قايناق سۇ ۋە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-03 17:30:13

يۇتۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئادەتتە دورا قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ، بىراق دورا ئىچكەن قايناق سۇنىڭ دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى يۇيۇپ تاشلايدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمىسە كېرەك.


    قايناق سۇ ۋە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى
     
    يۇتۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئادەتتە دورا قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ، بىراق دورا ئىچكەن قايناق سۇنىڭ دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى يۇيۇپ تاشلايدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمىسە كېرەك. كۆپىنچە دورا جىگەر بىلەن بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدىن ئۆتىدۇ، ناۋادا دورا ئىچىۋاتقاندا كۈندە 2.5 لىتىرچە قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، دورىنىڭ بەدەندىكى ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىشىنى تېزلىتىپ، دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئازايتقانغا باراۋەر بولىدۇ.
    ئاموكسىلىن قاتارلىق ئانتىبىيوتىك دورىلارنى، يەنە سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى دورىلار يېگەندە، سۇنى كۆپ ئىچىش ھەرخىل كېسەللىكنىڭ، بولۇپمۇ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانغا باراۋەر. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىچكەندىمۇ سۇنى كۆپ ئىچسە، كۆپ تەرلەش مەنبەلىك سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بىراق ئاشقازان شىللىق پەردىسى دورىسى، يۆتەل قىيامى قاتارلىق دورىلار سۇنى كۆپ تەلەپ قىلمايدۇ، بولمىسا دورىنىڭ ئۈنىمىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر يۈرەك كېسەل، بۆرەك كېسىلى بارلار سۇ ئىچىش مەسىلىسىدە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىنى ياخشى.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۇ دورا تەسىر