ئەيىپ بىزدىمۇ بار

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-09 12:53:00

مەھەللىمىزدە دائىم «ھازىرقى ياشلاردا ئەدەپ قالمىدى، سالام بېرىشنىمۇ ئۇقمايدۇ» دەپ قاخشايدىغان بىر مويسىپىت بولىدىغان، بىر كۈنى مەن قورودىن كىرىۋېتىپ بۇ مويسىپىتنىڭ يەنە باشقا بىر نەچچە مە...

       مەھەللىمىزدە دائىم «ھازىرقى ياشلاردا ئەدەپ قالمىدى، سالام بېرىشنىمۇ ئۇقمايدۇ» دەپ قاخشايدىغان بىر مويسىپىت بولىدىغان، بىر كۈنى مەن قورودىن كىرىۋېتىپ بۇ مويسىپىتنىڭ يەنە باشقا بىر نەچچە مەھەللە مويسىپىت بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە يېنىدىن ئۆتكۈچە سالام بەرمەكچى بولۇپ ئۇلارغا قاراپ قولۇمنى كۆكسۈمگە ئالدىم، ئەمما شۇ ھامان مەن بۇ مويسىپىتنىڭ قولىدا رومكا بارلىقىنى ،ئۇدۇلدىكى سۆھبەتداشلىرىنىڭمۇ ئىككىسىنىڭ قولىدا تاماكا بارلىقىنى كۆرۈپ ئەرۋاھىم ئۇچقان ھالدا  قولۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم، دەل شۇ دەقىقىدە كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، مويسىپىت سەل كۈلۈمسىرەپ سالامغا جاۋاپ بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان بولسىمۇ ئەمما چىرايىمدىكى ئۆڭسۈللۈكنى كۆردى بولغان، جىم بولۇپ قالدى، مەنمۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كەتتىم. ئىچىمدە «يەنە مېنى سالام بىلمەيدۇ دەپ قاخشايدىغان بولدۇڭدە ..يەنە سالامغا ئەرزىگۈدەك بولغىنىڭدا بېرەرمەن» دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگىنىمچە ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم...

       گەپ ئاڭلىمىغان ئوقۇغۇچىنى ئۇرسام ئاتىسى كېلىپ ئەرز قىلدى دىگەن تېمىدىكى تېيىزلىق ۋە غەزەپنى كۆرۈپ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا  پىداگوگىكىغا خاس سالماقلىق يوقلۇقىنى، بولغان تەقدىردىمۇ ساپا ۋە پىداكارلىقتا مائارىپچىدا بولۇشقا تېگىشلىك غەيرەت قىلالمىغانلىقىنى  ھىس قىلدىم.

       ئوقۇتقۇچى! ئىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ...رەنجىشنى ئەمەس، مۇھەببەت بېرىشنى ئۆگىنىڭ...ئۇ دىگەن سىزنىڭ ئەۋلادىڭىز...سىز ئەڭ ئاۋال سالاھىيەت ھازىرلاڭ، ئۆز ھەركىتىڭىز ئارقىلق ئۇلارنى ھىچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يېتەكلەڭ... ئۇلارنى ياخشى كۆرۈڭ... جەمىيەت سىزدىن غەزەپ ئەمەس چوڭقۇر تەھلىل ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈتىدۇ. 30-يىللاردا تەۋپىق باشچىلىقىدىكى مائارىپچىلار ئۆزى پۇل ۋە جان چىقىرىپ ئاقارتىش ھەركىتى ئېلىپ بارغاندا خەلق سىزچە ئۇلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەنمىدى؟
      مائارىپ راھەتلىك ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەتلىك كەسپ.... كەسپىڭىزنىڭ ۋەزنىنى ھىس قىلىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق