موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 22:18:22

موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەللامە--ئالىملار، ھەق يولىدا قۇربان بولغان شىر يۈرەك باتۇر-ئوغلانلار، يۇرت--ۋەتەن ئوتىدا كۆيگەن ھۆرمەت تەختىدىكى ئىپپەت قۇربان...

    موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى كىملەرگە پۇتلاشتى؟

     

     

    تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەللامە--ئالىملار، ھەق يولىدا قۇربان بولغان شىر يۈرەك باتۇر-ئوغلانلار، يۇرت--ۋەتەن ئوتىدا كۆيگەن ھۆرمەت تەختىدىكى ئىپپەت قۇربانلىرى بولغان خاتون-قىزلار دەپنە قىلىنغان جايلارنى ئۇلۇغلاپ ، يوقلاپ تاۋاپ قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس مازارەتگاھقا ئايلاندۇرۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئەڭ خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىش-پائالىيەتلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ
    يۇرتىمىزدىكى ئەشۇ مازارەت---سەيلىگاھلار ئىچىدە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى سوۋۇتقا مازىرى---سەيلىگاھى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئۈچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تېغى بېلەن قارا تېكە تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەتراپى بۈك-باراقسان ئورمان بېلەن قاپلانغان تۈزلەڭلىكتە خۇددى فونتان كەبى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر خىسلەتلىك بۇلاق بار. بۇ تىلسىماتلىق جاي `` سوۋۇتقا `` دېگەن نامى بېلەن يىراق-يېقىنغا مەشھۇردۇر. !
    سوۋۇتقا سەيلىگاھى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا دىلنى رام قىلغۇچى سىرلىق رىۋايەتلەر تارىلىپ كەلمەكتە. ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1836---1917)<<تارىخي ھەمىدى >> ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ :
    «ئۇچتۇرپاندا سوۋۇتقۇ مازار دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي جاي بار. `سوۋۇتقا` دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھىجىرىيىنىڭ 33-يىلى (مىلادى 653--654-يىللىرى) سۇلتان قۇرمىش سەيدىلمۇسۇلمىن شاھادەتلىككە يەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئاخىرقى زامان رەسۇلىر راخمان ئەلى شىر يەزدانى ئەلى شىر كېرىمۇللا ۋەجىھۇنى قەھقە جادۇ ۋە زەمزە ئاتەشپەرەسلەرنىڭ شەھرىگە بېرىشقا ئەمىر قىلغانىكەن. بۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلىشىر يەزدانى ئەلىشىر خۇدا ئىككى شاھزادە كېرەم ۋە بىر نەچچە ياش شاھزادىلەرنى ھەمراھ قىلىپ سودىگەر شەكلىگە كىرىپ ، ناھايتى تېزلىك بېلەن كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ ئۇشبۇ شەھرى بەر بەر ( ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمقى نامى )گە كېلىپ ، بىر بۇلاق بېشىغا چۈشۈپ، دۇلدۇللىرىنى بۇلاق بېشىدىكى سۆگەتكە باغلاپ سوۋۇتقان ئىكەن. شۇڭا كېيىنكىلەر بۇ مازارنى `سوۋۇتقا مازار` دەپ ئاتاپتۇ .شۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بۇ جاينى زىيارەت قىلىپ ، بۇلاق سۈيىنى شەربىتى تەۋەرۈك ھېساپلاپ ھەر تەرەپكە ئېلىپ كېتىدىغان بولۇپتۇ...ئەمما بۇ ئادەتتىكى جاي بولماستىن بەلكى ئالاھىدە بىر كارامەتلىك مازاردۇر . »( مۇسا سايرامى :<< تارىخي ھەمىدى >>، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 656-،657-بەتلەرگە قارالسۇن). 19-ئەسىردە ئۆتكەن رېئالىستىك شائىر موللا شاكىر (1805--1870) << زەفەرنامە >> ناملىق مەشھۇر داستانىدا :


    بەش ئاي نەزمىگە ۋاقىتنى ئەيلەپ مادام،
    ~ كىتابى زەفەرنامىگە سۈبھى شام. `
    كى ئىدى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئىدى سەكسەن ئۈچ،
    سوۋۇت مەۋزەئىي شەھىرى ئۇچ. جامادىيەل ئەۋەلدە بولدى تامام،
    يىلى قوي يەكشەنبە ئۇشبۇ كالام.

    دەپ يازىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سوۋۇتقا مازىرىدا تۇرۇپ <<زەفەرنامە>> داستانىنى يازغانلىقىنى ئالاھىدە قەيىت قىلىدۇ. دەرۋەقە، شائىر موللا شاكىر ئاخىرقى ئۆمرىنى سوۋۇتقا مازىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، خەتتاتلىق، ۋە ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. 1870-يىلى شائىر ۋاپات بولغاندا ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن سوۋۇتقىغا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەر شائىرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەخسۇس مەقبەرە ياساپ، بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ قەبرىسىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغان، دۇئا-تەگبىر ئۆتكۈزىدىغان بولغان.
    ئۇچتۇرپاندا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان پىشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن بارات ئەپەندىنىڭ شۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1884-يىلى ئۇچتۇرپاندا تۇغۇلۇپ 108ياش ئۆمۈر كۆرۈپ 1992-يىلى ۋاپات بولغان دىنىي ئۆلىما ھەم تارىخچى ئوسمان داموللام دېگەن كىشى مۇنداق دېگەنىكەن:
    ---ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك، پەلىسەپە ئىلمىدە يازغان بىر نەچچە كىتابلىرى بېلەن شىنجاڭ ھەتتا شەرىق ئالىملىرى ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان شائىر ھۆسەيىنخان تەجەللى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ سوۋۇتقۇ سەيلىگاھىنى زىيارەت قىلغان ھەم سەيلىگاھقا بىرگە چىققان ئۇچتۇرپان ئۆلىمالىرىغا: ``موللا شاكىر دىيارىمىزدىلا ئەمەس بەلكى شەرىق دۇنياسىدا تونۇلغان تىل ئالىمى ۋە شائىردۇر. بۇ زاتنى ئەسلەپ دۇئا-تەگبىر ئۆتكۈزۈپ تۇرۇڭلار`` دېگەن ( <<شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى >> ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىل 4-سانىنىڭ 69-70-بەتلىرىگە قارالسۇن).
    تۇرسۇن بارات ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، 1937-يىلى ئۇچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەت ئىمىن ( شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان) موللا شاكىر ئۆزدەۋرىدە ئىستىقامەت قىلغان مەسچىتنى ۋە موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنى ياسىتىپ يوپۇق ياپقان ھەم رىشاتكا ئىچىگە ئالدۇرغان. بۇ رىشاتكىلىق قەبرە 1967-يىلىغىچە ساقلانغان بولسىمۇئاتالمىش ``مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى``دا `` تۆت كونا ``ھېساپلىنىپ ئەتراپىدىكى نەچچە يۈز يىللىق دەرەخلەر بېلەن بىرگە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.
    1993-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سابىق ھاكىمى مويدىن سادىقنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۈچ چىقىرىشى بېلەن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى ھەم ئۇ ئىستىقامەت قىلغان مەسچىت قايتا ياسىلىپ، مەقبەرە رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنغان ھەم مىللىي ئۇسلۇپتا راۋاق ياسالغان.
    جايتاغ ئۇچتۇرپاندىكى يەنە بىر قەدىمىي ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچتۇرپان خەلقى ھەر يىلقى نورۇزدا جايتاغدا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، چاقپەلەك ئويۇنى ...قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە نېمىشقىدۇر بۇ خىل ئاممىۋى پائالىيەت جايتاغدىن سوۋۇتقۇغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شۇنىڭ بېلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى، مەسچىت ۋە راۋاقلار چېقىپ تاشلانغان.
    ئەمەلىيەتتە، سوۋۇتقا سەيلىگاھىدىكى قەدىمىي مەسچىت ۋە شائىر موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇتلىشىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئەكسىچە بۇ قەدىمىي ئىزلار خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك بۇ قەدىمىي سەيلىگاھقا تېخىمۇئۆزگىچە مەنا ئاتا قىلىپ تۇراتتى.
    مۇبادا سوۋۇتقا سەيلىگاھىنى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ ئاچقۇچىلاردا ئۆز مىللىتى ۋە ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرىپ ئادىتى، ئاسار ئەتىقىلىرىگە قارىتا توغرا تونۇش، ھۆرمەت ھېسىياتى بولغىنىدا ئىدى بۇلارنى چېقىپ تۈزلىۋەتمىگەن بولار ئىدى. بەلكىم ئۇنى ساقلاپ قېلىپ، تېخىمۇ ئاسراپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ تولۇق پايدىلانغان بولار ئىدى.
    چىرىك، مۇستەبىت مەنچىڭ خاندانلىقىنىغۇ دېمەيلا تۇرايلى بوپتۇ. كىنو-فىلىم، نەشىر ئەفكارلىرىمىزدا تەسۋىرلەپ بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن تېرورلۇق، قانخورلۇق، ئادالەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك ئەۋىج ئالغان گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ بۇ مەقبەرە مەسچىتلەرگە ھېچقانداق قارا قول تەگمەكتە يوق بىر ئوبدان ساقلىنىپ، ھەتتا رېمىنوت قىلىنغان. بۇ ئىزلارنىڭ ئۇلۇغ، توغرا، شەرەپلىك جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسى دەۋرىدە بۇزىۋېتىلگەنلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەمما بۇ كومپارتىيىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى كومپارتىيەنىڭ قانۇن-سېياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قىلمىغانلار سادىر قىلغان مەسىلىدۇر. بۇنىڭدىن پارتىيە-ھۆكۇمەتنىڭ سېياسەت-قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە مەركەز بېلەن يەرلىك، يۇقۇرى بېلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرىقلەرنىڭ،يوچۇقلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
    مەن شۇنچە تەپسىلى ئاقتۇرۇپمۇ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىرەر قانۇن -نىزاملىرىدىن، جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھېچقانداق بىرەر فاڭجېن -سېياسەتلىرىدىن << ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي ئىز، ئاسار ئەتىقىلىرىنى، كىلاسسىك يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى خالىغانچە ئۇرۇپ چېقىپ يوق قىلىۋېتىش ياكى يۆتكىۋېتىش كېرەك >> دېگەن مەزمۇنلارنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم.
    ۋەھالەنكى، مېنىڭ ئۇچراتقانلىرىم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى.<<ئاساسىي قانۇن>>،<< مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى>>ۋە << مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇنى>> قاتارلىق جۇمھۇريەت قانۇنلىرى ھەم ج ك پ نىڭ مىللىي سېياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا جۇڭگودىكى ھەممە مىللەتنىڭ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ئىكەنلىكى، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىنى، مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، قەدىمكى ئىزلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەرقانداق باھانە سەۋەبلەر بېلەن سەۋەبسىز بۇزۇشقا، يوقۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى ماددىلاشقان مەزمۇنلار بويىچە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.
    ج ك پ ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرىپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش، روناق تاپقۇزۇشنى؛ بۇ ئارقىلىق مىللىي روھنى جارىي قىلدۇرۇشنى موھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قۇيۇپ كەلدى.<< زەفەرنامە >> داستانىنىڭ قايتا رەتلىنىپ ئېلان قىلىنىپ جامائەت بېلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى ھەم شائىر موللا شاكىرنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دەرۋەقە، 1957-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئەھمەد زىيائى،شەرىپىدىن ئۆمەر،ئەرشىدىن تاتلىق،ۋاھىتجان غوپۇر،ئەسقەر ھۆسەيىن ،ئىمىنجان ئەھمىدى،ئابدىرىيىم سابىت،غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق پروفېسسور-ئالىم-تەتقىقاتچىلار موللا شاكىر ۋە << زەفەرنامە >> داستانى ھەققىدە خاس تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردى ۋە شائىر ھەم ئۇنىڭ<< زەفەرنامە >> داستانىنى‹‹<<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخدىن تىزىسئ>>››،<< ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى>> ،‹<<‹ئۇيغۇر كىللاسسىك ئەدەبىيات تارىخى›>>›...قاتارلىق كىتاب ۋە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزدى.
    ئەمما، پارتىيە مىللىي سېياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ پائال ھەركەتكە كېلىشى بىلەن قايتىدىن قەد كۆتۈرگەن موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى، مەسچىت ھەم مىللىي پوسۇندىكى راۋاقلار نېمە ئۈچۈن چېقىپ تاشلىنىدۇ؟ بۇ قەدىمىي ئىزلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەرىگە تاقىشىپ قالغاندۇ؟ شەھەر ئىچىدە بولغان بولسىغۇ يول-قۇرلۇشقا توغرا كېلىپ قالدى دەپ چېقىۋەتسە بىر نۆرە ئىدى. ئەمما خىلۋەت سەھرادىكى ھېچكىمنىڭ ھېچنېمىسىگە پۇتلاشمايدىغان بۇ ئىزلارنى يوقۇتۇش كىملەرگە شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالغاندۇ؟ ئەجىبا، مەدەنىيەت -تەنتەربىيە ئىشلىرىنى قەبرىنىڭ كاللىسىغا ئېلىپ چىقىپ تەرەققىي قىلدۇرسا ئۈنۈمى بەك يۇقۇرى بولامدىغاندۇ-يا؟ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ساقلاش-قوغداش بىر-بىرىگە شۇنچە زىت نەرسىمىدۇ؟ ئەجىبا، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم-شائىرلارنىڭ مەقبەرىلىرىنى بۇزۇش، خالىغانچە يۆتكەپ ئويناش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىمىدۇ؟موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسىنى بىر ئېقىن بىلەن تاغ ئارىسىدىكى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىن خالىي خىلۋەت جايغا يۆتكىۋىتىشنىڭ زادى نېمە زۆرۇرىيتى باردۇ؟ئۇنى ئۆز ئورنىدا قويۇپ ۋە ياخشى ئاسراپ ،شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالىنى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىدا يىزىپ ساياھەتچىلەرگە تەشۋىق قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي ئۇنۇمگە ھەم تىېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ئۇنۇمىگە ئېرىشكىلى بولماسمىدى؟ `
    نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يوقۇتۇشلار ئالدىدا بىزنىڭ مىللىي رەھبىرىي كادىرلىرىمىز كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ مۈشۈكتەك كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ؟خەلق ئىشىنىپ سايلىغان خلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم سېياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە يۇقۇرىغا تەكلىپ پىكىر سۇنماي يىغىن ۋاقىتلىرىدا مۈگدىشىپ ئولتۇرىشىدۇ؟ ئەتىدىن كەچكىچە تۆر تالىشىش، مەنمەنلىكتە بەسلىشىش كويىدىلا يۈرىدىغان ھاكاۋۇر سۈپەت زىيالىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە تۆت ئېغىز لىللا گەپ قىلالمايدۇ؟مۇكاپات ۋە يىغىن تاماسىدىلا يۈرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىلىرى نېمە كويلاردا يۈرىدىغاندۇ؟، ئىشقىي شېئىر-قوشاق توقۇشقا كۆنۈپ كەتكەن شۇنچە كۆپ شائىرلىرىمىزدىن شائىر موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنىڭ چېقىلغانلىقىغا قارىتا نېمە ئۈچۈن بىرەر سادا چىقمايدۇ؟ ئاتالمىش ``مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى``دىكى بۇزغۇنچىلىقلارنىغۇ بىچارە ``تۆت كىشىلىك گۇرۇھ``قا دۆڭگەپ قۇتۇلارمىز، ئەمما نۆۋەتتە يۈز بەرگەن بۇ يوقۇتۇشلارنى ئەمدى كىملەرگە دۆڭگەرمىز؟ ``مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى``دەۋرىدىكىنىغۇ جاھان شۇنداق مالىمان ئىدى، ھەق -ناھەق، ئاق-قارا ئاستىن ئۈستىن بوپ كەتكەن دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ تۇرايلى بوپتۇ. ئەمما ھازىرقىدەك ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ئىلمىي تەرەققىيات تەكىتلىنىۋاتقان چوڭ-ياخشى ۋەزىيتتىكى تەكرارلىنىۋاتقان يوقۇتۇشلارغا قانداق باھا بەرگۈلۈك؟ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مۇشۇنداق يوقۇتۇشلارغا قول تىققان، ئۇنىڭغا رېژىسورلۇق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە يوق ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مەنسەپ تاجى نېمىدەپ توختىماي ئۆسىىۋېرىدۇ؟
    بۇندىن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مۇنداق بىر سەتچىلىكنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالغانىدىم: كۇچا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مەكتەپكە ناھىيىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىگى كەپتۇ.دەرىسخانا تېمىغا چاپلاقلىق تۇرغان مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى ئەللامە بوۋىلىرىمىزنىڭ ساقال-بۇرۇتلۇق، سەللىلىك رەسىملىرى ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزىگە سىغمىغانمۇ قانداق ئۇ رەسىملەرنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ. رەسىملەر تامدىن يۇلۇپ ئېلىنىپ پۇرلاپ تاشلىنىپتۇ. بۇنى ئاز دېگەندەك بىر ئۇيغۇر مۇپەتتىش يەردە پۇرلىشىپ تۇرغان رەسىملەرنى پۇتى بېلەن تېپىپ يىراقلارغا ئاپىرىۋېتىپتۇ. ئەمدىلىكتە ئاڭلىسام مەھمۇت قەشقەرىنىڭ رەسىمىنى تەپكەن مۇپەتتىش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا شۇجى بولۇپ ئۆسۈپتۇدەك!
    ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ مەقبەرىلىرىنى چېقىشقا قوماندانلىق قىلغان، رەسىملىرىنى تېپىپ ھاقارەت قىلغانلارنىڭ مەنسەپ تاجىنىڭ توختىماي ئۆسىشى نورمالنى تەپەككۇرغا ئىگە ھەرقانداق كىشىنى ئەندىشىلىك خىياللارغا غەرىق قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس! بۇ ھالەت كىشىلەرگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن -سېياسەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىدىغان ھەتتا قارشىلىشىدىغان؛ مەركەز بېلەن تۆۋەندىكى ئامما ئوتتۇرىسىدا يوچۇق پەيدا قىلىش بەدىلىگە شەخسىي مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ھېلىھەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي، سېياسىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكە سالماي قالمايدۇ.
    ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قورۇسى ئىچىدە ئەينى يىللىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان يولداش لىن جىلۇنىڭ خاتىرە راۋىقى بار. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ مەركىزى كوچىسىدىكى چوڭ يول بويى ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى بۇ راۋاق ھازىرغا قەدەر ھىچكىمگە پۇتلاشماي خاتىرجەم ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.يەنە كېلىپ بۇ راۋاق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايتى ئوبدان ئاسرىلىپ كەلمەكتە. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كىمكى ئۇنى بۇزسا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا تارتىلىدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان بولسا كېرەك!! لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىغا سېخىلىق بىلەن ئورۇن بەرگەن ئۇچتۇرپان تۇپرىقىنىڭ شائىر موللا شاكىرغا كەلگەندە بېخىللىق قىلىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.
    خەنزۇچە‹<<‹حخەلق تورى>>››نىڭ2010-يىلى7-ئاينىڭ22-كۇنىدىكى سانىغا دۆلەت ئىچى-سىرتىدا زور شۆھرەت قازانغان<<”جۇڭگونىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتىسى“>>دەپ نام ئالغان مەشھۇر فىزىكا ئالىمى چىيەن شۆسىننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان تۇنجى تەجرىبىە بازىسىنىڭ سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان زوراۋانلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ-چىىقىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بىر خەۋەر بېرىلگەندىن كىيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.7-ئاينىڭ 23-كۇنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مېخانىكا تەتقىقات ئورنى دەرھال باياناتنامە ئېلان قىلىپ، مەرھۇم فىزىكا ئالىمى چىيەن شۆسىننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان بۇ تۇنجى تەجرىبىە بازىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ”<<ئىككى بومبا،بىر سۇنئى ھەمراسى>>“نى مۇۋەپەقىيەتلىك ياساپ چىقىشتا تارىخىي خاراكتىرلىك رول ئوينىعانلىقىنى،دۆلەتنىڭ موھىم-زور دۆلەت مۇداپىيە پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنى تاماملاشقا زور تۆھپە قوشقان ئەشۇ تەجرىبە بازىسىدىكى17مىليون يۇەن قىممىتىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇسكىنىلەر ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى كېرەكسىز<<”ئەخلەت“>>ئورنىدا ۋەيران قىلىۋېتىشتىن ساقلاپ ، ئۇنى تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىق سۇپىتىدە ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۇكىنى،ئۇنداق بولمىغاندا مەرھۇم ئالىم چىيەن شۆسىنگە يۈز كېلەلمەيلا قالماي يەنە ئۇنىڭ روھىنىڭ قورۇنۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلاپ،كۇچلۇك نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كۇچلۇك دىققىتىنى تارتىپلا قالماي يەنە ج خ تارماقلىرىمۇ جىددىي قاراپ تەكشۇرۇشكە مەخسۇس كۇچ تەشكىللىدى.
    دۇرۇس، موللا شاكىر مەقبەرىسى ۋە ئۇ ئىستىقامەت قىلغان قەدىمىي مەسچىدنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى ھەم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ رەسىمىگە قىلىنغان ھاقارەت خۇددى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر كوڭ زىنىڭ ھەيكىلى ۋە كوڭ زى ئىبادەتخانىسىنى چېقىپ ۋەيران قىلغانغا؛ لى بەي، دۇفۇ، بەي جۈيىلەرنىڭ ھەيكىلىنى بۇزۇپ، قەبرىلىرىنى ئۆرۈپ، رەسىملىرىنى يىرتىپ تېپىپ ئوينىغانغىلا ئەمەس ئەڭ موھىمى”<<جۇڭگونىڭ باشقۇرىلىدىعان بومبا ئاتىسى“>>دەپ نام ئالعان مەشھۇر فىزىكا ئالىمى چىيەن شۆسىننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان تۇنجى تەجرىبىە بازىسىنىڭ سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان زوراۋانلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ-چىىقىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋىتىلگەنلىكى پۇتۇن مەملىكەت خەلىقنىڭ نارازىلىققا ئۇچرىغانغا ئوخشاشلا پۈتكۈل جوڭخۇا مىللىتىنىڭ غەزىپنى كەلتۈرىدىغان ناشايان ئىشلار جۈملىسىگە كىرىدۇ، ئەلۋەتتە !

    2009-يىل 20-ماي ، ئاقسۇدا يىزىلدى،2010-يىلى 7-ئايدا ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يىزىسىدا تولۇقلاندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر موللا شاكىر مەقبەر