ئاغۋاتلار ھاكىمىيەت يۇرگۈزگەن دۆلەت

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-28 00:49:52

ئاغۋاتلار ھاكىمىيەت يۇرگۈزگەن دۆلەتجۇڭگۇ تارىخىدا ئاغۋاتلار ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرغان بىر خانىدانلىق بولغان،بۇ خانىدانلىقنىڭ ھۆكۈمىرانلىق تەبىقىسىدە پادىشاھتىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ...

     ئاغۋاتلار ھاكىمىيەت يۇرگۈزگەن دۆلەت

     

     

    جۇڭگۇ تارىخىدا ئاغۋاتلار ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرغان بىر خانىدانلىق بولغان،بۇ خانىدانلىقنىڭ ھۆكۈمىرانلىق تەبىقىسىدە پادىشاھتىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاغۋات ئىدى.يۇقۇرسى باش ۋەزىردىن تارتىپ  تۆۋىنى ناھىيە ئامبىلىغىچە ھەممىسى دىگۈدەك ئاغۋات ئىدى.بۇ دەل بەش سۇلالە دەۋرىدىكى 10بەگلىكنىڭ بىرى بولغان جەنۇبى خەن بەگلىگى ئىدى.

     

    جەنۇبى خەننىڭ ھۆكۈمدارى لىيۇ يەن دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى  تىرىشىپ باشقۇرغان ئىدى،شۇڭا دۆلەتتە «ئوردا غەزىنىسى تولۇق،ھاكىمىيەت ئىشلىرى پاك،ئەل ئىناق،چىگرا ئەمىن» ھالەت شەكىللەنگەن.بىراق لىيۇ يەنمۇ فېئودال ھۆكۈمىرانلارنىڭ ئوخشاش خاتالىقى-كۆپىيىش مەسىلىسىدىن چۆچۈش كىسىلىگە مۇپتىلا بولغان.شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرغان.ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا شۇنچىلىك كۆرەڭ ھالەتكە يەتكەنكى ،ھەرقانداق رەزىللىكتىن باش تارتمىغان.تىخىمۇ غەلىتە يىرى شۇكى ئۇ جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ ،بىز باشتا تىلغا ئالغان ئىشنى قانۇن شەكلىدە ئىلان قىلغان.يەنى «ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دەپ پەرمان چۈشۈرگەن.ھەتتا ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ،لىكىن پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولغان ئەمەلدارمۇ ئاختا قىلىنىش تەغدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىغان.ھەتتا شەيىخ ياكى دەرۋىشلەر بولسىمۇ كىمىكى شاھ بىلەن ھىدايەت يولى ئۈستىدە مۇڭدىشىشقا بۇيرۇلغان بولسا،ئالدى بىلەن ئاختا قىلىنىش تەغدىرىگە دۇچار بولغان.چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيى،بالا-چاقىسى بولسا ،چوقۇم پادىشاھقا سادىق بولمايىتتى.شۇڭا شامالنىڭ چىقىشىغا سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزىنى ئاختا قىلىۋىتىپ ئاندىن پادىشاھنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشىشنىڭ كويىغا كىرىدىغان بولۇپ قالغان.

     

    شۇڭا جەنۇبى خەن ئاخىرىدا ئاغۋاتلار دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان، ئالقانچىلىك كىلىدىغان بۇ بەگلىك ھەتتا 20مىڭدىن كۆپ ئاغۋاتنى باقىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان.جەنۇبى خەن يوقۇتىلغان چاغدا پەقەت كىشىلەرنى ئاختا قىلىشنى كەسىپ قىلغان 500دىن كۆپرەك ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.

     

    مەنبەسى: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.