ئىشسىزلىق ھەققىدە ئويلىنىش

يوللىغۇچى : admin يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-06 14:18:46

ئىشسىزلىق ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىس ھەققىدە ئويلىنىشگۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبىرىمىز) ئالى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىم قى...

    ئىشسىزلىق ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىس ھەققىدە ئويلىنىش
    گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبىرىمىز)

       ئالى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلىشنىڭ  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى جەمئىيەتتە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ھازىر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىرنەچچە يىلغىچە خىزمەت تاپالماسلىق ئادەتتىكى ئىش. ئۇنداقتا، جەمئىيەت ئىختىساسلىقلارغا تويۇندىمۇ؟ ياكى مەكتەپلەر جەمئىيەتكە كېرەكلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقالمايۋاتامدۇ؟ ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بوشاڭمۇ؟ بۈگۈنكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتتە يېڭى يېڭى كەسپلەر بارلىققا كېلىۋاتقان، ھەرقايسى ساھەلەر رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىۋاتقان، چوڭ شېركەتلەردىن تارتىپ، كىچىك دۇكانلارغىچە ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج بولىۋاتقان دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج. بۇ خىل ئىجتىمائى رىئاللىق ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماسلىشالىغىدەك ئىقتىدار بولمىسا، شاللىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى ھىس قىلدۇرمايمۇ قالمىدى. ئالى مائارىپىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۈنىڭدىمۇ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىش بولىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلە نەدە ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تېپىش مەقسىتىدە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدىم، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. كارخانىچىلار، ئوقۇتۇش ۋە رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم.

    «كىم بىزگە پۇرسەت بېرىدۇ؟»
    زىيارەت ئوبىكتى- ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار.

       « بىزنىڭ سىنىپتا 15نەپەر ئۈرۈمچىلىك ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ھازىرغا قەدەر ئۈچ ئوقۇغۇچى تەكلىپ بىلەن ۋاقىتلىق خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. قالغان 12نەپىرىمىز ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئاڭلىشىمچە، يۇرتىغا قايتقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپ قىسىملىرى ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋېتىپتۇ».
        شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ماھىرە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دىدى. ئۇ ھازىر ھەدىسى ئاچقان كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا قارىشىپ بېرىۋېتىپتۇ. 2004-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتىنىڭ جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن نۇرئەخمەت مۇنداق دىدى: مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن 4 ،5 قېتىم ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتناشقان. بىراق خىزمەت تاپالمىدىم. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن خىزمەت تېپىش ئۈمۈدۈم كۆپۈككە ئايلانغاندىن كېيىن، شەخسى شېركەتلەردە ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا توپلىغان بىلىملىرىم، تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا يېقىندا بىر كومپىيوتېر مۇلازىمەت مەركىزى قۇردۇم. تىجارىتىم يامان ئەمەس. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىلىرى ئائىلىدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تاللاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىش.
       جىنەندىكى مەلۇم بىر ئادەتتىكى ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرۇس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ئاينۇرمۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەن 2يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن كۆپ قېتىم خىزمەت ئىزدەپتۇ. ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپتۇ. بىراق ھازىرغا قەدەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە مۇقىم خىزمەت تاپالماپتۇ. ئۇ يېقىندا بىر نۆۋەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۈرۈش يىغىنىغا بارغان ئىكەن، ھەتتا مېھمانخانىلارنىڭ ئىشىكىدە تۈرىدىغان خىزمەتكىمۇ «بويى پاكار» دەپ قوبۇل قىلىنماپتۇ. ئۇ مۇنداق دىدى: ھازىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تاپقان ئازغىنە ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداۋاتىمەن. يۇرتۇم ئالتايغا قايتىپ كەتسەم، خىزمەت تېپىش ئېھتىمالىم تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا، ئانام مېنى ئىچكىرىدە ئوقۇتىمەن، دەپ ئىقتىسادى جەھەتتە جىق سورۇقچىلىق تاتتى. ئەمدى يەنە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ «مېنى بېقىڭلار» دىيىشتىن نۇمۇس قىلىمەن. شۇڭا جاپا تارتساممۇ ئۈرۈمچىدە ئىشلەيمەن. ئۈرۈمچىدە بىزگە پۇرسەت كۆپ. مەن بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان يەنە ئىككى قىز بار. بىرى لەنجۇدا ئوقۇغان، يەنە بىرسى مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ ئىككىسى بىر شەخسى شېركەتتە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىدۇ. بىناكارلىق قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئادىلنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە: ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپىگە ماس كېلىدىغان بىرنەچچە ئورۇنغا خىزمەت ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ھەر نۆۋەت ئاڭلىغىنى«بىزگە ئىختىساسلىق خادىم كېرەك، خىزمەت تەجرىبىسى بارلارنى قوبۇل قىلىمىز» بوپتۇ. ئۇ، ئەمدىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن تۇرسام،  خىزمەت تەجرىبىسى خىزمەت قىلىش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ، مەندە خىزمەتكە چىقماي تۇرۇپ خىزمەت تەجرىبىسى نەدىن كېلىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ ھازىر تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپنى تاشلاپ، رېستۇراندا كۈتكۈچىلىك قىلىۋېتىپتۇ. ئىگىلەشكە قارىغاندا 2003-يىلى ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ئالى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش نىسبىتى%20بولغان. 2004-يىلى ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئالى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 72مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 30مىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش نىسبىتى % 15گىمۇ يەتمىگەن. 2005-يىلىغا كەلگەندە ئىلگىرىكى يىللاردىكىنى قوشقاندا ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى خىزمەت كۈتىۋاتقان ئالى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 140مىڭغا يەتكەن.
       مەن زىيارەت داۋامىدا ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە دىققەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىزدەيدىكەن. خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا كۆپ قىسىملىرى قايتا - قايتا زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئىزدەشتىكى ئۆلچىمىنى بارغانسېرى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئاخىرى «جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدۇق» دىگەن ھىسسىياتقا كېلىپ، ئۈمىتسىزلىنىدىكەن، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈئەن سەرپ قىلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغىنىغا پۇشايمان قىلىدىكەن. بىر قىسىملىرى خىزمەت كۈتۈپ ئائىلىدە ئولتۇرىدىكەن. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە ئاتا، ئانىلىرى ئۇلارغا ۋاكالىتەن خىزمەت ئىزدەيدىكەن. ياكى خىزمەت مەسىلىسىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىدىكەن. خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرۇشى بىلەن ئۇلاردىمۇ ئۈمۈتسىزلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن. ئۇنداقلار ئىچىدە بىر تەرەپتىن خىزمەت كۈتۈپ، يەنە بىر تەرەەپتىن ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ ئۇچرايدىكەن. كۆپۈنچىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن  مۇقىم خىزمەت تېپىشنى ئويلىغاچقا ، ۋاقىتلىق قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ئادەتتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشتىكى ۋاستە، دەپ قاراپ، بۇ جەرياندا ئۆزىدىكى كەم تەرەپلەرنى تولۇقلاشقا سەل قارايدىكەن. بىرقەدەر ئۈمۈتۋار توپ بولغان، بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىگۈچىلەر بولسا قانداق خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئاز تولا مەنپەئەت ئېلىشنى ئويلايدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدىكەن. ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى يەنىلا ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار ئىچىدە ئىقتىسادى جەھەتتە يۆلەنچۈكسىز قالغانلىرى ئاز بولۇپ، ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا خىزمەت تاپالماسلىقنى «نورمال ئىش» دەپ قارايدىغانلار خېلى كۆپۈيۈپ قالغان. كۆپۈنچىلىرى ئۈمۈتسىزلەنسىمۇ، يەنىلا، بىر مەزگىلدىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئىشىنىدىكەن. زىيارەت قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى پەقەت نىسبەتەن مۇقىم خىزمەت بولسىلا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بۈلدۈردى. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى كەسپنى قىلماسلىققىمۇ رازى ئىكەن. خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى، ياشاش شەكلىدىن نارازى بولۇپ، ئۇلار ئارزۇسىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشىدىكەن. زىيارەت داۋامىدا شۇنى بايقىدىمكى، خىزمەت كۈتۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە تۇرمۇش شەكلىنىڭ بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئىرادىسىگە كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى جەمئىيەتتىكى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھىس قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھبە قوشۇش ئىرادىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدىكەن.
    ئىقتىساد تەرەققى قىلغانسېرى جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، 10-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئونىۋېرسال ئىقتىسادى كۈچى يىلدىن يىلغا ئاشتى. 2005-يىلى ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 260مىليارتقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. بۇ 2000-يىلىدىكىدىن %59ئارتۇق. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى يىلىغا %9.6سۈرئەت بىلەن ئېشىشتەك نەتىجىنى ياراتتى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەنتىقە جەھەتتىن، جەمئىيەت تەرەققى قىلغانسېرى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتى شۇنچە كۆپەيسە بولاتتى. نىمە سەۋەپتىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشىشى يىلدىن-يىلغا تەس بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ؟

    «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئورنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئىختىساسلىق خادىم كېرەك.»
    زىيارەت ئوبىكتى - شىنجاڭ غەربى نۇر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، شىنجاڭ غەربى نۇر خەلقئارا سودا چەكلىك شېركىتىنىڭ دېرىكتورى، شىنجاڭ ئالامەت بىئوتېخنىكا چەكلىك شېركىتىنىڭ لىدىرى نىجات ئابدىرەھىم.

       سىز مىللى كارخانىچىلار ئىچىدە زامانىۋى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە كارخانا باشقۇرۇش يولىغا ئەڭ دەسلەپ قەدەم باسقان كارخانىچىلارنىڭ بىرى. سىز بۈگۈنكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
    نىجات ئابدۇرەھىم: ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان تەرەپلەر خېلى كۆپ. مەن پەقەت ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە قويۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى بايان قىلىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شېركەت كۆلۈمىنىڭ  ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى، كەسپى ئىشلىرىنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپلەپ تاللاپ قوبۇل قىلدۇق. مېنىڭ ھىس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، بۈگۈنكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ئېڭى تېخى جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش رىئاللىقىغا ماسلىشىپ بولالماپتۇ. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، بىز قوبۇل قىلغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغانلار، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىزدىنىدىغانلار، تىرىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز. كۆپ قىسىملىرى يىل ئاخىرىدا ئېلىنىدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تاللاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇشنى ئويلىغاچقا، خىزمەتنى تازا بېرىلىپ ئىشلىمەيدۇ. ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارى بىرقەدەر كەمچىل، شېركەتكە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كومپىيوتېر كەسپىدە بەش يىل ئوقۇپ تۇرۇقلۇق شېركەتنىڭ ئادەتتىكى تور بېتىنى لاھىيىلەپ ياسىيالمايدىغان، ھەتتا ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇشنى بىلمەيدىغانلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەت لاھىيەسى يېزىش، پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئاجىز ئىكەن.  قىسقىسى كۆپ قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك، ئەمما ئۇلار بۈگۈنكى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ خىزمەت تاپىدىغان دەۋردە ئۆزلىرىدە قانداق ساپانى ھازىرلاشنى تېخى تولۇق بىلىپ يەتمىگەندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
    سىزنىڭچە بۈگۈنكى دەۋر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن نىمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
    نىجات ئابدىرەھىم: شېركىتىمىز ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيىسىنى توغرىلاش مەقسىتىدە تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئاچتى. مەن بۇ جەرياندا ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن 60%ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ خىزمەت تېپىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، 20%ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىگەچ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئورۇنلۇشۇشنى ساقلايدىغانلىقىنى، پەقەت 5%ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئۆزلىكىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش يولىنى تاللايدىغانلىقىنى ئىگىلىدىم. بۇ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل ياشاش، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىنىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۆزىدە رىقابەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئۆزىنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلۇنۇپ، شۇ بويىچە ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزى پىلانلىيالايدىغان سىتودىنتلارلا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن گاڭگىراپ قالمايدۇ. ئالى مەكتەپكە نىشانسىز كېلىپ، نىشانسىز كېتىش، ئۆزىگە نىمىنىڭ كېرەكلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى. بۈگۈنكى دەۋر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى، غايىلىك، پىلانلىق، شۇنداقلا ئەقىللىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار« شەخسى كارخانىلاردا ئىشلىسەك ئىش ھەققىمىز كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمگىگىمىزگە يارىشا ئىش ھەققىگە ئېرىشەلمەيمىز، بىر قىسىم كارخانىچىلار ئەسلى ئۇششاق تىجارەتچىلەر بولغاچقا ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئۇنداق جايلاردا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى زايا بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىمىز» دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    نىجات ئابدىرەھىم: ھازىر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلاردا پۇرسەت بىرقەدەر كۆپ. بۇنداق كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار بولغاچقا ئىختىساسلىقلارغا، شۇنداقلا مۇقىم خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان، ئىقتىدارلىق خادىملارغا مۇھتاج. بىراق ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە يوق ئەمەس. خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەرنى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ ھەق بەرمەي قايتۇرۇش، ياكى تۆۋەن ھەق بېرىش، جەمئىيەتكە يېڭىدىن قەدەم باسقان سىتودىنتلارغا خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشىشقا ۋاقىت بەرمەستىن، ئۇلارنى ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان قاتارغا چىقىرىش، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، بىر قىسىم كارخانىلاردا ئائىلە پۇرىغى كۈچلۈك بولۇش، بۇ تەرەپلەر يېڭى مەكتەپ قوينىدىن چىققان سىتودىنتلارنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالىسىلا چوقۇم قەدىرلىنىدۇ. چۈنكى مىللى كارخانىلار پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ئىختىساسلىق خادىم. ئەمگىگىگە قارىتا ھەققە ئېرىشەلمەسلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، ياراتقان ئىقتىسادى قىممىتىگە قارىتا پىرسەنت ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدىكى كېبىرنى تاشلاپ، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشى، ئۆزىدە ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك ئۈگۈنۈشى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
    نىجات ئابدىرەھىم:ئاڭلىسام «شېركەتتە ھەر بىر خىزمەتچى ئۈگۈنۈشچان تىپ بولۇش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز؟ بۇنى قانداق چۈشۈنىمىز؟
    بىزنىڭ ئارىمىزدا مەكتەپ قوينىدىن چىققاندىن كېيىنلا، كىتاپقا يېقىن كەلمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئۈگۈنىدىغان نەرسە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەر بىر مەسىلىگە يولۇققاندا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۆرۈش، ياكى قىلىۋاتقان ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك كونا، يېڭى ماتىرىياللارنى كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈگۈنۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۈگۈنۈش ئىنتاھىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندا كارخانا تەرەققى قىلىپلا قالماستىن، شەخسمۇ تەرەققى قىلىدۇ. بۇنى مەكتەپ پۈتتۈرگەن سىتودىنتلارغا تەدبىقلىغاندا، ئۇلارنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تېز ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يېڭى جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ئوقۇغۇچىلار ئۈگۈنۈشنى چوقۇم توختۇتۇپ قويماسلىقى كېرەك.
    ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى مىللى كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    نىجات ئابدىرەھىم: ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، ئىقتىساد قانچە تەرەققى قىلغانسېرى، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. نۆۋەتتە مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىدىن قارىغاندا يىمەك ئىچمەك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان كارخانىلار، مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ، كومپىيوتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولىۋاتىدۇ. بۇلار ھەم ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بولۇپ، پەقەت ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولىدىكەن، خىزمەت تېپىشى ئانچە تەسكە توختىمايدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى تېخى تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، كۆلەملىشىش، مۇنتىزىملىشىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن،  ئۇلار ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىدىغان رىقابەت ئىنتاھىن كەسكىن. ئۇلار تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان مىللى كارخانىلارغا بېرىپ كارخانىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىشى، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشەلىگىدەك تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچىلىققا  ئىگە بولغان بولۇشى ۋە ياكى ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق چەت -ياقا جايلارغا بېرىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا قاتنىشىش روھىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. بىراق ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماسلىشالىغىدەك ساپاغا ئىگىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس.
    «ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىدە سەۋەپنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە بولىدۇ. مەسىلە ئالى مەكتەپ مائارىپىدىمۇ، جەمئىيەتتىمۇ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدىمۇ بار».
    زىيارەت ئوبىكتى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، پۇروففىسسور ئازات سۇلتان
    ھازىر جەمئىيەتتە «ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شەكلى جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىدىن خېلىلا يىراق. شۇ سەۋەپتىن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس»، دەيدىغان قاراش بار. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    ئازات سۇلتان مۇئەللىم: ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسى، ئەلۋەتتە كۆپ تەرەپكە چېتىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى، كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ئېڭىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رىئاللىقىغا ماس كەلمەسلىكى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويۇپ، ئۇلارغا ماسلىشىش پۇرسىتى بەرمەسلىك قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىر ئالى مەكتەپ مائارىپىدا يەنىلا نەزىرىيە ئوقۇتۇشى ئاساس، ئەمەلى ئىقتىدار يېتىلدۇرۇش مەشقى قوشۇمچە ياكى ئاز بولۇش ئەھۋالى ساقلىنىۋاتىدۇ. كەسپى دەرسلىكلەردە ئەمەلىيەت مەشقى ئاز بولۇش، نەزىرىيە كۆپ سۆزلۈنۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگۈنۈۋاتقان كەسپىدىكى مۇتەخەسىس، ئالىملار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، ئەڭ يېڭى تېخنىكا، كۆز قاراش بىلەن تونۇشتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەمئىيەتنىڭ تەلىۋىگە ماس كەلمەسلىك، ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك بولغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەر كەمچىل بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى بىلىمى ئۆزلىرى ئۆتىۋاتقان كەسپنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈلگەن كىتاپ بويىچىلا دەرس بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بار. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەلى پىراكتىكا بازىسى ئېچىش مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئونىۋېرسال ساپا تەربىيىسى بېرىشكىمۇ سەل قارىلىۋاتىدۇ.  بۇ مەسىلىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تېپىشىغا مەلۇم جەھەتتىن تەسىر كۆرسۈتۈۋاتىدۇ.
    سىزنىڭچە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، مەكتەپلەر قانداق رول ئوينىشى كېرەك ؟
    ئازات سۇلتان مۇئەللىم: ئالى مائارىپ دۆلەت، جەمئىيەت ئۈچۈن يۇقۇرى ساپالىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈتۈپ چىقىدىغان ئاساسلىق بازا. جەمئىيەت ۋە بازار ئېھتىياجىنى ئېتىۋارغا ئالغان ئاساستا، ئالى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەش، شۇنداقلا مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسپ تۈرلىرىنى ئېچىش، دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىش، ئوقۇتۇش شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ئالى مائارىپنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك فونكىسىيىلىك رولىنى ياخشى ئادا قىلغىلى بولىدۇ. ئالى مائارىپتا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا سەل قاراش، قارىغۇلارچە تەربىيىلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەكتەپلەر ئىلمى بولغان تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ بازارنى يېتەكچى، سۈپەتنى ئاساس قىلىشتەك ئوقۇتۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەر ساھە ئىختىساسلىق خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلۇشۇش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاستا ئاستا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
    سىزنىڭچە ئالى مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىنى جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىۋى بىلەن قانداق قىلغاندا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارغىلى  بولىدۇ؟
    ئازات سۇلتان مۇئەللىم: ئالدى بىلەن ئىشنى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشتىكى نىشانىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلاش كېرەك. ئىلگىرىكى ئالى مەكتەپ مائارىپى سەرخىللارنى تەربىيىلەشنى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى قىلاتتى. ئەلۋەتتە سەرخىللار ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بولىدۇ. ھازىر ئالى مەكتەپ مائارىپى ئاممىۋى مائارىپ باسقۇچىغا كىردى. بۇ خىل شارائىتتا كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆلىمى سەرخىللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنىڭ ھالقىسى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشنىلا ئەمەس. بەلكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، خىزمەت پوزىتسىيىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزلۈگىدىن داۋاملىق ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالى مەكتەپ  مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك جەمئىيەتكە لازىملىق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىش ئاساسى ئوقۇتۇش نىشانى قىلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئالى مائارىپتا كەسپى ئالى مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى ئالى مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى  نەزىرىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىيەتكە سەل قاراش، بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلى ئىقتىدارغا سەل قاراشتەك تەربىيىلەش ئەندىزىسى ھەقىقى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئالى مەكتەپلەر ئېچىق ھالەتتىكى تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن بالدۇر ئۇچراشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نىشانىنى بېكىتىۋېلىشىغا ۋە ئۆزىنى  چىنىقتۇرۇشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىشمۇ ئالى مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىدا كەم بولسا بولمايدۇ.
     دۆلەتنىڭ ئالى مائارىپقا سالغان سېلىنمىسىنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى. ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئالى مەكتەپلەر جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ھەر خىل ۋە ئۆزگۈرۈشچان بولىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ئالى مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، توغرا بولغان تەرەققىيات يۆلىنىشى بويىچە تەرەققى قىلىش يولىدا ماڭغاندا جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىۋى بىلەن ماس ھالدا تەرەققى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
    مائارىپ مېنىستىرلىكى ھەر يىلى ئالى مەكتەپلەرنى باھالاپ ئۆتكۈزىۋالىدىكەن. بۇنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ كىشىلەر «ئالى مەكتەپلەرنىڭ لاياقەتلىق ياكى ئەمەسلىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شەكلى، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش نىسبىتى، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۇلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپۈتىگە بولغان باھاسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك»دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولىۋاتامدۇ؟
    ئازات سۇلتان مۇئەللىم: مائارىپ مېنىستىرلىكىنىڭ ئالى مەكتەپلەرنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ، تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرى چوڭ جەھەتتىن 7تەرەپنى، كىچىك جەھەتتىن108كونكىرىت نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى مەسىلىسى بۇ ئۆلچەملەرنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. چۈنكى مەكتەپ ئادەم تەربىيىلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئورۇن. ئۇنىڭ تەربىيىلىگەنلىرى جەمئىيەتكە يارىماس، چوڭ ئىشنى قىلالمايدىغان، كىچىكىنى ياراتمايدىغان، كارغا كەلمەس بولۇپ چىقسا، مۇنداق مەكتەپنى قانداقمۇ لاياقەتلىك مەكتەپ دىگىلى بولسۇن؟ ھازىر ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەر مائارىپ مېنىستىرلىكى بېكىتكەن لاياقەتلىك مەكتەپ ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىدىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق نۇقتىلار باھالاش خىزمىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى، بۇ جەھەتتىكى باھالاش خىزمىتى تېخىمۇ ئاشكارە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىنىشى مۇمكىن. ئامما ئارىسىدا شۇ خىل ئىنكاس بولغان ئىكەن، بۇ خىزمەتنى ئاممىدىن پىكىر- تەلەپ ئېلىپ، ئاشكارە ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى ھالقىدا مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئىشىنىمىزكى، ئالى مەكتەپلەرنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىش خىزمىتى ئالى مائارىپ تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئالى مەكتەپ مائارىپىغا بولغان تەلىۋىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ.
    بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىمەن»، «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن» دەيدىكەن چوقۇم ئۆزىدە ئارزۇسىغا يارىشا ساپا ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ساپا نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قان تەر ئاققۇزۇپ ئۈگۈنىشىدىن، ئۆزىگە ھەر جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويىشىدىن كېلىدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلمايدۇ. كەلگۈسىنى پىلانلاشتا كۆپ ھاللاردا تاشقى ئامىلغا زىيادە ئۈمۈت باغلايدۇ. ئالى مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتاھانى مەزگىلىدە بىز كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىمتاھان مەيدانىغا پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، ئىمتاھان تۈگۈگىچە ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىمتاھاندىن چىقىشى بىلەن ئارىغا ئېلىۋېلىپ، ئىمتاھاننى قانداق بەرگەنلىكىنى سوراپ كېتىدىغانلىقىنى، ئىمتاھاننى ياخشى بەرگەن بولسا خوشال بولۇپ، بېرەلمىگەن بولسا كۆزلىرىگە ياش ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز.  بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپ مائارىپىغا قانچىلىك چوڭ ئۈمۈت باغلايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار «پەرزەنتلىرىمىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا، كەلگۈسىدە جاپا تارتىپ قالمايدۇ، ئىستىقبالىنى تاپىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى رىئاللىق شۇكى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش مۇقىم كىرىمدىن، ئىستىقبالدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئالى مەكتەپ مائارىپى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلىنىشكە ئىگە قىلىشتىكى ۋاستە. بۇ رىئاللىق ئالدىدا ئاتا ئانىلار نىمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتماي قالمايدۇ.
    مەن ئەر- ئايالنىڭ ئازغىنە پىنسىيە پۇلىغا تايىنىپ، ئىككى قىزىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقان بىر ئانىنى زىيارەت قىلدىم. ئامىنە خانىم ئەمدىلا 50ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، كارخانىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، بۇندىن 10يىل بۇرۇنلا پىنسىيىگە چىقىۋالغان ئىكەن، يولدىشىنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئاغرىق پىنسىيىسىدە ئىكەن. ئامىنە خانىمنىڭ ئىككىلا قىزى مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىپ ئۆتۈپتۇ. بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئىنتاھىن يۇقۇرى ھىساپلىنىدىغان ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرۇپ، بالىلارنى ئوقۇتۇش كېرەكمۇ؟ چاقىرىق قەغىزىگە قاراپ، بۇ جاپاكەش ئەر-ئايال شۇنداق ئويلاپتۇ: يىمىسەكمۇ، كىيمىسەكمۇ بالىلارنى ئوقۇتايلى، كەلگۈسىدە نېنى پۈتۈن، تۈرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، بىزدىن كېيىن قالسىمۇ جاپا تارتماي ياشايدىغان بولار. ئىككى قىز شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپكە كىرىپتۇ. ئوقۇش مۇكاپاتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇپ، ئۇلارغا ئاتاپ يىغىپ قويغان پۇللىرى بىلەن مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپتۇ. ئامىنە ئاپپاينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، چوڭ قىزى پۈتۈرگىلى ھەش پەش دىگىچە 4يىل بولۇپ قاپتۇ. كىچىك قىزى پۈتتۈرگىلىمۇ ئىككى يىل بوپتۇ. تۇرمۇشتىكى تۇرلۈك تۈمەن خىل قىيىنچىلىقلارنى پىسەنتىگە ئالمىغان ئاتا-ئانىنى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورنىدىن مۇقىمراق خىزمەت تاپالمىغان ئىككى قىزىنىڭ غېمى مۈكچەيتىپتۇ. ئامىنە ئاپپاي مۇنداق دىدى: چوڭ قىزىم مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن بۇيان شەخسى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتىدۇ. بەش ئالتە ئورۇنغا ئالمىشىپ بولدى. ئۇ«ئىقتىدارىمنى قايسى ئورۇندا ياخشى جارى قىلدۇرالىسام، شۇ يەردە ئىشلەيمەن» دەيدۇ. روھى كەيپىياتى يۇقۇرى، تىرىشىپ ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ. بىراق، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق، كىچىكىمۇ شۇنداق. ئىككىلىسىنىڭ خىزمىتى مۇقىم ئەمەس.  ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەسپىگە ماس كېلىدىغان بىرنەچچە ئىدارىگە باردىم. ئۆزلىرىمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تاللاش ئىمتاھانىغا قاتناشتى. كۆپ ھاللاردا 10ئادەم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنغا، نەچچە مىڭ كىشى ئىمتاھان بېرىدىكەن. بۇ ئىشمۇ قالماشمىدى. ھازىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۇپ قالدىم. بالىلىرىم جاپالىق ئىشلىسىمۇ، بىزگە ئېغىرىنى سالمايدۇ.  ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىۋاتىدۇ.
    بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلار «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ چىقىش يولى تاپىدىغان» رىئاللىقنى ئامالسىز قوبۇل قىلىپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە خىزمەت قىلغانلار بولغاچقا، بۈگۈنكى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماسلىقتەك ئىشقا ئورۇنلۇشۇش رىئاللىقىنى قوبۇل قىلمىغى ھەقىقەتەن تەس. ئۇنداقتا، بۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىچۇ؟ ئۇلارنىڭ پىلانى نىمە؟ بۇنى ئىگىلەپ بېقىش مەقسىتىدە شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتىتى، شىنجاڭ تىببى ئونىۋېرسىتىتى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئېنىتسىتوتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان100نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە «ئاسپىراتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ئۆتۈپ قالسام داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيمەن»دىگۈچىلەر %18.6 نى؛ «ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن» دىگۈچىلەر % 39.5 نى؛ «ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇشنى خالايمەن»دىگۈچىلەر %37.2 نى؛ «چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى خالايمەن»دىگۈچىلەر % 4.7 نى؛ قالغان قىسمى«تېخى ئويلاشمىدىم» دىگۈچىلەر    بولدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش قارىشىدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغان. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك كەسپى پەنلەر  ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ جانلىق ئۆتۈلسە، پىراكتىكا ۋاختى يەنىمۇ ئۇزارتىلسا ياكى كۆپرەك پىراكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئەمەلى ئىقتىدار بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ، ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا جەمئىيەتنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشالماسلىق ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئېغىر بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.( بۇ ھەقتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشۈم ئاساسىدا كېيىنكى ماقالەمدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتىمەن)
     ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپ ئىگىلەشكە بولغان تەلىۋى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭمۇ  كەسپى خادىملارغا بولغان ئېھتىياجى يىلدىن يىلغا كۈچىيىۋاتقان شارائىتتا، ئوقۇغۇچى مەنبەسى يىلدىن يىلغا كۆپۈيۈۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپى ئونىۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇنى ئىگىلەش مەقسىتىدە مەكتەپ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن ئابدۇرېھىم ئەپەندىنى  زىيارەت قىلدىم. ئەركىن ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە: مەكتەپتە 62خىل كەسپ تەسىس قىلىنىپتۇ، 38كەسپتە ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ كەسپلەر جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەلىۋىگە ئاساسەن ئېچىلغان كەسپلەر بولغاچقا، مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋېتىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپ ئەمەلىيەت مەشقى دەرسخانىلىرىنى تەسىس قىلىش، جەمئىيەتتىمۇ پىراكتىكا بازىلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئوقۇتۇش شەكىللىرىنى قوللۇنۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئۇ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى.  بىرىنچى، ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇشقا بولغان كۆر قارىشىدا مەسىلە ئېغىر. مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى بولسۇن. ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى شىتاتلىق خىزمىتى بولسا، ئۇنى خىزمەت ھىساپلايدىغان بولمىسا، خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردا ئىشلەشنى، ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىدىغان خىزمەت دەپ قارايدىغان ئەھۋال ئېغىر. گەرچە ئاغزىدا شۇنداق دىمىسىمۇ، كۆپ قىسىملىرى شۇنداق ئويلايدۇ. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت ئىگىلىگىدىكى ئورۇنلار بىلەن كۆپ قىسىم شەخسى كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغان دائىرىسىدە پەرق زور. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئولتىراق ئۆي فوندى، ئىسسىزلىق سۇغۇرتىسى بار. خۇسۇسى كارخانىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بولسا، بۇنداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىرى ناھايىتى ئاز. بۇ تەرەپمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تاللاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇنچە كۆپ بولىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. ئۈچىنچى، بىزدە ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلۈك، كۆلەملەشكەن كارخانىلار كۆپ ئەمەس، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلاردا ، ياكى ئىچكى ئۆلكىدىكى چوڭ سودىگەرلەر مەبلەخ سالغان كارخانىلاردا ئىشلەش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن ئاز. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشىغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. تۆتىنچى، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىكىدىن ئىگىلىك تىكلەش روھى كەمچىل. ئۆزلىگىدىن ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل زۆرۈر شەرت ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا، رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى دەسمايىسىنىڭ كۆپۈيۈشىگە پايدىلىق. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنىڭ نىشانىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۈمۈتسىزلىنىدۇ. بىزنىڭ مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساق، مەكتەپ پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى%94بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى% 70ئەتراپىدا. بىراق مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە پىرسەنتىنىڭ نىسبەتەن مۇقىمراق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر نىمە دىمەك تەس. چۈنكى، مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەلىۋىگە ئاساسەن كەسپ تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەۋاتقان بولسىمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن% 100 لاياقەتلىك ئىختىساسلىق كەسپى خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنى يوق. بىزدە كەسپى ئىقتىدارى مول، ئەمەلىيەت بىلەن نەزىرىيىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا كەمچىل، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا كەم تەرەپلەر بار. بۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلاردا تەقەززالىق تۇيغۇسىمۇ كەمچىل. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار يەنىلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىقسا، قىلىدىغانغا ئىش تەيياردەك بىغەم يۈرۈيدۇ. ئۆزىدە ئونىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈشكە، تىرىشىپ كەسپ ئىگىلەشكە  كۈچەيدىغانلار ناھايىتى ئاز.
    «ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى ياخشى قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراشتا، ئۇنىڭ ئىش قىلغان چاغدىكى روھى ھالىتىگە ۋە پوزىتسىيىسىگە قارىسىلا بولىدۇ. چۈنكى ئادەم قىلىۋاتقان ئىشىغا ئۆزىنى بېغىشلىيالمىسا، ئۇ مەڭگۈ نەتىجە يارىتالمايدۇ.»
    مەن كومپىيوتېر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تېخنىكنى تونۇيمەن. ئۇ سۆرەت ئېلىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتىشتىن تارتىپ، كومپىيوتېردا سۆرەت بىر تەرەپ قىلىشقىچە، ھەممىنى قىلالايدۇ. ئۇ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنمۇ ئەمەس. ياكى بىرەر ئۇستازنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەنمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ بىلىمى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈشتىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتىن كەلگەن. ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان شېركەتنىڭ خوجايىنىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ دەسلەپ شېركەتكە كەلگەندە «ئىش ھەققى ئالمىساممۇ مەيلى، ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇراي» دىگەن ۋە شېركەتتە بىلمىگەننى سوراپ، ماتىرىيال ئاختۈرۈپ توختىماي ئۈگەنگەن. نەتىجىدە بىر يىلغا بارمايلا شېركەتتە سىن ئېلىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتەلەيدىغان، كومپىيوتېردا فىلىم ئىشلىيەلەيدىغان ئاساسلىق تېخنىكقا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا شېركەتكە سىڭىپ ، تېگىشلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان. دىمەك جەمئىيەتمۇ چوڭ بىر مەكتەپ، كۆڭۈل قويغانلار بۇ مەكتەپتە مول بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، نەتىجە يارىتالايدۇ. جەمئىيەتتە رىقابەت شۇنداق رەھىمسىزكى، مەيلى ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسۇن ياكى ئوقۇمىغان بولسۇن پەقەت باشقىلاردىن مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولسىلا، چوقۇم قەدىرلىنىدۇ. يېقىندا ئىخلاس كەسپى تەرەققىيات شېركىتىنىڭ دېرىكتورى روزى ھاجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. روزى ھاجىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر شېركەتنىڭ ئىشچى خىزمەتچىسى ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىنى قوشقاندا 800گە يېتىدىكەن. شېركەت قارمىغىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ %90 تى، تاللا بازارلىرىدىكىلەرنىڭ %70 تى ئالى مەكتەپنى پۈتتەرگەنلەر ئىكەن. روزى ھاجى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىزمەتكە قويۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى باشقىلارغا قارىغاندا يۇقۇرى، بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۈگۈنىۋالىدۇ. بىر قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇش، تەشكىللەش، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە ياخشى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا ئۇچرايدىغان ئەجەللىك بىر كەمچىلىك شۇكى، ئۇلاردا تاقەت، سەۋرىچانلىق كەمچىل. ئۇلار كارخانىغا كىرىپلا باشقۇرغۇچى بولۇشنى ۋە ياكى ئىشخانىدا كەسپى ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشنى ئويلايدۇ. بىر مەزگىل چېنىققاندىن كېيىن ئىقتىدارىغا قاراپ خىزمىتىنى تەڭشىگىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغانلار كۆپ ھاللاردا ئەستايىدىل، تىرىشچان، قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ياخشى قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغانلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز شېركەتكە خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى بولۇپ ئېلان چىقارغان بولساق، تىزىملاتقىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئاران  %10تى ياكى%15تى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا كېلىپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېڭى تۆۋەن.
    ئالى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، بىر تۇتاش تەقسىم قىلىشنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. مەن زىيارەت داۋامىدا شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم- ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇش مەسىلىسىدە مەسىلە ئالى مەكتەپ مائارىپىدىمۇ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ، ئاتا-ئانىلاردىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولىۋېتىپتۇ. سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان ئالى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئۈچۈن ھەر ساھە، ھەر كەسپ ئىختىساسلىق خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولامدۇ؟ ئالى مەكتەپلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان ئىسلاھات جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ماس كېلىۋاتامدۇ؟ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا نىمە سەۋەپتىن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كەمچىل؟ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆزىدىكى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك؟ .... نۇرغۇن سۇئالغا جاۋاپ تېپىش زۆرۈر. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.