ھاياتتىن نېمە قىممەت؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-02 22:31:35

ھاياتتىن نېمە قىممەت؟ئابلاجان تۇردى يېزىدىكى ئاياللار قورساق كۆتۈرۈپ قالدىمۇ يوق، پات-پات تەكشۈرۈلۈپ تۇرىلىدىكەن. بىر كۈنى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدىكىلەر بىر ئايالغا تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلىپ...



    ھاياتتىن نېمە قىممەت؟

    ئابلاجان تۇردى



       يېزىدىكى ئاياللار قورساق كۆتۈرۈپ قالدىمۇ يوق، پات-پات تەكشۈرۈلۈپ تۇرىلىدىكەن. بىر كۈنى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدىكىلەر بىر ئايالغا تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلىپ بارسا، ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقىپتۇ. قېيىنئانىسىدىن ئەھۋال ئۇقماقچى بولغاندا، ماجرالىشىپ قاپتۇ. قېيىنئانا پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئىشخانىغا قامىلىپ 15 كۈن تەربىيەلىنىپتۇ. ئۇنى قامىغان باشلىق سوتقا ئەيىپلىنىپتۇ.

       بەزى يەرلەردە كەنت كادىرلىرى جەرىمانە تۆلىمىگەن كەنت ئەزالىرىنى سولاپ قويغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن. قەرزدارنى سولاپ قويۇپ قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن.

       بۇ ئىشلار بىزنى ئىنساننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.

    ۋېنگرىيە شائىرى پتوفىنىڭ مۇنداق بىر شېئىرى بار:

    «ھاياتلىق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،

    ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.

    ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،

    ھۆرلۈك-ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت.»

    يەنە رۇسسۇمۇ «ئىنسان تۇغۇلغاندا ئەركىن ئىدى، كېيىن ئۇ ھەر جەھەتتىن بوغۇلدى» دېگەنىدى. تەبىئىكى، ئىنسانلار مۇشۇ بوغۇلۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تېخى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقان ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن ئىبارىلەرنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن قانلارنى ئاققۇزدى. ۋەھالەنكى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەنىدىكى ھەق - ھۈرمىتىنى ئەمەس، ئەقەللىيسى ئۆزىنىڭ بىر جاندار مەنىسىدىكى ھاياتلىقىنى قوغداش ھەم داۋام ئەتكۈزۈش ئىنتىلىشلىرىمۇ دەخلى - تەرۇزدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى.(ئا.جالالىدىن)

    ئەركىنلىك – ھەر بىر ئەر، ھەر بىر ئايال ۋە ھەر بىر بالىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ھوقۇقى، ئەركىنلىك – بىزنىڭ دۇنيارىمىزدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ يولى!

    تارىختىكى ساۋاقلار مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلغىلى بولىدۇ، ئەركىنلىكنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنى ھەرگىزمۇ رەت قىلغىلى بولمايدۇ.

    ئەركىنلىك -دۆلەت قۇرغۇچىلارنىڭ غايىۋى لايىھىسى، ھەر بىر قەلبنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئەركىنلىك بىر دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئازاد قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، ئەركىنلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئادالەتكە يېتىشىنىڭ بىردىنبىر تەرتىۋى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى.

    ئەركىنلىك- ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى ئىنساننىڭ چەكلىمە ۋە دەخلىگە ئۇچرىماي، قانۇن يول قويغان دائىرىدە  ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىدۇر. ئەركىنلىك ھوقۇقى سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى، شۇنداقلا ھەق تەلەپ ئەركىنلىك ھوقۇقى، جۈملىدىن جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، نىكاھ ئەركىنلىكى ھوقۇقى، توختام ئەركىنلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يەردە جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
    جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بەدىنى ۋە ھەرىكىتى پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدىغان، ھەرقانداق قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. جىسمانىي ئەركىنلىك پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بىخەتەر قاتنىشىش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ باشقا ھەرخىل ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جىسمانىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.

    ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگىنىدەك، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق پۇقرا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ. پۇقرالارنى قانۇنسىز سولاش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىندۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىندۇ.

    ئاخىرىدا م. كلائودىئوسنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى: باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى قىلىش ئەركىنلىكتۇر.

    2011-يىل 29-دېكابىر، پەيزاۋات

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.