگىتمۇ ئۇچ قېتىم “ئۆز ئەمرىمگە ئالدىم”دەپ باشقىلار ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئۈنلۈك جاۋاب بېرىدۇ؛ ئىمام قىزدىن بۇ سوئالنى سورىغىنىدا قىز دەسلەپ ئىككى قېتىمدا جاۋاب بەرمەيدۇ قىز قولدىشى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن “قوبۇل قىلدى”دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئەمما ئىمام قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى شەرت قىلغانلىقى ئۇچۇن 3-قېتىمدا قىز ئۆز ئاغزى بىلەن “قوبۇل قىلدىم”دەپ جاۋاب بېرىدۇ)، ئەنە شۇندىن كېيىنلا ئىمام قىز-يىگىتنىڭ رەسمىي ئەر- خوتۇن بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارغا “شاكاراپقا چىلانغان نان”نى يېيىشنى بۇيرۇيدۇ، يىگىت ۋە قىز قولداشلىرى بىر بۇردىدىن شاكاراپقا چىلانغان ناننى يېيىشىدۇ ئەنە شۇندىلا نىكاھ ئاخىرلاشقان بولىدۇ، نىكاھتا “شاكاراپ نان”يېيىش ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شاكاراپ نان قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتىنى چىڭىتىشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان.بۇ پائالىيەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىگىت كۆپچىلىككە سالام بەجا كەلتۈرۈپ قولداشلىرى بىلەن يىگىت ئولتۇرۇشى بولىدىغان جايغا كېتىدۇ، قىزنىمۇ دوستلىرى قىز ئولتۇرغۇزۇلىدىغان ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ .قالغان جامائەت قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھازىرلىغان داستىخانغا داخىل بولىدۇ، يىگىتنىڭ دادىسى نىكاھ ئوقۇغان موللامنىڭ ئالدىغا پۇل قويىدۇ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ، تاماقتىن كېيىن جامائەت قۇدىلارنى تەبرىكلەپ ئۇزايدۇ.

    نىكاھ كۈنى قىزنىڭ ئۆيىدە يۇرتقا داستىخان سېلىنىپ، مېھمان چاقىرىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن يۇرت قىز تەرەپكە توينى تەبرىكلەپ كېلىدۇ، چۈشتىن كېيىن يىگىتنىڭ ئانىسى يېقىن تۇغقانلىرى ۋە خولۇم-خوشنىلىرىنى ئېلىپ، لايىقىدا داستىخان ھازىرلاپ، قىزنى كۆچۈرۈشكە كېلىدۇ، قىز تەرەپ ئۇلارنى ئىززەتلەپ كۈتۈۋالىدۇ، دەل مۇشۇ چاغدا يىگىتمۇ ئۆز دوستلىرى بىلەن قىز ئولتۇرغۇزۇلغان جايغا قىزنى ئالغىلى كېلىدۇ، قىزنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇششاق بالىلار دەرۋازىنى ئېتىۋېلىپ، ئۇلاردىن سۆيۈنچە سورايدۇ، يىگىتنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇلارغا پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىپ رازى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىدۇ، يىگىتلەر تويى بولغان يىگىتنى ئارىغا ئېلىپ توينى تەبرىكلەيدىغان توي ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ قىز ئولتۇرغان ھۇجرىغا قىزنى ئالغىلى كىرىدۇ، ئىلگىرى (1920-1950-يىللاردا) ئىلى ياشلىرى “يولەن ناخشىلىرى” ۋە “يار-يار”ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ قىز ھۇجرىسىغا كىرەتتىكەن، ناخشىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى قىز-يىگىتنىڭ تويىنى تەبرىكلەش، ئۇلارغا بەخت تىلەش قاتارلىقلار بولۇپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇچۇن كوپ ھەسرەت چەكمەسلىكى، ئۇنىڭ ئەمدى يېڭى ھاياتقا قەدەم قويغانلىقى تەرىپلىنىدۇ.

    مەسىلەن:
    يار-يار قوشىقى


    “ تەكچىدىكى قاچىنى،
    چاڭ بېسىپتۇ، يار-يار
    كېلىنچەكنىڭ ئانىسىنى
    غەم بېسىپتۇ يار-يار

    ھاي-ھاي يولەن ھاي –يولەن
    بىر باغ پاخال يار-يار
    يىگىتىگە قارىساڭ
    پاخمال ساقال يار-يار .

    ئاپپاق –ئاپپاق توشقانلار
    سايدا تولا يار-يار
    ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر
    تويدا تولا يار-يار

    ھاي-ھاي يولەن ھاي يولەن،
    قار كېلىدۇ يار-يار
    بەرگى خازان توننى كىيىپ
    يار كېلىدۇ يار-يار”

    ھازىرمۇ ئىلى يېزىلىرىدا قىز كۆچۈرگەندە “يۆلەن ناخشىلىرى”ئېتىلىدىكەن، ئەمما غۇلجا شەھىرىدىكى تويلاردا يىگىتلەر گارمون چېلىپ جىر-جىرلاپ(تاتارلارنىڭ توي ناخشىلىرى بولۇپ، ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋە ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن) قىز كۆچۈرىدىكەن.

    يىگىت قىز ھۇجرىسىغا كىرگەندىن كېيىن “چۇن-چۇن سالۋات” ناخشىلىرى ئېيتىلىدۇ، بۇ ناخشا يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان ياش چوكانلار ئارىسىدا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، يىگىتلەر ئاۋال ناخشىنى باشلايدۇ، چوكانلار ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتىدۇ، ناخشىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى توينى تەبرىكلەش، كۈيئوغۇلنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى،ئەدەپ-قائىدە قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنىشتىن تاشقىرى توي مەرىكىسىگە تېخىمۇ قىزغىن تۈس بېرىش ئۇچۇن، چاقچاق، ھەزىل خاراكتېردىكى قوشاقلارنىمۇ ئېيتىشىدۇ . قىز ھۇجرىسىدا “يۆلەن” ۋە “ چۇن-چۇن سالۋات ”ناخشىلىرىنى ئېيتىش پەقەت ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئادەت بولۇپ باشقا رايونلاردا بۇ خىل ناخشىلار ئېيتىلمايدۇ، مېنىڭچە بۇ قەشقەر خوتەن قاتارلىق جەنۇبى رايونلاردا 17-ئەسىردىن بۇيانقى خوجىلارنىڭ ئەسەبىي دىنى تەرغىباتى تەسىرىدە توي-تۆكۈنلەردە نەغمە-ناۋا قىلىش، ياشلارنىڭ ئەركىن –ئازادە بىرلىكتە توي مەشرىپى ئوينىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.

    ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا “چۇن-چۇن سالۋات” ئېيتىش ئادىتى ھازىر بارغانچە يوقاپ كەتىۋاتقان، تويلار غەربچە تۈس ئېلىشقا باشلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما “ئون يار” “ئويمان بايتوقاي” “مول-توھتىيۇزى”، “پەنجىم”، “تۇرپانيۈزى”، چاپچال ناھىيىسىنىڭ “جاغىستاي” “ قاينۇق” قاتارلىق يېزىلىرىدا “چۇن-چۇن سالۋات” ئېيتىش ئادىتى ھېلىمۇ بار بولۇپ يىگىت- قىزلار قىز ھۇجرىسىدا قىزنى كۆچۈرۈشنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىگە پوتا تۇتۇشۇپ(رەڭلىك يىپەكلەردىن ئېشىلگەن ئارغامچا)چۇ-چۇنسالۋات بېيىتلىرى ئېيتىشىدىكەن، تۆۋەندىكىسى جاغىستايدىكى بىر توي مەشرىپىدىكى چۇن-چۇن سالۋات قوشىقى.

    يىگىت: شىلدىر-شىلدىر ئېرىقتا سۇلار ئاقىدۇ،
    باغ ئارىلاپ سۈزۈك سۇ گۈلگە باقىدۇ.
    باغدا گۈلنىڭ خىلى كوپ،گۈل ئۆزگىچە،
    ھەر كۆڭۈلدە بىر گۈل بار، شۇ گۈل ئۆزگىچە.
    “ ئاق تام كۆك تام”دېگەنتىم مۆكۈشمەك ئويناپ،
    مانا تۇتتۇم گۈل پوتا سىزنىلا ئويلاپ.

    قىز: باغ ئارىلاپ سۈزۈك سۇ گۈلگە باقىدۇ،
    گۈلدىن ئاشقان بارچە سۇ كۆلگە باقىدۇ .
    كۆل بويىدا بىر يىگىت چىراغ ياقىدۇ
    شۇ چىراغقا پەرۋانە ئۈزمەي ئاقىدۇ
    لىۋەي-لىۋەي ناخشىڭىز بىز بىر مەلىدە
    ئويىڭىزنى بىلىمەن باغنىڭ كەينىدە
    گۈل پوتىنى ئالايمەن ئىككى قول بىلەن
    ئاندا- مۇندا كەپ تۇرۇڭ ھېلىقى يول بىلەن.

    قىز ھۇجرىسىدا بىر دەم ئويۇن –تاماشا، قىزىقچىلىقلار بولغاندىن كېيىن يىگىت – قىزلار قىزنى ئېلىپ قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ، يىگىتنىڭ ئانىسىمۇ ئۆز يېقىنلىرى بىلەن قىزنىڭ ئويىدىن ئۇزاپ ماڭىدۇ، بۇ چاغدا قىزنىڭ ئانىسى ئۆز قىزىغا تەييارلىغان تويلۇق نەرسىلەرنى خادىكقا(ئىلى رايونىدا كەڭ تارقالغان يېنىك ئات ھارۋىسى )سېلىپ بېرىدىكەن ۋە قىزىنى ئۇزۇتۇش ئۇچۇن يېقىن ئۇرۇق –تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرىنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىدىكەن .قىزنى كۆپىنچە كەچقۇرۇنلۇقى نامازدىگەر ۋاقتىدا كۆچۈرۈپ ماڭىدىغان بولۇپ، قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا قىز بار مەھەللىنىڭ ياش يىگىتلىرى يول ئۈستىگە مەڭگەن، ۋە شاھ- شۇمبىلارنى دۆۋىلەپ ئوت ياقىدىكەن ھەم يولنى ئارغامچا بىلەن توغرىسىغا توسۇپ تۇرۇۋالىدىكەن، يول ئۈستىگە يىقىلىدىغان ئوت ئۇچ جايغا ياكى يەتتە جايغا يېقىلىدىغان بولۇپ، قىزنى ئېلىپ ماڭغان خادىك چوقۇم ئوت ئۇستىدىن بېسىپ ئۆتۈشى شەرت، ئەگەر يىگىتنىڭ ئويى يېقىن بولۇپ، قىزنى پىيادە ئېلىپ ماڭغان بولسا قىزنى قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئوت ئۇستىدىن ئاتلىتىپ ئۆتكۈزىدۇ .قىزنى ئوت ئۇستىدىن ئاتلاپ ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئادەت، پەرقى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئوتتىن ئاتلىشىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس، بۇ ئادەت ئىسلام دىنىغا يات ئادەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىن قالغان شامان ئەقىدىسى، ۋە زەردۇش دىنى ئەقىدىلىرى سەۋەبىدىن بولغان، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىدا ئوت ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، بارلىق يامان روھلار ئوتتىن قورقىدۇ، شۇڭا يېڭى كېلىنگە يامان روھلارنىڭ چاپلىشىۋالماسلىغى ھەم كېلىننىڭ ئايىغى يارىشىپ بۇ ئۆيگە ئامەت ئېلىپ كېلىشى ئۇچۇن يېڭى كېلىن ئوت ئۇستىدىن ئاتلاندۇرۇلۇپ ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنىدىكەن ؛بەزى جايلاردا قىنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشتىن بۇرۇن قىزىل تاۋاردىن پايانداز سېلىپ، قىزنى مۇشۇ پاياندازغا دەسسىتىپ، ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىدىغان ئادەت بار بولۇپ، بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئوتقا بولغان ئېتىقاتنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. قىزنى ئېلىپ ماڭغۇچىلارنى يول-يولدا ئارغامچا بىلەن توسۇش ھەرىكىتى بولسا ئۇيغۇرلاردىكى قەدىمكى يايلاق مەدەنىيىتى دەۋرىدىن قالغان قەبىلە سىرتىدىن ئويلىنىش ئەنئەنىسىدىن قالغان ئادەت بولۇپ، بۇ ئادەت شەھەرلەشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن، شۇڭا ئۆز يېزىسى ياكى ئۆز مەھەللىسىدىن بىر قىزنى باشقا مەھەللە ياكى يۇرتتىكى يىگىت توي قىلىپ ئېلىپ كەتكىنىدە شۇ يېزا ياكى شۇ مەھەللە ياشلىرى يول توسۇپ ئۇلاردىن تۆلەم ئېلىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان، بولۇپمۇ تەڭرى تاغنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا بۇ ئادەت تېخىمۇ كەڭ تارقالغان، بەزى تويلاردا ئىككى يۇرت ياشلىرى ئارىسىدا جېدەل بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

    قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن كۈنى كېچىسى يىگىتنىڭ ئۆيىدە “ۋېچىركا” بولىدۇ، ۋېچىركا ئۆتكۈزۈشمۇ شىمال ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بولىدىغان پائالىيەت بولۇپ، ئىلى رايونىدىكى ۋېچىركا بىلەن ئالتاي –چۆچەكلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋېچىركا ئۆز-ئارا پەرقلىنىدۇ، ئىلى رايونىدىكى ۋېچىركىدا قىزنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن كېيىن ياشلارغا “پوتلا ئېشى”دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاماق بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ تاماق قوي گۆشى شورپىسىغا گۈرۈچ، سەۋزە، چامغۇر، چىلان قاتارلىقلار سېلىنىپ ئېتىلىدۇ مۇچ(لازا) سېلىنمايدۇ، بۇ تاماقنى يېيىشتىكى مەقسەت قىز- يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ئاشۇ ئاشتەك تاتلىق بولۇش، ئۇلارنىڭ كوپ پەرزەنتلىك بولۇپ، بەختلىك ياشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ.باشقا رايونلاردا ۋېچىركىدا “پوتلا ئېشى” ئىچىدىغان ئادەت يوق ئىكەن.

    6.قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر

    توينىڭ ئەتىسى يىگىت-قىز تولىمۇ سەھەر تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ كۈنى يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىلىرى يۇرتقا داستىخان سېلىشى كېرەك بولۇپ، ئەتىگەندە قىلىدىغان بىرمۇنچە رەسمىيەتلەرنى يىگىت-قىزنىڭ ئورۇنلىشى شەرت.يىگىت بىلەن قىز ئورنىدىن تۇرۇپ “غۇسۇل”قىلىپ(يۇيۇنۇپ)بولغاندىن كېيىن، يىگىت ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ ۋە دوستلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىزدىن رازى ئىكەنلىگىنى ئانىسىغا يەتكۈزىدۇ، ئاندىن يىگىت قولدىشى بىلەن، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا بارىدۇ . قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يىگىت ۋە ئۇنىڭ قولدىشىغا ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ، يىگىت سالامدىن يېنىپ يىگىت قولدىشىنىڭ ئۆيىگە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە يىگىتنىڭ ئاغىنىلىرى “بوست”(سوۋغات) قويىدۇ. قىزمۇ قىز قولدىشى ياكى يەڭگىسىنىڭ ھەمرالىغىدا يىگىتنىڭ ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ، يىگىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدىكى ئۇششاق بالىلارغا قولياغلىق ئىچىگە تاتلىق-تۇرۇم ۋە پارچە پۇللارنى يۆگەپ “كۆرۈملۈك”(كۆرۈشۈش سوۋغىسى) بېرىدۇ، يىگىتنىڭ ئانىسى يېڭى كېلىننىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاندىن كېيىن كېلىنگە ۋە ئۇنىڭ قولدىشىغا كىيىم-كېچەك قويۇپ بېرىدۇ . شۇ كۈنى قىزنىڭ ئانىسى قوشنىلىرى ئارقىلىق قىزىغا ئاتاپ ئىسسىقلىق ئەۋەتىدۇ، ئىسسىقلىق ئاۋال قىزنىڭ ھۇجرا ئۆيىگە ئەكىرىلىدىغان بولۇپ، قىز تاماقتىن ئازراق ئېلىپ قالغاندىن كېيىن قالغىنىنى قەينى ئانىسىغا چىقىرىپ بېرىدۇ، يىگىتنىڭ ئانىسى تاماقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تاماق ئېلىپ كەلگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، ئالدىغا رەخت قويىدۇ، ئاندىن قۇدىسىغا ئاتاپ بىر كىيىملىك رەختنى، ئۈستىگە بىر دەستە قىزىل گۈلنى قوشۇپ، قىزنىڭ ئانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى ئۇلارنىڭ بۇ كېلىنىدىن رازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكتۇر. چۈشتىن كېيىن يىگىتنىڭ ئۆيىدە يۇرتقا داستىخان سېلىنىپ توي بولىدۇ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلىرىدىن، قىزنىڭ يېقىن دوستلىرى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بىر كۈن مېھمان بولىدۇ .بۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئۆز- ئارا كۆرۈشۈپ تويدىن كېيىنكى ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەت قىلىشىۋالىدۇ، ۋە قارشى تەرەپنى ئۆز- ئارا “چىللاق”قا تەكلىپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىرى نەغمە- ناۋا بىلەن خۇشال كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىشىلەر بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتۈشىنى تىلىشىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىدۇ.

    7. “چىللاق” (چىللىماق، چاقىرماق مەنىسىدە ) ۋە “جۈمەلەش”

    توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى قىز تەرەپ يىگىت تەرەپنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنى چايغا چىللايدۇ، تۆتىنچى كۈنى ئوغۇل تەرەپ جاۋابەن چايغا چىللايدۇ، بۇ “چىللاق” دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىرىدا “چىللاق” ئومۇميۈزلۈك بولىدىغان پائالىيەت بولۇپ، “چىللاق” ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت قىز-يىگىتنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۆز-ئارا تونۇشۇۋېلىش، كېيىنكى ئىشلاردا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىناق ئائىلىسىگە ھەمدەمدە بولۇش قاتارلىق بىرقاتار مۇددىئا، مەقسەتلەر ئۇچۇن ھەمكارلىشىشنى كۆرسىتىدۇ، “جۈمە” پەتىسى توي تۈگىگەندىن كېيىن تويى بولغان يىگىت قىزنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلىتىپ ئاپىرىش (تۇغقانلارغا تونۇشتۇرۇش) بولۇپ،بۇ پائالىيەت ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس كۈن، ھەر “جۈمە”كۈنى چۈشتىن كەيىڭە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇچۇن “جۈمەلىتىش” دەپ ئاتالغان، ھازىر قىز-يىگىتنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە “جۈمەلەپ” بارىدىغان ئادەت بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرەر قېتىمدىن پەتىلەپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، قىز دەم ئېلىش كۈنلىرى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە “جۈمەلەپ” كېلىدۇ، بۇ تاكى قىز بىر بالىلىق بولغۇچە داۋاملىشىدۇ، ئەمما ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالمايدۇ.

    قىسقىسى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىنىڭ بىر كۆزنىكى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورۇپ- ئادەتلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل ۋە رەڭگا-رەڭلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرى جايلاشقان ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت، بۇ جاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۇركى خەلقلەر جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قوشنا بولۇشى، تارىختىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى قاتارلىق بىرقاتار ئامىللار بۇ جاي خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىنى ئەنە شۇنىڭ بىر ئۆرنىكى دېيىش مۇمكىن .

    ئاخىرقى سۆز:
    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان بۇ ماقالە، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئادەتلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش خاتىرىسى بولۇپ، دەسلەپكى ئارگىنالى 1995- يىلى يېزىلغان ئىدى.ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەتلەنمەي كەلگەن.
    بۇ قېتىم رەتلەپ بىلىۋال مۇنبىرىگە دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا يوللىدىم. ماقالىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئابرالغا تەۋە. نەشر ھوقۇقى ۋۋۋ.بىلىۋال مۇنبىرىگە تەۋە.
    ھۆرمەت بىلەن،

    ئابرال

    مەزكۇر ماقالىنى يېزىش ئۇچۇن 1- قول ماتېرىيالىنى ئېلىشتا تەكشۈرۈلگەن جايلار:

    1.غۇلجا ناھىيىسىدىن :

    پەنجىم، نوغايتۇ، تۇرپانيۈز، مەمەيۈز، ھۇدىياريۈزى، مولتوھتىيۈزى، ئويمانبايتوقاي، سادىقيۈزى، جىلىيۈز بەشكۆۋرۈك مەھەللىسى قاتارلىق جايلار

    2. چاپچال ناھىيىسىدىن:
    جاغىستاي، قاينۇق، قوغۇنچى يېزىلىرى

    3.تېكەس ناھىيىسىدىن:
    تېكەس ناھىيىسى، ئارال، قۇشتاي.

    4. غۇلجا شەھرىدىن:
    ئۇچدەرۋازا، تاشكوۋرۇك، قارادوڭ، ئايدوڭ قاتارلىق مەھەللىلەر
    ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر:
    مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتا 1- قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن شەخسلەر گەرچە بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنى يەنىلا ياد ئەتىپ تۇرماقتىمەن، مېنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى بىرقاتار ماقالىلىرىمنى يېزىشىمدا بۇ كىشىلەر مېنى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

    مۇھەممەت ھەمرا (نوغايتۇ يېزىسىدىن )، گوھەرنىساخانانا ( پەنجىم يېزىسىدىن)، ئوسمان باتۇر(جاغىستايدىن)، نۇرۇم ئانا (نوغايتۇ يېزىسىدىن) خەلچىخان ھەدىشماخۇن (چۆچەك شەھرىدىن)


    پايدىلانمىلار:

    1. لىڭبو ھىڭ شىئۇڭ (ياپونىيە):«ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى 15 خىل نەزەرىيە»گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل خەنزۇچە نەشرى.

    2. «جۇڭگودىكى توي-مۇراسىم ئادەتلىرى» سىچۈئەن خەلق نەشرىياتى 1999- يىل خەنزۇچە نەشرى.

    3.ئابدۇكەرىم راھمان «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1989- يىل نەشرى ئۇيغۇرچە نەشرى

    4.ئابدۇكەرىم راھمان قاتارلىقلار تۈزگەن«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

    5. دىلمۇرات ئۆمەر «ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامانىزم ئېتىقادى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى خەنزۇچە نەشرى

    6. «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 يىل ئۇيغۇرچە نەشرى

    7. «ئىلى رايونى تەزكىرىسى»

    8. «غۇلجا خەلق قوشاقلىرى»

    9. «جۇڭگودىكى مىللەتلەر» سودا ئىشلىرى نەشرىياتى 1998- يىلى خەنزۇچە نەشرى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق