ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-10 16:08:00

ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز "مەن ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆگەنسەممۇ بولامدۇ؟"، "ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلە...

    ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

    بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز "مەن ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆگەنسەممۇ بولامدۇ؟"، "ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا بارغىلى بولامدۇ؟" دەپ سورىشىۋاتىدۇ. ئۇنداق قىلىشقا بولىدۇ. مۇشۇ يول بىلەن ئامېرىكىغا كېلىشنىڭ بىر قانۇنلۇق يولى بار.  ئەمما، ئۇ يولدا ماڭسىڭىز مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بار:

    1. ئامېرىكىدا تىل ئۆگىنىش جۇڭگودا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە تىل ئۆگىنىشكە قارىغاندا كۆپ قىممەتكە توختايدۇ. كۆپىنچە مەكتەپلەرنىڭ بىر ئايلىق ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆزىلا 1000 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ.
    2. چەت ئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزچە ئۆتۈش سەۋىيەسى جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، گرامماتىكا جەھەتتە ئوخشاش سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن چەت ئەلدە ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ.  ئاڭلاش ۋە سۆزلەش جەھەتتە چەت ئەلدە ئوقۇغاننىڭ كۆپ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئاڭلاش-سۆزلەشلەرنى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بارىبىر ئۆگىنىۋالالايسىز.
    3. ئامېرىكىغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن ۋىزا ئېلىش ئىنتايىن قىيىن. ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولغىنى بىلەن، بۇرۇن جۇڭگودىن تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن بىلەن كەلگەنلەر ئاساسەن قايتىپ كەتمىگەن بولغاچقا، ھازىر جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن ۋىزا ئالالىشى ئىنتايىن تەس بولۇپ كەتتى. سىز جۇڭگودا ئەمەس، باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش مەقسىتىدە بىر ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا  كېلىپ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز، سىز جۇڭگو گىراجدانىلا بولسىڭىز، سىزگە ئاساسەن ۋىزا بېرىلمەيدۇ.

    شۇڭلاشقا، بۇ يولغا ئەڭ ياخشىسى ماڭمىغان تۈزۈك.  ئەگەر بۇ يولنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى  مەكتەپلەرگە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ياكى پوچتا ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.  مەن بۇ يەرگە تىزغان مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق:

    1. ئۇلار بىر ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بېرىپ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان "ئى-20 فورم" دېگەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.
    2. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بىر قەدەر ئەرزان.
    3. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە "ئەڭلىش ئاس ئا سەكوند لاڭۇئاگە (ئەسل)"، "ئەڭلىش ئاس ئا فورەئىگن لاڭۇئاگە (ئەفل)"، ياكى "ئىنتەنسىۋە ئەڭلىش پروگرام (ئىئەپ)" دېگەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش پروگراممىسىنىڭ كەم دېگەندە بىرى بار.

    سىز بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ياكى قەغەز يۈزىدە تولدۇرغاندا، مەن ياكى باشقا ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار بىۋاسىتە ياردەم قىلالمايمىز. سەۋەبى، ئەگەر ئۇ جەدۋەلنى بىز تولدۇرساق، سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىز بىلمىگەچكە، ھەم قولايسىز بولىدۇ، ھەم بەزىدە مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭىز تۇرۇۋاتقان يەردىن ئىنگلىز تىلى بىلىدىغان بىر تونۇش تېپىپ، شۇنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇڭ. ئەگەر بەزى بىر ئالاھىدە سوئالىڭىز بولسا، ماڭا ئە-مائىل يېزىڭ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق