يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ن

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-01 11:45:12

يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 نەپەر ئەسكەر قازا قىلدى.جۇڭشىن تورى 31-ماي تېلېگراممىسى، چەتئەل تېلېگراممىلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىك...



    يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 نەپەر ئەسكەر قازا قىلدى.

    جۇڭشىن تورى 31-ماي تېلېگراممىسى، چەتئەل تېلېگراممىلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جىنجىباردا 31-ماي ھەربىي قىسىم  ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان نىشانلىق ھالدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش نەپەر ئەسكەرنىڭ قازا قىلىشى ۋە 23 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

     كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پارتىلىتىلغان  ئاپتوموبىلدا  سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان، ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتماقچى بولغان ئىككى  نەپەر ھۇجۇمچىمۇ بار ئىكەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.