يالغۇز جۇڭگودىلا ئىممۇنىتېت كۈچەيتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىنكار قىلىندى

يوللىغۇچى : lezine يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 17:48:53

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يالغۇز جۇڭگودىلا قىزىلغا قارىتا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى. (مۇخبىر يې جۇ) تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قىزىل ۋاكسىنىس...

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يالغۇز جۇڭگودىلا قىزىلغا قارىتا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

    شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى.
    (مۇخبىر يې جۇ) تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەش، توردا قىزغىن مۇھاكىمىنى قوزغىدى، نېمە ئۈچۈن پەقەت جۇڭگو بالىلىرىغىلا قىزىلغا قارىتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارى ئېنىق ئىنكار قىلىشنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلىق سوئالغا قارىتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارى ئېنىق ئىنكار قىلىشنى ئېلىپ بېرىپ، بىر مۇنچە تەرەققى تاپقان دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەر ئەنگلىيە، برازىلىيە، ئارگېنتىنا، كورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
    جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئىممونىتېت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لياڭ شىياۋفېڭ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىقى 9نازارەت يېتەكچىلىك قىلىپ گۇرۇپپىسىنى قۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن 17ئۆلكىگە بېرىپ ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، نازارەت-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىدا سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ تېخنىك خادىملىرىمۇ بار.
    نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىممونىتېتلاشنى ئېلىپ بارغان
    بىر تورداش گۇمانلىنىپ:«نېمە ئۈچۈن ياۋروپا-ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ۋاكسىنا ئۇرمايدۇ؟ ئەگەر تارقىلىپ كەتسە، ياۋرۇپا-ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىچىك دوستلار يۇقۇملانمامدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىدى.
    بۇنىڭغا قارىتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئورگىنى ئىممونىتېت ۋاكسىنا ۋە بىئولوگىيىلىك بويۇملار بۆلۈمىنىڭ تىببى ئەمەلدارى پېتېر ستوروبېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن يەر شارىدىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىل ۋاكسىنىسى ئەمىللىنىدۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇنتىزىم ئىممۇنىتېتلاش پىلانى ھەممە بالىلارنى قاپلاپ كېتەلمىگەچكە، ئۇلار كۆپلىگەن قىزىل كېسەللىرىنى دوكلات قىلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش پائالىيىتى ئارقىلىق، بالىلارنى ئىممونىتېتلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، دۇنيا تەشكىلاتى بارلىق دۆلەتلەردىكى بالىلارغا قارىتا قىزىلغا قارشى ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى. كورىيە 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى، ئەنگلىيە 1994-يىلى، نىشانلىق ياشتىكى بارلىق بالىلارغا قارىتا بىر قېتىملىق ئىممۇنىتېتلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. ياپونىيەمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
     پېتېر ستوروبېل مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قىزىلغا قارىتا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش پائالىيىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىنى جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە ئوخشاش، بۇ خىل ۋاكسىنا جۇڭگودىكى مۇنتىزىم ئىممۇنىتېتلاش پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلگەن، ھەمدە جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان، ئىشلىتىۋاتقان بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
    ئىممونىتېت كۈچىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قايتا ئەملەش كېرەك
    بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئىممونىتېت كۈچىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇسۇلىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىتا، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئىممونىتېت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لوخۇيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىزىلغا قارشى ئىممونىتېت كۈچىنىڭ بار-يوقلىقىنى پەقەت ئانتېتلانى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بىراق، ئادەتتە ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مۇنتىزىم ۋاسىتە قىلىنمايدۇ، بىر جەھەتتىن تەكشۈرۈش-ئۆلچەش قىممەترەك، ۋاقىت ئۇزۇن كېتىدۇ، ھەمدە مۇرەككەپ، يەنە بىر جەھەتتىن بەزىدە ئايرىم ئەھۋاللاردا مەنپىيلىكىنى تەكشۈرۈشمۇ ئىممونىتېت كۈچىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.
    ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن، ئاز ساندىكى كىشىلەردە بەدەن ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئىممونىتېت كۈچى ھاسىل بولمايدۇ، شۇڭا، دۆلىتىمىزدە ۋە خەلقئارادا كىشلەر توپىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن گەۋدىلىك ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشتە، پەقەت ياش گۇرۇپپىسىغا مۇۋاپىق كەلگەن نىشانلىق بالىلارغا، مەيلى ئىلگىرى قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن-ئەملەنمىگەن بولسۇن، ياكى قىزىل چىققان-چىقمىغان بولسۇن، پەقەت چەكلەنگەن كېسەللەر كوللېكتىپى بولمىسىلا، بىر قېتىم قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ.
    ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرلمايدۇ
    ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى نېمە ئۈچۈن بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقى، يېرىم يىل كۈچەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئومۇمىي يۈزلۈك كېڭەيتىش مەسىلىسىگە قارىتا، لوخۇيمىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قىزىلنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىدىكى ئاساسى سەۋەب شۇكى، كىشلەر توپى كۈچەيتىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نىشانلىق كىشلەر توپىدىكى قىزىل ۋاكسىنىسى ئىممونىتېت بوشلۇقىنى تۈگىتىپ، ئىممونىتېت توسقىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق قىزىل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
    لوخۇيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكىتىمىزدە كۆچمەن بالىلار كۆپ، بىر مۇنچە جايلاردا قىزىل ۋاكسىنىنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇش ۋاقتى جەھەتتە ئىلگىرى-كىيىنلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قىزىلنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىش رولى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، قىزىلنى يوقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قىزىلنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە قىزىل ۋاكسىنىسى ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-23 17:25:26]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.