ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بەش «ئالتۇن باسقۇچى»

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-09 16:20:00

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بەش «ئالتۇن باسقۇچى» سىناپ ئىشلىتىش باسقۇچى: 24 ياشتىن 29 ياشقىچە بۇمەزگىلدە ئمكان بار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرگىنى تۈزۈك، چۈنكى نىمىلا دىگەن بىلەن ...

       ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بەش «ئالتۇن باسقۇچى»

    سىناپ ئىشلىتىش باسقۇچى: 24 ياشتىن 29 ياشقىچە
        بۇمەزگىلدە ئمكان بار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرگىنى تۈزۈك، چۈنكى نىمىلا دىگەن بىلەن ئەمىلىي نەزىرىيە بىلەن غايە ئارىسىدىن چوقۇم پەرق چىقىدۇ، بەلكىم جەمىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان يېڭى كىشىلەرنىڭ غەزەپ بىلەن :«بۇ خىزمەتنىڭ كەلگۈسى زادىلا يوق، ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئۆگىنۋېلىش مۇمكىن ئەمەس!» دېگىنىنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. ھەتتا ياشقا خېلىلا چوڭ بۇلۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەش مۇقامىغا توۋلاپ:«ئەينى چاغدا ئۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق، مۇنداق بولغان بولاتتىم». دىگەنلىرىمۇ قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ. ئەمىليەتتە بۇ سۆزلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە يەنىلا ئۆزىمىز ئۇچرايمىز. ھەتتا ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ ئاشكارلىغان غەزەپلىرىمىز باشقىلارنىڭ ھايات يولىغا تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى بۇ مەزگىلدە ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ۋە ئۆزىمىز خالايدىغان خىزمەتنى تېپىشتىن بۇرۇن، ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغىنىمىز تۈزۈك، ئەلۋەتتە خوجايىننى ياخشى كۆرەلمىسىڭىز، خىزمەتنىمۇ بېرىلىپ ئىشلىيەلمەيسىز، بۇنداق چاغدا خىزمىتىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، خىزمەتنى ئۆزگەرتىپ باقماسلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ زادى نىمىگە ئامراقلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا بۇ بەش يىلنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىڭ، ئەگەر ئۆىڭىزنى بالدۇرراق تۇتىۋالسىڭىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ داغدام يولىنى باسقان بولىسىز.
       ئاساس سېلىش باسقۇچى29 ياشتىن 34 ياشقىچە
        كۇڭزىنىڭ «30دا ئىگىلىك تىكلەش» تەشەببۇسى مەنتىقىگە ئۇيغۇن، بۇ مەزگىلگە كەلگەندىن كېيىنمۇ نىمە قىلىشنى بىلمەسلىك، ھەتتا بىر ئورۇندا ئىسسىيالماسلىق يامان نەتىجە، بۇنداق چاغدا ئۆزىڭىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، ناۋادا 29 ياشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزىقىشىغا باب خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولالىسىڭىز، ئۇنداقتا كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا جىم ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل ئىشلىشىڭىز، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەي ھايات ئاساسىنى تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك، بۇ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا. ئادەم 34-35 ياشلارغا كىرىپ قالغاندىمۇ ئۆزىدىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردىغان سىگنالنى كۆرەلمىسە، يوشۇرۇن كۈچىنى قانداقمۇ جارى قىلدۇرالىسۇن؟ بۇنداق چاغدا يەنىلا ئىككىلىنىش، ئۆز-ئۆزىنى دەڭسەش بىلەن ياشىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئاللىقاچان شۇنداق ياشاش مۇقامىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىدۇ، مۇتەخەسىسلەر بۇ ھالدىن بەك ئەنسىرەيدۇ.
       « يۇلقۇنۇش »باسقۇچى34 ياشتىن 39 ياشقىچە
        بۇ مەزگىلدە مەيلى تەن ساپاسى ياكى چوڭ مىڭە ئىقتىدارى جەھەتتىن بولسۇن، ئادەم ئەڭ كۈچەيگەن باسقۇچقا كىرگەن بولىدۇ، ئاساس سېلىپ بولغانىكەن ئۇنداقتا ئۆزى تۇرىۋاتقان خىزمەت ئورنىدا يۇلقۇنۇپ بېقىش زىيانلىق ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل يوشۇرۇن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنماسلىق گۇناھ. ھەقىقى ئەمىلىي كۈچى بار ئادەم بۇ باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆزئالدىغا ھەركەت قوللىنىشقا نىيەت قىلىپ تەدبىر بىلەن ئىش قىلدىغانلا بولسا، چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن بۇلۇپ قالىدۇ. 
       نۇر چېچىش باسقۇچى39 ياشتىن 45 ياشقىچە
       بۇ مەزگىلدە يۇلقۇنۇش ئاساسىدىكى ئالغا ئىلگىرلەش باسقۇچى تاماملانغان ، ئادەم مۇۋەپپىقىيەت يولىغا قاراپ  قەدەم باسقان بولىدۇ، شۇڭا خۇددى چەۋەنداز كەبى كۈرەش قىلىش روھى بىلەن نۇر چېچىشقا تىرىشىڭ، ئومۇميۈزلۈك چېنىقىدىغان ۋە جەڭ ئېلان قىلدىغان پۇرسەتنى ئىزدەڭ، خىزمەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ نەتىجە يارىتىش بوشلىقىنى زورايتىڭ.
       بەھىرلىنىش باسقۇچى45 ياشتىن كېيىن
        ئەمىليەتتە بۇمەزگىلدە ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان مەنتىقە، چۈنكى سىز بۇچاغدا پىشقەدەم زاتقا ئايلانغان بولىسىز، شىڭا خىزمەت تەجىربىلىرىڭىزنى كېيىنكى بىر ئەۋلادقا قالدۇرۇشقا تەييارلىنىپ « قان-تەر بىلەن قۇرۇلۇپ بارا-بارا نۇر چاچىدىغان» كىشىلىك ھاياتنىڭ ئېرەنباغلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ. گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا، بىر جەھەتتىن، سىز خىزمەت ئورنىڭىزدا پاراسىتىڭىزنى داۋاملىق ئىشقا سېلىپ تۆھپە يارىتىڭ. يەنە بىر جەھەتتىن ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشكە ۋە خادىملىرىڭىزنى مەشىقلەندۈرۈشكە سەرپ قىلىڭ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-2 22:09:19]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر باي بولۇش